مەدرەسە ئەنئەنەسى ۋە دىيوبەندىييە

2018-يىلى 12-ئىيۇن

مۇسۇلمان ئەللەردە يىلتىزى 11 – ئەسىرگە تۇتىشىدىغان، ئوتتۇرا ۋە ئالىي تەلىم – تەربىيە مەركىزى بولغان مەدرىسلەر 19 – ۋە 20 – ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىدا بىر قانچە دىنى ئېقىم ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىققان مەركەزلەر ئىدى. كىلاسسىك دىنى ئەسەرلەر ئارقىلىق دىن ئۈگىتىلىدىغان بۇ ئەنئەنىۋى دىنى تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرى، ئىسلام دۇنياسىدا ھازىرمۇ پوزىتىپ ۋە ئەقلىي بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى تەلىم – تەربىيە ئاساسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپلەردىكى فاكۇلتېتلارغا نىسبەتەن رەقىپ سۈپتىدە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مۇددەرىسلەردىن تالىپقا تۇتاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان مەدرىسلەرنىڭ كۆپ سانلىقىدا مەزھەبنى ئاساس قىلغان ئوقۇ – ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. گەرچە سەرف، نەھۋە، ئەقىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، ئۇسۇلى فىقىھ قاتارلىق نەقىلنى ئاساس قىلغان ئىلىملەر بىلەن بىرگە، مۇھاكىمە ۋە تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كالام، پەلسەپە، مەنتىق ۋە ماتېماتىكا دەرسلىرى مەدرىسە ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ئىچىدە يەر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەڭپۇڭلۇق زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن تارىخ جەريانىدا ئەقلىي پىرىنسىپلارنىڭ زىتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، مەزكۇر مۇۋازىنەت بۇزۇلغان. بولۇپمۇ ئانادولۇ ۋە ھىندىستان رايۇنىدىكى ھەنەفى ۋە شافى مەدرىسلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك شۇكى، مۇددەرىسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەربابى ۋە تەرىقەت مەنسۇبىدۇر. نەقشىبەندىلىكنىڭ، بولۇپمۇ خالىدىييە تارمىقىدىكى مەدرىسلەر بىلەن تەرىقەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى قويۇق.

مەدرىسە ئەنئەنىسىگە تايانغان جامائەت ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ روشەن ئۆرنىكى، ھىندى تۆۋەن قىتئەسىدىكى دىيوبەندىييە جامائىتى بولۇپ، بۇ جامائەتنىڭ يىلىتىزنىڭ چوڭقۇر ۋە تەشكىللىك بولۇشى سەۋەبىدىن، ئىسلام دۇنياسىدىكى مەدرىسە 

دىيوبەندىييە جامائىتىنىڭ تەكتىدە دىھلىنىڭ 150 كىلومىتېر شىمالىدىكى دىيوبەندى يېزىسىدا مۇھەممەد قاسىم نانۇتەۋى (1833 – 1880) ۋە رەشىد ئەھمەد گانگۇھى (1827 – 1905) تەرىپىدىن 1867 – يىلىدا قۇرۇلغان
دىيوبەند دارۇلئۇلۇمى مۇئەسسەسى بار. نانۇتەۋى ۋە گانگۇھىغا ئوخشاش ئالىملارنىڭچە 1857 – يىلىدىكى سىپاھى قوزغىلىڭى ئارقىلىق ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى چىققان، لېكىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان مۇسۇلمان خەلقنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى، كەڭ كۆلەملىك تەلىم – تەربىيە سەپەرۋەرلىكى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقاتتى. دىيوبەنددىكى مەزكۇر مەدرىسنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنگەن بۇ خىزمەت ھەرىكىتى، قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ھىندى تۆۋەن قىتئەسىنىڭ ھەممە تەرىپىگە دېگۈدەك يېيىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاسيا ۋە يىراق شەرق مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن ئۆلگە قىلىنغان جامائەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى تەبرىكلەنگەن 1967 – يىلىدا دىيوبەند دارۇلئۇلۇمنى ئاساس قىلغان مەدرىسلەرنىڭ سانى 8934 كە يەتكەن بولۇپ، ھىندىستاندا مۇسۇلمان نوپۇس بار بولغان ھەر كەنت ۋە يېزىدا مۇتلەق ھالدا بۇ مەدرىسلەردە ئىلىم ئالغان بىر «مەۋلەۋى» بار ئىدى[1].

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*