ئىسلام خىتابنامىسى-ئىسلامنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى: دىنىي ۋە سىياسىي ئىنقىلاب (5)

 

 ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

ئىسلام تۈزۈمى دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سىستېمىنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئىسلاھات ياكى سىياسىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ قانداق؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: ئىسلام تۈزۈمىدىن دىنىي ئىنقىلاب ۋۇجۇدقا چىقماي تۇرۇپ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئادداققىچە داۋاملاشتۇرۇلۇشى سىياسىي ئىنقىلابقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىسلامنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى قوش ئىنقىلاب يەنى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئىنقىلاب سۈپىتىدە ئىزاھلىغان بۇ جاۋاب دىنىي ئىسلاھاتنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدۇ. بۇنداق بولۇشىغا ئىسلامنىڭ پىرىنسپلىرى، ھازىرقى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان كىشىنى ئۇنچىۋالا سۆيۈندۈرۈپ كەتمەيدىغان بەزى ئەھۋاللار سەۋەب بولماقتا.

ئۇنداقتا بۇ ئەھۋاللار نېمىلەردىن ئىبارەت؟ مۇسۇلمانلار دۇنياسىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلار، ئېتىقاد ۋە ئەمەلنىڭ بىر-بىرىدىن تامامەن يىراقلىشىپ كېتىشى، چىرىكلىك ۋە خۇراپىيلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، ھورۇنلۇق ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك، غەيرى ئىسلامىي ئادەتلەرنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى، ماددى تۇرمۇشقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىش، ئۈمىدنىڭ ئورنىغا چۈشكۈنلۈكنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋالدا، ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي ئىسلاھاتنى بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولامدۇ؟ ھەر قانداق بىر مىللەت تارىختىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى، چوقۇم ئىچكى ئىسلاھات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشى ۋە ئەقەللىي ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى قوبۇل قىلىشى شەرت ئىدى. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كۈچ دەسلەپتە ئەخلاقىي كۈچ سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. يەنى تۇنجى ئىسلاھات ئىنسانلارنىڭ نەپسىلىرىدىن باشلىنىشى شەرت.

ئىسلام تۈزۈمىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان دىنىي ئىسلاھات نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى ئىرادە بۇنىڭغا تولۇق جاۋاب بولالايدۇ. دىنىي ئىسلاھات ھاياتنىڭ ھەقىقىي نىشانى ھەققىدىكى نېمە ئۈچۈن ياشاش كېرەك دېگەن سوئالنى چىقىش قىلىدۇ. بۇ نىشان شەخسمۇ ياكى ئىجتىمائىي ئۆلچەممۇ؟مېنىڭ مىللىتىمنىڭ شۆھرىتى ۋە ئۈستۈنلۈكىمۇ ياكى ئاللاھ قانۇنلىرىنىڭ زېمىندىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ؟ بۇ ئەھۋالدا دىنىي ئىسلاھات رىئال تۇرمۇشتا، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىشىۋالغان ياكى ئادەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ «ئىسلاملىشىشى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھقا كۈچلۈك ئىمان ئېيتىش ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىسلامنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسپلىرىنىڭ قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئىسلاملىشىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

دىنىي ئىسلاھاتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى نىشان چۈشەنچىسىنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھەر ۋاقت تەييار تۇرۇشتا ئىپادىنىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەخلاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ماددى نەرسىلەردىن ھالقىپ كېتىش ياكى ئۇنىڭغا ھۆكۈمران بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئاددى كىشىلەرنىڭ مۈشكۈل ئىشلارنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىگە يېتەلىشى، ھەممىدىن مۇھىمى بۇ جاسارەتكە ئىگە بولۇشى، پىداكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشى شەرت بولىدۇ. دىنىي ئىسلاھات شارائىت ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىققا قارىماي پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان دىننىڭ يېڭىچە سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەنىۋى جەھەتتە مۇشۇنداق باسقۇچقا يەتمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان دۇنياسىدا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھات بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل. يۇقىرىقى خۇلاسىلەرنى چىقىرىش ئەسناىسىدا ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشتا بېسىلىدىغان مۇساپىنى تېخىمۇ ئازايتىش، ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە مۇناسىپ كۆرۈلگەن ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئاساسلىق شەكلى ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ سىستېملىق ھالدا دىنىي، ئەخلاقىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتەك بىر-بىرىگە زىت ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. بۇ زىتلىق يالغۇز سىناقتىنلا ئىبارەت، خالاس. تارىخ، ھەر قانداق بىر ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتنىڭ تۈرتكلىك رول ئوينىغانلىقىغا شاھىت بولۇپ باقمىدى. بارلىق ئۆزگىرىشلەر تەربىيە ۋە ئىسلاھاتتىن باشلاندى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ھاكمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغان ھەل قىلىش پىكرى، مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا چىققانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇنى كىم بەرپا قىلىدۇ ۋە ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلىرىنى قايسى خىلدىكى كىشىلەر بەرپا قىلالايدۇ؟ نەتىجىدە بۇ ھاكىمىيەتنى كىم كونترول قىلىدۇ ۋە ئۆز مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرماسلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاغدۇرۇۋېتىش تامامەن مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت شاھىت بولۇپ كېلىۋاتىمىز. بىر زۇلۇمنىڭ ئورنىغا يەنە بىر زۇلۇمنى ئېلىپ كېلىش مۇمكىن بولغىنىغا ئوخشاش، دۇنيا نېمەتلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلارنىمۇ ئاغدۇرۇۋېتىش تامامەن مۇمكىن. ھەتتا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلارنى، مىللىي بايراقلارنى، مىللىي مارشلارنى ئالماشتۇرۇشمۇ مۇمكىن. بىراق بۇلار بىلەن دۇنيانى قايتىدىن چۈشەنگىلى ياكى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن، باشقىلار بىلەن ۋە دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىسلام تۈزۈمىگە ئازراق بولسىمۇ يېقىنلىشىشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

ئىنساننىڭ جىھادنىڭ ئەڭ مۈشكۈلى بولغان نەپسىنى يېڭىشتەك فىترى ئالاھىدىلىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا ۋە ھەر قانداق بىر يەردە ھاكىمىيەتنى قوغداش ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش پىكرىدىن تۇغۇلغان. باشقىلارنى تەربىيەلەش قىيىن، لېكىن ئۆزىنى تەربىيەلەش تېخىمۇ قىيىن. دىنىي ئىسلاھاتنىڭ تەبىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، كۈچنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزىگە ئاساسلىق نىشان سۈپىتىدە ئىسلام تۈزۈمىنى بەلگىلەيدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، ھەممىدىن ئاۋۋال ئەخلاقىي ھەرىكەت بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەخلاقىي ھەرىكەت ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئىززەت – ئابرويلۇق ۋە تېخىمۇ ئەزىز قىلىدىغان بىر ئىدىيە سۈپىتىدە ئىنسانلارنى ئەخلاقىي جەھەتتە تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرۇشى ۋە ئەخلاقىي پائالىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى شەرت. ئىسلامىي تۈزۈم بىلەن ئىنسانلارنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان، ئىدىيە ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ بارۋەرلىكىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان سىياسىي پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەل مۇشۇ نۇقتىدا ياتىدۇ. دىنىي ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا ئىسلام مەنبەلىرىدە كۈچلۈك ئاساسلار مەۋجۇت. قۇرئان كەرىم بىر مىللەتكە نىسبەتەن ھەر تۈرلۈك ئىسلاھات ۋە ياخشىلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ ئىچكى ئىسلاھات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ (رەئد 12- ئايەت). بۇ ئەھۋال ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ۋە  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشتا كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقلىرى جەريانىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم دەسلەپكى 13 يىل ئىچىدە تەكىتلىگەن مەسىلىلەر ئىمان ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھېچ قانداق بىر ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلە ئۈستىدە توختالمىغان ياكى ئىسلامغا تايانغان ھەر قانداق بىر قانۇننىڭ تۈزۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلمىغان.

دىنىي ئىسلاھاتتىن مۇنداق ئۈچ مۇھىم نەرسىنى كۈتىمىز

1 – قۇرئان كەرىمنىڭ يوليۇرۇقلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى ناچار ئىشلارغا بېرىلىپ كەتكەن ياكى بايلىقنى ۋە ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلارنى بىئارام قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ روھى پەقەتلا دىنىي ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدە ئەمەلىيلىشىدۇ. دىنىي ئىسلاھات بۇلارنىڭ زۇلۇمسىز، زورلۇقسىز ۋە نەپرەتسىز ھالدا ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ھەر قانداق بىر كىشى ياكى قايتىدىن تەرتىبكە سېلىنغان جەمئىيەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرىمۇ توغرا چۈشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئادالەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە، دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدۇ.

2 – ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا يالغۇز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان جەڭگىۋار كىشىلەرگە ئېھتىياج بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغىمۇ ئېھتىياجلىقمىز. بىرسىنىڭ پىداكارلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە قۇربانلىقلىرىدىن نىيىتى يامان بىرسىنىڭ پايدىلانماسلىقىغا ياكى سۇيئىستېمال قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىدا دائىم كۆرۈلۈپ كەلگەن ئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ تەكرارلانماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ ھەرقانداق بىر تۈزۈم (ئىسلامىي تۈزۈمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملىرىدىن بەكرەك ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ.

3 – ماددىي تەرەققىيات جەھەتتە زور دەرىجىدە ئارقىدا قالغان ئىسلام دۇنياسى تېز سۈرئەتتە مائارىپ ۋە سانائەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ھەر قانداق بىر جايدا، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ چىرىكلىك، ئائىلە ۋەيرانچىلىقى، تېز ۋە ئادالەتسىز بېيىش، ئىقتىدارلىق لېكىن قىممەت ئۆلچەملەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى، ئەنئەنىلەرنى تېز سۈرئەتتە ۋەيران قىلىدىغان شەھەرلىشىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، ھاراقكەشلىك، پاھىشىۋازلىق، قىمارۋازلىق، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق ناچار ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىلدىكى ناچار ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ۋە مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى پەقەتلا ئاللاھقا بولغان مۇستەھكەم ئىمان ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ  دىنىي ئىبادەتلەرنى ئورۇندىشى ئارقىلىقلا توسۇپ قالغىلى ۋە يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. دىن ئارقىلىقلا زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ كۈلتۈرنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولۇشى مۇمكىن. نوقۇل ماددىي ۋە پەن – تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارنىڭ قىپقىزىل مەدەنىيەتسىزلىككە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بەزى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئىنتايىن روشەن كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. يۈسۈپ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*