كۈنىمىز سەلەفىييەلىكىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش – سەلەفىييەلىكنىڭ سەئۇدى سەلەفىييە ۋە جىھادى سەلەفىييە دەپ ئىككىگە ئايرىلىشى

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك –ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

سەئۇدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق كۈچ بولغان ۋاھھابىلىق، 1930 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مىللىتارىستلىق خاسلىقىنى تېزلا يوقىتىپ ئورگانلاشتى. بۇ ئەھۋال، ۋاھھابىلىقنىڭ دۆلەتكە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ھۆكۈمدارلىرى تەدرىجى ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن سىياسەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ۋاھھابى ئۆلىمانىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى پۈتۈنلەي رەسمىي دىنى ئورگانلارغا ئۆتكۈزۋېلىندى. بولۇپمۇ تىجارەت، ئىش ۋە ئاممىۋى ساھەلەردىكى سېكۇلەر قانۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى، نېفىت چىقارغاندىن كېيىنكى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ ئەللىرى بىلەن ھەر ساھەدە ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتلەر، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئاندا – ساندا دىنى مەنبەلىك ئۆكتىچىلىككە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، « رەسمىي » ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە ۋاھھابى ئۆلىمانىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىندى.  

« سەئۇدى » سەلەفى ئېقىمى دېيىلگەندە، كېيىنكى بابتا توختىلىدىغان جىھادى ئېقىملاردا كۆرۈلگەننىڭ ئەكسىچە، ۋاھھابىلىق تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي ئاپپاراتلاشقان دىنى ۋە مەزھەبى ئىدىئولوگىيەسىنى بايان قىلىۋاتىمىز. سەئۇدىنىڭ سىرىتىدىمۇ مەزكۇر قۇرۇلمىغا ئوخشاش ئويلايدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان كۆپ ساندا تەشكىلاتلار بار. بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ دىنى ۋە چۈشەنچە مەنبەسى يەنىلا سەئۇدى دىنى ئورگانلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئۆلىمادۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچىدە بۇ ئورگانلاردىن ئىقتسادىي ياردەم ئالغان تەشكىلاتلار بار. مەسىلەن: ئەسلى سەئۇدىيلىق بولمىغان ئامېرىكىلىق دوكتۇر ئاقەل ۋولكېر ( Dr. Aqeel Walker )غا ئوخشاش كىشىلەرنى ياكى كانادادىكى TROID ( The Reign of the Islamic Da’wa )غا ئوخشاش گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتلارنى سەئۇدى سەلەفىييە قاتارىدىن، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

سەئۇدى سەلەفىييەسىنىڭ كۈنىمىزدىكى ۋەكىللىرى « ھەيئەتۇ كىبارىل ئۇلەما ( بۈيۈك ئالىملار بىرلىكى ) »، « رابىتاتۇل ئالەمىل ئىسلام »، « ئىدارەتۇل بۇھۇس »قا ئوخشاش سەئۇدىنىڭ رەسمىي دىنى ئورگانلىرى بىلەن ياكى سەئۇدىدىكى دىنى تەلىم – تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فاكۇلتېتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەردۇر. بۇ ئېقىمنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەخسلىرىدىن بىرىسى مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلىقى بولغان سابىق مۇپتى ئابدۇلئەزىز بىن باز ( ۋاپات، 1999 )، 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇھەددىسلىرىدىن بىرسى بولغان ناسىرۇددىن ئەل – ئەلبانى ( ۋاپات، 1999 )، يەمەندىكى « دەمماج دارۇل ھەدىس »نىڭ قۇرغۇچىسى مۇقبىل ئەل ۋادىئى ( ۋاپات، 2001 )، مەشھۇر ئاقىد ئالىمى مۇھەممەد ئىبنۇل ئۇسەيمىن ( ۋاپات، 2001 )، ھازىرمۇ باش مۇپتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئالۇش شەيخ، بۈيۈك ئالىملار ھەيئىتىنىڭ مەشھۇر ئەزالىرىدىن سالىھ ئەل فەۋزان، چاغداش زاماننىڭ ئەڭ مەشھۇر جەرھ ۋە تەدىل ئۇستازى دەپ قارالغان رەبى ئەل مەدخالى، مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى ئۇبەيدە ئەل جابىرىغا ئوخشاش پەتىۋالىرى ۋە يازما ئەسەرلىرىدىن بۇ ئېقىمنىڭ جىھادچىلاردىن روشەن پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.   

ۋاھھابى بىر ئەمىردىن زىيادە ئىسلامچى لىدىر بولغان پادىشاھ فايسال ( ۋاپات، 1974 )نىڭ دەۋرى، ئىسلامچىلىق ئېقىمىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرگەن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. 1950 – يىللاردىكى ئاساسلىق ئىددىئولوگىيە بولغان ۋە مەۋجۇت ئەرەب ھاكىم مۇتلەق مۇستەبىتلىرىگە قاتتىق خەۋپ تۇغدۇرىۋاتقان بائاس خاراكتېرلىق ئەرەپ سوتسىيالىزمىغا، پەقەت ئىسلام ئىتتىپاقى قۇرۇش ئارقىلىق قارشى تۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن فايسال، بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن كىلاسسىك ۋاھھابى تەلىماتلىرىدىن باشقا، زامانىۋى ئىسلامچى ۋەزلەرنى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتە كۆپ ئىشلەتتى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ۋە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولغان شەرىئەت فاكۇلتېتلىرى، مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە رابىتاغا ئوخشاش ئورگانلار بۇ مەزگىلدە مۇھىم رول ئوينىدى. ۋاھھابىلىقنىڭ بېكىنمە ۋە چەتكە قاققۇچى ئىددىئولوگىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە بەلكىم مۇستەملىكىگە ئۇچرىمىغانلىقى سەۋەبىدىن سىياسىي ۋە رادىكال ئىسلامى ئېقىملار بىلەن ئۇ مەزگىلگىچە تونۇشمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىسلامچىلىقنىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە تارقىلىشىدا سەئۇدىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىسىر، سۈرىيە، ئىراققا ئوخشاش ئەللەردە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا پاناھلانغان سەلەفىييەلىكە  مايىل ئىسلامچى ئوقۇتقۇچىلار مۇھىم رول ئوينىدى[1].

جۇھەيمان ئەل ئۇتەيبى ۋە ئۆزلىرىنى ئىخۋان دەپ ئاتىغان جامائەتنىڭ 1979 – يىلىدىكى قانلىق مەسجىدى ھەرام ئىشغال ھەرىكىتى، مەسىھچى – مەھدىچى تەرەپدارلار قوللىغان ۋە ۋاھھابى – سەلەفى چۈشەنچەنى ياقلايدىغان ھاكىمىيەتكە قارشى نارازلىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جىھاد ئۇقۇمى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، سەئۇدى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىنغان سىياسىي ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. لېكىن جۇھەيماننىڭ پىكىرلىرى، ھەرىكەت شەكلى ۋە تالىپلىرىغا قارىغان ۋاقىتتا، رەسمىي سەئۇدى سەلەفىييە كىملىكىدىن پەرقلىق تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلمەكتە. سەئۇدى ھاكىمىيىتىنىڭ 1744 – يىلىدىكى ئالىم – ئەمىر ئىتتىپاقى روھىدىن يىراقلىشىپ كەتتى دەپ قارىغان جۇھەيمان، سەئۇدى ھۆكۈمدارلىرىنى كاپىرلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئەجنەبىلەرگە ئۈستەك بېرىش، مۇقەددەس تۇپراقلارنى ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش، ئەرەبىستاندا مۇشرىك ۋە كاپىرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان جىھادنى توسۇش بىلەن ئەيىپلىمەكتە ئىدى[2].

مەزھەپ نۇقتىسىدىن لەنەت قىلىنغان ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋى پۈۋلىگەن روھى بىلەن سەلەفىلەرنىڭ سىياسەتكە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئافغانىستان جىھادى ( 1979 – 1988 ) بولسا، نەزەرىيەۋى سىياسىي ئاڭنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇئەييەن گۇرۇپپىغا ئەمەلىي شەرت – شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئافغانىستانغا بارغان ئەرپ مۇجاھىتلىرى جىھات مۇھىتىدا رادىكاللاشقانىدى. بۇ سەۋەپتىن 1970 ۋە 1980 – يىللار سەلەفىييەلىكتە پەيدا بولغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى ۋاھھابىلىقنىڭ سالمىقى ئازىيىپ، زامانىۋى ئىسلامچى تۈس قويۇقلىشىشقا باشلىغانىدى. ئابدۇلئەزىز بىن باز ۋە ئىبنۇل ئيسەيمىنغا ئوخشاش ئەنئەنىچى ئالىملاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ناسىر ئەل ئۇمەر، ئائىز ئەل قارنى، ئىبراھىم ئەد دەۋىش، مۇھەممەد ب. سەئىد ئەل قەھتانىغا ئوخشاش شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان ۋە ئۆزلىرىنى « شۇيۇھۇس ساھۋە ( ئاقارتىش ئالىملىرى ) » دەپ ئاتىغان بىر تۈركۈم يېڭى سەلەفى نەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ ئۆزگىرىش باسقۇچىنى تېخىمۇ ئېنىق نامايەندە قىلماقتا. سەلمان ئەل ئاۋدا ۋە سەفەر ئەل ھاۋالى بولسا مەزكۇر يېڭى نەسىلىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى سۈپتىدە تارىختىن ئورۇن ئالماقتا.

سەئۇدى خان جەمەتى ۋە باشقا سەئۇدى پۇقرالىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان دىنى جەھەتتىكى بوشاڭلىق ۋە بۇزۇلۇش، سەلەفى ئۆلىمالاردا « نېمە بولاۋاتىمىز؟ » دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىش بىلەن ھۇدۇقۇش كەيپىياتى ھاسىل قىلغانىدى. 1991 – يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇشى ۋە ئامېرىكىلىق ھەربىي خادىملارنىڭ سەئۇدىغا ئورۇنلىشىشى، ھەربىي بازا قۇرۇشىغا سەئۇدى خان جەمەتى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسەت قىلىشى، يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. بۇ سەلبىي ئۆزگىرىشلەر بەزىلەرگە نىسبەتەن ئىبن ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىككى يۈز  ئەللىك يىل بۇرۇن سەئۇدى جەمەتىگە سۇنغان ئىتائەت قىلىش شەرتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. يەنى سەئۇدىي ھاكىمىيىتى دىن جەھەتتىن قانۇنىيلىقىنى (ھەقلىقلىقىنى) يوقاتقانىدى.

ئاۋدە ۋە ھاۋالىنىڭ 1991 ۋە 1992 – يىلىدا پادىشاھ فەھدكە ۋە باش مۇپتى ئىبن بازغا يازغان مەكتۇپلىرى بۇ ئەھۋالنى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەكتۇپتا يورۇتۇلغان ئاساسىي مەقسەت، باشقا سەلەفى شەيخلەرنىڭ قاراشلىرىدىن خېلىلا پەرقلىق ئىدى. بولۇپمۇ 1991 – يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇشى، ئۇرۇشتىن كېيىن بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىچكى – تاشقى سىياسەتلەر قاتتىق ئۇسلۇپتا تەنقىد قىلىنغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر مەكتۇپتا تېخىمۇ كۆپ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ھاكىمىيەتكە ئارلىشىش ھوقوقىغا ئىگە بولۇش ھەققىدە بىر قاتار ئىسلاھات تەلەپلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن ئىجتىمائى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە شەرئى قانۇنلارغا قايتىش، ئۆلىمالارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتلىرىنى نازارەت قىلىش ھوقوقى بېرىش، تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقلىرىنى ئىسلاملاشتۇرۇش، تاراتقۇلارغا قارىتا دىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش، ئەڭ باشتا يەھۇدىيلار ۋە باشقا دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋە مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئارمىيە بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىنغانىدى[3]. بىن باز يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ ئالىي دىنى ئورگان بولغان « بۈيۈك ئالىملار ھەيئىتى » ئاۋدە ۋە ھاۋالىنىڭ قاراشلىرىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى پىتنە دەپ ئاتىغان. بۇ پەتىۋا نەتىجىسىدە يۇقىرىدىكى ئالىملار خىزمەتلىرىدىن توختىتىلىپ، كىتاپلىرى يىغىۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالىملار 1994 – يىلى سېنتەبىردە قولغا ئېلىنىپ، 1999 – يىلى ئىيۇنغىچە بەش يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان.

ھاۋالىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پارس قولتۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدە باش مۇپتى ئىبن بازغا يازغان ئۇزۇن مەكتۇپ « ئۈممەتنىڭ ئالىملىرى ئۈچۈن مەۋجۇت مۈجمەللىكنىڭ ھەل قىلىنىشى » سەرلەۋھە بىلەن كىتاپ شەكلىدە نەشىر قىلىنغانىدى. سەئۇدى دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۈچلۈك قوللىشىنى بەزى سەلەفى ئالىملارنىڭ شەرئى دەلىللەر بىلەن قۇۋەتلەندۈرۈشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى تەنقىد قىلغان ھاۋالى، كىتابىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى پەرقلىق دۆلەت شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇلاردىن بىرسىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇلاردىن بىرسى « ئەقىدە دۆلىتى » بولۇپ، مەقسىتى جىھاد قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش. يەنە بىرسى بولسا « پاراغەت دۆلىتى » بولۇپ، دۇنيالىق ئارزۇ – ھەۋەسلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇ دۆلەتنىڭ مەقسىتى، غەرپلىشىش بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى ئىدى[4]. يەنە پارس قولتۇقى ئۇرۇش ھەققىدە يازغان « ھەقائىق ھاۋلە ئەزمەتىل خەلىج » ناملىق كىتابىدا يۇقىرىدىكى ئوخشاش نەزىرىيەلەرنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەئۇدىدا ھەربىي بازا قۇرغان ئەجنەبىي كۈچلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇقەددەس زېمىنلارنى ئىشغال قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[5].

كېيىنكى مەزگىلدە مەزكۇر « ئىشغال » ئىدىئاسىنى ئەڭ باشتا ئۇسما بىن لادىن ۋە باشقا ئىسلامچى ئۆكتىچىلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانىدى. سەئۇدىدىكى ئەجنەبىلەرگە قارىتا ھەرىكەتلەرنىڭ فىقىھ دەلىلىمۇ كېيىنكى مەزگىلدە مەزكۇر قاراشنى ئاساس قىلغانىدى. بىز سەئۇدىلار دەپ ئاتايدىغان رەسمىي سەلەفى ئۆلىما بىلەن ئۆكتىچى سەلەفى جىھادى ئېقىم ئارىسىدىكى چۈشەنچە ۋە مۇئامىلە پەرقلىرى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە روشەن گەۋدىلەنمەكتە:

1-سەئۇدىييە: ۋەزلىرىدە ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ ئورنىغا ئەقىدىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دەۋەت ۋە جىھات پائالىيەتلىرى ئەقىدە جەھەتتىن ساپا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدىغان پايدىسىز ئىشلاردۇر.

جىھادىييە: ئەقىدە بىلەن ئەمەلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ھايات، ئىما ۋە جىھادتىن ئىبارەت. ئىمان ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم بولغان بولسا، ئۈممەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىينچىلىقلىرى، جاھانگىرلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدە ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

2- سەئۇدىييە: ئاساسەن بىدىئەتلەر، ناماز، ھەج، نىكاھ، چۈمبەل، ساقال، قەۋرە ھەققىدە يازىدۇ، ۋەز قىلىدۇ.

جىھادىييە: ئاساسەن ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت، يەھۇدىلار، خىرىستىيانلار، ئامېرىكا ۋە سىيونىست سۈيقەستلەر، سىياسىي كۈرەشلەر، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىھادلار، جىھاد جەريانىدا يۈز بەرگەن مۆجىزىلەر، شاھادەت ۋە شېھىتلەر ھەققىدە يازىدۇ، ۋەز ئېيتىدۇ.

3- سەئۇدىييە: ناماز ئوقۇيدىغانلار دۆلەت رەئىسىگە ئىتائەت قىلىش لازىم. ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىش خاۋارىچلىقتۇر.

جىھادىييە: ھۆكۈمدارلارنىڭ كىملىكلىرى ۋە دىنى ھاياتىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئىجرائاتلىرىغا قاراش لازىم. مۇسۇلمان بولغان مۇڭغۇللار ئىجرا قىلغان قانۇننى كۇپۇر دەپ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى پەرز دېگەن ئىبن تەيمىييەنىڭ مەشھۇر تاتار پەتىۋاسى، بۇ گۇرۇپپا ئىشلىتىدىغان ئەڭ مۇھىم دەلىلدۇر.

4- سەئۇدىييە: ئۆتمۈشتىن بىدىئەتچى ۋە زالىم ئابباسى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغان ئەھمەد ب. ھەنبەل، شامنى مۇھاسىرىگە ئالغان مۇڭغۇل خاقانى غەزەن خانغا بېرىپ، ئامانلىق تىلەپ خەلقنى قەتلىئامدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىبن تەيمىييە، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن ئىبن ئابدۇلۋاھھاب قاتارلىقلارنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

جىھادىييە: ئۆتمۈشتىن ئابباسىلارنىڭ قىيناشلىرىغا قەھرىمانلارچە باش ئەگمىگەن ئەھمەد ب. ھەنبەل، تاتارلارغا قارشى قىلىچ ئويناتقان ئىبن تەيمىييە، باغدات كوچىلىرىدا ھاراملارغا قارشى ئەمەلىي كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلغان ئىمام بەربەھارى، مۇشرىك ۋە پاسىقلارغا قارشى ئەرەبىستاندا جىھاد ھەرىكىتى قوزغىغان ئىبن ئابدۇلۋاھھابنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

5- سەئۇدىييە: مەشرۇ (قانۇنلۇق) ئىمامنىڭ (ئەمىر) رۇخسىتى ۋە ئەمرى بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن پەلەستىن، كەشمىر، چېچەنىستان قاتارلىق جايلاردىكى جىھادى كۈرەشلەرنى قوللىمايدۇ. ئۈممەت قوراللىق جىھادقا تېخى تەييار ئەمەس. ئۇنداقتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، مۇسۇلمانلارنى شېرىكنى تەرك قىلىپ تەۋھىدكە چىڭ ئېلىشقا دەۋت قىلىش ۋە ئىسلام ئالەمنىڭ سەلەفى ئەقىدىسىدە بىرلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

جىھادىييە: جىھاد كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ۋەزىپە. مۇئمىنلەرنىڭ مەشرۇ يېتەكچىسى (قانۇنلۇق ئىمام ياكى ئەمىر) بولمىغان زامانلاردا، مۇسۇلمان جامائەتلەر ئۆز ئىچىدە تاللىغان بىر كىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە جىھاد قىلىشى كېرەك.

6- سەئۇدىييە: مۇستەبىت ۋە مەلۇم گۇرۇپپا يېتەكچىلىكىدە ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە مايىل بولۇپ، ئاممىۋى دىموكراتىيەلىك تۈزۈملەردىن يىراق تۇرىدۇ. دىموكراتىيە، ئاۋامنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارلىشىشى دېگەندەك چاغداش سىياسى ئۇقۇملارنى بىدىئەت دەپ قارايدۇ.

جىھادىييە: جىھادى ئېقىمدىمۇ سەئۇدىييەگە ئوخشاش دىموكراتىيەگە قارشى غول ئېقىملار مەۋجۇت. لېكىن جىھادچى ھەرىكەتلەر كۆز ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ مەۋجۇت ئەرەپ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ۋە دېكتاتۇرلىرى دەپ قارىغانلىقتىن ئادالەت، ھۆرلۈك ۋە سايلام ئۇقۇملىرى دائىرىسىدە ئىپادىلەنگەن تەلەپلەر جىھادى كۈنتەرتىپلەرنىڭ ۋازكەچكىلى بولمايدىغان ئامىللىرىغا ئايلانغان.

7- سەئۇدىييە: باشقا ئىسلامى جامائەت ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىقا قىزغىن ئەمەس. بىر جامائەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ « قۇرئان ۋە سۈننەت ئىچىدە »، يەنى توغرا بولغان سەلەفىلىك ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ شەرت ئادا بولمىغان بولسا، بۇ خىل جامائەتلەردىن « ھخىر » پىرىنسىپىغا ئاساسەن يىراق تۇرۇش لازىم.

جىھادىييە: جاھانگىرلارغا قارشى كۈچلۈك سەپ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سەلەفى بولمىغان باشقا ئىسلامى جامائەت ياكى گۇرۇپپىلار بىلەن زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ. پىرىنسىپ خاراكتېرلىك ئوخشاشماسلىقلارنى كېيىنچە ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىش لازىم. ئەل قائىدە ( بازا ) تەشكىلاتنىڭ تەكتىدە ھەنەفىلىك ۋە سوپىلىقنى ياتقان تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقىنى، مانا بۇ چۈشەنچىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

8- سەئۇدىييە: چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى كاپىر دەپ قارىمايدۇ، كۇپۇر بىلەن ئىمان بىر مۇددەت بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىبن تەيمىييەدە كۆرۈلگەن « كۇفر دۇن كۇفر ( كۇپۇردىن كىچىك كۇپۇر ) »، « كۇفر لا يەنقۇل ئەنىل مىللە ( دىندىن چىقارمايدىغان كۇپۇر ) » دېگەندەك يۇمشاتقۇچى ئۇقۇملارنى ئىشلىتىدۇ.

جىھادىييە: تەكفىر جەھەتتە ناھايىتى ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ  پات – پات ئورگانلارنى، دۆلەتلەرنى، ھەتتا بارلىق ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ بىر خەلقنى تەكفىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان « ئېقىپ كەتكەن ئۈممەت »، « جاھالەت ئىچىدىكى خەلق » دېگەندەك ئۇقۇملارنى كۆپ ئىشلىتىدۇ[6].

گەرچە سەئۇدى ۋە جىھادى سەلەفىلەر يۇقىرىقىدەك چۈشەنچە ئوخشىماسلىقى بولسىمۇ، لېكىن سەلەفىييەنىڭ « ئىسلام سۈننەتتۇر، سۈننەتمۇ ئىسلامدۇر » پىرىنسىپىدا ھەمپىكىردۇر. ئىمان – تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەلدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى، كالامۇللاھ، رۇيەتۇللاھ ( ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈش )، شاپائەت، دەججال، مەھدى، ھەزرىتى ئىسانىڭ يەر يۈزىگە چۈشىشى، دۇئا – شېرىك مۇناسىۋىتى، قەۋرە زىيارەتلىرى، تۇمارنىڭ ھۆكمى، دىنى تېكىستنىڭ زاھىرىنىڭ ئاساس قىلىنىشى، مۇئمىننىڭ ئەبەدىي ئازاپتىن قۇتۇلۇشى… دېگەندەك كىلاسسىك ئۇسۇل مەسىلىلىرىدە ھەق ( توغرا ) قاراش سەلەف ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدۇر. بىدىئەتلەر ۋە بىدىئەتچىلەر بىلەن، بولۇپمۇ شىئە مەزھىبى ۋە تەرىقەتچىلەرگە قارشى توختىماستىن كۆرەش قىلىش قىلىش كېرەك.

جىھادى سەلەفىلىكنى ۋاھھابىلىق بىلەن زامانىۋى سىياسىي ئىسلامچىلىقنىڭ بىرلەشمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ھەرىكەت مەۋجۇت سەلەفىييەنى ناھايىتى بىئارام قىلغان. چۈنكى بۇ يېڭى ۋە ئۆكتىچى ئېقىم ھەر دائىم دۆلەت ئىددىئولوگىيىسى دىن بولغان ۋاھھابىلىقنىڭ روھىغا ياتتۇر. ئىسلامچىلارمۇ بۇلاردىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى بۇ چۈشەنچە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى نامەلۇم بولغان ۋە پات – پات تېزگىنلىگىلى بولمايدىغان پىكىر – چۈشەنچە ۋە گۇرۇپپىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. 

 

 


[1]  سەئۇدى ئەرەبىستاندا 1930 – يىللىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي، كۈلتېر خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈش ۋە دىن – دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بۈيۈككارانىڭ « ئىخۋاندىن جۇھەيمانغا » ناملىق ئەسىرىنىڭ 133 – 191 – بەتلىرىگە قاراڭ.

[2]  جۇھەيماننىڭ قاراشلىرى، ھەرەم ئىشغالى ۋە ۋەقەنىڭ نەتجىسى ھەققىدە بۈيۈككارانىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەرنىڭ 194 – 234 – بەتلىرىگە قاراڭ؛ ئا. ملف.، « كەبىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى »، ئىستانبۇل، 2005، 95 – 144 – بەتلەر؛ ئا. ملف.، « سەلەفىلىكنىڭ يېقىن تارىخىدا مۇھىم ياپراق: يېڭى ئىلىملەر نۇرى ئاستىدا جۇھەيمان ئەل ئۇتەيبى ۋە جامائىتى »، مارىفە، 9/3 ( 2009 )، 21 – 46 – بەتلەر.  

[3]  « رىسالەتۇل ئۇلەما فىس سەئۇدىييە ئىلەل مەلىك فەھد ۋە مۇزەككىراتۇن ناسىھا » ناملىق مەكتۇپلىرىدىكى تەلەپلەر ھەققىدە R.H. Dekmejian نىڭ « The Rise of Political İslamism in Saudi Arabia » ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ، Middle East Journal، 48 ( 1994)، بەت، 630 – 4.

[4]  سەفەر ئەل ھاۋالى، « كەشفۇل غۇممەئان ئۇلەمائىل ئۇممە »، 59 – 62 – بەتلەر. بۇ كىتاپ 1991 – يىلى لوندوندا 159 بەت ھالىتىدە نەشىر قىلىنغان. بىزنىڭ مەنبە ھاۋالىنىڭ ئىنتىرنەت تور بېتى بولغان « www.alhawali.com »دىكى 62 بەتلىك ۋەرد نۇسخسىدۇر.

[5]  M.Fandy, “ Safer al Hawali: Saudi Islamist or Saudi Natinnalist?”, Islam And Christian – Muslim Relations, 9 (1998), 14 – بەت

[6]  زامانىۋى سەلەفىييەدىكى سەئۇدى – جىھادى ئوخشاشماسلىقلار ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مەلۇمات ۋە قاراشلار ھەققىدە تۆۋەندىكى ئەسەرلەرگە قاراڭ. بۈيۈككار، « 11 – سېنتەبىردە كۈچەيگەن ئايرىلىش: سەئۇدى سەلەفىييە ۋە جىھادى سەلەفىييە »، دىنى تەتقىقات، 20 ( 2004 )، 205 – 234 – بەتلەر؛ a.mlf. ، « بىز ئۇ ئازغۇنلاردىن ئەمەس: سەلەفىلەرنىڭ سەلەفىلەردىن يىراقلىشىشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر »، ئىسلامىيەت، 10/1 (  2007 )، 57 – 76 – بەتلەر؛ a.mlf. ، « كۈنىمىزدە سەلەفىلىك ۋە ئىسلامى ھەرىكەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى »، [ تارىختا ۋە كۈنىمىزدە سەلەفىلىك »، ئەد. ئەھمەت كاۋاس، ئىستانبۇل، 2014 ] ئىچىدە، 485 – 524 – بەتلەر. 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*