ئىسلام ۋە مودېرنىزم

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى
غەربتە مودبرنىزم گۈللىنىش ۋە ئىلگىرىلەش چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي تەرجىبەلىرى تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چەرىكىدە ئاساسلىق چۈشەنچە سىستېمىسىغا ئايلانغان. ئەنئەنىۋى مۇئەسسەسەلەرنىڭ، ئەنئەنىۋى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى تەرك قىلىپ چاغداش قىممەت – قاراشلارغا ماس كېلىدىغان، ئىلمىي سىتاستىكىلارنى ئاساس قىلغان، ئەقىلنى مەركىزى ئورۇنغا قويىغان يېڭى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ۋە چۈشەنچىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مودېرنىزمنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى ئىدى. گۈللىنىش ۋە ئىلگىرىلەش غايىسى مودېرنىزمنىڭ ئاساسلىق دوگمىسى بولغان بولۇپ، ئەنئەنىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق ھۇزۇرغا، سائادەتكە ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغان ئەقىدە شەكىللەندۈرگەنىدى. مودېرنىزم، ئىقتىسادتىن پەلسەپىگىچە زامانىۋى بولمىغان ھەر نەرسە ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش كېرەكلىكىنى ياقىلايدۇ. ئىسلام مودېرنىزمىنى، يەنى « ئىسلامنىڭ چاغداشلىقى »نى بۇ ئېنىقلىما دائىرىسىدە ئىزاھلاپ چۈشىنىش كېرەك.
ئىسلام مودېرنىزمىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى
ئىسلام مودېرنىزمىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيەسى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن دىنى، ئىجتىمائىي، سىياسى ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرگە ئىسلامىيەتنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قادىر ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەنبەلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تارىخى دىنى مىراسنى، يەنى ئەنئەنىنى ئىلىمىي ۋە ئەقلىي ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىزاھلىنىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار چاغداش ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ئالدىدا خار بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ .
مودېرنىزمنىڭ باشقا جەدىدچى ھەرىكەتلەردىن ۋە ئىسلاھاتچىلىقتىن پەرق
مودېرنىست ئىدىيەنىڭ تەجدىد ھەرىكەتلىرىدىن ياكى ئىسلاھاتچىلىقتىن پەرقى نېمە؟ مودېرنىست ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ پىرى دەپ قارالغان پاكىستانلىق مۇتەپەككۇر فازلۇرراھمان، مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ پەرقنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان. ئۇنىڭچە ئىھياچىلىقنىڭ غەززالىغىچە تۇتاشقان بىرئۆتمۈشى بار ئىدى.
لېكىن بۈگۈنكى ئىسلام مودېرنىستلىرىغا ئوخشايدىغان شەكىلدە باشتا تەسەۋۋۇپ ۋە پەلسەپە قاتارلىق مەۋجۇت پىكىرى مۇئەسسەسەلەرگە سىستېمىلىق شەكىلدە تەنقىد ئېلىپ بارغان كىشى ئىبن تەيمىييە ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق چۈشەنچىسى « ساپ ئىسلامغا قايتىش » نەزەرىيىسى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەسرى سائادەت» تەبىئىي ھالدا « ئۆرنەك ۋە ئىلھام مەنبەسى » بولالايتتى. لېكىن بۇ ئىھياچى ئېقىم ئەسرى سائادەتنى ئۆز پېتى بۈگۈنگە ئېلىپ كەلمەكچى بولدى. لېكىن بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنى ئەمەلىيىلەشتۈرۈشتە « جانلىق سۈننەت »نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىيەر-ئى نەبىنى ئەمەس، ئەكسىچە ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ قېتىپ قالغان ھەدىس ساھەسىنى ئاساس قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئېقىم پەلسەپىگە، ھەتتا كالام پائالىيەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن چۈشەنچە قاتماللىقى ئىچىدە ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئارزۇ قىلىنغان ياخشىلىنىش ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئەكسىچە، قۇرئانغا مەركەزلەشكەن تەپەككۇرنىڭ ئالدىنى توسىدىغان، بىلىمنى چەتكە قاقىدىغان ھەدىس مەركەزلىك ئاددى تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىنى مىراس قالدۇرغان بۇ « قەدىمكى ئىھياجى ( سەلەفى ) » ئېقىم، سەلبىي تەسىرلىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان جەرياننىڭ باشلامچىسى بولدى .
فازلۇرراھمان « يېڭى ئىھياجىلىق » دەپ ئاتىغان ئىككىنچى يېڭىلىنىش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇ ئىخۋان ۋە جامائەتى ئىسلامىغا ئوخشاش سىياسى ئىسلاھات پىلانلىرىغا ئىگە مۇئەسسەسەلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋەكىلىدۇر. بۇ مۇئەسسەسەلەر غەربچىلىك ۋە ئەنئەنىچىلىكنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىجابىي جەھەتتە خىزمەت كۆرگەن ۋە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ چىقارغان. لېكىن بۇ ئېقىمنىڭ يېتەكچىلىرى قانۇن، ئىقتىساد، ئىنژېنېرلىققا ئوخشاش سېكۇلەر (دۇنياۋى) ساھەدە يېتىشىپ چىققان سەمىمىي دىندار كىشىلەر ئىدى. بۇ تەشكىلاتلاردا دىنى ئەنئەنىنى پىششىق بىلىدىغان ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلار يوق دېيەرلىك بولغانلىقتىن چوڭقۇر ۋە ئاساسىي پۇختا ئىھيا ھەرىكىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىدى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىدى. « ئۇلار، نە ئىسلامنى نە غەربنى چۈشىنىشىمىز جەھەتتىن سىستېمىلىق بىر قاراش ئوتتۇرىغا قويالمىدى. نۆۋىتى كەلگەندە غەربكە قارشى دائىم مەيدانسىز ۋە ئاجىز ھالەتتە بولدى. غەربتىن ئالغان چالا بىلىملەر بىلەن قۇرئاننىڭ ھايات ( ئىنسان، جەمئىيەت، تەبىئەت … ) قارىشىنى يۇغۇرماقچى بولدى. چۈشەنچە ھەققىدە توختالدى، لېكىن بىلىمچىلىك (ئەنتەلەكتۇئەلىزم) ۋە ئەقلىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشقىمۇ سەل قارىمىدى .
فازلۇرراھمان « كىلاسسىك مودېرنىزم » دەپ ئاتىغان ئۈچىنچى يېڭىلىنىش ھەرىكىتى بولسا سەييىد ئەھمەد خان ۋە ئافغانى – ئابدۇھ ئېقىمى بىلەن ئۇلارنىڭ مىراسىدىن باشقىلار ئەمەس ئىدى. بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا ئىسلام مودېرنىزمى ئىچىدە تەتقىق قىلغان بۇ ئېقىمدىن فازلۇرراھماننىڭ ئۆزىنى ئايرىم تۇتۇشى، كېيىنكى باپلاردا تىلغا ئېلىنىدىغاندەك مودېرنىست چۈشەنچىنىڭ بىردىن ئارتۇق يۈزىنىڭ بارلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. كىلاسسىك مودېرنىزمنىڭ فازلۇرراھماننىڭچە بۇ ئېقىمدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە پۇختا مىتودقا ئىگە بولماسلىق ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ سەۋەپتىن ھەۋەس قىلغان غەربنى لايىقىدا چۈشىنەلمىگەنىدى. غەربنى بىر پۈتۈنلىك ئىچىدە كۆرەلمىگەنلىكتىن، غەربنىڭ مۇئەسسەسە ۋە قىممەت – قاراشلىرىغا تاللىغۇچى ۋەياكى كېلىشتۈرگۈچى نۇقتئىنەزەدە مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ھەم تۇترۇقسىز ھەرىكەت قىلغان، ھەم يېڭىلىنىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلامى ئەنئەنىنى باھالىغاندا مودېرن تارىخ تەنقىد مىتودىنى ئاساس قىلغانلىقتىن، ئىسلام تارىخىدىكى ئۇتۇقلارنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلغان ۋە بۇ مىتودنى ئىسلامى ماتېرىياللارغا تەدبىقلىغان شەرقشۇناسلارغا قارىتا ئارتۇقچە گۇمان ۋە رەددىيەدە بولغان .
مودېرنىزمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ئىسلام مودېرنىزمنى پەرقلىق تەرەپلىرى ئارقىلىق باشقا غول ئېقىملار بىلەن سېلىشتۇرما شەكىلدە مۇنداق ئالاھىدىكلىرىدىن بىلەلەيمىز:
1. ئەنئەنىگە تۇتقان مۇئامىلىسى: ئەنئەنىچى ۋە ئىسلاھاتچى خاراكتېردىكى كۈنىمىز ئىسلامى ئېقىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ زاۋال تېپىشىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب ئالدىدا چېكىنىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىسلام دىنى ئەمەس، مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى نەزەرىيىسىنى ياقىلىماقتا. بۇنىڭغا قوشۇمچە تاشقى جاھانگىر كۈچلەر ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەكتە. ئىسلام مودېرنىستلىرى بولسا ناھايىتى قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇزۇلۇش ۋە زاۋاللىقنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ نە تاشقى كۈچلەر، نە مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى؛ ئەسلى مەسىلىنىڭ « بۈگۈنگىچە ئىسلام دەپ قارالغان دىنى چۈشەنچە » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنى مەنبەلەر، دىننى چۈشىنىش مىتودلىرى ۋە داۋام قىلىپ كەلگەن دىنى ئەنئەنە ئۈستىدە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلىنىش ئېلىپ بارماقتا، سوئال قويماقتا.
2. ئەقىلنى مەركىزى ئورۇنغا قويۇش. ئەنئەنىچىلىكتە نەقىل قىلىنغان مەلۇماتلار ۋە تەكلىپلەر ئاساس قىلىنسا، ئىسلاھاتچىلىقتا نەقىل – ئەقىل مۇۋازىنىتى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مودېرنىست چارە – تەدبىرلەردە ئومۇمەن ئەقىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىسلام مودېرنىزمى ھەممىدىن بەك ئەقلىيەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. مودېرنىست چۈشەنچىنىڭ دىنى تېكىست بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تېكىست مەنىسىنى ئەمەس، كونتېكىست ئۈستىدىن قۇرۇلغان.
3. نەزەرىيەۋى تەرىپى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتىنىڭ چىڭ بولماسلىقى. ئىسلام مودېرنىزمىدا ئىجرائاتنىڭ ئورنىغا سۆز ۋە يازما ئەسەرلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى مودېرنىزمدا نەزىرىيەنىڭ سالمىقى ئېغىر. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئېقىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەردە تەشكىلاتچىلىق سۇس بولىدۇ. شىفاھى ۋە كىتابى پائالىيەتلەر كىچىك تىپتىكى ئاكادېمىك ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىق مۇئەسسەسەلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. رەسمىي ئورگان سالاھىيىتى يوق بولۇپ، ئومۇمەن ئىنتىرنېت مۇھىتى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان مەۋھۇم گۇرۇپپىلار ۋاسىتىسى بىلەن تەشكىلاتلىنىش بوشلىقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. مەزكۇر مۇئەسسەسەلەرنى رەسمىي ئەزالىقتىن زىيادە قىزىققۇچىلار تورى دېيىشكە بولىدۇ. تەشكىلات تەۋەلىكى مەنتىقىسى بىلەن ھەرىكەت قىلمايدىغان، پىدائىيلىق ۋە ئەگەشكۈچىلىك دەپ ئىزاھلاشقا بولىدىغان گۇرۇپپىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئومۇمەن شەخس ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھەرىكەتلەردە مۇستەھكەم باشقۇرۇش سىستېمىسى ياكى جامائەت، تەشكىلات ئىنتىزام ئاساسەن دېگۈدەك رەت قىلىنىدۇ. مەزكۇر شەخس ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى ئەركىن ئۇسلۇب، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە پۇختا تەشكىللىنىشكە ئىمكان بەرمەيدۇ. گۇرۇپ ئىچىدىكى پارچىلىنىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ.
4. سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى. بۇ ئالاھىدىلىك ئىسلام مودېرنىزمىنىڭ « سىياسى » بولۇشتىن زىيادە « مەدەنىيەت » تەرىپى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان كىملىككە ئىگە بولۇشىنىڭ تەبئىي سەۋەبىدۇر. چۈنكى سىياسىلىق بۇ خىل تەشكىلىي تۈزۈمى بولمىغان قۇرۇلما ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىش ئەمەس بولۇپ، تەشكىللىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن بۇ « مەدەنىيەتچىلىك »، ئابدۇھ، فازلۇرراھمان، ئاركوئۇنغا ئوخشاش مودېرنىستلاردا كۆرۈلگەن شەكىلدە سىياسىلار بىلەن قۇرۇلغان كۈچلۈك « شەخسى » مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ ئەمەس. ئىسلام مودېرنىزمىدىكى ئۈچ پەرقلىق سىياسى تەرز ھەققىدە كېيىنكى پاراگرافلاردا مەلۇمات بېرىلىدۇ.
5. باشلامچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى. باشلامچىلىرى ياكى باياناتچىلىرى ئاكادېمىك ئىلاھىيەت تەلىم – تەربىيىسى ئالغان، ئىجتىمائىي بىلىملەردە يېتىلگەن ۋە پەلسەپىۋى ئىلىمى يۇقىرى كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئەنئەنىۋى دىن تەربىيەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن فازلۇرراھمانغا ئوخشاش مەشھۇر مودېرنىستلار ئەنئەنە بىلەن ھېساپلىشىش ئۈچۈن بۇ بىلىملىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەقلىيەتچى بىلىملەردە يۇقىرى ئۇنىۋانغا ئىگە بەزى شەخسلەرنىڭمۇ دىن – بىلىم مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن قۇرئان مەركەزلىك مودېرنىست دىنى ئېيتمىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى، بۇ چۈشەنچىلەر ئەتراپىدا رەسمىي مۇئەسسەسە خاراكتېرلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
ئىسلام مودېرنىستى دەپ قاراشقا بولىدىغان ئەلى شەرىئاتى ( ۋاپات، 1977 )، بىرىنچى ماددىدا تىلغا ئالغان مودېرنىست سوراقنى « تەشرىھ ( ئىنچكە ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ) » ئوپراتسىيەسى دەپ ئىپادىلەيدۇ. شەرىئاتىنىڭچە مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇقەددەس بولغانغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان دوستانە پوزىتسىيە بىلەن بىرگە، تەشرىھچى دوختۇرغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر. لېكىن بۇ ئىككىنچى پوزىتىسيە ناھايىتى تەس. چۈنكى بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا دىننى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقى بار. ھالبۇكى، ئاناتومىيەدە ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنى يوق. بۇ سەۋەپتىن بۇ قىيىن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلار ئەلى شەرىئاتىنىڭچە « دىنغا ئىچىدىن قارىغان « دىن ئالىملىرى ( ئۆلىما ) » ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار دىن ھەققىدە ۋەز قىلغاندا دىننىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئەڭ كىچىك دەخلى يېتىشىگە يول قويمايدۇ. لېكىن دىننىڭ ۋۇجۇدىنى تەشرىھ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇلغان ۋەزىيەتتىكى « دىن زىيالىلىرى »، ئىككى پوزىتسىيىگە ئىگە ۋە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، دىننىڭ مۇقەددەسلىكىگە دەخلى يەتكۈزىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ياخشىلىق قىلغانلاردۇر .
شەرىئاتى ئالىم بىلەن زىيالىنى ئايرىغان يۇقىرىدىكى بايانلىرىدا يۇقىرىدا 5. ماددىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن خۇسۇسىيەتنىڭ كۆرىنەرلىك ئىزلىرىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇ، دىنى ئەنئەنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەنئەنىۋى پوزىتسىيەنىڭ دىننى خاتا تونۇشتۇرۇشى، ئىسلام بىلەن ياشلارنىڭ ئۇچرىشىشىنى توسۇپ قويدى دەپ قارايدۇ. شەرىئاتىنىڭچە مەكتەپلەردە ئارىلاش تەلىم – تەربىيەنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، ھەتتا ئاياللارنىڭ ئىشلىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھېچقاچان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولمىغان. ئاساسلىق مەسىلە بولسا ئىسلامنىڭ قايتىدىن ئىنشا قىلىنىشى ۋە يېڭى ئەۋلادلارنى جەلىپ قىلالايدىغان بىر ھايات يولىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئىدى. بۇ نۇقتىدىن شەرىئاتىنىڭ نەزرىدە ھەسەن ئەل-بەننانىڭ « چەكلىمىلەر بىلەن تولغان » دىنى ئىسلام ئەمەس، ئەكسىچە « ماقۇل » تەرىپى « ياق »تىن كۆپ بولغان دىن ئىسلام ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن يوق قىلىنغانىدى .
يۇقىرىدا كۆرۈلگەندەك شەرىئاتىغا ئوخشاش مودېرنىستلار نەزرىدە بەننانىڭ ئىسلاھاتچىلىقىمۇ كور ئەنئەنىچىلىكتىن خالىي بولالمىغانىدى. بۇ سەۋەپتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشىكنى ئېچىش زۆرۈر ئىدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاقارتىش باشلىنىشى ۋە ئۇ ئارقىلىق قۇرئانغا قايتىش كېرەك ئىدى. قۇرئان ساپ ھالىتى بىلەن، يەنى پەلسەپە، كالام، تەسەۋۋۇپقا ئوخشاش تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى تەسىرلەردىن خالىي قىلىنغان ھالدا چۈشىنىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىدراك ئىمانغا، ئادالەتكە ۋە يېتەكچىلىككە قايتىش ئىدى .

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*