ئىسلام ۋە باراۋەرلىك (3)

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئاتاۋۇللا|ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جاھىلىيەت جەمئىيىتىدە، ئاياللار ئىنتايىن پەس، ئېچىنىشلىىق ۋە غەيرىي ئىنسانىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئالدى بىلەن، قىزلارنى تۇغۇپ بېقىشنىڭ ئۆزى ئار-نۇمۇس ۋە زور بەختسىزلىك سانىلاتتى، قىز بۇۋاقلارنى ئۆلتۈرۋېتىش ياكى تىرىك كۆمۈۋېتىش مەلۇم دەرىجىدە ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھادىسە ھەرگىزمۇ ئەرەب جەمئىيىتى بىلەن چەكلەنگىنى يوق، قەدىمكى جەمئىيەتلەر بىىلەن چەكلەنگىنى تېخىمۇ يوق. ھازىرقى زاماندا، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى زامانىۋىي پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن ھامىلىنىڭ جىنسىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاندىن ئىختىيارىي يۇسۇندا ھامىلە چۈشۈرۈشتۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەممەيلەن ئەرلەرنى كۆتۈرىدىغان جەمئىيەت ۋە ئەخلاقىي قىممەتكە مايىل.

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، جىنسىي كەمسىتىش بىر خىل تۇلۇپ تاشقان جاھىلىيەت بولۇپ، سەۋەبسىز ھامىلە چۈشۈرۈش، بولۇپمۇ قۇرساق كۆتۈرۈپ 120 كۈندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى ھامىلە چۈشۈرۈش بىر خىل يۇمران ھاياتلىققا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىدىغان قانۇنسىز ھەركەتتۇر؛ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىسلام ھەرقانداق سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىختىيارىي ھامىلە چۈشۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كەسكىن ھالدا بۇنىڭ بىر خىل كىشىلىك ھۇقۇققا مۇخالىپ، ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايىي قىلمىش ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئەرلەر ھۇقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، چەكلىمىسىز كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، جورا ئېلىش ۋاستىلىرى ھەرخىل ئىدى، مەسىلەن: سېتىۋېلىش، ئوغۇرلاپ قېچىش ياكى بۇلاپ كېتىش… دېگەندەك، خوتۇننىڭ سانى ۋاستىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى بىلەن سىجىللىقىغا باغلىق ئىدى. يەنە كىلىپ، ئاللىقانداق نىكاھ ئەركىنلىكى دېگەنلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، ئاياللارنىڭ جورا تاللاش ئەركىنلىكىمۇ، جورىسىدىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىدى. ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى جەمەتنىڭ مال-مۈلكى، ئېلىپ-ساتىدىغان بۇيۇم ۋە تالان-تاراج قىلىدىغان ئوبيېكت، دەپ قارىلاتتى. قەدىمكى جۇڭگو بىلەن ئوخشاش، ئاياللار ئەرلەرنىڭ تەئەللۇقاتى ۋە پۈتۈن جەمەتنىڭ مۈلكى ھېسابلىناتتى، ئادەتتە، ئاتا ــ ئەر ــ ئوغۇل يولىنى بويلاپ سۇزۇلما ھالەتتە ۋارىسلىق قىلىنسىمۇ بولاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاياللارنىڭ ئاساسلىق قىممىتى تۇغۇت ماشنىسىغا ئوخشاش ئەۋلاد كۆپەيتىشتە ئىدى، ئۇلار ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشتا ئىككىلەمچى ئورۇندا بولۇپ، مۇستەقىل كىشىلىك خارەكتىرى ۋە ئەقەللىي ئىنسانىي ئابرويى كەمچىل ئىدى، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىمۇ يوق ئىدى، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھۇقۇقى، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتلەردىكى ھۇقۇقلىرىدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، بۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئورنى يوق ئىدى.

ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تا يېقىنغىچە، قىسمەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاتالمىش «ئابروي قاتىللىقى»، يەنى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ «جەمەتىنىڭ ئابرويى»نى قوغداش نامىدا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىچىدىكى ناشايان ئىشلارنى قىلغان، دەپ قارالغان ئاياللارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىشى يەنىلا كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ، باسقۇنچىلىق دىلوسىدىكى بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن ئامان قالالمايدىكەن. بۇ خىل قاتىللىق ھەركىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولغاچ، ئشتىن كېيىن پەقەتلا ئازغىنا قانۇنىي جازاغا ئۇچرايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل ئۈزۈل-كىسىل جىنايىي قىلمىشتۇر، چۈنكى ئىسلامنىڭ زىناغا ئائىت ئىىنتايىن قاتتىق ۋە ئېنىق ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى بار، يەنى تۆت نەپەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى زىناخورلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىشى ياكى ئۇچۇق-ئاشكارە گۇۋاھلىق بېرىشى شەرت. ئاتالمىش «ئابروي قاتىللىقى»، ئەمەلىيەتتە، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىر خىل تارىخى ئۇزاق، ياۋايى، قالاق مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىپپىتى پۈتۈن جەمەتنىڭ بايلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ئابرويى، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىسلام دىينى ئوتتۇرغا چىقىشتىن خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇد ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىينى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. «قۇرئان»، «ھەدىس» ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرى بۇ خىل ئىنسانىي ھۇقۇققا چېقىلىدىغان، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرىدىغان جىنايىي قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ.

بۈگۈنگىچە، دۇنيا مىقياسىدا، ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىش يەنىلا تارىخى ئۇزاق ئەرلەر ھۇقۇقىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئەر-ئايال «پېرسۇناژلار» ۋە ئەرچە-ئايالچە «ئوبرازلار»غا بولغان ئالدىن ئورۇنلاشتۇرمىسى، بولۇپ ئىپادىلەندى. بۇ خىل ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە، ئەر پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرى مۇستەقىل، باتۇر، قەيسەر، قۇپال، تەشەببۇسكار ۋە تاشمايىل، ئەكسىچە، ئايال پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرى يۈلەنمە، زەئىپ، مۇلايىم، نازۇك، پاسسىپ ۋە ئىچمايىل بولۇپ ئىپادىلىنىشى كېرەك. بۇ خىل ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كېيىن شەكىللەنگەن قېلىپ بولمىش پېرسۇناژ ۋە خارەكتىر ئۇقۇملىرى ھەمىشە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەر-ئايال جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى، ھەمدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇدۇم قالدى، شۇنداقلا بىر خىل مۇكەممەل بېسىم ھاسىل قىلىپ ئاياللارغا تېڭىلدى. جەمئىيەتلىشىش جەريانىدا، ئۇ، قىز بالا تۇغۇلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قايتا-قايتا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرى ئۇنى بىلىپ-بىلمەي باش ئىگىشكە ئېلىپ باردى، پەقەت ئاز ساندىكى بوينى قاتتىق، ئاسىي مىجەز  ئاياللارلا بارچە تۇسۇقلارغا قارىماي، باتۇرلارچە بۇ خىل بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇۋىتەلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئىككىنچىدىن، ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىگە دائىر مەسىلىلەرنى، ئىسلام بۇندىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ئەقىدە، ئەخلاق، قانۇن ۋە تۈزۈم شەكلىدە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغان. شۈبھىسىزكى، ئىسلام بىر باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن باش كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلغان ۋاقىتتا، ياۋايى قەبىلە جەمئىيىتىدىن كەلگەن زور تۇسالغۇغا يۇلۇقتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل باراۋەرلىك ئىسلاھاتى قەتئىي تۈردە ئېتىقاد ساھەسىدىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم ۋە سىياسەت ساھەسىگە سۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر پۈتۈن رىئال تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندى. كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، ئاياللارنىڭ ھۇقۇقى پەقەتلا تۇغما كىشىلىك ھۇقۇق (ئەخلاقىي ھۇقۇق)لا ئەمەس، بەلكى يەنە پۇقرالىق ھۇقۇق (قانۇنىي ھۇقۇق)تۇر. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېتىقادنى تاۋلاش ۋە پاكلاش شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇركى، ئەكسىچە، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قارا-قۇيۇق دوراش ۋە ياسالمىلىق قىلىش ئەمەس. قىز-ئوغۇلنىڭ جىنسىنى تاللاش ۋە ئارتۇق كۆرۈش جەھەتلەردە، ئىسلام جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللارغا بولغان كەمسىتىشى ۋە زىيانكەشلىكىنى تۇلۇق چۈشەنگەن، ھەمدە ئېتىكا-ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي ھەركەتلەرنى چەكلەش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن، مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ بۇ خىل ئەرلەرنى ئەتىۋارلاپ، ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ئەنئەنىۋىي جاھالەت قارىشىنى قاتتىق سۆكۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىلاھىي قانۇن شەكلى بىلەن قىز بۇۋاقلارنى تېرىك كۆمۈۋېتىش، جىنس تاللاپ ھامىلە چۈشۈرۈش، ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق رەزىل قىلمىش، قەبىھ ھادىسە ۋە جىنايىي ھەركەتلەرنى قەتئىي مەنئىي قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتككۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نۇمۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى تۇپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) نېمىدېگەن قەبىھ!» (59-58 :16). «كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» (31 :17). ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىزى بولۇپ، قىزىنى تىرىك كۆممىگەن، ئۆچ كۆرمىگەن، ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ، قىزلارنى پەس كۆرمىگەن كىشىنى ئاللاھ چۇقۇم جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، پەرزەنتلەرنىڭ جىنسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئىلتىپاتى ۋە مەرھەمىتىگە باغلىق بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سوبيېكتىپ خاھىشىغا باقمايدۇ. ئەرلەرنى ئەزىزلەپ ئاياللارنى خارلاش، قىز تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانىلارنى يامان كۆرۈش، كەمسىتىش ۋە ئازابلاش، شەك-شۈبھىسىزكى، بىر خىل ياۋايى، جاھىل، نادان، قالاق ۋە ئىپلاس قاراش بولۇپ، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»نىڭ روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنداق قاراشتىن ئۈزۈل-كىسىل ۋازكېچىش كېرەك. ئىسلام ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ئوڭچە، تاكامۇل ۋە باراۋەر كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە ئىگە، ئۇلارنىڭ نام-ئابرويى، شان-شەرىپى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ ئوخشاشلا دەخلى-تەرۇزسىزدۇر، دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ)، ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ» (58 :33). «يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چۇقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» (23 :24). گۇيا پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەنتەنىلىك جاكارلىغاندەك: « سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال-مۈلۈكىڭلار ۋە ئىززەت-ئابرويىڭلار مۇقەددەس دەخلى-تەرۇززىسدۇر».

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش، شەخسىي ئېتىقادىنى تاللىغۇدەك يىتەرلىك ئەقىلگە ئىگە، شۇ سەۋەبتىن شەخسىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئەلۋەتتە بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاشلا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئىمان ۋە ياخشىلىقنىڭ تېگىشلىك مۇكاپاتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇمۇمەن، شەخس قىممىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى جىنس تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. «پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى: ‹ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھېچبىر ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن» (    ). «ئەر-ئاياللاردىن مۇئمىن بولۇپ تۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)» (124 :4).

قانۇنىي جەھەتتە، ئاياللار بابباراۋەر بىلىم ئېلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە. 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايال ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر». شۇنىسى ئېنىقكى، ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى پەقەت ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنى نەزەردە تۇتقاندا، يەنە پۈتۈن ئائىلە، جەمەت ۋە ئەۋلادلارغىمۇ پايدىلىقتۇر.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللار يەنە باراۋەر ھالدا ئەمگەك ھۇقۇقى ۋە ئوخشاش ئىشقا، ئوخشاش ھەق ئېلىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مۇبادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ جەھەتتە ئىلاھىي قانۇننى تازا ئوبدان ئىزچىللاشتۇرمىدى، دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاساسلىق سەۋەب دەھرىي ۋە مىللىي قاراشلارنىڭ شەرىئەتنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ياكى توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدا، ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇرمايدىغانلىقىدا ئەمەس.

ئاياللار پەقەت قانۇنىي جەھەتتە مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەڭ كۆلەملىك مۇستەقىل ئىقتىسادىي ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مىلادىي 7- ئەسىردىلا، مۇسۇلمان ئاياللار قانۇنىي جەھەتتە مۇستەقىل مال-مۈلۈك ھۇقۇقىغا ئىگە بولۇپ بولغان، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھۇقۇقلىرى قانۇنىي جەھەتتە ئېتىراپقا ئېرىشىپ بولغان. تاكى 10 نەچچە ئەسىردىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتى ئاندىن ئاياللارغا مال-مۈلۈك ھۇقۇقىنى ئامالسىز بەردى. ئىسلام ئىنقىلابى ئاياللارنى ئازات قىلدى، ئاياللارغا ئېنىق قىلىپ تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش، ئىگىدارلىق قىلىش، ئىجارىگە بېرىش، سوۋغات قىلىش، ئېلىپ-سېتىش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ھۇقۇقلارنى بەردى. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش، ئىشلەپ چىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش ۋە ئېستىمال قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ھۇقۇقلاردىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ، مۇبادا ئۇلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتى مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بىر ئەر كىشى ئوخشاش ئەھۋالدا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئوخشاش تۇلۇقلىمىغا ئېرىشىشى كېرەك. بىردىنبىر پەرق شۇكى، شەرىئەت ئۇچۇق قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئائىلىسىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ بەلگىلىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى،  ئاياللار ئائىلىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكى جۈملىدىن قانۇن بۇيىچە ئېرىشكەن تويلۇقى تامامەن شەخسىي مال-مۈلۈكىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمنىڭ قول تەككۈزۈشىگە يول قۇيۇلمايدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بەرسەك، ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمان ئاياللار ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن ئىمتىيازغا ئىگە. «ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار، مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ» (7 :4). ئائىلە مۈلۈكىنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دائىرىلەرگە شۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھتىن قۇرقۇڭلار، قىزلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار، باراۋەر تەقسىم قىلىڭلار. يان بېسىشقا توغرا كەلسە، قىزلارغا يان بېسىڭلار». ئۇغۇللارنى ئەتىۋارلاشنى، كۆپ سانلىق شەرىئەتشۇناسلار مەكرۇھ ( ئۆچ كۆرۈلىدىغان) قىلمىش، دەپ ھۈكۈم قىلغان، قىسمەن شەرىئەتشۇناسلار بولسا ھارام (مەنئىي قىلىنغان) قىلمىش، دەپ ھۈكۈم قىلغان، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ كېچىك ئىش ئەمەس.

ئىسلامنىڭ نىكاھ باراۋەرلىكى ئۇ ئاياللارغا بەرگەن بىر قاتار قانۇنىي ھۇقۇقلاردا ۋە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقلاردا ئەكس ئېتىدۇ. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا، ئىنساننىڭ ھېسسىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەلىپى قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي يۇسۇندا قاندۇرۇلۇشى لازىم، شۇڭلاشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ياش-قۇرامىغا يەتكەن ھەر قانداق كىشى توي قىلىشى كېرەك. ئىسلام جىنسىي بېسىم قىلىش، جىنسىي ئۆزىنى قىيناش، راھىبلىق ۋە بويتاقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ؛ ئوخشاشلا، جىنسىي ئۇچۇقلۇق، جىنسىي ئەركىنلىك، شەھۋەتپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىككىمۇ قارشى تۇرىدۇ؛ ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىگە ئەلۋەتتە قارشى تۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئىنسانىي ئابرويغا خىلاپ، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى بۇلغايدىغان بىنۇرمال، غەلىتە، مەينەت، ئىپلاس جىنايىي قىلمىشلاردۇر. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرھاللىقى پەقەت پرىنسىپال قانۇنىي بەلگىلىمىلەردە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى مۇكەممەل، ئىنسانىيلاشقان ۋە ئىنسانسۆيەر «ھەدىسلەر»دە تېخىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. مۇبادا بەزىلەر نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە ھۇقۇقىغا دائىر ئىشلار پەقەتلا ئاددىي ساۋات بولۇپ، تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارىسا، ئۇنداقتا، ئۇلار چۇقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى تۈرلۈك تۇلا ئۇچرايدىغان ئەسەبىي خاھىش ۋە بۇ خىل جاھىلانە قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈرلۈك ھەقىقىي زۇلمەتلىك تۈزۈملەرگە سەل قارىغان بولىدۇ، يەنى ئۇلار يەنە بىر تېخىمۇ ئاددىي ساۋاتقا سەل قارىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت بىر قىسىم ئاددىي ساۋاتلىق خاتالىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ سادىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قۇيۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قۇيۇشۇڭلارغا تۇسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر» (32 :24) «رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بىكىتمىدۇق» (27 :57) «سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قۇيامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» (166-165 :26).

روشەنكى، ناۋادا جورا تاللاش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇنداقتا ئاتالمىش نىكاھ ھۇقۇقى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى تامامەن ئەھمىيىتىنى يۇقىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دوروس بولمايدۇ» (19 :4). ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەسكىن قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «چوكاننىڭ رازىىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ؛ قىز بالىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ». يەنە مۇنداق دېگەن: «ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزنى باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا زورلىشى ھارامدۇر؛ ئۇمۇمەن، بويىغا يەتكەن، ئەقلىي-ھۇشى جايىدا ئايالدىن، مەيلى قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ، ھەتتا ئاتا-ئانا ياكى رەئىس بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە ئارلىشالمايدۇ». دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنىڭدىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ئىسلام مۇشۇنداق ئىلغار، زامانىۋىي، مىسلىسىز قانۇنغا ئىگە ئىدى، ئىسلامدىن بەكرەك بىز زوقلاندۇرىدىغان ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدىغان يەنە باشقا بىر مەدەنىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئىشەنچىلىك رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ دەۋاسىنى ئۆزى سورىغان ھەمدە كۆپلىگەن قانۇنسىز نىكاھ ئەھدىسىنى بىكار قىلغان. ئەينى چاغدىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، «ئۈممەت» ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ شۈبھىسىز مۇئەييەن نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۇقۇقى بار ئىدى.

نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشقا كەلسەك، ئىسلام ئوخشاشلا قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق تەپسىلىي، ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى بىكىتكەن بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئەر-خوتۇننىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت تازىلىق، ساغلام ۋە ئىلمىي ئورۇن شەكلى، ئائىلە زوراۋانلىقىنى تۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇندىن 1400 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»تىن بۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇنىي ئاساسلارنى ناھايىتى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن نۇرغۇن دۆلەتلەردە، جۈملىدىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، خېلى كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئۆزى خالاپ ئائىلە ئايالىلىق تۇرمۇش شەكلىنى تاللاۋاتقانلىقى ئىسلامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ قالتىسلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تۇلۇق ۋەزىپىدىكى ئايال پەقەت مۇرەككەپ ئىجتىمائىي كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كەسكىن رىقابەتتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى، پەرزەنتلىرى، ئېرى ھەتتا پۈتۈن ئائىلىسىگە نىسبەتەنمۇ كۆپ پايدىلىق. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرت: ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر» (21 :30) «ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەر بىلەن ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر)» (187 :2) «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» (19 :4). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى خوتۇن-بالىلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر» يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالال نەرسىلەر ئىچىدە ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغىنى تالاقتۇر». كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن ئاجرىشىشقا يول قويسىمۇ، ئەمما، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئېنىق تۈۋەن باھا بېرىدۇ، شۇنداقلا ئېھتىياتچان، سالماق ۋە نىسبەتەن مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

ئىسلام گەرچە ئاجرىشىشنى تەرغىپ قىلمىسىمۇ ياكى ئاجرىشىشقا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىشقا يول قويمىسىمۇ، ئەمما ئاخىردا، يەنىلا ئاجرىشىش ھۇقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنداقلا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ باراۋەر ئىگە بولغان قانۇن بۇيىچە ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن ئىبارەت تەشەببۇسكارلىق ھۇقۇقىنى بەلگىلىدى. ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، جۈملىدىن ئەقىدە تۇقۇنۇشى، ھېسسىيات كېلىشەلمەسلىك، مىجەز چىقىشالماسلىق، ئائىلە زوراۋانلىقى، ئەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچراش، ئەرنىڭ ئىقتىسادىي نەپىقىسىگە ئېرىشەلمەسلىك، ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە بولۇشقا ئۇنىماسلىقى ياكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىش، فىزىئولوگىيىلىك نوقسان ۋە ساقايماس كېسەلگە گرىپتار بولۇش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا ئەرنىڭ چىراي-تەلەتى سەت، بويى پاكار، رەڭگى كۆرۈمسىز بولۇش…قاتارلىقلارمۇ ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ئەر تەرەپنىڭ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھۇقۇقىغا قارىتا ئېنىق چەك قۇيۇپ، باشباشتاقلىق قىلىش ۋە ئاجرىشىش ھۇقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بولۇپمۇ نۇرمال بولمىغان كىسەل ئەرلەرگە نىسبەتەن قانۇنىي تۇساق ئورناتتى. كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ قانۇن-بەلگىلىمەلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىلا رەسمىي ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان، ھەمدە نۇرغۇنلىرى پەيغەمبەرنىڭ «سۈننىتى» بولغان ئەمەلىي ئۆرنەكلەردىن ئېلىنغان. مەسىلەن: ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، سابىتنىڭ ئايالى جەمىلە ئېرىنىڭ پاسىقلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەستىقلىغان؛ يەنە مەسىلەن: بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىن رىپائەنىڭ تەمىم ئىسىملىك ئايالى ئېرىنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغان ھەمدە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەستىقلىغان…قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمان ئاياللار باشتىلا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا، نېمىشقىدۇ 1400 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئاتالمىش «قانۇن مۇتەخەسىسلىلىرى»نىڭ ئەسەر يېزىپ، خەيرىخاھلىق قىلىپ، چىن ئېتىبار بېرىپ ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋىي نىكاھ قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، «غەربنىڭ ئىلغار تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش»، ئاياللارغا ئاجرىشىش ھۇقۇقى بېرىش…ۋاھاكازالارغا چاقىرىپ يۈرۈشىدىن تۇلىمۇ ھەيرانمەن. بۇ «مۇتەخەسىسلەر»نىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىينىي شەرىئەتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقى ئېنىق. «ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (130 :4).

ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئاجراشقاندىن كېيىنلا قانۇن ئاخىرقى نوقتىغا يەتكىنى يوق، ئوخشاشلا، ئىسلام قانۇنى ئاجرىشىش مەزگىلىدىكى ۋە ئاجراشقاندىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىگە قارىتا ئۇچۇق، كونكرت ۋە ئىنسانپەرۋەر بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. ئىسلام قانۇنىغا كۆرە، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىي ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشمايدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئۆزگىچە، داڭلىق «ئىددەت» تۈزۈمى بولۇپ، ئۇ بىھۇدە زىيان ۋە ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاجرىشىش مەزگىلىدىكى يارىشىش ۋاقتى ۋە رەسمىي ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى قايتا ئويلىنىش چېكىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللار قانۇن بۇيىچە ئاجرىشىش نەپىقىسىگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە قانۇن بۇيىچە شەخسىي مال-مۈلۈك ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار يەنە قانۇن بۇيىچە ئىلگىركى ئېرىنىڭ بېقىشى، كۆيۈنۈشى ۋە خىراجەت بېرىشىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىسلام «ئۆمۈر بۇيى قايتا ياتلىق بولماي، ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە سادىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئىپپەت-نۇمۇس قارىشىنى كېسىپلا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاجراشقان ياكى جورىسى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىغا ئۇچۇق-ئاشكارە رۇخسەت قىلدى. «ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بۇيىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەنپۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار» (232 :2)

مەن دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ قانۇن سىستېمىلىرىنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاپ تەكشۈردۈميۇ، ئوخشاش دەۋر ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 1000 نەچچە يىل مابەينىدە بۇنىڭدەك مىسلىسىز ئۇلۇغ قانۇن ماددىلىرىنى ئۇچراتمىدىم. پەقەت 200 نەچچە يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا تارىخقا ئىگە بولغان شەرق-غەربتىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەتلىكلەر» گۇيا تاشقى پلانېت ئادەملىرىدەك كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ، ياخشى نىيەت بىلەن بىزگە قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىۋاتقىنىدا، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنتۇغاقلىقى ۋە نادانلىقى ئۈچۈن چەكسىز ئەپسۇسلىنىش ۋە تۇلىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى دەھرىي ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ ساپ ئىسلام شەرىئىتىنى چىرىتىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان.

پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئايلىنىپ چىققان «ئامېرىكا ۋاشىنگتون پۇچتا گېزىتى»نىڭ نۇپۇزلۇق مۇخبىرى تۇماس لېپمان ئۆزى يازغان «ئىسلام دىينى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى» (1982) ناملىق كىتابىدا نىسبەتەن ئوبيېكتىپ خۇلاسە چىقارغان: «‹قۇرئان›نىڭ ئاياللارنىڭ قانۇنىي ئورنىغا ئالاقىدار ھۆكۈملىرى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ ھۆكۈملەر چىقىرىلغان دەۋردىن تۇلىمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارغا بەرگەن مەلۇم ھۇقۇقلار غەرب قانۇن توپلاملىرىدا نەزەرگە ئېلىنغان ئاياللار ھۇقۇقلىرىدىن بەكرەك ئازات. مۇسۇلمان ئاياللار مالاي ئەمەس، دېدەك ئەمەس، ئۇيۇنچۇق تېخىمۇ ئەمەس»* ئۇ شۇنى كۆرۈپ يەتكەنكى، ھازىرقى دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈۋەن بولۇشى ھەقىقىي ئىسلام شەرىئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ.

ئەلۋەتتە، ئىسلام قانۇنى ئاستىدا، ئەر-ئايال جىنايەت سادىر قىلسا، مەيلى جىنسى، مىللىتى، ئىرقى، ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئورنى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئوخشاش جازا بېرىلىشى، ھەر قانداق مۇستەسنالىق، غەمخورلۇق، ئېغىش ياكى ناھەقچىلىق بولماسلىقى كېرەك. «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار» (2 :24) «ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار» (164 :6). جىنايىي جازا جەھەتتە، ئىسلام شەرىئىتى يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ نۇرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جۇھەينە قەبىلىسىدىن ئۆلۈم جازاسىغا لايىق جىنايەت سادىر قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ كەلگەن بىر ھامىلدار ئايالغا قارىتا جىنايىي جازانى كېچىكتۈرگەن، ھەمدە ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن جازانى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئايالنىڭ گۇناھىنى تۇنۇش قىلمىشىغا نىسبەتەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇ ئايال ئۆلگەندىن كېيىن شەخسەن ئۆزى باش بولۇپ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن. يەنە بىر مىسالدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئەلىنىڭ كۆزى يۇرۇش ئالدىدا تۇرغان بىر گۇناھكار دېدەككە قارىتا جىنايىي جازانى كېچىكتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسلام ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەشنى ئېنىق بىكىتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئانىنىڭ ئورنى ئاتىدىن خېلىلا ئۈستۈن. ھەتتا ئاتا-ئانا كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، «تەۋھىد» شەرتى ئاستىدا، بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئىسلام يەنە ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىپ، بىر قىسىم دىينىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغان؛ ئىسلام ئىپپەتلىك ئاياللارنى پاھىشە بولۇشقا زورلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ؛ ھەتتا جەڭ ھالەتلىرىدىمۇ، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. قانۇن ئېنىق، تۇلۇق ۋە كۈچلۈك ھالدا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرويى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، ھۆرمەت-ئىنايىتى ۋە قانۇنىي ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. «ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغىنى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ» (33 :24).

بېسىقماي تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى»گە كەلسەك، مېنىڭچە، بۇ بىر خىل خاتا چۈشۈنۈش. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام قانۇن پرىنسىپلىرى جەھەتتە بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدىلا چەكلىك كۆپ خوتۇنلۇققا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يول قۇيىدۇ، دېمەك، ئىسلام كۆپ خوتۇنلۇققا تەرغىپ قىلىدۇ ئەمەس، بەلكى چەك قۇيىدۇ، پەقەت مۇتلەق مەنئىي قىلىپ تاشلىمايدۇ.

مۇنۇ مەشھۇر ئايەتنى دىققەت بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ: «ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر» (3 :4). يەنە باشقا بىر ئايەت ناھايىتى تىزلا بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلىغان: «قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قۇيۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار» (129 :4).

بىر قىسىم نۇپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان خۇلاسىسى شۇكى: ئىسلام بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە چەك قۇيىدۇ، ئۇنىڭ تۈپ روھى ئىككىدىن ئارتۇق خوتۇن ئېلىشقا يول قويماسلىق ياكى ئىلھام بەرمەسلىك. بۇنىڭ مەشھۇر بىر مىسالى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى ئەلىنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشىنى ئېنىق توسقان. ئۇ مۇنبەردە ئۇچۇق-ئاشكارە مۇنداق دېگەن: «بەنى ھىشام ئىبنۇ مەرۋە قىزىنى ئەلى ئىبنۇ ئەبۇ تالىپقا بەرمەكچىكەن، مەن بۇنىڭغا قۇشۇلمايمەن، قەتئىي قۇشۇلمايمەن. بولمىسا ئەلى مېنىڭ قىزىم بىلەن ئاجرىشىپ، ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن توي قىلسۇن. پاتىمە مېنىڭ جىگەر پارەم، ئۇنىڭ ئەنسىزلىكى مېنى ئەنسىز قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئازابى مېنى قىينايدۇ». شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلى بۇنداق ئويدىن تەلتۈكۈس ۋاز كەچكەن.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەينى دەۋر ئەر-ئايال نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلاشقان، تۇل خوتۇن-يېتىم ئۇغۇللار ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چەكلىمىسىز بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىن بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە قاراپ تارىخىي كۆچۈش ۋە زور ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، سىياسىي جەھەتتە يۇقۇرى قاتلامدىكىلەرنىڭ تويلىشىشىغا ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھاجەت چۈشكەن پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ شۇڭا بۇ خىل چەكلىك بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا، ئاساسىي ئېقىم ۋە نۇرمال بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم پرىنسىپىغا قارىتا جىددىي ئۆزگەرتىش ۋە مۇستەسنا تۇلۇقلاش تەدبىرى سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا، ئايال تەرەپنىڭ تۇغماسلىقى ۋە ھازىرقى پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، باشقىچە ئۇسۇلنى قانۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن.

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئېغىر جازا بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، بۇ پەقەتلا بىر ئەخلاقىي مەسىلە بولماستىن، بەلكى يەنە، بىر قانۇنىي مەسىلىدۇر. «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» (32 :17). تۇلۇق تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئاساسىدا، قانۇن توي قىلغان-قىلمىغانلىق ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەررە ئۇرۇش ۋە تاش-بۇران قىلىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر جازا بېرىدۇ. ئەخلاق سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى-تۈۋەنلىكىگە، ئوخشىمىغان تۇرمۇش شەكلىگە قاراپ مۇنداق تەرتىپ تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ.

  1. بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدا نەپسىنى يىغىش < بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدا نەپسىنى يىغىش < بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي ئەركىنلىك < بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي ئەركىنلىك
  2. نىكاھلىنىش< بويتاقچىلىق + نەپسىنى يىغىش < بويتاقچىلىق + قالايمىقان مۇناسىۋەت < ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان جىنسىي ئەركىنلىك

ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى دۇنيا ئاياللىرى يەتكۈچە تارتىۋاتقان نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت، جىنسىي ئەركىنلىك ۋە جىنسىي ئازاتلىقنىڭ دەردى نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكىدىن خېلىلا چوڭ. بەلكىم، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل تەپتىش ئەمەلدارى ستارنىڭ ھېكايىسىدە، زۇڭتۇڭ كلىنتون پەقەتلا بىر بىنۇرمال تۇنۇكتىن ماراش خۇمارى بىر مەيدان كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان كومېدىيەدە ئوۋلىغان بىچارە ئولجا بولۇشى مۇمكىن. ئەخلاق ئاتىقى كەمچىل بىر زۇڭتۇڭنىڭ ئەلنى قانداق ئىدارە قىلىشىنى دېمەيلا قۇيايلى، قېنى بۇ خىل مەدەنىيەت قانداق بىر خىل «كامىل ھەم گۈزەل بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم»نى نامايەن قىپتۇ؟

 

ئەسكەرتىش:

مەنبە: مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرىپىدىن يېزىلىپ، شىياڭگاڭ تۇلپار (天马) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سىياسەتچىلىكى» (伊斯兰政治学) ناملىق كىتاب.

بۇ ئەسەر مەزكۇر كىتابنىڭ 5- بابى بولۇپ، ئەسلىي نامى: «بەشىىنچى باب: باراۋەرلىك توغرىسىدا» (第六章:论平等) ئىدى. ئايرىم ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسلام ۋە باراۋەرلىك» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*