ئىسلام ۋە تارىخۋاز مودېرنىزم

مەھمەت ئالى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئىسلام مودېرنىزمى ئىچىدە تارىخۋاز مودېرنىزم دەپ ئاتالغان ئېقىم، قۇرئاننىڭ قايتىدىن شەرھىيلىنىشىنى « قۇرئان چۈشكەن تارىخى شەرت – شارائىتلارنى » نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن قۇرئانچىلىق دەپ ئاتالغان تېكىستچى مودېرنىزمنى تەنقىد قىلماقتا. تارىخىيچىلارنىڭچە قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇ تارىخى دەۋرنىڭ شەرت – شارائىتى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى مەنا « ئاللاھ تەرىپىدىن بىر قېتىم بىلدۈرۈلگەن ۋە بايقىلىش ئۈچۈن ئۇ جايدا تۇرغان نەرسىدۇر. بۇنى بايقاش ئۈچۈن تارىخنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك »[1]. تارىخى سەۋەپلەر ۋە شەرت = شارائىتلار ئايان بولغاندىن كېيىن، دەۋرىمىزگە ماس كېلىدىغان ھۆكۈملەر قۇرئان ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلىنماي، « ئالەمشۇمۇل » ئىكەنلىكى چۈشەنچىسى بىلەن پەقەت تېكىست ۋە كونتېكىست مەنا ئاساس قىلىنىپ قۇرئان ئىزاھلانسا، ئۆز مەيلىچىلىك ۋە سۈبىيكتىپلىق كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە مەنادا ئېغىر بۇزۇلۇش ئىھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېكىستنىڭ ئاساس قىلىنىشى قۇرئان مەقسىتىنى توڭلىتىپ قويغانلىقتۇر. چۈنكى تېكىست « قۇرئان چۈشكەن ۋەزىيەت ( زامان ۋە ماكان جەھەتتىن ) شەرت – شارائىتىغا » ئاساسەن شەكىللەنگەن ۋە بۇ تېكىستنى ئۆز پېتى بۈگۈنگە ئېلىپ كېلىشنىڭ كۈنىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولى چەكلىك بولماقتا.

تارىخۋازلارنىڭ قارىشىچە تېكىستچى ئېقىمنىڭ يەنە بىر خالتا كوچىسى، ناسلارنىڭ تارىخى شەرت – شارائىتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندا، ئۇ شارائىتلاردا چۈشكەن ياكى يۈزبەرگەن ۋە ئۇ ۋەزىيەتكە ناھايىتى ماس كېلىدىغان نۇرمال ۋە ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنىڭ، چاغداش دۇنيانىڭ شەرت – شارائىتىغا ماس كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تېكىستچى مودېرنىستلارنىڭ ناھايىتى خىجىل بولغان پوزىتسىيە بىلەن ئۇ ئىلاھى ۋە نەبەۋى ھۆكۈملەرنى مۇۋاپىق بولمىغان شەكىلدە ھىمايە قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ياكى ياقىلاش مۇمكىن بولمىغاندا ئۇ ھۆكۈم ياكى ھۆكۈمنىڭ مەنبەسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولىشىدۇر. قۇللۇق، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئايالىنى ئۇرۇش، مىراسنىڭ ئوغۇل – قىز، ئەر – ئايال ئارىسىدا تەڭسىز شەكىلدە تەقسىم قىلىنىشى، قىزلارنىڭ كىچىك ياشتا نىكاھلىنىشى، فەتىھ مەقسەتلىك ئۇرۇشلار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆلتۈرلىشىگە ئوخشاش ھۆكۈملەردە تارىخىيچى ئىسلام مودېرنىزمى ھېچقانداق مۇداپىئە پوزىتسىيىسىگە كىرمەستىن، بۇ ھۆكۈملەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنۈشىنى ئىدراك قىلىشقا ۋە شەرئى مەقسەتنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىكەنلىكى ھەققىدە تېكىستچىلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەئۋىل ياكى ئىنكار قىلىش ھاجەتسىز. پاكىستانلىق مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم فازلۇرراھمان، تارىخۋاز ئىسلام مودېرنىزمىنىڭ پىرى دەپ قارالماقتا.

فازلۇرراھمان بۈگۈن پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى ھازارادا 1919 – يىلى دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى دىنى تەھسىلىنى دىيوبەند مەدرىسىسىنى پۈتكۈزگەن بىر موللا بولغان دادىسى مەۋلانا شىھابۇددىندىن دەرس-ى نىزامى ئۇسۇلى بىلەن ئالغان. ئون يېشىدا قۇرئاننى ياد ئېلىپ بولغان. ئائىلىنىڭ لاھۇرغا كۆچىشى فازلۇرراھماننىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولغان. 1940 – يىلى پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەپ تىلى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە ياردەمچى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان. جامائەتى ئىسلامىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋدۇدى بىلەن بۇ مەزگىلدە تونۇشقان. مەۋدۇدىنىڭ ئۇ مەزگىلدە ئاكادېمىك تەتقىقاتقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن فازلۇرراھمانغا قىلغان: « قانچە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارساڭ، ئەمەلىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلەكلىرىڭ شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. نېمىشقا كېلىپ جامائەتكە قوشۇلمايسەن؟ » تەكلىۋى[2]، سىياسى ئىسلاھاتچىلىقنىڭ ئۈلگىلىك پوزىتسىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە. لېكىن ئۇ ئىلىمىي – نەزەرىيىۋى تەتقىقاتنى تاللىغان. دوكتۇرلۇقنى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىبن سىنا پەلسەپىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ( 1949 ). كېيىن ئاكادېمىك ھاياتىنى ئەنگىلىيەدە دۇرھام (Durham) ۋە كانادادا مكگىل (McGill)ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرغان.

ئۆزى ئاساسەن دېگۈدەك پىششىق بىلىدىغان ئەنئەنىۋى دىنى بىلىم بىلەن غەرپتە ئۇچراتقان مودېرىن دىنى بىلىم ئوتتۇرىسىدا ھېس قىلغان زىتلىق، ئاكادېمىك ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا فازلۇرراھماننىڭ ئۆز ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا ئېغىر دەرىجىدە شۈبھە پەيدا قىلغان. لېكىن ئۇ بۇ زىتلىقنى بۇرۇختۇملۇققا ئايلاندۇرماستىن ئۇتۇقلۇق شەكىلدە ھەل قىلالىغان. زىتلىققا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان « بارلىق ئەنئەنىلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش كېرەك ۋە ئۇلار ( يېڭى شەرھىلەر بىلەن ) يېڭىلىنىشى كېرەك » چۈشەنچىسى ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان مىتودنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن[3]. 1961 – يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن كاراچى ئىسلام تەتقىقاتلار ئىنستېتوتىدا مىھمان پروفېسسور سۈپتىدە دەرس بەرگەن. كېيىن بۇ ئورگاننىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1968 – يىلىغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە يىگىرمىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە ئىككى پارچە كىتاپ چىقارغان. « ئىسلام » ناملىق ئەسىرىدە ئىسلام چۈشەنچە تارىخى بىلەن ھېساپلاشقان. بۇ كىتاپتىكى قاراشلىرىدىن، بولۇپمۇ قۇرئاننىڭ مەنىسى ئىلاھى، لېكىن لەۋزى ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ئائىت بەشەرى ( ئىنسانى ) مەنبە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن بەزى ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن بېشىغا تارتۇق قويۇلۇپ ئۆلۈم پەتىۋاسى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن فازلۇرراھمان 1968 – يىلى مەملىكىتىنى تاشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ يەرلەشكەن. ۋاپات بولغان 1988 – يىلىغىچە ئىلمىي ۋە تەپەككۇر خاراكتېرلىق پائالىيەتلىرىنى ئىسلام چۈشەنچىسى پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرغان.

 فازلۇرراھماننىڭ قارىشىچە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىجادلىقى ئۈچۈن ئافغانى باشلامچىلىق قىلغان سىياسى ياكى ئابدۇھ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئاقارتىش خاراكتېرلىق ئىسلاھاتچى ھەرىكەتلەر يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بۇلار بىلەن بىرگە سەۋر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە زۆرۈر بولغان ئىسلامى نۇقتىئىنەزەرنى بەرپا قىلىدىغان چوڭقۇر پىكىرى تىرىشچانلىق كېرەك ئىدى[4]. « پىكرى جىھاد » دەپ ئاتىغان بۇ تىرىشچانلىقنىڭ تەپەككۇر ئۇلى، ئۆزگىرىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى پرىنسىپىغا ئاساسلىناتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت رېئاللىقنى چۈشىنەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققانىدى. كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى قۇرئان چۈشكەن تارىخىي مۇھىتتىن پەرقلىق بولغان تارىخىي شارائىت ئىچىدە ياشىماقتا. قۇرئان ھەر دەۋرگە خىتاپ قىلىدىغان بىر كىتاپتۇر. قۇرئاننىڭ بۇ دەۋرگە بولغان خىتابى پەقەت قۇرئان ھۆكۈملىرى ۋاستىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەۋھىد، ئادالەت، ھۆرىيەت، باراۋەرلىك، شۇرا ( كېڭەش )غا ئوخشاش « قۇرئاننىڭ ئالەمشۇمۇل پرىنسىپلىرى » ۋاستىسى بىلەن بولاتتى. فازلۇرراھمان بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇسلۇبنى تەكلىپ قىلغان: « ئالدى بىلەن قۇرئان چۈشكەن دەۋرگە قايتىپ، سىيەر ۋە سەۋەبى نۇزۇل رىۋايەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايەتلەرنىڭ قايسى مەقسەتلەرگە ئاساسەن، قايسى ئومۇمىي پرىنسىپلارنى ئورنىتىش ئۈچۈن چۈشكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ پرىنسىپلار بۈگۈنگە ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە پرىنسىپلارنىڭ دەۋر شارائىتىدا قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ئېنىقلىنىپ، مودېرن تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قۇرئاننىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرى زامانىمىزدا قايتىدىن تەسىر كۈچكە ئىگە بولىدۇ »[5].

ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرى بولسا ئىبادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلاردىن باشقىسى، فازلۇرراھماننىڭچە تارىخىيلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ ھۆكۈملەر ئۇ دەۋرنىڭ شارائىتلىرىدا ۋە ئۇ چاغنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن چۈشكەن، بۇ سەۋەپتىن كېيىنكى دەۋرگە خىتاپ قىلمايدۇ. چۈنكى جەمئىيەتلەر، شەرت – شارائىتلار ۋە مەسىلىلەر ئىزچىل ئۆزگىرىپ تۇرماقتا. ئۆزگەرمىگەن نەرسە قۇرئاننىڭ ئالەمشۇمۇل پرىنسىپلىرىدۇر. مەسىلەن: ئوغرىنىڭ قولىنىڭ كېسىلىشىنى ھۆكۈم قىلغان ئەل-مائىدە 38 – ئايەتنىڭ مەقسىتى ئەگەر ئېغىر بىر جازا بىلەن ئوغۇرلۇقتىن ۋازكەچكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق ئادىل ۋە خاتىرجەملىك تولغان بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش بولسا، بۇ مەقسەتنى دەۋرىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ ئېغىر ياكى يىنىك شەكىلدىكى باشقا جازا، ئايەتتىكى ھۆكۈمنىڭ ئورنىغا قويۇلسا بولىدۇ. تارىخىيچى مودېرنىستلار تەنقىت قىلغان تېكىستچى مودېرنىستلار بولسا ئومۇمەن ئايەتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشىگە قارىماستىن، مەسىلەن: ئايەت تېكىستىدىكى سۆزنىڭ يىلتىز مەنىسىگە ئاساسەن، قول كېسىشنىڭ ( قات )، يەنى قولنى يارىلاندۇرۇپ تىلىش ئارقىلىق ئوغرىنى تامغىلاش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن شۇنى تەكىتلىشىمىز كېرەككى، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا قۇرئاننىڭ ئوغرى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ھەد جازاسى ئەسلى رولىنى يوقۇتۇپ قويماقتا. مودېرن بولمىغان بۇ شەرئى ئىجرائات، ئورنىنى باشقا بىر ئىجرائاتقا بوشىتىپ بەرمەكتە.

تارىخۋاز مىتود فازلۇرراھماندىن كېيىن بەزى پەرقلەر بولغان بولسىمۇ مۇھەممەد ئابىد جابىرى ( ۋاپات، 2010 )، مۇھەممەد ئاركوئۇن ( ئەركۇن ) ( ۋاپات، 2010 )، ناسر ھامىد ئەبۇ زەيد ( ۋاپات، 2010 )، ھەسەن ھەنەفى، ئابدۇلكەرىم سۇرۇشقا ئوخشاش كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ياقىلاندى. بۇ مۇتەپەككۇر ۋە ئاكادېمىكلاردا، بولۇپمۇ ئاركوئۇن، ئەبۇ زەيد ۋە سۇرۇش قاراشلىرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دىققەت تارتقۇچى ئۇرغۇ بولسا قۇرئاندىكى شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ ئەسلىدە ئىلاھىي تەبىئىيتىنىڭ بولمىغانلىقى ئىددىئاسىدۇر. بۇنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى بولسا قۇرئاننىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەرگە كېلىشى بىلەن بىرلىكتە بەشەرى خاراكتېرغا ئىگە بولۇشى بىلەن ئىزاھلانماقتا. مەسىلەن: فرانسىيە پۇقراسى جازائىرلىق ئاكادېمىك ئاركوئۇننىڭچە، مۇقەددەس كىتاپ ۋەھىي ۋاستىسى بىلەن مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا « جانلىق ھالغا كەلمەكتە » ۋە تارىخىلىققا ئىگە بولۇپ (historicization) بۇ دۇنيانىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ ئىلاھى خاسلىقىنى يوقاتماقتا. ئادەتتە « ئىلاھى قانۇنلار » دەپ ئاتالغان شەرىئەت بۇ ھالى بىلەن ئۇنىڭ بىر پارچىسىدۇر ۋە ئۇمۇ ۋەھىي بىلەن بىرگە ئوخشاش شەكىلدە دۇنيالىققا ئىگە بولۇپ ئىلاھى خاسلىقىنى يوقاتقاندۇر. بۇ سەۋەپتىن يېڭى شارائىتقا ئاساسەن شەرىئەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆزگەرتىشكە توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق تېئولوگىيلىك توساق يوق. بۇ ئۆزگىرىش قۇرئاننىڭ ئىلغارلاشتۇرغۇچى مەنتىقىسىگە ماس شەكىلدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زۆرۈر بولماقتا[6].

مەزكۇر مەسىلىگە ئاتىغان « مەفھۇمۇن-ناس »[7] ناملىق كىتابىدا ئوخشاش قاراش ۋە نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ناسر ھامىد ئەبۇ زەيد، بۇ قاراشلىرى سەۋەبىدىن مۇرتەد ئېلان قىلىنغان ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن ئايالىنىڭ تالاق بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تەنزىمۇل-جىھادقا ئوخشاش تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئالغان ئۆلۈم تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن 1995 – يىلى مىسىرنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئەبۇ زەيد، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى گوللاندىيە لەئىدەن (Leiden) ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرغان. ئىرانلىق پروفېسسور ئابدۇلكەرىم سۇرۇش ئوخشاش مەسىلىلەرنى « دىن » بىلەن « دىنى مەلۇماتلار »نى ئايرىپ ئىزاھلىغان. دىن ئۇقۇمى مۇتلەق (absolute) ۋە ئۈستۈن (trancendental) بولۇشىغا قارىماستىن، دىنى بىلىم نىسپىي (relative) ۋە كونتېكىست – بېقىندى (context-dependent) ھالەتتە بولىدۇ. سۇرۇش بۇ ئايرىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ دىنى بىلىم سۈپتىدە ئالدىمىزدا تۇرغان ئىسلامى ھۆكۈملەرنىڭ دىنى ئەنئەنە ئىچىدىكى چۈشىنىلىش شەكىللىرىنى ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا تەنقىت قىلغان ۋە بۇ نۇقتىدىن تېخىمۇ لىبرال ۋە كۆپ خىل نەتىجىگە ئېرىشكەن[8].

تېھراندا دورىگەرلىك ساھەسىدە ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالغان سۇرۇش، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى لوندۇندا داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، 1979 – يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىغا قوشۇلغان. ئىنقىلاپتىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىنى يېڭى تۈزۈمگە قارىتا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىنقىلاپ ئىنىستېتوتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان يەتتە ئەزادىن بىرسى سۈپتىدە ئىمام ھۇمەينى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. كېيىنكى يىللاردا ئاساسەن دېگۈدەك دىنى زاتلارنىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرگەن ئىنقىلاۋى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تەنقىدى مۇئامىلىدە بولغان سۇرۇشنىڭ چىقارغان ژورنىلى پىچەتلەنگەن، ماقالىلىرى ئېلان قىلىنمىغان، ئەنسارى-ھىزبۇللاھ گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان، لېكسىيە ۋە دەرسلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا دۆلەت مەمۇرى سۈپتىدە قىلىۋاتقان خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. سۇرۇشنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان مودېرنىستلار بىلەن ئوخشاش شەكلىدە بولغان. ئامېرىكىغا كەتكەن سۇرۇش 2000 – يىلىدىن باشلاپ خىزمىتىنى بۇ مەملىكەتنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان خارۋارد، يالە، پرىنسەتون، كولۇمبىيا ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، ئۇنىڭدىن باشقا گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدە ئىسلامى ئىلىملەر ۋە ئىسلامى چۈشەنچە پروفېسسورى سۈپتىدە ئاكادېمىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان. سۇرۇش باشتا ئانا يۇرتى بولغان ئىران باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ رەسمىي – غەيرى رەسمىي ئانتى – دىموكراتىك ھاكىمىيەت ۋە قانۇنلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دىنى ۋە پەلسەپىۋى نۇقتىدىن تەنقىت قىلماقتا، مەنسۇپ بولغان شىئەلىكتىن باشلاپ مەۋجۇت دىنى ئەنئەنە پەيدا قىلغان، ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن مودىدىن قالغان مۇئەسسەسە ۋە ئىجرائاتلىرىنى تەنقىت قىلماقتا، كۆپ خىل، ئەركىن، دىموكراتىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

سۇداندا ئوتتۇرىغا چىققان مەھمۇد مۇھەممەد تاھا ۋە جۇمھۇرىيەتچى قېرىنداشلار جامائىتىنى يۇقىرىدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاساسەن خېلى بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان پەرقلىق ۋە قىزىقارلىق تارىخىيچىلىق ئۈلگىسى سۈپتىدە تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. 1910 – يىلى تۇغۇلغان تاھا ئىنژېنېر بولۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كېيىن سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى جەريانىدا سىياسەت ساھەسىگە كىرگەن. 1945 – يىلى قۇرغان جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە بىلەن دىموكراتىك سوتسىيالىزمنى ۋە مۇستەقىل فىدراتىك سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياقىلىغان. بۇ پائالىيىتى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تۈرمىدىكى مەزگىلىدە دىنغا يۈزلەنگەن. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پارتىيە خىزمىتىنى تاشلاپ، 1951 – يىلىدىن تارتىپ جۇمھۇرىيەتچى قېرىنداشلار ( ئىخۋانۇل-جۇمھۇرىييۇن ) دەپ ئاتىغان سىياسى – دىنى ھەرىكەت بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

1967 – يىلى نەشىر قىلغان « ئىسلامنىڭ ئىككىنچى تەلىماتى ( ئەر-رىسالەتۇس-سانىيە مىنەل-ئىسلام ) » ناملىق كىتابى مەھمۇد مۇھەممەد تاھانىڭ غەلىتە قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەرىدۇر. بۇ ئەسىرىدە تاھا، قۇرئاننىڭ بىرسى ئەسلى، يەنە بىرسى قوشۇمچە بولغان ئىككى تەلىماتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەر ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ ئاساسى بولۇش سۈپتىدە ئىسلامنىڭ ئەسلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، تەڭ بەھرىمان بولۇش، ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىشنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي ئۈگىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، كۈنىمىزدىكى دىموكراتىك ۋە سوتسىيالىست قىممەت – قاراشلارنى بىزگە ئەسلىتىدۇ. مەدىنىدە چۈشكەن ئايەتلەر بولسا ئىسلام شەرىئىتى ئۈستىگە بىنا قىلىنغان ئەھكام ئايەتلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان مۇسۇلمان خەلققە بىر تۈركۈم ئەمىر، چەكلىمە ۋە جازالار بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى، كىشىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى مەككە ئايەتلىرىدە نىشان قىلغان قىرانلىققا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنى، بۇ ئايەتلەر مەقسەت قىلىنغان قىرانلىققا قارشى چىققان ۋە ئۆكتىچىلىك قىلغان كىشىلەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. كىشىلەر ۋە جەمئىيەت بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە مەدىنىدە چۈشكەن بۇيرۇقلار ئەمەلدىن قالىدۇ ۋە ئورنىنى پۈتۈنلەي دىننىڭ ئۆزىنى تەشكىل قىلغان مەككە بۇيرۇقلىرىغا بوشىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۈگۈن ئىسلام تەلىماتىدا تارىخىي بولۇپ قالغان تەرەپ مەدىنە ئەمەس، ئەسلى بولغان مەككە نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. كىشىلەر ئەسلىدە « ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى تەلىمات » بولغان مەككە ئىسلامىغا دەۋەت قىلىنىشى كېرەك[9].

ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان گېنىرال جافەر نۇمەيرىنىڭ شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش قارارىغا ھەقىقىي شەرىئەتنىڭ بۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ قاتتىق قارشى چىققان مەھمۇد مۇھەممەد تاھا دىندىن چىقىپ كېتىش بىلەن ئەيىپلىنىپ سوتلاندى ۋە مۇرتەد دەپ ئېلان قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئوخشاش جىنايەت بىلەن سوتلانغان تۆت ھەمراھى تۆۋە قىلىپ جازادىن قۇتۇلۇپ قالدى. تاھا بولسا قاراشلىرىدا ۋە ئۆكتىچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇردى ۋە ئاقىۋەت 76 يېشىدا 1985 – يىلى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ مەزگىلدە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان سۇداننىڭ مەشھۇر سىياسى ئىسلامچىسى ھەسەن تۇرابىنىڭ بۇ نەتىجىنى تەييار قىلغان كىشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراش، تاھانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلماقتا. ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى غەرپ ئەللىرىدە سۈرگۈندە بولغان جۇمھۇرىيەتچى قېرىنداشلار ھەرىكىتى سۇداندا چەكلەنگەن. ئامېرىكا ئەمورى ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن پروفېسسورى بولغان سۇدانلىق ئابدۇللاھى ئەھمەد ئەن-نائىم، بۈگۈن تاھانىڭ ۋە جۇمھۇرىيەتچى قېرىنداشلارنىڭ مودېرن ۋە يېڭىلانغان قاراشلىرىغا جانلىقلىق بەخش ئەتكەن ئەڭ مۇھىم ئاكادېمىك زاتتۇر. ئىسلام شەرىئەتى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان سىستېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مودېرن شەكىلدىكى لائىك دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان نائىم، كىلاسسىك شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ كۈنىمىزدە ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلماقتا:

   بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرئى ھاكىمىيەت قانۇنىنىڭ، دىنى مەسئۇلىيەت سۈپتىدە مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ئىسلام قانۇنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ قارايمەن. كۈنىمىزدىكى شەرئى قانۇن ئىجرائاتلىرىنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارغا ھەم ئىسلامىيەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل[10].

[1]  ئۆمەر ئۆزسوي، « قۇرئان ۋە تارىخىيچىلىق ماقالىلىرى »، ئەنقەرە، 2004، 81 – بەت.

[2]  ئالپ ئارسلان ئاچېكگەنچ، « ئىسلامى ئويغۇنۇش ۋە يېڭىلىقچى مۇتەپەككۇر: فازلۇرراھماننىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى (1919-1988) »، ئىسلامى تەتقىقاتلار، 4/4 (1990)، 234 – بەت.

[3]  يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر، 234 – بەت.

[4]  يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر، 238 – بەت.

[5]  فازلۇرراھماننىڭ چۈشەنچە سىستېمىسى ۋە مىتودى ھەققىدە ئاچېكگەنچنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەرنىڭ 235 – 248 – بەتلىرىگە؛ « فازلۇرراھمان »، د ئى ئا، 22 – جىلىت، 281 – 286 – بەتلەرگە قاراڭ.

[6] Mohamed Arkoun, “Rethinking Islam Today”,[ Kurzman (ed.), Liberal Islam, Oxford, 1998], p. 215-216.

[7]  بۇ ئەسەر « ئىلاھى خىتابنىڭ تەبىئىيتى » ( ئەنقەرە، 2001، ئىستانبۇل، 2013 ) ئىسمى بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان.

[8] Abdelwahab el-Affendi, “The People on the Edge: Religious Reform and the Burden of the Western Muslim Intellectual”, Harvard Middle Eastern and Islamic Review, 8 (2009), p. 32.

[9]  مەھمۇد مۇھەممەد تاھانىڭ چۈشەنچىسى ھەققىدە ئۆمەر ماھىر ئالپەرنىڭ « مەھمۇد مۇھەممەد تاھا » ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ. د ئى ئا، 27 – جىلىت، 370 – 371 – بەتلەر.

[10] Abdullahi Ahmed an-Naim, “Sharia and Basic Human Rights Concerns”, [ Kurzman, C. (ed.), Libral İslam: A source Book, Oxford, 1998], P. 238.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*