مەكتۇپ(6)

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
1951- يىلى 28- سېنتەبىر
مۆھتىرەم قېرىندىشىم ئېيسا ئەپەندى، پولات ھاجىم ۋە باشقا يۇرتداشلارغا:
سالام، سىرىنگىردىن 20- سېنتەبىر يازغان مەكتۇپىمنى ئالغانلا. 9- سېنتەبىر مەككىدىن يازغان خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ سالامەتلىكلىرىنى ئۇقۇپ خۇرسەن بولدۇم.
مەن ئالدىنقى خېتىمدە دىگىنىمدەك 22- سېنتەبىر دېھلىيغا كەلدىم. دەلىلقان ھاجى ۋە قالى بەگلەر بىلەن بىللە چېگىراغا كەلگەن ئىككى يۈز نەپەر قازاقنىڭ چېگىرادىن كىرىشىگە ئىجازەت سوراپ باش ۋەزىرگە ئىلتىماس سۇندۇم. سېنتەبىر ئېيىنىڭ 24- ۋە 27- كۈنلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە نايدۇ خانىم بىلەن ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆھبەتلەشتىم. تېخى بىرەر نەتىجىگە ئىرىشەلمىدىم لىكىن قاتتىق تىركىشىپ تۇرىۋالدىم. ھەر ھالدا ئۇ بىچچارىلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلىشىغا ئاللاھ ئۆزى ياردەم قىلار دىگەن ئۈمىتتىمەن.
دەلىلقاندىن بۇرۇن چېەىرادىن ئۆتكەن 95 نەپەر قازاقنىڭ چوڭلىرى ھۈسەيىن تايچى، سۇلتان شرىف تايچى ۋە ئوراز ( بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوستىمىز) لاردىن ئىبارەت ئىكەن. بۇلار 17- سېنتەبىر لاداختىن سىرىنگىرگە قاراپ يولغا چىققانكەن. بۇلارنىڭ لاداختىن ماڭا ياغان خېتى كەلدى.
دەلىلقان ھاجىنىڭ ئۆزى يالغۇز ئاتلىق لاداخقا كەلگىنىگە بىر ئاي بوپتۇ. ئۇ يەردە نەزەربەنتتە تۇرىۋىتىپتۇ. قالى بەگ 200 كىشى بىلەن چېگىرادا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
كەلگەن كونا ۋە يېڭى قازاقلار 25، 95 ۋە 200 كىشىدىن ئىبارەت ئۈچ گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ كەلگەن بولۇپ، جەمئىي 320 كىشى ئىكەن.ئارقىسىدا بۇلاردىن باشقا يەنە كىلدىغانلار يوق بولسا كىرەك.
ئەمدى بۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ مەسىلىسى ۋە ھىندىستاندىن باشقا مەملىكەتكە چىقىپ كىتىش مەسىلىسى بىشىمىزنى ئاغرىىۋاتىدۇ. يېمەك-ئىچمەك مەسلىسى ئۈچۈن بىز ئىلگىىرى مۇراجەت قىلغان يەرلەرگە قايتا مۇراجەت قىلىۋاتىمىز. باشقا مەملىكەتكە چىقىرىش مەسلىسىگە كەلسەك ئاۋالقى مەكتۇپىمدا ئۆزلىرىدىن تۈركىيەدە تىرىشىپ بىقىشلىرىنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ ئىلتىماسىمنى يەنەن تەكرارلايمەن. دېھلىيدىكى تۈركىيە ئەلچىخانسىدىكىلەر بىلەن تېخى كۆرۈشەلمىدىم. كۆرۈشسەممۇ بۇ مەسىلە بۇ يەردىكلەر بىلەن ھەل بولمايدۇ. يولۋاس بەگكە قازاقلار ھەققىدە ئىككى پارچە مەكتۇپ يازدىم. جاۋاپ كەلمىدى. قالغان ئىشلار خەيرىلىك بولار.
ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
بۇ مەكتۇپنى يېزىپ تۈگىتىپ تۇرغىنىمدا، لاداختىن دەلىلقاندىن بىر پارچە تېلگىرامما كەلدى. تېلگىراممىدا:« بالا – چاقام 200 چە كىشى بىلەن چېگىرانىڭ سىرتىدا ئاچلىق ۋە كومىنىتسلارنىڭ ھۇجۇم خەۋىپى ئاستىدا قالدى. بىزنىڭ مەككىگە ئۆتۈپ كىتىشىمىز ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەت قىلسىڭز » دەپتۇ. تېلگىرامما بىرىپ جاۋاپ يازىمەن.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*