كۈچنىڭ قىسقا تارىخى

2019-يىلى 20-نويابىر

كۆلتىگىن

سىياسەت بىلىمدە كۈچ ئۇقۇمى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇقۇمدۇر. چۈنكى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۈچنىڭ كىمدە بولۇشى ھاكىمىيەتنىڭ، باشقۇرۇشنىڭ ۋە ھوقۇقنىڭ ھەتتا «ئادالەت»نىڭ شۇنىڭدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا دۇنيانى كۈچلۈكلەر باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە،بۇ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت.

بۇ يازمادا تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە كۈچ ئۇقۇمىغا قانداق تەبىر بېرىلگەنلىگى ۋە نېمىنىڭ ھەقىقى كۈچكە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئىنسان ئۈچۈن كۈچنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئوخشاش مۇھىمدۇر. ئەلۋەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈچتىن مەھرۇم قالغان ياكى قالدۇرۇلغان بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىمدۇر.

ھارىزقى زامان سىياسەت بىلىمىدە كۈچكە مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ:
”كۈچ بىر ھاكىمىيەتكە خالغىنىنى قىلدۇرىدىغان ياكى بىر ھاكىمىيەتنىڭ يەنە بىر ھاكىمىيەتكە زورلاش ۋە بېسىم قىلىش ئارقىلىق خالغىنىنى قىلدۇرۇشتا رول ئوينايدىغان قورالىدۇر.» ( Andrew Haywood, Political Science ).كۈچنىڭ يەنە بىر تەبىرى بولسا ساھىب بولغۇچىغا ئىستىگىنىنى قىلشقا ھەق ( Legitmacy ) ئاتا قىلدىغان ۋاستەدۇر. “

بۇ ئېنىقلىمنى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن تارىخى جەريانى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەن بۇ يازمىدا بۇ كۈچنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارنىڭ تارىختىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى قىسقىچە بايان ۋە ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە يېقىن كەلگۈسىدە يەنە نېمىنىڭ كۈچكە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھىلىلىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. باشلىنشتىن بۇرۇن ئوقۇرمەنلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويىدىغىنىم ، بۇ يازمىدىكى ئانالىز ۋە تەھىلىلەرنىڭ ھەممىسى ياۋرپا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. زامان دائىرىسى بولسا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4500-يىللىرىدىن مىلادى 2100-يىللىرىغىچە بولىدۇ.

1- مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-4500 يىللاردىكى كۈچ – ئەپسانە

بۇ دەۋر تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىككى بۈيۈك مەدەنىيەت بولغان سۇمەر ۋە مىسىر مەدەنىيتىنى كۆرستىدۇ.

گەپنى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت بولغان سۇمەر / سۇمەرلەردىن باشلايلى. سۇمەرلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000- يىللاردا ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاكىمىيەت تىكلىگەن خەلق بولۇپ ئىنسانىيەت تارىخدىكى تۇنجى يېزىقنى ئىجاد قىلغان ( م.ئۆ 3500-يىللىرى) . شۇنداقلا بۇ ھازىرغىچە بىلىنگەن ئەڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەتتۇر. بۇ ۋاقىتتا ھازىرغىچە بىز بىلىپ كىلىۋاتقان ئەپسانىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىيلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. سۇمەرلەردىن كېيىنكى ئىككىنجى چوڭ مەدەنىيەت بولغان قەدىمكى مىسرمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىني ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرىنى سۇمەرلەردىن ئالغان. بۇ ئەپسانىلەر پۈتۈن بۇ تارىخى جەرياندا ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. مانا بۇ ئەپسانىلەرنى ئەڭ ياخشى تەرىقىدە توقۇپ چىققانلار ياكى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالىغانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەم ھالدا ئېلىپ ماڭالىغان. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇ ئەپسانىلەردىكى ئىلاھلارنىڭ پۇشتى ، يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى ، ئىلاھ تاللىغان كىشى، ئەپسانەدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئەۋلادى ، ئەنئەنەسىنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ قارايتتى ياكى خەلققە شۇنداق كۆرسىتەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكنى قانۇنلاشتۇراتتى (مەشرۇلاشتۇراتتى). بۇ ئەپسانىلەرنىڭ يەنە خەلق ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىپ ئىجتىمائىي توپلۇق ۋە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرەتتى. دېمەك ئەپسانىلەر يۇقىرىدا باشقۇرغۇچى سىنىپنى تەشكىل قىلش ۋە ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىسا ، تۆۋەندە خەلقنى بىر ئىدېئولوگىيە بايرىقى ئاستىغا توپلاپ سىياسى بىرلىك ھاسىل قىلاتتى. مانا بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىشىشى كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتنى، يەنى كۈچنى شەكىللەندۈرەتتى.

بۇخىل ھاكىمىيەت شەكىلىنىڭ بىزگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى مىسالى سۇمەرلەردۇر.

سۇمەر دەۋرى كۆپ تەڭرىلىك دىننىڭ باشلانغان دەۋرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەپسانلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەڭىرلەر كۆڭ تەڭرىسى ئانۇ، بەرىكەت، موللۇق ۋە سۆيگۈ تەڭرىسى ئىناننا ۋە ئۇنىڭ ئېرى چوبان تەڭرىسى تاممۇزدۇر .
سۇمەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەپسانىلىرىدىن بىرى بولغان « گىلگامىش داستانى» بۇ نۇقتىدىن غا قاراپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ داستاندا ئەپسانىۋىي پادىشاھ گىلگامىشنىڭ قەھرىمانلىقى ، خەلقىگە كۆيۈمچانلىقى ۋە ئورۇك شەھرى ( ياكى دۆلىتى) ئۈچۈن قىلغان تەڭداشسىز خىزمەتلىرى بايان قىلنىش بىلەن بىرگە (ئىنجلىدا قەيىت قىلدىغان نوھ ئەلەيھىسالام ھەققىدىكى) توپان بالاسى ھەققىدكى رىۋايەتمۇ بايان قىلنىدۇ.

ئورۇك – ئەڭ مۇھىم سۇمەر شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ سۆيگۈ تەڭرىسى ئىناننا ۋە ئۇنىڭ ئېرى چوبان تەڭرىسى تاممۇز بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تەڭىرلىرىدۇر.بۇ سەۋەبتىن ئورۇك شەھىرى سۇمەرنىڭ ئەڭ چوڭ ھايۋان بېقىش مەركەزىگە ئايلانغان.

بىر كۈنى كۆك تەڭرىسى ئانۇ باشقا تەڭىرلەر بىلەن يىغىن ئېچىپتۇ. يىغىندا ئۇلار « ياراتقان جانلىقلىرىمىزنىڭ ھەممىنى يوق قىلايلى» دەپ قارار ئېلشپتۇ. پاراسەت تەڭرىسى ئېئانىڭ ئىنسانلارغا ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ تەڭرىلەرنىڭ ئالدىدا دېيىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. لېكىن بۇ خەۋەرنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرماقچى بوپتۇ. قارسا ئوتاناپىشتم ئىسملىك بىر كىشى بىر ئۆيدە تەڭرىلەرگە دۇئا قىلىۋاتقان ئىكەن. ئېئا تامنىڭ يەنە بىر تەرىپدىن ئۇتاناپىشتىمغا گەپ قىلىپتۇ ۋە «بارلىق بېساتىڭنى سېتىپ چوڭ بىر كېمە ياسات ، ۋە ئۇنىڭغا ئىنسان ۋە ھايۋان تۈرلىرىدىن قانچىلىك ئالالىساڭ شۇنچىلىك ئال، چۈنكى تەڭرىلەر ئىنسانلارنى يوق قىلشقا ئىرادە قىلدى» دەپتۇ. ئۇتاناپىشتىم قايغۇرغان ھالدا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ. باشقىلارغا «تەڭرىمىز ئېئا ماڭا غەزەپلىنپتۇ، مەن باشقا يەرگە كېتىش ئۈچۈن كېمە ياسايمەن » دەپتۇ. ئو پۈتۈن ئورۇك خەلقىنى ئاجايىپ كاتتا يېمەكلىكلەر بىلەن مېھمان قىلپتۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچە كۈندىن كېيىن توپانغا غەرق بولدىغانلىقنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي مول يەپ -ئىچىپ ئوتاناپىشتىمنىڭ كېمە ياسىشىغا ياردەم قىلپتۇ. ئورۇك خەلىقى 7 كۈندە كېمىنى پۈتكۈزۈپ بولۇپتۇ.

كېمە 6 قەۋەتلىك بولۇپ ئېگىزلىگى 60 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر كېلىدىكەن. ئۇتاناپىشتىم ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى، دوست- بۇرادەرلىرى ۋە ياخشى تونۇيدىغان قوشنىللىرى ، شۇنداقلا ھەر جىنس ھايۋان تۈرلىرىنى كېمىگە تولدۇرۇپتۇ. كۈن ئولتۇرغاندا كېمىنىڭ ئىشىگىنى ئېتىپتۇ. كېچىدىن باشلاپ قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ ۋە دېڭىز سۇلىرى تېشىپ پۈتۈن يەر يۈزىدىكى جانلىقلارنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. يامغۇر دەھشىتىنى 6 كۈن 7 كېچە داۋام قىلغاندىن كىين توختاپتۇ. ئۇتاناپىشتىم توپاننىڭ تۈگەپ يەر يۈزىنىڭ كۆرۈنۈپ – كۆرۈنمەگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم كەپتەر ۋە باشقا قۇشلارنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قارغا كېمىگە قايتىپ كەلمەپتۇ ۋە ئۇتاناپىشتىم ۋە باشقا ئىنسانلار يەر تېپىپ كېمىدىن چىقىپتۇ.

يەر يۈزى تەڭرىلىرى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەھشەتتىن قورقۇپ كىتىپتۇ. بۇلارنىڭ ئېچىدە ئايال تەڭرىسى ئىشتار ئىنسانلارنىڭ ھالى ئۈچۈن دەرت – پەرياد چېكىپتۇ ۋە بۇ توپان بالاسىنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە بىردەك ئۇرۇش تەڭرسى ئېنىلنى ئەيىپلەپتۇ. ئېنىل قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇتاناپىشتىمنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھايات بەخىش ئېتىپتۇ…( Muazzez İlmiye Çığ: Gılgamış Destanı)

يۇقارىقى رىۋايەت تۈركىيەلىك سۇمەرشۇناش مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ تەرپىدىن رەتلەنگەن «گىلگامىش داستانى» دىن نەقىل قىلىنغان بولۇپ، گىلگامىش ئۆلۈمسىزلىكنىڭ پىشىگە چۈشكەن سۇمەر پادىشاھىدۇر. يۇقارىقى رىۋايەتنى ئۇ ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسىنى بىلدىغان ئۇتاناپىشتىمنى ئىزدەپ سەپەر قىلغاندا ئۇتاناپىشتىم ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن رىۋايەت ئىكەن. گىلگامىش ئۇتاناپىشتىمدىن ئۆلمەسلىكنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس ئىكەنلىكى، باشقا ئىنسانلارنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئۆلىدىغان قىلىپ يارىتىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا ئادەمنى ياشارتىدىغان بىر تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنى دەپ بېرىدۇ. گىلگامىش مىڭ بىر جاپادا قوللىرىنى قانىتىپ دېڭىزنىڭ ئاستىدىن بۇ ئوتنى ئېلىپ چىقىدۇ. لېكىن خىيالىغا ئورۇك شەھرىدىكى خەلقلىرى كېلىپ « ئۇلار ئۆلسە مېنىڭ ياشىرىپ كەتكىنىمنىڭ بىر پايدىسى يوق» دەپ ئوتنى ئۆزى يېمەي ئۆز شەھەرىگە ئاپىرىپ خەلقى بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئويلايدۇ.

يولدا ماڭغاچ بەك تەرلەپ كېتىپ ئوتنى قىرغاققا قويۇپ سالقىنداش ئۈچۈن دېڭىزغا كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر يىلان كېلىپ ئوتنى يەۋالىدۇ ۋە قاسراق تاشلاپ ياشىرىپ كېتىدۇ. گىلگامىش يىغلايدۇ، قاخشايدۇ. ئاخرىدا تەڭرىنىڭ ئاتا قىلغان تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. (Muazzez ilmiye çığ)

بۇ رىۋايەتنىڭ مۇنداق ئىككى مۇھىم تەرىپى بار. بىرىنچى، گلگامىشىنىڭ دۇنيانىڭ سىرلىرىدىن بىرى بولغان توپان بالاسىنى بىلىشى ۋە تەڭرىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈمسىز قىلىنغان يەنى ئۇلۇغلانغان ئۇتاناپىشتىم بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەن بولۇشى. ئىككىنچى ، ئىنساننى ياشلىقىغا قايتۇرىدىغان ئوتنى ئۆزىلا يەۋەتمەي خەلقىنى ئويلاپ ئاخرىدا ئۆزىنىڭمۇ قۇرۇق قالغانلىقىدەك خەلقچىل مەرد پەزىلىتى. بۇنىڭدىن باشقا گلگامىشنىڭ بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرى بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورۇك شەھرىگە كاتتا سىپىل ياسىتىش، دۈشمەننى قەھرىمانلىق بىلەن يېڭىش، ئورمانلىق ئىچىدىكى ياۋۇز مەخلۇقنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئايال تەڭرىنى ئۆزىگە ئاشىق قىلىش قاتارلىقلار بار. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنىنى تەڭرىلەرمۇ ئاشىق بولغىدەك پادىشاھ دېمەكچى.

گلگامىشتىن كېيىن كەلگەن سۇمەر پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ پۇشتى ۋە پەزىلىتىنى داۋملاشتۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ خەلق ئالدىدا ”قانۇنلۇق ھەق“ (legitimacy )قازانغان. خەلق بولسا ئۆزىنى ئەپسانىۋىي قەھرىمان گلگامىشنىڭ پۇقرالىرى دەپ قاراپ «ئورۇك»لۇق كىملىكىنى شەكىللەندۈرگەن. گىلگامىش ھەقىقەتەن تارىختا ياشاپ ئۆتكەن شەخس. لېكىن «گىلگامىش داستانى» نىڭ ئاپتورىنىڭ كىم ئىكەنلىكى نامەلۇم. بەلكىم گىلگامىش ئۆزى يازغاندۇر ياكى يازدۇرغاندۇر.

يەنە بىزگە بىلىنگەن ئەڭ بۇرۇنقى قانۇن بولغان « خامۇراپى قانۇنى » نىڭ بىرىنجى جۈملىسى مۇنداق باشلىندۇ. « كۆك تەڭرىسى ئانۇ ۋە ئۇرۇش تەڭرىسى ئېنىل مېنى يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تاللىدى…. مەن تەڭرىنىڭ ئادالىتىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇنداق قانۇنلارنى چىقىرىمەن ….
ماددا، بىر كىشى بىرىنىڭ قولىنى چانىۋەتكەن بولسا ئۇ كىشىنىڭمۇ ئوخشاش قولى چانىلىدۇ..
ماددا، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسا زىيانغا ئۇچىرىغۇچى ئۇنىڭمۇ قىزىنى ئولتۈرىدۇ.( غەلىتە شۇنداقمۇ، دادسى ئۆلتۈرسە قىزى جېنىدىن جۇدا قىلنىدۇ. (
ماددا، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ئوغۇل تۇغقىنىنى ئۆلتۈرسە 30 ئالتۇن ، قىزىنى ئۆلتۈرسە 20 ئالتۇن، قۇلىنى ئۆلتۈرسە 20 كۈمۈش تۆلەيدۇ. ( Yuvval Noah Harary: Sapience )

بۇ قانۇندا ئەر ۋە ئايالنىڭ شۇنداقلا قۇلنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ. بۇنى بۈگۈنكى دۇنيادا ھىچكىم قوبۇل قىلالمايدۇ . ئەكسچە خەلق قوزغىلىپ مۇنداق بىر قانۇن چىقارغان پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا خاموراپىي بۇنى ئىلاھى قانۇن ۋە ئۆزىنى تەڭرىنىڭ تاللىغان كىشىسى دەپ قاراپ بۇ قانۇننى خەلققە قوبۇل قىلدۇرغان ۋە بۇ قانۇن بىلەن بابىلون پادشاھلىقنى باشقۇرغان. كېيىنكى بابلون پادشاھلىرىمۇ ئۆزلىرىنى خاموراپىينىڭ ئەۋلادى ياكى مىراسخورى قىلىپ كۆرستىش ئارقلىق ئۆزىنىڭ ھاكىميىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان.
قەدىمكى مىسىر ھۆكۈمدارلىرىمۇ (فىرئەۋىن) كۈچىنى موشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانىلەردىن ئالغان.
مىسر ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا قەدىم زاماندا ئوسرىس (Osiris) دەپ ئاتالغان ئىلاھىي پادىشاھ بولۇپ ئو پۈتۈن مىسىر ۋە باشقا رايونلارنىڭمۇ ھۆكۈمدارى ئىكەن.ئو تىنچلىقپەرۋەر ھۆكۈمدار بولۇپ ئىنسانلارغا مەدەنىيەت ، قانۇن، دېھقانچىلىق ۋە تەڭرىگە ئىتائەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئىلاھە ئىسىس (Isis) ئىكەن. ئوسرىسنىڭ سېت ( Set) ئىسملىك يەنە بىر قېرىندىشى بولۇپ ئۇ بالايى – ئاپەت ئىلاھى ئىكەن. سېت بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ ئاكسى ئوسرىسنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە مىسر تەختىنى ئىگەللەپتۇ. خانىش ئىسىس بۇنى قوبۇل قىلالماپتۇ ۋە بىركۈنى سېت ئۇخلاپ قالغاندا قۇشقا ئايلىنىپ سېتنىڭ روھىنى ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ بەدىنىگە سولىۋاپتۇ . سېتنىڭ روھى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق ئىسىس مىسرنىڭ ئەپسانىۋىي قەھرىمانى خورۇس ( Horus ) قا ھامىلدار بوپتۇ ۋە 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خورۇسنى يەڭگىپتۇ. (Wiliam James Durant: Oryantal Mirasimiz) خورۇس بۈركۈت باش ، ئىنسان تەنلىك بولۇپ تۇغۇلۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سېت ئاكىسى ئوسىرسىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ پارچىلاپ پۈتۈن مىسرغا چېچىۋىتپتۇ. خانىش ئىسىس سىڭلىسى بىلەن جەسەت پارچىلىرىنى تېرىپ كېلىپتۇ. تەڭرى ئانۇبىس (Anubis) پارچىلارنى موميالاش ئارقلىق قايتىدىن بىرلەشتۈرۈپتۇ. خورۇس چوڭ بولۇپ يېتىشكەندە دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن سېت بىلەن جەڭ قىلىپتۇ. جەڭدە خورۇس يەڭگەن بولسىمۇ لېكىن سېت ئۇنىڭ بىر كۆزىنى ئويۇپ تاشلاپتۇ. بۈيۈك تەڭرى توس (Thoth ) ئۇنىڭ كۆزىنى ساقايتىپ قايتىدىن سېلىپ قويۇپتۇ. لېكىن خورۇس ئۇ كۆزىنى ئۆلگەن دادىسى ئوسىرسنىڭ كۆزىنىڭ ئورنىغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسىرىس تىرىلىپتۇ. ئوسىرىس تىرىلگەندىن كىين تەختتە ئولتۇرۇشنى رەت قىلىپ ئوغلى خورۇسنى پادىشاھ تەيىنلەپ ئۆزى جەننەتكە ئۈچۈپ كېتپتۇ. خورۇس مىسرنىڭ پادىشاھ بولۇپتۇ . ئەپسانىدە دېيلىشىچە، ئۇنىڭ روھىي ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەيدىغان بولۇپ كېيىنكى پادىشاھ (فىرئەۋىن) كىم بولسا ئۇنىڭغا قونىدىكەن. ( The Legend of Pharoah, Osiris, Isis and Horus )

شۇڭا كېيىن فىرئەۋىن دەپ ئاتالغان مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خورۇسنىڭ روھىنىڭ قونغان ئىلاھي پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرغان. خورۇس ، ئىسىس ۋە ئوسىرىس ئەپسانىلىرى قەدىمكى مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھوكۈمرانلىق يۈرگۈزىشىنىڭ قورالى بولۇپ كەلگەن. خەلق فىرئەۋىنلەرنى ئىلاھنىڭ پۇشتى ياكى ئىلاھنىڭ روھى تەجەللىي تاپقان كىشى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلغان.
2- مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000- يىلدىن مىلادى 400- يىلىغىچە : كۈچ — قەھرىمانلىق ۋە پەلسەپە
بۇ دەۋر يۇنان مەدەنىيىتى دەۋرى بولۇپ بۈگۈنكى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرلىرىدۇر. يۇنانلىقلار سۇمەر ۋە مىسىرلىقلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى ئاساس قىلىپ گرىك ئەپسانىلىرىنى ياراتقان. ئەلۋەتتە بۇ دەۋردە ئەڭ مۇھىم كۈچ ئامىلىدىن بىرى يەنىلا ئەپسانە رىۋايەت. لېكىن بۇلارنىڭ رولى يەنىلا باشتا سۆزلىنىپ ئۆتكەن سۇمەر ۋە مىسر ئەپسانىلىرىنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قىسمىدا بۇلارنى تەكىتلەپ ئولتۇرمايمەن.
ئەمما بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى پەلسەپەنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قەھرىمانلىق ۋە جاسارەتكە، دادىللىققا چوقۇنۇش بولۇپ، بۇ ئامىللار يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ۋە رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ قۇدرەت تېپشىداھالقىلىق رول ئوينىغان. ئەسلىدە ئەپسانىۋىي قەھرىمانلارنى تەقلىد قىلشتىن مەيدانغا كەلگەن رىئال ئىنسانلار ئاراسىدىكى مەردلىك، جەڭگىۋارلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر تۈركۈم ھەقىقىي قەھرىمان جەڭچىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ بۇلار يۇنان مەدەنىيتىنىڭ كۈچلىنىشىدە تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. سىپارتالىقلارنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى دېسەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ترويا قەھرىمانى ھېكتور ، (بەلكىم ) ئۇنىڭ رەقىبى سپارتالىق ئاكىللىس ، كارتاجا پادىشاھى خانىبال، بۈيۈك ئىسكەندەر ( ئالىكساندىر ماكېدونسكى) قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل قەھرىمانلىق ئەخلاقىدىن نېسۋىسىنى ئالغانلاردۇر.
پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ، تەبىئەت ۋە ئىلاھ ئارسىدىكى ئويلىنىشى ۋە ئىزدىنىشى بولۇپ ئىلگىرىكى ئىزدىنشلەرگە سېلشتۇرغاندا ئىنسانىيەتنى يەنى دۇنياۋىيلىكنى (سېكۇلارلىق) مەركەز قىلش ئالاھىدىلىكى بىلەن رۇشەن پەرقلىنىدۇ. يۇنان پەلسەپەسى ئىنسانلارنى سۇمەر ۋە مىسىر ھەتتا كېيىنكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ئىلاھلارغا بولغان مۇتلەق چوقۇنۇش خاھىشىغا سوئال قويۇش ئارقلىق ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەقىياتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا ئېلىپ كىردى. بۇلارنىڭ ئارسىدا سوقرات دەۋرى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ پەلسەپە تېماسىنىڭ ئىنسان مەركەزلىك خاراكترىنىڭ باشلىنشى بولۇپ ھېسابلىندۇ.

قېنى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان قەھرىمانلىق ئىدىيىسىگە قاراپ چىقايلى.

ترويا ئۇرشىدا ئاكىللىسنىڭ ئۇكىسى ترويا شاھزادىسى ھېكتور تەرىپىدىن جەڭ مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاكىللسنىڭ ئانسى ئۆلۈمسىز تەڭرى تېتىس (Thetis) ئوغلىغا « ھېكتور قېرىندىشىڭنى ئۆلتۈردى، سەن خالىساڭ ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگىن ۋە مەڭگۈ ئۆلۈمسىز بولۇپ ياشىغىن، چۈنكى ترويا شاھزادسى پارس سېنىڭ ئاجىزلىقىڭنى بىلدۇ، ئۇ سېنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ » دەيدۇ. ئاكىللىس ئانىسىغا « مەن قېرىندىشمنىڭ ئۆچىنى ئالماي مەڭگۈلۈك ياشاشغاندىن ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ ئۆلۈپ كېتىشنى ئەۋزەل دەپ بىلىمەن » دەيدۇ ۋە ھېكتورنى ئۆلتۈرۈپ قېرىندىشىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ. لېكىن پارىس ئۇنىڭ بەدەنىنىڭ بىردىنبىر ئوقيا ئۆتىدىغان ۋە قىلچ كېسەلەيدىغان يەرى بولغان تاپىىننىڭ ئارقا تەرپىگە ئوقيا ئېتىپ ئاكىللىسنى ئۆلتۈرىدۇ….

گەرچە بۇ ھېكايە يېرىم تارىخ يېرىم ئەپسانە بولسىمۇ يۇنان ئەسكەرلىرى ۋە قەھرىمانلىرىغا قەھرىمانلىق ۋە مەردلىك ئۈلگەسىنى تىكلەپ بەرگەن.

سىپارتا ئىران ئۇرشى

مىلادىدىن بۇرۇنقى 499-يىلى ئىرانغا تەۋە بولغان تۈركىيەدىكى ئىئونيادا (بۈگۈنكى ئىزمىر) ئىرانلىقلارغا قارشى ئىسيان باشلىدى. بۇنى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى قوللىدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئىران پادىشاھى دارىيۇس ئافىناغا ھوجۇم قىلدى ، لېكىن مارافوندا يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىگە يېڭىلىپ قالدى. 485 – يىلدا دادىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان يېڭى پادشاھ سەرخاس يۇنانلىقلاردىن قىساس ئېلشقا قەسەم ئىچتى ۋە پۈتۈن يۇناننى ئىشغال قىلشقا ئاتلاندى. بەزى مەنبەلەر ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ بىر مىليۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ بەك ئاشۇرۋېتىلگەن سان بولۇپ ئەملىيەتتە 50 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

قەدىمكى يۇناندا سپارتا ۋە ئافىنا دۆلىتى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ ، ئافىنا دېڭىز ئۇرشىغا ، سپارتا بولسا قۇرۇقلۇق ئۇرشىغا ماھىر ئىدى. يۇنانلىقلار دېڭىزدا ئىران ئېمپىرىيەسىگە تەڭ كەلەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلشنى تاللىدى . بۇنىڭغا تەبىئىيكى سپارتا باشچىلىق قىلمىسا بولمايتتى. سپارتا پادشاھى لېئونىداس 300 خىللانغان سپارتا جەڭچىسىنى تاللاپ ھالقىلىق ئېغىز بولغان تېرموفىل جلغىسىدا ئىران قوشۇنىنى ساقلاپ تۇردى. سەرخاسنىڭ قوماندانلىقىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن 300 سىپارتالىق ئەسكەر جىلغىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. نەتىجىدە سىپارتالىقلار غەلبە قىلدى. شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئىران قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە «ئۆلۈمسىزلەر» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە قىسسمۇ بار ئىدى . ئەمما ئۇرۇش 300 سپارتالقنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. ئەينى ۋاقتىدا پارس ئېمىرىيەسى دەپ ئاتالغان ئىراننىڭ 50 مىليۇن نوپۇسى بولۇپ چىگراسى شەرقتە ھىندستان، غەرپتە ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالدا كافكاز ۋە جەنۇپتا مىسىرغىچە تۇتىشاتتى ۋە ئۇ زاماننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئىران ئىككى قېتىم سانى ناھايتى ئاز بولغان يۇنانلىقلارغا ۋە بىر قېتىم ماكېدونىيەلىك بۈيۈك ئسكەندەرگە ( ئالېساندىر ماكېدونسكىي، مىلادىدىن بۇرۇنقى 356- 323) يېڭىلىدى. سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دەۋردىكى يۇنان مەدەنىيتىنىڭ بولۇپمۇ سپارتالىقلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە قىممەت قارشىغا قاراپ چىقايلى.

سپارتالىقلار ئۆزلىرىنى ئۇرۇش ئىلاھى ھېراكلىسنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھەر دائىم قەھرىمان ۋە مەردلەرچە ياشىشىمىز لازىم، دەپ قارايدۇ. سپارتالىق لىكۇرگۇسنىڭ قارىشىچە، ئادالەتسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى باي ۋە كەمبەغەللىك ئارسىدىكى ئىقتسادى پەرق بولۇپ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇپراقلار سپارتالىقلار تەرپىدىن تەڭ نىسبەتتە بەھىرلىنىشى كېرەك ئىدى. باي – كەمبەغەللىك پەرقىنى چوڭايتىۋىتىدىغان تىجارەت چەكلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ كۆز قارشى بىلەن لىكۇرگۇس بەلكىم ئەڭ بۇرۇنقى كومىنزىمچى پەيلاسوپ بولۇشى مۇمكىن.

سىپارتالىق ئاياللار چوقۇم ساغلام بوۋاق تۇغىشى كېرەك ئىدى ۋە 7 يېشىدا دۆلەت تەرىپىدىن تەربىيەلىنىشكە ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن پولاتتەك ئىرادىلىك قىلىپ يىتشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتىلىرىنىڭ قەھرىمانلق ھېكايىللىرىنى ۋە مەردلىكلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بالىلارنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىدىغان ھېكايىلەر ۋە ئىشلاردىن ئۇزاق تۇراتتى. مېيىپ ياكى كېسەل تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر قىيادىن پەسكە تاشلىۋېتىلەتتى.

سپارتالىق ئاياللار بۇنىڭدىن سىرت ھەر كۈنى يۈگۈرۈپ دىسكا ۋە ئوقيا ئاتاتتى. ئەركىشىلەردىن قاچماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇڭا سىپارتا ئاياللىرى يۇنان ئاياللىرى ئارىسىدا ئەركەكلەر بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان بىردىنبىر ئاياللار ئىدى. يۇناننىڭ باشقا شەھرىدىن كەلگەن بىر ئايال سپارتا پادىشاھىنىڭ ئايالىغا« سىز سپارتالىق ئاياللار ئەرلىرىڭلەرگە گېپىڭلارنى ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر ئاياللار ئىكەنسىلەر» دېسە خانىش گورگو ئۇنىڭغا « بىز سپارتالىق ئاياللار ئەركەك تۇغالايدىغان بىردىنبىر ئاياللاردۇرمىز ، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، باشقا يەردىن كەلگەن ئاياللارنىڭ سپارتالىق ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلىشىگە ئەسلا يول قويۇلمايتى. لېكىن باشقا يۇنانلىق ئاقسۆڭەكلەر بالىلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن سپارتالىق ئانالارنى ئىزدەيتى.

ئوغۇللار قاتتىق تەربىيەلىندىغان بولۇپ، يەتتە يېشىدا مەخسۇس ئەركەكلەرنىڭ چېنىقىش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنەتتى. بۇ يەردە جەڭ ماھارىتى ئۆگىنىشى، تاماق تاللىماسلىقى، خۇيلانماسلقى لازىم ئىدى. يەنە ئۇلارغا ئوغۇرلۇق قىلىپ قورسقىنى تويغۇزۇش ھۈنىرى ئۆگىتىلەتتى. ئەگەر بىرى ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا نەرسە ئوغۇرلىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە سىزىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر جازالاندۇرىلاتتى. ئۆيلىنىپ بالىلىق بولمىغان ياكى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتمىگەن ئەركەكلەرنى كىچىك باللار بەك ھۆرمەتلەپ كەتمەيتتى. قوماندان بولسىمۇ ھۆرمەتكە نائىل بولۇشى ئۈچۈن توي قىلمىغان ۋە ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتمىگەن بولسا ئۇنى ھېچكىم ھۆرمەت قىلمايتتى.پەقەت ۋە پەقەت ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەركەك بىلەن تۇغۇتتا ئۆلگەن ئايالنىڭلا قەبرە تېشى بولاتتى، باشقىلارنىڭ قەبرە تېشى بولمايتى. يەنە پەقەت ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەركەكلەرنىڭلا چېچىنى ئۇزۇن قويۇش ۋە پۇراقلىق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى بار ئىدى. شۇڭا ھەممە ئەركەكلەر ئۇرۇش قىلىپ قەھرىمانلىق كۆرستىشكە تاقەتسىزلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈم تولىمۇ نورمال بىر ھادىسە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلۈش شەرەپلىك ئۆلۈم ھېسابلىناتتى. بۇنداقلارنىڭ جەسىتى ئىبادەتخانالارغا دەپنە قىلىندىغان بولۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھېكايىسى سۆزلىنىپ بېرىلەتتى.

يەنە، سپارتادا جىق گەپ قىلش ئەيىب ھېسابلىناتتى. چۈشەنچىسنى ئەڭ تۈز ۋە قىسقا شەكىلدە ئىپادىلىشى كېرەك ئىدى. بىر ئافىنالىق سپارتالىق ئەمەلدارلارنىڭ بىرىدىن « نېمىشقا سىلەردە قانۇن بەك ئاز ھەم ئاددى؟» دەپ سورىغىنىدا سپارتالىق كىشى « ئاز گەپ قىلىدىغان يەرنىڭ جىق قانۇنغا ئېھتىياجى بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. سپارتالىقلار ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ ئۆز ۋەتەنىنى سۆيمەيدىغانلارنى ھۆرمەت قىلمايتتى. بىر ئافىنالىق بىر سپارتالىققا ئۆزنىڭ سپارتانى نەقەدەر سۆيدىغىنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن « مېنى يۇرتداشلىرىم سپارتالىقلارنىڭ دوستى دېيىشىدۇ» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سپارتالىق « سېنى ئۆز يۇرتۇڭنىڭ دوستى دېسە تېخمۇ ياخشى بولاتتى ، شۇنداقمۇ ؟!» دەپ جاۋاب بەرگەن. ( Önder Kaya : Avrupa Tarihi Üzerine Yazılar )

مانا بۇ سپارتالىقلارنىڭ ياشاش پەلسەپەسى. بۇلاردىن خەۋەردار بولغاندىن كىين بەلكىم 300 سپارتالىقنىڭ 50 مىڭ كىشلىك ئىران قوشۇنىنى يېڭۋالغانلىقىغا بەك ئەجەبلىنىپ كەتمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى قەھرىمانلىققا ئىنتىلش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنۇش روھى ئۇلارنى دەۋرنىڭ ئەڭ سەرخىل جەڭچىللىرىگە ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ۋاقىتتا قايسى دۆلەت دۈشمىنگە تاقابىل تۇرالمىسا سپارتالىقلارغا پۇل بېرىش ئارقلىق ئۇلارنى ئۇرۇشقا سالغان.( سپارتالىقلارنىڭ تارىختىكى تۇنجى كىرالىق ئەسكەرلەر بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىندۇر). بۇ خىل قەھرىمانلىق روھى گەرچە سپارتادا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ باشقا يۇنان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان.

پەلسەپەدە ئافىنالىق سوقرات سوئال سوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇنازىرە ۋە تەتقىقات ئېلىپ باردىغان يېڭى بىر پەلسەپە مىتودنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى بۇرۇنقى دوگما چۈشەنچىلەرنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتتى. شۇڭا ئافىنا پادىشاھى ئۇنى ياشلارنىڭ مېڭىسىنى بۇلغاپ يولدىن چىقارغان، دەپ تۇتقۇن قىلدى. تۈرمىدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خاتا پەلسەپىسىنى ياقلىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلسا قويۇپ بېرىلدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، « مەن توغرا يول ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازىمەنكى ھايات قېلىش ئۈچۈن خاتا يولنى تاللىمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئايالى ئۇنىڭغا « سوقرات، ئۇلار سېنى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرساڭمۇ زىندانغا تاشلىدى » دېگەندە ، سوقرات « ئەمسە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ تۇتۇلسام ياخشى بولامتى؟» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ بىر ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتىنىڭ پۇل – مال ۋە كىيىم – كىچەك بىلەن ئۆلچەنمەي بىلىم ۋە تەبىئىيلىك بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغاقويغان. ( Platon: Sokratesin Savunması )

ئۇ ئادەتتە چاچ – ساقاللىرىنى ئالماي ، ئەتر ئىشلەتمەي تەر پۇراپ يۇرىيدىغان بىرى بولۇپ، باشقىلار «ئازراق ئەتىر چېچىپ يۈرسەڭ بولمامدۇ » دېگىنىدە « مەن پۇرىغان بولسام ئىنسان پۇرايمەن ، سىلەرگە ئوخشاش ئۆزىدىن باشقا نەرسە پۇرىمايمەن » دەپ جاۋاب بەرگەن. سوقراتنىڭ بىلمگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆپلەپ سوئال سوراش مىتودى ئەڭ بۇرۇنقى شۈبىھچىلىك (Scepticism) ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. سوقراتنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئەپلاتون ۋە ئارستوتىللارنىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسى رىم ۋە باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە قانۇنلىرىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ قۇدرەتلىك پارس ئېمپىرىيەسىنى ۋە ھىندستاننى ئىستىلا قىلغان بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ ئۇستازى ئەنە شۇ ئارستوتىل ئىدى. بولۇپمۇ ئارستوتىلنىڭ رىئالىزمچى ۋە دۇنيەۋى پەلسەپەسى نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

3- مىلادى 4-15 ئەسىر لەر:
كۈچ – دىني ھاكىمىيەت ۋە تۇپراق

بۇ دەۋر ياۋروپا نىڭ خىرستيان دىنى دەۋرى بولۇپ 4-ئەسردە رىم ئېمپىرىيەسى تەرىپىدىن دۆلەت دىنى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان خرستىيان دىنى ئالتۇن دەۋرىنى ياشىدى. خرىستىئان پەلسەپەسى مۇكەممەللەشتى. لېكىن بۇ دەۋرنى ياۋروپا تارىخچىلىرى زۇلمەت ۋە جاھالەت دەۋرى (Dark Age) دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ياۋروپا پەيلاسوپلىرى خرىستىئان دىنىنى ياۋروپا تەرەقىياتنى چۈشەپ قويغان، خەلقنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەزگەن دەپ قارايدۇ.

بۇ دەۋردە رىم ئېمپىرىيەسى ئۈزلۈكسىز سىرتقا قارىتا كىڭەيمچىلىك ئۇرۇشلىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرى ياكى ئاقسۆڭەكلەر رىمنىڭ ۋاساللارىغا ئايلىنىپ قالغان. بىر تەرەپتىن دىھقانچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلشى بىلەن تۇپراقنىڭ مۇھىملىقى ئېشىپ بارغان. كىمنىڭ قولىدا كۆپ تۇپراق بار بولسا ئو كۈچلۈك ۋە باي ھېسابلىناتتى. ئەلۋەتتە بۇ تۇپراقلار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدا ئىدى. رىم بولسا بولارنى ئۆزىگە قوشۇپ ئېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاقسۆڭەكلەر خرىستىئان پاپا بىلەن ئىتىپاق تۈزىشكە مەجبۇر ئىدى. رىم ئېمپىراتورىمۇ ئۆزىنىڭ دىنى جەھەتتىكى قانۇنلۇقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاپا بىلەن ياخشى ئۆتمىسە بولمايتى. بۇنىڭ بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ ۋە پاپانىڭ ئورنى بارغانسىرى يۇقىرلاپ ماڭدى. بۇ زامانلاردا كۈچ دېمەك يا دىنىي ھوقۇق ياكى كەڭرى كەتكەن تۇپراق دېمەك ئىدى. ھەر ئىككلىسنى قولىدا تۇتۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن تەبىئىيكى ، ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. مەسلەن رىم، رىم ئىمپىرىيەسى ۋە ئىسپانىيە قاتارلىقلار بۇ ئىككى ئامىلنىڭ ھەر ئىككىسىدىن پايدىلانغان. شۇنداق بولسىمۇ دىني جەمئىيەتنىڭ كۈچى بارغانسىرى ئېشىپ باردى. 12-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ياۋروپا دىكى ھەرقايسى پادىشاھلار پاپادىن ئەيمىنىپ دېگنىنى قىلىدىغان يەرگە يەتتى. رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورىنى تەيىنلەش ھوقۇقى پاپانىڭ قولىدا ئىدى. پاپا يەنە خالىسا ھەرقانداق بىر پادىشاھنى ھەتتا ئىمپېراتورنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىپ كاپىر دەپ ئېلان قىلش ھوقۇقى بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ سىياسى ھوقۇقنى تىزگىنلەپ تۇرغان پادىشاھلار ۋە تۇپراق ساھىبى بولغان ئاقسۆڭەكلەردە يەنىلا كۈچ بارئىدى. بۇ ئۈچ كۈچ مىڭ يىلغا يېقىن ئۆزىنىڭ بەلگلىك مۇستەققىللىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆتتى. يەنى ئاقسۆڭەك يەر ئېگىلىرى ئۆز رايونىدا ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە ، لېكىن مەركەزدىكى ئىمپېراتورغا بويسۇنىشى ۋە باج تۆلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ ئىككىسى ۋاتىكاندىكى پاپانىڭ دىني ئۈستۈنلىكىنى قوبۇل قىلاتتى. پاپا بىلەن ئىمپېراتورنىڭ ھوقۇقى ئاساسەن تەڭ بولۇپ يەرلىك پادشاھ ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى بىرلىكتە ھەركەت قىلاتتى.

پاپانىڭ كۈچى ھەققىدە بەلكىم شۇ مىساللارنى بايان قىلىپ ئۆتۈش كۇپايە قىلىدۇ .

ئەھلىسەلىب ياكى كرسىت ئارميەسى ( Crusaders ) ئىروسالمنى ئىشغال قىلشقا ماڭغاندا چوقۇم پاپانىڭ قوماندان تەيىنلىشى ۋە ئىجازىتى ئاستىدا يۈرۈش قىلشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ رۇخستىسىز قىلىنغان ئۇرۇش غەلبە قىلغان تەقدىردىمۇ شەرەپكە نائىل بولالمايتى. پەقەت پاپانىڭ چاقىرىقى بولغاندىلا يۈز مىڭلىغان خرىستىئان جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ كىرست ئارمىيسىگە قېتىلاتتى. بۇ جەھەتتىن مەيلى پادىشاھ ۋە ئىمپراتور ھەر ئىككلىسى پاپادىن كۆپ ئاجىز ئىدى.
سالاھىددىن ئەييۇبى ئىروسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كىين ياۋروپادىكى پادشاھلار خېلى ئۇزۇنغىچە نېمە قىلشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان. بۇنىڭغا قارىتا 1202 -يىلى پاپا 3-ئىننوسېنتيۇس ( Innocentius) پۈتۈن ياۋروپادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ كىم بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىسا كاپىر دەپ ئىلان قىلىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھلىسەلىبنىڭ 4- قېتىم ئىروسالمغا يۈرۈش قىلشى ۋە ئەڭ دەھشەتلىكى ئىدى. بۇرۇنقى پاپالاردىن پەرقلىق ھالدا 3-ئىننوسېنتىيۇس ئۆزى بىۋاستە كىرسىت ئارمىيەسى بىلەن بىللە ماڭغان ئىدى. بۇ پۈتۈن ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن بولۇپ ھەتتا گىرمانىيە ۋە فرانسىيەدە ئىككى قېتىم ئۆسمۈر كىرسىت ئارمىيسى تەشكىللەنگەن. گىرمانىيەدىكى ئۆسمۈر قوشۇنغا نىكولاس ئىسملىك بىر ئۆسمۈر ، فىرانسىيەدىكسىگە بولسا فىلىپ ئىسملىك بىرى رەھبەرلىك قىلغان. بۇلارنىڭ ياشلىرى 15 ياش ئەتراپىدا بولۇپ جەمئي 37 مىڭ بالا ئۆسمۈر بۇلارغا قېتىلىپ مۇقەددەس تۇپراق ئىروسالمنى قايتۇرۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن. فىلىپ بىلەن نىكولاس بالا جەڭچىلەرگە چۈشىدە ھەزرەتى ئەيسانى كۆرگەنلىكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغا بارغاندا تەڭرى مۇسا ئەلەيھىسالامغا قىزىل دېڭىزنى يېرىپ بەرگەندەك ئوتتۇرا دېڭىزنىمۇ يېرىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇلار ئوتتۇرا دېڭىزغا بارغاندا دېڭىز يېرىلماي ئەگەشكۈچى بالىلار ئۈمۈدسىزلەنگەن .شۇنىڭ بىلەن بىر قىسمى قايتىپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا نىيىتىدىن يانماي كېمە ياساپ مىسرغا بارغان. بۇ يەردە قۇل سودىگەرلىرىگە تۇتۇلۇپ سېتۋىتىلگەن. 3-ئىننوسېنتيۇس قالغان بالا قوشۇن بىلەن كۆرۈشۈپ تەڭرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى ۋە قەھرىمانلىقلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى شۇڭا مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلشقا بارمىسىمۇ بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالغان.
پاپا، چاقىرىقىغا دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۆيلىنىش ئىشلىرى بىلەن بىر يىل ئۇرۇشقا كىرىشەلمىگەن ئاۋسترىيە- ۋېنگرىيە ئېمپىرىيەسى ئىمپېراتورىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان . بۇرۇندىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغان ئاۋسترىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورىغا پاپانىڭ ئاچچىقى بار ئىدى. ئىمپراتورنىڭ سارىيىدا خېلىلا كۆپ مۇسۇلمان ئالىملار بولۇپ ئو مۇسۇلمانلارغا ياكى يەھۇدىيلارغا ئۆچ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ پاپانىڭ چاقىرىقى ئۈچۈن ئىروسالمغا ئاتلاندى. ئو پۈتۈن پادىشاھلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان بولۇپ ئەييۇبىيلەر بىلەن سۈلىھ تۈزۈش ئارقىلىق پۈتۈن تۇتۇلغان خرىستىئانلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن، ئىروسالمنىڭ 10% تۇپرىقىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان. لېكىن پاپا مۇسۇلمانلار بىلەن سۈلھ تۈزدى ۋە ئۇلارغا ئىچىدىن سۆيگۈسى بار دەپ خرىستىئان دىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ كاپىر ئېلان قىلدى. ( (Önder Kaya: Avrupa Tarihi Üzerine Yazılar

باشتا دەپ ئۆتكەندەك بۇ دەۋر خرىستىئان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ كۈچنى پادىشاھلار ۋە يەر ساھىبى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ماددى ۋە ئەسكەرى ياردىمى بىلەن پاپانىڭ روھانىي كۈچى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

4- 1450-1950 يىللار
كۈچ – كاپىتال ۋە پەن تېخنىكا

بۇ دەۋر ياۋروپا تارىخىنىڭ ئەڭ دولقۇنلۇق سەھىپسىدۇر. ياۋروپا ياكى بىز غەرب دەپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدىيە، بىلىم ۋە ئىقتساد تەرەپلەردىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ رادىكال ئىنقىلابلارنىڭ دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى، ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكتى ( Illumination)، دىنىي ئىنقىلاپ ، سانائەت ئىنقىلابى ۋە ئىككى جاھان ئۇرۇشى قاتارلىق زور ۋەقە-ھادىسىلەر بۇ دەۋردە يۈز بەردى.

بۇ دەۋرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەڭ قىسقا ۋە ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە، پۇلنىڭ دىن ۋە فېئودال پادىشاھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان دەۋرىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سودىگەرلەرنىڭ (كاپىتالىستلار) پاپا ۋە ئىمپېراتورنى مەغلۇپ قىلغان دەۋرىدۇر.

15-ئەسىردە ئىتالىيەدە باشلىغان ئەدەبىيات سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى پۈتۈن بۇ غەلبىنىڭ ئىدىيۋى ئاساسىنى تەمىنلىگەن. 1453- يىلى تۈركلەرنىڭ كونستانتىنپولنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ۋىزانتىيەدىكى نۇرغۇن پەيلاسوپ ۋە بىلىم ئىگىلىرى ئىتالىيەگە قېچىپ باردى ۋە بۇ يەردە قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋاقىتتا تىجارەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا تەرەققىي قىلىپ يېڭى بىر سىنىپ بولغان سودىگەرلەر سىنىپى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار تىجارەت يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىنى ۋە كۆپلەپ كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن پاپانىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى، ئاقسۆڭەك ۋاساللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان زىمىنلاردىكى يەرلىك قانۇنى ۋە پاپا بىلەن ئىمپېراتورنىڭ ئېغىر باج سېلىقى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئىششىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت كۆلىمنىڭ كېڭىيىشى مۇتلەق ھاكىمىيەتلەربىلەن بولغان زىددىيەتنى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشتۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن يۇنان ۋە رىمنىڭ پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىتالىيە مۇتەپەككۇرلىرى خرىستىئان ئەخلاقىغا قارشى چىقىشقا باشلىدى. قەھرىمانلىق ۋە ئۇرۇشخۇمارلىققا يېتەكلەيدىغان قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى بىلەن « يۈزۈڭگە بىر كاچات ئۇرسا ، يەنە بىر يۈزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر» دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلدىغان خرىستىئان مەدەنىيتىنى سېلشتۇرغان پەيلاسوپلار ، خرىستىئان دىنىنى خەلققە قۇللۇق ئىدىيىسىنى سىڭدۈردى دەپ ئەيىپلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا خرىستىئان دىندىكى دوگمالار ، چېركاۋنىڭ ئىنجلنى مونوپۇل قىلىۋېلىشى ، نورمال ئىنسانلارنىڭ ئىنجىل ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى قاتارلىقلار خەلقنى جاھىل قالدۇرۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالدى. شۇنىڭ بىلەن چېركاۋغا قارشى ئىككى سىنىپ يەنى پەيلاسوپلار ۋە سەنئەتكارلار سىنىپى بىلەن سودىگەرلەر سىنىپى بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە سودىگەرلەر ماددى جەھەتتىن سەنئەتكارلارنى قوللاپ ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىشلەپچىقىرشىغا ماددى كاپالەت ھازىرلاپ بەردى. مېدىچى جەمەتى بۇ قوللىغۇچىلارنىڭ ئەڭ بېشىدا كەلمەكتە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەدەبىيات – سەنئەتنى قايتا گۈلللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئىنژېنېرى دەپ ئاتالدى .مايكىلئانجلو ، رافېللو ۋە داۋىنچى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالدى . نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ كىشى بۇ تۈر سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بارا بارا بۇ خىل سەنئەت ئېقىمنى ئومۇملاشتۇردى. بۇ شەخسلەرنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدە چېركاۋنىڭ ھاكممۇتلەقلىقى ، چىرىكلىكى ۋە زوراۋانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى. مەسلەن، مايكىلئانجىلو «داۋۇت» ھەيكىلىنى قولىغا تاش ئېلىپ ۋاتىكاندىكى چېركاۋغا قاراپ تۇرغان ھالەتتە ياسىغان بولۇپ، چېركاۋغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئەدەبىيات جەھەتتە دانتى «ئىلاھ» كۈيى داستانىدا ئۆزىنىڭ جەننەت ۋە دوزاخقا سەپەر قىلغانلىقىنى ئاساسى تېما قىلغان بولۇپ، توققۇز قەۋەت دوزاخنى ۋە ئۇنىڭغا مەھكۇم بولغان كىشىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى دانتىنىڭ ئۆزىدۇر. ئو پاگان ( ساماۋى دىنلاردىن باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ) ۋىرجىل ( Virgil)نى جەننەت ۋە دوزاخقا يول باشلىغۇچى قىلىپ يازىدۇ. قەدىمكى يۇناننىڭ پەيلاسوپلىرىنى جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئارسىدىكى يەرگە قويغان بولسا زاماننىڭ پاپاسىنى 9-قەۋەت دوزاخقا قويىدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقتىدا چېركاۋنىڭ خەلقىنىڭ نەزەرىدىن نەقەدەر چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

تۈركلەرنىڭ قەدىمكى سودا يوللىرىنى قامال قىلىۋېلىشى سەۋەبىدىن ياۋروپا لىقلار يېڭى سودا يوللىرىنى ئېچىشقا جىددى ئېھتىياج ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كېمىلەرنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە يىراق دېڭىزلاردا سەپەر قىلىش ئىقتىدارى ئېشىشقا باشلايدۇ. 1492-يىلى كرستوف كولومبو ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشى ياۋروپانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئازىتىك ۋە مايالىقلاردىن بۇلاپ كېلىنگەن ئالتۇن- كۈمۈشلەر ياۋروپا كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كاپىتالنى ھازىرلىدى. ئامېرىكىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا سودىگەردىن تارتىپ، پاپا ۋە پادىشاھلارغىچە ھەممە قېتىلدى. بۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ياۋروپا دېڭىزچىلىقى مىسلىسىز تەرەققي قىلدى.

ماگىللاننىڭ 1517- يىلدىكى يەرشارىنى ئايلىنىش سەپىرى ياۋروپادىكى كاپىتالىست سودىگەرلەر ئۈچۈن كاتتا خوش خەۋەر بولغان بولسا، خرىستىئان دىنى ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولدى. «ئاسمان يۇملاق يەر ياپلاق » دېگەن قاراشنى ھاكىم قىلىپ كەلگەن خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتتى. 1543-يىلى كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن دۇنيانىڭ مەركىزىنى يەر دەپ قارايدىغان خرىستىئان كۆز قارشى يەنە بىر قېتىم زەربىگە ئۇچرىدى.

سىياسەت جەھەتتە 1532-يىلى فلورىنسىيەلىك ماكىئاۋىلى «ھۆكۈمدار » (The Prince ) ناملىق سىياسەت ئەسىرىنى يازدى. بۇ ئەسەردە ئۇ پادىشاھنىڭ دىندار بولۇپ كەتمەسلىكىنى، لېكىن دىنغا ئىشىنىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ، شان- شەرەپ ، مەردلىك، ئادالەت قاتارلىقلارنىڭ مەنپەت ئالدىدا تامامەن قۇربان قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق يېڭى بىر سىياسەت پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ دىننى ۋاسىتە قىلىش ، مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ۋە سىياسىي ئىقتىدار ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىقتەك رېئالىزمچى سىياسەت پەلسەپىنى تەشەببۇس قىلدى.

ماكىئاۋىلىدىن كىيىن ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ توماس خوببىس 1651-يىلى « لېۋىياتان » Leviathan ) ) ناملىق بۈيۈك سىياسىي ئەسەرنى يازدى . بۇ ئەسەر ھازىرغىچە رېئالىزملىق سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ كلاسسىك ئەسىرى دەپ قارالماقتا. خوببىس بۇ ئەسىرىدە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كەسكىن رەت قىلدى. ئۇ ھۆكۈمدارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان ئامىلنىڭ تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا ھۆكۈمدارلىقنى بەخش ئەتكەنلىكى ۋە ياكى دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا مىراس قالدۇرغانلىقى ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مال – مۈلكى ۋە ئار – نۇمۇسنى قوغداش ئۈچۈن تۈزگەن ئىجتىمائىي كېلىشىمدىن ئىبارەت دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى خەلق كېڭىشىش ئارقىلىق بىر ھۆكۈمدارنى سايلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىخەتەرلىكىنى ھاۋالە قىلىدۇ. خوببىسنىڭ بۇ چۈشەنچىسى پادىشاھنىڭ تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى ياكى دادىسىنىڭ مىراسچىسى ئىكەنلىكىدەك فېئودال ھۆكۈمدارلىق ئەندىزىسىنى تۈپتىن رەت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ، ھەر بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ دىنىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغاقويدى. ( Thomas Hobbs: Leviathan) ئۇنىڭچە بولغاندا ھۆكۈمدار ئىنجلدا تىلغا ئېلىنغان غەلتە مەخلۇق لېۋىياتاندەك كۈچلۈك ۋە رەھمىسز بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ دېگەنلىك رىم كاتولىك دىنىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.

خوببستىن كىيىن 1762-يىلى فرانسىيەلىك پەيلاسوپ رۇسسو Social Contrast ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ خوببىسنىڭ ئىجتىمائىي كېلىشم نەزەرىيەسىنى قوللىدى لېكىن خەلقنى ئەزگەن ۋە خەلقىنىڭ مال – مۈلكىنى قوغدىيالمىغان ھۆكۈمدارنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى يوقىتىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ( Russeous: Social Contrast )

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇلارنى باشتىن ئاخىر گۈللىنىۋاتقان كاپىتالىستلار قوللىدى. يەنى پاپا، پادىشاھ ۋە كاپىتالىستلار ئارسىدىكى مەنپەت كۈرىشىدە كاپىتالىستلار بارغانسېرى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىمەكتە ئىدى.

بۇ دەۋردە چوقۇم تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان يەنە بىر ھادىسە دىنىي ئىسلاھات ھەركىتىدۇر. گېرمانىيەلىك پوپ مارتىن لۇتىر 1517 – يىلى رىم پاپاسىنىڭ جەننەتنىڭ بېلىتىنى سېتىشىغا ئاشكارا قارشى تۇردى. ئەسلىدە پاپا مالىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرگە جەننەتنىڭ بېلىتى دەيدىغان بىلەتنى ساتقان بولۇپ، بۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار خەلققە «سېنىڭ جەننەتكە كىرگۈڭ يوقمۇ، روھىڭ سەن پۇلنى تۆلەپ بېلەتنى سېتىۋالغان ھامان جەننەتلىك بولىدۇ، ھەتتا ئارافتا ساقلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ زورلاپ ساتتى.

مارتىن لۇتىر بۇنىڭ ئىنجلىنىڭ بايانلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ خەلقنى بېلەتنى ئالماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئۇ يەنە پاپانىڭ ۋە چېركاۋنىڭ مۇتتەھەملىكىنى پاش قىلىدىغان «95 ماددىلىق تىزىس» نى گىرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلىدى. پاپا ئۇنى كاپىر دەپ ئېلان قىلدى ، لېكىن گىرمانىيە شاھزادىسىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن ئۆلتۈرەلمىدى. چۈنكى گىرمانىيە شاھزادىسى ئۆز زېمىندا پاپانىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ كىيىن مارتىن لۇتىرنىڭ خرىستىئان دىنىنى پاكلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا قوللىدى. بۇ ۋاقىتتا مەتبە خېلى تەرەقىياتقا ئېرشكەن بولۇپ، مارتىن لۇتىر ئىنجلىنىڭ لاتىنچىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىغا كۈچىدى ۋە ئۆزىنىڭ دىن تىئورىسى بىلەن كۆپلەپ بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىنجلىنى چېركاۋدىن باشقا كىشىلەرمۇ ئوقۇيالايدىغان بولدى ۋە ساۋاتلىقلار نىسبىتى ئاشتى. تېخمۇ مۇھىم بولغىنى چېركاۋنىڭ ئىنجلىنى ئۆز مەنپەئەتىگە قاراپ تەپسىر قىلشىغا خاتىمە بېرىلدى.

چېركاۋغا قارشى ياكى مەنپەئەتى توقۇنۇشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مارتىن لۇتىرنى قوللىدى. ئۇنىڭ بۇ مەزھىپى پروتېستىئان مەزھىپى دەپ ئاتالدى. بۇ مەزھەب قىسقغىنە بىر ئەسىردە گىرمانىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالدى. نەتىجىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان دىنى ئۇرۇش پارتىلىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا كاپتالىستلار ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي كۆرسەتتى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان مەزھەپلەرنى ئىقتساد بىلەن تەمىنلىدى. لېكىن كۆپىنچە كاپىتالىستلار كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولغان پروتېستىئان مەزھىپىنى قوللىدى. كاتولىك دىنىنىڭ تەركىدۇنيالىق تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە پروتېستىئان مەزھىپى تىرىشچانلىق، ۋە ئىقتساد جۇغلاشنى (ئىقتىسادچانلىق)تەڭرى ياخشى كۆرىدىغان خىسلەت دەپ قارايتتى. ( Nial Ferguson: Civilization ) . شۇڭا پروتېستىئان خرىستىئانلار بار كۈچى بىلەن كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇردى. دۇنيادىكى كاتولىك ۋە پروتېستىئان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا قاراپ چىقساق بەلكىم بۇنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. مەسلەن، شىمالى ئامېرىكا پروتېستىئان، جەنۇبىي ئامېرىكا كاتولىك، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا پروتېستىئان، جەنۇبىي ياۋروپا كاتولىك مەزھىپىدۇر.

ئىدىيىنىڭ ئازاد بولۇشى، ئىزدىنىش ۋە كاپتال جۇغلاشقا بولغان قىزغىنلىق، تالان – تاراج قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىك ۋە ئۇرۇش تەبىئي پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈردى. كاپىتالىستىك بازار ئىگىلىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىگە مەركەزلەشتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بۇ ساھەدە تېخنىكىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا كانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. پار ماشىنىسى بارا- بارا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ پويىز، ماشىنا، تانكا ۋە ئايروپىلانلار كەشىپ قىلىندى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نۇرغۇنلىغان يېڭى تۈرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار سىنىپى ، چوڭ باي كاپىتالىستلار ، چوڭ شەھەرلەر ۋە سودا مەركەزلىرى بارلىققا كەلدى. دۆلەت ھالقىغان سودىگەرلەر يېڭى تىجارەت يوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنى بارغانسېرى بىر -بىرى بىلەن باغلىدى.

كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىستېمىلىق ئەخلاق ۋە باشقۇرۇش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ۋە بۇ ئارقىلىق كاپىتالىزمنى غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغۇچىلار ئەنگلىيىلىك جون لوك ۋە شوتلاندىيىلىك ئادام سىمىتتۇر. جون لوك 1689- يىلى ئېلان قىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدىكى كىتابىدا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ شەخسى مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش ھەققى بار ۋە شەخسى مال – مۈلۈك مۇقەددەستۇر، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى شەخسنىڭ مال – مۈلۈكنى قوغداش دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەشەببۇس نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بەردى .

ئادام سىمىت بولسا 1776-يىلدا كاپىتالىزم ئىدىيسىنىڭ گىگانت ئەسىرى بولغان « مىللەتلەرنىڭ بايلىقى» Wealth Of Nations))نى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ئەسىرىدە كاپىتالىزمنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ھەممىگە چات كىرىۋالماي بازارنىڭ تەبىئي قانۇنىيىتىگە قويۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە كاپىتالىست سودىگەرلەرنىڭ ئالدىدىكى توسۇقنى ئېلىۋەتكەن ئىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قاراش تېخىمۇ كۆپ ۋە كاتتا مىليونىرلارنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قايسى دۆلەتنىڭ كاپىتالىزمى تەرەققىي قىلغان بولسا شۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭمۇ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە لىدىرلىق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسلەن 16-ئەسىردە ئىسپانىيە( ئامېرىكا قىتئەسىنى بۇلاش) ، 17-ئەسىردە گوللاندىيە( تىجارەت ۋە دېڭىزدا ھارۋىكەشلىك قىلىش) ، 18-ئەسىردە ئەنگلىيە ( خەلقئارالىق سودا ) ۋە 20-ئەسىردە ئامېرىكا ( ئۇرۇشتا قورال -ياراق سېتىش، ئالىملارنى جەلىپ قىلىش) دېگەندەك. پۈتۈن بۇ جەرياندا پەن -تېخنىكا كاپىتالىزمنىڭ تەرەقىياتىدىن پەيدا بولدى، كاپتالنىڭ كۈچىدە تەرەققىي قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. يىغىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن بۇ دەۋر كاپىتالىزمنىڭ تۇغۇلغان ۋە پىشىپ يىتىلىپ دۇنيانى شەكىللەندۈرگەن دەۋرى بولدى.

5- 1950- يىللاردىن يېقىن كەلگۈسىگىچە (2100-يىللارغىچە).
كۈچ- ئىقتساد ، كومپيۇتېر ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسى

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن رەقەملىك بانكا سېستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تېلېفون ،فەيسبۇكقا ئوخشايدىغان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن كومپيۇتېر ئىلمى مىسلىسىز دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ كومپيۇتېر تېخنىكىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئالەم ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بوشلۇققا چىقىرىلىشى ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەر كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارسىز مۇمكىن بولمايدىغان ساھەگە ئايلاندى. سۈنئىي ھەمراھنى بوشلۇقتا كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش قاتارلىقلار پەقەت كومپيۇتېر بىلەنلا مۇمكىندۇر. باشقۇرۇلدىغان بومبىنى نىشانغا تەگكۈزۈش، تېلېفوندا سۆزلىشىش، بانكىغا پۇل قويۇش ۋە ئېلىش… ئىشقىلىپ كومپيۇتېردىن مۇستەسنا ھالدا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئاساسەن قالمىدى. ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مانا بۇ ساھەلەردە لىدىرلىقنى ئىگىلەش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە.

80- يىللاردىن كېيىنكى بايلارنىڭ ئورنىنى ئەنئەنۋى تىجارەت قىلىدىغانلاردىن مىكروسوفىت، ئالما، فيسبۇك ، تىڭشۈن ، ئالى بابا قاتارلىق كومپيۇتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بايلارنىڭ ئىگەللىشى بۇنىڭ يارقىن مىسالىدۇر. بىر دۆلەتنىڭ خاككىرلىق تېخنىكىسى نەقەدەر يۇقىرى بولسا بۇ دۆلەت شۇنچىلىك كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ رەقىبىگە تەھدىت سالالايدۇ. خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتترسىدىكى خۇاۋىي كرىزىسنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن سىرت خۇاۋىينىڭ 5G تېخنىكىسىدا ئامېرىكىدىن بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتىۋالغانلىقىدۇر. چۈنكى خىتاي بۇ تېخنىكا ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرلاردىن ئالگورىزم ( Algorithm) ھاسىل قىلىدۇ. ئالگورىزم سۇنئي ئەقىل تېخنىسىكسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمىدۇر. سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى غايەت زور ئىقتسادى قىممەت يارىتىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىنسانلارنى كونترول قىلىش ياكى ئۆزى خالىغان تەرەپكە يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. سىز ھازىر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا گۇگۇل ياكى ئايفۇن سىزنىڭ چىراي ئىپادىلىرىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى، ئوقۇش سۈرىتىڭىز ۋە قايتا ئوقۇغان جۈملىلىرىڭىزنىڭ قېتىم سانىغا قاراپ بۇ يازمامنى ياخشى كۆرگەن كۆرمىگىنىڭىزنى دۇنيادىكى ھەرقانداق پىسخولوگدىنمۇ چاققان ۋە توغرا دەپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى كومپيۇتېر ئاللىبۇرۇن ئىنسانلارنىڭ خۇشال بولغان، ھاياجانلانغان، غەزەپلەنگەن چاغدىكى چىراي ئىپادىلىرى، نەپەس ئېلىش ۋە قان ئايلىنىش قېتىم ساننى ئىستاستىكلاپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قاچىلاپ بولدى. شۇڭا سىز توردىن بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ سېتۋالغاندىن كىيىن خېلى ئۇزۇنغىچە شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ تېلېفونىڭىز ياكى كوميوتىرىڭىزنىڭ ئېكراننىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرىنىدىغان قىسمىغا چىقىۋېلىشدىن غەلىتىلىك ھېس قىلماڭ. بۇ دەۋردىن باشلاپ سىز كومپيۇتېرنى ئېچىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا كومپيۇتېرمۇ سىزنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولىدۇ. يەنە كېلىپ كومپيۇتېر سىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ توغرا شەكىلدە ئانالىز قىلىپ چىقالايدۇ. مەسلەن، خىتايدا بارلىققا كەلگەن تېخنىكىدا مۇلازىمتىر 7 سىكۇنت ئىچىدە سىزنىڭ قىزىقىش دائىرىڭىزنى بىلەلەيدۇ.

سۈنئىي ئەقىل Artificial Intelligence) )كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسىنىڭ بىرلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا چىققان تېخنىكا بولۇپ ھازىرچە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئاساس قىلماقتا. بىئولوگىيە تېخنىكىسى بىلەن بىرلىشىش ھازىرچە سەل تۆۋەن. لېكىن كەلگۈسى نەچچە يىلدىلا بۇ ئىككىسى بىر بىرىگە باغلىنىشى مۇمكىن. خىتايلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىئلوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىنىڭ مەقسىتى دەل بۇ يەردە. خىتاي بىزنى ئەۋرىشكە ، ۋەتىنىمىزنى تەجرىبە بازىسى قىلشنى ئويلاشقان بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ ئۇچۇرلار غايەت زور مىقداردا توپلانغاندىن كىيىن كۆپ خىل نەرسىنى ياسىغىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن قۇسۇرسىز كۆزىتىش سىستېمىسى ، ئەقىللىق ماشىنا ئادەم دېگەندەك. سىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭىزنى ۋە ھىسىياتىڭىزنى بىلىش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسلا بولۇپ قالدى، خالاس. بۇنداق بولغاندا ئىنسان ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىدۇ. مەسلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىز شۇ يولغا قاراپ كېتىپ بارىمىز. مانا بۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر تەخرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىچىڭدە بىزگە نارازى بولدۇڭ دەپ تۇتقۇن قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى تېخنىكا نوقتسىدىن بۇنى بىلىشكە ئىمكانىيەت باردۇر. ھازىرقى مەۋجۇت سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىئولوگىيە، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە بىلىملىرى بىلەن بىرلەشسە مۇكەممەل ماشىنا ئادەملەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. بۇلارنى ئىشلىتىش ئادەملەرنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئاز چىقم كېتىدۇ. چۈنكى، يېمەيدۇ ، ئىچمەيدۇ ۋە ھېرىپ قالمايدۇ. سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىمسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىتائەتچان ۋە قىلغان ئىشىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. كەلگۈسىدە ئوپېراتسىيەگە كىرگەن ئىنسانلار ئىنسان دوختۇردىن بەكرەك روبوت دوختۇرنى تاللىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىنسان دوختۇر ئوپېراتسىيەگە ھارغىن ياكى خوتۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ كەيپىياتى بۇزۇق كىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا كۆزى ياخشى كۆرمەسلىكى، قولى تىترەيدىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھارغىنلىقتا قورسقىڭىزنىڭ ئىچىگە داكىنى قويۇپ سىرتىدىن تىكۋىتىشى مۇمكىن ياكى بىر پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا ھودۇقۇپ كېتىپ ئۈچەيلىرىڭىزنى كېسىپ تاشلىشى مۇمكىن. لېكىن پروگراممىلاشقان روبوت دوختۇر بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى قىلمايدۇ. ئىنسان دوختۇر، كۆزى بىلەن مۆلچەرلەپ كەسكەن يەرنى روبوت دوختۇر نانو تېخنكسىدىن پايدىلىنىپ دەل كېسىلىشكە تىگىشلىك جاينى تېپىپ كېسىدۇ…

بۇ تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا ئىقتساد ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا. گۇگۇل ،فەيسبۇك، ئالما،مىكروسوفىت ، تېسلا قاتارلىق باي شىركەتلەر ۋە خىتاي ، ئامېرىكا ۋە ئسرالىيە قاتارلىق باي دۆلەتلەر بۇ ساھەدىكى غايەت زور مەبلەغ سالغۇچىلاردۇر ۋە تەبىئىيكى يېتەرلىك ئىقتساد بولمىسا بۇ تېخنىكىلارنى تەرەققي قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

شۇنى تونۇپ يىتىش كېرەككى، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ھەقىقى خوجايىنلىرى پۇلدار كاپىتالىستلاردۇر. سىياسەتچى ۋە ئالىملار ئۇلارنىڭ مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. دۇنيا بىزنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىنسانىيەت قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ۋەھشى ئۇسۇل بىلەن يوق قىلىنىشىمزغا قاراپ تۇرۋاتقان بولسا بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىقتسادىنىڭ خىتاينىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىدۇر. بۇ يەردە ۋىجدان، ئەخلاق ۋە مەردلىك نۇقتسىدىن چىقىپ بىزنىڭ گېپىمزنى قىلىدىغان دۆلەت يوق دىيەرلىك. ئەردوغاننىڭ 24- سېنتەبىر ب دت
يىغىنىدا دۇنيادىكى چوڭ كىچىك كرىزسلارنىڭ ھەممىنى تىلغا ئېلىپ ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى ئاللىبۇرۇن مۇرەسسەسىز ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ۋەتەندىكى لاگىرنى تىلغا ئالماسلىقى، پەلەستىن، كەشمىر، كافكاز، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەزلۇملىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۇنيا بىلىدىغان ، ئۆزى ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئوچۇق بىلىدىغان بىز ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

دىن بىر يەرگە ئەكىلەلمىگەن ئىنسانلارنى پۇل بىر يەرگە ئەكلىۋاتىدۇ. ئەخلاق ۋە ئىلاھىي ئىدېئولوگىيەلەر ئۆلۈشكە باشلاۋاتىدۇ. ھاكىمىيەت قىسمىدا بۇ ئىدېئولوگىيەلەر ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولدى. ۋەتەندىكى ئىنسانلىق تراگېدىيەسىگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۇسقۇن قېلىشى، ھەتتا قوللىشى تۈركىيەنىڭ ئاشكارا خىتاينى ئەيپلىيەلمەسلىكى، قازاقىستان ، قىرغىزىستان قاتارلىقلارنىڭ خىتاي بىلەن بۇرۇنقىدەكلا مۇناسىۋەتلىرىنى داۋام قىلشى بۇرۇنقى كۈچ دەپ قارالغان ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ئۆلىۋاتقانلىقى ۋە ئەمدىلىكتە كۈچنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە يىتىپ ئاشىدۇ. ئىمرانخاننىڭ مەن بىلمەيدىكەنمەن دەپ تۇرۋېلىشى، ئەردوغاننىڭ ھەممىنى بىر بىر ساناپ بىزنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشى ۋە ئەڭ ھەيران قالارلىقى دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ چېمپىيونلۇق مىدالىنى تاقاپ كىلۋاتقان پەلەستىننىڭ خىتاينى قوللىشى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنشىمىز ئۈچۈن كاچتىمىزغا ئۇرۇلغان ئۈچ تەستەكتۇر. بولۇپمۇ پەلەستىننىڭ قىلغىنى « ئۈممەت بىرلىكى» شوئارىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سالاھىددىن ئەييۇبى ياكى 3- ئىېننوسېنتىيوستەك دىن، ئەخلاق ۋە مەردلىك ئۈچۈن ياشايدىغان ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى.

ياۋروپا دىكى باي دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتساد ۋە تۈزۈم رىقابىتى سەۋەبدىنلا بولۇپ قالماي يەنە غەربنىڭ 300 يىلدىن بېرى تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، ئىنساننىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئىدىئال سىياسىي تۈزۈم پەلسەپەسى سەۋەبىدىندۇر. شەرق دۆلەتلىرى بۇنداق بىر تارىخى جەرياننى بېسىپ ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ غەربتەك كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش قىيىن. غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەرق دۆلەتلىرى باشقا مەسىلىدۇر.

دېمەك بۇ ئەسىردە ۋە يېقىن كەلگۈسىدە كۈچ دېمەك ئىقتساد ۋە تېخنىكا دېمەكتۇر. تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا پۇل، كومپيۇتېر، بىئولوگىيە ۋە سۇنئىي ئەقىل تېخنىكىسى دېمەكتۇر . شۇڭا كەلگۈسى ئەۋلادلارنى مۇشۇ ساھەلەردە تەربىيىلىگەنلەر ياكى مەبلەغنى بۇ تەرەپكە سالغانلار كۈچنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
پۇل تاپقان كىشىلەرنى ھۆرمەت ھۆرمەت قىلىش كېرەك . ئۆزى باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن لېكىن سىياسىي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خەلقكە قەستەن يامان كۆرسەتكەن پۇل تېپىش روھى، يەنى تىجارەت ۋە كاپىتالىزم روھىنى تۆۋەن كۆرىدىغان سۈنئىي «گۆرۈگە ئېلىنغان كوممۇنىزم » كۆز قارىشىنى تاشلايدىغان ۋاقىت كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
ياشلار ۋە پەرزەنتلەر ئىقتساد، كومپيۇتېر ، DNA ئىنژىنرلقى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق كۈچلۈك كەسىپلەردە كۆپلەپ ئوقۇشى كېرەك. بۇ كەسىپلەرنى ئىگىلەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولغان ئىنگلىزتىلىنى مۇكەممەل ئىگىلىشى كېرەك.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

Alev Alatlı: Batıya Yön Veren Metinler

Andrew Heywood: political Science

Muazzez İlmiye Çığ: Gılgamış Destanı

Önder Kaya: Avrupa Tarihi Üzerine Yazılar

William James Durant: Tammuz, Osris, İsis ABD Horus

William James Durant: Oryantal Miraslarımız

Plato: Devlet

Machiavelli: The Prince

Dante: Devine Comedy

Tomas Hobbs: Leviathan

Jean- Jacques Rousseau: social contract

John Locke: Two Treatises of Government

Adam smith : Wealth of Nations

Niall Ferguson: Civilization

Yuvval Noah Hurary : Sapience

Yuvval Noah Harary: Homo Deus

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*