ئىسلام ۋە باراۋەرلىك(2)

2018-يىلى 26-ئىيۇل

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئاتاۋۇللا|ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

3. ئىسلام باراۋەرلىكىنىڭ مەزمۇنى

ئىسلامنىڭ نوقتىئىنەزەرى بۇيىچە، باراۋەرلىك ھەم بىر خىل ئەقىدە، كۆزقاراش، پرىنسىپ ۋە غايە، ھەم بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈم ۋە تۇرمۇش شەكلى.

(1) ھەممە ئادەمنىڭ ماھىيىتى باراۋەر. ئىسلامنىڭ نوقتىئىنەزىرى بۇيىچە، ئىنساننىڭ شەخس ۋە توپ ئارىسىدىكى پەرقى قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، مۇنداق بىر پاكىتنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، يەنى ھەممە ئادەم يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممە يەردە بار،  ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىگە قادىر، مەڭگۈ يۇقالماس ئاللاھنىڭ مەخلۇقى.  بۇ خىل ئورتاق سالاھىيەت شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، فزىئولوگىيە، پىسخولوگىيە ۋە روھىيەت جەھەتتە، ھەممە ئادەم ئورتاق قۇرۇلما ۋە فونكىسىيەگە ئىگە، شۇنداقلا ھەممىسى تەن روھنىڭ بىرىكمىسى؛ ئەمەلىي مەۋجۇدلۇق جەھەتتە، ھەممە ئادەم زامان ۋە ماكاننىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ شەخسىي قىسمەت جەھەتتە، ھەممە ئادەم ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ھەممە ئادەم ئاللاھنىڭ ئادىل سوتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.  «ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: ‹مەن چۇقۇم لايدىن ئادەم يارىتىمەن، مەن ئۇنى يارىتىپ، ئۇنىڭ تېنىگە روھنى پۈۋلىگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار.›» (72-71 :38) «مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، ياراتتىم.» 56 :51)

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئالەمنىڭ ئىگىسى، ئىنسانىيەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە قۇلى. ئاللاھنىڭ ئالدىدا، ھەر بىر ئىنسان مەيلى ئۇ قانداق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ماھىيەتتە ھەممىسى باراۋەر. بۇ خىل باراۋەرلىك نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن پەرقلىنىدىغان سىرتقى ئالاھىدىلىكلەر مەسىلەن: تەن، رەڭ، تىل، جىنس، چىراي، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسنىڭ نەسەبى، بايلىقى، نام-ئاتىقى، تەربىيىسى، نىكاھى، كەسپى، ۋەزىپىسى، مەرتىۋىسى قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق. ھەر بىر ئادەمگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئورتاق خارەكتېر ۋە ماھىيەت بېرىلگەن، ئۇ ئادەم بىلەن ئىلاھ، ئادەم بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىدە، باشقا ھەر قانداق كىشى بىلەن ئوخشاش ھۇقۇقدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاش مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھايات-مامات شەخسكە نىسبەتەن چوڭ سىناقتۇر. خۇددى ئۆلۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولغىنىدەك، قايتا تېرىلىش ئالدىدىمۇ ھەممە ئادەم باراۋەردۇر. «قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سېناش ئۈچۈن، ئۇ ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنى ياراتتى.» (2 :67) «بىز ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.» (156 :2) «قىيامەت كۈنىدە، بىز ئادىل تارازا ئورنىتىمىز،ھېچكىمگە قىلچىلىك ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلى قىچىنىڭ دانىسىچىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، بىز ئۇنى مۇكاپاتلايمىز، بىز ھېساب ئېلىشقا يىتەرلىكمىز. (47 :21)

ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئەمەلى ۋە ياخشىلىقى ئوبىكتىپ جەھەتتە پەرقلىق بولغاچقا، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپى بۇيىچە، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى مۇناسىپ ھالدا ئوخشىماسلىقى مۇقەررەر. ناۋادا ئەمگەك ئوخشاش ئەمەس، ئەمما، نەتىجە ئوخشاش بولسا، ئۇ روشەنكى ئادالەتسىزلىكتۇر. مانا بۇ پۇرسەت تەكشىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نەتىجە ئادىللىقى. «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن يامان ئىش قىلغۇچىلار دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇكاپات-جازا بېرىش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس.» (132 :6)

(2) ھەممە ئادەمنىڭ نەسەبى باراۋەر. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت نەسەب جەھەتتە ئورتاق، ئۇلار ئورتاق بىر ئادەم ئاتىغا ئىگە، شۇنداقلا ھەممىسى ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھاۋانىڭ ئەۋلادى. ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشتا باراۋەر، ئۆلۈشتە باراۋەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، قايتا تېرىلىشتە باراۋەر، سوتلىنىشتا باراۋەر. «ئى ئىنسانلار! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن ياراتتى، ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۇنىڭ جىسىدىن قىلىپ ياراتتى، ھەمدە ئۇ  ئىككىسىدىن كۆپلىگەن ئەر-ئاياللارنى ياراتتى.» (1 :4) ھەر قانداق ئادەم، مەيلى قەيەردە تۇغۇلۇشى، قايسى دۆلەتتە تۇرۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەم قايسى مىللەت، ئېرقۋە دىينغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسى ئادەم ئەۋلادى. مۇشۇ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئادەمدىن ئېسىلرەك ياكى پەسرەك نەسەب ۋە كېلىپ چىقىشقا ئىگە ئەمەس، ھەممە ئادەم ئورتاق مەنبە ۋە باراۋەر نەسەبكە ئىگە.

(3) ئىنسانىي قەدر-قىممەت ۋە ئىززەت-ئابروي بارراۋەرلىكى. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قەدر-قىممىتى ۋە ئىززەت-ئابرويىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەم باشقا كىشىلەر بىلەن بابباراۋەردۇر. مەيلى ئۇ قايسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقمىسۇن، قانداق ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىسۇن، نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، قايسى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالمىسۇن، يەنە مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ياش بولسۇن ياكى ياشانغان بولسۇن، ساغلام بولسۇن ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەتتا مەيلى ئۇ قانۇنغا رىئايە قىلسۇن ياكى خىلاپلىق قىلسۇن، ئەركىن بولسۇن ياكى مەھبۇس بولسۇن، ئۇنىڭ ئىچكى قەدر-قىممىتى ۋە ئىزەت-ئابرويى بىردەك مۇنۇ سىرتقى شارائىت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ياراتقۇچىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئىنسان ماھىيىتى، تەبىئىتى ۋە روھىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىر خىل تەبىئىي مۇقىم ھالەت ۋە تەبىئىي باراۋەر قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق سېلىشتۇرما باھانى سىغدۇرمايدۇ، ھەم ھەرقانداق سۈنئىي ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزگىرىشنى سىغدۇرمايدۇ. «ئى مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئەرلەر بىر بىرىنى مازاق قىلىشمىسۇن، مازاق قىلىنغۇچى بەلكىم مازاق قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن، ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ بىر-بىرىنى مازاق قىلىشمىسۇن، مازاق قىلىنغۇچى بەلكىم مازاق قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن، سىلەر ئۆز-ئارا بۆھتان قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار.» (11 :49) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال-مۈلكىڭلار ۋە ئابرويىڭلار مۇقەددەس دەخلى تەرۇزسىزدۇر.» ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بارلىق ئەڭ تۈۋەن ئۆلچىمى ۋە ھەممە قۇبۇل قىلىدىغان قىممىتى دەل بۇ خىل ئۇمۇميۈزلۈك ئەخلاقىي ھۆكۈم ۋە ئېتىكىلىق ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا تايىنىپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ زامان-ماكان ئارىلىقى ۋە ھەزارەت، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ.

(4) تۇغما ئەقىل ۋە ئېتىقاد پۇرسىتى باراۋەرلىكى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئوخشاش ئىلتىپات يەنى تۇغما ئەقىل ۋە پىكرىي ھۆكۈم ئىقتىدارىغا ئېرىشكەن؛ بۇ سەۋەبتىن، ساراڭ، ئەقلى ئاجىز ۋە سەبىيلەردىن سىرت، ھەممە ئادەم باراۋەر ھالدا تۈپ ئېتىقاد شارائىتى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەخسنىڭ چىن تەۋبىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدىكى قەلب دىئالوگى بولسا پۈتۈنلەي ئىختىيارىي، ۋاستىسىز بولۇپ، ھەرقانداق ۋاستىچىگە مۇھتاج ئەمەس ۋە ھەرقانداق دۇنيالىق مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىل باراۋەرلىك ھەممە ئادەم ئورتاق ئىگە بولىدىغان قەلب ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. «ئەجىبا ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ۋە شۇئارقىلىق چۈشۈنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ (46 :22) «ئەجىبا بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا رۇشەن ئىككى يول كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ (10-8 :90) « ھەقىقەت پەرۋەردىگارىڭلاردىن كېلىدۇ، كىم ئىمان ئېيتىشنى خالىسا، ئىمان ئېيتسۇن، كىم ئىمان ئېيتىشنى خالىمىسا، ئىمان ئېيتمىسۇن.» (29 :18)

نەق مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئاللاھ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ھەر بىر مىللەتكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئېنىق ھالدا ئۇلارغا توغرا ئەقىدىگە دائىر ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى، ھەمدە ھەممە ئادەمنى باراۋەر ھالدا ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن قىلىپلا قالماستىن، يەنە، باراۋەر ھالدا ئېتىقاد پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ھەر كىم ئۆز قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تۇلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. «ھەر كىم گۇناھ قىلىدىكەن، ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئۇ سىلەر تالاش-تارتىش قېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.» (164 :6)

كۆرسىتىش كېرەككى، ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەندىن كېيىن، ئادەتتىكى مۇئمىنلەر بۇيرۇققا بىنائەن دىينىي دەۋەت قىلىش مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى، تاكى زامان ئاخىرغىچىلىك. شۇڭلاشقا، شۇندىن باشلاپ، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچى قىيىن، ئۇزاق ۋە جاپالىق بولۇپ، تۇلۇق چىدامچانلىققا مۇھتاج، ھەمدە ئەڭ ئاخىردا يەنە سېنىلىشى كېرەك. خۇددى سۈنزى ئېيتقاندەك: «تالىپ ئىرادىلىك بولمىسا بولمايدۇ، ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق، مېھرىبانلىقنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىدۇ، ئېغىر ئەمەسمىكەن؟ ئۆلگەندە تۈگەيدۇ، يىراق ئەمەسمىكەن؟» ( «مۇھاكىمە ۋە بايان. تەي بو »)

(5) مىللەت ۋە ئىرق باراۋەرلىكى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۆزى ياراتقان بارچە مەخلۇقاتىغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئادىل، ئىنساپلىق ۋە مېھرىباندۇر، ئۇ ھەرقانداق بىر شەخس، ئېرق، مىللەت ياكى دەۋرگە يان باسمايدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، بارلىق مىللەتلەر، ئىرقلار باپباراۋەر، بارچە مىللىي زۇلۇم، ئىرقىي كەمسىتىش نادانلىق، قالاقلىقنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا بۇ تۈپەيلىدىن، ئىنسان تەبىئىتى، ئادىمىيلىك ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانىغا خىلاپلىق قىلدى. «ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» (30-سۈرە‹رۇم›، 22-ئايەت) «ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى(يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىيندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.» (5-سۈرە‹مائىدە›، 48-ئايەت)

بۇ خىل ئەھۋال كۆرسەتتىكى، بىر ئادەم مەيلى قانداق مىللەت، قانداق ئىرقتا تۇغۇلمىسۇن، ماھىيەتلىك پەرق مەۋجۇد ئەمەس؛ ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ شەخسنى پەقەت ئېتىقاد تاللىشى ۋە تەقۋالىق دەرىجىسى بۇيىچە پەرقلەندۈرىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان»دا ئېنىق ئۇقتۇرىدۇكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، «ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن  ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ).» (49-سۈرە‹ھۇجۇرات›،13-ئايەت)

بىر مىڭ تۆت يۈز نەچچە يىل بۇرۇن، ھېجىرىيە 10-يىلى 12-ئاي، يەنى مىلادىيە 632-يىلى 3-ئايدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەجدە، مەككە شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 25 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرافات تېغىنىڭ ئولانا جىلغىسىدا، تۈگە ئۈستىدە تۇرۇپ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مەشھۇر «ۋىدالىشىش ھەجى نۇتۇقى»نى سۆزلىدى. ھازىر قارىساق، نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى ھەرگىزمۇ ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان تارىخ ئەمەس، بەلكى، يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ نىشانى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئەرەبلەر غەيرىي ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، غەيرىي ئەرەبلەرمۇ ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، قىزىل تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاق تەنلىكلەرمۇ قىزىل تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق بىلەنلا پەرقلىنىسىلەر.»

ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ئىگىدارلىق قىلغان بارچە مىللەت ۋە ئىرققا ئادىل ۋە مېھرىباندۇر، شۇنداقلا بۇ دۇنيانى ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن سىناق قىلدى. «ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش)نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش)نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (35-سۈرە‹فاتىر›، 45-ئايەت)

ئەمما، رېئال سىياسىي تۇرمۇشتا، مىللىي ۋە ئىرقىي باراۋەرسىزلىك يەنىلا چوڭ مىللەت ۋە ئەۋزەل توپنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇرۇنلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. گەرچە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنىغا سياسىي كەمسىتىشكە ئالاقىدار ماددىلارنى ئاشكارا كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئاساسى قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈم ھەر قايسى مىللەت ۋە ئىرقلارنىڭ باراۋەر ھالدا رىقابەتكە قاتنىشىشىنى تەرغىب قىلسىمۇ، لېكىن، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا، بىر خىل شەكىلسىز ئەمما ئىنتايىن كۈچلۈك، جاھىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئاداۋەت يامراپ، كۆپ سانلىقنىڭ مۇتلەق ئەۋزەللىكى ئارقىلىق سىياسىي تاللاش مىخانىزىمىنى تىزگىنلەپ، دۆلەت خىزمىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى چوڭ مىللەت، چوڭ ئىرققا بېرىلگەن ئىمتىياز ۋە كىچىك مىللەت ، كىچىك ئىرققا قىلىنغان ئىلتىپاتقا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىلتىپات دائىرىسىگە كىرىدىغان دۆلەت خىزمىتى ئادەتتە دۆلەتنىڭ سىياسىي سېستىمىسىدا ئانچە مۇھىم بولمىغان ئورۇندا تۇرىدۇ، تېخى بەزىدە بولسا تامامەن بىر خىل زىننەت بۇيۇمى ۋە سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ۋاستىسى  بولىدۇ. ئوخشاشلا، خۇداسىزلىق(ئاتېئىزم) دۆلىتىدە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى خۇداسىزلار(ئاتېئىزمچىلار) ياكى ساختا خۇداسىزلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارغا دىينغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بېرىشى تامامەن بىر خىل كەمسىتىش قۇرالىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى مۇبادا سىز دىينغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ھەم مۇشۇ تۈپەيلى خۇداغا ئىشىنىشنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ سىزنىڭ ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغىنىڭىزغا تەڭ. چۈنكى دىينغا ئىشەنگۈچىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان خىزمەت بار-يوقى بىر قىسىم بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇمى ۋە سەرەمجان، خالاس. بۇ خىل «ئەركىنلىك» خۇددى ياقىدىكى ئادەم ۋە قۇل بولۇشنى تاللاش ئەركىنلىكى، كوچىلاردا سەرگەردان بولۇش ئەركىنلىكى، كۆۋرۈك ئاستىدا يېتىپ-قۇپۇش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا تىلەمچىلىك قىلىش ۋە ناچار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئوخشايدۇ. بەلكىم ساختا خۇداسىزلار ھۇقۇق مەركىزىگە كىرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك. بۇ خىل بەدەل دەل قەلبنىڭ ئەگرىلىكى، ئەقىلنىڭ ئاختىلىقى، پىسخىكىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، روھىي بېسىم ۋە جىسمانىي قامال. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل يىراققا پالاشتىنمۇ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكتۇر.

(6) قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. ئىلاھىي قانۇن ئالدىدا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى  بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش مۇققەددەس بۇرچى بار، شۇنداقلا بۇ سەۋەبتىن، باراۋەر ھالدا قانۇندا بەلگۈلەنگەن بارلىق ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىسلام مۇقەددەس قانۇن ئىدارىگەرچىلىكى ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى تەشەببۇس قىلىپ، ھەقىقىي قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇننىڭ مۇقەددەس نۇپۇزىنى تۇرغۇزۇش شەرت، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدلىيە تەرتىپى ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ئۆزى ئادىل، شەخسىيەتسىز بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى،  قانۇننىڭ ئەمەلى گەۋدىسىنى مۇكەممەللىككە يۈزلەندۈرۈش شۇنداقلا بىر خىل سۈرلۈك، سالماق، بىتەرەپ ئورۇندا تۇتۇش كېرەك. «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى بولسا ھەر بىر شەخسنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقى ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقى قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىغا ئېرىشەلىشىدۇر. كىشىلىك ھۇقۇق ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقنىڭ ئۇقۇمى ۋە دائىرىسى بولسا باشقا بىر مەسىلە.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، سىنىپ تۇرغۇزغان قانۇن، ئىمتىيازلىق بىيۇروكرات قاتلام تۇرغۇزغان قانۇن، يەنى مەنپەئەتدار گوروھ تۇرغۇزغان قانۇن، پارلامېنت تۇرغۇزغان قانۇن، سىياسىي پارتىيە تۇرغۇزغان قانۇن، شەخس تۇرغۇزغان قانۇن ھەتتا پۇقرالار ئاۋاز بېرىپ تۇرغۇزغان قانۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى كۆز قارىشىغا ئېسىلىۋېلىشتىن، قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجراسىنى كۆزىتىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا مەلۇم مەنپەئەت يۈزلىنىشى ۋە قىممەت يۈنىلىشىنى تاللاپ قۇيۇشتىن ساقلانمىقى تەس، ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇننىڭ مۇكەممەللىكى، ئادىللىقى، ئىززەت-ئابرويى ۋە نۇپۇزىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.  پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، قانۇننىڭ ھەقىقىي ئابرويى ئەزەلدىن ھۇقۇق كۈچى، زورلۇق كۈچ ۋە تەشكىللەش تېخنىكىلىق ۋاستىلىرىغا تايىنىپ تۇرغۇزۇلغان ئەمەس، داھىيلارنىڭ سېھرىي كۈچى، پاك ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە خەلقنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا تايىنىپ ساقلانغانمۇ ئەمەس. پەقەت ئىچكى ئېتىقادنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،  قانۇننى مۇقەددەس ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئېتىقادنى قانۇنلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئېتىقادلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئىلاھىي قانۇننىڭ نۇپۇزىنى ھەقىقىي تۇرغۇزغىلىى، مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققىلى، ئەڭ ئاخىردا، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»تىن ئىبارەت قانۇن ئىدارە قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، مۇبادا قانۇننى مۇقەددەس ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلمىسە، ھەقىقىي قانۇن ئىدارىگەرچىلىكىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. دىيندىن خالى قانۇننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئادەتتە پەقەتلا ھۆكۈمرانلىق قۇرالى، يا ھۆكۈمراننى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدۇ، يا ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدۇ، تۇلا ھالدا پەقەتلا ھۇقۇقسىز، كۈچسىز ئاشۇ كىشىلەرنىلا چەكلەيدۇ، بۇنداق «قانۇن-تۈزۈم» مەڭگۈ ھەقىقىي قانۇن ئىدارىگەرچىلىكىگە ئايلىنالمايدۇ. زوراۋانلىق، سىياسىي تاكتىكا، جامائەت پىكرى، دەۋر ۋە رەزىل سۈيقەستلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم يۇشۇرۇشقا ئامالسىز. ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تارىخى كۆرسەتتىكى، دىيندىن خالى قانۇن ۋە ئىمتىياز سىياسىيسى ئۆزئارا تۇقۇنۇشمايلا قالماستىن، بەلكى بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ، ئۆزئارا سەۋەب-نەتىجىلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق  بولغانىكەن، ئۇنداقتا، دىيندىن خالى قانۇن-تۈزۈمدىن «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نى ئىزدىمەكچى بولۇش پەقەتلا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىگەنلىك، كۆتەك تۈۋىدە تۇشقان كۈتكەنلىك ۋە ساراڭلارچە جۆيلىگەنلىك، خالاس.

كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت نىشانىغا ھەقىقىي رەۋىشتە يىتىش ئۈچۈن، ئالدىن بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن ساپ ئېتىقادلاشقان بىر جەمئىيەت ئەمەلى گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈر. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى «قانۇن-تۈزۈم»، «پاك سىياسەت» ۋە «كىشىلىك ھۇقۇق»نىڭ ئاددى بىرىكىشىگە تەڭ ئەمەس، بەلكى شەخسىي ئېتىقاد، شەخسىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئىناۋەتتىن تارتىپ، قانۇننىڭ ئەمەلى گەۋدىسى، تۈزۈمنىڭ رامكىسى، ئەدلىيەنىڭ تەرتىپىگىچە، يەنە سىياسىي مۇقىملىق، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلىشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، دېموكراتىيە مىخانىزىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىستېما خارەكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۈبھىسىزكى، دىينىي ئېتىقادنىڭ سىياسەت ۋە قانۇن جەھەتتە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق دەرىجىسى ۋە ئاساسىي ئېقىم ئېتىقادنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدىكى ئۇمۇملىشىش نىسبىتىگە باغلىق.

ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىنساننىڭ ماھىيىتى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئەۋەتكەن بىر قاتار پەيغەمبەرۋە ئەلچىلەر ئاللاھنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى كونا ئىللەتلەرنى يەڭگەندىن سىرت، ئادەتتىكى مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم يۈز پىرسەنتلىك چىنلىقنى كۈتمەسلىك كېرەك، ھەم يۈز پىرسەنتلىك ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى كۈتمەسلىك كېرەك. خۇددى دېموكراتىيەگە ئوخشاش، ئاساسىي  قانۇنلۇق سىياسەتمۇ مەڭگۈ پەقەتلا بىر دەرىجە مەسىلىسى، مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئاداققى نىشان ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»مۇ پەقەتلا بىر دەرىجە مەسىلىسى، مەڭگۈ چېكىگە يەتمەيدۇ.

(7) ئىقتىساد باراۋەرلىكى. ئىسلامنىڭ ئىقتىسادىي باراۋەرلىكى پەقەت «ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە تېگىشلىكىگە ئېرىشىش»تىن ئىبارەت ئادىل تەقسىمات پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل مۆتىدىل، كۆيۈمچان مۇرەسسە يولىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر جەھەتتىن، ئىسلام چەكلىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، ئەركىن بازار ۋە ئادىل  رىقابەتنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە قانۇنىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئەمگىكى، ئەقىل-پاراسىتى، ئادىللىقى ۋە سەمىمىلىكىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ھەم مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق، «داش قازان تامىقى»، ھۇرۇنلۇق ئىدىيسى، ئىشلىمەي چىشلەشكە قارشى تۇرىدۇ، ھەم ھاياسىزلىق، راھىبلىق، دەرۋىشلىك ۋە زاھىدلارچە تۇرمۇش شەكلىگە قارشى تۇرىدۇ. «ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى ئىزدىسەڭلار، سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر.» (198 :2) «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلار ۋە ئېسىل تائاملاردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئۇلارنى كىم تۇسۇيالايدۇ؟» (32 :7) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «ئەڭ ياخشى تۇرمۇش، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ كەچۈرگەن تۇرمۇش.»

يەنە بىر  جەھەتتىن،  ئىسلام بارچە بايلىق كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ، مال-دۇنيا بىلەن بالا-چاقا كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن پەقەتلا بىرخىل خىيالىي زىبۇ-زىننەت ۋە ئىمتىھان، دەپ قارايدۇ. بايلىق ماھىيەتتە پەقەتلا ۋاستە، غايە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇدۇنيادىكى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىگە قارىتا ھېچقانداق چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئىسلام شەھۋەتپەرەسلىك، چېكىدىن ئاشقان راھەتپەرەسلىك، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، بازار مونوپوللۇقى، بېسىمدارلىق، ھەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق ۋە ئىنساپسىزلىققا قارشى تۇرىدۇ. «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىسى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر.» (7 :63) «ئاياللار، ئۇغۇللار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار دۇنيا تېرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك).» (14 :3)

ئىسلامنىڭ مۇرەسسە يولى پەقەت  ئېستىمال كۆز قارىشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، تەقسىمات كۆز قارىشىدا ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش، ئىسلامنىڭ ئىقتىسادىي باراۋەرلىكى پەقەت ئادىل رىقابەتتە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئادىل تەقسىماتتا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام مۇتلەق، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكتىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا، بايلىق ئۈچۈن ئىنساپسىزلىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، تۇلۇقلىما ۋە ياردەمچى خارەكتېرلىق تەدبىر ھېسابلىنىدىغان مۇۋاپىق ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ تەركىبى ئارقىلىق خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەڭشەشنى، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، تەقسىملىنىشى ۋە ئېستىمال قىلىنىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى، باي-نامراتلىق پەرقى، ئىككى قۇتۇپلىشىش ۋە سىنىپىي قارمۇ-قارشىلىقنى تۇسۇشنى، ھەم بۇنىڭغا تايىنىپ ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەزىللىكنىڭ قىپيالىڭاچ، ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق، ھەددىدىن زىيادە ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك دەرىجىدە ئاشكارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام گەرچە نۇقۇل ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا زىيادە ئارلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما، مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە قەدىمدىن تارتىپلا ئورتاق ۋە ئاممىۋىي ئىگىلىك سىياسىتى بار، مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مال-مۈلۈك ۋە تەئەللۇقاتلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشى، ئۆتكەن سۇلالىلەر ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان دۆلەت خەزىنىلىرى، ئورتاق ئىگىدارچىلىقتىكى مال-مۈلۈكلەر، ئاممىۋىي تەئەللۇقاتلار ۋە مۇناسىپ مالىيە، باج تۈزۈملىرى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت، قانۇننىڭ بازارغا مۇۋاپىق ئارلىشىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىنىڭ بارىچە خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقى بىلەن جامائەت مەنپەئەتى، جەمئىيەت ئادىللىقى تەڭشەيدۇ. «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن شەھەرلەر ئاھالىسى (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى)نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا، يېتىملەرگە، كەمبەغەللەرگە، مۇساپىرلارغا خاس قىلدى.» (7 :59) «ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.» (195 :2)

بىر مىڭ تۆت يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، ئىسلام قانۇن شەكلى بىلەن ئۇمۇمەن شەرتى  توشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئېشىنجا مال-مۈلكىدىن، ئەسلى ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان بىر قىسمىنى نامراتلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقىرىشىنى ئېنىق قىلىپ بەلگۈلىگەن. بىرىنجىدىن، ئىسلام پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن كونكېرت مىقدارلاشقان ـــ بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگۈلەنگەن سومما، بەلگۈلەنگەن ئادەم ئۆلچىمىنى بىكىتىپلا قالماستىن، بەلكى زاكات ئېلىنىدىغان تۈرلەر ۋە بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ تۈرلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىنجىدىن، دۆلەت باج يىغىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بەلگۈلەنمىگەن ۋاقىت، بەلگۈلەنمىگەن مىقداردىكى خالىغانچە، ئىختىيارىي سەدىقەلەرمۇ ئىمان، ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، قوللىشىغا ئېرىشكەن. «ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تىلەمچىلەرنىڭ ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى بار.» (19 :51) «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (60 :9)

ئۈچىنجىدىن، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، ئىسلام يۇشۇرۇن سەدىقە ۋە ئۈن-تىنسىز ياخشىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جار سېلىشقا، سەدىقە قۇبۇل قىلغۇچىغا كۆز-كۆز قىلىشقا،باشقىلارنىڭ كىشىلىك قەدر-قىممىتىنى خورلاشقا ۋە نام-ئابروي قوغلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە، (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنىسەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» (92 :3) «ئى مۇئمىنلەر! پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق (پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە تۇپا-چاڭ قۇنۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» (264 :2) «سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر.» (271 :2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «قىيامەت كۈنى سايىدىغۇدەك سايە يوق چاغدا، يەتتە تۈرلۈك كىشى ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدا بولىدۇ: ……چىن نىيەت بىلەن سەدىقە قىلىپ، ئوڭ قۇلى بەرگەن سەدىقىنى سول قۇلى بىلمەيدىغان كىشى.»

بىز كۆرۈۋاتقان مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن تۈزۈم شۇكى: ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نەسەبى، بايلىقى ۋە ئىمتىيازى تۈپەيلىدىن ئېسىلزادە بولىدۇ؛ ئوتتۇرا مۈلۈكدارلار (ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە) ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، بىلىمى ۋە ئېسىلزادىلەرنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ھوزۇر سۈرىدۇ؛ تۈۋەن قاتلام ئامما بولسا ھېچنېمىسى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن نامراتلىق، نادانلىق، بىلىمسىزلىك ۋە خارلىققا مەھكۇم بولىدۇ. كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، گەرچە ئىقتىسادىي شىلىۋېلىشنىڭ ئۇدۇل ۋاستىسى ئىقتىسادىي مىخانىزمغا تايانسىمۇ، ئەمما، نامراتلىق، نادانلىق، قالاقلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ مەنبەسى سىياسىي  مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك، رەزىللىك، ئىجتىمائىي قاراڭغۇلۇق، پەسكەشلىك، ئىپلاسلىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىنىڭ يۇقۇلۇشى ۋە ۋىجدانىنىڭ يۇقۇلۇشىدا. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر دۆلەت سىياسىيسىنىڭ دانالىشىشى، جەمئىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، خەلقىنىڭ ئېتىقادىي، ئەخلاقىي ۋە مەنىۋىي سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى ھەر دائىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئادىل تەقسىمات ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشقان ۋە تار مەھكىمىچى بىر جەمئىيەتتە، مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى سىياسىي باراۋەرسىزلىكنى پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى ئەكسىچە بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى تەس بولغان يەردە، مال-مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە ئىززەت-ئابروي ھۇقۇقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرسىزلىك نەق بايلىق تەقسىماتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ يەردە، ھۇقۇق بارچە بايلىققا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە  ۋاستىسى، بايلىقنى نۇپۇز بۇيىچە تەقسىملەش باراۋەرسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلىي مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئەكسىچە، پۇل-مالنىڭ باراۋەرسىزلىكىمۇ سىياسىي ھۇقۇق ۋە كۈچنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى كۈچەيتتى ۋە پۇختىلىدى، ھەمدە ئىنسانىيەت باراۋەرسىزلىكى ۋە قۇللۇقىنىڭ بىر خىل ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە مەدەنىي ئورتاق جىنايىتىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈردى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئىسلام ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن ۋاقىتتا، پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا، سىياسىي باراۋەرلىك بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەتكە ھەرگىز سەل قارىمايدۇ؛ پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا.

بايلىقنىڭ باراۋەرسىز تەقسىم قىلىنىشى ھەمىشە بىر قىسىم كىشىلەرنى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان تېخىمۇ قىممىتى بار كىشىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغىلى قويمايدۇ؛ تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، ئۇلار يەنە بىر  خىل  قىممىتى بار كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى. بايلىق تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولماسلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى باراۋەر تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئامالسىز قالدۇرغاندا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ بۇ تۈپەيلى نەس باسىدۇ. چۈنكى بۇ خىل رەزىل رىقابەت مۇھىتىدا، بىر ئادەمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆرلەش-ئۆرلىيەلمەسلىكى ياكى مەلۇم ئىلگىرلەش-ئىلگىرلىيەلمەسلىكى، زور دەرىجىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ كېرىمىنىڭ ئاز-كۆپلىكى، ھۇقۇق-كۈچىنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئۆز تالانتى، ئىرادىسى ۋە تېرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس. ــــــــ ئەمما، بۇ خىل تاللىغىلى بولمايدىغان ئارقا كۆرۈنۈش شەخسنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامان بىر ئادەمنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئەركىن تاللاش-تاللىيالماسلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ئالدىنقى شەرتتۇر.

بىراق، ئەمەلىيەتمۇ ئوخشاشلا ئىسپاتلىدىكى، مۇقىم، ئۆزگەرمەس ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى يول تۇتقانلىق ۋەجىدىن، بايلىق تەقسىماتىدىكى «داش قازان تامىقى» ۋە مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق يا تۇلۇق ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، يا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئەسقاتمايدۇ. چۈنكى ھېچكىم باشقىلاردىن ئەۋزەل بولالمايدىغان، ھېچكىم ئالاھىدە شان-شەرەپ، ئىپتىخار ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدىغان، ھېچكىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغان، ھەممە ئادەم ئوپمۇ-ئوخشاش، قىلچە پەرقسىز بولغان مۇتلەق تەكشى ۋە ھەددىدىن زىيادە باراۋەر بىر جەمئىيەت كىشىلەرنى سەۋر-تاقەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى ئۆزى ھالاك  قىلىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق پەرق يوق جەمئىيەت دەل يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەشكەنلىكتىن، يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ كونتېرول قىلغانلىقتىن، يۈكسەك دەرىجىدە غەيرىي ئىنسانىيلاشقانلىقتىن ۋە زۆرۈر ئىلھام ۋە ئىجادكارلىقنىڭ زىيادە كەمچىللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈنلەي قاششاقلىقتىن، تۈگەل قاتماللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە پۇقرالار ھۇقۇق-مەنپەئەت ۋە مال-مۈلۈك تەقسىماتى جەھەتتە قانچە باراۋەر بولغانسېرى، دۆلەت شۇنچە تېنىچ بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، چېكىدىن ئاشقان تەڭ تەقسىماتچىلىققا مايىل ئاتالمىش «باراۋەرلىك» (ھەممە ئادەم ئوپ-ئوخشاش بولۇش) ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي باراۋەرلىك (ئىجتىمائىي ئادىللىق)نى كېمەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى شەخسلەر ئۇمۇميۈزلۈك پەرقلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، نەتىجىنىڭ «باراۋەرلىكى» «ئادىللىق» بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايدۇ.

(8) ئەر-ئايال باراۋەرلىكى. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، ئىسلامنىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىك كۆز قارىشىغا نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەردە ناھايىتى چوڭقۇر گۇمان ۋە خاتا چۈشەنچە بار.  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر جەھەتتىن، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ ھەقىقىي روھىنى تېخىچە چوڭقۇر چۈشەنگىنى يوق، يەنە بىر جەھەتتىن، ئىبتىدائىي ئەقىدىينىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە ساپلىقىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دەھرىي كۆز قاراشلارنى ھازىرقى ئارلاشما «ئەقىدە» ئىچىدىن قانداق چىقىرىپ تاشلاشنى  ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ باققىنى يوق.

بىرىنچىدىن، ئىسلامنىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىك كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇرۇن، باشقا مەدەنىي جەمئىيەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ئورنىغا ئالاقىدار تارىخ ۋە ھازىرقى ئەھۋالنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گۇيا پۈتۈن دۇنيا تارىخى ۋە رېئاللىقى بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەندەك قىلىدۇ، يەنى ئاياللار ئۇمۇمەن ئەرلەرنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەبتىن مەلۇم دەرىجىدە ئەرلەرنىڭ بېقىندى بۇيۇمى ھەتتا مال-مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان، ھەمدە دائىم ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتنىڭ بىر چېتىدە ياكى تۈۋەن قاتلىمىدا تۇرىدۇ، ياشانغالار، بالىلار، نامراتلار ۋە ھۇقۇقسىز، كۈچسىزلەر بىلەن ئورتاق بىر قاتلام ۋە بىر توپقا مەنسۇپ.

ئالدى بىلەن غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى، مۇبادا مەدەنىيەتنىڭ غەربتە بارلىققا كېلىشى نىسبەتەن كېيىنكى ئىش دېيىلسە، ئۇنداقتا، ياۋايىلىق غەربتە تېخىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان بولىدۇ. گەرچە قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى رىمدا ئايال ئىلاھەلەر كەڭ ئۇمۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما، رېئال تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ئورنى دەل ئەكسىچە بولدى. قەدىمكى يۇناندا، ئاياللار ھەمىشە ئېلىپ- سېتىشقا بولىدىغان مال ياكى شەھۋەتنى قاندۇرىدىغان قۇرال ۋە تۇغۇت ماشىنىسى، چۈنكى ئۇلار شەيتاندىن كەلگەن مەينەت نەرسە؛ قەدىمكى رىمدا بولسا، ئاياللار ۋىجدان ۋە روھى بولمىغان مەينەت نەرسە، ئادەمنىڭ روھىنى چېرىتىدۇ، چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ شۇنداقلا ئادەمنى گۇناھ ۋە شەيتان تەرەپكە باشلايدۇ، دەپ قارىلاتتى. ئۇلار بۇ سەۋەبلىك پۈتۈنلەي «پۇقرالار»نىڭ سېرتىغا چىقىرىۋېتىلەتتى، تەبىئىيلا ھېچقانداق ئىجتىمائىي ھەق-ھۇقۇقى ۋە سىياسىيغا ئارلىشىش ھەققى يوق ئىدى.

قەدىمكى ئىبرانىيلار ئاياللار دۇزاخنىڭ ئىشىكى، بارچە يامانلىقنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايتتى. «تەۋرات» خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشمەكچى بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. «بىلىشىمچە، بەزى ئاياللار ئۆلۈمدىنمۇ ئازاپلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى تور، قوللىرى زەنجىر. خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۇلاردىن يىراق تۇرمىقى لازىم؛ گۇناھكار كىشىلەرگە ئۇلار قەستەن چاپلىشىۋالىدۇ. پىشىۋالار ئېيتقانكى: ‹قارا! مىڭ ئەر ئىچىدىن بىر دانە دۇرۇس كىشىنى تاپتىم؛ ئەمما، بارلىق ئاياللار ئىچىدىن بىرنىمۇ تاپالمىدىم.›» («مۇقەددەس كىتاب. كونا ئەھدە. دىين تارقىتىش قىسمى» 28-26 :7)

يەھۇدىلار « ئاياللار تۈپەيلىدىن گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىمىز، ئاياللار تۈپەيلىدىن ھەممىمىز ئۆلىدىغانلىقىمىز»غا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. نىكاھ ئىپپەت قارىشى ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش تەشەببۇسكارلىق ھۇقۇقى جەھەتتە ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خار كۆرىدىغان قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ. ھازىرقى ئىسرائىلىيەدە، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندىلا، ئاندىن «ئەر-ئايال باراۋەرلىك ھۇقۇقى قانۇنى» ئاياللارغا مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە پەرزەنتلەرگە قاراش جەھەتلەردىكى باراۋەرلىك ئورنىنى بەردى، ئەمما، ئەمگەك ساھەسىدە، جىنسىي كەمسىتىشتىن تېخىچە تەلتۈكۈس قۇتۇلغىنى يوق.

زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئازاتلىق دەۋرى ئەمەس. خرىستىئان دىينىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئېرەم باغدىكى گۇناھى ئۇنىڭ ئايالى ھاۋانىڭ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئالدىن بىلەن چەكلەنگەن مېۋىنى يىگەنلىكى، ئارقىدىن ئادەمنىمۇ گۇناھكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭلاشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باش جىنايەتچى دەل ئايال زاتى. «ئايال ئۈن-تىنسىز تەلىم ئالمىقى، پەقەت ئىتائەت قىلىشنىلا بىلمىكى لازىم، مەن ئاياللارنىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويمايمەن، ئەرلەرنى باشقۇرۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايمەن، ئۇلار پەقەتلا سۈكۈت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئادەم ئاۋۋال يارىتىلدى، ئاندىن ھاۋا يارىتىلدى، ئەمما، ئادەم ئازدۇرۇلمىدى، بەلكى ھاۋا ئازدۇرۇلۇپ، گۇناھقا پاتتى.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە» 14-11 :2)

دەسلەپكى خرىستىئان دىينى جەمئىيىتى بىر خىل ئاياللاردىن يىراق، تەنھا، غەم-غۇسسىدىن خالى ئىبادەتكار تۇرمۇش شەكلىنى مەدھىيىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دىينى جەمئىيەت مۇناخلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە چەكلەشنى كۈنسېرى كۈچەيتتى. پاھىشىلەر بولسا، شەك-شۈبھىسىزكى، ئىلاھىيەتشۇناسلار ئېيتقاندەك، «ئوردا ئىچىدىكى ئەۋرەز يولىغا ئوخشاش» بولۇپ، پەقەت يۇندا ئاققۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە، خرىستىئان دىينى ئەرلەرنىڭ ھۇقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن دەيدىغان نوقتىئىنەزەرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن: «سىلەر ئاياللارنىڭ ئىشىنى قىلىڭلار، خۇددى پەرۋەردىگارىڭلارغا بويسۇنغاندەك، ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار، چۈنكى ئەر ئايالنىڭ بېشى، خۇددى خرىستوس چىركاۋنىڭ بېشى، چىركاۋدىكى ھەممىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغىنىغا ئوخشاش. چىركاۋ خرىستوسقا قانداق بويسۇنسا، ئايالمۇ ئېرىگە شۇنداق بويسۇنۇشى كېرەك.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە» 24-22 :5)

خرىستىئان دىينى يەنە بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن بولمىسىلا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا يول يوق، دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-ئاياللارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىنى مەنئى قىلىدۇ. «تالاق قىلىنغانلىكى ئايال گەرچە پاھىشىۋازلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، پاھىشە بولىدۇ، تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشى پاھىشىۋازلىق قىلغان بولىدۇ.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە. مەتتا ئىنجىلى» 31 :5)

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دىينىي ئىسلاھاتچىلار بۇ خىل چىرىك ئىدىيەلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى دېگۈدەك خالاپ كەتمىدى، شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ تېرىشچانلىقى ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھېچقانچە پايدىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىمىدى. بىر قىسىم دىينىي ئىسلاھاتچىلارنىڭ نەزىرىدە، نىكاھ پەقەتلا «پەرۋەردىگار تىزگىنسىزلىك پەيدا قىلغان يارا ئېغىزىنى تېڭىپ قويغان داكا» بولۇپ، ئىلاجسىز ئەھۋالغا مەنسۇپ ئىدى.

گەرچە يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان جانلانغان ھەر تۈرلۈك ئاياللار ھۇقۇقى ھەركەتلىرى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئەقىل ۋە روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەس-مۇنازىرە قىلغان، ھەمدە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھەق-ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ؛ بىراق، تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندىلا، ئاندىن بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى، مەسىلەن: گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيەلەر ئاياللارنىڭ ئۇمۇمىي سايلام ھۇقۇقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراپ قىلدى. بىر قىسىم  غەرب دۆلەتلىرى، مەسىلەن: شىۋېتسارىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىقلار تېخى يىگىرمە-ئوتتۇز يىل ئالدىدا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېچىكىپ ئېتىراپ قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرلىك جەھەتتە، غەرب جەمئىيىتىگە قارغۇلارچە چۇقۇنماسلىق كېرەك، ئۇلار ماڭغان يول ئەسلا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.

شەرق جەمئىيىتىگە كەلسەك، ئۇلار غەرب جەمئىيىتىگە قارىغاندا تۇلىمۇ ئۇزاق «مەدەنىيەت تارىخى»غا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بورۇنلا ئاياللارنى غەيرىي ئىنسانىي تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈشكە باشلىغان، ھەمدە قۇيۇق مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ۋە كۈچلۈك ئىرسىيەت ئىنېرتسىيىسى(ئادىتى، ئۇدۇمى) تۈپەيلىدىن، قان بىلەن كىرىپ، جان بىلەن چىقىدىغان  خۇيغا ئايلانغان. قەدىمقى بابىلۇننىڭ مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇن توپلىمى»دا، ئەر خۇددى پۇل چىقىرىپ دېدەك سېتىۋالغانغا ئوخشاش، ئايالىنى قېيناتىسىنىڭ قۇلىدىن سېتىۋالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئەر ئايالنىڭ خۇجايىنى ۋە تۇلۇق ھۇقۇقلۇق ئىگىدارى بولۇپ، ئايالنىڭ جىسمانىيىتىگە قارىتا چەكسىز ھۇقۇققا ئىگە ئىدى. ئايال ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئېرى تەرىپىدىن دەرياغا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۋېتىلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەر كۆپ قەرزگە بوغۇلغاندا، ئايالىنى قەرزگە ھېسابلاپ بەرسە بولاتتى.

قەدىمقى ھىندىستاننىڭ «مانۇ قانۇن توپلىمى»دا، ئاياللار، بالىلار، قۇللاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل توپنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقى يوق، ئۇلار ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىلىرىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قەدىمقى ھىندى دىينىدا، ئايال زاتى بولۇپ تۇغۇلۇش پەقەتلا شۇملۇقنىڭ نەتىجىسى ئىدى، سالاھىيەت نامى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئاياللار بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبچىسى ـــ ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئەرلىرىنىڭ بېشىغا چىققان، شۇڭلاشقا، ئەرنىڭ مىجەز-خۇلقى ناچار بولغان تەقدىردىمۇ، ئايال يەنىلا ئۇنىڭغا سادىق بولۇشى، ئۇنى ھۆرمەتلىشى، ھەمدە بىجانىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى لازىم ئىدى. ئۇلار ئەرلىرىنى خۇدا بىلىپ چۇقۇنمىقى لازىم ئىدى، ئەرلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ياتلىق بولۇشقا بولمايتتى، بەلكى ئەرلىرىنىڭ سائادەت بىلەن قايتا تۆرىلىشىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر خىل راھىبلارچە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى شەرت ئىدى؛ بولمىسا، بۇدۇنيادا رەسۋاچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇدۇنيادا چىلبۆرىگە ئايلىنىپ قېلىشى چۇقۇم ئىدى. ئەر ئايالنى تاشلىۋەتسە بولاتتى، ئەمما، ئايال ئەكسىچە يول تۇتسا بولمايتتى. يۇقۇرى قاتلام سىنىپ بىر ئەر-كۆپ خۇتۇنلۇق تۈزۈمى ۋە سالاھىيەت دەرىجە نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. ئەل ئارىسىدا بولسا نىكاھقا چات كېرىۋالىدىغان ۋە تۇل خۇتۇنلار ئەرلىرىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۋالىدىغان ئادەت كەڭ ئۇمۇملاشقانىدى.

بۇددا دىينى ئادەتتە ئاياللارنى راھىبلارنىڭ مۇكەممەللىككە يىتىش يولىدىكى تۇسالغۇ، تۇسالغۇنى يۇقۇتۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى بولسا دۇنيادىن كۆڭۈل سوغۇتۇش ھەمدە بىرخىل پەرھىزكار ھايات كەچۈرۈش، دەپ قارايدۇ. گەرچە تانترىزمنىڭ ئەر-ئايالنىڭ تەڭ ئىستىقامەت قىلىشىنى ۋە ئىككى جىنىس، ئىككى تەننىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى قوغلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئەمما، ماھىيەتتە، ئايال پەقەت ئەرنىڭ مەنىۋىي يۈكسىلىشكە ئېرىشىشتىكى قۇرالى، دەپ قارىلىدۇ.

جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللارنى كەمسىتىش، خۇرلاش جەھەتتە تېخىمۇ ئۇزاق تارىخىي ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، باشقا مەدەنىيەتلەردىن بەكرەك تەرەققىي، مۇكەممەل نەزىرىيە سىستېمىسىنىڭ قوللىشى بار ئىدى. يىراق قەدىمقى دەۋرلەردىن شۇنىسى ئايانكى، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار، دەيدىغان نەزىرىيىۋىي سەپسەتە تەدرىجىي سىستېمىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ھەمدە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئورۇقداشلىق(پاترىئارخاللىق) تۈزۈمى بىلەن زىچ بىرىكىپ، بىر خىل يىمىرىلمەس تارىخىي ئاسارەتكە ئايلاندى. كۇڭزى ئىلگىرىلا مۇنداق دېگەنىدى: «ئاياللار بىلەن تېگى پەس كىشىلەرنى باقماق تەس، ئۇلارغا يېقىنلاشساڭ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، ئۇلاردىن يىراقلاشساڭ ئۆچ كۆرگەنلىك بولىدۇ.» («مۇھاكىمە ۋە بايان. ياڭخو») يېغىلىق دەۋرىدە «ئۈچ ئىتائەت، تۆت پەزىلەت» كەڭ تارقالغان. «ئۈچ ئىتائەت» دېمەك، «ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاتىسىغا ئىتائەت قىلىش، ياتلىق بولدىمۇ ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندە بولسا ئوغلىغا ئىتائەت قىلىش» دېمەكتۇر («مۇراسىم . قارىلىق . زىشىيا تەزكىرىسى»)؛ «تۆت پەزىلەت» دېگىنى بولسا، «ئاياللارنىڭ ئەدەب-ئەخلاقى، گەپ-سۆزى، سەۋر-تاقىتى، ئەجىر-تۆھپىسى»نى كۆرسىتىدۇ (جۇ يىلنامىسى . ساماۋىي ئوردا . توققۇز بانۇ».  خەن دەۋرىگە كەلگەندە، ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بىر پۈتۈن سىياسىي سىستېمىنى تىرەپ تۇرغان ئىدىئولوگىيە ــ «ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكام» ئىچىگە قۇيۇلدى ھەمدە ئەخلاق سەۋىيىسىدىن ھالقىپ، سىياسىي ۋە قانۇنىي مەناغا ئىگە ئىجتىمائىي ئەقىدىگە ئايلاندى. «ئۈچ ئەركان» دېمەك «پۇقرانىڭ پادىشاھقا، ئوغۇلنىڭ ئاتىغا، خوتۇننىڭ ئەرگە بويسۇنۇشى»نى كۆرسىتىدۇ.   دوڭجۇڭ شۇنىڭ مەنپىي-مۇسبەت تەلىماتىدا، «ئەر مۇسبەت، ئايال مەنپىي» («ئەمىنىيە فەنلۇ . جىيى»)، «مۇسبەت ئەزىز، مەنپىي خار» (ئەمىنىيە فەنلۇ. مۇسبەت ئەزىز، مەنپىي خار»)، دەپ قارىلىدۇ. گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىدە، ئۇمۇمەن «قۇرئان» بىلەن ئوخشاش بىر دەۋردىكى مەشھۇر ئەسەر «تاڭ سۇلالىسى قانۇنى . پۇقرالار ۋە نىكاھ قانۇنى»دا، نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى، دەرىجە بۇيىچە نىكاھلىنىش، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلاش قاتارلىق مەدەنىي بەلگىلىمىلەر بار ئىدى. ھەتتا مىڭ-چىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى ئەڭ تۈۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىپ، ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار، تۇل خوتۇنلار پاكلىقىنى ساقلاپ، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بىر ئۆمۈر قايتا ياتلىق بولماسلىق قارىشى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىكى نىكاھ تۈزۈمىدىن قارىغاندا، خان جەمەتى چەكلىمىسىز خانىش ــ بانۇلار تۈزۈمىنى يولغا قويغان، شۇ ۋەجىدىن ئەيش-ئىشرەتكە بىرىلىپ، ئوردا ئىشلىرى تاشلىنىپ قالغان. ئاق سۆڭەكلەر ۋە بايلار تەبىقىسى كۆپ جورىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، يەنە جىنسىي قىلمىش جەھەتتە، ئەر تەرەپ يەكتا ھالدا نىكاھ سىرتىدىن غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق سودىلىشىش، تۇلۇقلاش ۋە قانائەتلىنىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىدى. ئاددىي پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە يارىشا، سانى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بىر ئەر  بىر خوتۇنلۇق تۇقال ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ خىل ئەھۋال تاكى 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچىلىك داۋاملاشتى. گەرچە جۇڭگونىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي قاتتىق مەنىدىكى ئەر-ئايال بارارەرلىكى، نىىكاھ ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش ۋە ئاياللارغا مال-مۈلۈك ھۇقۇقى، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھۇقۇقى، ئۇمۇمىي سايلام ھۇقۇقى بىرىش پەقەتلا يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى ئىش. تېخى بۈگۈنگىچە، ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ھەقىقىي ئۇمۇميۈلۈك ئەمەلىيلەشكىنى يوق. ئەۋلادلارنىڭ جىنسىنى تاللاشتا، يەنىلا ئۇغۇللارغا ئېغىش مەۋجۇت، ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ۋە ئىپتىدائىي دىين پەقەت ئەرلەرلا نەسىل قالدۇرۇپ، مۇئەييەن فامىلە ئۇرۇقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ مۇھىمى، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئۇرۇق-جەمەتنىڭ نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغا قارىتا مونوپۇللۇق ھۇقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكلىكى،  ئۆلۈپ كەتكەن ئەجداادلارنىڭ روھىغا قارىتا بېقىش ھۇقۇقىنىڭ ئەۋزەللىكلىكى ۋە ئۇ ئالەمدىكى شاپائەت قىلىش ھۇقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىگە قارغۇلارچە ئىشىنىدۇ. يېزا-قىشلاقلاردا ئەرلەرنى ئەزىزلەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، ئەرلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىگە بولغان ئىھتىياج ۋە ئايال ئەر تەرەپكە ياتلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي نىكاھ تۈزۈمى ئېلىپ كەلگەن تۇلۇقلىما خارەكتىرلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىشىدۇر.

ئەسكەرتىش:
مەنبە: مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرىپىدىن يېزىلىپ، شىياڭگاڭ تۇلپار (天马) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سىياسەتچىلىكى» (伊斯兰政治学) ناملىق كىتاب
بۇ ئەسەر مەزكۇر كىتابنىڭ 5- بابى بولۇپ، ئەسلىي نامى: «بەشىىنچى باب: باراۋەرلىك توغرىسىدا» (第六章:论平等) ئىدى. ئايرىم ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسلام ۋە باراۋەرلىك» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*