مەكتۇپلار (8)

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

مۆھتىرەم قېرىندىشىم، ئېيسابەگ ئەپەندىگە:
سالام، بۈگۈنگىچە مىسىرغا يىتىپ بارغانلا ؟ دېھلىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك قايىتقانلىقىمنى بىلدۈرۈپ يازغان مەكتۇپىمنى بەلكىم تاپشۇرۇپ ئالغانلا؟ ھۈسەيىن ۋە سۇلتان شەرىيف تايچىلار باشلىق 120 قازاق، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرى بويىچە سەفا كۇدىل سارىيىغا چۈشۈپ ئورۇنلاشقان ئىكەن. ھەركۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇلاردىن بۈگۈنگىچە ھۆكۈمەت ياخشى خەۋەر ئېلىپ، يېمەك – ئېچمەك ۋە كېيىم يەتكۈزۈپ بىرىپ تۇرماقتا. بۇ قازاقلارنىڭ يرىىمىدىن كۆپرەكى بەكمۇ يوقسۇل ئىكەن.
دەلىلقان ۋە قالى بەگ باشچىلىقىدىكى 200 كىشىنىڭ چېگرادىن كىرگەنلىك خەۋىرى كەلدى. بىرەر ئايدا كەشمىرگە كېلىشى مۇمكىن. دېھلىدىن قايتىپ كىلىپلا شەيخ ساھىپ بىلەن كۆرۈشۈپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. شەيخ ساھىپ كىلدىغان 200 كىشى ئۈچۈن تۇرىدىغان يەر ۋە ۋە باشقا قولايلىقلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كەشمىر ۋالىيسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر كومېتىتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە كومېتىتتا ئىككى شەرقي تۈركىستانلىق مۇھاجىرنىڭ يەر ئالدىغانلىقىنى ئېيتتى. چېگرادىن چىقىپ كىتىش مەسىلىسنى تىلغا ئالغىنىمدا ، ھازىرچە زۆرۈرىيىتنىڭ يوقلقىنى ئېيتتى.
مەن دېھلىدىن كەلسەم يۇرتداشلار بىلەن ھەيئەت ئوتتۇرىسىدا ماجىرا چىقىپ، داۋاغا ئايلىنىپ ئاللاقاچان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرىز قىلىنىپ، سەتچىلىكلەر بولۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن پۈتۈن تۈركىستانلىقلارنىڭ يۈز – ئابرويى تۆكۈلمىسۇن دەپ ھۆكۈمەتكە تەلەپ خېتى يېزىپ بۇ دەۋانى مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشمنى تەلەپ قىلدىم. تەلىپىم قوبۇل قىلىپ دەۋانى ماڭا چۈشۈرۈپ بەردى. بى تەرەپ تۇرۇپ ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن.
قازاقلارنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يولبارسقا مەكتۇپ يازغان ئىدىم. جاۋابى كەلدى. ئۇلارغا ياردەم قىلىنسۇن ۋە چوڭلارنى كېڭەشكە قېچقىرىلسۇن دەپ ھۆكۈمەت كاتتىلىرىغا مەكتۇپ يازغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
دېھلىدىن قايتار چېغىمدا 14 – ئۆكتەبىر يازغان خېتىمنى بەلكىم تاپشۇرۇپ ئالغانلا. ئەگەر تاپشۇرۇپ ئالالمىغان بولسىلا قايتا يازساممۇ بولىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئۆي – ئېچىمۇ كۆپ ياخشى تۇرغاندۇ؟ پۈتۈن يۇرتداشلارغا ۋە دوستلارغا سالىمىمنى يەتكۈزگەيلا.
_ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*