ئىسلام خىتابنامىسى -مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى (1)

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى 

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزىدا دەسسەپ يۈرۈشىدىن، بېقىندىلىقتىن، نامراتلىقتىن ۋە قالاقلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى خالامدۇق؟

يېڭىچە ۋە مۇستەھكەم قەدەملەر بىلەن غۇرۇرنىڭ ۋە ھەقنىڭ يولىدا، ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجاينىغا ئايلىنىشىنى خالامدۇق؟

ئەخلاق،ئادالەت، ھەققانىيەت، داھىلىق ۋە جاسارەتنىڭ مەنبەلىرىنىڭ جىمى كۈچى بىلەن قايتىدىن نامايەن بولۇشىنى خالامدۇق؟

ئۇنداق بولسا، بۇ نىشانغا يەتكۈزىدىغان يولنى ئېنىق بېكىتىۋالايلى:

شەخسى، ئائىلە ۋە ئىجىتمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىسلام ئىدىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھىندىنوزىيەدىن ماراكەشكىچە بولغان كەڭ كەتكەن مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلام بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

بۇ نىشان ئۇزاق ۋە مۇمكىنچىلىكى يوقتەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن، بىراق ئىمكانىيەت دائىرىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە نىشان ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ھەر قانداق بىر غەيرى رەسمىي ئىسلامىي پىروگرامما ئىنتايىن يېقىن ۋە نىشانغا يېقىن جايدىلا ئالدىمىزغا چىقىشى تۇرغانلا گەپ. بىراق بۇنداق غەيرى ئىسلامىي پىروگرامما، ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن ئوتوپىيەدىن ئىبارەت، خالاس. چۈنكى بۇ ئىمكانىيەت دائىرىسىدىن بەكلا ئۇزاق.

تارىخ مۇنداق  يەكۈننى يەنە نامايەن قىلىپ بەردى: مۇسۇلمانلارنىڭ خىيالىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زۆرۈر بولغان تۈزۈم،  ئىلھام ۋە كۈچنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان بىردىنبىر ئىدىئولوگىيە ئىسلامدۇر. 1950-يىللاردا پەقەت بىر نەچچە مىڭ  ھەقىقىي مۇسۇلمان مۇجاھىدى ئەنگلىيەنى سۇۋەيىش قانىلىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەرەب ئىرقچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەلىرى بولسا ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتىمۇ مەغلۇپ بولدى. ئىسلام دۆلىتى بولغان تۈركىيە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان خەلق ياكى ئىنسان، قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلامدىن باشقا ھەر قانداق بىر نىشان ياكى ئارزۇسى ئۈچۈن ياشىشى ۋە ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس. بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسمى قانداق بولۇشتىن قەتىئىينەزەر، ھەر قانداق بىر پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارنى ياكى بىر مىللەتنى ۋەياكى بىر پارتىيەنى ئۇلۇغلىشىنى، ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشىنى، بۇلار ئۈچۈن ياشىشىنى ۋە جېنىنى پىدا قىلىشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ كۈچلۈك ئىسلامىي يوشۇرۇن ئاڭ ئىدىيەسىگە ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان دەل بۇ نۇقتىدا بۇتپەرەستلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقنى پەرق ئېتەلىشى كېرەك. مۇسۇلمان پەقەتلا ئاللاھ ۋە ئىسلامنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلالىشى مۇمكىن ياكى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىشى مۇمكىن.

شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىش ۋە ئاجىز مەزگىللىرى ئەسلىدە ئىسلامىي تاللىشىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ پەللىگە يامىشىشقا تەييارلىنىپ بولالمىغانلىقىدىن ئىدى. بۇ ئەھۋال، ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى مەنىۋى كونترولىقىنىڭ سەلبىي ئىپادىسى ھېسابلىناتتى. بۇنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى، دەپ بىلىمىز، ئەلۋەتتە. بىز شۇنى دېمەكچى، مۇسۇلمانلار ئىسلامسىز ۋە ئىسلامغا قارشى ھالەتتە يېڭىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام، ئىسلامنىڭ ئىنسانغا ئائىت ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئورنى، ئىنسان ھاياتىنىڭ نىشانى ۋە ئىنسان-ئاللاھ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىنسان-ئىنسان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قارىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى يولىدا  ھەر قانداق بىر  ھەقىقىي  ھەرىكەتنىڭ ئەبەدىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەخلاقى، پەلسەپىسى، پىرىنسىپى ۋە سىياسىي ئاساسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئالدىمىزدا ئىككى يول بار، يا ئىسلامىي ئىسلاھاتقا قاراپ ھەرىكەت قىلىش ياكى پاسسىپ،ئاجىز ۋە قالاق ھالەتتە تۇرۇش. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر تاللاش يولى يوق.

1-1-         مۇھاپىزىكارلار ۋە مودېرنستلار

ئىنسانغا تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنياغا تەرتىب ئورنىتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىسلامغا ۋە ئىسلامىي ئىسلاھات پىكىرىگە، ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىئىينەزەرلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ھەر ۋاقىت ئىككى خىل ئىنسان قارىشى چىقىپ كەلدى. بۇلار مۇھاپىزىكار ۋە مودېرنستلاردىن ئىبارەت.  مۇھاپىزىكارلار كونا رېتسىپلارنى، مودېرنستلار بولسا ياتلارنىڭ رېتسىپلىرىنى پەش قىلىشىدۇ.  ئالدىنقىلار ئىسلامنى ئۆتمۈشكە ئاپىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. كېيىنكىلەر بولسا ئىسلامغا ساختا كېلىچەك تەييارلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنىلا ئوخشاش تەرەپلىرى بار.  ھەر ئىككى تەرەپ ياۋروپالىقلارنىڭ دىنى چۈشەنچىسى بويىچە ئىسلامنى نوقۇل دىن (religion ) سۈپىتىدە كۆرىدۇ. مەنتىق ۋە تىل ئىنچىكىلىكى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى، ئىسلامنىڭ  ماھىيىتىنى، ئىسلامنىڭ تارىخىنى ۋە دۇنيادىكى رولىنى چۈشىنىش جەھەتتىكى قابىلىيەتسىزلىكى قاتارلىق ئامىللار ئىسلام دىنىنى (religion ) دەپ تەرجىمە قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. (religion )  ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ۋەزىپىسى  ھەققىدىكى ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنىڭ تەكرارلىنىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، بىراق ئىسلامنىڭ ۋەقە، ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە قارىشى ئاساسەن دېگۈدەك يېڭى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىن ۋە بىلىمنىڭ، ئەخلاق ۋە سىياسەتنىڭ، ئەمەل ۋە مەنپەئەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام زاھىرى ۋە باتىنى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ مەزكۇر ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھاڭ ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بۇ ئىتتىپاق ۋە بىرلىك بولماي تۇرۇپ (religion ) قالاقلىققا، بىلىم بولسا ئاتىزمغا سەۋەب بولىدۇ. ئىسلام نوقۇل (religion ) دىن ئىبارەت دېگەن نۇقتىئينەزەرنى چىقىش قىلىدىغان مۇھاپىزىكارلار، ئىسلامنىڭ تاشقى دۇنيانى تەرتىبكە سالماسلىقى كېرەكلىكىنى، مودېرىنستلار بولسا بۇنى ئىسلامنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ قارىشى نەتىجە نۇقتىسىدىن ئوخشاش.  بۇلار ئىسلامنىڭ «ئىسلامدا راھىبلىق يوقتۇر» دېگەن دەستۇرىنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى ئالاھىدە تەبىقە كىشىلىرى قاتارىدىن ھېسابلاپ، ئىسلامنى ئىزاھلاشنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى قۇرئان كەرىم بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىغۇچىغا ئايلاندۇرۋالدى.  بۇلارنىڭ دىنى سالاھىيىتى ئىلاھىياتچى بولۇپ، دوگماتىزىمنى تەشەببۇس قىلىشىدۇ. دىن بىرلا قېتىم ۋە ئەبەدىي بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلارغا نىسبەتەن دىن بىرلا قېتىم ۋە ئەبەدىي ھالەتتە ئىزاھلىنىپ بولغان. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن ئەڭ ياخشىسى  ھەر نەرسىنى مىڭ يىل ئىلگىرى ئىزاھلانغىنىدەك ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. ئورۇنپەرەستلەرنىڭ بۇ تىپىك چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىلاھىيەتچىلەر ھەر قانداق يېڭى بىر نەرسىنىڭ دۈشمىنى  ھېسابلىناتتى. دۇنيا تەرەققىيات باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئەھۋاللارنىڭ تەرتىبكە سېلىنىشى ۋە قۇرئان كەرىم ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە شەرىئەتنىڭ قايتىدىن  رەتكە سېلىنىشى دىننىڭ پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ ئىزاھلىناتتى. بەلكىم بۇ نۇقتىدا ئىسلامغا نىسبەتەن سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، بۇ غەيرى، قالاق،يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتى بولۇپ، ھېلىھەم دىنامىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىسلام ئىدىيەسىنى بوغۇپ قويىدىغان، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل بېرىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

بىراق ئىسلامنىڭ ئىلاھىيەتچىلەرنىڭ قولىدا ئۈستى پېپىق كىتاب ھالىتىدە قالغانلىقىنى ئويلىۋېلىش توغرا ئەمەس. ھازىرمۇ بىلىمگە نىسبەتەن يېپىق، تەسەۋۋۇپقا نىسبەتەن ئوچۇق بولغان ئىلاھىيەت (تېئولوگىيە)، ئىسلامغا زىت كۆپلىگەن مەنتىقىسىز ھەتتا خۇراپىىي قاراشلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئىلاھىيەتنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلار، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپقا نېمىشقا قارشى چىقالمىغانلىقىنى، ھەتتا دىنىي تەلىمات ۋە ئىدىيەلىرىنى نېمىشقا بيېىتالمىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. تارىختا دىنلار ئىچىدە ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولغان تەۋھىد، تەدرىجىي خۇنۇكلەشتۇرۇلگەن، ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولسا دىنىي تىجارەتنىڭ پەسكەش شەكىللىرى مەيدانغا كەلگەن. ئۆزلىرىنى دىن مۇئەككىلى ۋە شەرھىچىسى ھېسابلايدىغانلار، ھەر ۋاقىت دىننى كەسپ قىلىۋېلىشتى ۋە ۋىجدانىي بىئاراملىقمۇ ھېس قىلماستىن «دىن ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىق قىلىنىشتىن ئاجىز» دېگەن سەپسەتىنى قوبۇل قىلىشتى. نەتىجىدە، ئىلاھىيەتچىلەر خاتا مەيداندا تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتى، ھەتتا ئىسلام دۇنياسىدا ئويغىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقانداق چىرىكلىك ۋە جاھالەتنىڭ «بايراقدارى» بولۇشتى. بۇ تائىپىلەر ئىسلام دۇنياسىغا ھەيۋە ۋە زورلۇق – زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە ئەمەلىي چارە ئىزدەشتە ئىنتايىن پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇشتى. ئاتالمىش مەدەنىيەتلىكلەر، غەربلىكلەر، مودېرىنستلار ۋە ئۆزلىرىنى ھەيۋەتلىك نام بىلەن ئاتىۋېلىشقانلار، ئىسلام دۇنياسىدا پىتنە – پاساتنىڭ «ئاتامانلىرى» بولۇپ، سانى ئىنتايىن كۆپ. ھۆكۈمەت، تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرى، ئىدارە-جەمئىيەتلەر بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بۇلارنىڭ تەسىر دائىرىلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئىسلامنى موللا ۋە مۇھاپىزىكارلاردىلا كۆرۈپ، باشقىلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشكە چاقىرغان ياكى ئىشەندۈرگەن مودېرىنستلار، ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر قانداق تەرەپكە قارشى سەپتە تۇرۇشتى. ئۆزىنى ئىسلاھاتچى، دەپ جار سالغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتە خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بىلەن پەخىرلەنگەنلىكىنى كۆرىسىز. ئادەتتە ئۇلار، « قالتىس ئادەملەرنىڭ ئەتىۋارلىق پەرزەنتى» بولۇپ، ياۋروپادا ئوقۇغاندا ئۆزىنى ياۋروپالىق «خوجايىن»لىرىىنىڭ ئالدىدا تۋۋەن كۆرۈش، ئۆز خەلقىنى كەمسىتىش ياكى خەلقىدىن نومۇس قىلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەغرۇرلىنىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان. بۇلار ئىسلامىي تەربىيە ئالمىغانلىقى،خەلقى بىلەن مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي رىشتە قۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئاساسلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى يوقىتىپ قويۇشىدۇ ۋە مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنە ۋە ئېتىقادلىرىنىڭ چۆرۈپ تاشلىنىشى، ئورنىغا ئەجنەبىلەرگە تەئەللۇق «قالتىس» نەرسىلەرنىڭ دەسسىتىلىشى بىلەن «ئەزىز» ماكانىدا بىر كېچىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى چوقۇنىدىغان ئامېرىكا جەمئىيىتىنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئويلىۋالىدۇ. ئۇلار مىللىتىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ئورنىغا سۈنئىي قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە كۈلتۈرنى دەسسىتىدۇ، دۇنيانى تەرەققىي قىلدۇرشنىڭ ئورنىغا ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ چىرىكلىك، قالاقلىق ۋە  ئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىقنىڭ يولىنى ئېچىشىدۇ. ئۇلار، غەربنىڭ كۈچىنىڭ قانداق ياشىغاندا ئەمەس، قانداق ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشتىن ئاجىز كېلىۋاتىدۇ. غەربنىڭ كۈچى ئەخلاقسىزلىقتا، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇپلىرىدا ۋە ئەخلاقسىز ياشلاردا ئەمەس، غەربلىكلەرنىڭ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان تىرىشچانلىقى، غەيرىتى ۋە يۇقىرى مەسئۇلىيەت ئېڭىدا ياتماقتا.

ئارىمىزدىكى غەربپەرەستلەرنىڭ ئەجنەبىي رېتسىپلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكى بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر پاجىئەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇلار رېتسىپلارنى قانداق ئىشلىتىش،  ياخشى ۋە سەر خىل نەرسىلەرنى ئىلغاش قابىلىيىتىدىن ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. ئۇلار پايدىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىغا، مەدەنىي باسقۇچنىڭ زىيانلىق ۋە چۆمكەپ قويغان پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن مەھسۇلاتلارنى ئېمپورت قىلىشقا شۇنداق ئامراق. غەربپەرەستلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە  قىممەت نۇقتىسىدىن شۈبھە پەيدا قىلىدىغان نەرسىلىرى ئارىسىدا، ئادەتتە ھەر خىل ئىنقىلابى پىكىرلەر، پىروگراممىلار، ئىسلاھاتلار ۋە «بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان قۇتقۇزغۇچى ئىدىيەلەر» تېپىلىدۇ. بۇ بىر دۆۋە «ئىسلاھاتلار» ئارىسىدا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئويدۇرما ۋە سەپسەتە تۈسىنى ئالغان ئۆرنەكلەر ئىنتايىن كۆپ.

بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە بولمىغان كۆپلىگەن خەلققە نىسبەتەن، مەزكۇر مەدەنىيەتكە چېتىشلىق ساھەلەردە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر بەش قولدەك ئايان. ئىككى خىل مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرۇش ئەسناسىدا تامامەن رەت قىلىش كېرەكمۇ، ئېھتىيات بىلەن ماسلىشىش كېرەكمۇ ياكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ئۇنسۇرلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقماستىن ۋە شاللىماستىن قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ؟ كۆپلىگەن مىللەتنىڭ غەلىبىسى ياكى تىراگېدىيەسى، شۇ مىللەتنىڭ بۇنچىلىك كۆپ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىشىگە باغلىق.

بەزى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلابلاردا بىر تەرەپتىن بىر مىللەتنىڭ قەيسەر ۋە دانالىقى نامايان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ چوڭ خائىنلىق قىلمىشى مەيدانغا كېلىدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىدا يايونىيە ۋە تۈركىيە مىساللىرى بۇ نۇقتىغا ئىسپات بولالايدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىدە ئوخشاش ۋە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى. ھەر ئىككى دۆلەت ئىمپېرىيە بولۇپ، ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى ۋە تارىختا ئورنى ئېنىق ئىدى. يەنە تەرەققىيات نۇقتىسىدىن بىر-بىرىگە يېقىن ۋە ھەم بەلگىلىك تەسىر دائىرىگە ھەمدە شانلىق تارىخقا ئىگە ئىدى. قىسقىسى، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش پۇرسەتكە ئىگە ئىدى.

كېيىنچە ھەر ئىككى دۆلەتتە ئىسلاھات ۋۇجۇدقا چىقتى. پاپونىيە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن تەرەققىيات ۋە كىلەچەكنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. تۈركىيەدە بولسا مودېرىنستلەر ياپونىيەدىن تامامەن پەرقلىق يول تۇتتى. كۈنىمىزدە تۈركىيە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى قاتارىدىكى بىر دۆلەت، ياپونىيە بولسا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىدى. يېزىق مەسىلىسىدە ياپونىيە ۋە تۈركىيە مودېرىنستلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى پەرق، باشقا مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. ئاددى ۋە 28 ھەرپتىنلا تەشكىل تاپقان ئەرەب يېزىقى(ئوسمانىچە) بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئومۇملاشقان يېزىقى ھېسابلىناتتى. يايونىيە لاتىنلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. ياپونىيە بارلىق ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 46 ئىشارەتتىن باشقا 880 خەنزۇچە مەنا ئىشارىتى سۈپىتىدە بىلىنىدىغان ۋە مۇرەككەپ بولغان ئۆز يېزىقىنى ساقلاپ قالدى. كۈنىمىزدە ياپونىيەدە ساۋادسىزلار تېپىلمايدۇ. تۈركىيەدە بولسا يېزىق ئىنقىلابى بولۇپ ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ساۋاتسىزلار قوشۇنىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ ئەھۋال نەتىجىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈنلەي ساۋاتسىز بولغانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەھۋال بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، نوقۇل ئالاقە قورالى بولغان يېزىقنىڭ ئۇنچىۋالا ئاددىي مەسىلە ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەسلىدىكى سەۋەبلەر، كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئاقىۋەتلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ئىدى. پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە گۈللىنىشى يوق قىلىنىشىغا ۋە ئىنكار قىلىنىشىغا ئەمەس، داۋاملاشتۇرۇلۇشىغا باغلىق. يېزىق، بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ  ۋە «خاتىرىسىدە ساقلاش» شەكلى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، يېزىق ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان ئۆتمۈشنىڭ بارلىق نېمەتلىرى يوقاپلا كەتتى. باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلار بىلەن بىرلىكتە، يېڭى تۈرك نەسلى مەنىۋى تايانچ ۋە ئوزۇقتىن مەھرۇم قېلىپ مەنىۋى مۇئەللەققە چىقىپ قالدى. تۈركىيە «خاتىرىسىنى» يەنى ئۆتمۈشىنى يوقىتىپ قويدى. بۇنداق بولۇشنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى بارمىدى؟

دېمەككى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلاھات ياقلىغۇچىلىرى، يېڭى شەرت-شارائىتلاردا ئىلگىرىكى نىشان ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئەقىللىق ۋە دانا خەلق ۋەكىللىرى بولالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەت-ئۆلچەملىرىگە ئىسيان قىلىپ، خەلقنىڭ ئەزىزلەيدىغان قىممەتلىك بايلىقلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ ئورنىغا ساختىسىنى دەسسىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي ھاياتنى يوق قىلىشتى.

تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ ۋەھشىيلىكلەر ۋە ئىنساپسىزلىقلار  ئەسلىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان، ئۆز نىشانىنى بېكىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا  ھېسمۇ قىلالمايدىغان، گاڭگىراپ قالغان «كېسەل كۆپىسى» مىللەت ئوتتۇرىغا چىقاردى.  ھەقىقىي كۈچ ۋە ھاياجاندىن مەھرۇم، خۇددىي ئۇلارنىڭ ياۋروپالاشقان شەھەرلىرىنىڭ ساختا ھەيۋەتلىكىگە ئوخشاش ئۇلارغا تەئەللۇق ھەر نەرسە سۈنئىي ۋە ئۆزگىچىلىكتىن تامامەن يىراق.  يىلتىزىنىڭ قەيەرگە تۇتۇشىدىغانلىقىنى، ئەسىلىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز بىپەرۋا بىر دۆلەت، قەيەرگە ۋە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟ غەربلىكلەر تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى ئىسلاھاتلار، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان قارىشىنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى قانداق «تەرتىبكە سېلىش»نى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ  ھەر ۋاقىت ياتلىشىش، ئوبېيكتىپ مەسىلىلەردىن، خەلقنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلاردىن قېچىش، ئاددىي ئىشلار ۋە يات نەرسىلەر بىلەن بەنت بولۇش قاتارلىقلاردا گەۋدىلىنىپ كەلمەكتە. خەلقنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بۇ خىلدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىنغان مۇسۇلمان بىر دۆلەتنىڭ تولۇق مەنىدىكى مۇستەقىللىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇلار ئامانەتنى قانداق قوغدىدى ياكى قوغداۋاتىدۇ؟ مەيلى غەربلىك بولسۇن مەيلى شەرقلىق بولسۇن، ئەجنەبىلەرنىڭ «ئىلغار» ئەندىزىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە سىياسىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئارقىلىق «خوجايىنلىرى» سايىسىدە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىچە مۇستەملىكە شەكلىنى مۇناسىپ كۆرۈشتى. نەتىجىدە باشقىلارنىڭ پەلسەپىسى، تۇرمۇش شەكلى، سەرمايە، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن بېقىندىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر دۆلەتلەر ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىللىق ئەمەس، ساختا مۇستەقىللىققە ئېرىشتى، چۈنكى مەنىۋى جەھەتتىكى مۇستەقىللىق ھەقىقىي مۇستەقىللىق ھېسابلىناتتى. مەنىۋى جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن ھەر قانداق بىر مىللەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەقەتلا مىللىي مارشى ۋە بايرىقىدىن ئىبارەت ئىككىلا نەرسىگە مەزكەزلىشىپ قالىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئىككى مۇقەددەس نەرسە ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. مۇسۇلمانلار ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى ۋە ھەممىنى  قايتىدىن باشلىشى كېرەك.

1-2- ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى 

بۇ ئىككى خىل ئىنسان يەنى مۇھاپىزىكارلار بىلەن مودېرىنستلار كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلار ئەمەس. كېيىنكى ئانالىزىمىزدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ كەمسىتىلىشى ياكى رەت قىلىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋال، بۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىسلام تارىخى كۆپىنچە ھاللاردا يالغۇز  ئىسلامنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىكىدىن ئىبارەتلا ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ خاتا ياكى يېتەرسىز چۈشىنىلىپ قالغانلىقىدىن، سەل قارالغانلىقىدىن ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ تارىخى ئۇتۇقلار ۋە غەلىبىلەر سەھىپىسى بولۇش بىلەن بىرگە، كىشىنى ئۇياتقا سالىدىغان خۇراپىلىقلار ۋە مەغلۇبىيەتلەر  سەھىپىسىدىن ئىبارەت بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىمىز ئەمەلىيەتتە، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىمىزنىڭ ۋە ئۇنى تۇرمۇشقا تەدبىق قىلالمىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى، خالاس. ئىسلامنىڭ خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى  ھەمىشە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورگانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمسىتىلىشىدە ئۆز ئىپادىسى تاپقان. ئىسلام تارىخىنىڭ ھەممىسى، قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ خىلدىكى تەسىرچانلىقنىڭ دائىرىسىدە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۇ «پاراللىللىق» ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگەرمەس تەقدىرىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئىسلام تارىخىنىڭ قانۇنىيىتى ياتىدۇ. ئىسلام تارىخىنىڭ، مەزكۇر قانۇنىيەتنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىككى ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى گۈللىنىش يەنە بىرى چېكىنىش.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام 632 – يىلى ۋاپات بولۇپ، ئارىدىن 100 يىل ئۆتمەستىنلا ئىسلامنىڭ مەنىۋى ۋە سىياسىي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى دەرياسى ۋە جۇڭگوغا، يەنە بىر تەرەپتە ئارال كۆلىدىن نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن قىسىملىرىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەلىك ماكانغا كېڭەيگەن ئىدى. سۈرىيە 634 – يىلى، شام (دەمەشىق) 635 – يىلى، كىتېسىفون (باغداتنىڭ 35 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ساسانىي ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان) 637 – يىلى، ھىندىستان ۋە مىسىر 641 – يىلى، قارتاجا (بۈگۈنكى تۇنىس) 647 – يىلى، سەمەرقەند 676 – يىلى، ئىسپانىيە 710 – يىلى فەتھى قىلىندى. مۇسۇلمانلار 717 – يىلى ئىستانبۇلغا، 720 – يىلى جەنۇبىي فىرانسىيەگە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. 700 – يىلىدىن ئېتىبارەن شەندۇڭ (جۇڭگو)دا جەمەلەر سېلىنىشقا باشلىدى. 830 – يىلى بولسا ئىسلام جاۋاغا يېتىپ باردى. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىنتايىن مۇناسىپ ۋاقىتتا تەسەۋۋۇر قىلىنىپمۇ باقمىغان يەنە بىر فەتھى،  ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىسپانىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئۈچ مەدەنىيەت مەيدانىدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىدى.

كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار باشقىلارغا قانداق تەسىر بېرىدۇ؟ سوئالنى باشقىچە سورىساق: قانچىلىك مۇسۇلمان بولالىدۇق؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

بىز ئەسىر ھالىتىگە چۈشۈپ قالدۇق، 1919 – يىللىرى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسۇلمان دۆلىتى يوق ئىدى. بۇ ئەھۋال ئىلگىرى پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان.

بىز  نادان ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدا ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە ساۋاتلىقلارنىڭ نىسبىتى % 50 كىمۇ يەتمەيتتى. پاكىستان مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەندە ساۋاتلىقلارنىڭ نىسبىتى ئاران % 25 ئەتراپىدا ئىدى. ئالجىرىيەدە % 20، نېگىرىيەدە ئاران % 10 كىشىنىڭ ساۋادى بار ئىدى. (دىرېپېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە 10- ۋە 11 – ئەسىردە ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ساۋادسىزلار يوق ئىكەن).

بىز نامرات ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز، ئىراندا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 220، تۈركىيەدە 250، مالايسىيادا 250، پاكىستاندا 90، ئافغانىستاندا 85، ھىندىنوزىيەدە 70 دوللار ئەتراپىدا، ئەمما ئامېرىكىدا 3000 دوللار ئەتراپىدا (1966-يىلىدىكى ئەھۋال). مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مىللىي كىرىمگە بولغان تەسىرى 10% بىلەن 20% ئەتراپىدا بولماقتا. كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشىدا كالورىيە سانى 2000 ئەتراپىدا، غەربىي ياۋروپادا كالورىيە سانى بولسا 3000 ئەتراپىدا.

بىز بۆلۈنمە ۋە تارقاق ھالاتتە تۇرۇۋاتىمىز: مىسكىنلىك، ھەددىدىن زىيادە مال-دۇنياغا بېرىلىش، ئېھتىياجتىن ھالقىغان ئىستېمال ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە قەتئىي ئورنى بولماسلىقى لازىم تۇرۇقلۇق مۇسۇلمان جەمئىيىتى دەل ئەكسىچە ھەرىكەت قىلدى. قۇرئان كەرىمنىڭ «بۇ مال-دۇنيالار (نېممەتلەر) بايلىرىڭلار ئارىسىدا يىغىلىپ قالمىسۇن» دېگەن بۇيرۇقىغا زىت ھالدا، نېممەتلەر تەدرىجىي ئاز ساندىكى كىشىنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. 1958 – يىلى يەر ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرى ئىراقتىكى 22 مىليون گېگتارلىق مۇنبەت زېمىننىڭ تەخمىنەن 18 مىليون گېگتىرىنى ياكى % 82 نى ئاز ساندىكى زېمىن خوجايىنلىرى مونوپۇل قىلىۋالغان ئىدى. لېكىن 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ پەقەتلا يېرى يوق ئىدى. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بەزىلەر  ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئىسلام كېچىلىكى» دەپ ئاتىۋېلىشتى. ئەسلىدە بۇ كېچىلىك بىزنىڭ قەلبىمىزدە تۈن قاراڭغۇسى بولۇپ كۆرۈندى.

چۈنكى بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسىر بولساق، نادان ۋە جېدەلخور بولساق قەتئىي بولمايدۇ. بىز پەقەت ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن بۇ ناچار سۈپەتلەرگە ماس كېلىمىز.  بىرىنچىسى ئوھۇدتا، ئاخىرقىسى سىنادا مەيدانغا كەلگەن مەغلۇبىيىتىمىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۆپىنچە دىنامىك ۋە پائال تۇرمۇش دائىرىسىدىن پاسسىپ ۋە تار دائىرىگە ئىتتىرىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئىسلامدىن ۋاز كېچىش ھادىسىسىگە، ئىسلام ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى نۇقتىسىدىن يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىغان قۇرئان كەرىمنى ئاساس قىلىپ باھا بەرگىلى بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مۇسۇلما نلارنىڭ ھەر گۈللىنىشى، ھەر شانلىق مەزگىلى قۇرئان كەرىم ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۆلچەم قىلىنغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىنغان مەزگىلدە ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. مۆجىزىۋى كېڭىيىشنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ۋە ئىككى ئەۋلاد مەزگىلىدە ئىسلامنى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە، شەرقتە جۇڭگوغىچە بولغان كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەلىك ماكانغىچە تارقىتالىغان ئىسلام فەتھى، پەقەتلا بىرلا  مىسال ھېسابلانماستىن، بەلكى ئەڭ چوڭ  ئۆلگىلىك ۋە تىپىك مىسال ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىنقىلاب ۋە ھەرىكەتلەر زىتلىقنىڭ بۇ قانۇنىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە تامامەن يېتىدۇ.

چېكىنىش ۋە ئارقىدا قېلىش دەۋردىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تەدبىقلىنىش ئەھۋالى قانداق؟ قۇرئان كەرىمگە تەسلىمىيەت ۋە ئىتائەت  ھەر زامان ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بىراق ئاكىتىپچانلىقىنى يوقىتىپ قويغان، مەنتىقىسىز ۋە مىستىك نەرسىلەرگە يۈزلەندۈرۈلگەن ئىدى. قۇرئان كەرىم قانۇن بولۇش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىپ قويدى. ئەمما بارلىق نەرسىلەرنىڭ «ئەڭ ئۈستۈنى» بولدى. قۇرئان كەرىمنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئىزاھلىنىشىدا ئالىملىقنىڭ ئورنىنى باش-ئاخىرى يوق شەرھلەر ۋە ئىزاھلار، چوڭ ئىدىيەلەرنىڭ ئورنىنى نوقۇل قىرائەت ۋە ئوقۇش«قابىلىيىتى»لا ئالدى.  ئىلاھىيەت ئەندىزىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەتراپلىق چۈشىنىلىشىگە ۋە ئىزاھلىنىشىغا سەل قارالدى، بىراق مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن كۆپ ئوقۇلىدىغان بولدى. قۇرئان كەرىمنىڭ كۈرەش، دۇرۇستلۇق، جان ۋە مال بىلەن جىھاد قىلىش ھەققىدىكى  يوليۇرۇقلىرى ھورۇنلىقىمىزغا ماس ھالدا، مۇڭلۇق ۋە ياڭراق ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ كىشىنى ئارام تاپقۇزىدىغان ئاۋازى ئىچىدە پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى. بۇ بىنورمال ئەھۋال تەدرىجىي نورمال ھالغا كېلىشكە باشلىدى. يەنى بىنورمال ئەھۋال ئىجتىمائىيلاشتى. چۈنكى بۇ ۋەزىيەت سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن مۇناسىۋىتىنى قەتئىي ئۈزەلمەيدىغان، لېكىن ھاياتىنى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەرتىبكە سېلىشتىن ئاجىز كىشىلەرگە پايدىلىق ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھالدا ھەددىن زىيادە ئوقۇلۇشى (ياكى يادقا ئوقۇلۇشى) دىكى پىسخىكىلىك ئەھۋالنى دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك. قۇرئان كەرىم (ئاۋازلىق) ئوقۇلدى، ئىزاھلاندى، ئارقىدىن تەكرار – تەكرار (ئاۋازلىق) ئوقۇلدى، شەرھلەندى. يەنى بۇ ئەھۋال مۇشۇ پېتى كېتىۋەردى. بۇ «ئۇلۇغلار» بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەتبىقلىماسلىققا مەجبۇر قالماسلىق ئۈچۈن بىر ئايەتنى مىڭ قېتىم تەكرارلاشقا رازى بولۇشتى.  ھەتتا ئەمەلىي تۇرمۇشقا قانداق تەدبىقلىنىش مەسىلىسىدىن قېچىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە ئەتراپلىق ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئاقىۋەت، قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشلىك مەنىسى ۋە مەزمۇنىدىن مەھرۇم نوقۇل ئاۋاز بىلەن ئوقۇلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىمان ۋە ئەمەل ئارىسىدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئاشقۇنلۇق (رادىكاللىق )، ئادالەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق، نادانلىق، رىياكارلىقتۇر. قۇرئان كەرىمگە نىسبەتەن ھەددىن زىيادە تەسلىمىيەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ تۇرمۇشقا تەدبىقلىنىشى كېرەك بولغان پىرىنسىپلىرىنىڭ يوق سانىلىشى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.

دەل بۇ نۇقتىدا، قۇرئان كەرىم بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىشى ۋە ئاجىزلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ياتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۇنياۋى قىممىتى بولغان يەنە بىر مەسىلە بولسا ئەتراپلىق مائارىپ سىستېمىسى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىدۇر. نەچچە ئەسىردىن بېرى مۇسۇلمانلارغا ئالىم، كەسىپ ئەھلى، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر نىسىپ بولماي كەلدى. بۇلارنىڭ ئورنىغا كېرەكسىز ئىككى تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار نادانلار ۋە خاتا تەربىيەلىنىپ قالغانلار.  ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا مۇناسىپ بولغان ئىلغار مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە ئەمەس. بىزنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمىز بۇنداق ئەڭ مۇھىم ئورگانغا يا سەل قاراشتى ياكى ياتلارغا تاشلاپ قويۇشتى. ئەجنەبىلەر تەرىپىدىن ئىقتىساد، كەسپ ئىگىسى، لايىھە ۋە ئىدېئولوگىيە بىلەن تەمىنلەنگەن مەكتەپلەر ھېلىغۇ مۇسۇلمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مىللەتچىلەرنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلەپ چىقالمىدى. بۇ مەكتەپلەردە بىزنىڭ كەلگۈسى زىيالىلىرىمىزغا ئىتائەتچانلىق، تەسلىمىيەت ۋە ياتلارنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىگە مەستانە بولۇش «پەزىلەتلىرى» سىڭدۈرۈلمەكتە. بۇ مەكتەپلەردە يەنە، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى جان – دىل بىلەن ئورۇندىيالايدىغان قۇللۇق ئېڭىغا ئىگە زىيالىلار يېتىشتۈرۈلمەكتە. بۇ ئارقىلىق بۇ «زىيالىلار»نىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئۆزلىرىنى چەت ئەللىكتەك ھېس قىلىشى ۋە چەت ئەللىكتەك ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا. ئەجنەبىلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاچقان مەكتەپ ۋە ئىنىستىتۇتلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ۋە كېيىنچە بۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە «سېخىلىقى» ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك.  مەزكۇر مۇئەسسەسەلەرنىڭ لايىھەلىرى ۋە پىروگراممىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ ئەھۋالدا ئەسلىدىكى مەسىلە زىيالىلىرىمىزنىڭ خەلقىگە ۋە خەلقىنىڭ ئازرۇ ئارمانلىرى، تەلەپلىرى ۋە مەنپەئىتى ئۈچۈن چارە تېپىش ياكى تاپالماسلىق بولماستىن، بەلكى زىيالىلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن مۇشۇنداق بىر چارىنى تېپىش شارائىتىغا ئىگە بولالماسلىقىدۇر.  بۇ مەسىلە، مەجبۇرىي تېڭىلغان ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن پىسخىكىلىق بوشلۇقتىكى غايىلەر ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشىدىن ئىبارەت. مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئىتائەتچان بولۇشى ئۈچۈن تۆمۈر زەنجىرلەرگە ئېھتىياج قالمىدى. بىر مىللەتنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشلىرىنىڭ ۋىجدان ۋە ئىرادىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئەجنەبىي «ئاقارتىش ھەرىكىتى»نىڭ جەزبىدار سىھىرلىرى تۆمۈر زەنجىرلەرگە ئوخشاشلا رولغا ئىگە. مۇشۇنداق بىر مائارىپ سىستېمىسى تۇرغان يەردە، ئەجنەبىلەرنىڭ ۋە بۇلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى يالاقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدىن ئەندىشە قىلىشقا ھاجەت قالمايدۇ. بۇ خىلدىكى مائارىپ سىستېمىسى بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى ۋە قوللىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.

زىيالىلىرىمىز بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە بىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىمىزنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئەڭ ناچار ئالامەتلەردىن بىرى بولغان بۇ قورقۇنچ ھاڭ باشقا تەرەپتىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. خەلق زىيالىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىنىۋاتقان ئەجنەبىي ۋە غەيرى ئىسلام ئالاھىدىلىكى قويۇق بولغان مەزكۇر مائارىپ سىستېمىسىنى رەت قىلماقتا، بۇنداق بولغاندا يىراقلىشىش ۋە ياتلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاشقۇنلۇق ھادىسىسى ئىككىلا تەرەپتە كۆرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ ۋە مەكتەپكە نىسبەتەن سەلبىي قارايدىغانلىقىغا دائىر بىمەنە ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا چىماقتا. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيىتىمىزدە مەكتەپكە نىسبەتەن باشقىچە قارايدىغان ئەھۋال قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلامدا بۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان نارازىلىق،  ئىسلام بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مەنىۋى رىشتىنى يوق قىلىدىغان ۋە قىلىۋاتقان ئەجنەبىي مەكتەپلەرگە ئائىت ئىدى.

1-3-مۇسۇلمانلارنىڭ بىپەرۋالىقى 

كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلىتىدە مودېرنىستلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ئىنقىلاب، ئومۇمەن پىرىنسىپ جەھەتتىن دىنغا قارشى چىقىش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتنىڭ لايىقلىشىشى (دىن خالىيلىشىشى) نامىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋال يېڭى دەۋردە ياۋروپادا بىخلىنىشقا باشلىغان ۋە مىللىي دۆلەت بىلەن چىركاۋ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بىراق غەربكە نسىبەتەن تەرەققىيات ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان نەرسىلەر، ئىسلام دۇنياسىدا تەبىئىي بولمىغان ۋە ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرەلمەيۋاتقان جەريانغا ۋەكىللىك قىلىۋاتاتتى. لايىقلىق ۋە مىللەتچىلىك بۇ يەردە  ھېچقانداق بىر ئىجابىي تۈسكە ئىگە ئەمەس، پەقەت قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى، خالاس. يىلىتىزى ۋە مەزمۇنى نۇقتىسىدىن مۇسۇلمانلارغا يات بولغان بۇ ئىككى ئىدىيە ئەمەلىيەتتە بىزدە ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان مىسكىنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دۇنياسىدىكى سېنارىيەنىڭ ئاخىرقى پەردىسىنىڭ باشلىنىشى دەل بۇ ئىككى پىكىر ۋە جەرياننىڭ تۈرتكىسىدە ئەمەلگە ئاشتى. ئەمەلگە ئېشىش نۇقتىسىدىن بىز بۇ ئەھۋالنى «قوش بىمەنىلىك» دەپ تەرىپلەشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بۇ نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

ھەر ئويغىنىش دەۋرى، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىلغار ئامىللىرى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ۋۇجۇدقا چىققان ئۇچرىشىش، يېقىنلىشىش، سۆيگۈ ياكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ئىلغار ئامىللار ھەر قانداق بىر كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ ئىرادە ۋە ئىدىيەسىدۇر، خەلق بولسا ئۇنىڭ قېنى ۋە قەلبىدۇر. ئادەتتىكى كىشىلەر قاتناشمىغان ياكى  ھېچ بولمىغاندا رازىلىقىسىز ئەمەلگە ئاشقان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، ھەقىقىي تەسىر كۈچىدىن مەھرۇم قېلىپ ئاجىز  ۋە تار دائىرىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.

خەلقنىڭ پاسسىپلىقىنى يېڭىشى پەقەت خەلقنىڭ قىيىنچلىق، خەۋپ ۋە توقۇنۇش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تەبىئىي شەكىللەنگەن قارشىلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئەگەر  خەلقنىڭ پاسسىپلىقى كۈرەش نىشانىغا زىت بولسا بۇنى يېڭىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردىكى كۈرەش نىشانى خەلقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىرادىسى ۋە ھېسسىياتىغا تامامەن زىت. بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مودېرنىستلار تۇرمۇشقا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان پىلان – لايىھە ۋە پىروگراممىلاردا، ئاساسەن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىككىنچى خىل ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. بۇلار بۇ جەرياندا يالاقچىلىق قىلىشىدۇ، تەھدىت سېلىشىدۇ، يالۋۇرۇشىدۇ  ۋە  بېسىم ئىشلىتىدۇ، قايتىدىن تەرتىبكە سېلىشقا تىرىشىدۇ، ئىشقىلىپ تىنىم تاپماي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشىدۇ. لېكىن بۇلار خەلقنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارشىلىقىغا، نارازىلىقىغا ۋە بىپەرۋالىقىغا دۇچ كېلىشمەكتە. بۇنىڭغا مۇنۇ تىپىك مىسالنى بېرەيلى. نامى ھەممە ياققا تارقالغان تۇنىسنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى پىرېزدېنتى ھەبىب بۇرغىبا ياۋروپاچە كىيىنەتتى، ئۆيىدىكىلەر بىلەن فىرانسۇزچە سۆزلىشەتتى. ئۇ تۇنىسنى يالغۇز ئىسلام دۇنياسىدىنلا ئەمەس، ئەرەب دۇنياسىدىنمۇ ئايرىپ تاشلىدى، دىن تەربىيەسىنى چەكلىدى، خەلقنى روزا تۇتماسلىققا چاقىردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە «روزا خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتەرمىش». ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقلىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاۋام خەلق ئالدىدا رامىزاندا ئاپىلىسىن سۈيى ئىچىشتىنمۇ ئەيمەنمىدى، لېكىن ئاخىرىدا بۇنىڭغا ئوخشاش «ئىلمىي» ئىسلاھاتلارغا قارىتا تۇنىس خەلقىنىڭ بىپەرۋالىقىغا ۋە  قوللىماسلىقىغا قاتتىق ھەيران قالدى. مودېرىنستلار بۇنىڭغا ئوخشاش قارىغۇلارچە ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىگەن بولسا ، ھازىرقى ھالىتىدەك بولالمايتتى.

مۇسۇلمانلار ئىسلامغا زىت ھەر قانداق بىر نەرسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ئىسلام يالغۇز قانۇن ۋە غايە بولماستىن، بەلكى سۆيگۈ ۋە ھېسسىيات ئارىشىلىپ كەتكەن. ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق بىر كىشى نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك ئۇرۇقى تېرىشتىن باشقا ئىش قىلمىغان بولىدۇ. مودېرىنستلار ئىجرائاتلىرى ۋە قىلغان – ئەتكەنلىرى بىلەن ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتى. بۇ يەرلەردە تەدبىقلانغان بارلىق پىلان – لايىھە ۋە پىروگراممىلار مەيلى ئىسلامىي بولسۇن مەيلى ئەجنەبىلەرنىڭ بولسۇن ئەمەلگە ئېشىشقا مۇمكىن بولمىدى. خەلق ئىسلامىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ، بىراق بۇنى زىيالىلارنىڭ ياردىمىسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنزىلىدىن ئاداشقان ۋە ياتلاشقان زىيالىلار تەبىقىسى ئۆزلىرىنىڭ پىلان – لايىھە ۋە پىروگراممىلىرىنى تېڭىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن قەغەزدىنلا ئىبارەت بولغان غايە ئۈچۈن قان – تەرىنى، جېنىنى ۋە ئوتلۇق ھېسسىياتىنى پىدا قىلىدىغان يېتەرلىك ئادەم تاپالمايۋاتىدۇ.  ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى تەبىئىي ھالدا قالايمىقان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇ زېمىنلاردا تەرتىب، تەرەققىيات، باياشاتچىلىق بەرپا قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق بۇ تەرتىب،تەرەققىيات، باياشاتچىلىق ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە بولماسلىقى لازىم. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىپەرۋا بولۇشى ناتايىن. بىر تاياقتا ھەيدەشكە قەتئىي بولمايدۇ. تارىختا بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ ياتلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ كەلگەن. دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ئىسلامىي كۈرەشنىڭ ئەڭ كىچىك ئۇچقۇنلىرى كۆرۈلگەندە، ئادەتتىكى ئادەمنىڭمۇ كۈرەش ۋە سەۋىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن. تۈركىيە 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، گىرېتسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، لىۋىيەنىڭ ئىتالىيەگە قارشى قەھرىمانلارچە ئېلىپ بارغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، يېقىن تارىختا سۈۋەيىش قانىلى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن ئەنگلىيەگە قارشى كۈرەشلەر، ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، ھېندىنوزىيەنىڭ قوغدىلىشى ۋە پاكىستاندىكى ئىسلامىي تەسىرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. تارىختا ئاۋام خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، ۋاقىتلىق ئەمما سەممىيلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ ھەر ۋاقىت ئىسلامىي ئىدىيەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغان. ئىسلام مەۋجۇت بولغان يەردە بىپەرۋالىق قەتئىي مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئوتلۇق ھېسسىياتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋە يېتەكلىيەلەيدىغان چوڭقۇر ئىدىيەلەرگە ھەر زامان ئېھتىياجىمىز بار. بىراق بۇ ئادەتتىكى ئىدىيە بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئىدىيە چوقۇم خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا مۇناسىپ بولۇشى زۆرۈر. ئۇنداقتا بۇ ئىدىيەنىڭ ئىسلامىي ئىدىيە بولۇشىنى تەخمىن قىلىش ئۇنچىۋالا تەسكە توختىمىسا كېرەك. مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ  ھازىرقى سىياسىي، بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تېڭىرقاشلىرىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ غايىسىدىن ۋاز كېچىشىنى كۈتۈش ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. ئۇپۇقتا بىر چىقىش يولى كۆرۈنمەكتە. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام ئەندىزىسى بويىچە تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە مەزكۇر ئەندىزە بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى زىيالىلار قوشۇنىنىڭ شەكىللىنىشى ئىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ زىيالىلار قوشۇنى كېيىنچە ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

[1]  ئىزاھات: مۇھاپىزىكارلار. مەۋجۇت ئەھۋالنى مۇھاپىزەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشى. جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشىلىق كۆرستىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي قاراشنى ياقلىغۇچى. مۇھاپىزىكارلار ئۆزگىرىشكە پۈتۈنلەي قارشى چىقمايدۇ. پەقەت كەڭ دائىرىلىك ۋە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرگە قارشى چىقىدۇ. مۇھاپىزىكارلار كۆپ سانلىق كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى ياقلايدۇ ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىدېئولوگىيەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ− تىلماچتىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*