مەكتۇپ(9)

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

1951- يىلى 29- ئۆكتەبىر

مۆھتىرەم قېرىندىشىم، ئېيسابەگ ئەپەندىگە:

سالام، سىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر يازغان مەكتۇپلىرى قولۇمغا تەككەندىن كىيىن، سالامەتلىكلىرىنى ئۇقۇپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم. مىسىرغا يىتىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن تېلگىرافلىرىنى تاپشۇرۋىلىپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم. ۋاسىلى ئەپەندىدىن ئەۋەتكەن مەكتۇپىمنى بەلكىم تاپشۇرۇپ ئالغانلا.

دەلىلقان ۋە ئەلى بەگلەر باشلچىلىقىدىكى قازاقلاردىن يۈزدىن كۆپرەكى ئايروپلان بىلەن سىرىناگارغا يىتىپ كەلدى. قالغانلىرى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن كەلسە كىرەك. بۇلارنىڭ 8000 دەك قويى ۋە بىرمۇنچە تېرە، ئاتلىرىنى چېگىرادىكى ۋاقىتىدا كومىنىست ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلىپ ئىلىپ كىتىپتۇ. يەنە ئۈچ كىشىنى شېھىد قىلىپ، ئۈچ كىشىنى يارلاندۇرۇپتۇ. شېھىدلەرنىڭ بىرى كۆكئارتتىن قايتقان تۇردى قارى ئىكەن. شۇڭا بۇلار ناھايىتى پېقىر ھالدا كەپتۇ. ھەممىسىنى ھۆكۈمەت سەفاكۇدىل سارىيىغا ئورۇنلاشتۇردى. سارايدىكى سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تېشىغا كۆچۈرىۋىتىپتۇ. ھەرھالدا ھۆكۈمەت بۇلارغا ياخشى قاراۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ دەلىلقان ئىككى ئىنىسى، خانىمى ۋە ئۈچ ئادىمى بىلەن ھېچ نەرسىسى يوق ھالدا كەپتۇ. ئورازلارنىڭمۇ ھېچ نەرسىسى يوق ئىكەن. بىز ياردەم قىلىپ تۇردۇق.

مەن دېھلىيدىكى ۋاقىتتا، سرىناگاردا يۇرتداشلار ئارسىدا چىققان پىتنە – داۋالارنى مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى سارايغا يۇرتداشلارنى يىغىپ تۈگەتكەن بولدۇق. ھەيئەت ئەرىز قىلمايدىغان ۋە ئۆزلىرى كەلگەندە ھەيئەتنىڭ سانىنى قايتا تەڭشەشكە قارار قىلدۇق.

ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە يېڭى خەۋەرلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى قېتىملىق مەكتۇپلىرىمدا ھېچنىمە دىمىگەن ئىدىم. قازاق بۇرادەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە كۆپ سالىمى بار.

مۇھەممەت رىزا تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى. مەن ئۆيدىكلەرنى ئىلىپ ئىنشائاللاھ نويابىرنىڭ ئون بەشلىرىدە كەشمىردىن يولغا چىقارمەن. ئۆزلىرى بىلەن بەلكىم يولدا ئۇچىرىشىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.

ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*