ئىسلام ۋە كىشىلىك ھوقۇق

2018-يىلى 13-ئىيۇن

مۇھەممەد يۇنۇس | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!
«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» («قۇرئان كەرىم»، 4-سۈرە، 1-ئايەت).
1400 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسلامنىڭ ھەقىقەت نۇرى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىنى يورىتىپ كەلدى، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىز يەنىلا ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسلام ئۈچۈن نىدا قىلماقتىمىز. چۈنكى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل«غەيرىي ئىنسانىي» تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىق، ئاچارچىلىق، نامراتلىق، كېسەللىك، قالاقلىق، نادانلىق، رەزىللىك، مۇستەبىتلىك، قۇللۇق… قاتارلىقلار خۇددى يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئوخشاش يەر شارىغا يامراپ، ئادەم ئۆزىنى ھەققىي ئادەمگە ئايلاندۇرالمىدى. ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى بۇ خىل مەنتىقىسىزلىك، نەزەرىيەسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىك ھالىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنى ئازابلىق ئويلارغا سېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قۇيۇق مەنىۋىي تۇمانلىرى ۋە ئەڭ چوڭ سىياسىي ئالدامچىلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىياسىيسىنىڭ ئازابلىق ھازىرى ۋە زۇلمەتلىك رېئاللىقىنى كۆرۈپ يىتىپ، « ئىنسان» مەسىلىسىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
1. كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئومۇمىي قاراش
ئالىملار بىردەك «ئەڭ دەسلەپكى» كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى 14¬-16ـ ئەسىردىكى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشى دەۋرىدە بىخ سۈرگەن، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسى 17-18- ئەسىرلەردىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن (تەبىئىي ھوقۇق، پۇقرالىق ھوقۇقى، سىياسى ھوقۇق)؛ شۇنداقلا 20- ئەسىردىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە پىشىپ يىتىلىشكە باشلىغان (سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھوقۇقلار)؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90- يىللىرى يەنىمۇ بىرقەدەر ئىلگىرلىگەن (ئىتىپاقلىق، تىنچلىق، تەرەققىيات قاتارلىق ھوقۇقلار). ئۇلارنىڭ بۇ تەھلىللىرى غەرب ۋە ئادەتتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىغا ماس كېلىشى ئېھتىمال. ئەمما، ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىغا مۇتلەق ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، غەيرىي ئىسلامىي كىشىلىك ھوقۇق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى يېقىنقى بىرنەچچە ئەسىرلىك ئىش. ھەتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ يېڭى مۇستەملىكچىلىك كۆرۈلدى. بۈگۈن يەنە
يېڭى زومىگەرلىك باش كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مىسلىسىز زور بۇزغۇنچىلىق، زور دەپسەندە قىلىش ۋە زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئېغىر ئار-نومۇس، زور چىكىنىش، قاتتىق قالايمىقانچىلىق ۋە چوڭ مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتتى.
داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇيالايسىز…

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*