كىشىلىك تىپ ۋە خاراكتېر

 

 

(بەزى كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا قالدۇرۇلغان خاتىرە)

 

مەخسۇم | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

كىشىلىك تىپ (Personality): بىر ئىنساندا بار بولغان ئەقلىي، روھىي، ئىجتىمائىي سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. ياكى بىر ئىنساندىكى جىسمانىي، روھىي، تۇغما( ئۆزگەرمەس) ياكى يېتىلگەن (ئۆزگىرىدىغان) سۈپەت-خاراكتېرلار، ئۆرپ-ئادەت، قىممەت قاراش ۋە ھېسسىيات قاتارلىقلارنىڭ بىرىكمىسىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىپادىلىنىشىدۇر.

بۇلاردىن خاراكتېر كۆپرەك تۇغۇلما، ئۆزگەرمەس، بار خۇي – پەيل، مىجەزنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، باشقا ئالاھىدىلىك ۋە سۈپەتلەر چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ يېتىلىپ ھەم ئۆزگىرىپ، كىشىلىك تىپنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ پىسخولوگىيەنىڭ بىر تەتقىقات ساھەسىدۇر.

پىسخولوگلار كىشىلىكنى تەتقىق قىلىشتا ھەرخىل مېتودلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شۇلارغا ئاساسەن نەچچە ئېقىمغا ئايرىلغان. مەسىلەن: ھېپوكراتنىڭ تۆت خىل مىزاج نەزەرىيەسى بىيولوگىيەلىك نۇقتىنى ئاساس قىلغان. كىرچمىرنىڭ سېمىز-ئورۇق-چېنىققان-تەۋەسىز نەزەرىيەسى فىزىيولوگىيەلىك (جىسمانىي) نۇقتىنى ئاساس قىلغان. فروئىد ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولسا پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان ۋە باشقىلار.

تۆۋەندە بىز خاراكتېرنى ئاساس قىلغان بەزى نەزەرىيەلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز (يۇقىرىدا دېيىلگەن ھېپوكراتنىڭ تۆت مىزاج نەزەرىيەسى مۇشۇ كاتېگورىيەگە تەۋەدۇر).

يېقىنقى زاماندا خاراكتېرنى پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان ئالىملاردىن بىرى فىروئىدنىڭ شاگىرتى كارل يوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنسانلار ئىككى خىل چوڭ تۈرگە ئايرىلغان. بۇلار:

1 . تاش مىجەز  2 . ئىچ مىجەز.

بۇ ھەر ئىككى خىل تۈرگە ئىنساندا بولىدىغان تۆت خىل ھالەت تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلار بولسا: تەپەككۇر(ئەقىل)، ۋىجدان(ھېسسىيات)، سەزگۈ ۋە تۇيغۇ. شۇنداق بولغاندا بۇلارنىڭ تۈرلىنىشىدىن تۆت خىل تىپ شەكىللىنىدۇ. بۇلار: 1. تاش مىجەز مۇتەپەككۇر، 2. تاش مىجەز ھېسسىياتچان، 3. تاش مىجەز سەزگۈر،  4. تاش مىجەز تۇيغۇن، 5. ئىچ مىجەز مۇتەپەككۇر، 6. ئىچ مىجەز ھېسسىياتچان 7. ئىچ مىجەز سەزگۈر 8. ئىچ مىجەز تۇيغۇن.

يوڭدىن كېيىن مايرز ۋە بۇرگىر دېگەن ئىككى ئالىم يوڭنىڭ نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، MBTI كىشىلىك كۆرسەتكۈچى ۋە بىر قاتار سىناق سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئىنچىكىلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە ئېتىراپقا ئېرىشكەن. بۇلار يوڭنىڭ نەزەرىيەسىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق 4 خىل ھالەتنى ئوتتۇرىغا قويغان:

1  . ئىنساننىڭ سىرتقى ئالەم بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە قاراپ تاش مىجەز(Extrovert) ۋە ئىچ مىجەز(Introvert)

2 . سىرتتىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ سەزگۈر(Sensor) ۋە تۇيغۇن(Intuitives)

3 . قارار چىقىرىشتىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا قاراپ ئەقلىي(Thinking) ۋە ھېسسىياتچان(Feeling)

4 . ھاياتقا ۋە كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاراپ ھۆكۈمدار(Judging) ۋە ھەكىم(Perceiving)

ئاندىن مۇشۇ تۆت خىل ھالەتنىڭ ئۆزئارا جەدۋەللىشىشىدىن جەمئىي 16 خىل تىپنى تۈرلەپ چىققان.

خاراكتېرگە ئاساسەن كىشىلىك تۈرلىرىنى ئايرىپ چىققان يەنە بىر ئېقىم فىرانسۇز ئالىمى رېنىي لېسون ۋە ئۇنىڭ گوللاندىيەلىك ھەمراھلىرى ئېقىمى بولۇپ، بۇلارنىڭ خاراكتېر نەزەرىيەسى(Characterology) دەپ ئاتالغان. بۇ نەزەرىيەدە تىپقا ئايرىشتا ئۈچ مۇھىم ئاساس بولۇپ، بۇلار:

1 . تەسىرچانلىق. يەنى كىشىنىڭ بىرەر سىرتقى تەسىردىن تەسىرلىنىش ۋە ھاياجانلىنىشىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى

2 . ئاكتىپچانلىق. يەنى كىشىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىش قىلىش ۋە ھەرىكەتكە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى

3 . ئىزچىللىق. يەنى كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئىنكاسنىڭ ئۇزۇن-قىسقا ۋە ئىزچىللىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى

بۇ نەزەرىيەدە يۇقىرىقى ھەر تۆت خىل ئەھۋالنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ئىككى خىل ھالىتى بولۇپ، تۈرلىگەندە جەمئىي سەككىز خىل تىپ شەكىللەنگەن. بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەۋزەللىكى كىشىلەرنىڭ قانداق ئىش ياكى خىزمەتكە ماس كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەشتە قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ تەپسىلىي بايانى تۆۋەندىكىدەك:

1 . توساۋ. يەنى تەسىرچانلىقى ، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى يۇقىرى. بۇ تىپتىكىلەر ئۈمىدۋار، ئىرادىلىك كەسكىن، زېھنى ئوچۇق كېلىدۇ. ھەرىكەتچان، ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلالايدۇ. نىزامچان كېلىدۇ. سىياسەتكە، تارىخقا قىزىقىدۇ، تەجرىبە ئېلىشقا قىزىقىدۇ. ئۆز پىرىنسىپلىرىغا، كۆز قاراشلىرىغا سادىق. بۇنداقلار چوڭراق سىياسىي ۋە باشقۇرۇش تىپىدىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تۇراقسىز تولا ئۆزگىرىدىغان مۇھىتتا ئىستراتېگىيەلىك رول ئېلىشقا تېخىمۇ شۇنداق. يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنى باشلاپ ئېلىپ مېڭىشقىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇنداقلارنى كىچىك ئىشلارغا سالمىغان ياخشى. سەلبىي تەرەپلىرىدىن ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندا ئۆزى ئۈمىد قىلغان ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىسە مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

2 . ئاچچىقى يامان. يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، ئىزچىللىقى تۆۋەن. بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ. ھەرىكەتكە، ئىشقا مايىلراق كېلىدۇ. توساۋ تىپقا ئوخشاپراق كېتىدۇ، ئەمما ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ئىزچىللىقى يۇقىرى ئىشلارنى قىلالمايدۇ. ھېسسىياتىنى ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەشكە مايىل. ئۆزگىرىشچان، ئاسان غەزەپلىنىپ، ئاسان رازى بولىدۇ. جىسمانىي ئىشلارغا بەكرەك ئامراق ھەم ماس كېلىدۇ . سىياسەتكە، باشقۇرۇش، پىلان تۈزەش ئىشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ.

3 . رومانتىك. يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن، ئىزچىللىقى يۇقىرى. بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ. سەزگۈر كېلىدۇ. ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەستە تۇتۇشى ياخشى. ئەمما تەسىرلەنگەندە دەرھال ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ. ئۈمىدۋارراق. ئۆزگىرىشچان، ھورۇنراق. يېزىقچىلىققا ئامراق بولۇشى مۇمكىن. بەك كەسكىنلىك تەلەپ قىلمايدىغان باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ . رىقابەت تەلەپ قىلىدىغان تىجارەت ئىشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. يېزىقچىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ياخشىلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ماس كېلىدۇ. بۇنداقلار داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە موھتاج . خاتالىقلىرىنى ئاممىۋى سورۇندا ئەمەس ئۆزىگە دېيىلسىلا تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ.

4 . سەپرا. يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپلىقى، ئىزچىللىقى تۆۋەن. بۇ تىپتىكىلەر سەل سەپرا مىجەزرەك. سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ، ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ. سەزگۈر، ھېسسىياتى تۇراقسىز، ئۇنتۇغاق، تېز غەزەپلىنىدۇ. ئىش-ھەرىكەت ئاز. غەزەپلەنگەندىكى ھېسسىياتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش قىلالمايدۇ، ئىزچىللىقى يوق. كۆپتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. سەپەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇرۇنقى كونا دوستلۇقلىرىنى ئاسانلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. پىرىنسىپلىرىغا بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئېڭى تۆۋەن. بۇ تىپتىكىلەرنى پاكىت ۋە مەنتىقە سۆزلەپ قايىل قىلماق تەسرەك. ماددىي ۋە مەنىۋى تەقدىرلەش بەكرەك ئاقىدۇ. قورقۇتۇش، رىغبەتلەندۈرۈش تەسىر قىلىدۇ. باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماس كەلمەيدۇ. سەپەر قىلىدىغان خىزمەتلەرگە، جىسمانىي ھەرىكىتى ئازراق ئىشلارغا ماس كېلىدۇ. گۈزەل سەنئەت، فوتوگرافچىلىق…دېگەندەك.

5 . لىمفا (بەلغەم) تىپى. يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن، ئاكتىپلىقى، ئىزچىللىقى يۇقىرى. بۇ تىپتىكىلەر  ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، تەسىرلەنسىمۇ ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدۇ. ئېغىر-بېسىق، سەۋرچان، بەلگىلىمىگە بويسۇنىدىغان، ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ پىلان تۈزىدىغان كىشىلەردۇر. ئەستە تۇتۇشى ياخشى، ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۈمىدۋار، دىققىتىنى يىغالايدۇ. كۆپتۈرۈۋېتىشنى ياكى بەك تۆۋەن كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ. مۆتىدىل، ئۇزۇن، ئىزچىل ئىش قىلالايدۇ. راستچىل ئوبيېكتىپ. باشقۇرۇش، سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورگانلار، شىركەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ. سىياسىي، قانۇنى، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن تولا ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىمراق جەمئىيەتلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. رىقابەت تۈرىدىكى تىجارەت ئىشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ (بازار ئېچىش مال سېتىش). بىر خىل قېلىپتىكى، تەكرار ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ.

6 . قان تىپى. يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن، ئاكتىپلىقى يۇقىرى، ئىزچىللىقى تۆۋەن. ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، ھاياجانلانمايدۇ. ھەرىكەتچان، تاش مىجەز. ئۇزۇن، ئىزچىل ئىش قىلالمايدۇ. ئېغىر-بېسىقراق. يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ. كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى سىلىق، چىقىشقاق. تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدۇ. پىلانلاشتىن بەكرەك تەتبىقلاپ ئىش قىلىشقا ئامراق. بىر خىل قېلىپتىكى، تەكرار ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇ. مۇرەككەپ تۈزۈملەرگە چىدىمايدۇ. پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. يېڭى دوستلۇققا قىزىقىدۇ. بۇنداقلار دىپلوماتىيە، قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپىلەرگە ماس كېلىدۇ. كونا دوستلىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.

7 . نامسىز (تەپسە تەۋرىمەس). يەنى تەسىرچانلىقى، ئاكتىپلىقى تۆۋەن، ئىزچىللىقى يۇقىرى. بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، ھاياجانلانمايدۇ، يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدۇ، مۇھاپىزىكار كېلىدۇ. ھەرىكەتچان ئەمەس. ھېسسىياتىنى يوشۇرالايدۇ. ئەسلىمىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىيالايدۇ. كونا دوستلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرالايدۇ. ئۆزگىرىشنى، تۇراقسىزلىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئاز گەپ قىلىدۇ. ئاز ئىش قىلىدۇ. ئىقتىسادقا ئامراق. ئىجتىمائىي سورۇنلارغىمۇ ئاز قاتنىشىدۇ. چىداملىق، سەۋرچان، ئىچى يامانراق. بەزىدە مۇشۇنداق كىشىلەرنى پىرىنسىپچان مۇھاپىزىكار دەپ باشقۇرۇشقا قويۇپ قويۇلىدۇ. ئەمما بۇلار يېڭىلىق ئۆزگىرىشنى ياقتۇرمىغاچ ئورگاننى كۆپىنچە ئالدىغا ئېلىپ تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا باشقۇرۇشتىن يىراقراق ئىشلارغا ماس كېلىدۇ.

8 . يۇمشاقباش. يەنى تەسىرچانلىقى، ئاكتىپچانلىقى، ئىزچىللىقى تۆۋەن. ئەتراپىدىكى ۋە سىرتقى ئىشلاردىن ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، ھاياجانلانمايدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆڭۈلشىمەيدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىكى تۆۋەن. دىنغىمۇ بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ. ئىشلارنى بولۇشىغا تاشلاپ قويىدۇ. بېشىغا كەلگەندە بىر ئىش بولار دەيدىغانلاردىن. ھۇرۇن ، ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ. پىرىنسىپتىن بەكرەك نەپسىگە قۇل بولىدۇ. بۇنداقلار جەمئىيەتنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج. پايدا يەتكۈزەلمىسىمۇ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 

كىشىلەرنىڭ قايسى تىپقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرخىل سوئاللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

 

تەسىرچانلىق سوئاللىرى

 

1 . ئادەتتىكى تايىنى يوق ئىشلاردىن تەسىرلىنەمسىز؟           9

ياكى پەقەت بەك چوڭ ئىشلاردىنلا تەسىرلىنەمسىز؟             1

 

2 .  تېز قىزىقامسىز؟ تېز ئىنكار قىلامسىز؟                         9

ياكى ئاستىمۇ؟                                                          1

 

3 .  باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن تېزلا ئاغرىنامسىز؟            9

ياق

 

4 .  بىرسى تۇيۇقسىز سىزنى چاقىرسا ئەندىكىپ كېتەمسىز؟    9

ياق                                                                      1

 

5 .  گەپ قىلغاندا بەك ھاياجانلىنامسىز؟                         9

ياق                                                                      1

 

6 .  يېڭى ئىش تاپشۇرۇۋالغاندا ئەنسىرەمسىز؟                    9

ياق                                                                       1

 

7 .  تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەب يوق تۇرۇپ، قىزغىنلىقتىن ئۈمىدسىزلىككە ئۆتەمسىز؟    9

ياكى كۆپىنچە ئۇزۇنغىچە مۆتىدىل كەيپىياتىڭىزنى ساقلاپ قالالامسىز؟           1

 

 

8 .  سىزنى كۆپىنچە تايىنى يوق، قىممىتى يوق ئوي-پىكىر ياكى ۋەسۋەسە قاپلىۋالامدۇ؟ 9

ياكى سىزدە بۇنداق ئىش ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دېيەرلىكمۇ؟                      1

 

9 .  بەزى چاغدا خىجىللىقتىن گەپ قىلالماي ياكى ھەرىكەت قىلالماي قالامسىز       9

ياكى ئىنتايىن ئاز شۇنداق بولامسىز؟                      5

ياكى قەتئىي ئۇنداق بولمامسىز؟                           1

 

10 .   كۆپىنچە ئۆزىڭىزنى تەلەيسىز بەختسىز ھېس قىلامسىز؟           9

ياكى ئۆزىڭىزنى بەختلىك رازىلىق ھېس قىلامسىز؟

(بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى سىز كۈتكەندەك بولمىغان بولسىمۇ؟)         1

 

بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ ئونغا بۆلۈڭ. بەشتىن يۇقىرى بولغىنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، بەشتىن تۆۋەن بولسا تەسىرچانلىقى تۆۋەنگە تەۋە (1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ).

 

ئاكتىپچانلىق

 

1 .  بىكار ۋاقتىڭىزنى سىزگە تاپشۇرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزەمسىز؟                9

ياكى دەم ئالامسىز؟                                                                                 5

ياكى كۆڭۈل ئېچىپ ئويۇن ئوينامسىز؟                                                           1

 

2 .  پىكرىڭىزنى ئەمەلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بەك چوڭ غەيرەت قىلىشقا موھتاجمۇ؟             1

ياكى قانائەتلەنسىڭىزلا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەمسىز؟                               9

 

3 .  بۇرۇنقى تاتلىق ئەسلىمىلەر ياكى كەلگۈسى شېرىن خىياللىرىنى قىلىشقا بەكرەك ئامراقمۇ؟ 1

ياكى رېئال ئىشلارنى پىلانلاشقا ئامراقمۇ؟                9

 

4 .  قىيىنچىلىق ئالدىدا بوشىشىپ كېتەمسىز؟                              1

ياكى قىيىنچىلىق ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەمدۇ؟                       9

 

5 .  بىر ئىشقا بۇيرۇلسىڭىز تېز تۈگىتىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟            9

ياكى كەينىگە سوزامسىز؟                                                      1

 

6 .  قىيىن شارائىتلاردىمۇ تېز ۋە كەسكىن قارار چىقىرالامسىز؟ 9

ياكى تەرەددۇتتا قالامسىز؟                                           1

 

7 .  ھەرىكىتىڭىز جىقمۇ؟                                                      9

ياكى ئېغىر-بېسىقمۇ؟ پەقەت ئېھتىياج تۇغۇلغاندىلا ھەرىكەت قىلامسىز؟         1

 

8 .  سىز ئۈچۈن پايدىلىق بىرە ئىش ئۈچۈن خىزمىتىڭىز

ۋە تۇرالغۇڭىزنى ئۆزگەرتىش ئاسانمۇ؟                              9

ياكى ئۆزگەرمەي ئۆز پېتى قېلىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟          1

 

9 .  بىر ئىشقا بۇيرۇسىڭىز ئىجرا قىلىشنى ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈش

 

ئۈچۈن پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرامسىز؟                             9

ياكى بۇيرۇقنى بېرىپلا مەسئۇلىيەت تۈگىدى دەپ قارامسىز؟    1

 

 

10 .  ھەرىكەتنى كۆزەتكەندىن ئۈستۈن كۆرەمسىز؟

(مەسىلەن: توپ ئوينىغاننى مۇسابىقە كۆرگەندىن)               9

ياكى ئەكسىچىمۇ؟                                                    1

 

بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ ئونغا بۆلۈڭ. بەشتىن يۇقىرى بولغىنى ئاكتىپلىقى يۇقىرى، بەشتىن تۆۋەن بولسا ئاكتىپلىقى تۆۋەنگە تەۋە (1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ).

 

ئىزچىللىق سوئاللىرى

 

1 .  يىراق كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەمسىز؟                                                  9

ياكى  يېقىننىلا ئويلامسىز؟                                                                      1

 

2 .  يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەممە ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئالامسىز؟              9

كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشنى ياقتۇرامسىز؟

ياكى ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتىغا تاشلاپ قويامسىز؟                                            1

 

3 .  ھاياتتا مۇقىم بەلگىلىۋەتكەن ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

(مەسىلەن: مۇقىم ئۇخلاش ۋاقتى، تاماق سائىتى، كىتاب ئوقۇش ۋاقتى؟)                   9

ياكى ھەممىنى ئۆز ۋاقتى پۇرسىتىگە تاشلاپ قويامسىز؟                                        1

 

 

4 .  باشلىغان ئىشىڭىزنىڭ ھەممىنى پۈتتۈرەلەمسىز؟                                          9

ياكى كۆپىنچە باشلىغان ئىشنى تاشلاپ باشقا ئىشقا ئۆتۈپ كېتەمسىز؟                      1

 

  1. كونا دوستلۇقىڭىزنى ساقلاپ قالالامسىز؟                       9

ياكى تېزلا يېڭى-يېڭى دوستلار بىلەنلا ياشاپ كېتەمسىز؟                         1

 

6 .  بىرسى ھېسسىياتىڭىزغا ئازار بەرسە تېزلا ئۇنتۇپ كېتەلەمسىز؟                  9

ياكى خېلى ئۇزۇنغىچە غۇم ساقلاپ يۈرەمسىز؟             1

 

7 .  سىزنىڭ ۋاز كەچمىكىڭىز ئىنتايىن تەس بولغان

پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟                         9

ياكى سىز رېئال بولۇپ، ئەھۋالغا قاراپ يول تۇتامسىز؟                   1

 

8 .  ئىشلىرىڭىزدا ئوخشاشلىق،بىر خىللىق ۋە تەكرارلىقنى ياقتۇرامسىز؟                9

ياكى ھەر قېتىم يېڭى ۋە ئوخشىمىغان ئىشلارنى ياقتۇرامسىز؟                         1

 

9 .  ئىش باشلاشتىن بۇرۇن غايە ۋە پىلان تۈزەمسىز؟               9

ياكى دەرھال باشلاپ كېتەمسىز؟                      1

 

10 . بىر كۆزقاراشقا قانائەتلەنگەندە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلامسىز؟                  9

ياكى يېڭى بىر ئىدىيە ۋە كۆزقاراشنى كۆرگەندە دەرھال ئۆزگىرەمسىز؟                   1

 

بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ ئونغا بۆلۈڭ. بەشتىن يۇقىرى بولغىنى ئىزچىللىق يۇقىرى ، بەشتىن تۆۋەن بولسا ئىزچىللىق تۆۋەنگە تەۋە (1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ).

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*