مەكتۇپ(7)

2018-يىلى 17-ئىيۇل

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
1951 – يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى
مۆھتىرەم قېرىندىشىم ئېيسا بەگ ئەپەندى ۋە پولات ئەپەندىگە:
سالام، مەككىدىن 20 – سېنتەبىردىن كىيىن (چېسلا يېزىلمىغان ئىكەن) يازغان مەكتۇپلىرىنى ئىلىپ، سالامەتلىكلىرىنى ئۇقۇپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم. خىزمەتلىرىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئۈچۈن ھەم مىللىتىمىز ھەم شەخسى نامىمدىن سىلىنى تەبرىكلەيمەن. گەرچە ھىجازدا يەنە مەلۇم مۇددەت تۇرۇشلىرى ئۈچۈن يۇرتداشلارنىڭ ئىلتىماسى تولىمۇ قىممەتلىك بولسىمۇ، ھەر ھالدا مىسىر ياكى تۈركىيەگە بىرىپ كىلىشلىرى تېخىمۇ زۆرۈردەك تۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد رىزا كورىيەدىن قايتتى. 20 – ئۆكتەبىر ئىستانبۇلغا باردىغانلىقىنى يېزىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيە بارىدىغان بولدۇم.
دېھلىيدا 21 كۈن تۇرۇپ قالدىم. ھەرھالدا تارتقان جاپاغا لايىق نەتىجە چىقتى. يەنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دەلىلقان باشلىق 200 كىشىنىڭ كەشمر ھۆكۈمىتىنىڭ رازىلىقى بولسا چېگىرادىن كىرسە بولىدىغانلىقىنى دېدى. شۇڭا ئىنشائاللاھ ئەتە كەشمىرگە قايىتماقچى بولىۋاتىمەن. دېھلىيغا كىلىشىمدە شەيىخ ساھىپ ھىندىستان ھۆكۈمىىتى رۇخسەت قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ قارشى تۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. سۇلتان شەرىف ۋە ھۈسەيىن تايچى باشلىق 120 كىشى سىرىنگىرگە كىلىپ سەفاكۇدىل سارىيىغا چۈشۈپتۇ، مەكتۇپلاشتۇق.
بۇ قازاقلارنى باشقا مەملىكەتكە يۆتكەپ كىتىشنى ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا كەشمىر ۋە دېھلىيدىن يازغان خەتلىرىمىدە، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە ھۆكۈمىتىگە بۇلارنى ئىلىپ كىتىشنى ئىلتىماس قىلىشلىرىنى تەكرار ۋە تەكرار دىگەن ئىدىم. يەنە تەكرارلايمەن. بۇنىڭغا قوشۇپ مەن دېھلىيدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئورخان بەگ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۈم. رەئىس جۇمھۇر جەلال بايار ۋە ئەلچىخانىغا ئىككى پارچە ئىلتىماس يازدىم. ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى. بۇ ھەرئىككى ئىلتىماسىمنىڭ قسقىچە مەزمۇنى شۇدۇر: « ۋەتىنىمىزنى كومىنستلار ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۆتكەن يىلنىڭ بىشىدا 700 چە كىشى ھىندىستانغا كەلگەن ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىسنىڭ ھىندىستاندىن باشقا بىر دۆلەتكە چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بىز ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا تۈركىيە باش ئەلچىخانسىغا سۇنغان ئىلتىماسىمىزدا ئەڭ ئاز ئۈچ – تۆت يۈز مۇھاجىرىمىزنىڭ تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن باش ئەلچى بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنىڭ تىگىشلىك مەقاملارغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدا جاۋاپ كەلگەنلىكىنى بىزگە ئىيتقان ئىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىۋىدە بۇلغار كۆچمەنلىرىنىڭ مەسلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز تۈركىيەنىڭ بىشىنى ئاغرىتىشنى مۇناسىپ كۆرمەي مۇھاجىرلىرىمىزنى ھىجازغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق ۋە 500 چە كىشىنى ھىجازغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەمدى بۇ يىل رۇس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىلىنغان مىللى زۇلۇمدىن 300 كىشى قۇتۇلۇپ تىبەت يولى ئارقىلىق ھىندىستان چېگىراسىغا كەلگەندە ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇلارنى چېگىرادىن كىرگۈزمەسلىككە قارار قىلدى. مەن بۇ 300 ۋەتەندىشىمىزنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە مۇراجەت قىلدىم ۋە يالۋۇردۇم. نەتىجىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنجى بىر دۆلەتكە چىقىپ كىتىش شەرتى بىلەن چېگىرادىن كىرشىگە رۇخسەت بەردى. ئەمدى بۇ مۇھاجىرلارنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت تاپالماي تۇرىۋاتىمىز. تۈرك ئىرقى ئىچىدە بىردىنبىر مۇستەقىل دۆلەت بولغان تۈركىيەنى – جەھەننەمدىن قاچقان قانداشلىرىغا ئۆز قوينىدىن ئورۇن بىرىدىغان يىگانە ئاتا دەپ بىلىمىز. شۇڭىلاشقا بۇلارنى كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيەگە قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تولۇق ھالدا ھۆكۈمەت ئەركانلىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ لىدېرلىرىدىن ئېيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيەگە بارىدۇ. يەنە بۇ مۇھاجىرلار تىبەت ئىچىدە قانچە قېتىملاپ كومىتىستلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ يىرىمى تالاپەتكە ئۇچىراپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يولدا بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچىراپتۇ. شۇڭا قوللىرىدا ئارتۇق مال – مۈلكى يوق ».
ئىلتىماسىمنى ئورخان ئەپەندى ئالدىمدا ئوقۇدى ۋە تولىمۇ ئورۇنلۇق بولغانلىقىنى دېدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قازاقلارغا ئىقتىسادى ياردەم سوراپ ئامېرىكا دۆلىتىگە بىر پارچە ئىلتىماس يازدىم. بىر قانچە گېزىت ۋە باشقا ئەپكارلاردا ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانسىغا بەردىم.كەشمىرگە قايىتقاندىن كىيىن ئەھۋالغا قاراپ يانا ئىلاۋە يازارمەن.
1951– يىلى 10– ئاينىڭ 13– كۈنى ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
دەلىلقان ھاجىنى بۇندىن 10 كۈن بۇرۇن لاداختىن قايتۇرۋەتكەنكەن. كەشمىرگە كەلگەنلەرگە سالاملىرىنى يەتكۈزدۈم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*