ئىسلام خىتابنامىسى -نىشانىمىز: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاملىشىشى شوئارىمىز: قەتئىي ئىشىنىش ۋە كۈرەش قىلىش

2018-يىلى 22-ئاپرېل

مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!

كەڭ جامائەتچىلىككە سۇنماقچى بولغان بۇ خىتابنامە، چەتئەللىكلەرگە ۋە گۇمان ئىچىدىكىلەرگە، ئىسلامنىڭ ھەر قانداق بىر سىستېما، پىكىر ئېقىمى، ئىدىئولوگىيە قاتارلىقلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش تۈسىنى ئالمىغان. بەلكى قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى قەلبىدە ئوبدانلا ھېس قىلالىغان ۋە قايسى گۇرۇھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەن مەيدانى روشەن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان. مەزكۇر خىتابنامە، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە كىملىكىنىڭ قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەققىدە ئەتراپلىق خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىدۇ.

پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى جىددىي ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر شۇ نەرسە ئېنىق: دۇنيا 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى دۇنيادەك بولمايدۇ. جىمجىتلىق ۋە پاسسىپلىق دەۋرى كەلمەسكە كەتتى. بۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن، قۇدرەتلىك غەرب ئەللىرى ۋە شەرقلىق ئەجنەبىلەر پايدىلىنىشقا ئۇرۇنماقتا. ھەربىي كۈچىنىڭ ئورنىغا پىكىر ئېقىملىرىنى، ئىدىيەلىرىنى، سەپسەتىلىرىنى ۋە سەرمايىلىرىنى تېڭىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى غەرىزىگە يېتشنى كۆزلەۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ غەرىزى،  مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى مال-دۇنيالىرىنى ، تەسىر دائىرىسىنى ۋە  مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ماددى بېقىندىلىقىنى ۋە مەنىۋى ئاجىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

خىتاي، رۇسىيە ۋە غەرب ئەللىرىمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نوپۇز تىكلەشكە ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ كۈچلەرنىڭ ماجراسى بىھۇدە بولۇپ،  ئىسلام دۇنياسى بۇلارغا ئەمەس، مۇسۇلمانلارغا تەۋەدۇر. چۈنكى جۇغراپىيەلىك جەھەتتە مول تەبىئىي بايلىقلار زاپىسىغا ۋە 700 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە، كۈچلۈك سىياسىي ۋە كۈلتۈر ئەنئەنلىرىنىڭ ۋارىسى ۋە جانلىق ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ ۋەكىلى بولغان چوڭ بىر دۇنيا، ئادداقىچە ئۆز ماكانىدا «مۇساپىر» ۋە ئىجارىكەش سۈپىتىدە قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ بىنورمال ئەھۋالغا خاتىمە بېرىدىغان يېڭى مۇسۇلمان نەسلىگە توسالغۇ بولالايدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ يوق.

بىز بۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇ دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ  ئىدىيەسىگە ئاساسەن شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى دوست ۋە دۈشمەن ھەممىسىگە يەتكۈزۈپ قويۇۋاتىمىز.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر خىتابىنامە تامامەن يېڭى ھېسابلىنىدىغان پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەلۋەتتە.  بۇ ھەممە جايدا تارقىلىپ، ئاڭلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئاساسەن دېگۈدەك پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور بولغان ھەر خىل پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ يېڭى ھېسابلىنىدىغان تەرىپى، پىكىر ۋە پىلان باسقۇچىدىن بىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تەشكىللىك ھالدىكى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىشىدۇر.

يېڭى نىشانلار ئۈچۈن كۈرەش كۈنىمىز باشلانغىنى يوق. ئەكسىچە، كۈرەش تارىخىمىز سانساناقسىز شېھىتلىرىگە،  قۇربان ۋە زۇلۇم بىلەن تولغان سەھىپىلىرىگە شاھىت بولدى. بىراق بۇ ئەھۋال، جاھالەتنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن جەسۇر زاتلار ياكى كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ پىداكارلىقى ئىدى. لېكىن، بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ چوڭلىقى مىليونلىغان ئادەمنىڭ تەشكىللىك ھەرىكىتىنى تەقەززار قىلماقتا.

ئەلىي ئىززەتبېگوۋىچ

سۆزىمىزنى ئىسلام ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان دوستىلىرىمىزغا بېغىشلايمىز.

ساراي بوسنا، 1970ھىجرىيە، 1390

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*