مەكتۇپ(4)

2018-يىلى 29-ئىيۇن

ئۆزلەشتۈرگۈچى: م.ئۇيغۇرئوغلى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

مەكتۇپ(4)

1951 – يىلى 10 – سېنتەبىر

مۆھتىرەم بۇرادىرىم ھاجى ئەھمەد ئەپەندىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇلىللاھى ۋەبەركاتىھۇ. ئۇزۇندىن بىرى خەت يېزىشالمىدۇق. مۇھەممەد ئەلىدىن ھاجىمغا يازغان خەتلىرىدىن سالامەتلىكلىرىنى ئاڭلاپ كۆپ سۆيۈندۈم. تۈركىستاندىن قېچىپ ھىندىستان چېگىراسىغا كەلگەن 200 چە قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھىندىستانغا كىرىشىگە ئىجازەت ئىلىش ئۈچۈن دېھلىغا كەلگەن ئىدىم. تا ھازىرغىچە ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىۋاتىمەن. ئىنشائاللاھ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياخشى بىر نەتىجە چىقىپ قالار دىگەن ئۈمىتتە مەن. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كەشمىرگە قايتىمەن.
ئالدىمىزدىكى ئايدا تۈركىيەگە سەپەر قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئازراق مالال قىلىپ قويدىغان بولدۇم. بومبايدىن بەسرەگە بىر كىشىلىك ئالىي ئورۇندۇقنىڭ كېمە بىلىتى نەچچە پۇل ؟ بەسرەدىن ئەنقەرەگە بىر كىشىلىك ئالىي ئورۇندۇق پويىز بېلىتى نەچچە پۇل؟ بۇ سەپەر ئۈچۈن چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەش لازىممۇ – ئەمەسمۇ ؟
مالال كۆرمەي مۇشۇ سوئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىشلىرىنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*