كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق جەريانىنىڭ تارىخىي تەھلىلى

2019-يىلى 26-ئىيۇن

تاسام

كوسوۋو سېربىيە تارىخى ۋە مىللىي كىملىكىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى كوسوۋو ئوتتۇرا ئەسىر سېربىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغان جايى ۋە مەركىزى بولۇپلا قالماي، سېربىيە پادىشاھلىقى يىمىرىلگەن جايمۇ دەل كوسوۋودۇر. 1389-يىلى كوسوۋو جېڭىدە مەغلۇپ بولغان سېربىيە پادىشاھلىقى كوسوۋودىن چېكىنىپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ زېمىنلارنى ئوسمانلى پادىشاھلىقىغا تارتقۇزۇپ قويىدۇ. سېربىيە پادىشاھلىقى بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تېزلا كۈچىنى يوقىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سېربىيە پادىشاھلىقىنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

سېربلار 1878-يىلىغا قەدەر ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدىن ئايرىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆز پادىشاھلىقىنى قايتا قۇرۇپ چىقىدۇ. لېكىن دەسلەپكى قۇرۇلۇش ۋە مۇستەقىللىق جەريانىدا مەلۇم مەزگىل سېربىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان كوسوۋو ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قولىدا قالىدۇ. سېربلار كوسوۋونى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن 1912-يىلى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدىن ئاران دېگەندە قايتۇرۇۋالىدۇ. لېكىن ئوسمانلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان بەش ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كوسوۋودىكى سېربلارنىڭ نوپۇسى ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ، سېربلار بۇ تېررىتورىيەدە كىچىككىنە ئاز سانلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 1918-يىلى سېرب-ھىرۋات-سلوۋېن پادىشاھلىقى قۇرۇلىدۇ. پادىشاھلىقنىڭ ئىسمى 1929-يىلى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. بىرىنچى يۇگوسلاۋىيە دەپمۇ تونۇلغان بۇ پادىشاھلىق 1941-يىلى گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى (ئىتالىيە، بۇلغارىيە، مانجۇرىيە ۋە ئالبانىيە) تەرىپىدىن بېىسىۋېلىنىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يىمىرىلىدۇ. كوسوۋو 1918 ۋە 1941- يىللار ئارىسىدا يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇستەملىكىچى مۇستەبىت كۈچلەر ۋە يەرلىكلەرنىڭ خائىنلىق ھەرىكەتلىرى (سېرب چەنتىك ۋە ھىرۋات ئۇستاشا ھەرىكەتلىرى)نى مەغلۇپ قىلغان كوممۇنىست پارتىزان ئەسكەرلىرى بۇ دۆلەتنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىدۇ. 1945-يىلى 12-ئايدا يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان چوڭ يىغىن «يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. دۆلەت نامى 1963-يىلى «يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى» (ي س ف ج)گە ئۆزگەرتىلىدۇ.

ي س ف ج دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936-يىلىدىكى ئىستالىنچە ئاساسىي قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە تۈزۈلگەن 1946-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ. 1950-يىلى كەڭ دائىرىلىك «ئۆز ئىدارىچىلىك قانۇنى» ۋە 1953-يىلى «ئاساسىي قانۇن»نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ي س ف ج سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزم قارىشىنى تاشلاپ، ئۆزىگە خاس بىر سوتسىيالىزم قارىشى ۋە سىستېمىسىنى، يەنى «سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىك[1] قانۇنى»نى بەرپا قىلىدۇ. بۇ سىستېما 1963 ۋە 1974-يىللىرىدىكى ئاساسىي قانۇنلار ۋە باشقا كۆپلىگەن ئاساسىي قانۇنلارنىڭ ئسىلاھاتلىرى بىلەن تەڭ قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىدۇ.

ي س ف ج’گە خاس بولغان بۇ يېڭى سوتسىيالىزم قارىشى ۋە سىستېمىسى ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپقا تايىناتتى: 1) ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى، 2) مىللەتلەر باراۋەرلىكى، قېرىنداشلىقى ۋە بىرلىكى.

بىرىنچى پىرىنسىپ بويىچە ئەمگەكچى خەلق ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە قارار قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە قارىلاتتى. مۇشۇ مەقسەتتە، يەنى يېڭى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىقتىسادىي ساھەدە سوتسىيال ئۆز ئىدارىچىلىكنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى»، ئىجتىمائىي-سىياسەت ساھەسىدە بولسا ئاساسىي رەھبەرلىك قىسمى بولغان «مەخپىي تەشكىلاتلار»قۇرۇلىدۇ.

«قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك (Bratstvo i jedinstvo) »شوئارى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىككىنچى پىرىنسىپ ي س ف ج’گە «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» سۈپىتىدە قارايتتى ھەمدە بىرلىك ئىچىدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرەل، تىل ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى نىشان قىلغان ئىدى. مۇشۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن، 1946، 1963 ۋە 1974-يىللىرىدىكى ئاساسىي قانۇنلار ي س ف ج’نى (سېربىيە، كىرودىيە، سىلوۋېنىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ماكېدونىيە ۋە قاراتاغ) قاتارلىق ئالتە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت ھەمدە (كوسوۋو-مېتويا ۋە ۋويۋودىنا)دىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايونغا بۆلىدۇ. كوسوۋو ۋە ۋويۋودىنا ئاپتونوم رايونلىرى سېربىيە سوتسىيالىست جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە خېلى كۆپ ئىمتىيازلارغا ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئىگە بولغان ئىككى «ئاپتونوم رەھبەرلىك ئورگىنى» ۋە «ئاپتونومىيەلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي جەمئىيەت» بولۇپ قۇرۇلىدۇ.

ي س ف ج’نىڭ 1963 ۋە 1974-يىللىرىدىكى ئاساسىي قانۇنلىرىغا كۆرە سېربلار، ھىرۋاتلار (كىرودىيەلىكلەر)، سىلوۋېنلار، ماكېدونلار، قاراتاغلىقلار ۋە بوسنىيەلىكلەر بولسا فېدېراتسىيەنىڭ «قۇرغۇچى مىللەتلىرى» دەپ قارىلىپ، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا كۆپلىگەن خەلقلەر (ئالبانىيەلىكلەرمۇ ئىچىدە) «ئاز سانلىق مىللەتلەر» دەپ قارىلىدۇ. ھەر ئىككى كاتېگورىيەگە تەۋە خەلقلەر ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ۋە گىراژدانلىق نۇقتىسىدىن ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىدى. بۇ ئىككى كاتېگورىيەنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەرق بولسا «ئۆز بەلگىلىمىچىلىك[2] ۋە ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقى»غا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، قۇرغۇچى مىللەتلەرنىڭ ۋە ئالتە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ «ئۆز ئارزۇلىرى» بىلەن فېدېراتىپ بىرلىك (ي س ف ج)تىن ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇق ۋە سالاھىيەتلىرى بار ئىدى. لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە سېربىيە ئىچىدە مەۋجۇت بولغان ئىككى ئاپتونوم رايون (كوسوۋو ۋە ۋويۋودىنا)غا بىرلىكتىن ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى بېرىلمىگەن ئىدى.

كوسوۋو 1946-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە سېربىيە تېررىتورىيەسىدە سېربىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون بولۇپ ياشايدۇ. كوسوۋو رايونى سېربىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى مەجلىسى ۋە ي س ف ج مەجلىسلىرىدە بىۋاسىتە ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بۇ رايون ئۆزى قانۇن تۇرغۇزۇش (رايون مەجلىسى)، ئىجرائىيە (رايونلۇق ھۆكۈمەت) ۋە سوت (رايونلۇق ئەدلىيە مەھكىمىلىرى) قاتارلىق ئورگانلارغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپىسى رايوننىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنى (كوسوۋو-مەتويا رايونلۇق ئاساسىي قانۇنى) تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىدى. رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنى فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى (ي س ف ج ئاساسىي قانۇنى) ۋە فېدېرە ئاساسىي قانۇنى (سېربىيە سوتسىيالىست جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى) بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئىككىنچىلىرىنىڭ ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ.

فېدېراتسىيە ئىچىدە ياشىغان بارلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ھوقۇقلار كوسوۋودا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 2،000،000 (ئىككى مىليون) ئالبانىيەلىكلەرگىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، كوسوۋو شىتاتىنىڭ رەسمىي تىللىرى ئالبانچە، سېربچە ۋە تۈركچە شەكىلدە سىستېمىلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالبانلار ئۆز كۈلتۈرلىرىنى ۋە تىللىرىنى (مائارىپ، ئېلان-تەشۋىقات ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش) قاتارلىق ھەر ساھەدە ئەركىن قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. 1968-يىلى بېلگراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوسوۋودىكى فاكۇلتېتلىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرى پرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. مائارىپ تىلى ئالبانچىغا بولغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا، بولۇپمۇ ئالبانىيەدىن كەلگەن ئاكادېمىكلار ۋە ئالىملار ئالبان تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە دەرسلەر ئۆتەلەيتتى. ئالبان تىلىدا كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارقالمىلىرى ئەركىن-ئازادە تارقىتىلاتتى.

ي س ف ج’دە ئىجرا قىلىنغان سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىك سىستېمىسى كوسوۋوغا ۋە كوسوۋو ئالبانلىرىغا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ساھەلەردە كۆپلىگەن سالاھىيەت، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلەرنى بېرىپ، رايوندا تىنچ بىر مۇھىتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ تىنچ مۇھىت سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىك سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىپ، كاپىتالىستىك سىستېمىغا ئۆتۈش بىلەن تەڭ بۇزۇلىدۇ. يۇگوسلاۋىيەدە بۇ يىلتىزلىق ئۆزگىرىش-ئايلىنىش جەريانى 1980-يىللىرىدا IMF دۇنيا بانكىسى ۋە غەرب كاپىتالىستىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى لىبېرال (neo-liberal) سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تەڭ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتتە سوتسىيالىست ئۆز ئىدارچىلىكتىن كاپىتالىزمغا ئۆتۈش ۋە خەلقئارا كاپىتالىستىك سىستېمىغا قېتىلىش جەريانى باشتىن كەچۈرۈلىدۇ.

بۇ رادىكال كۆچۈش جەريانى پەقەت ئىقتىسادىي ساھەدىلا ئەمەس، خالاپ-خالىماي (سىياسەت، قانۇن، دۆلەت، ئىدېئولوگىيە ۋە كۈلتۈر) قاتارلىق ئۈستقۇرۇلما ساھەلىرىدىمۇ قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 80-يىللارغا كەلگەندە يېڭى لىبېرال سىياسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىكتىن كاپىتالىزمغا كۆچۈش روياپقا چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىكنىڭ ئىككى ئاساسىي چۈشەنچىسى/پىرىنسىپى (ئەمگەكچى خەلقنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قېرىنداشلىق، بىرلىك)دا قەدەممۇقەدەم ئاجىزلىتىلىپ، ئاخىرىدا يوقىتىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى چۈشەنچە ئاساسىدا ”بازار ئىگىلەش رىقابىتىنى ئاساس قىلغان رىقابەتچى كاپىتالىزم“ بەرپا قىلغىلى بولمايتتى. سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىكنىڭ ئىككى پىرىنسىپى يۇگوسلاۋىيە تېررىتورىيەسىدە كاپىتالىزمنىڭ قۇرۇلۇشى ئالدىدىكى بىر توسالغۇ ئىدى.

سوتسىيالىست ئۆز ئىدارىچىلىكنىڭ تايانچى بولغان ئىككى پىرىنسىپنىڭ چېكىنىش جەريانى يۇگوسلاۋىيەدە مىللەتچىلىكنىڭ يۈكسىلىش جەريانى بىلەن دەۋرداش بولۇپ، ئەمگەكچى خەلق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى ئۆز ئورنىنى يەككە شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بوشىتىپ بەرگەن بولسا، قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك پىرىنسىپىمۇ ئۆز ئورنىنى مىللەتچىلىككە ۋە مىللەتلەرنىڭ توقۇنۇشىغا بوشىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش-ئايلىنىش مۇھىتىدا «بۈيۈك سېربىيە»، «بۈيۈك كىرودىيە»، «بۈيۈك ئالبان» ۋە «بۈيۈك ماكېدونىيە»قاتارلىق مىللەتچىلىك مەستانىلىرى ۋە پىلانلىرى بەرپا قىلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەتچىلىك مەستانىلىرى ۋە پىلانلار دۆلەتنى قانلىق پارچىلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

«بۈيۈك سېربىيە» پىلانىنىڭ رەھبىرى مىلوشېۋىچ ھۆكۈمىتى 1989-يىلى سېربىيە مەجلىسىدە چىقىرىلغان بىر قاراردا كوسوۋو رايونىنىڭ ئاپتونومىيەسىنى بىكار قىلىپ، رايوننىڭ پۈتۈنلەي بېلگراد ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. سېربىيە مەجلىسىنىڭ بۇ قارارى 1974-يىلىدىكى ي س ف ج’نىڭ ئاساسىي قانۇنىغا زىت ئىدى. چۈنكى بۇ ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، ھەر قايسى رايونلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى سېربىيە مەجلىسى تەرىپىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايتتى. كوسوۋو رايونلۇق مەجلىسى 1990-يىلىدا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ جاكارنامىمۇ 1974-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا زىت كېلەتتى. چۈنكى بۇ ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقى يوق ئىدى. قانۇنسىز بىر شەكىلدە كوسوۋونىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلغان بېلگراد ھۆكۈمىتى كوسوۋو مەجلىسىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارنامىسىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى.

1990-يىلىدىن ئېتىبارەن سېربىيە ساقچى ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرى كوسوۋودا ئالبان خەلقىگە قارىتىلغان بېسىملارنى قەدەممۇقەدەم ئېغىرلىتىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قاتتىق جازا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرايدۇ، ئۆلتۈرۈلىدۇ، كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن سىرت كۆپ سانلىق ئالبانىيەلىك ئاياللار ئاياق ئاستى قىلىنىدۇ.

1998-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار سېربىيە ھۆكۈمىتىگە ئەسكەر ۋە ساقچى كۈچلىرىنى كوسوۋو زېمىنىدىن چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ئۇلتىماتوم [3] تاپشۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلتىماتوم رەت قىلىنغاچقا، 1999-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تەرىپىدىن سېربىيە ۋە مىلوشېۋىچ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش باشلىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن مىلوشېۋىچ ھۆكۈمىتى كوسوۋودىن ئەسكەر ۋە ساقچى كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كوسوۋو ناتو ۋە ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)نىڭ ھىمايىسىگە ئۆتىدۇ.

كوسوۋو ناتو بىلەن ب د ت’نىڭ ھىمايىسىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، قانۇنىي جەھەتتىن داۋاملىق سېربىيەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قالىدۇ. ب د ت باشچىلىقىدا 2006-يىلى 2-ئايدا رايوننىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەر باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلق سايلىمىدا كوسوۋونىڭ سېربىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى جاكارلىنىدۇ. ب د ت نىڭ كوسوۋو ۋەكىلى مارتتى ئاھتىسارى 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كوسوۋوغا «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى مۇستەقىللىق» بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رۇسىيە 2007-يىلى 4-ئايدا ئېچىلغان ب د ت بىخەتەرلىك مەجلىسىدە ئاھتىسارىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زۇڭتۇڭى بۇش 6-ئايدا كوسوۋونىڭ كۆپ كېچىكمەستىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن جاسارەتلەنگەن كوسوۋو مەجلىسى 7-ئايدا ب د ت باشلامچىلىق قىلغان كوسوۋو ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىل ئاخىرىغا قەدەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاشنى قارار قىلىدۇ.

نەتىجىدە كوسوۋو مەجلىسى 2008-يىلى 17-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان يىغىندا تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16:39’دا رايوننىڭ سېربىيەدىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە مۇستەقىل كوسوۋو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

«بىز كوسوۋو ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سۈپىتىدە كوسوۋونىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلايمىز» ئىپادىلىرى ئىشلىتىلگەن بۇ جاكارنامىدە، ب د ت نىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى مارتتى ئاھتىسارىنىڭ ئۆتكەن يىلى سۇنغان تەكلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مۇستەقىل كوسوۋونىڭ يېڭى بايرىقى پرىشتىنە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلىدۇ. كوسوۋو جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئالتە يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن، كۆك تەگلىك ئۈستىگە سېرىق رەڭلەر بىلەن كوسوۋونىڭ چېگرالىرى سىزىلغان بىر بايراق قىلىپ بېكىتىلىدۇ. كوسوۋو بۇ چاغقىچە قىزىل تەگلىك ئۈستىگە قارا رەڭدە قوش باشلىق بۈركۈتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالبان بايرىقى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى.

سېربىيە پىرېزىدېنتى كوستۇنىجا مۇستەقىللىق جاكارنامىسىدىن كېيىن رادىيو-تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تارقاتقان نۇتقىدا «بۇ زوراۋانلىقنىڭ جاۋابكارى بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ياۋروپالىق تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە سېربىيە تارىخىغا قارا رەڭدە يېزىلىدۇ. بۈگۈن 17-فېۋرالدا ناتونىڭ كونتروللۇقىدىكى كوسوۋونىڭ قونچاق دۆلىتى سېربىيە تېررىتورىيەسىدە قانۇنسىز شەكىلدە ئېلان قىلىندى. بۇ بىر زوراۋانلىق ھەرىكىتىدۇر. سىياسىي زوراۋان، رەھىمسىز ۋە ئەخلاقسىز ئامېرىكا ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇشۇنداق قانۇنسىزلىقنى پەيدا قىلدى ھەمدە ئۆز قاراشلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۆزگە ئىلمىدى»دەيدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۈچنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويغانلىقىغا ھەمدە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇننىمۇ دەپسەندە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن كوستۇنىجا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇن يىللارغىچە يۈز بېرىدىغان قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ جاۋابكارى بولىدۇ. سېربىيە كۆزگە ئىلىنماسلىقنى ۋە كۈچلۈككە بوزەك بولۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەيدۇ[4].

مۇستەقىللىق جاكارنامىسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ جاكارنامىنى خاتىرىلىۋېلىپ، بىر قۇر قاراپ چىققانلىقىنى ھەمدە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى كوسوۋو ۋە سېربىيە ھۆكۈمەتلىرىنى «سالماق بولۇشقا ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا» چاقىرىدۇ، رۇسىيە سېربىيەنى قوللايدۇ. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان موسكۋا ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق جاكارنامىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە ب د ت كېلىشىمنامىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى، ئا ق ش بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سېربىيەگە ئۇۋال قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا كوسوۋو مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، كوسوۋونىڭ بۇ شەكىلدە مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرەتتى ھەمدە بۇنداق بولغاندا يېڭى مەسىلىلەرنى، قالايمىقانچىلىقلارنى ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىبۇللاھ مەتقۇربان

[1] . ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش – ت.

[2] . ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش – ت.

[3] . بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە قويغان قەتئىي دىپلوماتىك تەلىپى – ت.

[4] . مەنبە: www.ntvmsnbc.com ۋە www.setimes.com

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*