ئىسلام خىتابنامىسى- دەۋرىمىزدە ئىسلام تۈزۈمى: نەزەرىيەلەر (4)

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

شەخس بىلەن جەمئىيەت ۋە ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان ۋە تەرتىبكە سالىدىغان ئۆزگەرمەس ئىسلامىي پىرىنسىپلار مەۋجۇت. بىراق ئۆزگەرمەس ۋە ئەبەدىي بولغان ھېچقانداق بىر سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىسلامىي ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلامىي مەنبەلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۈزۈمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.  مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن پايدىلىنىش، جەمئىيەتنى تەرتىبكە سېلىش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغاندا زور پەرقلەر مەۋجۇت.  ھەر ۋاقىت ياش ئەۋلادلارنىڭ ئالدىدا، ئىسلامنىڭ ئەبەدىي ۋە ئۆزگەرمەس ئاساسلىق پىرىنسىپ ۋە چاقىرىقلىرىنى ئۆتكۈنچى ۋە ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋەزىپىسى تۇرماقتا.  ياش ئەۋلادلىرىمىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشى ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ خىلدىكى ئېنىقلىمىنىڭ ئەتراپلىق بولمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، نۆۋەتتە بىزگە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان پىرىنسىپلار بىلەنلا كۇپايىلىنىپ تۆۋەندىكى رەت تەرتىبنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق.

 1- ئىنسان ۋە ئىسلام

ئىنسان ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن  نوقۇل ماددىي كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىنقىلابچى، جەمئىيەتشۇناس ۋە بىلىم ياكى باشقا شەكىلدە ئىپادە قىلىنىدىغان نېجادلىققا ئېرىشىش ئەندىزىسى يوق. ئىچكى قانۇنىيەتتىن مەھرۇم، ئىنساننى ئۆزگەرتەلمەيدىغان، ئىنساننى ئارىفلىققا ئېرىشتۇرەلمەيدىغان، ئاللاھنى چىقىش قىلمىغان  ھەر قانداق بىر نىجادلىق يولى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا مەھكۇم. ئىسلام جەمئىيىتى نوقۇل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە تايانغان ياكى زاھىرى، تېخنىكىلىق ئامىللار ئۈستىگە بەرپا قىلىنمايدۇ. ئۇ  ئېتىقادلىق ئادەملەر توپى سۈپىتىدە دىنىي ۋە كىملىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان جامائەتتە گەۋدىلىنىدۇ. جامائەت مەۋھۇم بىر گەۋدە ھالىتىدە بولغان ۋە زاھىرى مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى  ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتىن پەرقلىق بولۇپ، مەنىۋى كىملىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىۋاسىتە شەخسى ئالاقە ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان كونكرىت تۈسكە ئىگە بىر ئىجتىمائىي گەۋدىدۇر. جامائەتتە، جەمئىيەتتىكىگە ئوخشاش نامسىز شەخسلەر مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ، بەلكى كونكرىت شەخسلەر مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. يەنى مۇناسىۋەتلەر كونكرىتلىقتا گەۋدىلىنىدۇ. يېقىنلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان جامائەت، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. پەن-تېخنىكا ۋە كۈنسايىن زورىيىۋاتقان شەھەرلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يالغۇزلۇق ۋە ياتلىشىش ھېسسىياتىنىڭ يوق قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ خىلدىكى جامائەت، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپ ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ يوشۇرۇن بېسىمى ئالدىدا تىز پۈكمەستىن، جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. جامائەتتە ئىككى خىل مەنىدە يالغۇزلۇق بولمايدۇ: بۇ  ئىنساننىڭ خالىغىنىنى قىلىشى ياكى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر  ئىنسان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشكەندە قەتئىي يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالمىسا، ئۇنداقتا مۇسۇلمان جەمئىيىتى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ھېسابلانمايدۇ. ئىسلام بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا بىۋاسىتە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ھەقىقىي مەنىدە بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىققان بولمايدۇ. ئىسلام دۆلەتنىڭ مەجبۇرى ياراشتۇرىدىغان، بىرلەشتۈرىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن قوغدايدىغان ئەھۋالغا رازىلىق بىلدۈرمەيدۇ. ئىسلام پەقەت بۇنى  شەرتلىك ۋە ئۆتكۈنچى ئەھۋال سۈپىتىدە قوبۇل قىلالايدۇ. كۈچ ۋە قانۇن پەقەت ئادالەتنىڭ ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. ئادالەت ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئادالەت، دەپ بىر نەرسە يوق.

2- ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى

ئاللاھنىڭ يېگانە بولۇشى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى قۇرئان كەرىمدە شۇنداق روشەن بايان قىلىنغان بولۇپ، پەقەت بىرلا شەرھگە يول قويۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئەڭ ئۈستۈن خەلق، ئۈستۈن ئىرق ياكى ئۈستۈن سىنىپ يوق، بارلىق ئىنسانلار باراۋەردۇر.

ئىسلام سىنىپىي ئۆلچەم، ئىنسانلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە ئوبېيكتىپ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىنسانلارنى تۈرگە ئايرىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.  دىن ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت بولغان ئىسلامغا نىسبەتەن ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلماستىن ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرگە ئايرىش شەكلىمۇ پۈتۈنلەي خاتا. مۇبادا ئىنسانلار پەرقلىق بولغان تەقدىردە، ھەممىدىن ئاۋۋال قانداق ئىنسان ئىكەنلىكىگە قاراپ باھا بېرىش، يەنى مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن كاتىگورىيەگە ئايرىش كېرەك (ھۇجۇرات 13 – ئايەت). بارلىق ياخشى كىشىلەر تۇرمۇشىنى قايسى خىل شەكىلدە قامدىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر جامائەت گەۋدىسىگە تەۋە. خۇددى خىزمەت ئورنى ۋە سىياسىي مەيدانى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئەخلاقسىز ۋە ناچار كىشىلەرنىڭ ئوخشاش «توپقا» تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش. ئىنسانلارنىڭ سىنىپىي ئايرىمچىلىققا ئاساسەن مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى، خۇددى ئېرقىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇچ كەلگەن ئايرىمچىلىققا ئوخشاش ئادالەت، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

3- مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى

«مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» (ھۇجۇرات 10 – ئايەت). قۇرئان كەرىم بۇ چاقىرىقى بىلەن يىراقلىقى سەۋەبىدىن ئىزچىل ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولالايدىغان نىشاننى بېكىتكەن. ئاللىبۇرۇن جاكارلىنىپ بولغان قېرىنداشلىققا ئاپىرىدىغان بۇ يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئىنسانلار ئىچكى ۋە تاشقى، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زور ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى شەرت. ئىسلام بىرلىكىدە مۇناسىپ ئورگانلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى، كونكرېت تەدبىرلەر ئېلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قېرىنداشلىققا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ۋە ھەق – ھوقۇقنى كۆرۈۋالالايمىز. بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر، دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسلامىي ھاكىمىيەت ئالىدىغان تەدبىرلەرنىڭ تۈرى ۋە سانى، يولغا قويماقچى بولغان قانۇن،  سىياسەت ۋە ئىسلاھاتلارنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كۆپ.

ماددىي ۋە ئىجتىمائىي پەرقلەر ئىنتايىن چوڭ بولغان فېئوداللىق تۈزۈمدە، پومىشىك بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قېرىنداشلىققا تايانغان بولماستىن، بېقىندىلىق ۋە تۆۋەن كۆرۈشكە تايانغان. بۇ خىل مۇناسىۋەت قۇرئان كەرىمنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىغا تامامەن زىت.

 

4- مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى

ئىسلامدا ئۈممەت پىرىنسىپى بار بولۇپ، دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلا بىرلىك ئاستىدا بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەيلى غايىۋى ئايرىمچىلىقلار (جامائەتلەر، مەزھەپلەر، سىياسىي پارتىيەلەر) بولسۇن، مەيلى ماددىي ئايرىمچىلىقلار (ماددىي پەرقلەر، ئىجىتىمائىي سىنىپلار) بولسۇن بۇ ئىككى ئايرىمچىلىق شەكلىدە تەشەببۇس قىلىنغان ھەر قانداق نەرسە ئىسلام بىرلىكىگە تامامەن زىت بولۇپ،  بۇلارنىڭ تامامەن يوق قىلىنىشى شەرت. ھازىرقى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئىسلامىي ۋە غەيرى ئىسلامىي ئېقىملارنىڭ ئىزاھلىنىشى ئۈچۈن ئىسلام ۋە پانئىسلامىزمدىن پايدىلىنىش كېرەك. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە تۈزۈمىنى ئىسلام، تاشقى تۈزۈمىنى پانئىسلامىزم قانچىلىك تەمىنلىيەلىسە، مەزكۇر جەمئىيەت شۇنچىلىك ئىسلامىي بولغان بولىدۇ. ئىسلام مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدىئولوگىيەسى بولسا، پانئىسلامىزم سىياسىتى ھېسابلىنىدۇ.

5- ئىگىلىك

ئىسلام شەخسىي مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئىسلام جەمئىيىتى بارلىق ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ بولۇپمۇ تەبىئىي بايلىقلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئەزالىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى چوقۇم خەلقى ئالەم ئالدىدا جاكارلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز يوللاردىن باي بولۇشلىرىنى ۋە كۈچىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تەشكىللىك جەمئىيەت ئېڭىغا ماس ھالدا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەرەققىيات لايىھەلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئىمكانىيەتلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن بايلىق مەنبەلىرى ئۈستىدە نازارەت قىلىنىشى شەرت. ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى شىۋېتسىيەنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى پەرقلىق بولسىمۇ، ئورتاق ئىشلارنىڭ ھەل قىلىنىشىدا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئاساسەن ئوخشاش. بۇ ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسەتنىڭ تەقەززاسى بولماستىن، ھازىرقى دۇنيادىكى جەمئىيەتلەرنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

قۇرئان كەرىم شەخسىي مال-مۈلۈككە يەنە بىر شەرت قوشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىدىن ئىبارەت. (ھۇجۇرات-34 -ئايەت). رىم قانۇنىدا بولغىنىغا ئوخشاش ئىسلامدىمۇ شەخسىي مال-مۈلۈك ئېڭى يوق. رىم قانۇنىغا سېلىشتۇرغاندا شەرىئەت قانۇنى مال-مۈلۈك مەسىلسىدە بىر كام (خالىغانچە ئىشلىتىش) ۋە بىر ئارتۇق (ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىش) ھوقۇقى بېرىلگەن. ھەقىقىي ئىسلام ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن بۇ پەرقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئەمەلىي نەتىجىلىرى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، پەرقلىق تۈردىكى شەخسىي مال-دۇنيانىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە خالىغانچە پايدىلىنىشىغا قارىتا بارلىق قانۇنى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر يوللۇق ۋە قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ. نامرات جەمئىيەتلەرنى پارچىلىۋەتكەن ۋە ئىنسانلارنى زىت قۇتۇپلارغا ئايرىۋەتكەن ھەددىدىن زىيادە بايلىق ۋە ئىستېمال ئېڭى شۇنداقلا ئادالەتسىزلىكنى يوق قىلىش ئىسلام تۈزۈمىگە نىسبەتەن سىناق بولۇپ، ھەقىقىي ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن ئىجتىمائىي مەيدان سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.

 

6-زاكات ۋە ئۆسۈم

ئىسلام پىرىنسپىلىرى ئىچىدە ئىجتىمائىيلىقى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان ئىككى بۇيرۇق بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى چەكلەنگەن، يەنە بىرى پەرز قىلىنغان. چەكلەنگىنى ئۆسۈم، بۇيرۇلغىنى زاكاتتۇر. زاكاتتا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بىر-بىرىنىڭ تەقدىرىگە دائىر چوڭقۇر مۇناسىۋەت ۋە رىشتە ياتىدۇ. بۇ پىرىنسىپ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئېھتىياجى ۋە شەرت-شارائىتلىرىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.  ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا زاكات تامامەن شەخسىي تۈسكە كىرىپ قالغان بو لۇپ، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي تۈسىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئەمما زاكات ئىسلام تۈزۈمىنىڭ قانۇنىي ئورگىنى بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەر ئىشقا سېلىنىشى كېرەك.

ئۆسۈمنىڭ چەكلىنىشى بىلەن (بەقەرە 278-279 – ئايەتلەر) ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى تەرتىبىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلچىمى بېكىتىلگەن بولدى. شۇنداق قىلىپ، تەر تۆكمەي تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ۋە ئۆسۈمنىڭ ھەر قانداق تۈرى چەكلەندى. يەنى ئىسلامىي ئاممىۋى تەرتىبنىڭ ئاساسىي شەكىللەندۈرگەن ئەخلاق ئېڭىغا زىت بولغان، پەقەت مال-دۇنياسىغا تايىنىپلا تېخىمۇ كۆپ مال-دۇنيا يىغىش ئىسلامدا مۇناسىپ كۆرۈلمىدى.

7-جۇمھۇرىيەتچى نۇقتىئىينەزەر

ئىسلام مال-دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن سىرت، مۇتلەق ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ھەر قانداق ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، باشقا ھەر قانداق ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق دېگەنلىك بولىدۇ. (ئەئراف 3 – ئايەت، يۇسۇف 40 – ئايەت). «ياراتقۇچىغا ئىتائەتسىزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يارالغۇچىغا بولغان ھەر قانداق ئىتائەت چەكلەنگەن» (ھەدىس). تارىختا تۇنجى ۋە ھەقىقىي بولغان بىرلا ئىسلام تۈزۈمى بەرپا قىلىنغان دەۋردە (دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى)، جۇمھۇرىيەتچى ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنى ئۇچرىتىمىز.

1-دۆلەت رەئىسىنىڭ سايلىنىشى

2-دۆلەت رەئىسىنىڭ خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى

3-ئومۇمىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىنىشى

3 – ماددا قۇرئان كەرىمنىڭ (ئال ئىمران 159 – ئايەت، شۇرا 38 – ئايەت) بۇيرۇقىدۇر. ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى تۆت ھۆكۈمدارى پادىشاھ ياكى خان ئەمەس ئىدى. ئۇلار خەلق تەرىپىدىن سايلانغان. مىراس قالغان خەلىپىلىك بولسا، ئىسلامىي ۋە سىياسىي ئورگان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان سايلىنىش پىرىنسىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دېگەنلىك بولىدۇ.

8- ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر

ئىسلام تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان نىشانىمىزنىڭ ئۆلچىمى  بار بولۇپ، بۇنى ئاۋازغا سېلىشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي ئورنى، ئۇتۇقلىرى ۋە جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، شەخسنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام تۈزۈمى مۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ (تۈزۈمگە نىسبەتەن) ۋە مۇتلەق دېموكراتىيەنىڭ (شەخسكە نىسبەتەن) بىرلەشمىسى  ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامغا نىسبەتەن ھەددىدىن زىيادە مەلۇماتلىق، ھەممىنى بىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ۋە ئۆلۈمسىز كىشىلەر مەۋجۇت ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى، نەتىجىدە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان (ئەبەسە 1-12  – ئايەتلەر).  بۇنۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىم قەھرىمانلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارمايدۇ.

مەيلى كۈنىمىزدە بولسۇن، مەيلى ئۆتمۈشتە بولسۇن، شەرقتە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش غەربتىمۇ  ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شەخسنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئىسلامغا نىسبەتەن يات بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ بۇتپەرەستلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. (تەۋبە 31 – ئايەت). ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە جەمئىيەتكە نېمىلەرنى بېرەلىگەنلىكى ۋە جەمئىيەتتىن نېمىلەرنى ئالالىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەر قانداق بىر مۇقەددەسلىك ۋە ھەمدۇسانا ئاللاھقىلا لايىقتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ساپاسىىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلەلەيدۇ.

9-مائارىپ- تەربىيە

ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ۋە تايانچى دىن بولۇپ، مائارىپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن، مەۋجۇتلۇق شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەسلەپتە ئائىلە، ئارقىدىن مەكتەپ قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشقان دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەلىم-تەربىيەدە ئىپادىلىنىدۇ. تەلىم-تەربىيەسىزلىكنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى يوق قىلىش ئىسلام تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر. ئىسلام تۈزۈمى كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن خەلقنىڭ ھاراققا بېرىلىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى، ئوچۇق – ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن زىنانى، سۆزلەرنى، ئۈن – سىن بۇيۇملىرى ۋە تېلېۋۇزۇردىكى سېرىق كۆرۈنۈشلەرنى، قىمارنى، كېچىلىك كۇلۇپلارنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاق ئېڭىغا زىت بارلىق كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

10-ئوقۇ-ئوقۇتۇش

مائارىپنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۇرۈش بىلەن بىرگە، تەلىم ئېلىش ۋە مەكتەپ تەربىيەسىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.  مۇسۇلمانلار نۆۋەتتىكى پاسسىپ، قالاق ۋە ئاجىز ئەھۋالىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن سىرت، ئىككىنچى قەدەمدە تەلىم-تەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى شەرت. مۇسۇلمان دۆلەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە سەرمايىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، مەۋجۇت سەرمايىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مائارىپقا سېلىشى تولىمۇ زۆرۈر. بىلىم ئارقىلىق قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، يېڭىلىقلار ۋە ئۇتۇقلاردىن مۇۋاپىق شەكىلدە پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرماي تۇرۇپ  ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىللىقىمىزگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئىلگىرىكى مەدەنىيەت بىرىكمىلىرىنى چەتكە قاقماستىن ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلانغان ئىدى. كۈنىمىز دە ئىسلامنىڭ ياۋروپا-ئامېرىكا مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا نىسبەتەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتىمىز.

ئەسلىدە پەن-تېخنىكىنى قوبۇل قىلىشتا بىرەر مەسىلىمىز يوق. پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم  قوبۇل قىلىشىمىز شەرت. بۇ يەردىكى مەسىلە، پەن-تېخنىكىنى قوبۇل قىلغاندا پەم بىلەنمۇ ياكى ئىستىخىلىك ھالدىمۇ، غۇرۇرىمىز بىلەنمۇ  ياكى ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى ئىچىدىمۇ، قانداق مۇئامىلە قىلىپ قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەنى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىش جەريانىدا، يوقلا بولۇپ كېتەمدۇق ياكى كىشىلىكىمىزنى، كۈلتۈرىمىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغدىيالامدۇق؟

رىئاللىق شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، كۈنىمىزدە ئىسلام دۇنياسىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن جىددىي ئۆزگىرىشى  زۆرۈر بولغان ئورگان مائارىپ ئورگىنىدۇر. سۈپەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مائارىپنىڭ ياتلارغا مەنىۋى ۋە ماددى بېقىندىلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا پايدىسى بولغاندىن سىرت، ئىسلام جەمئىيىتى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىم-تەربىيەسىدىمۇ تۈرتكىلىك رول  ئوينىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  سان جەھەتتىن ئېيتقاندا، مائارىپنىڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە ساھەسىدىكى كەمچىلىك، نۇقسانلىق ۋە ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەلىم-تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دەسلەپتە، جامەلەر مەكتەپ سۈپىتىدە ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدىلا تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرىمىزدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمىساق، كېيىنكى ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقۇسى.

 

11-ۋىجدان ئەركىنلىكى

رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژورنال ۋە  فىلىم قاتارلىق ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى خەلقنى مەلۇماتلاندۇرىدىغان ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى ۋاسىتىلەردىن  ھېسابلىنىدۇ. بۇلار چوقۇم ئاڭلىق، ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك. كۈنىمىزدە بۇ خىلدىكى ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئەخلاقسىز، ئۆز كۈلتۈرىدىن پۈتۈنلەي ياتلىشىپ كەتكەن، مەنىسىز تۇرمۇش شەكلىنى باشقىلارغا تاڭىدىغان كىشىلەرنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. جامە مېھرابلىرىدىن بېرىلگەن ۋەزلەر بىلەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى بىر-بىرىگە زىت بولسا، بولغۇلۇق يەنە خەلققە بولىدۇ. بىراق ئىسلام تۈزۈمىدە ھەقىقەتلەرنى ھاكىمىيەت  ئېلان قىلمايدۇ. فورمىلىق ۋە نىشانسىز ياشلارنى بارلىققا كەلتۈرمەيدۇ.  باشقا تۈزۈملەرگە ئوخشاش ئىسلام تۈزۈمىنىڭ مەنىۋى دېكتاتورلۇققا ئايلىنىپ كېتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇ  ھەر قانداق ۋاقىت ۋە شارائىتتا چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى تېگىشلىك بولغان بەزى پىرىنسىپلارنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.  ئىسلامدا زورلاشقا قەتئىي ئورۇن يوق. «مېنىڭ ئۈممىتىم خۇراپىي نەرسىلەر ئۈستىدە بىر يەرگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس» (ھەدىس). ئىسلام ئەخلاقىي مەسىلىلەردە پىرىنسىپال بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تەبىئەت ۋە خوشاللىققا  نىسبەتەن مۆتىدىل قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام ئەركىنلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئىسلام تارىخىي شاھىت بولالايدۇ. ئىسلام ھەر قانداق بىر  دوگما ۋە دەرىجە تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دېكتاتورلۇققا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تېررورىزمغا ئەسلا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئىسلام يولى  ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتىن باشلايدۇ.

12-ئىسلام ۋە مۇستەقىللىق

ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ئىسلام تۈزۈمى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ياكى ئىسلام بولماي تۇرۇپ  ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش  تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇنۇ ئىككى خىل شەكىلدە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى مۇمكىن: بىرىنچىسى، مۇستەقىللىق پەقەت مەنىۋى جەھەتتىكى فەتھىنىڭ، روھىي مۇستەقىللىقنىڭ نەتىجىسى بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ.  يەنى خەلق مۇستەقىللىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىپ يېتىشى، مۇستەھكەم ئاساسلار بىلەن بېيىتىشى ۋە قوغدىيالىشى ئۈچۈن، مۇستەقىللىقنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم.  ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان خەلق ئىسلامىي چۈشەنچىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىپ شۇ بويىچە ياشاشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەنىۋى جەھەتتىكى نىجادلىقىنى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي نىجادلىقنىڭ شەرتى سۈپىتىدە كۆرىدۇ.

ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ  ھاكىمىيەتنى قوللىشى مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلامىي خاراكتېرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. يەنى ھاكىمىيەت ئىسلامدىن قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزاقلاشسا خەلقنىڭ قوللىشىدىن شۇنچىلىك دەرىجىدە ئايرىلىپ قالىدۇ. غەيرى ئىسلامىي ھاكىمىيەتلەر خەلقنىڭ قوللىشىدىن تامامەن مەھرۇم بولۇپ، بىلىپ – بىلمەي ياتلاردىن ياردەم ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ياتلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشى، غەيرى ئىسلامىي يۈزلىنىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى  ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقى يەكۈنلەر ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ قۇرۇلمىسى ئەندىزە ياكى شەكىل سۈپىتىدە ئەمەس، دېموكراتىيەنىڭ دەل ئۆزى ۋە مۇرەسسەلىشىش مەنبەسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۇ خىلدىكى دېموكراتىيە ۋە پۇقرالارنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرى پىكىر ۋە ھەرىكەت  سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسى بىۋاسىتە نامايەن بولغان جايلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ. ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ بەرپا قىلىنىشى دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئاددى پۇقرا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئىپادىسى بۇ شەكىلدە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە. شۇ نەرسە ئىنتايىن روشەنكى، بايلار ۋە زىيالىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئارزۇ ۋە تەلەپلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئاددى پۇقرانىڭ ئۆز جەمئىيىتى (مۇسۇلمان جەمئىيىتى) دە ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا. بۇ نۇقتىدا دېموكراتىيەنىڭ مەنبەسى پىرىنسىپ ۋە خىتابنامىلەر بولماستىن، مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلاردۇر. ئىسلامىي تۈزۈم زۇلۇمغا قەتئىي قارشى بولۇپ، زۇلۇمغا  ئۆز تۈزۈمىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ. ئەمما غەيرى ئىسلامىي تۈزۈم بولسا خەلقنىڭ نارازىلىقى، دۈشمەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەچكە، زۇلۇم ۋە زورلۇقنى بىردىنبىر چىقىش يولى سۈپىتىدە تاللىشىۋالىدۇ. بۇ تۈزۈملەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېكتاتورلۇققا ئايلىنىپ كېتىشىنى، ماھىيىتىنىڭ تەقەززاسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

13 – ئىشلەش ۋە تىرىشىش

ئىسلامىي جەمئىيەت ئىنسانىي ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋەزىپە ئۈستىگە ئېلىپ، پىلان – لايىھە بويىچە ھەرىكەت قىلىپ ئىزچىل خىزمەت قىلىشنى ۋە ئاكتىپچانلىقنى تەشۋىق قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر. ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى، خىزمەت تۈزۈمى ۋە تىرىشچانلىققا باغلىق بولۇپ، باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. بۇ جەھەتتە جەمئىيىتىمىز ئاللاھ ھۇزۇرىدا ھېچقانداق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس.

بىز پىسخىكىمىزدا ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىنى چوقۇم يوق قىلىپ تاشلىشىمىز كېرەك. بىرى، مۆجىزىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ياكى خاتا چۈشىنىۋېلىش، يەنە بىرى، باشقىلارغا تايىنىۋېلىش.

ئىنسانلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشى ۋە بىلىمى نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان مۆجىزىلىرىدىن سىرت، باشقا مۆجىزىلەر يوق. دۈشمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرالايدىغان، كەمبەغەللىكنى تۈگىتەلەيدىغان، باياشاتچىلىق ۋە تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان  ھەر قانداق بىر مەھدى يوق. مەھدى بىزنىڭ ھورۇنلىقىمىزنى پەردازلاش ئۈچۈن بېرىلگەن چىرايلىقچە نام بولۇپ، قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلىرىمىزنىڭ سالمىقى شارائىتىمىز ،ئىمكانىيىتىمىز ۋە قابىلىيىتىمىز قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور پەرقلىق بولۇپ كەتكەندە، ئاجىزلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان ۋە زورايغان ساختا ئۈمىدتۇر. باشقىلاردىن ياردەم كۈتۈش ۋە تاما قىلىش يەنە بىر خۇراپىي ئېتىقادنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە پىداكار دوست ياكى خەتەرلىك دۈشمەن ئىزدەپ يۈرۈش ۋە تېپىش ئاللىبۇرۇن ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى يەنە تېخى تاشقى سىياسەت بىلەن چىرايلىق پەردازلاشتىن يالتايمىدۇق. قاچان دوست-دۈشمەننى پەرق ئېتەلەيدىغان ۋە مەسىلىلىرىمىزنىڭ يىلتىزى ئۈچۈن «دۈشمەنلەرنىڭ ساختا پىلانلىرى» نى ئەمەس، ئۆزىمىزنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلالايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا، تېخىمۇ ئاز ئۈمىدسىزلىنىپ، مەسىلىلىرىمىز تېخىمۇ ئازىيىپ، پىشىپ يېتىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرەلەيمىز.  گەرچە، سىياسىي ۋە ماددىي جەھەتتە خالىسانە ياردەم بېرىدىغانلار چىقسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى تۈزىتىشكە يەتمەيدۇ. يەنى دەردىمىزگە داۋا بولالمايدۇ. چۈنكى بايلىق ئىمپورت قىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى مۇئەييەن ئىشلەش ئاساسى، كۈرەش قىلىش روھىغا تايىنىدىغان بولۇپ، چوقۇم ئۆز دۆلىتىدە بەرپا قىلىنىشى شەرت. قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئالدىمىزغا كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. كىممۇ بىز ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەشكە رازى بولسۇن ياكى ئارزۇ ئارمانلىرىمىزغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلسۇن؟

ئىش پىلانى، خىزمەت روھى قاتارلىقلار چوقۇم كۈچىمىزگە كۈچ قوشالايدىغان ماھىيەتتە بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئىسلام تۈزۈمىمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىرى مىسلىسىز بولۇپ، ھېندىنوزىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا، دۇنيانىڭ ئەڭ باي ئۈچىنچى رايونى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسى بىرىنچى ھېسابلىنىدۇ.

بىز مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرى ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك ۋە باياشاتلىق دەۋرىنى ئەمەس، دەل ئەكسىچە زور سىناق ۋە قىيىنچىلىقلار دەۋرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. دۇنيادا كۈشەندىلىرىگە يېلىنىدىغان نەرسىلەر كۈرمىڭ. شۇڭا بۇ دەۋر باياشاتچىلىق ۋە مولچىلىق كۈنلىرىمىز بولماستىن، غۇرۇرىمىز كۈچلۈك بولغان ئىززەت – ئابرويلۇق كۈنلىرىمىز بولىدۇ. غەپلەتتىكى مىللەت پەقەت قاتتىق زۇلۇم ۋە ئېغىر زەربىلەر بىلەنلا ئويغىنىشى مۇمكىن. خەلقىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى، مەنپەئىتىنى، پايدىسىنى كۆزلەيدىغان ھەر قانداق بىر كىشى، ھەر قانداق ۋاقىتتا تىك تۇرالىشى ۋە تېگىشلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشى كېرەك. خەلقىمىز ۋە جەمئىيىتىمىز پەقەت سەگەگلىك، ئۈستۈن ئىرادە، ئاڭلىقلىق ۋە ئاكتىپچانلىق بىلەنلا ئۆز يولىنى تېپىۋالالىشى مۇمكىن.

 

14-ئاياللار ۋە ئائىلە

پۈتكۈل مۇسۇلمان جەمئىيىتىىدە ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ئەھۋالىنى ياش ئەۋلادلارنىڭ تەلىم-تەربىيەچىسى ۋە ئانىلىقىغا ماس ھالدا ئىسلاھ قىلىش شەرت بولۇپ قالدى. تەلىم-تەربىيەدىن ئۇزاق قالغان، چەتكە قېقىلغان ۋە بەختىسىز بىر ئانا، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان پەرزەنتلەرنى چوڭ قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر. كۆپ خوتونلۇققا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ئاياللارغا ئادالەتسىزلىك قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ ئىسلامنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ھەققى يوق. بۇ خىلدىكى سۇيىئىستېمال قىلمىشلىرىغا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى لازىم. بۇ كۆز قاراشلار، ھەرگىزمۇ جەمئىيەتتىكى ئاياللار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئەخلاقسىز ئەزالىرى پەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم پىرىنسىپلار، ھاۋايى – ھەۋەسلىرى بىلەن ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن غەربتە باش كۆتۈرگەن فېمىنىزىم (ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئېقىمى) ئىدىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. مەزكۇر ئىدىيە ياۋروپا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، باراۋەرلىك ئىدىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغانمۇ ئەمەس. بۇ ئەر ۋە ئايالنىڭ ئوخشاش ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە، ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ۋە قوغدىلىشى كېرەك بولغان پەرقلىقلەرگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئوخشاش ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇش پىرىنسىپى، قۇرئان كەرىمدە بىۋاسىتە قانچە قېتىملاپ تەكىتلەنگەن  بولۇپ (ئەھزاپ سۈرىسى 55-ئايەت )، ئەر ۋە ئايالغا نىسبەتەن ئوخشاش دىنىي ۋە ئەخلاقىي ۋەزىپىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

مەدەنىيەت ئاياللاردىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان ياكى چوقۇنۇشنى تەقەززا قىلىدىغان نەرسە ياراتتى، بىراق بۇ ئەسنادا، بىردىنبىر  ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىززەت – ئابرويىنى تارتىۋالدى. ئانىلىققا سەل قاراپ،  مۇقەددەس رولىدىن مەھرۇم قالدۇردى.

ئائىلە كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋە ئورنى بارغانچە ئاجىزلىشىپ بېرىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئىسلام ئائىلىنىڭ نە قەدەر مۇھىم بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ئىسپاتلاپ بەردى. ئىسلام ئائىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ھەسسە قوشۇپ ئۇنى ۋەيران قىلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى  ( ھاراق، پاھىشىۋازلىق، قىمار ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ) يوقىتىپ تاشلاش ئارقىلىق، ئائىلە ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى قوغداپ كەلمەكتە. ئىسلام ئابىستىراكىت مەنىدىكى باراۋەرلىكنىڭ ئورنىغا، ئاياللارغا بارلىق ئىززەت – ھۆرمىتى بىلەن بىرلىكتە سۆيگۈ، نىكاھ ۋە پەرزەنت بېغىشلىدى.  ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەندىزە تۈسىگە كىرگۈزۈلگەن ئائىلە ۋە نىكاھ قانۇنىغا كۈنىمىزنىڭ شەرت – شارائىتلىرىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭىغا ماس ھالدا  قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن باشقا، كۆپ خوتۇنلۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە چەكلىنىشى ھەتتا تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارىتا تەدبىرلەر ئېلىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاجرىشىشنىڭمۇ كەڭ كۆلەمدە ئالدى ئېلىنىشى، ئائىلىسى ۋەيران بولغان تۇل ئايال ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ تەمىنلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.

15- نىشان ۋاسىتىنى يوللۇق قىلمايدۇ

ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن جىنايەتتىن باشقا ھەر قانداق يول يوللۇقتۇر. تىزگىنسىز ۋە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ئارقىلىق ئىسلام ۋە بۇنداق يۈكسەك كۈرەشنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈشكە ھېچكىمنىڭمۇ ھەققى يوق. ئىسلام جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنىڭ ئادالەت بولىدىغانلىقىنى قايتىدىن ئىسپاتلىشى كېرەك. قۇرئان كەرىم دۈشمەنلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىزگە بۇيرۇق بەرمىگەن. لېكىن ئادىل بولۇشىمىز ۋە كەچۈرۈم قىلىشىمىزنى بۇيرۇق قىلغان  (نىسا سۈرىسى 126  – ئايەت). شۇڭا كۈچنى مۇشۇ دائىرىدە ئىشلىتىش تولىمۇ زۆرۈر. «مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاسىتە يوللۇق بولىدۇ» دېگەن سەپسەتە سان – ساناقسىز جىنايەتلەرنىڭ سەۋبى بولۇپ قالغان. يۈكسەك نىشان پەسكەشلىككە تولغان بىر ۋاسىتىنى ھەرگىزمۇ كۆككە كۆتۈرمەيدۇ. لېكىن، پەسكەشلىككە تولغان بىر ۋاسىتە ھەر قانداق بىر نىشان ۋە مەقسەتنى پەسلەشتۈرۋېتىشى ۋە قىممەتسىز قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەخلاقىي جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولساق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزمۇ شۇنچىلىك يۇقىرى بولىدۇ. كۈچ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشنى ئالىجاناپلىق، مەردلىك، يۈكسەك ئىرادە، غۇرۇر ۋە جەسۇرلۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ (نەھل 125 – ئايەت، شۇئەرا 34 – 35  – ئايەتلەر).

16 – ئاز سانلىقلار

ئىسلام تۈزۈمى پەقەت نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەردىلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمىگەن تەقدىردە، ئىسلام تۈزۈمى  ھاكمىيەت ۋە زورۋانلىققا ئايلىنىپ قېلىشى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن. ئىسلامىي تۈزۈملۈك دۆلەتتە  ئاز سانلىق غەيرى مۇسۇلمانلار،  بېقىندىلىقىنى ئېلان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ھەر تۈرلۈك قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەمما غەيرى مۇسۇلمان دۆلىتىدە مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ،  نورمال تۇرمۇشىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش شەرتى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەبىقىسىگە بېقىندى بولۇش ۋە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەردىن باشقا، بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشى شەرت. غەيرى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەر ۋاقىت، دۇنيا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۈچى ۋە ئېتىبارىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك.

17-ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1 – دىنىي كىملىكنىڭ  ھۆرلۈكى  (بەقەرە 256 – ئايەت).

2 – كۈچ تەسىرى كۈچلۈك مۇداپىئە ئامىلى (ئەنفال61-62 – ئايەتلەر، شۇرا 39- 42 – ئايەتلەر، بەقەرە 190-192 – ئايەتلەر).

3 – ئادالەتسىز ئۇرۇش ۋە جىنايەتنىڭ چەكلىنىشى (بەقەرە 190-192 – ئايەتلەر، شۇرا 42 – ئايەت).

4 – ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە پۇقرالارنىڭ تونۇشۇشى (ھۇجرات 13 – ئايەت).

5 – ماقۇللانغان كېلىشىملەرگە ۋە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش (تەۋبە 4 – ئايەت).

 6 – مەسئۇلىيەت ئاساسى (تەۋبە 8 – ئايەت).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*