مەكتۇپ(5)

2018-يىلى 4-ئىيۇل

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
1951–يىلى 21- سېنتەبىر
مۆھتىرەم قېرىندىشىم ئېيسا بەگ ئەپەندىگە:
سالام، بومبايدىن ئىككى پارچە مەكتۇپلىرى كەلگەندىن بىرى يا ماڭار چاغلىرىدا ياكى جىددەدىكى ۋاقىتلىرىدا يازغان مەكتۇپلىرى كەلمىدى. بەلكىم ئالدىراشچىلىقتىن خەت يېزىشقا پۇرسەتلىرى چىقمىغان بولسا كىرەك. ئەرافاتتىن كىيىن يازغان مەكتۇپلىرىدىن سۆيۈندۈم . ھەج پەرىزىنى ئادا قىلغانلىقلىرىنى تەبىرىكلەيمەن ۋە ھەممە ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.
بۇ يەردىكى ئەھۋاللارغا كەلسەك، ئۆزلىرى بۇ يەردىكى چاغدا لاداخ ھۇدۇدىغا كىرگەن 95 نەپەر قازاقنىڭ لاداختىن ئۆتۈپ كەشمىرگە ماڭغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. ئون – يىگىرمە كۈنلەردە كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۈلۈشكۈن لاداختىن « 200 چە قازاق چېگىراغا كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ لىدېرى جانىم خان ئوغلى دەلىلقان لاداخقا كەلدى. ئەمما ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ چېگىرادىن كىرىشىگە ئىجازەت بەرمىدى » دىگەن مەزمۇندا تېلگىرامما كەلدى. دەرھال دەلىلقانغا تېلگىرامما يوللاپ سالامەت چىققانلىقىنى تەبرىكلىدىم ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغىنىمنى بىلدۈردىم. تۈنۈگۈن شەيخ ساھىپ بىلەن كۆرۈشۈپ، دەلىلقان ۋە يولداشلىرىنىڭ چېگىرادىن كىرىشىگە رۇخسەت بىرىشىنى تەلەپ قىلدىم. يەنە شەيخ ساھىپقا: « بۇ مۇھاجىرلار ھىندىستان تۇپرىقىدا ئۇزۇن مۇددەت قالمايدۇ. بۇلارنى تۈركىيەگە ئەۋەتىشكە تىرىشىمىز، ئېيسا ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارىدۇ » دېدىم. شەيخ ساھىپ ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كىيىن كەلگەن قازاقلارنى چېگىرادىن قەتئىي كىرگۈزمەسلىككە قارار قىلغان شۇڭا مەن ئىجازەت بىرەلمەيمەن دېدى. مەن شەيىخ ساھىپقا : ئەمدى بۇ ئىككى يۈز يۇرتداشنى ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن دېھلىغا بارىمەن. ئۆزلىرى قوللىرىدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولارلا دېدىم. شەيخ ساھىپمۇ مۇشۇنداق قىلساق ياخشى بولدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە دېھلىغا بارماقچىمەن. تىرىشىش بىزدىن مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىن. ئۆزلىرىدىن ئىلتىماسىم شۇكى: تىزراق تۈركىيەگە بىرىپ بۇ بىچچارە يۇرتداشلارنى ئۇ يەرگە ئىلىپ كىتىشكە جىددى تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلە. ئۆتكەن يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مۇھاجىر قوبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ سۇنغان ئىلتىماسىمىزغا « كېڭشىۋاتىمىز » دىگەن قۇرۇق جاۋابنى ئالغان ئىدۇق ۋە بۇ سەۋەپلىك تۈركىيە گېزىتلىرىمۇ بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنى قىستىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.
دېھلىيغا بىرىپ كىتاپلىرىم ھەققىدە تولۇقراق يازارمەن. ئۆزلىرىمۇ پات–پات خەت يېزىپ تۇرسىلا ياخشى بولاتتى.
ئۆزلىرىنىڭ ئۆي- ئېچى ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ. فاتىمە خانىممۇ ئۆزلىرىدىن خەت كەلمىدى دەپ ئەندىشىدە قاپتۇ.
يۇرت خەۋەرلىرى قىسقىچە شۇلاردۇر : ئاۋغۇستنىڭ بىشىدىن 20 – سېنتەبىرگىچە ئۆلتۈرۈلگەنلەر 81 كىشى، قامالغانلار 372 كىشىدۇر. خەلىقنىڭ بۇغدىيىنىڭ % 70 نى ھۆكۈمەت ئامبارغا خاماندىنلا ئىلىپ بىرىشقا مەجبۇرلاپتۇ. يۇقىرىدا قامالغانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ گۇناھى بۇغداينى ھۆكۈمەت ئامبىرىغا ئاپارماي ئۆز ئۆيىگە ئىلىپ كەتكەنلىكىمىش. ئاۋغۇست ئېيىدا يىغىلغان قورال – ياراق ياردىمى بەش مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىدۇر. بۇ ياردەمگە ئۆي ، سايمان ، ئاشلىق بەرگەنلەرنى بۇ نەرسىلەرنى سېتىپ ئالتۇن – كۆمۈش بىرىشكە قەتئىي بۇيرۇق قىلىپتۇ. ھۆكۈمەت ئەكسىيەتچى ھەرىكەتچىلەرنىڭ ئورمانلار ۋە تاغلاردا بارلىقىنى جاكارلاپتۇ لىكىن كىملىكىنى دىمەپتۇ.
بومبايدىكى ۋاقىتلىرىدا يازغان ئاخىرىقى مەكتۇپىمدا، قازاقلارنى تۈركىيەگە ئەپكىتىش ئۈچۈن بىر ئاز سۆز قىلغان ئىدىم. بۇ مەكتۇپممۇ قوللىرىغا يەتكەن بولسا كىرەك. ئەھمەد توختى بەگ، ھۈسەيىن ھاجى ۋە باشقىلار بولۇپ ئونچە ئادەم تىجارەت قىلىشقا لاداخقا كەتتى. تۈركىستان تىجارەت شىركىتى باھادىرخاننىڭ دۇككىنىڭ قارشىسىدىن بىر دۇككان ئىلىپ تىجارەت باشلىدى. ھۆكۈمەت كونتىرولىدىكى مىلىمىزنى قايتۇرۇپ بىرىشنى قارا قىپتۇ. لىكىن سايلامدىن كىيىن قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھۆرمەت بىلەن : مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*