مېدىيا ۋە سىياسەت نۇقتىئىنەزەرىدىن جامائەت پىكرى

2019-يىلى 13-ئىيۇن

 

جامائەت پىكرى   ئىپتىدائى  جەمئىيەتتىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگىچە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مۇھىملىقىنى  ساقلاپ  كەلگەن بىر ئۇقۇمدۇر.  كۆپ يىللاردىن بۇيان، جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ئىزچىل ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەڭ تالاش – تارتىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. لېكىن، جامائەت پىكرى ئۇقۇمى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئورتاق تەبىر يوق. ئومۇمەن ئېيتقاندا جامائەت پىكرى ئاممىنىڭ ئۆزىگە چېتىلىدىغان تېمىغا بولغان پىكرىنى، پوزىتسىيە ۋە  ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسى قەدىمكى يۇنانغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇ مەزگىلدە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى بۈگۈنكى سىياسىي مەنىدىكى جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى ئىپادىلىمىسىمۇ، خاراكتېرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتەتتى. 18 – ئەسىردىن 21 – ئەسىرگىچە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ئىلىم – پەن ۋە پەلسەپە تەرەققىياتىغا ماس ھالدا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى تاماملىغان. بۇ تەتقىقاتتا جامائەت پىكرى ھادىسىسى، جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتى، جامائەت پىكرىنىڭ سىياسىي قارار چىقىرىش پائالىيىتىدىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلدى. (بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارنىڭ جۇغلانمىلىرىدىن ھاسىل بولغان يېڭى جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئۇچۇر- ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان يېڭى تاراتقۇلارنىڭ (ئىنتېرنېت ئۇللۇق خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشتىكى رولىنىڭ باشقىچە تەتقىق قىلىنىشى بۇ تەتقىقاتنىڭ تېمىسى ۋە مۇھىملىقىنى شۇنداقلا مەقسىتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 

كىرىش سۆز

 

ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيىتىدە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ۋە ھادىسىسى سىياسىي تۈزۈمنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جامائەت پىكرى ھادىسىسى ئىپتىدائى(قەبىلە) جەمىيئەتتىن ھازىرقى زامان جەمىئىيىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە بارلىق سىياسىي تۈزۈلمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخى باسقۇچ جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش ھادىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، جامائەت پىكرى ھادىسىسمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تارىخى مۇساپىدە جامائەت پىكرى ھادىسىسىنىڭ ئىزنالىرى  ئىپتىدائى جەمىئىيەتلەرگە قەدەر سوزۇلىدۇ.  ئۇقۇم جەھەتتىن قەدىمى مىسىر، قەدىمى يۇنان ۋە رىم مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئۇقۇم گەرچە جامائەت پىكرى دەپ ئاتالمىسىمۇ «ئامما قانائىتى» دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇمدۇر. جامائەت پىكرى ئۇقۇمى 18-ئەسىردە كاتېگورىيەگە ئايرىلىپ 19- ئەسىردە ئىلمى تەتقىقات ساھەسىگە كىرگەن. بىر باشقا كۆز قاراشتا جامائەت پىكرى ئۇقۇمى قەدىمدىن بىرى تىلىغا ئىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇقۇمنىڭ رەسمىي رېتسېپى 18- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ۋە 19- ئەسىردە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە تەتقىقات قىلىشقا باشلانغان(گۆكچە، 1996:21). 20- ئەسىرگە كەلگەندە جامائەت پىكرى ھادىسىسى ئالىملارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ۋە ئۇقۇمغا ئايلانغان. 18- ۋە 19- ئەسىردە تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، دېموكراتىيەلىشىش، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئوقۇش- يېزىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بۈگۈنكى مەنىدىكى جامائەت پىكرى ھادىسىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ(ئاتابەك، 2002: 224).

20-.ئەسىردىن باشلاپ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىدە تىز، مۇھىم ۋە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ تەرەققىياتلار كىشىلەرنى ھېس قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنياغا تىز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى مېدىيا- يېڭى تاراتقۇلار( ئىجتىمائىي تاراتقۇلار)جەريانى كىشىلەرگە يېڭى بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىدى.

بۇ تەرەققىياتلارغا ماس ھالدا، شەخسلەرنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىدە بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي ، كۈلتۈرەل، ئىقتىسادى، باشقۇرۇش قاتارلىق  يېڭىلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىدى. كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدا بۇ مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلالايدىغان بولدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى بۇ شەكىلدە قولاي ئېرىشكىلى بولىدىغان ۋە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىغان قىلىشى، كىشىلەرگە ئېرىشكەن ياكى ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە مۇھىتى بەرپا قىلىش ۋە گۇرۇپپا قۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى ، باشقىلارنىڭمۇ بۇ گۇرۇپپىغا ئىشتىراك قىلالىشىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇنىڭ جامائەت پىكرى يارىتىش ۋە سىياسىي ساھەدىكى رولىنى بەس مۇنازىرىسىز شەكىلدە كۈچلەندۈرىدۇ(ئەرەن ۋە ئايدىن 2014: 198). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ھەسسىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان جامائەت پىكرى، ئۇقۇم  نۇقتىسىدىن ھەرخىل شەكىللەردە قەلەمگە ئېلىنىۋاتىدۇ.

تارىخىي مۇساپىدە جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ تەبىرىدە بىرلىككە كېلىنگەن دېسەك ئانچە توغرا بولمايدۇ. جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ئىزچىل ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ۋە ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن . مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ تەبىرىدە نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

بۇ تەبىرلەر ئاساسەن ئىككى قاتلامدا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ بىرىنچىسى، سىياسەت (سىياسىيونلارنىڭ جامائەت پىكرى ئۇقۇمىغا بولغان قارىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى) ؛ئىككىنچىسى باشقا  ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىدۇر.

سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن جامائەت پىكرى دۆلەتنىڭ ئۈچ ئاپپاراتى( قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش) نىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدىغان ياكى جامائەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆلچەم دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىجتىمائىي پەنلەردىكى جامائەت پىكرى چۈشەنچىسى بولسا، كىشىنىڭ ئۆزى ئۆز مەۋقەسىنى ئاساس قىپ تۇرۇپ كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مەلۇم ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. بۇلار ئائىلىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان توپ ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىكىر ۋە   ئىش-ھەرىكىتىنى   ئۆز   ئىچىگە   ئالىدۇ(گۆكچە، 1996،211).

بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى جامائەت پىكرى ھادىسىسىنىڭ تارىخىي جەرياندىكى تەرەققىياتى، جامائەت پىكرىنىڭ سىياسىي قارا چىقىرىش جەريانىدىكى ئورنى، ئەھمىيىتى، تەسىرى ۋە شۇنداقلا جامائەت پىكرى يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغان «سۈكۈت» ۋە «باندۇ ۋاگون ئېففېكتى» نەزەرىيەسى كاتېگورىيەسىدە ئىلىمى بىر چۈشەنچە يارىتىشتۇر.  بۇنىڭدىن باشقا  سىياسىي سىستېمىدىكى جامائەت پىكرى ۋە بۈگۈنكى ئۇچۇر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە شەكىللىنىدىغان جامائەت پىكرى جەريانى ئۈچۈنمۇ بۇ تەتقىقاتنىڭ بىر پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا جامائەت پىكرى ھادىسىسىگە نىسبەتەن نەزەرىيەۋى كۆز قاراشلار، جامائەت پىكرىنىڭ  ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتى،  جامائەت پىكرىنىڭ سىياسىي   تۈزۈمدىكى  ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قىسىمدا جامائەت پىكرى يارىتىش ئۇقۇمى ھەمدە جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە جامائەت پىكرىگە تەسىر   كۆرسىتىدىغان ئامىللار چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى قىسىمدا  «سۈكۈت قىلىش» ۋە «باندۇ ۋاگون ئېففېكتى » ئۇقۇمى ھەمدە  ئۇنىڭ جامائەت پىكرىگە بولغان تەسىرى  مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. تۆتىنچى قىسمىدا ئاممىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي تۈزۈمدە جامائەت پىكرىنىڭ مۇھىملىقى

گەرچە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ھەققىدە كۆپ خىل تەبىرلەرنىڭ بارلىقى، ئورتاق بىر تەبىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇمۇمى قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تېما ھەققىدىكى ئومۇمىي قانائىتى(رازىلىقى، مايىللىقى)، كۆز قارشى، تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرى دەپ بايان قىلساق بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم بىر ماكاندا، مەلۇم بىر كىشىلەر توپى ئارىسىدا  بارلىققا كەلگەن ھەممىباب چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم دەپ قارىساق بولىدۇ( ئەرەن ۋە ئايدىڭ،2014، 198).

جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ تارىخى كەچمىشى قەدىمكى يۇنانغا قەدەر چېتىلىدۇ. بۇ تارىخى جەرياندا جامائەت پىكىر ئۇقۇمى ئىپتىدائى جەمئىيەتلەردىن كۈنىمىزدىكى زامانىۋى جەمئىيەتلەرگىچە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنىڭ قەدىمكى مىسىر، يۇنان ۋە  رىم جەمئىيەتلىرىگە قەدەر چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم. جامائەت پىكرى ئۇقۇمى سۆزىنىڭ سۆز يىلتىزى قەدىمكى چاغلارغىچە سوزۇلىدۇ. قەدىمكى يۇنان ۋە رىمدا مۇتەپەككۇرلار بۈگۈنكى بۇ سىياسىي مەنىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەن( گۆكچە 2002 : 152).

گەرچە 18 – ئەسىرگە كەلگىچە جامائەت پىكرى ئۇقۇمىغا ئوچۇق بىر تەبىر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسىردىن كېيىن ئۇقۇمدا يېڭىلىنىش بولغان. تېخنىكلىق تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 19–ئەسىردە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى سىستېمىلىق تەتقىقات قىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ مەزگىلدە ھەق ۋە ھۆررىيەتنىڭ ئومۇملىشىشى جامائەت پىكرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر- بىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى چەكلەش ۋە قانۇننى نازارەت قىلىش ئاممىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارىدىن ھېسابلىنىدىغان بولدى( ئارال، 1992، 42) .

20 – ئەسىردىن باشلاپ جامائەت پىكرى نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ  تەتقىقات ھادىسىسىگە ئايلاندى. بۈگۈن جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ھەرجەھەتتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى مەنىسى بىلەن جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ھازىرقى زامان دېموكراتىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن  پاراللېل تەرەققىي   قىلدى( يۆتكىگەن: دىنىچكول، 2006: 51)

جامائەت پىكرى ئۇقۇمىدا «جامائەت» ۋە «بېلەت تاشلاش» ھادىسىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە پايدىلىق . ئەمەلىيەتتە، «جامائەت پىكرى » ئۇقۇمىدىكى «جامائەت» كەلىمىسى  «گۇرۇپپا»، «پىكىر» سۆزى « قانائەت، رازىلىق» مەنىسىدە كېلىدۇ (يۆتكىگەن: يۈكسەل 2007: 572). بىر پىكىرنىڭ جامائەت پىكرى دەپ قارىلىشنىڭ سەۋەبى پەقەتلا خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىدا ئەمەس بەلكى «جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتلار » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدا( يۆتكىگەن، دىنىچكول 2006: 50).

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، جامائەت پىكىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولۇش بولماسلىق مەسىلىسىدۇر. جەمئىيەتتە بىرلا خىل جامائەت پىكرى بار دەپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جامائەت پىكرى بىلەن كۆپ سانلىق جامائەت پىكرىنىڭ تاللىشى، پوزىتسىيەسى ياكى بىردىن كۆپ ۋە بىر بىرىدىن پەرقلىق بولغان جامائەت پىكرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جامائەت پىكرى كۆپ سانلىقنىڭ تاللىشى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ كۆپ سانلىقنىڭ ئىچىگە قوشۇلمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ رازىلىقىلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئورتاق كۆز قاراش رامكىسى ئىچىدە بولمىغان پوزىتسىيە ۋە يېڭىلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىلىشى كېرەكلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىر جەريان دەپ قارىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى جامائەت پىكرى سىياسىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەكىللىنىشىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلانغان ئۇقۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سىياسىي تۈزۈم سىياسىي مۇھىت ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا جامائەت پىكرىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلايدۇ. سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماسلىقى جامائەت پىكرى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ساھەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىياسىي تۈزۈم باشقۇرغۇچى- باشقۇرۇلغۇچى مۇناسىۋىتىنى، ئۆز- ئارا ئالاقە قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنى، قۇرۇلمىسى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ(دىنچكول 2006:57). لېكىن نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  جامائەت پىكرى  سىياسىي   ھاياتتىكى سىياسىي كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۆلەت ياكى خەلقئارالىق دەرىجىدە ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېموكراتىك تۈزۈم ياكى مۇستەبىت تۈزۈملەردە سىياسىي قارارلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ(كېشېلالى، 1997: 339).

سىياسىي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى، سىياسىي كۈچلەرنىڭ ياڭراتقۇسىغا ئايلانغان جامائەت پىكرى  سىياسەتنىڭ  مۇھىم بەلگىلىگۈچى ئامىلىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن بىللە جامائەت پىكرى ھەم ئۆزلۈكىدىن ھەمدە مەلۇم ئامىللارنىڭ رامكىسى ئىچىدە شەكىللىنىۋاتىدۇ ۋە شەكىللەندۈرۈلىۋاتىدۇ.

جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۇقۇمى ۋە جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار

جامائەت پىكرى ئۇقۇمى، ئاخبارات  ۋە سىياسىي ئىلمىي ھۆججەتلىرىدە مېديانىڭ رولى تىلغا ئېلىنغاندا ئاندىن مۇنازىرە تېمىسى قىلىنىدۇ. ئۇقۇم بىر تېما توغرىسىدا پەيدا بولغان شەخسى پىكىرلەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاخبارات يولى ئارقىلىق قارار بېرىش جەريانىغىچە بولغان باسقۇچلارغا ئىشارەت قىلىدۇ (يۈكسەل ،2007، 573).

جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى، بىرقانچە جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان ئاكتىپ بىر ئىجتىمائىي مۇساپە بولۇپ، سىياسىي پوزىتسىيە ۋە مېدىيا تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ قارار قىلىش ياكى قارار چىقىرىش باسقۇچلىرىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان جەمئىيەتنىڭ بىر قانچە قاتلىمىغا چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي بىر جەرياندۇر. ئاساسەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى (مېدىيا) جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ۋە سەپلىمسىز (ئورنىنى باسىدىغان باشقا نەرسە بولمىغان) مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جامائەت پىكرى شەكىللەنگەن ياكى شەكىللەنگەندۈرۈلگەن چاغدا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئامىللار ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى جامائەت پىكرىنى ۋاسىتىلىك شەكىللەندۈرىدىغان (سوتسىيولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك) ۋاسىتىلار،  يەنە بىرى جامائەت پىكرىنى بىۋاسىتە شەكىللەندۈرىدىغان( سىياسىي-مېدىيا) ۋاسىتىلىرىدۇر. جامائەت پىكرىنى ۋاسىتىلىك شەكىللەندۈرىدىغان ۋاسىتىلار جامائەت پىكرىنىڭ  ھاسىل بولۇش جەريانىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  سوتسىيولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك ۋاسىتىلار دەپ قارالغان ۋاسىتىلار جامائەت پىكرىنىڭ مەزمۇنىغا، شەكلىگە ۋە يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاسىتىلار جامائەت پىكرىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ(ئانېك، 1994: 90).

جامائەت پىكرىنى ۋاسىتىلىك ( سوتسىيولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك) شەكىللەندۈرىدىغان ۋاسىتىلەرگە نەزەر سالغاندا تۆۋەندىكى ئامىللار دىققەت تارتىدۇ:

ئائىلە

مائارىپ

كۈلتۈر

ئىجتىمائىي كونترول مېخانىزمى

قانائەت(رازىلىق) ( پىكىر ئۇقۇمى= بىلەت تاشلاش ئۇقۇمى، سىياسىي تاللاشلارنىڭ نامايان بولۇشى)

مۇددىئا  ( پىسخىكىلىق كۈچ، پىسخىكىلىق جەريان)

تەكشۈرۈش

پوزىتسىيە

بۇ ئۇقۇم جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش جەريانى بۇ مەنبەلەرنىڭ ئىلھامىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلار جامائەت پىكرى نامىدا ھەرىكەت جەريانىنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت يۈزلىنىشىنى بېكىتكەندە ، بۇ ئۇقۇملار مۇھىم دەپ قارىلىدۇ .

جامائەت پىكرىنى بىۋاسىتە ھاسىل قىلىدىغان ۋاسىتىلار بولسا ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرىگە مەزمۇن، شەكىل قوشۇش ۋە يۆنىلىش بەلگىلەش ئىستىكىدە بولىدىغان شەخس ، گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتلاردۇر.  بۇ ۋاسىتىلەر جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ياكى جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان، جامائەت پىكرىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ۋاسىتىلەردۇر(ئانېك، 1994: 101).

جامائەت پىكرىنى بىۋاسىتە شەكىللەندۈرىدىغان ۋاسىتىلەر ( سىياسىي تاراتقۇ )  تۆۋەندىكىدەك:

سىياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيە

بېسىم گۇرۇپپىلىرى(كۈچلىرى)  ياكى تەشكىلات

مېديانىڭ كۈچى

مېديانىڭ  تەسىرى

مېديانىڭ پىسخىكىلىق ئامىللارغا بولغان تەسىرى

مېديانىڭ  سوتسىيولوگىيەلىك ئامىللارغا بولغان تەسىرى

ئاپپارات، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى (مېدىيانى)  ئىشلىتىشى

جامائەت پىكرىنىڭ بىۋاسىتە شەكىلىنىشىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئېلېمېنتلار مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. مەلۇم گۇرۇپپىلارنىڭ ، سىياسىي قارار چىقارغۇچىلارنىڭ ياكى بېسىم مەركەزلىرىنىڭ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈشى ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈكۈت قىلىش، باندۇ ۋاگون ئېففېكتى  ۋە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى

«سۈكۈت قىلىش» گېرمانىيەلىك سىياسىي مۇتەخەسسىس ئەلىسابېس نوئېلې نېيۇمان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت ئىلمى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇ نەزەرىيەسىدۇر. بىر كىشىنىڭ ياكى بىر گۇرۇپپىنىڭ مۇداپىئە قىلغان چۈشەنچىسى، ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ« ئومۇمەن توغرا» دەپ قارىغان كۆز قاراشلىرىدىن  پەرقلىق بولۇپ قالسا، بۇ كىشى جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلىش ئەندىشىسى تۈپەيلى گەپ قىلغاندا ئۆزىنى چەكلەيدۇ ياكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئوخشاش ئادەم پىكرىنىڭ (ياكى پىكرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆز قاراشلارنىڭ) جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا بولسا، پىكىرىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا دېيىشكە باشلايدۇ. نەزەرىيە ، ئىنسانلارنىڭ شەخسى چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان چېغىدا باشقىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ(باشاران، 2013).    سۈكۈت قىلىش، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىغا ئىگە كىشىلەر (كۈچلەر) تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ۋە مۇھىم بىر ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ شەخسىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى جىمىقتۇرۇش ۋە بەزى گۇرۇپپىلارغا گەپ قىلىش جاسارىتى بېرىش كۈچىنى (بوز، 1999:42) . نېيۇمان تىلغا ئالغان  ئاساسلىق تېما دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ:

سۈكۈت نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە :

ئىجتىمائىي   تەھدىتنى   تۈگىتىپ، (ئومۇمدىن پەرىقلىق)  تونۇشقا  ئىگە شەخسلەرنى   جىمىقتۇرىدۇ.

(پەرىقلىق تونۇشقا ئىگە كىشى) شەخىس دائىم چەتكە قېقىلىش تەشۋىشى ئىچىدە ياشايدۇ .

چەتكە قېقىلىش قورقۇنچى ھەرۋاقىت شەخسلەرنىڭ پىكىر ئارىسالدىلىقىغا چۈشۈپ قېلىشىغا (باھا بېرىشىگە) سەۋەب بولىدۇ.

بۇ نىڭ نەتىجىسى ئاممىنىڭ ھەرىكەتكە بولغان ئىپادىسى ۋە ئوي – پىكرىنى ئېنىق ئىپادىلەش ياكى يوشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىزچىللىقى ۋە ئۆزگىرىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ تۆت پەرەزنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك ( يۆتكىگەن ئىريان 1997:426).

بۇ تەسۋىرلەر نېيۇماننىڭ سۈكۈت قىلىش نەزەرىيەسىنىڭ ئانا دىنامېكلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇ ۋە جامائەت پىكرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت پۈتۈن بۇ دىنامىكلەر رامكىسىدا چۈشەندۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر بىر كۆز قاراشقا كېلىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدا بېرىلگەن ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەردىن پايدىلىنىدۇ. بىر يەردە كىشىلەر، ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ جامائەت پىكرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە، جامائەت پىكرىنىڭ قايسى يۆنىلىشتە شەكىللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت بىلەن قاراپ بۇنىڭغا قارىتا  تەرەپ تۇتىدۇ. ئەگەر ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ياراتقان جامائەت پىكرىگە زىت بىر ئوي پىكىرى بولغان تەقدىردىمۇ چەتكە قېقىلىش قورقۇنچى بىلەن ئوي- پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقىدۇ. ھەتتا  پەقەتلا گەپ قىلماسلىقنى تاللايدۇ(يۈكسەل، 2007).  ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان كۆز قاراشلاردىن باشقا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشنى قوللىنىش ياكى چىقىرىۋېتىش ناھايىتى تەس. جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىش جەريانىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما بولسا «باندۇ ۋاگون ئېففېكتى» دۇر.

ئاممىۋى پىسخىكا دەپمۇ تەبىر بېرىلگەن باندۇ ۋاگون ئېففېكتى نەزەرىيەسىنىڭ 1800- يىللاردا ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. باندۇ ۋاگون ئېففېكتى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي، سىياسىي ياكى ئىقتىسادى ھادىسىلەردە بىر كىشىنىڭ بىر ئېتىقاد ، پىكىر، يۈزلىنىش،  ياكى بىر ھەۋەس ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆزگىرىشنى مودېرنلەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ(لوھمان،1994). بۇ ئۇقۇم دان رىكې ئىسىملىك بىر قىزىقچىنىڭ باندۇ ۋاگونى بىلەن سايلامنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كىشىلەرنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان بۇ ھادىسە بىلەن بىللە ئاممىۋى پىسخىكا ئىنگلىزچىدە( (Bando wagon effect (باندۇ ۋاگون ئېففېكتى) دەپ خاتىرىلىنىشكە باشلىغان،

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جەمئىيەتنىڭ بىر ئاساسىي تېمىغا بولغان كۆز قارىشى جەمئىيەتتىكى شەخسلەرنىڭ سانى ۋە بۇ شەخسلەرنىڭ تەسىرىگە باغلىق . باندۇ ۋاگونى ئېففېكتى مۇشۇ يەردىن مەنبەلىنىدۇ. مەسىلەن، سانى ئاز بولسىمۇ كۆپ شاۋقۇن چىقىرىدىغان بىر باندۇ ۋاگونى نۇرغۇن كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە سانى كۆپ ئەمما، جىمجىت بىر كوللېكتىپ جەمئىيەتتە ناھايىتى ئاز تەسىرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. باندۇ ۋاگون ئېففېكتى، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى پايخان قىلىپ نېمە سەۋەبتىن بەزى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ قالدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ (لوھمان 1994). بىز باندۇ ۋاگون ئېففېكتىغا سايلام مەزگىلىدە سىياسىي قارار چىقارغۇچىلار ۋە مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى تەرىپىدىن بىر ۋاسىتە دەپ قارىلىدىغان ۋە جەمئىيەتنى ئومۇمىي قانائەت رامكىسىغا كىرگۈزۈشتە پايدىلىنىلىدىغان بىر پىسخىكىلىق مېتود دەپ ئېنىقلىما بېرەلەيمىز. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى   تاراتقۇ   ۋاسىتىلىرى ۋە   ئىجتىمائىي  تاراتقۇلاردىمۇ   پىسخىكىلىق   ئېنتىراكتىفلىق(  شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئۆز-ئارا مۇنازىرە) ھەرىكەتلەندۈرگۈچ   كۈچكە   ئىگە   بولماقتا. باندۇ ۋاگونى ئېففېكتىنىڭ ئۈنۈمى بۇ يېڭى تاراتقۇلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە نامايان بولۇپ،  ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدا جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى تەتبىقلايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 يېڭى مېدىيا (يېڭى تاراتقۇ) ۋە جامائەت پىكرى

يېڭى مېدىيا ئۇقۇمى، يەرشارىلىشىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تەرەققىي قىلغان، نۇرغۇن يەردە تەكىتلەنگەن، ئىنسان، ئۇچۇر، ھۆججەت، پىكىرلەرنىڭ ئېقىشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ راۋاجلانغان  نەشر بۇيۇملىرى ۋە تېلېۋىزورنىڭ تېشىدا قالغان مېدىيا ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بىر تەبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(ئايدىن، 2014: 198).  ئۇ ئەنئەنىۋى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا (WEB) ئۇللۇق تور بېكەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ دەپمۇ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر ئۇچۇر-ئالاقە سۇپىسىدۇر.

بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىدە يەر شارىلىشىش مۇساپىسى ۋە تەرەققىي قىلغان تېخنىكىلىق ۋاسىتىلار ، بولۇپمۇ كومپيۇتېر ۋە ئالاقە تورى(ئىنتېرنېت) تېخنىكىسىنىڭ تەسىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 1970- يىللىرىدىن ئېتىبارەن تەرەققىي قىلغان تېخنىكىلىق يېڭىلىقلار مېدىيانىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كومپيۇتېر تېخنىكىسى خەۋەرلىشىش ساھەسىگە كىرىش ئارقىلىق خەۋەرلىشىشنىڭ رەقەملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ۋە ئۇچۇر تارقىتىشىنى زامان ۋە ماكاندىن مۇستەقىل قىلىپ ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى. تورلارنىڭ تورى دەپ نام ئالغان ئىنتېرنېت، فىزىيولوگىيەلىك ياكى قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بىر ۋاسىتە بولۇشتىن بەكرەك بىر- بىرىگە چېتىلغان ساناقسىز كىچىك كومپيۇتېر تورلىرىدىن ھاسىل بولغان چوڭ بىر كومپيۇتېر تورىنى كۆرسىتىدۇ ( يۆتكىگەن: گۈزەل، 2006:4) دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، بىرگە بىر ئالاقىلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىنتىراكتىفلىق ئالاقىگە قولايلىق يارىتىشىدۇر. ئىنتېرنېت بىلەن تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇر بېرىشنىڭ ئورنىغا ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن بىر ئۇچۇر ئېقىشى كۈنتەرتىپكە كەلدى. بىردىن كۆپ كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنىڭ يالغۇز بىر ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىنى مۇمكىن قىلغان ئىنتېرنېتنىڭ سىن، ئۈن، ئۇچۇر، ئىلىم – سىستېمىغىمۇ قولايلىق يارىتىشى (گۈزەل 2006: 4) ئىنتېرنېتنى يېڭى يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ خەۋەرلىشىش ۋاسىتىسى دەپ قارىشىمىزغا تۈرتكە بولدى.

ئىنتېرنېت يەرشارىۋى ۋە ھازىرقى زامان سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالاقە قورالىدۇر. سانائەت دەۋرىدىكى بالىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ (مېدىيا) يېڭى تۇغۇندىلىرىنى كۆرەلەيدۇ. .ئالاقە تورى (ئىنتېرنېت) ساقلاش، ئۆزگەرتىش، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەۋەرلىشىش قاناللىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ئوخشاش خەۋەرلىشىش جەريانلىرىنىڭ باسقۇچلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ بىرلەشتۈرىدۇ. يېڭى تاراتقۇلار ئۇچۇر توپلاش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ، ئەۋەتىلىش، ساقلىنىش ، تەكشۈرۈش ۋە كۆرۈلۈشىنىڭ يوللىرىنى ئۆزگەرتتى (يۆتكىگەن، ئاكتاش، 2007:4).

نۆۋەتتە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئومۇملىشىۋاتقان ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ۋە ئىجتىمائىي ئېرىشىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. يېڭى تاراتقۇلار web 2.0  ئىجتىمائىي تورى ياكى ئىجتىمائىي خەۋەرلىشىش تور بېكەتلىرى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى نەسىل ئىنتېرنېت ئەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇچۇر، ئوي- پىكىر ۋە مەلۇمات ھەمبەھىرلەش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرۇپ ئۆز-ئارا ئالاقە(ئىنتېراكتىفلىق) مۇھىتى يارىتىدىغان تور ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان پىكىر، كۆز قاراش ۋە ئىش – پائالىيەتلىرىنى تور بوشلۇقىدا ھەمبەھىرلەيدىغان بىر مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ(ئەۋرەن ۋە ئايدىن 2014:198).

W e b 2 . 0، يەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تېز تەرەققىياتى ئەنئەنىۋى ئاممىۋى تارقىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يۇقىرىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش ئۇچۇر ئېقىشىدا ئۆزئارا ئالاقىگە تۈرتكە بولۇشى سىياسىي قارار چىقارغۇچىلارنىڭمۇ  دىققىتىنى تارتقاندەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ پارتىيەلەر سىياسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جەريانىدا بەزى سايلام پائالىيەتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پىكرى يارىتىش جەھەتتىكى ئۈنۈمىگە سەل قارىمىغان دېيىشكە بولىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ سىياسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جەريانىدا WEB 2.0  بوشلۇقىنى ئىشلىتىشى، ئەنئەنىۋى سىياسىي تارقىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىغا ۋە تېخى بېلەت تاشلاش قارارىغا كەلمىگەن سايلىغۇچىلارغا سىياسىي يازما(مەزمۇن)نى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنتېراكتىفلىق ئالاقىلىشىش، جەريانغا قېتىلىش، سىياسىي مەزمۇنلارنى تارقىتىش ۋە ئۆزى مەزمۇن تەييارلاپ ھەمبەھىرلەش جەھەتتىن  زور قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ( بايراكتۇتان ۋە باشقىلار 2012: 6).

بۇ جەريان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ھەم سىياسىي جەريانلارغا قېتىلىش ھەمدە جامائەت پىكرىنىڭ يارىتىلىشى خۇسۇسىدا ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن ئايرىيدۇ. بۇ خىل پەرق بىلەن بىللە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈزگۈچلۈك رولنى ئويناۋاتقاندەك قىلىدۇ. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مەركىزى تاراتقۇلارنىڭ خاتا، بىرتەرەپلىمە پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئانا ئېقىم ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ئاۋازىغا ئايلىنىپ قىلىشىغا قارشى سەپلىمە تاراتقۇلارنىڭ، يەنى يېڭى تاراتقۇلارنىڭ بىر خىل ئەركىنلىك مەيدانى بىلەن تەمىنلىشى، مەركىزى تاراتقۇلارنى توغرا ئاڭقىرالىشىمىزغا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى نەتىجىنى تېخىمۇ  ئۈنۈملۈك ۋە تىز يارىتىش بىلەن بىللە جەلپ قىلىش كۈچىگىمۇ ئىگە قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى جەلپ قىلارلىق قىلغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە، مەزمۇن- ئۇچۇرنىڭ جەلپ قىلارلىقلىقى، ئېرىشىش سۈرئىتى، ئېرىشىشنىڭ ئاسانلىقى، پايدىلىنىشچانلىقى، يېڭىلىقلارغا ئوچۇق بولۇشى ۋە دائىملىق بولۇشىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەر بار.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئۈن – سىن تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە  تورىدىكى رەسىم، تېكسىت، سىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئارخىپلارنىڭ  ئوتتۇرىغا چىقىشىدا- تارقىلىشىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىلاۋەتەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئابۇنىتلىرىنىڭ ۋە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ جەريانغا قېتىلىشى ۋە مەزمۇن ھەمبەھىرلىشىدە نۇرغۇن يوشۇرۇن ئۇسۇللاردىنمۇ پايدىلىنالىشى(ئالەۋ، 2014:4) ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىنتېرنېت تورى بىلەن ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈنلىشىش ئاساسنى ھازىرلاۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىياتلارغا ياندىشىپ  ئىنتېرنېت، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كونا تاراتقۇ ئۇقۇملىرىنى يېڭىلاۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت كونا تاراتقۇلارغا ئائىت كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تېلېگراڧ ساھەسىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەققىيات دەپ قارىلىدۇ( ئالىئوغلۇ، 2011:46).

ئۇچۇر ۋە تاراتقۇلارنىڭ رەقەملىشىشى ئالاقە تورى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنى دۇنياغا تۇتاشتۇرىدۇ. بۇلار بىلەن بىللە يېڭى تاراتقۇ تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان تېخنىكىلىرى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە نۇرغۇن قۇرۇلمىلارنى يېڭىدىن يارىتىش ئارقىلىق يېڭى كۈلتۈرلەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ(دېنىز ۋە ھۈلۈر، 2016: 9).

يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتىكى تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ .ئەمەلىيەتتە، /ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ يېڭىدىن ئىنشا قىلىنىشىدا «تور جەمئىيىتى» ۋە «ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ» ھەسسىسى بار بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ئىجتىمائىي كىملىكنى قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . بىز ھازىر نەرسە – كېرەكلەرنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىۋاتىمىز، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تور ئارقىلىق جاكارلاۋاتىمىز، يېگەن – ئىچكىنىمىزدىن، بارغان- تۇرغان يەرلىرىمىزگىچە بارلىق تۇيغۇلىرىمىزنى تور ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇ  ئەھۋال ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن پەرقلىق بىر  ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىيلىشىش شەكلىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ (دېنىز، 2016: 192).

جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىشىگە ئىنتېرنېت تورىنىڭ تۈرتكە بولۇشى، ئىجتىمائىي نۇقتىئىنەزەردىن ئىجتىمائىي فورماتسىيەنىمۇ يېڭىدىن شەكىللەنگەن جەمئىيەت شەكىللىرى جامائەت پىكرىنىڭمۇ رەقەملىشىشگە تۈرتكە بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، ئىنسان ھاياتىغا سىڭىپ كىرىشى ۋە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىشى، يەرشارىلىشىشنىڭ دۆلەت ۋە ئىنسان چېگرالىرىنى يوق قىلىشى، ئىنتېرنېت تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن دۇنياغا ئېچىلغان بىر ئىشىك بولۇشى مېديانىڭ، ئۇچۇرنىڭ ۋە زىھنىيەتلەرنىڭ رەقەملىشىشىگە يول ئىچىپ كىشىلەرنىڭ ۋە ئاممىنىڭ قانائەتلىرىنىمۇ (رازىلىقى ۋە مايىللىقى) رەقەملەشتۈرۈۋاتىدۇ.

تۇيغۇ ۋە ئېتىقادنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە شۈبھىسىزكى ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدۇر.  ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيىتىدە جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەڭ مۇھىم قورال  ئاممىۋى تاراتقۇلار  دەپ قارىلىدۇ ۋە مېنىڭسىلىۋاتىدۇ.

تېخنىكىلىق  تەرەققىيات جەريانىدا تېزلەشكەن ئالاقە تورى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە  جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان،ھېچ بولمىغاندا باشقا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم  بىر  سەپلىمە ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاممىۋى تاراتقۇ ۋە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى بۈگۈنكى كۈندە جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئامىللار قاتارىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «رەقەملىك ئىنقىلاب» رامكىسى ئىچىدە تەشۋىقاتنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئاتالغۇلىرى  ئارقىلىق جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارنىڭ سايىسىدە تەسىرى دائىرىسى كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، ۋەقە ۋە ئوي- پىكىرلەرنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ قوبۇل قىلغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرەلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانائىتى(رازىلىقى، مايىللىق)غا يېتەكچىلىك قىلىش   پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىدۇر( كوركماز، 2009:7).  يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئالاقە تورىنىڭ (ئىنتېرنېت) ئاممىۋى ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئېچىۋېتىلىشى، ئاممىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىشى، يېڭى بىر ئاممىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىسى بولغان ئىنتېرنېتنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلمىلار( دەمېرجان،2016: 149)، سىياسىي تۈزۈم ۋە سىياسىي قاتنىشىشنىڭ سەپلىمە  ۋاسىتىسى بولۇشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇ ساھەلەرنى باشقا ساھەلەردىن پەرقلىق قىلىشى،  ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ دېموكراتىك يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاشتا يېڭى ئامىللارنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى .

خۇلاسە ۋە باھا

تارىختىن بۇيان جامائەت پىكرى   ھادىسى بار  ئىدى. ئىپتىدائى قەبىلە جەمئىيىتىدىن بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەتكىچە مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مۇھىملىقىنى ساقلاپ كەلدى. جامائەت پىكرى ھادىسىسى تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولسىمۇ 18-ئەسىردە سېمانتىك رامكا ئىچىدە قەلەمگە ئېلىنىشقا، تەھلىل قىلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. 19- ئەسىردە جامائەت پىكرى ھادىسىسى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئۈستىدە توختالغان، تەتقىق قىلىنغان بىر ساھە بولۇپ مۇھىملىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. 20- ئەسىر ۋە 21- ئەسىردە بولسا يۇقىرى تېخنىكىلار، يەرشارىلاشقان دۇنيا بىلەن بىللە جامائەت پىكرى ھادىسىسى تېخىمۇ بەك ئاساسلىق نۇقتىغا ئايلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا مۇنازىرە تېمىسى بولغان. نۆۋەتتە، جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ۋە ھادىسىسى پەرقلىق بىر ئەھمىيەتكە ۋە ئورۇنغا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. پۈتۈن بۇ تەرەققىيات جەريانى ئىچىدە نەخ بىر جامائەت پىكرى ئۇقۇمى تەبىرى تېپىلمايۋاتىدۇ. ئەڭ كەڭ مەنىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا « ئاممىنىڭ قانائىتى» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئامما قانائەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان ئامىللا  شۈبھىسىزكى، سىياسىي قارار چىقارغۇچىلار، مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردۇر. زامانىۋى دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ۋە ھادىسىسى سىياسىي سىستېمىلارنىڭ، مېدىيانىڭ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ.

ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيىتىدە جامائەت پىكرى ھادىسىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ . كىشىلەرنىڭ  سىياسىي قارار چىقىرىش جەريانىغا داخىل بولۇشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق يوللار بىلەن كۆز- قارىشىنى ئېلان قىلىشى  جامائەت پىكرى ھادىسىلىرىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈردى.

باشقىچە ئىلىپ ئېيتقاندا جامائەت پىكرى  شەخسلەر ياراتقان ئىجتىمائىي جەرياندىن شەكىللەنگەن ۋە سىجىل ئىنتېراكتىڧلىق ئالاقە بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، كۈنتەرتىپلەردە قارار چىقىرىش جەريانغا داخىل بولىدىغان بىر ھادىسىدۇر.

جامائەت پىكرى ھادىسىسى ۋە جامائەت پىكرى يارىتىش ئۇقۇمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيە سەۋىيەسى بىلەن پاراللېل بولىدۇ . جامائەت پىكرى ، كۆپ ساندىكى توپنىڭ مايىللىقى  بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ سانلىقنىڭ ئىچىگە قېتىلىشنى خالىمايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭمۇ مايىللىقى ۋە رازىلىقىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى زۆرۈردۇر.  .جامائەت پىكرى ھەمىشە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكە ۋە تەسىرگە ئۇچراشقا ئوچۇق بىر سۇپا دەپ قارىلىدۇ. جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاسىتە ۋە مېتودلار قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇلار، پىسخىكىلىق ۋە سوتسىيولوگىيەلىك تەسىرلەر دەپ قارالسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى سىياسىي ھەرىكەت قىلغۇچىلار ۋە مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى دەپ ئاتالغان  سەپلىمە ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئىشتىراك قىلىۋاتىدۇ. سۈكۈت قىلىش ۋە باندۇ ۋاگونى ئېففېكتى ئۇقۇملىرىغا ئوخشاش پىسخىكىنى ئاساس قىلغان جامائەت پىكرى يارىتىش جەريانىنىڭ ھەم ئەنئەنىۋى تاراتقۇلاردا، ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەرقلىق مېتود ۋە ئۇسۇللاردا پايدىلىنىلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ  ۋاسىتىلىرى شۈبھىسىزكى، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە سىياسىي قارار چىقىرىش جەريانىدا  زور تەسىر كۈچكە ئىگە.  كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى كىشىلەرگە سىياسىي جەريانغا ئىشتىراك قىلىش مۇھىتى ھازىرلىدى. يېڭى تاراتقۇ تورلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، ئىنتېراكتىڧلىق ئالاقە قىلىشى ئىمكانىيىتى يارىتىشى، ھەمبەھىرلەش ۋە ئېستېتىكىلىقنى ئاشۇرۇشى، يىغىپ ئېيتقاندا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى ئۇنى بۇ جەرياندا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان. جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ۋە جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرگە ئۇچراش جەريانىدا يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى كۈنسېرى مۇھىملىقى ۋە تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.

 

 

 

 

Kaynakça

Aktaş, Celalettin (2007) Yeni Medyanın Geleneksel Medya İle Karşılaştırılması. Medya Üzerine Çalışmalar, Der. Erol Gülbuğ, ss. 1-14. İstanbul: Beta Yayınları.

Alav, Orhan (2014) Sosyal Medya’nın Birey ve Toplumsal Yapıya Etkileri. Elektronik Sosyal Bilgiler Eğitimi Dergisi, 1(1): 1-22.

Alioğlu, Nazan (2011) Yeni Medya Sanatı ve Estetiği. İstanbul: Papatya Yayıncılık. 90 Yurdakul

Arat, Ümit (1992) Demokrasilerde Kamuoyunun Oluşumu İçin Gerekli Koşullar. İstanbul Üniversitesi İletişim Fakültesi Hakemli Dergisi, 1(1): 41-46.

Atabek, Nejdet (2002) Kamuoyu, Medya ve Demokrasi. Kurgu Anadolu Üniversitesi İletişim Bilimleri Fakültesi Uluslararası Hakemli İletişim Dergisi, 19(19): 223-238.

Başaran, Arzu (2013) Suskunluk (Sessizlik) Sarmalı Elisabeth Noelle-Neumann. http://kitleiletisimi.blogspot.com.tr/2013/06/suskunluk-sessizlik-sarmal-elisabeth.html, Erişim: 25 Aralık 2015.

Bayraktutan, Günseli vd. (2012) Sosyal Medyada 2011 Genel Seçimleri: Nicel-Nitel Arayüzey İncelemesi. Selçuk İletişim, 7(3): 5-29.

Boz, Hayat Avcı (1999) Kitle İletişim Araçları ve Suskunluk Sarmalı. Ankara Üniversitesi Eğitim Bilimleri Dergisi, 32(1): 41-48.

Demircan, Birol (2016) İnternet Kamusal Alan Olabilir mi?. Yeni Medya ve Toplum Disiplinlerarası Yaklaşımlar, Der. A. Çağlar Deniz ve A. Banu Hülür, ss. 135- 156. Konya: Literatürk Academia.

Deniz, A. Çağlar; Hülür, A. Banu (2016) Yeni Medyaya Disiplinlerarası Yaklaşımlar. Yeni Medya ve Toplum Disiplinlerarası Yaklaşımlar, Der. A. Çağlar Deniz ve A. Banu Hülür, ss. 9-19. Konya: Literatürk Academia.

Deniz, A. Çağlar (2016) Filistin-İsrail Çatışmasının Söylem Boyutuna Bir Bakış. Yeni Medya ve Toplum Disiplinlerarası Yaklaşımlar, Der. A. Çağlar Deniz- A. Banu Hülür, ss. 191 – 212. Konya: Literatürk Academia.

Dinçkol, Bihterin (2006) Yönetilenlerin “Öz” Yönetimi-Kamuoyu. İstanbul Ticaret Üniversitesi Sosyal Bilimler Dergisi, 5(10): 49-66.

Eren, Veysel; Aydın, Abdullah (2014) Sosyal Medyanın Kamuoyu Oluşturmadaki Rolü ve Muhtemel Riskler. KMÜ Sosyal ve Ekonomik Araştırmalar Dergisi, 16(1): 197-205.

Gökçe, Orhan (1996) Kamuoyu Kavramının Anlam ve Kapsamı. Kurgu Anadolu Üniversitesi İletişim Bilimleri Fakültesi Uluslararası Hakemli İletişim Dergisi, 14(14): 211-227.

Gönenç, E. Özgür (2002) Medyanın Kamuoyu Oluşturmadaki Etkisi. İstanbul Üniversitesi İletişim Fakültesi Hakemli Dergisi, 14(1): 151-159.

Güzel, Mehmet (2006) Küreselleşme, İnternet ve Gençlik Kültürü. Küresel İletişim Dergisi, 1(1): 1-16.

İrvan, Süleyman (1997) Suskunluk Sarmalı Kuramı ve Elisabeth Noelle-Neumann’ın Özgeçmişi. İstanbul Üniversitesi İletişim Fakültesi Hakemli Dergisi, 6: 421-450.

Kışlalı, Ahmet Taner (1987) Siyaset Bilimi. Ankara: Ankara Üniversitesi Basın Yayın Yüksekokulu.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*