ئىسلام خىتابنامىسى-ئىسلام نوقۇل دىن (religion-ئېتىقاد)دىن ئىبارەت ئەمەس

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

دىنىي تەلىماتلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بۇ مەسىلىدە ئىسلام باشقا دىن، ئىدىئولوگىيە ۋە ھايات پەلەسەپىلىرىدىن پەرقلىق. چۈنكى خاسلىققا ئىگە ئىسلام پەلەسەپىسى، يېڭىچە نۇقتىئىينەزەر، يېڭىچە دۇنيا قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر پەلسەپىنىڭ ماھىيىتى تاشقى ۋە ئىچكى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي، ماددى ۋە مەنىۋى  ھاياتنىڭ تۇرمۇشتا تەڭ تەدبىقلىنىشىنى ۋە مەۋجۇت بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككى خىل ھايات شەكلىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ۋە ھاياتنىڭ ئۆزى سۈپىتىدە ئىختىيارى ۋە ئاڭلىق شەكىلدە قوبۇل قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ (قەسەس سۈرىسى 77). بۇ تەلەپنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تىلىغا ئۆرىسەك تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىدۇ:  ھاياتنى نوقۇل دىن ۋە دۇئا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىشلەش ۋە بىلىم ئارقىلىق تەرتىبكە سېلىشقا ئىشىنىدىغان، دۇنيا تەسەۋۇررىدا جامە بىلەن زاۋۇتلارنىڭ بىر يەردە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مۇشۇنداق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان، ئىنسانلارغا تەربىيە بېرىش بىلەن قالماي، تۇرمۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان ۋە بۇ ئىككى غايىنىڭ بىر – بىرىگە پىدا قىلىنىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى ۋە زۆرۈرىيىتى  يوقلۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشى ئوبرازى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىسلام دەل بۇنى تەكىتلەيدۇ. 

بۇ يەردە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ چاقىرىقى ۋە ئىسلامنىڭ روھى مەۋجۇت. ئىسلام دىن ۋە سىياسەتنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەزكۇر نۇقتىئىينەزەر نەزىرىيىۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئىسلامنىڭ غەيرى ئىسلام سىستېمىسى ۋە تۈزۈملىرى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولماسلىقى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئىسلام دىنى بلەن غەيرى ئىسلام تۈسىنى ئالغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ بىر يەردە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن داڭ چىقارغان سىياسىي ئورگانلارنىڭ رولىنىڭ يوقلۇقى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇقىمسىزلىقى قاتارلىقلار بۇ سىياسىي ئورگانلار ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ئىسلامغا قارشى ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانى تەرتىبكە سالالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسلام، ئۆز ساھەسىدە باشقا ھەر قانداق بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى بولمايدۇ  ھەتتا رەت قىلىدۇ.  ئىسلام يەنە لايىقلىق (دىندىن خالىيلىق) پىرىنسىپىدىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇپ،  دۆلەت  ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي ئىپادىسى، مۇئەككىلى ۋە قوللىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىبكە سالىدىغان ئۆزگەرمەس ئىسلام پىرىنسىپلىرى بار، لېكىن ئىسلامنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەك بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە شارائىت ئامىللىرى  مەۋجۇت. بۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەتراپلىق تۈزۈم بولغان ئىسلامىي نۇقتىئىينەزەرنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك ئىنتايىن مۇھىم ئىپادىلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ:

بىرىنچىسى، بۇ دۇنيانىڭ ياقلىغۇچىسى بولغان ئىسلام، مۇكەممەل تەرتىبكە سېلىنغان دۇنيانى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى غەيرى ئىسلامىي ئامىل دەپ رەت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى: تەبىئەتكە مايىل بولۇش، بىلىمگە مايىل بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ.  ھەر قانداق چارىنىڭ ئىسلامىي بولۇشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بولۇشى كېرەك: يۈكسەك ئىنسانىيلىققا ئىگە بولۇش ۋە مۇكەممەل بولۇش. يەنى چارە ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى  دىنىي ۋە ئىلمىي پىرىنسىپ ۋە قانۇنىيەت ماسلىشىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئۈچىنچىسى، بۈگۈنكى دۇنيا بۆلۈنۈش ئىچىدە تۇرماقتا، بۇ ئەھۋال  دىن ۋە بىلىم، ئەخلاق ۋە سىياسەت، شەخسى ۋە كوللېكتىپ، ئىجتىمائىي، ماددىي ۋە مەنىۋى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىسلام قايتىدىن ياراشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش رولىغا، ئىسلام دۇنياسى تارقاق ۋە بۆلۈنمە ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ھازىرقى دۇنيانى بىرلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. ئىسلام «مىستىزىملىقتىن خالىي ئېتىقاد ۋە ئاتىئىزىملىقتىن خالىي بىلىم» نى پىرىنسىپ قىلىپ، ئايرىمچىلىق قىلماستىن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*