ئىسلام خىتابنامىسى – مۇقەددىمە

2018-يىلى 22-ئاپرېل

بوسنا خەلقىنىڭ تارىخىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە يىلتىزى پۈتۈنلەي كېسىۋېتلىگەن ئىدى. فاشىزىمدىن كېيىن كوممۇنىزىم دولقۇنى يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، ئىسلامغا تەۋە ھەر قانداق نەرسە يوق قىلىنىشقا باشلاندى. جازالاندۇرۇشتىن تارتىپ مۇكاپاتقىچە، ئىشقىلىپ بارلىق ۋاستە ئاساسەن دېگۈدەك ئىشلىتلىدى، مۇستەملىكچىلەر نەتىجىدە خېلى بىر نەرسىگە ئېرىشتى. رەزىل مەقسىتىگە مەلۇم نىسبەتتە بولسىمۇ يېتىشتى.

سىرىپ، ھىرۋات، بوشناق قاتارلىق مىللەتلەر بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەردەكلا بىرلىكتە ئىناق ياشايتتى، باردى-كەلدىسى ناھايىتى قويۇق ئىدى. بىراق قەتلىئام ھەممىنى ۋەيران قىلدى. ئەركىنلىكىنى پەش قىلىدىغان زامانىۋى غەرب دۇنياسى، ئۆز ئىچىدىكى بۇ مۇسۇلمان توپىغا «ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ» رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلدى.

سىرىپلار بىر كىچىدىلا شەھەرنى تاشلاپ تۆپىلىككە چىقىشتى ۋە بۇ يەردىن ئۆزى ياشىغان شەھەرنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. سىرپلارنىڭ يىللاردىن بېرى بۇ ئىشقا تەييارلىق قىلغانلىقى ئاشكارلاندى. بىراق مۇسۇلمانلار قوشىنىلىرىنىڭ ھەتتا قۇدا باجى بولۇپ ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ كەتكەن سىرىپلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ھېچقانداق بىر بوشناقنىڭ ئۆيىدە قورال يوق ئىدى. تاجاۋۇزغا تەييارلىقى يوقتى. ئۈستى-بېشىغا ياغقان ئوقلار بىلەن ئويغانغىنىدا كۆپىنچىسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئېچىنىشىلىق تىراگىدىيەسىنىڭ جانسىز قەھرىمانلىرىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.

بۇ كىشلەر پۈتۈنلەي گۇناھسىز ئىدى… يىللاردىن بېرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، «قوشنىلىرى»غا دۈشمەن بولۇپ باقمىغانىدى. قەلبى گۈزەل، كىچىك پېئىل ۋە ساددا خەلق ئىدى. بۇ كىشلەرنىڭ ھۆكۈمدارى ئەجدادىمىز فاتىھ سۇلتان مەھمەت بۇ زېمىننى پەتىھ قىلغاندا، تۇنجى ئىشى قول ئاستىدىكىلەرگە چىركاۋلارغا چېقىلماسلىققا ۋە خەلقنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئادا قىلىشىغا توسالغۇ بولماسلىققا پەرمان چۈشۈرۇش بولغان ئىكەن. پەرمان كۆپەيتىلىپ مەملىكەتنىڭ ھەممىگە يېرىگە تارقىتىلغان ئىكەن. كۈنىمىزدىمۇ ئوسمانلىدىن قالغان، ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مەدرەسە ۋە كۆپلىگەن مۇئەسسەسەنىڭ تاملىرىدا بۇ پەرماننىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوشناقچە نۇسخسىمۇ ئېسىقلىق ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇلار سۆيگۈ، مەرھەت ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. كۈنىمىزدىكى مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، ھەققىي بىر ياۋروپالىق ئىدى. بوشناقلار بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقتتىن بېرى تارىخ سەھنىسىدىن يوق قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ يېرىمى تىل بىرىكتۈرگەن، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم ۋە زورلۇق-زۇمبۇلۇقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قەلبىدە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرى پەيدا بولمىغان مۇسۇلمان خەلق ئىدى.

ئەگەر ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتقان بولسا ئىدى، ئەندۇلۇس مىراسىغا ئىگە چىقىدىغان بىر ئىسلام جەمئىيىتى ۋە دۇنيا قېرىداشلىق ئۆلگىسى بەرپا قىلالىغان بولاتتى. دىنى، ئىرقى پەرقلىق بولغانلار بىلەن بىرلىكە ياشاشتىن ئىبارەت ئەڭ ياخشى ئىتتىپاق ئۆلگسى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. ھازىر دۇنيا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان قېرىنداشلاردەك بىر يەردە ئىناق-ئىتتىپاق ياشاشقا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايتتى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ سۆيگۈ بىلەن تولۇپ تاشقان قەلىبىگە ئېغىر زەربە بېرىشتى. ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى مۇسۇلمان بوشناقنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ بىر بېسىپ كىرىپ چوڭ-كىچىك ھەممىنى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلغان سىرىپلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشى، مىللەتلەرنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىگە ئۆچمەس قارا داغنى قالدۇرۇپ قويدى.

بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ بۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. بۇ ياخشى ئىنسانلارنىڭ كۈرەشچان ۋە دانا رەھبىرى ئىدى. خەلقىگە قىلىنغان زۇلۇملارنى تىنچلىق ئەلچىسىگە ئوخشاش ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تىنچلىق كۈرىشى بىلەن ئۆزدىن كېيىنكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە زامانداشلىرىغا ئەڭ ياخشى ئۆلگە بولدى. خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خېيىم-خەتەر، قېيىن-قىستاقلارغا سەۋىر قىلدى. لېكىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى. ئۇ ئىنتايىن دانا ۋە بىلىملىك رەھبەر ئىدى. تارىخ ۋە كۈنىمىز، شەرق ۋە غەرب ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. قولىڭىزدىكى مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ لېكسىيە ۋە نۇتۇقلىرىدىن رەتلەپ چىقىلدى. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلقى بىلەن بىرلىكتە بولاتتى. دەرتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. قىسقىسى، خەلقى بىلەن ئىشقۇيۇن-تاشقۇيۇن بولۇپ كەتكەن ئىدى. خەلققە ، ئەسكەرلەرگە، پارتىيە ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا، ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغان بىر مىللەتنىڭ رەھبىرى بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان زالىم سىرىپ مىللىتىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئىنتىقام ھېسياتى بىلەن ئەمەس ئادالەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، زۆرۈر تېپىلسا كەچۈرۈم قىلىشقا، گۇناھسىز سىرىپ ۋە ھىرۋاتلارغا چېقىلماسلىققا چاقىرغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ مەيلى خەلقئارالىق سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەردە بولسۇن مەيلى ئۇرۇش ئەسناسىدا بولسۇن مەيلى غەلىبىدىن كېيىن بولسۇن، ئىنتايىن سوغاققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان « ئادىل » مىللەتلەرنىڭ ئىككى يۈزلۈمىچىلىكىنى ۋە بوسنا-ھەرسەكتە بولۇپ ئۆتكەن زۇلۇملارنى بىر چەتتە تاماشا قىلىش بىلەن قالماي، يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مەزلۇم بىر خەلققە ئېمبارگو يولغا قويۇپ سىرىپ ۋە ھىرۋاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ رەھىمسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى يۈزلىرىگە دادىلىق بىلەن دېدى. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ جەسۇر، قەھرىمان ۋە ئىتىقادى مۇستەھكەم بىر زات ئىدى. بۇ پەزىلىتىنى خەلقىگىمۇ تەشەببۇس قىلدى. تارىختا ئۆزىدىن كېيىنكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىنقىلاپچىقلارغا ئۆلگە بولغۇدەك ئىش-ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئاللاھتىن شېھىتلىك ماقامىغا يېتىشنى ھەر زامان تىلەيتتى. ھازىر مەرھۇم نەپىس ئىشلەنگەن مەقبەرىسىدە ئۆزنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش پاكىز ۋە ئەزىز بولغان ھىلال شەكىللىك، دائىم جانلىنىپ تۇرىدىغان شېھىت مازارلىرى ئىچىدە ياتماقتا. ھاياتىغا ئوخشاشلا جەسىتى بىلەن ھىلالنىڭ قاراۋۇلۇقىنى قىلماقتا. بۇ يەردىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى شېىھتلىك ماقامىغا يەتكەن. مەرھۇم سارايبوسنانىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن شەھەرگە خاتىرجەملىك بەخش ئەتكەن گۈل باغچىسىدىن دۇنياغا گۇناھسىزلىق، سۆيگۈ ۋە تىنچلىق سېگناللىرىنى تارقىشتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇنىڭ كۈرەشىگە ئۆزىنىڭ ھىكمەت دۇردانىلىرى مۇجەسسەملەنگەن مەزكۇر كىتابنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەسسە قوشۇشنى ئويلىدۇق. يوللۇق، گۇناھىسىز ۋە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىنى خەلقى بىلەن بىرلىكتە نامايەن قىلغان دانا رەھبەر ئەلى ئىززەتبېگوۋىچكە ئاللاھتىن رەھمەت تىلمەيمىز. بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھىكمەت دۇردانلىرى، قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە كىشىلىك ئوبرازى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*