جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتى

2019-يىلى 3-ئاۋغۇست

جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتى

رىم ئىمپېرىيەسى مەغلۇبىيەتكە كۆنۈپ كەتكەنىدى، تارىختىكى نۇرغۇن ئىمپېرىيەنىڭ ئىمپېراتورلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن جەڭدە ئارقا-ئارقىدىن يېڭىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي ئۇرۇشتا غەلىبە قىلاتتى. بىرەر جەڭدە مەغلۇب بولسا بۇ مەغلۇبىيەتنى ھەزىم قىلالمىغان ئىمپېرىيە ھەققىي ئىمپېرىيە ھېسابلانمايدۇ. بىراق رىملىقلارمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە شىمالىي ئىرلاندىيەدە يولۇققان مەغلۇبىيەتنى ھەزىم قىلالمىدى. كېلتلىكلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان نۇمانتىيا ئىسىملىك كىچىك بىر ناھىيە خەلقى قۇدرەتلىك رىم ئىمپېرىيەسىگە ئىسيان چىقىرىشقا جاسارەت قىلالىغانىدى. ئەينى چاغدىكى رىم ئىمپېرىيەسى ئاق دېڭىز ھاۋزىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەسى ھېسابلىناتتى. رىم ئىمپېرىيەسى ماكېدونىيە ۋە سەلەفكى ئىمپېرىيەلىرىنى مەغلۇب قىلدى، گىرېتسىيەنىڭ كىچىك لېكىن ھەيۋەتلىك شەھەر دۆلەتلىرىنى تىز پۈكتۈردى ۋە كارتاجانى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. نۇمانتىيالىقلارنىڭ قولىدا چۆلدەرەپ كەتكەن كارغا كەلمەس ئازغىنە زېمىنى ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىدى، لېكىن ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان رىم ئىمېرپىيەسىنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنىنى نەچچە قېتىم تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتتى، رىم قوشۇنلىرى بۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتنى قەتئىي ھەزىم قىلالمىدى.
ئاخىرى مىلادىن ئىلگىرى 134- يىلىغا كەلگەندە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ سەۋرى تاشتى. رىم پالاتاسى ئەڭ نوپۇزلۇق قوماندانلاردىن بولغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا كارتاجانى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن سىكىپىيو ئامىلىيانۇسنى نۇمانتىيالىقلارنى تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. قوماندان سىكىپىيوغا 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بېرىلدى، لېكىن ئۇ بۇنچىۋېلا ئەسكەرنى يوقىلاڭ بىر خەلق ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشنى خالىمىدى. ئۇ ئاخىرى مۇنداق بىر چارە ئويلاپ تاپتى، قوماندان سىكىپىيو نۇمانتىيانىڭ ئەتراپىنى مۇستەھكەم بارىگاھلار بىلەن قورشىۋېلىپ نۇمانتىيا ناھىيەسىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى نۇمانتىيالىقلارنى ئاچ قالدۇرۇش ئارقىلىق تىز پۈكتۈرۈش ئىدى. دېگەندەك، تەخمىنەن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاشلىق ئامبارلىرى قۇرۇقدىلىپ قالغان نۇمانتىيالىقلار پۈتكۈل ئۈمىد تۈگىگەندە، يۇرتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ۋە رىم ئىمپېرىيەسىگە قۇل بولماسلىق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتى.
نۇمانتىيا كېيىنچە ئىسپانىيە مۇستەقىللىقى ۋە جاسارىتىنىڭ سىمۋولى بولدى. دون كىخوتنىڭ يازغۇچىسى مىگۇئېل دې كېرۋانتېس ”نۇمانتىيە مۇھاسىرىسى“ناملىق بىر ئەسەر يېزىپ چىقتى. ناھىيەنىڭ پۈتۈنلەي خاراب بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئەسەردە، ئىسپانىيەنىڭ كېلەچەكتە قانداق قۇدرەت تاپىدىغانلىقى توغرۇلۇق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئىسپانىيەلىك شائىرلار ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى تۈگىگۈچە رىم قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان قەھرىمان نۇمانتىيالىقلارنى مەدھىيلەپ شىئىرلار يېزىشتى. رەسساملار نۇمانتىيە خەلقنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەرنى سىزدى. مۇزىكانتلار نۇمانتىيالىقلارغا ئاتاپ مۇزىكا ئىجاد قىلدى، ناخشچىلار ئۇلارنى كۈيلەپ ناخشا ئوقۇشتى. ھەتتا ئىسپانىيەدە 1882-يىلى ئەينى دەۋردىن قالغان نۇمانتىيا خارابىلىكى ”مىللىي ئابىدە“ ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ”مىللىي ئابىدە“ۋەتەنپەرۋەر ئىسپانىيەلىكلەر ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ئاساسلىق ماكانغا ئايلاندى. 1950-يىللار ۋە 1960-يىللاردا ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر كارتون رومانى قانداقتۇر دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس ئادەم (سۈپەرمەن) ياكى ھەممە ياقتا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ئۆمۈچۈك ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، رىم زالىملىرىغا قارشى قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلغان لىبېريالىق توقۇلما قەھرىمان ئەل جاباتونىڭ ھاياجانغا تولغان قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتىلىرىگە دائىر ئىدى. نۇمانتىيالىقلار كۈنىمىزدىكى ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك جەھەتتىكى مۇكەممەل ئۈلگىسى بولۇپ، ياشلارغا ئۆگىنىش ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئۆگىتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ۋەتەنپەرۋەر ئىسپانىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئىسپانچە قانداق مۇھىم بولسا نۇمانتىيالىقلارمۇ شۇنداق مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. نۇمانتىيالىقلار بولسا ئەينى چاغدا كېلت تىلى بىلەن پاراڭلىشاتتى. كېرۋانتس ”نۇمانتىيە مۇھاسىرىسى“ناملىق دىراممىسىنى لاتىنچە يازدى، ئۇ گىرىك-رىم سەنئەت ئۇسلۇبىنى ئىشلەتتى. نۇمانتىيادا تىياتىر يوق ئىدى، نۇمانتىيالىقلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىغا قاتتىق ھەۋەس قىلىدىغان ئىسپانىيەلىكلەر، يەنە كېلىپ رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭمۇ (بۇ جۈملىدىكى رىم سۆزىگە دىققەت قىلىڭ) سادىق مۇرىتلىرى ئىدى. بۇ چېركاۋنىڭ مەركىزى ھېلىھەم رىمدا بولۇپ، لاتىنچە دۇئا ئوقۇلىدۇ. ئوخشاشلا ھازىرقى زامان ئىسپانىيە قانۇنلىرىدا رىم قانۇنلىرىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاندىن سىرت، ئىسپانىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمىمۇ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ۋارىسىچى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا ئىسپانىيە تائاملىرى ۋە بىنكارلىقىمۇ لىبېرىيا كېلتلىرىدىن بەكرەك رىم تائاملىرى ۋە بىنكارلىق ئۇسلۇبى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىسپانىيەلىكلەرگە نۇمانتىيالىقلاردىن خارابىلىكتىن باشقا ھېچنىمە مىراس قالمىغىغا ئوخشاش، نۇمانتىيالىقلارنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسىمۇ رىم تارىخچىلىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە بۇ ھېكايە ئەركىنلىككە چوقىنىدىغان ياۋايىلارنىڭ ھېكايىلىرىگە ھەۋەس قىلىدىغان رىملىق تاماشىنبىلارنىڭ زوقىغا ئاساسەن توقۇپ چىقىلغانىدى. رىم قوشۇنى نۇمانتىيالىقلارنى مەغلۇب قىلغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى توقۇپ چىقىشتى. يەنى غالىب كەلگەن رىم ئىمېرپىيەسى نۇمانىيالىقلارنىڭ ھېكايىلىرى ۋە تارىخىنىمۇ مۇسادىرە قىلىۋالغانىدى.
مەلۇمكى، ئىنسانلار بۇنداق ھېكايىلەرنى ئەمەس مەزلۇملار غەلىبىگە ئېرىشكەن ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق. شۇنى بىلىمىزكى، ئۆتمۈشتىكى كۈلتۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تۆكىۋېتىدىغان رەھىمسىز ئىمپېرىيەلەرلەرنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنلىرىغا يەم بولۇپ كەتكەن. ئىمپېرىيەلەرمۇ ھامان بىر كۈنى يىمرىلىدۇ، لېكىن مول ۋە قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەم بىر ئىمپېرىيەنىڭ قالدۇقى، خالاس.
ئىمپېرىيەنىڭ تەبىرى
ئىمپېرىيە ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سىياسىي تۈزۈم بولۇپ، بىرىنچىسى، ئىمپېرىيە بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ساندا مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خەلقلەر ۋە زېمىنلاردىن تەشكىل تاپقان ئىنسانلار توپىنى باشقۇرۇش كېرەك، ئۇنداقتا بۇلاردىن زادى قانچىلىك بولۇش كېرەك؟ ئىككى، ئۈچى يېتەرلىك ئەمەس، لېكىن ئوتتۇر، قىرىقتىن ئېشىپ كەتسە يەنە بولمايدۇ. ئىمپېرىيە بولۇش ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا بولسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ.
ئىككىنچىسى،ئىمپېرىيەلەر ئىلاستىكىلىق چېگرالارغا (يەنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ) ئىگە بولۇپ، چېگرالىرىنى ئىزچىل كېڭەيتىش ئارقىلىق نۇرغۇن جەمئىيەت ۋە زېمىننى يۇتۇۋېلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرالايدۇ. كۈنىمىزدە ئەنگلىيەمۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى كىملىكىنى ئۆزگەرتمەي نۇرغۇن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلماقتا، بۇ زېمىنلارنىڭ چېگرالىرى ئوچۇق ۋە ئېنىقتۇر. شۇنى جەزم قىلالايمىزكى، بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر زېمىن ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى خالىغان بولسا ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان بولاتتى.
مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىلمۇ خىللىق ۋە چېگرالاردىكى ئىلاستىكىلىق ئالاھىدىلىك ئىمپېرىيەلەرگە ئۆزىگە خاس كىملىك ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، تارىختا مۇھىم روللارنى ئۆتكەشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئىمپېرىيەلەر بۇ ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىك تۈرتكىسىدە ئوخشىمىغان ئېتنىك توپلۇقلارنى، ھەر خىل كىلىماتقا ئىگە رايونلارنى بىرلا سىياسىي مەركەز ئەتراپىغا يىغىشقا مۇۋەپپەق بولۇش ئارقىلىق، ھەم دۇنيادىكى نۇرغۇن جاينى ھەمدە نۇرغۇن ئىنساننى بىر يەرگە جەم قىلالىغان.
بىر ئىمپېرىيەنىڭ يىلىتىزى، ھاكىمىيەت شەكلى، چېگرالىرى ياكى نوپۇسىنىڭ كۆپلىكىدىن بەكرەك، مەدەنىيەت خىلمۇ خىللىقى ۋە ئىلاستىك چېگرا ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك. بىر ئىمپېرىيە چوقۇم ھەربىي ئىستېلا ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، دەيدىغان پىرىنسىپ يوق، ئەلۋەتتە. ئافىنا ئىمپېرىيەسى ھەربىي ئسىتېلا يولى ئارقىلىق ئەمەس نۇرغۇن ئىنسان توپىنىڭ ئۆزلىرى خالاپ تەشكىللىنىشى بىلەن ۋجۇدقا چىققانىدى. ھابسبۇرگ بولسا قۇدا باجىلىق مۇناسىۋىتى تۈرتكىسىدە ئاپىرىدە بولغان قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە ئىدى. بىر ئىمپېرىيەنىڭ چوقۇم كۈچلۈك بىر ھۆكۈمدار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشىمۇ شەرت ئەمەس. تارىختىكى ئەڭ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك ھېسابلىنىدىغان بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى دېموكراتىيە ئارقىلىق باشقۇرۇلاتتى. ھازىرقى گوللاندىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە ئامېرىكا، شۇنداقلا مودېرن دەۋردىن ئىلگىرىكى نوۋگورود، رىم، كارتاجا ۋە ئافېنا ئىمپېرىيەلىرىمۇ دېموكراتىك ئىمپېرىيەلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئىمپېرىيەلەرنىڭ زېمىنىڭ كەڭ بولىشىمۇ شەرت ئەمەس. زېمىنى تار بولغان ئىمپېرىيەلەرمۇ ئۆتكەن. قۇدرەتلىك ئافېنا ئىمپېرىيەسىمۇ ھازىرقى گىرېتسىيەدىن ھەم جۇغراپىيەلىك ھەمدە نوپۇس جەھەتتىن كىچىك ئىدى. ئازتەك ئىمپېرىيەسىمۇ كۈنىمىزدىكى مېكسىكادىن چوڭ ئەمەس ئىدى. ئافېنا ۋە ئازتەك زېمىن ۋە نوپۇس جەھەتتىن كىچىك تۇرۇپ ئىمپېرىيە بولغان بولسا، ھازىرقى مېسىكا ۋە گىرېتسىيە نوپۇس ۋە زېمىن جەھەتتىن چوڭ تۇرۇپمۇ ئىمپېرىيە ئەمەس. چۈنكى ئافېنا ۋە ئازتەك ئونلارچە ھەتتا يۈزلەرچە پەرقلىق سىياسىي توپلۇققا ھۆكۈمران قىلغان، لېكىن مودېرن يەنى ھازىرقى مىللىي دۆلەتلەردە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. ئافېنا 100دىن ئارتۇق شەھەر دۆلىتىنى باشقۇرغان بولسا، ئازتەك ئىمېرپىيەسى تەخمىنەن 371 قەبىلە ۋە توپلۇققا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ۋە ئىنسان توپلۇقىنى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى بىر مودېرن يەنى زامانىۋى مىللىي دۆلەتكە قانداقم سىغدۇرالايمىز؟ بۇ بۇرۇن مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئىدى، چۈنكى ئۆتمۈشتە دۇنيادىكى كىچىك توپلۇقلارنىڭ سانى كۆپ، بىراق نوپۇسى ئاز ئىدى ۋە كۈنىمىزدىكى ئىنسان توپلۇقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز يەرنى ئىگىلەيتتى. ئاق دېڭىز بىلەن ئىيوردانىيە دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر زېمىن كۈنىمىزدە پەقەت ئىككى مىللەتنىڭ ئېھتىياجىنىلا قامدىيالايدۇ، لېكىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇ زېمىن ئونلارچە مىللەت، قەبىلە، كىچىك خانلىق ۋە شەھەر دۆلەتلىرىگە بىمالال ساھىبخانلىق قىلالايتتى.
ئىمپېرىيەلەر خىلمۇ خىل ۋە رەڭگارەڭ ئىنسان توپلىقىنىڭ بىردىنلا ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىر سىلىندىرغا ئوخشاش نۇمانتىيالىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسان توپلۇقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوق قىلىپ ئۇلارنى يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىنسان توپلۇقىغا قوشۇۋەتتى.
ئىمپېرىيەلەر رەزىل بىر نەرسىمۇ؟
كۈنىمىزدە جاھانگىر سۆزى فاشسىت سۆزىدىن قالسا سىياسىي ھاقارەت لۇغىتىمىزدە ئىككىنچى رەتتە تۇرىدۇ. ئىمپېرىيەگە بولغان تەنقىد تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ:
بىرىنچىسى، ئىمپېرىيەلەر كېلەڭسىز بولىدۇ، باشقۇرۇش تەس. تىزگىنى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش تولىمۇ تەس.
ئىككىنچىسى، ئىمپېرىيەلەر مۇستەملىكلچىلىك ۋە ئۆزگە نەرسىلەرنى ۋەيران قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە. ھەر جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ھەققى بار بولۇپ، باشقا بىر مىللەت ياكى جەمئىيەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرمەسلىكى كېرەك.
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، بىرىنچى تەنقىدنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، ئىككىنچى تەنقىدتىمۇ خاتالىق كۆپ.
ئىمپېرىيەلەر 2500 يىل دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان سىياسىي ئاپپارات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇزۇن يىللىق مەزگىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمپېرىيەلەردە ياشىدى. بولۇپمۇ ساغلام ئاساسىي بولغان ئىمپېرىيەلەر زېمىنلىرىدا چىققان توپىلاڭلارنى ئاسانلا بېسىقتۇرۇپ ئامانلىق بەرپا قىلالىغان، لېكىن ئىمپېرىيەلەر ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يا ئىستېلا ياكى ھاكىمىيەتتىكلەرنىڭ ناقابىللىقى ۋە ھۆكۈمدار ھالقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلى ۋەيران بولغان. ئىستېلا قىلىنغان خەلقلەرنىڭ جاھانگىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولمىغان. كۆپ قىسمى ئەسىرلەرچە بويۇنتۇرۇق ئاستىدا ياشاپ، ئىستېلاچى ئىمپېرىيەگە ئاستا-ئاستا قوشۇلۇپ كېتىپ مەدەنىيىتى يوق بولغان.
مەسىلەن، غەربىي رىم ئىمېرپىيەسى 476-يىلى ئىشغالىيەتچى نېمىس قەبىلىلىرى تەرىپىدىن يىمرىلگەندە، رىملەر تەرىپىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئىستېلا قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان نۇماتىيالىقلار، ئارۋېنىلار، ھېلۋېنتىيالىقلار، سامنىلەر، لۇسىتانيالىقلار، ئۇمبىرىيالىقلار، ئېترۇستكلەر ۋە يۈزلەرچە خەلق، يۇنۇسنىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋالغان بېلىقنىڭ قورسىقىدىن چىققىنىغا ئوخشاش قايتىدىن تارىخ سەھنىسىگە چىقالماي ھەممىسى يوق بولغان. ئۆزلىرىنى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەزاسى دەپ قارايدىغان، ئانا تىللىرىنى سۆزلىشىدىغان، ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنىدىغان، ئۆزلىرىگە خاس ئەپسانە ۋە چۆچەكلىرى بولغان ئىنسانلارنىڭ نەۋرىلىرى بولسا رىملىقلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدىغان، سۆزلەيدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.
تارىختا ئىمپېرىيەلەر ۋەيران بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇستەقىللىق نىسىب بولمىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى بىر ئىمپېرىيە كونىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ماڭدى. بۇنىڭغا ئوتتۇرا شەرق مىسال بولالايدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونى كۈنىمىزدە سىياسىي بۆلۈنمىلەر تولىمۇ گەۋدىلىك بولغان بىر جاي (كۆپ قىسمى مۇستەقىل ۋە ۋەزىيىتى ئاز تولا مۇقىم بولغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى) ئىدى، لېكىن ئۆتمۈشتە بۇ جايدا ھازىرقىدەك سىياسىي بۆلۈنمىلەر يوق ئىدى، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۆتمۈشتە مىل يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھازىرقى سىياسىي بۆلۈنمىلەردىن ئومۇمەن خالىي ئىدى. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتە مىلاددىن بۇرۇن 8-ئەسىردە مۇشۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەردى، يەنى 3000 يىل ئىلگىرى. مىلاددىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە يېڭى ئاسۇر ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرۈپ 20 –ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز ئىمپېرىيەلىرىنىڭ گۇمران بولۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوتتۇرا شەرق بايراق مۇسابىقىسىگە ئوخشاش قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈردى. ئىنگىلىز ۋە فىرانسۇزلار بايراقنى تاشلىۋەتكەن چاغدا ئارمىلەر، ئاممونىلەر، فېنىكىلەر،ماۋبىلەر، ئېدورنىلەر، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئاسۇرىلار تەرىپىدىن پەتىھ قىلىنغان خەلقلەر ئاللىبۇرۇن يوق بولغانىدى.
كۈنىمىزدە يەھۇدىيلار، ئەرمەنىلەر ۋە گىرۇزىنلار بۇرۇنقى ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەجدالىرى ئىكەنلىكىنى ئىككىنلمەي ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، بۇ قاراشلار يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مۇبالىغىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ھازىرقى يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى بۇرۇنقى جۇدىيا پادىشاھلىقىدىن بەكرەك ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان ئىمپېرىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھ داۋۇت بۈگۈن قۇددۇستىكى ئاشقۇن بىر ئىبادەتخانىغا بېرىپ قالسا ئىنسانلارنىڭ شەرقىي ياۋروپاچە كىيىملىرىنى كىيىشىگە، بىر نېمىس شىۋىسى پاراڭلىشىشىغا (يىددىش) ۋە بىر زەبۇر ماددىسى توغرۇلۇق ئايغى- چىقماس بەس-مۇنازىرىلەر قىلىشىغا ھەيران قالغان بولاتتى. كونا جۇدىيادا نە بىر ئىبادەتخانا، نە بىر بابىل تېكىستى يوق ئىدى.
بىر ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ مەجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇن نوپۇسنىڭ قىرغىن قىلىنىشى ۋە ئېشىپ قالغانلارنىڭ بولسا زالىملارچە باستۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىمپېرىيەلەر ھازىرغىچە ئۇرۇش، قۇل ئېلىش، سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ كەلدى. رىملار مىلاددىن كېيىن 83-يىلى شوتلاندىيەنى ئىشغال قىلماقچى بولغاندا، يەرلىك كالېدونيا قەبىلىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى، بىراق سان جەھەتتىن ئۈستۈن بولغان رىم قوشۇنلىرى كالېدونيا قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. رىملىقلارنىڭ ”تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش“مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان بۇ ئىستېلاسىغا يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قوماندانلىرىدىن كالگاكۇس رىم قوشۇنلىرىنى ”دۇنيانىڭ قاراقچىلىرى“دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەنىدى:“رىملىقلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، قىرغىن قىلىش ۋە ئوغرىلاش ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان بىر نەرسىسىگە ئىمپېرىيە دەۋاتىدۇ، بۇ قىپ قىزىل يالغانچىلىقتۇر، ئۇلار ھەممە ياقنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، بۇ قىلمىشلىرىنى خىجىل بولماي تىنچلىق دەپ ئاتىۋاتىدۇ.“
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار ئىمپېرىيەلەر قانداقتۇر ھېچقانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلمىغانلىقىدىن، شۇنداقلا كېيىنكىلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى مىراس قالدۇرمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بارلىق ئىمپېرىيەلەرنى بىرلا تاياقتا ھەيدەش ۋە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنى ئەرزىمەس نەرسە قىلىۋېتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى رەت قىلىش بىلەن تەڭدۇر. ئىمپېراتورلار غەنىمەتلەرنى قەلئە ياساپ قوشۇن كېڭەيتىش ئۈچۈنلا ئەمەس پەلسەپە، سەنئەت، قانۇن ۋە ساخاۋەت قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ ئىشلىتەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققانىدى. رىم جاھانگىرلىكى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بايلىق ۋە پاراۋانلىق سايىسىدە كىكېرو، سېنېكا ۋە سائىنت ئاۋگۇتسىڭ قاتارلىقلار مۇتەپەككۇرلار خاتىرجەم بىر مۇھىتتا تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ نۇرغۇن ئەسەرنى روياپقا چىقارغانىدى. شۇنداقلا بابۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ھىندىستاننى قولغا كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە ياراتقان بايلىقلىرى بولمىغان بولسا ئىدى تاج ماھالنىڭ روياپقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى ياكى ھابسبۇرگ ئىمپېرىيەسى سىلاۋ، ۋېنگىر ۋە رومانىيەلىكەرنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالمىغان بولسا ئىدى ھايدىن ۋە موزارت كاتتا ئەسىرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان بولامتى. ئەپسۇس بىرمۇ كالېدونيالىق يازغۇچى كالگاكۇسنىڭ مەشھۇر نۇتىقىنى خاتىرىلەپ قويمىغانىدى، بىز ئۇنىڭ بۇ مەشھۇر سۆزىدىن رىم تارىخچىسى تاكىتۇسنىڭ سايىسىدە خەۋەردار بولدۇق، مېنىڭچە بۇ سۆزنى تارىخچى تاكىتۇس ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقتى. كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئاكادېمىك تاكىتۇسنىڭ ھەم بۇ سۆزنى ھەمدە كالگاكۇس ئوبرازىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە بۇنى ئۆزى ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلىك رىملىقلارنىڭ يۇرتى توغرۇلۇق قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەم پىكىر.
ئىلغار مەدەنىيەتلەر، ئېسىل سەنئەتلەردىن سىرت، ئاددەتتىكى ئىنسانلارنىڭ دۇنياسىغىمۇ نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن مودېرن مەدەنىيەتلەردە ئىمپېرىيەلەرنىڭ مىراسىنى ئۇچرىتالايمىز. بۈگۈن كۆپ قىسمىمىز ئەجدالىرىمىزغا قىلىچ ئارقىلىق مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇلغان تىللار بىلەن تەپەككۇر قىلىمىز، پارڭلىشىمىز ۋە چۈش كۆرىمىز. شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى خەن ئىمپېرىيەسىنىڭ تىلىدا تەپەككۇر قىلىپ خىيال قىلىدۇ. يىلىتىزى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئالياسكىنىڭ بارروۋ يېرىم ئارىلىدىن جەنۇبتىكى ماكېللان بوغۇزغىچە بولغان ئىككى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بارلىق ئىنسانلار مۇنداق تۆت جاھانگىر تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىدۇ: ئىسپانچە، پورتۇگالىيەچە، فىرانسۇزچە ۋە ئىنگىلىزچە. كۈنىمىزدىكى مىسىرلىقلار ئەرەبچە پاراڭلىشىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەرەب دەپ قارايدۇ ۋە 7-ئەسىردە مىسىرنى بېسىۋېلىپ ئىسيانلارنى باستۇرغان ئەرەب ئىمپېرىيەسىدىن تولىمۇ مىننەتدار. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەخمىنەن 10 مىليون زۇلۇ 19-ئەسىردىكى ئالتۇن دەۋرنى بۈيۈك بىر ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى تارىخقا قارايدىغان بولساق، زۇلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى زۇلۇ ئىمپېرىيەسىگە قارشى جان تىكىپ ئۇرۇش قىلغان ۋە قانلىق باستۇرۇلۇش نەتىجىسىدە بويسۇندۇرۇلغان تۆت قەبىلىدىن تەشكىل تاپاتتى.
بىز سىلەرگە ياخشى بولسۇنلا دەيمىز
تارىخى پاكىتلاردىن سارگون تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاككاد ئىمپېرىيەسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان ئىمپېرىيە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز (مىلاددىن بۇرۇنقى 2250). سارگون سىياسىي ھاياتىنى مېزاپوتامىيەدىكى كىچىكى بىر شەھەر دۆلىتى بولغان كىشكەگە ھۆكۈمدار بولۇش ئارقىلىق باشلىدى. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن مېزاپوماتىيەدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭلا ئەمەس، مېزاپوماتىيە سىرتىدىكى باشقا كەڭ كەتكەن زېمىنلارنىمۇ قولغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان سارگون، پۈتكۈل دۇنيانى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەتتە ئۇ قولغا كىرگۈزگەن زېمىنلار بەسرە قولتۇقىدىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلار بولۇپ، ھازىر ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسمى، شۇنداقلا ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ بىر قىسمىلا ئىدى.
ئاققاد ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ ئىمپېرىيە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمىدى، لېكىن سارگون بىر ئىمپېرىيە تەختى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. سارگوندىن كېيىن مىلاددىن ئىلگىرى 1700-يىلى ئاسۇر، بابىل ۋە ھىتىت پادىشاھلىرى ئۇنى تەقلىد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. كېيىنچە مىلاددىن ئىلگىرى 550-يىلىغا كەلگەندە ئىرانلىق جاھانگىر كىيرۇس تېخىمۇ چوڭ گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.
ئاسۇر پادىشاھلىرى ھەر ۋاقىت ئاسۇر پادىشاھلىرى سالاھىيىتى بىلەنلا قالمىدى، ئۇلار پۈتكۈل دۇنيانى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن چاغدىمۇ بۇ جاھاننى قولغا كىرگۈزۈش ئىشىنى ئاسۇر پادىشاھلىقى ئۈچۈن قىلغانلىقى بەش قولدەك ئايان ئىدى، ئۇلار بۇنى قانداقتۇر مەسىلە دەپ قارىمايتتى. كىيرۇس پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمدارلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارە دەيتتى. ئىرانلىقلار ئۆزگىلەرگە ”زېمىنلىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ياخشىلىقلارنى دەپ قولغا كىرگۈزدۇق“دەيتتى. كىيرۇس ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە، سادىق بولۇشقا ۋە ئىرانلىقلارنىڭ قانات ئاستىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىشىنى كۈتەتتى. كىيرۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قاتار ئىشلارنى قىلدى، مەسىلەن، بابىلدا سۈرگۈندە ياشىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ جۇدىيادىكى يۇرتىغا قايتىپ ئىبادەتخا ياساپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلدى، ھەتتا يەھۇدىيلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەممۇ قىلدى. كىيرۇس ئۆزىنى يەھۇدىيلارغا ھۆكۈمران قىلىدىغان ئىرانلىق ھۆكۈمدار دەپ قارىمايتتى، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭمۇ ھۆكۈمدارى ئىدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ خۇشال ياشىشىغا ياردەم قىلىشى مەسئۇلىيىتى بار ئىدى.
پۈتكۈل دۇنياغا ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمدارلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش زور جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان، شۇنداقلا تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ”سەن“ ۋە ”مەن“دېگەن ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىلىپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتتى. ئوخشاش تىلنى، دىنى ۋە ئەنئەنىنى ئورتاقلىشىدىغان ئىنسانلار پەقەت بىر-بىرلىرىدىنلا مەسئۇل ئىدى، باشقىلار بىلەن كارى يوق ئىدى. ئۇلاردىن يەنى ئۆزگىلەردىن داۋاملىق ئايرىلىپ ياشىدۇق، شۇڭلاشقا ئۇلارغا ھېچقانداق قەرزىمۇ يوق، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق زېمىنلىرىمىزدا كۆرۈپ باقمىدۇق، ئوخشاشلا بىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدا نېمىلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكى بىلەن كارىمىز يوق، بىز تېخى يەنە ئۇلارغا سېخىيلىق قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىنسان دەپ ئاتىدۇق، بۇ بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان لۇتپىمىزدۇر. سۇداندىكى دىنكا خەلقنىڭ تىلىدە ”دىنكا“ ئىنسان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، دىنكا بولمىغانلار ئىنسان ئەمەس دېگەن گەپ. دىنكالىقلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى نۇئەرلەردۇر. نۇئەرچىدە نۇئەر سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟نۇئەرنىڭ مەنىسى دۇنياۋى ئىنسان دېگەنلىكتۇر. سۇدا چۆللىرىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىدىكى توڭلاپ كەتكەن زېمىنلاردا ۋە شىمالىي سىبىرىيەدە يۇپىكلەر ياشايدۇ. پۇپىكچىدە يۇپىكنىڭ مەنىسى ھەققىي ئىنسان دېگەنلىك بولىدۇ.
كىيرۇستىن باشلاپ جاھانگىرلىك ئىدىيەسى ئېتنىك ئايرىمچىلىققا قارشى تەرىقىدە تەرەققىي قىلدى. جاھانگىرلىك ئىدىيەسى ئالەمشۇمۇللۇققا قاراپ يۈزلەندى، بۇ ئىدىيەلەر ھۆكۈمدارلار بىلەن ھۆكۈمدارلىق قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىنى داۋاملىق تەكىتلەش بىلەن بىرگە، يەنە پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىرلىكىنى، ماكان ۋە زامانلارنى تىزگىنلىيەلەيدىغان باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىنى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ تەشەببۇس قىلاتتى. ئىنسانىيەت چوڭ بىر ئائىلە سۈپىتىدە قارىلاتتى، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خۇشال قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.
بۇ يېڭى جاھانگىرلىك نىشانى كىيرۇس ۋە ئىرانلىقلاردىن بۈيۈك ئىسكەندەرگە، ئۇنىڭدىن گىرىك پادىشاھلىرىغا، رىم ئىمپېراتورلىرىغا، خەلىپىلەرگە، ھىندىستان ھۆكۈمدارلىرىغا، سوۋېت ئىتتىپاقى لىدېرلىرىغا، ئاخىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىغا ئۆتتى. بۇنىڭدىن سىرت جاھانگىرلىك نىشانى يەنە ئىمپېراتورلۇقلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قانۇنىي تۈسكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ھەم ئىمپېرىيەگە تەۋە خەلقلەرنىڭ ئىسيان چىقىرىشىنىڭ ھەمدە مۇستەقىل مىللەتلەرنىڭ جاھانگىر بولۇش پىلانىنىڭ ئالدىنى توستى.
”ئۆزگىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى ئويلايدىغان“جاھانگىرلىك ئەندىزىسى ئىراندىن مۇستەقىل ھالدا ئوتتۇرا ئامېرىكا، ئەند رايونى ۋە خىتاي بولۇپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ پەيدا بولدى. ئەنئەنىۋى خىتاي سىياسىي نەزىرىيەسىدە تەڭرى(تىيەن)دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ يېگانە مەنبەسىدۇر، تەڭرى ئەڭ قابىل كىشى ياكى جەمەتنى تاللاپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ياكى جەمەت تەڭرى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، جەننەتتىكى ھەممە ئادەمنى (تىيەنشىيا)زېمىندىكىلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان قانۇن ھاكىمىيەت جاھان خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ناۋادا بىر ھۆكۈمداردا تەڭرىنىڭ ھوقۇقلىرى بولمىسا، بىر شەھەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ، دېگەن گەپ. دەل تەتۈرىسچە بولسا، يەنى ھۆكۈمدارنىڭ ئىلكىدە تەڭرى ھوقۇقلىرى بولسا، ھۆكۈمدار ئادالەت ۋە بىرلىكنى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىتىشقا مەسئۇلدۇر. تەڭرى ھوقۇقلىرى بىردىن كۆپ نامزاتقا بېرىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە مۇستەقىل دۆلەت تەڭ مەۋجۇت بولسا بولمايدۇ، تەڭرى تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن ھۆكۈمدار باشقۇرغان دۆلەتتىن باشقا دۆلەت قانۇنلۇق ھېسابلانمايدۇ.
خەن سۇلاسىنىڭ پادىشاھى چىن شىخۇاڭ مۇنداق دېگەنىكەن: «كائىناتنىڭ ئالتە تەرىپى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمپېراتورنىڭ يەنى پادىشاھنىڭ مۈلكىدۇر، زېمىندىكى ھەر قانداق ئىنسان پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. پادىشاھنىڭ ياخشىلىقى ۋە سېخىيلىقى بۇقىلارغا ۋە كالىلارغىمۇ يېتىدۇ. زېمىندا پادىشاھنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلانمىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ھەر ئىنسان ئۇنىڭ سايىسىدا ئامانلىق ئىچىدە خاتىرجەم ياشايدۇ.»
خىتاي سىياسىي ئىدىيەسى ۋە خىتاي تارىخىدا ئىمپېراتورلۇق مەزگىللىرى نىزام ۋە ئادالەتنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرى سۈپىتىدە قارىلىپ كەلدى. مودېرن غەرب ئىدىيەسىدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان مىللىي دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى قارىشى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان بولسا، خىتاي سىياسىي ئىدىيەسىدە سىياسىي بۆلۈنمىلەر قالايمىقانچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىك باش كۆتۈرىدىغان زۇلمەتلىك دەۋر دەپ قارىلىدۇ. بۇ چۈشەنچىنىڭ خىتاي تارىخىدا روشەن ئىپادىلىرىنى كۆرەلمەيمىز. قاچانكى بىر پادىشاھلىق يىمرىلسە، بۇ سىياسىي ئىدىيە سىياسىي كۈچلەرنى كىچىك دۆلەتلەرنى قۇرۇشتىن چەكلەپ، دەرھال بىرلىشىپ چوڭ بىر پادىشاھلىق قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. نەتىجىدە بۇ يولدا ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارمۇ بىھۇدە بولمىغان.
ئىمپېرىيەلەر سان-ساناقسىز كىچىك كۈلتۈرلەرنى ئازغىنە بىر چوڭ كۈلتۈرگە ئايلاندۇرۇشتا زور رول ئوينىدى. پىكىرلەر، ئىنسانلار، تاۋارلار ۋە تېخنىكىلار زېمىنى كەڭ بولغان بىر ئىمپېرىيەدە سىياسىي جەھەتتىن تارقاق رايونلارغا قارىغاندا ھەم ئاسان ۋە ھەم تېز تارقىلاتتى. يەنە كېلىپ ئىمپېرىيەلەرمۇ ئۆزلىرى بۇ پىكىرلەرنى، ئەنئەنىلەرنى، قائىدە-پىرىنسىپلارنى تەشۋىق قىلاتتى. ئىمپېرىيەلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمپېراتورلارنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ئاساس قىلاتتى. ھەر يەردە ئايرىم بىر تىل، ئايرىم بىر قانۇن، ئايرىم تۈزۈم، ئايرىم بىر پۇلى بولغان ئىمپېرىيەنى باشقۇرۇش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، ھەتتا ئىمكانسىز ھېسابلىناتتى. قىسقىسى، بىر خىللاشتۇرۇرش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىمپېراتورلارغا نىسبەتەن بۈيۈك نىمەت ئىدى.
ئىمپېراتورلارنىڭ ئورتاق بىر كۈلتۈرنى تەشۋىق قىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەت ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىدى. كىيرۇس ۋە چىن شىخۇاڭنىڭ دەۋردىن باشلاپ ئىمپېراتورلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى يوللۇق، قانۇنلۇق ۋە ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى (مەيلى يول ياساپ بولسۇن، مەيلى باشقىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ بولسۇن). ئىمپېراتورلار بۇ ئىشلارنى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا قارىغاندا بەكرەك پايدىلنىيالايدىغان ئورتاق كۈلتۈرنى كەڭ يېيىش ئۈچۈن قىلغانىدى.
بۇ پايدىلار بەزىدە دىققەتنى تارتىدىغان (قانۇن تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، شەھەر پىلانلاپ بەرپا قىلىش، بەزى نەرسىلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش)، بەزىدە غۇلغۇلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەرسىلەر ئىدى (باجلار، مەجبۇرىي ئەسكەرلىك، ھەتتا ئىمپېراتورلارغا چوقۇنۇشقا ئوخشاش). كۆپ قىسىم ئىمپېراتورلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنەتتى. خىتاي پادىشاھلىرى قوشنا دۆلەتلەر ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنى نادان ۋە ياۋايى دەپ قارايدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ”ئىلغار“كۈلتۈرىنى چوقۇم ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى ئويلايتتى. تەڭرىنىڭ ھوقۇقلىرى ئىمپېراتورغا پۈتكۈل دۇنيانى شۈمۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانلارنى ئادەم قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەنىدى. رىم ئىمپېراتورلىرىمۇ دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلىپ دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ۋە ياۋايى خەلقلەرنى ئادەم قىلىش بۇرچى بارلىقىنى تەكىتلىشەتتى.رىم ئىمېرىيەسى گاليالىقلار ۋە ۋەھشىي نېمىسلارنى ھاماملاردا پاكىزلاپ ئۇلارغا پەلسەپە ۋە بىلىم ئۆگىتىپ ئادەم قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىككى توپلۇق نادانلىق ۋە مەينەتچىلىك ئىچىدە ياشايتتى. مىلادىن ئىلگىرى 3-ئەسىردە ھۆكۈم سۈرگەن ماريا ئىمپېرىيەسى نادان دۇنياغا بۇددھانىڭ تەلىماتلىرىنى تارقىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان. خەلىپىلەرمۇ پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى ئامال بار چىرايلىق يول بىلەن، بولمىسا قىلىچ بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا يېيىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. ئىپسانىيەلىكلەر بىلەن پورتۇگالىيەلىكلەرمۇ شەرقىي ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ بايلىق ئۈچۈن ئەمەس، يەرلىك خەلقنى ”توغرا“يولغا يېتەكلەپ ئۇلارنى ”ئادەم“قىلىش ئۈچۈن بۇ جايلارغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. ئوخشاشلا ئىنگىلىزلەر كۈچەپ تەرغىپ قىلغان لىبېرالىزم ۋە بازار كاپىتالىزمىنىڭ قانداقتۇر كۈن پاتماس ئىمپېرىيە نىشانى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سوتسىيالىست دۆلەتلەر كاپىتالىزم يولىدا ئەمەس سوتسىيالىزم يولدا مېڭىپ تەڭ باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى بارلىقىنى بىلجىرلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قىلغان ئىشى دۆلەت دىكتاتورلۇقىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. كۈنىمىزدىمۇ كۆپ قىسىم ئامېرىكالىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە كرۇز ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ف-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ بولسىمۇ، دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇقنى ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى ئويلايدۇ.
ئىمپېرىيەلەر تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان مەدەنىيەت پىكىرلىرىنى ئاز بىر قىسمى ھۆكۈمدار تەبىقە ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ. ئىمپېرىيەلەرنىڭ نىشانى ئالەمشۇمۇللۇق بولغانلىقتىن، ئىمپېرىيەلەردىكى ھۆكۈمران تەبىقىلەر بىرلا ئەنئەنىگىلا قاراپ قالمايتتى. ئۇلار مەنبەسى قەيەردىن كېلىشتىن قەتىينەزەر يېڭى پىكىر، يېڭى قائىدە-پىرىنسىپ ۋە ئەنئەنىلەرگە ماسلىشىشقا مايىل كېلەتتى. ئاز بىر قىسىم ئىمپېراتورلار ئۆز كۈلتۈرىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە مۇمكىن بولسا ئەسلىگە قايتۇرۇشقا تىرىشقان بولسا، كۆپ قىسىم ئىمپېراتورلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەردىن نېمە بولسا قوبۇل قىلىپ شالغۇت بىر كۈلتۈر بەرپا قىلىشتى. مەسىلەن، رىملىقلارنىڭ ئېمېراتورلۇق كۈلتۈرىدە رىملىقنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولغان بولسا، ئوخشاشلا گىرىكلارنىڭمۇ شۇنچىلىك تەسىرى بار. ئابباسىيلارنىڭ ئىمپېراتورلۇق كۈلتۈرىدە ھەم ئەرەب، ھەم ئىران، ھەم گىرىك ئىزلىرىنى تاپقىلى بولاتتى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈلتۈرىمۇ خىتاي كۈلتۈرىنىڭ تەقلىدىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. كۈنىمىزدىكى جاناھگىر ئامېرىكاغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تېگى كېنىيەلىك بولغان پىرېزىدېنتىنىڭ بىر قولىدا ئىتالىيە قاتلىمىنى يېگەچ ئەرەبىستانلىق لاۋرىنىسنىڭ فىلىمىنى كۆرۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىسىز (تۈركلەرگە قارشى ئەرەب ئىسيانىنى تەسۋىرلەيدىغان ئىنگلىز داستانى).
كۈلتۈر جەھەتتىن ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئاسلىمىلاتسىيە، مەغلۇب بولغانلار ئۈچۈن تازا كۆڭۈلدىدەك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمىدى. ئىمپېرىيەلەر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى خەلقلەردىن نۇرغۇن نەرسىنى قوبۇل قىلىپ شالغۇت كۈلتۈر بەرپا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۆۋەندىكى خەلقلەرنىڭ كۆپ قىسمىغا يات ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسلىمىلاتسىيەمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان جەريان بولماستىن ئېغىر تىراگېدىيەگە تولغان ئىجتىمائىي ھادىسىدۇر. ئىچىكىشىپ كەتكەن بىر كۈلتۈردىن ۋاز كېچىش يېڭى كۈلتۈرگە ماسلىشىشتىنمۇ قىىيىن بىر ئىشتۇر، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى خەلقلەرنىڭ يېڭى كۈلتۈرنى قوبۇل قىلغان چاغدا، ئىمپېرىيەنىڭ بېشىدىكى ھۆكۈمران قاتلامنىڭ ئۇلارنى ”بىز“كاتېگورىيەسى دائىرىسىدە كۆرۈشىگە ئون يىل ھەتتا يۈز يىل كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولاتتى. ئىشغال باسقۇچى بىلەن شالغۇت كۈلتۈرنى قوبۇل قىلىشقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشاپ ئۆتكەن بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرى تامامەن يوق بولاتتى، چۈنكى بۇ كىشىلەر ھەم يەرلىك كۈلتۈرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەمدە ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولالمىغان ۋە بارارۋەر ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن ئىنسانلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يېڭى قوبۇل قىلغان كۈلتۈرلەر تەرىپىدىن نادان ۋە ياۋايى ئىنسانلار دەپ قارىلاتتى.
نۇمانتىيا ئىشغال قىلىنىپ بىر ئەسىردىن كېيىن ياشىغان بىر لىبېرىيەلىكنى تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ لىبېرىيەلىك ئائىىسى بىلەن ئانا تىلى بولغان كەلتچىنىڭ بىر شىۋىسىنى بىمامال پاراڭلىشىش بىلەن بىرگە، لاتىنچىنى كەلتچە پۇراق بىلەن بولسىمۇ راۋان سۆزلىشەلەيتتى. چۈنكى ئۇ جەمئىيەتتىكى ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالىشى ئۈچۈن رەسمىي ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. ئايالنىڭ ياسىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېگىنى قىلىپ بېرىپ ئايالنىڭ خورەكىنىمۇ ئۆستۈرۈپ قويغانىدى، ئۇ ئايالنىڭ تېخىغىچە يەرلىك كۈلتۈرىنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلماي ئۇنىڭدىن زوق ئېلىپ يۈرۈشىدىن نومۇس قىلاتتى (ئۇنىڭچە بولسا، ئايالى رىم ۋالىيسىنىڭ رەپىقىسى تاقىغان زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاپ يۈرۈشى كېرەك ئىدى). ئۇ رىملىقلاردىن كىيىنىپ ئۇلاردەك ئولتۇرۇپ قوپايتتى، ھەتتا ئۇ قاتتىق تىرىشىپ بىر رىم ئۇسلۇبىدىكى ھەشەمەتلىك ئۆيمۇ سېتىۋالدى. ئۇ ۋېرگىليۇسس جورجىنىڭ كىتابلىرىنى يادقا ئوقۇيالايدىغان تۇرۇپمۇ، رىملىقلار ھېلىھەم ئۇنى قالاق ۋە ياۋايى كۆرەتتى. ئۇ ھەر قانچە قىلسىمۇ رىملىق ۋالىي بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى، رىملىقلار بىلەن بىر زالدا ئولتۇرۇپ تىياتىر كۆرەلمەيتتى.
19-ئەسىردە ئوقىغان ھىندىستانلىقمۇ ئىنگىزلەردىن مۇشۇنداق مۇئامىلە كۆردى. ئىنگىلىزچىنى راۋان سۆزلەيدىغان، غەربلىكلەرنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش مەخسۇس كۇرسقا بارغان ۋە ۋىلكا ئىشلىتىپ تاماق يەيدىغان ھىندىستانلىق بىرسىنىڭ مۇنداق بىر ھېكايسى بار: ئەنگلىيەگە كەلگەن بۇ ئادەم لوندوندىكى مەشھۇر بىر ئالىي مەكتەپتە قانۇق ئوقۇپ ئادۋوكات بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنگلىز كۈلتۈرى بويىچە ياشاشقا تىرىشىدۇ. بىر كۈنى كاستۇم بۇرۇلكىنى قاتتۇرۇپ كېيىپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان جەنۇبىي ئافرىقادا تەن رەڭگى جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار بىلەن ئۈچىنچى سىنىپ ۋاگوندا ئەمەس بىرىنچى سىنىپ ۋاگوندا ساياھەت قىلماقچى بولغاندا، پويىزدىن چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. قاتتىق خورلانغان بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى مەشھۇر كارامچاند گەندى ئىدى.
بەزى ئەھۋاللاردا كۈلتۈر جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ئاسلىمىلاتسىيە بۇرۇنقى يۇقىرى قاتلاملىقلار بىلەن يېڭى يۇقىرى قاتلاملىقلار ئوتتۇرىسىدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلشىشى مۇمكىن. ئىشغال قىلىنغۇچىلار يۇرتلىرىنى ئىشغالىيەت تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىمايدىغان، لېكىن ئىشغال قىلغۇچىلار ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بۇ خەلقلەرنى ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر دەپ قارايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەينى چاغدا بەزى ھۈكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا ”بىز“ نەزىرىدىن قارايتتى، يەنى ئۆز دەپ قارايتتى. رىم ئىمېرپىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىلىقتىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن رىم پۇقراسىغا ئايلاندى. رىملىق بولمىغانلار ئاتلىق قوشۇنلاردا خېلى چوڭ مەنسەبكىچە ئۆستى، ھەتتا رىم ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسىمۇ بولدى. مىلادىدىن كېيىن 48-يىلى ئىمپېراتور كلادىيۇس ئالىي پالاتاغا نۇرغۇن يۇقىرى تەبىقىلىك گاليالىقلارنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەنىكەن: ”كۈلتۈر، ئەنئەنە ۋە نىكاھ قاتارلىقلار بىزنى بىر ۋۇجۇدقا ئايلاندۇردى.“ ئالىي پالاتادىكى بۇرنى ئۇزۇن پالاتا ئەزالىرى، رىمنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ مەركىزىگە بۇ كونا دۈشمەنلىرىنىڭ كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى، ئىمپېراتور كلاۋدىيۇسمۇ ئۇلارنى بىئارام قىلىدىغان مۇنداق بىر ئاچچىق رىئاللىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى: ئەپەندىلەر، بۇ يەردىكى نۇرغۇن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئائىلىلىرى بۇرۇن رىمغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە كېيىن رىم پۇقراسى بولغان ئىتالىيەلىك قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.“ ئىمپېراتور يەنە ئۆزىنىڭ جەمەتىنىڭمۇ سابىنلەردىن ئىكەنلىكىنى دېگەنىدى.
2-ئەسىردە رىم ئىمپېرىيەسى لىبېرىيەدە تۇغۇلغان، ھېچ بولمىغاندا تومۇرلىرىدا بىر قانچە تامچە بولسىمۇ لىبېرىيەلىك قېنى ئاقىدىغان ئىمپېراتورلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. تراجان، ھادرىيان، ئانتونىيوس پىيۇس ۋە ماركۇس ئارۇلېىيۇس دەۋرلىرى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىمپېراتورلارنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىق ئېتنىك توساقلار بۇزۇپ تاشلاندى. ئىمپېراتور سېپتىمىيۇس سېۋېرۇس (193-211)لىۋىيەلىك بىر پۇن ئائىلىسىنىڭ ئوغلى ئىد. ئالگېبالۇس (218-222) سۈرىيەلىك ئىدى. ئىمپېراتور فىلىپ (224-249)خەلق ئارىسىدا ”ئەرەب فىلىپ“دەپ ئاتىلاتتى. ئىمپېراتورلۇقنىڭ يېڭى پۇقرالىرى بولسا رىم كۈلتۈرىنى زور ئىشتىياق بىلەن قوبۇل قىلدىكى، رىم ئىمېرپىيەسى يىمرىلىپ نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەتتا مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ھېلىھەم ئىمپېراتورلۇقنىڭ تىلىنى پاراڭلىشىشنى، ئىمپېراتورلۇقنىڭ لېۋانتىكى ۋىلايەتلەردە ياشايدىغان خەلقلەر چوقۇنىدىغان ”تەڭرى“نى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا خىرىستىيان ”تەڭرىسى“سۈپىتىدە ئىشىنىشنى، شۇنداقلا ئىمپېراتورلۇقنىڭ قانۇنلىرى بىلەن ياشاشنى داۋاملاشتۇردى.
ئوخشاشلا 7-ئەسىردە ۋۇجۇدقا چىققان ئەرەب-ئىسلام ئىمپېرىيەلىرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھاكىمىيەتتىكى ئەرەب-مۇسۇلمان قاتلىمى بىلەن نە ئەرەب، نە مۇسۇلمان بولمىغان مىسىرلىق، سۈرىيەلىك، ئىرانلىق ۋە سەھراھلىقلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بار ئىدى. بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەر قەدەممۇ قەدەم ئىسلامنى، ئەرەبچىنى ۋە شالغۇت بىر جاھانگىرلىك كۈلتۈرىنى قوبۇل قىلدى. بۇرۇنقى ئەرەب ئېسىل زادىلىرى بۇ خەلقلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتتى، ئۇلار نوپۇزى ۋە كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاكىمىيەت ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا تەڭ باراۋەر ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلغان مۇسۇلمانلار ئاخىرى دېگىنىگە ئېرىشتى. مىسىرلىقلار، سۈرىيەلىكلەر ۋە مېزاپوتامىيەلىكلەر ئەرەبلىشىشكە باشلىدى. ئەرەبلەر مەيلى ئەرەبىستانلىق يەرلىك ئەرەب بولسۇن، مەيلى كېيىن كېيىن ئەرەبلەشكەن مىسىرلىق ۋە سۈرىيەلىك بولسۇن، ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلار (تۈركلەرۋە ئىرانلىقلار)نىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. ئەرەب مۇسۇلمان ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى بولسا ئىسلام ۋە ئىسلام تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئورتاق مەدەنىيەتنى ئەرب بولمىغان خەلقلەر ئۆزلىرى خالاپ قوبۇل قىلغان بولغاچقا، ئەرەب-ئىسلام ئىمپېرىيەلىرى يىمرىلگەن ۋە ئەرەبلەر ئېتنىك جەھەتتە پۈتۈنلەي ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ پۈتكۈل دۇنياغا تارقىتالىشى ئىدى.
خىتايدىكى ئىمپېرىيەلەرمۇ مەلۇم دەرىجىدە جاھانگىرلىك نىشانىغا يەتكەن بولۇپ، ئىككى مىڭ يىل ئىچىدە ياۋايى ۋە قالاق دەپ ئاتالغان ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايلىشىپ كەتتى (مىلادىن ئىلگىرى 206 بىلەن مىلادىن كېيىن 220 ئارىلىقىدا ھاكىمىيەتتىكى خەن ئىمپېرىيەسىدىن كېلىدۇ).ھازىر ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا جايلاردا خىتاينى ئىمپېرىيە سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولمايدۇ. خىتاي نوپۇسىنىڭ %90دىن كۆپرەكى ئېتنىك جەھەتتىن خىتاي دەپ قارىلىدۇ.
يېقىنقى ئەسىرلەردىكى جاھانگىرلىك سىياسەتلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. مودېرن چاغدا ياۋروپالىقلار ئۈستۈن غەرب كۈلتۈرى رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزدى. ئوخشاشلا ياۋروپالىقلارمۇ بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇققا ئېرىشتى، مىلياردلارچە ئىنسان غەرب كۈلتۈرىنىڭ نۇرغۇن تەرىپىنى قوبۇل قىلدى. ھىندسىتانلىقلار، ئەرەبلەر، ئافرىقىلىقلار، خىتايلار ۋە ماۋرىلەر فىرانسۇزچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئىسپانچە ئۆگەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز بىر قىسىملىرىدىن باشقا كۆپ قىسمى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتەك قىممەت قاراشلىرىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. غەربتە ئاپىرىدە بولغان لىبېرالىزم، كاپىتالىزىم، كوممۇنىزم، فېمىنىزم (ئايالھەقچىلىك) ۋە مىللەتچىلىك قاتارلىق ئىدېئولوگىيەلەرنى قوبۇل قىلىشتى.
20-ئەسىردە غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان يەرلىكلەر، بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە غەربلىكلەردىن تەڭ باراۋەرلىك ۋە ھەق ھوقۇق تەلەپ قىلدى. ، غەرب مىراسى بولغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، سوتسىيالىزم ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايرىقى ئاستىدا غەرب مۇستەملىكىسىگە قارشى زور كۈرەشلەر ئېلىپ بېرىلدى. مىسىرلىقلار، تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ مىراسچىسى بولغان بولسا، كۈنىمىزدىمۇ ھىندىستانلىقلار، ئافرىقىلىقلار ۋە خىتايلار غەربلىكلەرنىڭ جاھانگىرلىك كۈلتۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئېھتىياجى ۋە ئەنئەنىلىرىگە مۇۋاپىق كەلگىنىنى قوبۇل قىلىشتى.

ئىمپېراتورلۇقنىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى
ياۋروپا جاھانگىرلىكى ئىسلام رىم باسقۇچ
ياۋروپالىقلار ياۋروپا ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى ئەرەبلەر خەلىپىلىك قۇردى. رىملار رىم ئىمېرپىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى كىچىك بىر گۇرۇپپا بۈيۈك بىر ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقىدۇ
غەرب كۈلتۈرى ئەرەب-مۇسۇلمان كۈلتۈرى گىرىك –رىم كۈلتۈرى بىر ئىمپېرىيە كۈلتۈرى بەرپا قىلىدۇ
ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە،سوتسيالىزم، مىللەتچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشتى. ئەرەبچىنى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. لاتىنچىنى، رىم قانۇنلىرىنى، رىم سىياسىي چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتى. ئىمپېرىيە كۈلتۈرى نۇرغۇن خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىدۇ
ھىندىستانلىقلار، خىتايلار، ئافرىقىلىقلار مىللەتچىلىك، سوتسىيالىزم ۋە كىشلىك ھوقۇققا ئوخشاش غەرب قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىدىئولوگىيەلىرىگە چىڭ يېپىشىپ غەربلىكلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق، سالاھىيەت ۋە باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىشتى. مىسىرلىقلار، تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار ئورتاق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ پىرىنسپىلىرىغا چىڭ يېپىشىپ ئەرەبلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق، سالاھىيەت ۋە باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىشتى. ئىلىريالىقلار، گاليالىقلار ۋە پۇنلار ئورتاق رىم قىممەت قاراشلىرىغا چىڭ يېپىشىپ رىملىقلار بىلەن ئوخشاش ھەق ھوقۇقنى ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلىشتى بۇ خەلقلەر ئورتاق ئىمپېراتورلۇق قىممەت قاراشلىرىغا چىڭ يېپىشىپ باراۋەرلىك ۋە ھەق ھوقۇق تەلەپ قىلىشىدۇ
ياۋروپالىقلار دۇنيانىڭ تىزگىنىنى يېڭى ۋە غەرب قىممەت قاراشلىرى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى قوبۇل قىلغان كۆپ ئېتنىكلىك سەر خىل قاتلامغا تارتقۇزۇپ قويدى. ھاكىمىيەت ئەرەبلەردىن چىقىپ، كۆپ ئېتنىكلىك بىر مۇسۇلمانلار قاتلمىنىڭ قولىغا ئۆتتى رىملىقلار بىرلا ئېتنىك گۇرۇپپا سۈپىتىدە مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇرالمىدى ۋە ئىمپېرىيەنىڭ تىزگىنىنى يېڭى ۋە كۆپ ئېتنىكلىك سەر خىللار قولغا ئېلىۋالدى. ئىمپېرىيەلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاكىمىيىەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ
ھىندىستانلىقلار، خىتايلار (سوتسىيالىزىم) ۋە ئافرىقىلىقلار غەرب كۈلتۈرىنى قوبۇل قىلىپ شۇ بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مىسىرلىقلار، تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار ئىسلام مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ يايدى. ئىلىريالىقلار، گاليالىقلار ۋە پۇنلار رىم ئىمپېرىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ يايدى. ئىمپېرىيە كۈلتۈرى بارغانچە زورىيىپ مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تارىختىكى ياخشى ۋە ئەسكى بالىلار
تارىخنى ياخشى ۋە ئەسكى بالىلار دەپ ئايرىغاندەك ئايرىش ۋە پۈتكۈل ئىمپېرىيەلەرنى ئەسكى بالا قاتارىغا چىقىرىۋېتىش قۇلاققا ئاجايىپ خۇش ياقىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قان بىلەن قۇرۇلۇپ مەۋجۇدلۇقلىرىنى بېسىم ۋە ئۇرۇش ئارقىلىق داۋاملاشتۇردى. لېكىن كۈنىمىزدىكى كۈلتۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىپېرىيەلەرنىڭ مىراسلىرى ئۈستىگە بەرپا بولدى. ئۇنداقتا ئىمپېرىيەلەرنى قانداق ئىزاھلاش كېرەك؟
ئىنسانلارنى ئىمپېرىيالىزمدىن قۇتۇلدۇرۇپ ساپ، بىغۇبار مەدەنىيەتلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنى مەزمۇن قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان چۈشەنچە ئېقىملىرى ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر بار. بۇلارنى ياخشى تەرەپتىن ئويلىساق تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان، دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يامان تەرەپتىن ئويلساق، بۇلار قوپال مىللەتچىلىك ۋە تار دۇنيا قارىشى قاتارلىقلارنى پەردازالاش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئەقلىيلىكتىن يىراقراق بولغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، دېيىشكە بولىدۇ. يازما تارىخ باشلىغان دەۋرلەردە پەيدا بولغان رەڭدار كۈلتۈرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ چىن، بىغۇبار ۋە باشقا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بۇلغانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ھېچقانداق بىر كۈلتۈر بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن تولىمۇ ئاجىز. بارلىق ئىنسان كۈلتۈرى ھېچ بولمىغاندا قىسمەن بولسىمۇ، ئىمپېرىيەلەر ۋە ئىمپېرىيالىستىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋارىسچىسى بولۇپ، ھېچبىر ئىلمىي تەتقىقات ياكى سىياسىي ئىرادە بۇ كۈلتۈرلەرنى يوق قىلماي تۇرۇپ ئىچىدىن بۇ ئىمپېرىيالىست مىراسنى ئالالمايدۇ.
مەسىلەن، كۈنىمىزدىكى مۇستەقىل ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىنگىلىز راجى ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ-نەپرەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلايلى، ئىنگىلىزلەرنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىۋېلىشى مىليونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ، ئۇزۇن يىل شۈمۈرۈلۈپ خورلىنىشىغا سەۋەب بولدى. لېكىن نۇرغۇن ھىندىستانلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش غەربنىڭ پىكىرلىرىنى چىن قەلبىدىن قوبۇل قىلىشتى، ئىنگىزلار ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ۋە مۇستەقىللىق تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغان چاغدا، ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، ھىندىستان دۆلىتى ئىنگىلىز ئىمپېرىيەسىدىن ئاپىردە بولغان بالىدۇر. ئىنگلىزلەر بۇ زېمىننىڭ ئىنسانلىرىنى قىرغىن قىلىپ زەخمىنلەندۈردى، سۈرگۈن قىلدى، خورلىدى، ئۇزۇن يىل قېنىنى شورىدى. لېكىن تارقاق قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان ھىندىستانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق مىللىي ئاڭ ئەتراپىدا ئازراق بولسىمۇ سىياسىي ئاپپاراتتەك ھەرىكەت قىلىدىغان بىر دۆلەت ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستاننىڭ مودېرن ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئۇلىنى سالدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى بەرپا قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدىغان تۆمۈر يول قاتنىشىنى راۋاجلاندۇردى، مۇستەقىل ھىندىستان ھاكىمىيەتتە ئىنگلىز ئەندىزىسى غەرب دېموكراتىيەسىنى قوبۇل قىلدى. ئىنگلىزچە ھىندسىتاننىڭ ”لىنگۇۋا فرانكاساسى“ (ئوخشىمىغان مىللەتكە مەنسۇب كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈن قوللىنىدىغان تىلدۇر، كۆۋرۈك تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئانا تىلى ھىندچە بولغان تامىل ۋە مالايالاملىقلار ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلدۇر. ھىندىستانلىقلار قاتتىق ياخشى كۆرىدىغان كالتەك توپ (كرىكېت) ۋە ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشىدىغان چايمۇ ئىنگىلىزلەرنىڭ مىراسىدۇر. ھىندىستاندا 19-ئەسىرگىچە چاي تىجارىتى قىلىنمايتتى، چاينىڭ تىجارىتىنى دەسلەپ ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي ھىندسىتان شىركىتى باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستاندا چاي ئەنئەنىسىنى ھىندىستانلىقلارنى پەس كۆرىدىغان ھاكاۋۇر ئىنگلىزلەر باشلاپ بەرگەنىدى.
ھىندىستانلىقلار كۈنىمىزدە دېموكراتىيە، ئىنگلىزچە، تۆمۈر يول لىنىيەلىرى، كىركېت ۋە چاي قاتارلىقلارنى ئىمپېرىيالىستلارنىڭ مىراسى دەپ بۇلاردىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟ ناۋادا بۇلاردىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن راي سىناش ئۆتكۈزۈلگەندە قانچىلىك ھىندىستانلىق بۇنى قولاپ ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇنىغۇ قوللىدى،دەيلى، لېكىن بۇنى ئەلنىڭ رايىغا قويۇشنىڭ ئۆزىلا بۇرۇنقى ئىنگىلىز خوجايىنلىرىغا قەرزدار ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بەرمەمدۇ؟
ناۋادا ھىندىستانلىقلار زالىم بىر ئىمپېرىيەنىڭ مىراسىنى بۇرۇنقى يەرلىك ۋە ساپ كۈلتۈرلەرنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداش مەقسىتىدە رەت قىلغان تەقدىرمۇ، ئىنگلىزلەردىن بۇرۇنقىلارنى ئۇلۇغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى ئىنگلىزلەردىن بۇرۇن ھىندىستاندا بابۇر خانلىقى ۋە دېھلى سۇلتانلىقى بار ئىدى. مەلۇمكى بۇلارمۇ يەرلىك ئەمەس. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرسەك، ”ساپ ھىند كۈلتۈرى“نى مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىردىن تازىلاشقا ئۇرۇنغۇچىلار گۇپتا، كۇشان ۋە مائۇر ئىمپېرىيەلىرىنىڭ مىراسىنى ئۇلۇغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر ئاشقۇن بىر ھىندىستانلىق مىللەتچى ئىنگلىز ئىمپېرىيالىستلىرى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئىمارەتلەرنى يىقىتىۋەتكەن بولسا ئىدى (مەسىلەن بومبايدىكى پويىز ئىستانسىسىنى)ئۇنداقتا ھىندىسىتاندىكى مۇسۇلمانلار فەتىھچىلەر تەرىپىدىن مىراس قالدۇرۇلغان تاج ماھالنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى؟
ھېچكىم بۇ مۇشەققەتلىك كۈلتۈر مىراس مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئوبدان بىلمەيدۇ. مەسىلىگە قايسى نۇقتىدىن قارىمايلى، بىز بۇ مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتمۈشنى ياخشى ۋە ئەسكى بالا دەپ ئايرىشنىڭ توغرا خۇلاسە چىقىرىشتا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرمىز.
يېڭى ئىمپېرىيەلەر
مىلادىدىن ئىلگىرى 200-يىلدىن بۇيان كۆپ قىسىم ئىمپېرىيەلەردە ياشىدى. قارىغاندا كېلەچتىكىمۇ بۇ مۇشۇنداق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.لېكىن بۇ يېڭى ئىمپېرىيە ھەققىي مەنىدە دۇنيا خاراكتېرلىك بولۇشى مۇمكىن ۋە پۈتكۈل دۇنياغا خوجىدارلىق قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلىشى مۇمكىن.
21-ئەسىردە مىللەتچىلىك خاھىشى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. نۇرغۇن ئىنسان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولۇشنىڭ ئورنىغا، قانۇنلۇق بىر سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىكەنلىكىگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ سىياسەتنىڭ تۈپ بۇرچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە 200دەك مىللىي –ئۇلۇس دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىگە ھېچقانداق بىر دۆلەت مۇستەقىل ھالدا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئۆتمۈشتىكى خىتاي پادىشاھلىرىغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ”تەڭرى“ تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇنداقتا خىتاينىڭ ھازىرقى ”پادىشاھلىرى“غا ”تەڭرى“لىرى تەرىپىدىن ئاتموسفېرا قاتلىمىدا پەيدا بولغان تۆشۈك ۋە كۆپىيىپ قالغان گازلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن يەنە“ھوقۇق“ بېرىلەمدۇ؟ ئەگەر بۇ بولىدىغان بولسا، دۇنيا ئىمپېراتورلۇقىنىڭ رەڭگى يېشىل بولۇپ قالمامدۇ.
2013-يىلدىن بۇيان دۇنيا سىياسىي جەھەتتىن تارقاق ۋە چېلاڭغۇ ھالەتتە بولۇپ كەلمەكتە، بۇ سەۋەبتىن دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىگىلىك ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇستەقىل ئىقتىسادىي سىياسەت يولغا قويالايدىغان، خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش چىقىرالايدىغان، ھەتتا ئىچكى مەسىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا ئاساسەن ھەل قىلالايدىغان شارائىتتا ئەمەس. دۆلەتلەر بارغانچە يەر شارى خاراكتېرلىك بازار مىخانىزمىغا، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇداخىلىسىگە، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خەلقئارا سوت سىستېمىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئوچۇق ھالەتكە كەلمەكتە، كۈنىمىزدە دۆلەتلەر خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن مەلۇم نىسبەتتە بولسىمۇ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە قارارلىرىغا، مۇھىت سىياسەتلىرىگە ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشقا مەجبۇر. نۆۋەتتە سەرمايە، خىزمەت-مۇلازىمەت ۋە ئۇچۇر-مەلۇمات قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۈچ دۇنيانى شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى، چېگرالىرى، ئىدىيەلىرى قاتارلىقلار بۇرۇنقىدەك دىققەت تارتمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.
كۆز ئالدىمىزدا شەكىللىنىۋاتقان دۇنياۋى ئىمپېرىيە قانداقتۇر مەلۇم بىر دۆلەت ياكى ئېتنىك توپلۇق تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنمايۋاتىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسىدە بولغىنىدەك، ھازىرقى دۇنياۋى ئىمپېرىيەمۇ كۆپ ئېتنىكلىك، ئورتاق بىر كۈلتۈر ۋە مەنپەئەت ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بىر تۈركۈم سەر خىللار تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. دۇنيا مىقىياسىدا تېخىمۇ كۆپ كاپىستالىست، ئىنژىنىېر، تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس، ئادۋوكات ۋە باشقا كەسپىي خادىملار بۇ ئىمپېرىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشكە چاقىرىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر دۇنياۋى ئىمپېرىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش يولىنى تاللاش بىلەن ئۆز مىللىتى ۋە دۆلىتىگە سادىق بولۇش ئوتتۇرىسىدا تىڭىرقاپ قالماقتا، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشى دۇنياۋى ئىمپېرىيەنى تاللىماقتا.
تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*