مەدىنە ۋەسىقىسى

ئاساسىي قانۇن دېگەن نېمە؟

 

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قانۇنى بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىدىئولوگىيەسى شۇنداقلا دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي كىملىكىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى (ھەقلىقلىقى) نى يوقىتىدۇ، يەنى قانۇنسىز ھاكىمىيەتكە ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ھەرقانداق بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاساسىي قانۇنسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاساسىي قانۇنشۇناسلار بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان ئاساسىي قانۇنغا ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى – فىلادېلفىيە ئاساسىي قانۇنى (1776)، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى (1789-1791) ئاساسىي قانۇنىي قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىشىدۇ. لېكىن تارىخنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 14 ئەسىر بۇرۇن تۇنجى قەلەمگە ئېلىنغان ئاساسىي قانۇن تۈسىدىكى بىر بىتىمنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. ئۇ بولسىمۇ، مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەت قۇرغاندا، دۆلەت پۇقرالىرى بىلەن تۈزگەن 47 ماددىلىق كۆپ تەرەپ قول قويغان سىياسىىي ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم ۋە بىتىمدىن ئىبارەتتۇر.

شەرقشۇناس جورجىيو مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئاساسىي قانۇن 52 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەممىسى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن. ئۇنىڭ 25 ماددىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولسا، قالغان 27 ماددىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن، شۇنداقلا باشقا دىن ساھىبلىرى، بولۇپمۇ يەھۇدىيلار ۋە بۇتپەرەسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئاساسىي قانۇندا باشقا دىن ساھىبلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئەركىن بىللە ياشىشىغا، دىنىي ئىبادەت، مۇراسىملىرىنى خالىغىنىدەك قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ بىر-بىرىنى راھەتسىز قىلىشى چەكلەنگەن. بۇ ئاساسىي قانۇن ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى يەنى 623-يىلى ئىمزالانغان. ئاساسىي قانۇندا يەنە مەدىنە دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەندە، ھەممەيلەننىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى بەلگىلەنگەن.» (جورجىيو: رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا قايتا نەزەر)

مەدىنە ۋەسىقىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، مەدىنىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا تۈزگەن بىتىم بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى يېزىپ قالدۇرۇلغان ئاساسىي قانۇن، دەپ قارالماقتا. بۇ بىتىمنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرى:

1 –  ئۈممەت ئۇقۇمىنىڭ تەبىرى بېكىتىلدى. بۇرۇنقى تار قەبىلىۋازلىق، ئىرقچىلىق، مىللەتچىلىكتىن ھالقىغان دىنىي رىشتىكى بىرلىك «ئۈممەت» دەپ بەلگىلەندى. لېكىن بۇ دىنىي بىرلىككە كىرمىگەنلەرمۇ، <دۆلەتنىڭ پۇقرالىقى> سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولمايدۇ.

2 – ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، مۇراجىئەت قىلىنىدىغان تەرەپ ئاللاھ ۋە رەسۇلىدۇر. يەنى دۆلەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ياكى تەرەپ ئاللاھ ۋە رەسۇلىدۇر. لېكىن، ھەر قايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆز دىنلىرىغا – شەرىئەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەت ۋە ئەدلىيەنىڭ بېشى بولدى (پەيغەمبەرلىكى ۋە مەئسۇملۇقى بار).

3 – دۆلەت تېررىتورىيەسى. بىر دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شەرت بولغان پۇقرا، ئۈممەت، تېررىتورىيە ئاندىن ئىختىلاپنى ھەل قىلىدىغان ھاكىمىيەت بەلگىلەندى.

4 – پۇقرالارنىڭ دىن ۋە ئەقىدە ئەركىنلىكىنى جاكارلىدى. ئوخشىمىغان تائىپىلەرنىڭ تىنچ ھالەتتە بىرلىكتە ياشىشىغا ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پۇقرالار ئارىسىدا (شەرىئەت بەلگىلىگەن) ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى يولغا قويدى. پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى ئېلان قىلىندى.

5 – ئىجتىمائى پاراۋانلىق، ھەمكارلىق يولغا قويۇلدى.

6 – بۇ بىتىمنىڭ بەزى ماددىلىرى ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئۆتكۈنچى ئادالەت transitional justice ئۇقۇمىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئۇقۇم ئىچكى ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشتىن كېيىنلا يېڭى شەكىللەنگەن جەمئىيەت ۋە دۆلەتتە، ئىرقىي توقۇنۇشقا ئوخشاش كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا تەدبىقلىنىدىغان بىر قاتار پىرىنسىپ ۋە ئىجرائاتلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېڭى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، پۇقرالار ئارا ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بەرپا قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ.

7 – ھەركىم ياكى تەرەپنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى؛ ئىتتىپاقداشلىرىغا (ياردەملەشمىسە) پەقەت ئىتتىپاقداش بولغانلىقى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلقىنى ئېلان قىلدى.

 

بىتىم مەزمۇنى:

1 . بۇ يازما (بىتىم) رەسۇلۇللاھ مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) تەرىپىدىن قۇرەيشلىك، يەسرىبلىك مۆمىنلەر، مۇسۇلمانلار، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلغانلار ئۈچۈن (كۈچكە ئىگە) دۇر.

1 – مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ دۆلەت پۇقراسى بولۇشنىڭ شەرتى بۇ دۆلەتكە يۆتكىلىشتۇر. بۇ دۆلەت پۇقراسى بولغان مۇسۇلمانلار دىنىي ھەم سىياسىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولىدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتكە يۆتكەلمىگەن مۇسۇلمانلار پەقەت دىنىي ھىمايە ئاستىدا بولىدۇ (ئىمان ئېيتقانلار، يۇرتىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، ئۇلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە يېقىن كىشىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، ئەمما ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا قىلچە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر). ئەنفال.

2 – غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت پۇقراسى بولۇشى بۇ دۆلەتكە سىياسىي جەھەتتىن تەۋە بولۇشتۇر.

3 – بۇ ئاساسىي قانۇن دۆلەتتە دىن ئەركىنلىكىنى يولغا قويغاندۇر.

2 . مانا بۇلار باشقا كىشىلەردىن ئايرىم ھالدا ئۈممەتنى تەشكىل قىلىدۇ (بۇ ماددا ھازىرقى زامان تىلى بويىچە ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەت ئىسلام ئۈممەتچىلىكىنى يەنى، ئېتىقادىي رىشتىكى بىرلىكنى ئاساس قىلغان دۆلەتتۇر).

3 . قۇرەيشتىن ھىجرەت قىلغانلار، ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ؛ ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۆمىنلەر ئارىسىدا ياخشى ۋە ئۇيغۇن دەپ قارالغان ئادالەت ئۆلچىمى بويىچە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

4 . بەنۇ ئەۋفلەرمۇ ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ. ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى، مۆمىنلەر ئارىسىدا ياخشى ۋە ئۇيغۇن دەپ قارالغان ئادالەت ئۆلچىمى بويىچە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

5 . بەنى ھارىسلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى، مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

6 . يەنە بەنى سائىدەلەرمۇ ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

7 . بەنى جۇشەملەرمۇ ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

8 . بەنى نەججارلارمۇ ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

9 . بەنۇ ئامر ئىبن ئەۋفلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئۆرپ – ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

10 . بەنى نەبىتلەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

11 . بەنى ئەۋسلەرمۇ ئادىتىگە بىنائەن خۇن ھەققىنى ئۆز ئىچىدە يىغىپ تۆلەيدۇ ۋە ھەر تائىپە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ (بۇ: شۇ دەۋر قەبىلە تۈزۈلمىسىدىكى ئىجتىمائىي ئۆرپ- ئادەت بويىچە جەمئىيەت پاراۋانلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، دېمەكتۇر).

12:

1 – مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدە (قەرز ياكى باقىدىغانلىرى كۆپ بولۇش ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ تۆلەم تۆلەش  ياكى خۇن ھەققى تۆلەش سەۋەبىدىن) ئىقتىسادى يۈكى ئېغىر بولغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، قۇتۇلۇش ۋە قان دىيەتلىرىنى مۆمىنلەر ئۆز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۆلەيدۇ.

2 –  ھەر قانداق بىر مۆمىن باشقا بىر مۆمىننىڭ مەۋلاسى (ئۆزى بىلەن قېرىنداشلىق كېلىشىمى تۈزگەن كىشى ) غا زىيانلىق ئىش قىلمايدۇ (باشقا بىر خىل ئوقۇلۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھېچبىر مۆمىن باشقا بىر مۆمىننىڭ قېرىندىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇ مۆمىنگە قارشى كېلىشىم تۈزمەيدۇ).

13 . ئاللاھتىن ھەقىقىي يوسۇندا قورققان (تەقۋا) مۆمىنلەر ئۆزئارا ئىچكى زۇلۇم ۋە نىزاغا، ناھەقچىلىككە سەۋەپ بولىدىغان گۇناھقا ياكى بىراۋنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىنىشىغا ۋە ياكى مۆمىنلەر ئارىسىدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلارغا – بۇ كىشى ئۇلاردىن بىرسىنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردىمۇ – بىردەك قارشى تۇرىدۇ (مەسىلەن، ئەھزاپ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسلام دۆلىتىگە بېسىپ كىرگەن دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، ئىسلام دۆلىتى پۇقراسى بەنى قۇرەيزەگە ئېغىر جازا بېرىلگەندۇر).

14 . ھەرقانداق مۆمىن بىر كاپىر سەۋەبىدىن باشقا بىر مۆمىننى ئۆلتۈرسە بولمايدۇ ۋە بىر مۆمىننىڭ زىيىنىغا كاپىرغا ياردەم قىلمايدۇ (دۆلەت يېڭى قۇرۇلغاندا، مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا، بەزى مۇسۇلمانلار بەزى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىر تۇغقانلىرىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ ماددا شۇ چاغدىكى تېخى تېگىدىن تۈگىمىگەن جاھىلىيەت قەبىلىۋازلىقى ۋە خۇن داۋاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى).

15 . ئاللاھنىڭ زىممىتى (ھىمايىسى ۋە كاپالىتى) بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۆمىنلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاددىي كىشىنىڭ باشقا بىرسىنى ھىمايىسىگە ئېلىشى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، مۆمىنلەر باشقا كىشىلەردىن پەرقلىق ھالدا بىر – بىرىنىڭ مەۋلاسىدۇر (قېرىندىشىدۇر).

16 . يەھۇدىيلاردىن بىزگە ئىتائەت قىلغانلار زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلغانلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. (زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار) بىزنىڭ ياردەم ۋە ھىمايىمىزگە ئېرىشىدۇ (مۇسۇلمانلار بىلەن بىتىم تۈزگەنلەر سىياسىي جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىغان بولۇپ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلمىغان ھالەتتە ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىسا، مۇسۇلمانلار (زۇلۇم قىلغۇچى مۇسۇلمان بولسىمۇ) يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بىر خىل سىياسىي ئىتتىپاقداشلىقتۇر).

17 . سۈلھى مۆمىنلەر ئارىسىدا بىر بولۇپ، ھەرقانداق مۆمىن ئاللاھ يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، باشقا مۆمىنلەرنىڭ خەۋرى بولماستىن ئايرىم شۇنداقلا ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان شەكىلدە سۈلھى تۈزسە بولمايدۇ. بۇ سۈلھى پەقەت مۆمىنلەر ئىچىدە باراۋەرلىك ۋە ئادالەت پىرىنسىپى ئاساسىدا ئېلىپ تۈزۈلىدۇ.

18 . بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىدىغان بارلىق قوشۇنلار ئۆزئارا نۆۋەتلىشىپ باراۋەر ھەرىكەت قىلىدۇ.

19 . مۆمىنلەر ئاللاھ يولىدا ئېقىتىلغان قانلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ (دۆلەت ئۇرۇشقا كىرگەندە، بارلىق مۇسۇلمان پۇقرالار مەجبۇرىيىتىنى تەڭ ئادا قىلىدۇ. بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇرۇشتىن ياكى مەسئۇلىيەتتىن قاچسا بولمايدۇ).

20 .

1 – ئاللاھتىن لايىقىدا قورقىدىغان مۆمىنلەر ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا بولىدۇ.

2 – ھەرقانداق مۇشرىك، بىر قۇرەيشلىكنىڭ مېلى ۋە جېنىنى ھىمايىسىگە ئالسا بولمايدۇ، ھەرقانداق مۆمىن بۇ ھەقتە (قۇرەيشلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا) توسالغۇ بولسا بولمايدۇ (يەنى دۆلەت پۇقراسى بولغان مۇشرىكلەر ئوخشاش دىنسىزلىقى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا قۇرەيشكە ياردەم بەرسە بولمايدۇ).

21 . ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر مۆمىننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى كەسكىن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانسا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى (خۇن ھەققىگە دىيەتكە) رازى بولمىسا، قىساس ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا (قاتىلغا) قارشى تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى جائىز بولىدۇ.

22 . بۇ بىتىمنى قوبۇل قىلغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بىر مۆمىننىڭ جازاغا لايىق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر (قاتىل، زىناخورلىقى ئېنىق بېكىتىلگۈچى ۋە باشقىلار) گە ياردەم قىلىشى ۋە ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىشى ھارامدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ قانات ئاستىغا ئالسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇ كۈندە ئۇنىڭ فىدىيە ياكى باھانىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

23 . ئىختىلاپ قىلىنغان ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد (يەنى قۇرئان ۋە ھەدىس) كە مۇراجەت قىلىنىدۇ.

24 . ئۇرۇشقا قاتناشقان مۇددەت ئىچىدە يەھۇدىيلارمۇ مۆمىنلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ.

25 .

1 – بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى مۆمىنلەر بىلەن بىر ئۈممەت تەشكىل قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دىنى ئۆزلىرىگە، مۆمىنلەرنىڭ دىنى ئۆزلىرىگىدۇر. بۇنىڭغا مەۋلالىرى (قېرىنداشلىرى ياكى ئىتتىپاقداشلىرى) مۇ كىرىدۇ (بۇ يەردىكى ئۈممەت سىياسى ئۈممەتنى كۆرسىتىدۇ).

2 – كىمكى بىرەر ناھەقچىلىك ياكى جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ (يەنى ئۇلار ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. جاھىلىيەتتە ئەكسىچە بولۇپ، بىرەر قەبىلىدىن سەۋەنلىك ئۆتسە، ئۇلارغا ئىتتىپاقداش قەبىلىلەرمۇ جازالىناتتى).

26 . بەنى نەججار يەھۇدىيلىرى بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ.

27 . بەنى ھارىس يەھۇدىيلىرى بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ.

28 . بەنى سائىدە يەھۇدىيلىرى بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ.

29 . بەنۇ جۇشەم يەھۇدىيلىرى بەنۇ ئاەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ.

30 . بەنى ئەۋس يەھۇدىيلىرى بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ.

31 . بەنى سەلەبە يەھۇدىيلىرى بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ. كىمكى باشقا بىرسىگە ناھەقچىلىك قىلسا ياكى بىرەر جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ.

32 . جەفنە ئائىلىسى سەلەبەنىڭ بىر تارمىقىدۇر. بۇ سەۋەپتىن سەلەبەلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان نەرسىلەر، ئۇلارنىڭ ئايماقلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر.

33 . بەنى شۇتەيبەمۇ بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايدۇ (ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىدۇ، يامانلىقتا ھەمكارلاشمايدۇ).

34 . سەلەبەلەرنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) مەۋلالىرىغا ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

35 . يەھۇدىيلار ئىچىدە ياشايدىغانلار يەھۇدىيلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

36 .

1 – بۇلار (يەھۇدىيلار) دىن ھېچكىم مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) نىڭ رۇخسىتىسىز مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي يۈرۈشكە چىقسا بولمايدۇ.

2 – يارىلانغۇچىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش چەكلەنمەيدۇ. بىراق كىم بىراۋنى ئۆلتۈرسە، ئاقىۋەتتە ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى جاۋابكارلىققا مەھكۇم قىلغان بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بۇ ناھەقچىلىك بولىدۇ (يەنى بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ناھەقچىلىك قىلغان بولىدۇ) ئاللاھ بۇ قانۇنلارغا رىئايە قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر.

37 .

1 – ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە يەھۇدىيلارنىڭ چىقىملىرى ئۆزىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ چىقىملىرىمۇ ئۆزىگە ئائىت بولىدۇ. بۇ كېلىشىم تەرەپدارلىرى، ئۆزلىرىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلارغا قارشى بىر-بىرى بىلەن يار- يۆلەكتە بولىدۇ. بىر-بىرىگە سەمىمىي، سادىق بولىدۇ ۋە نەسھەت قىلىشىدۇ، گۇناھتا ئەمەس، ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىدۇ.

38 . ھېچكىم ئىتتىپاقدېشىنىڭ خاتالىقىنىڭ سەۋەبلىك جازالانمايدۇ. ياردەم زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى تەرەپكە قىلىنىدۇ (شۇنداقلار دۆلەتكە زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا باشقىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزسە بولىدۇ).

38 . ئۇرۇش جەريانىدا يەھۇدىيلارمۇ مۆمىنلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ (يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇرۇش چىقىملىرىنى تەڭ كۆتۈرىدۇ.)

39 . بۇ بېتىمغا تەرەپ بولغانلار ئۈچۈن يەسرىپ ۋە ۋادىسى (جەۋف) ھەرەم (مۇقەددەس زېمىن) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

40 . ھىمايە قىلىنغۇچى ھىمايە قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇپ، زۇلۇم قىلىنمايدۇ، زۇلۇم قىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ (ئىسلام دۆلىتىدىكى غەيرى مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ).

41 . ھىمايە ھەققى بېرىلگەنلەردىن باشقا (ھىمايە قىلىنغۇچى كىشى) باشقا بىر كىشىنى ھىمايىسىگە ئالالمايدۇ (يەنە بىر شەرھتە ئايال كىشىگە پەقەت ئائىلىسىنىڭ ئىزنى بىلەن ھىمايە قىلىش ۋە قىلىنىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، دېيىلگەن).

42 . بۇ بىتىمغا تەرەپ بولغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بېرىشتىن ئەندىشە قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ئۆلتۈرۈش، زىيان ۋە ۋە دەتالاشلاردا ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇھەممەدكە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ بىتىمغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە رىئايە قىلغانلار بىلەن بىللىدۇر.

43 . قۇرەيشلىكلەر ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچىلار ھىمايىگە ئېلىنمايدۇ (يەنى دۆلەت دۈشمەنلىرى قوغدالمايدۇ، ھىمايە قىلىنمايدۇ).

44 . ئەھلى يەسرىب (مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار) يەسرىبكە تاجاۋۇز قىلغانلارغا قارشى بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ.

45 .

1 – ئەگەر (يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن) سۈلھى تۈزۈشكە چاقىرىلسا ياكى مۇشۇنداق بىر سۈلھىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنسا، بۇنى ئادا قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ. ئەگەر (مۇسۇلمانلارمۇ) ئوخشاش ئىشقا چاقىرىلسا، مۆمىنلەرمۇ ئوخشاشلا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. لېكىن، دىن يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

2 – ھەر جامائەت ئۆزىگە تەۋە رايونغا مەسئۇل بولىدۇ.

46 . بۇ بىتىمدە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەر، ئوخشاش شەكىلدە ئەۋس يەھۇدىيلىرىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە، بىتىمدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە قەتئىي ۋە تولۇق يۈرگۈزۈلىدۇ. بەلگىلىمىلەرگە شەرتسىز رىئايە قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلىنمايدۇ. ناھەق يوللار بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ (ياكى ھەركىم ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ). ئاللاھ بۇ بىتىمدا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا ئەڭ توغرا ۋە مۇكەممەل ھالدا رىئايە قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.

47 . بۇ بىتىم ئۇۋال قىلغۇچى ياكى جىنايەت سادىر قىلغۇچىغا جازا بېرىشنى توسۇپ قالمايدۇ. جەڭگە ئاتلانغان ياكى يەسرىب شەھرىدە قالغان كىشى ئامانلىق ئىچىدە بولىدۇ. جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھىمايىسى بۇ بىتىمدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا سادىقلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

 

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر

مەدىنە ۋەسىقىسى مەزمۇنى ۋە كۆرسەتمىسى (وثيقة المدينة المضمون والدلالة) ئۈممەت قىسىملىق كىتابچىلىرى، 110-كىتاب

مۇھەممەد ھەمىدۇللاھنىڭ ئەسىرى : سىياسى ۋەسىقىلەر مەجمۇئاسى، دوكتورلۇق ماقالىسى، دۇنيادىكى تۇنجى يازما ئاساسىي قانۇن ط دار النفائس 1985 ص 41 و 47 (محمد حميد الله: مجموعة الوثائق السياسية للعهد النبوي والخلافة الراشدة ص39-40)

 

ئەسكەرتىش:

تەرجىمە پىروفېسسور سەرۋەت ئارماغاننىڭ ”بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى“ ناملىق كىتابىدىكى مەدىنە ۋەسىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە باتۇر قاراخانلى تەرجىمە قىلغان نۇسقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*