ئىسلام خىتابنامىسى – ئىسلام تۈزۈمى : دىن ۋە قانۇن (2)

2018-يىلى 23-ئاپرېل

خەلقىمىزنىڭ ئىسلام تۈزۈمى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن مەزكۇر ئىبارىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى نېمە؟
ئىسلام تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئىخچام ئېنىقلىمىسى تۆۋەندىكىچە: دىن ۋە قانۇن، تەربىيە ۋە كۈچ، غايە ۋە مەنپەئەت، مەنىۋى جەمئىيەت ۋە دۆلەت، خالىسانىلىق ۋە مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ بىرلەشمىسى بولغان ئىسلام تۈزۈمى ئىككى نەرسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلامىي جەمئىيەت ۋە ئىسلامىي ھاكىمىيەت. ئالدىنقىسى ئىسلام تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنى، كېيىنكىسى ئەندىزىسى يەنى شەكلىدۇر. ئىسلامىي ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولماي تۇرۇپ، ئىسلامىي جەمئىيەت تاماملانمايدۇ، تاكامۇللاشمايدۇ، ھەتتا ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. ئىسلامىي ھاكىمىيەت بولسا ئىسلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىنماي تۇرۇپ يا ئوتۇپىيەلا بولۇپ قالىدۇ ياكى زۇلۇمدىن باشقا بىر نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئادەتتە، مۇسۇلمان شەخس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەگەر مۇسۇلماندەك ياشاشنى كۆزلىسە چوقۇم ئىسلامىي مۇھىت، جامائەت ۋە تۈزۈم بەرپا قىلىشى شەرت ھەم ياشاۋاتقان دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر. ئەكسىچە ھالدا مۇسۇلمان ئۆزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. تارىختا سىياسىي تۈسكە ئىگە بولمىغان بىرەرمۇ ئىسلام ھەرىكىتى بولۇپ ئۆتكەن ئەمەس . بۇنىڭ سەۋەبى ئىسلامنىڭ بىر دىن بولۇشتىن باشقا پەلسەپىسى، ئەخلاقى، تۈزۈمى، ئەندىزىسى بولۇپ، ھاياتنىڭ ھەممىسىگە چېتىشلىق بولۇشىدۇر. ئىسلامىي ئېتىقاد بىلەن غەيرى ئىسلامچە ياشاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەھۋال يا مۇناپىقلاردا ياكى ھاياتتىن خۇشاللىق تاپالمىغان كىشىلەردە ۋەياكى زىددىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. ( نە قۇرئان كەرىمدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، نە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقارمايدۇ). تەركىي دۇنيا بولۇپ كەتكەنلەر، زاھىدلىقنى تاللىۋالغانلار ئىسلامدا ياشاپ تۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ھازىرقى تۇرمۇشىنى ۋە دۇنيانى شۇ پېتى قوبۇل قىلىشىدۇ. زىتلىق ۋە توقۇنۇشلار يامراپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئىسلام تۈزۈمىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام تۈزۈمى مۇسۇلمان ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمان جەمئىيىتى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا بىز: مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان ئىجتىمائىي بىرلىك، دەپ جاۋاب بېرىمىز ۋە جاۋابىمىزنىڭ ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالىمىز. نەتىجىدە بۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ ياشاۋىرىمىز. مەزكۇر ئېنىقلىمىدا ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئورگانلار سىستېمىسى، مۇناسىۋەتلەر، پىرىنسىپلار ۋە قانۇنىيەتلەر تۈسى قويۇق بولمايدۇ. ھېچقانداق بىر تۈزۈم ياكى سىستېما ئۆزلىكىدىن ئىسلامىي ۋە غەيرى ئىسلامىي تۈسكە ئىگە بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنى پەقەت ئىنسانلار ئۆزلىرى توقۇپ چىقىرىدۇ.
ياۋروپالىقلار مۇئەييەن قانۇنىيەتلەر بىلەن تەرتىبكە سېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ياۋروپاچە ئاڭ، ئەپلاتوننىڭ «دۆلىتى»دىن ئەڭ مۇكەممەل جەمئىيەت تۈزۈمى، دە پ قارىلىدىغان ئوتوپىيەلىرىگىچە، بۇ ئوتوپىيەلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولغان ماركسىزمغىچە، جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاددىي شەكىلدىن ئۆزگىرىپ مۇكەممەل بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان لايىھە ۋە سېخىمىنى قوغلىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىمدە نىسپىي ھالدا ئىنتايىن ئاز «قانۇنىيەت» بار بولۇپ، كۆپرەك دىنغا مۇناسىپ ھالدا تۇرمۇش شەكلى بەرپا قىلىدىغان «دىن» تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتتە تۈزۈملەرنىڭ كۆپلىكى ۋە قانۇنىي سىستېمىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ئادەتتە «بىر نەرسىنىڭ بىنورمال» ئىكەنلىكىنىڭ ۋە يېڭى تۈزۈم ۋە پىرىنسىپ بەلگىلەشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ ئىشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىرىكلىكى مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھامان تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلار رولىنى ۋە كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار يا چىرىك سوتنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ياكى چىرىك جەمئىيەتنىڭ يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا تۇزىقىنىڭ دامىغا چۈشىدۇ.
ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە ئومۇملىشىپ كەتكەن شاراپ، قىمار ۋە سىھىرگەرلىك قاتارلىق ئۈچ ناچار ئەھۋال قۇرئان كەرىمنىڭ بىرلا ئايىتى ۋە بىرلا شەرھى بىلەن ھارام قىلىنغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ ناچار ئەھۋاللار ئۇزۇن مۇددەت جەمئىيەتتىن تامامەن تازىلانغان ئىدى. دىننىڭ تەسىرى ئاجىزلاشقاندا ھاراقكەشلىك ۋە خۇراپىيلىقلار باش كۆتۈردى. لېكىن بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكى كۈچلۈك كۈلتۈر مۇھىتىمۇ توسالغۇ بولالمىدى. ئامېرىكىنىڭ ھاراق چەكلەش قانۇنى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ تەشكىللىك ۋە ئىنتىزامچان جەمئىيەتنىڭ كۈچى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇشىغا قارىماي، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا زۇلۇم، قىيىن-قىستاق ۋە جىنايەت بىلەن تولغان 13 يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. ئىسكاندىناۋ دۆلەتلىرىدىمۇ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىش تەشببۇسى ئوخشاش شەكىلدە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا جەمئىيەت ئاللاھ نامى بىلەن ئىنساننىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشى نەتىجىسىدە تۈزىلىدۇ. بىزنى نىشانىمىزغا يەتكۈزىدىغان يېگانە ۋە ئېنىق بولغان بۇ يولدا قەتئىي مېڭىشىمىز لازىم.
ئىسلام ئىشلارنىڭ پىرىنسىپ ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەيتان چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى يوقىتىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەگەر ئىسلام ئىنسان-دۇنيا مۇناسىۋىتىدە ئىنساننى مەركەز قىلمىغان بولسا، دىن دەپ بىر نەرسە مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. بۇ نۇقتىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن بولسا، ئىسلام نوقۇل ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ غايىسى ۋە ئەبەدى ئالەم ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى تەكرارلاپ تۇرىدىغان بىر دىنغا ئايلىنىپ قالاتتى. پەيغەرمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسلام مۇكەممەل ئىنسان، تاشقى دۇنيا ۋە تەبىئەتكە يۈزلىنىپ، ھايات ۋە ئىنساننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلىماتقا ئايلاندى. دىن بىلەن قانۇن، تەربىيە بىلەن كۈچ بىرلەشتى. نەتىجىدە ئىسلام تۈزۈمى روياپقا چىقتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*