ئىسلام ۋە باراۋەرلىك(1)

ئاپتورى: مۇھەممەد يۇنۇس

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئاتاۋۇللا| ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. (13 :49)

دۇنيادا پەقەت ئادەم ئەلەيھىسسالاملا بار ۋاقىتتا «باراۋەرلىك» مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بۇ مەسىلە ئىسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلدى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن تەڭ قېرىدى. باراۋەرلىك تېخى بىر غايە پېتى تۇرغان ۋاقىتتا باراۋەرسىزلىك ئاللىقاچان رېئاللىققا ئايلانغانىدى. ئەگەر بىز بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش تارىخى دەپ ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە قارىتا زىيادە ئۈمىدۋار ھەم زىيادە ئۈمىدسىز بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك دېگەن قارىشىمىز يوللۇق بولىدۇ. بىر جەھەتتىن بىز دائىم كۆرۈۋاتىمىزكى، قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چاپلاشقان ئىنسان تەبىئىتى ھامان ئاكتىپلىق بىلەن نۇر ئىزدەيدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مۇبادا بىز ئاشۇ ئىنسانىيەتنىڭ بەختسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەزىللىكىنى بايقىماي قالمايمىز.
ئۆتمۈشتىكى چوڭ ئىشلار ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت، ھۆكۈمەت، ھۇقۇق، قانۇن قاتارلىق دۇنياۋىي نەرسىلەر قارىماققا ئىنسانىيەتكە بەخت، باراۋەرلىك ئېلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. ناۋادا بىز مۇشۇلار مەۋجۇد بولمىغان بولسا مەۋجۇت بولمايدىغان بالا-قازانى يەنە مۇشۇلار ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولساق، ئۇنداقتا، بۇنىڭ تەشنالىقنى زەھەر بىلەن قايتۇرغاندىن، ئوت ئۆچۈرىمەن دەپ ياغ چاچقاندىن نېمە پەرقى؟ ھەرخىل ئالامەتلەر كۆرسەتتىكى، باراۋەرسىزلىك ئاللىقاچان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىر خىل جاھىل، ساقايماس كىسىلىگە ئايلاندى. شۇنداقلا ئۇزاقتىن بۇيان ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بىر خىل كىسەل ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە قالدۇرۇپ كەلدى.
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت باراۋەرسىزلىك مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىنسان ئۆزىدىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، ئىنسان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىن سىرت، ئىنسان زاتىدىن ئۈستۈن، شۇنداقلا ئىنسان خارەكتېرلىك رەزىللىكتىن ھالقىغان بىر جايدىن كۈچ-قۇدرەت ئىزدىشى لازىم. شۈبھىسىزكى، بۇ دۇنيادا ئىنسان بارچە مەۋجۇداتنىڭ روھى. ئىنسانىيەت بارچە مەۋجۇداتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. بىراق، بارچە مەۋجۇدات ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بارچە مەۋجۇداتنى ياراتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتنى ياراتقان يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممە يەردە مەۋجۇد، ھەممىگە قادىر ئىلاھ ـــ ئاللاھلا ئىنسانىيەتنى باراۋەرسىزلىكنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ. مانا بۇ لوگىكا ۋە ئەقىلگە تامامەن ئۇيغۇن چىقىرىلغان خۇلاسە.

1. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى باراۋەرسىزلىك

بىز 21- ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزدا، ئىنسانىيەت بىر يىپيىڭى ئىراغا كىردى. ياۋرۇپالىشىش، غەربلىشىش، زامانىۋىيلىشىش، دەھرىيلىشىش ئاللىبۇرۇن كونا مۇقامغا ئايلاندى. بىراق، مەسىلە يەنىلا مەۋجۈت. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلار تەلتۈكۈس گۇمران بولدى. ئەمما، يىڭى قىممەت قاراشلار ۋاقتىدا بارلىققا كېلىپ، قورقۇنۇشلۇق قىممەت قاراش بوشلۇقى(ۋاكۇئومى)نى تولدۇرالمىدى. مەنسىزلىق، بوشاڭلىق، بىشەملىك، ئەنسىزلىك، بىئاراملىق ۋە تېتىقسىزلىققا ئەگىشىپ ئۆز-ئۆزىدىن ياتلىشىش ۋە روھىي جەھەتتە كۇمپەيكۇم بولۇش مەيدانغا كەلدى. كىشىلەر بىر خىل ئۈمىدسىز سۇغۇق مۇئامىلە ۋە ئەقىلسىز قۇتراش ئىچىدە باشپاناھسىز، چۈشكۈن، نىشانسىز ھالدا تېڭىرقاپ، مۇقۇمسىزلىق، ئكزىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋە كېسەل ھالەتنى يىڭىدىغان بىر يولنى قەيەردىن تېپىشنى بىلمەيۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى باراۋەرسىزلىك، يىراق كونا دەۋردىن كەلگەن. ھەمدە يىڭى دەۋردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئۇزۇقلۇق، ھاياتى كۈچ، يېڭىچە ھاۋا ۋە ياشاش بوشلۇقى تاپتى.
كېلىپ چىقىشتىكى باراۋەرسىزلىك بىر خىل كونا باراۋەرسىزلىك بولۇپ، ھازىرمۇ يەنىلا كۈچكە ئىگە. بىر ئادەمنىڭ نەسەبى، مىللىتى، ئىرقى، تۇغۇلغان جايى، ئائىلىسىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە جەمەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى مەڭگۈ تاللىغىلى بولمايدۇ. ھەمدە ئەزەلىي پۈتۈۋېتىلگەن. ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش گەرچە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھۇقۇق ۋە كۈچتىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى، پەقەت كېلىپ چىقىش ئىمتىياز بېغىشلايدىغان جەمئىيەتتىلا شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، پەس ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش تولا چاغ ۋە تولا يەردە ھاقارەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بىر قىسىم پاكىتلار كۆرسەتتىكى، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، ئېسىل نەسەب ۋە كېلىپ چىقىش تېخىچە ئىمتىيازغا ئېرىشىشنىڭ كېرەكلىك مەنبەسى ۋە قانۇنىيلىق ئىزدەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولۇشتىن قالغىنى يوق. ھېچبولمىغاندا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ئەنئەنىسى ساقلىنىپ قالغان جەمئىيەتلەردە شۇنداق بولىدۇ. شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا بەئەينى باشقىچە بىر ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ ئۆزى. خۇددى دۆلەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى، خەلق پادىدىكى چارۋا-مېلى. شۈبھىسىزكى، كېلىپ چىقىشتىكى باراۋەرسىزلىك قىسمەن ھالدا پۇرسەتنىڭ تەكشىسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رىقابەتچىلەرنىڭ باشتىلا ئوخشاش بىر يۈگرەش سىزىقى ئۈستىدە تۇرۇشىغا ئىمكان بەرمىدى.
ئەر-ئايال باراۋەرسىزلىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەردە ئۆزلىرىنى زامانىۋىي ھېسابلايدىغان جەمئىيەتلەردىن بەكرەك ئېغىر بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، قەبىلە تۇرمۇشى بەزىدە باراۋەرلىككە تېخىمۇ مايىل بولۇشى مۇمكىن. ئەكسىچە، مەدەنىي جەمئىيەتتە جىنسىي باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنداقلا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەھۋال ئاستىدا، ئايال دائىم تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئاساسلىقى «مەدەنىي دەۋر»نىڭ مەھسۇلى، ھەرگىزمۇ قالاق دەۋرنىڭ پاتېنىتى ئەمەس.
مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى ناھايىتى ئېنىق. بىر ئادىل رىقابەتلىشىدىغان جەمئىيەتتە، مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى بەلكىم شەخسنىڭ تېرىشچانلىقىنىڭ بىر خىل مۇناسىپ جاۋابى. بىردىنبىر تۇلۇقلاشقا تېگىشلىكى، بايلىق تەقسىماتىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىككى قۇتۇپلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەمبەغەللەرگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ياردەم قىلىش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى نامراتلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مىخانىزىمىنى ئېچىپ تاشلىغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. مەسىلەن: ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئادالەتسىزلىكى، ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ نامۇۋاپىقلىقى، تەقسىمات تۈزۈمىنىڭ ناھەقلىقى، شەخس كېلىپ چىقىشىنىڭ باراۋەرسىزلىكى. نۇقۇل ھۇرۇنلۇقتىن كېلىپ چىقققان نامراتلىق شەخسنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە روھىي، جىسمانىي مېيىپلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نامراتلىقتەك كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالمايدۇ. زور مىقداردىكى تەتقىقاتلار كۆرسەتتىكى، ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيەتتىمۇ مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى يەنىلا سىياسىي باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن.
شەخسنىڭ تەربىيە ئېلىشىنىڭ باراۋەرسىزلىكىى، دۆلەتنىڭ پۈتۈن خەلق ئارىسىدا باشلانغۇچ مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇشى بىلەن ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رىقابەت كۈچى ۋە ئىستىقبالىنى ئاساسلىقى ئالىي مائارىپ بەلگىلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەھۋال ئاستىدا، نامرات رايونلاردىكى ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بارالماي، پەقەت مۇئەييەن سەۋىيەدە تۇرۇپ قېلىشى ئۇلار تۇغۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا تۇراقلىشىپ بولغان شۇ يەرلەرنىڭ مائارىپ شارائىتىغا باغلىق. بەلكى، مۇھىمى ئاتا-ئانىسىنىڭ كېرىمى ۋە ئەجدادىنىڭ مىراسى (ئەگەر بولسا)غا باغلىق. ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ زېھنى ۋە تالانتىغا ئەمەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باراۋەرسىزلىك ھەرگىزمۇ يەككە-يەككە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە ئەمەس. بەلكى، ھالقىلىرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بىر يۈرۈش زەنجىردۇر. بۇ زەنجىر زامان ۋە ماكان جەھەتتە سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھامان شەخسنى ئالدىن لاھىيلەپ قۇيۇلغان ئورۇنغا كىرگۈزىدۇ . ناۋادا تاسادىبىيلىق يۈز بېرىپ قالمىسىلا.
گەرچە پەن – تەتقىقات ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئورتاق بىر تۈر توپىدىن كەلگەنلىكىنى، ئوخشىمىغان ئىرىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى ئاساسلىقى ئېرسىيەت ۋە سىرتقى مۇھىتقا باغلىقلىقى ھەمدە ئەزەلىي ئېسىل-پەسلىك، يۇقۇرى-تۆۋەنلىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ئەمما، رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا «مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار» ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش يەنىلا ئىرقىي(مىللىي) كەمسىتىش، ئىرقىي(مىللىي) ئېزىش، ئىرقىي(مىللىي) ئايرىمىچىلىق ھەتتا ئىرقىي(مىللىي) قۇرۇتۇشتىن لەززەتلىنىدۇ. ھەقىقەتتە، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئىرقىي باراۋەرسىزلىككە قارىغاندا، مىللىي باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ كۆپ مەنبە ۋە ئاساسقا ئىگە؛ چۈنكى ئىرقىي پەرق تاشقى رەڭدىن ئايرىلىدۇ. ئەمما مىللىي پەرق تولىمۇ مۇرەككەپ. ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ پەرقى پەقەت ئەقىدە، پىسخىكا، تىل- يېزىق، مەدەنىيەت ۋە تارىخ جەھەتلەردە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئىقتىساد، يەر، سەنئەت، يىمەك-ئىچمەك، خۇي-مىجەز، تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ. ھەتتا، ئىرقىي ۋە ئېتنىك پەرق بىلەن كېسىشىپمۇ قالىدۇ. گەرچە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق كۆپرەك مەنىۋىي مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرسىزلىكى ئاساسلىقى نۇپۇس سانى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى قاتارلىق ماددىي ئامىللارغا باغلىق.
دىننىڭ باراۋەرسىزلىكى پەقەت ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، سەرخىل شەخسلەرنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، دۇنياۋى ھۇقۇق-كۈچ مەركىزىگە يېقىنلىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمما، ئۇنىڭ ھەقىقەتكە يېقىنلىق مۇساپىسى بىلەن ئېنىق باغلىنىشلىققا ئىگە ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق دىننى تاللاپ بىر پۈتۈن ئىدىئولوگىيە ياكى مەنپەئەتلىك تولۇقلىما قىلىدۇ. مۇبادا ھۆكۈمرانلار مۇناسىپ دىننى تاپالمىسا، ئۇلار چۇقۇم دىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل سىياسىي ئەقىدە، سىياسىي ئەپسانە ياكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى، بەزىدە تېخى يېرىم ئىلاھلاشتۇرۇلغان سىياسىي شەخس ۋە شەخسكە چۇقۇنۇشنى ئۇمۇملاشتۇرىدىغان كېسەل ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىدىئولوگىيە دىنلىشىش ۋە ئەقىدىلىشىشكە قانچە مايىل بولغانسېرى ، شۇنچە قاتتىق چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ھەمدە بىر خىل يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش تەس بولغان «كېسەل ئوچىقى»غا ئايلىنىدۇ.
گەرچە ھەر خىل ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەر شەكىل جەھەتتە رەڭگارەڭ بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار ماھىيەت جەھەتتە بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
بىرىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ئىنساننىڭ پەس تەبىئەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئىككىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك بىر خىل كېسەل ۋە غەيرىي نورمال ئىجتىمائىي ھادىسە.
ئۈچىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مۇئەييەن تەبىئىي پەرق ۋە تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنى ئاساس قىلىدۇ.
تۆتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك شەخسنىڭ بايلىققا ئېرىشىش ئاساسى، ئىقتىدارى، ئۈنۈمى ۋە سېلىنمىسى بىلەن ئالاقىدار.
بەشىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مەلۇم ھەزارەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى باھالاش سىستېمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئالتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل تۈزۈملىشىش ۋە قانۇنلىشىشقا مايىللىق خاھىشى بار.
يەتتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك بىر خىل جۇغلىنىشچانلىق ۋە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، زەنجىرسىمان ئېنكاس جەريانىدا ماتېماتىكىدىكى گېئومىتېرىيلىك قاتار ياكى ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى كۆپەيتكۈچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
سەككىزىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مۇئەييەن سىياسىي كۈچنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئەتراپقا تارقىلىدۇ ۋە رادىئاتسىيە قۇيۇپ بېرىدۇ.
توققۇزىنجى، ئادەتتە، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك پەقەت بىر ئەۋلاد كىشىلەردە توختاپ قالماستىن، بەلكى يەنە ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۆتۈشۈش تولاراق يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ بولىدۇ. بەزىدە تۆۋەندىن يۇقۇرغا قاراپ ئۆتۈشۈش يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ.
ئونىنجى، زور ئىجتىمائىي بورۇلۇش، ئىجتىمائىي ھەركەت ياكى سىنىپى ئىنقىلاب يۈز بەرمىسىلا، بىر جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكى نىسبەتەن مۇقىم بىر سەۋىيەدە تۇرىدۇ.
بىر ھاكىممۇتلەق جەمئىيەتتە، زالىم پادىشاھتىن باشقا، ھەممە ئادەم باراۋەر. چۈنكى ھەممە ئادەم نۆلگە تەڭ؛ ئوخشاشلا، بىر ئەركىنلىك يامرىغان جەمئىيەتتىمۇ، ھەممە ئادەم باراۋەر. چۈنكى، ھەممە ئادەم ھەممىگە تەڭ. ئۇمۇمەن، ئىككى خىل چەكتىن ئاشقان ھالەتتە، ھەممە ئادەم ئادەم ئەمەس ـــــ خارلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق ھەر قاچان ئادەمنىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ياتلىشىشتىن كەلمەيدۇ.
قۇللۇق مەدەنىيىتى كەڭ ئۇمۇملاشقان جەمئىيەتتە، ئۇزاق مۇددەت ئېزىلىش ۋە قۇل قىلىشقا ئۇچرىغانلىق ھەمدە بىكىتىلگەن تۇرمۇش شەكلىگە كۆنۈپ قالغانلىق، مۇقىم ھەركەت قېلىپىغا چۈشۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، بىر شەخس، بىر توپ، بىر مىللەت ياكى بىر ئىرق قۇللۇق ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ھامان قىلىدىغىنى باشقىلارنى قۇل قىلىش. ھەرگىزمۇ ئادەملەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئەمەس. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئادەملەر تۇغۇلۇشتىنلا مۇشۇنداق بىر خىل ياشاش شەكلىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن. باشقىلارنى قۇل قىلماسلىق، قۇل بولۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەركىنلىك ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان جەمئىيەتتە، ھەممە ئادەم ئۆزىنى خۇدا چاغلايدۇ. «مەدەنىيەتلىك ئادەم» ھېسابلايدۇ. ھەممە ئادەم يەنە قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك. ھالبۇكى، قانۇن ھوقۇق ۋە كۈچ قاتلىمىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى؛ نەتىجىدە، ئاقكۆڭۈل « مەدەنىيەتلىكلەر» ئاخىردا ئوخشاش تۈردىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىپ، ھاماقەت «مەدەنىيەتلىكلەر»گە ئايلىنىپ قالىدۇ.
كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر كۈن مەۋجۇد بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكنى تۈپتىن يۇقۇتۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەتنى پەرىشتە ياكى باشقا مۇكەممەل، كەم-كۆتىسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئۇ دېگەن خىيالپەرەسلەرنىڭ ئىشى. بىز ئەڭ ياخشىسى ئىنسان تەبىئىتىگە قارىتا بىر خىل ئەمەلىيەتچىل ئېستىل قوللۇنۇپ، رېئالىزىمچە پوزىتسىيە تۇتقىنىمىز ياخشى. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىش، ھەرگىزمۇ ئۇنى يۇقۇتۇشنى خام خىيال قىلىش ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، زورلۇق كۈچ بىلەن ئىنقىلاب قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش، بايلارنى بۇلاپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئوتۇپىيە تەجرىبىسى، پىلانلىق ئىگىلىك، چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي ھەركەت، دۇنيا ئۇرۇشى ھەتتاكى يەر شارىلاشتۇرۇش ھەركىتى قاتارلىقلار باراۋەرسىزلىكنى يۇقۇتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە، باراۋەرسىزلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى، مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا كۆپ قىسىم ئىنسانىيەت تارىخىنى كومېدىيە، ئەخمىقانىلىق ھەتتا جىنايەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەتتە كەم بولۇۋاتقىنى بايلىق، ساغلاملىق ياكى ۋاقىت ئەمەس. بەلكى بىر خىل ھەقىقىي ئۇلۇغ ئېتىقاد. بۇ دۇنيادا، پەقەت ئېتىقادنىڭ كۈچىلا چەكسىز. پەقەت ئېتىقادنىڭ كۈچىگە تايانغاندىلا ئىنسان تەبىئىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئەلالاشتۇرغىلى، باراۋەرسىزلىكنى يۇقاتقىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، قانۇن بىلەن تۈزۈم پەقەتلا بىر خىل تاشقى شەكىل ۋە بېقىندى ماددىي ۋاستە.
شۈبھىسىزكى، ئەڭ زور دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن باراۋەرلىككە ئىگە جەمئىيەت دەل ئېتىقاد، تەرتىپ ۋە مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينىڭ كامىل بىرىكىشى ئىچىدە مەيدانغا كېلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەقەت ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئادەم ئىنقىلابى، پەقەت ئادەم ئىنقىلابىلا ھەقىقىي ئىنقىلابتۇر. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېتىقاد ئىنقىلابىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى، ھۇقۇق كۈچى، قانۇنى، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى، سىياسىيسى ئەمدى ئاددىي مەنىدىكى دۇنيالىق ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى ئەمەس، بەلكى، مۇقەددەس «تەۋھىد» بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان مۇكەممەل سېستىمىنىڭ تەركىۋىي قىسمى بولىدۇ. بۇ سېستىمىمۇ ئەمدى بىر خىل ئاددىي شەكىللەشكەن تاشقى قۇرۇلما ئەمەس، بەلكى، يىگانە، تەڭداشسىز ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە تەقۋالىق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھەمدە ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم ۋە قېلىپنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بىر يۈرۈش ئىلغار تۇرمۇش شەكلى بولىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە، مۇقەددەس ئىمان قەلبلەرگە تۇلۇپ، ئىپلاسلىق، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، پايدىخورلۇق، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش ۋە تۈرلۈك-تۈمەن رادىكال دۇنياپەرەسلىك(سكوليارىزم) نىڭ نوقسانلىرىنى تۈپتىن يۇقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، پاسسىپ بىكىنىۋېلىش، دۇنيادىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىش، ئۈمىدسىزلىنىش، رىئاللىقتىن قېچىش ۋە تۈرلۈك-تۈمەن رادىكال تەركىدۇنياچىلىق پوزىتسىيەسىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتتى؛ شۇنىڭ بىلەن، بىر خىل ھەم ئادىمىيلىككە تولغان، ھەم ئادىمىيلىكنى يىتەكلەپ، يۈكسەلدۈرىدىغان مۇقەددەس سېستىما ئىچىدە ئىنسان ئالىيجاناب ئىنسانغا، سەمىمى ئىنسانغا، ساپ ئىنسانغا ۋە ھەقىقىي ئىنسانغا ئايلاندى؛ شۇنىڭ بىلەن، يېڭى ئىنسان، يېڭى جەمئىيەت، يېڭى دۆلەت، يېڭى ھۆكۈمەت ۋە يېڭى سىياسىي شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى ئىچىدە يېڭى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

2.ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى پرىنسىپلىرى

ھەقىقەتەن، باراۋەرلىكنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، شەكلى خىلمۇ-خىل. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشى بېسىقمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ئۇقۇم ناھايىتى قالايمىقان قېلىۋېتىلگەن. ئەمما، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى پرىنسىپى روشەن ھەم باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، «باراۋەرلىك» «ئوخشاشلىق»قا تەڭ ئەمەس. «بىردەكلىك»كىمۇ تەڭ ئەمەس، بەلكى، «ئادىللىق» ۋە «ھەققانىيلىق»قا تەڭ.
بىرىنجى، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك قارىشى «تەۋھىد» پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىسلام بارچە ھوقۇقنى ئاللاھقا قايتۇرۇش ئارقىلىق بىر خىل ئىلاھنى مەركەز قىلغان باراۋەرچىلىك(ئېگالىتارىئانىزم) سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى. شۇنداقلا، ئۇنى ئىلاھىي قانۇن شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇردى. ئىلاھنىڭ ھىمايىسى ۋە ئىلاھىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى، چەكلەپ تۇرۇشى ئاستىدا، ئىمان ، ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم ۋە ۋىجداننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىردا جەمئىيەتنى «ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇشقا يەتكۈزدى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئىنسان تەبىئىتىدە ياخشىلىقنىڭ ئېلمىنتى كەم بولمىسىمۇ، ئەمما، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشتىن-ئاخىر يىتەرلىك ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارى كەمچىل. بۇ سەۋەبتىن، ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان ياكى ئىنسانىي قانۇننى مەركەز قىلىدىغان باراۋەرچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئېغىر باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر. پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، پەقەت بىر خىل يەككە-يىگانە، تەڭداشسىز ئىلاھنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ھامىيلىق مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بورمىلىۋېتىلمەيدۇ ۋە سۈيئېستىمال قىلىنمايدۇ. باراۋەرلىكلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ پەسكەشلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان باراۋەرسىزلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇتالايدۇ. « ئىنسان ۋە جىننى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم» (56 :51)
ئىككىنجى، رىقابەت مىخانىزىمى جەھەتتە، ئىسلام نەتىجە تەكشىلىكىنى ئەمەس، بەلكى، پۇرسەت تەكشىلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەقىدە جەھەتتىكى نوقتىئىنەزەر شۇكى، بۇ دۇنيادا ھەر بىر ئادەم باراۋەر ھالدا ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئەركىنلىكى ۋە پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمما، ھەر بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسى، ئىخلاس دەرىجىسى ۋە ياخشى ئەمەلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەمدە ھەر قايسىسى ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىكىگە ئېرىشىدۇ. «دىنغا زورلاش يوقتۇر. چۈنكى، ھەق بىلەن باتىل ئېنىق ئايرىلدى. كىم شەيتانغا ئىشەنمەي، ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، مۇستەھكەم، سۇنماس تۇتقۇنى تۇتقان بولىدۇ» (256 :2)
ئومۇمەن ئېيتقاندا، باراۋەرلىك دېمەك پۇرسەت جەھەتتە، ئىككى ياكى كۆپرەك ئادەم ياكى شەيئىنىڭ مەلۇم ياكى بارلىق شارائىتلاردا ئوخشاش ياكى يېقىن ھالەتتە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ئۇقۇمى بۇ خىل پۇرسەت تەكشىلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نەتىجىنىڭ ئادىللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئادەمدە تولۇق ھەم ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يىتىلدۈرۈپ، ھەر جەھەتتىن ئۇمۇمىي يۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغان باراۋەر پۇرسەت بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ يىتىشكە تېگىشلىك ھەم يىتەلەيدىغان تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يىتىشىگە يول قويمايدىغان بىر جەمئىيەتتە ھەم ئادىمىيلىككە ھەم ئېتىقادقا زىتلىق بار؛ بەزىلەرنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يىتىشىگە يول قۇيۇپ، يەنە بەزىلەرنى بۇنىڭدىن توسۇدىغان بىر جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەر بولمايلا قالماستىن، بەلكى، ئادالەتسىزدۇر. مەسىلە ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا بىر خىل ئوخشاش قىممەتتىكى كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ھەمدە ئاخىرەتتە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالىشىغا كېپىللىك قىلىشتا ئەمەس، بەلكى، ھەر بىر ئادەمنى بىر خىل ھەقىقىي باراۋەر رىقابەتلىشىش پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات شارائىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، بىر خىل ھەققانىي ئىجتىمائىي تەرتىپ، باراۋەر رىقابەتىشىش قائىدىسى ۋە ئادىل كېسىم مىخانىزىمى ئورنىتىشتا.
پۇرسەت تەكشىلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئادىل پرىنسىپنى ئەكس ئەتتۈرىشى كېرەك ھەم شەرت. ئۇ مەلۇم كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق ئىرسىيەت ئەۋزەللىكى ياكى پايدىسىز شارائىتىنى ۋەيرانچىلىق خارەكتېرىدە يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر تەرەپلىمە ۋە ئۆلۈك ھالدا ئوخشاش يۈگرەش سېزىقى ئۈستىدە تۇرغۇزماسلىقى كېرەك؛ ھەم ئاللىقاچان ئوخشاش بىر يۈگرەش سېزىقى ئۈستىدە تۇرۇپ بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قول-پۇتىنى بىر-بىرىگە چېتىپ قويماسلىقى كېرەك. باشلىنىشى بىلەنلا، قىلچە پرىنسىپسىز ھالدا، بەزىلەرگە ياردەم قىلىپ، يەنە بەزىلەرگە تۇسقۇنلۇق قىلىدىغان، شۇنداقلا تالانتلىقلارنى زورمۇزور كالتە پەملەر ھەتتا دەلدۈشلەر سەۋىيىسىگە تارتىپ چۈشۈرىدىغان بۇنداق رىقابەت قائىدىسى خاسلىقنى ۋەيران قىلغانلىقى، تالانتنى باسقانلىقى، شەخسنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىنى بوغقانلىقى ھەم خەلقنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى تۇنجۇقتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئادالەتسىز ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىشى بىلەن تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ ئەكسىيەتچىل كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر.
كۆرسىتىش كېرەككى، باراۋەرلىك مەسىلىسىدە، پۇرسەت، ۋاستە، ئۈنۈمدارلىق ۋە نەتىجە ئوتتۇرسىدا بەزىدە تۇقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەس. پۇرسەت، ۋاستە، ئۈنۈمدارلىقنىڭ باراۋەرلىكى نەتىجىنىڭ باراۋەرلىكىگە دەخلى قىلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، كىيىنكىسى ھەم ئالدىنقىسىغا دەخلى قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل تۇقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئېپى باراۋەرچىلىك ۋە تەڭچىلىكنىڭ تېنىگە ئادىللىقنىڭ قېنى ۋە روھىنى ئوكۇل قىلىپ ئورۇشتا.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقىلىي ئەركىنلىكى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ۋە بۇ سەۋەبلىك يۇشۇرۇن كۈچى يار بەرگەن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يىتىشىگە يول قويمايدىغان بىر ئىجتىمائىي، سىياسىي تەرتىپ مۇستەبىت بولغىنىدەك، بەزىلەرنىڭ تېگىشلىك سەۋىيەگە يىتىشىگە يول قۇيۇپ، يەنە بەزىلەرنى بۇنىڭدىن تۇسۇدىغان ئىجتىمائىي سىياسىي تەرتىپ ئادالەتسىزدۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرمال ئەقلىي يەكۈنىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىلاھىي قانۇننىڭ تەبىئىي تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلدى.
خۇددى ئىختىيارىي ھالدا مەلۇم رىقابەتچىلەرگە ئەۋزەللىك ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغان رىقابەت قائىدىسى ئادالەتسىز بولغىنىدەك، بارلىق رىقابەتچىلەرنى زورمۇزور پۈتۈنلەي ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرۈشمۇ، ئوخشاش ھەتتا بەكرەك ئادالەتسىزلىكتۇر.
ئۈچىنجى، تەقسىمات مىخانىزىمى جەھەتتە، ئىسلام مىقدار باراۋەرلىكىنى ئەمەس، نىسبەت باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەقىدە جەھەتتىكى نوقتىئىنەزەر شۇكى، ئاللاھ ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئىچكى غەرىزى ۋە سىرتقى ھەركىتىگە ئاساسەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نەتىجىسىگە قارىتا مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ.
روشەنكى، دۇنيادا ئىككى خىل باراۋەرلىك مەۋجۇد. بىر خىلى مىقدار ۋە سان باراۋەرلىكى. يەنى، ھەر بىر ئادەم ئېرىشكەن ئۈلۈش باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئوخشاش بولۇش، ھەممە ئادەم پەرقسىز ھالدا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئۈلۈشتىكى نەرسىگە ئېرىشىش؛ يەنە بىر خىلى نىسبەت ۋە تاناسىب باراۋەرلىكى. يەنى، ئوخشىمىغان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسى ۋە قىممىتىنىڭ چوڭ-كېچىكلىكىگە ئاساسەن مۇناسىب نىسبەتتىكى ئۈلۈشكە ئېرىشىش. نىسبەت بۇيىچە تەقسىم قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولسا نىسبىي مىقدار تەكشىلىكى ۋە مۇتلەق مىقدار پەرقىدۇر. مۇبادا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئادىللىقى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئالماشتۇرۇش ئوبىكتىنىڭ قىممىتىنىڭ باراۋەرلىكىدە ياكى ئوخشاشلىقىدا دېيىلسە، ئۇنداقتا، تەقسىماتنىڭ ئادىللىقى دەل شارائىتى ئوخشاش كىشىلەرگە ئوخشاش ئۈلۈش بېرىش، ئوخشاش تەرەپلەرگە ئوخشاش ئۈلۈش بېرىشتە ياكى شارائىتى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۈلۈش بېرىشتە ــــــ ھەر بىر ئادەمگە ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئۈلۈشنى بېرىشتە ــــــ ھەر بىرى ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىككە ئېرىشىش (GIVE EVERYONE HIS DUE)تە.
بۇ جەھەتتە، ئىسلامنىڭ قىلىدىغىنى پەقەتلا تەقسىماتتىكى زىيادە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئاشۇ ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ نامرات ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن كەمبەغەللەرگە، تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق ئانا-بالىلارغا، ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، تۇل، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ۋە سۈنئىي تۈزۈلمە، سىياسەت، مىخانىزمنىڭ تەقسىماتتىكى ئادالەتسىزلىكى، تەبىئىي ۋە ئىنسانىي ئاپەتلەر، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى غەيرەتكە كېلەلمەيدىغان كىشىلەرگە ۋە ئاجىزلار توپىغا قارىتا، قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋە باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇل-چارىلەر ئارقىلىق ۋاقتىدا زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئاشۇ ھۇرۇنلار، تەييار تاپلار، بىكار تەلەتلەر، نۇمۇسسىزلار ۋە قىمارۋازلىق، پالچىلىق، ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق ۋە بولاڭچىلىققا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر بولسا قىلچە ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، ئەكسىچە، قاتتىق باشقۇرۇپ تەربىيىلىنىشى ياكى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك.
مۇبادا بىز ھەر بىر ئادەمگە باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلساقمۇ، ئاقىۋەت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئېرىشكىنى بىردەك بولماسلىقى مۇقەررەر؛ مۇبادا بىز نەتىجە جەھەتتە ھەر بىر ئادەمنى مۇتلەق تەكشى ئورۇن ۋە سەۋىيەگە قويۇشقا ئورۇنساق، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھەر بىر ئادەمگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باراۋەرلىك «تەكشىلىك»كە تەڭ ئەمەس، باراۋەرچىلىكمۇ تەكشىچىلىك(تەڭ تەقسىماتچىلىق)كە تەڭ ئەمەس. ئىسلامنىڭ تەقسىمات ئادالىتى پەقەت جەريان ئادىللىقىغا ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن، بەلكى، نەتىجە ئادىللىقىغا ئېتىبار بېرىشتۇر، ھەرگىزمۇ تەڭ تەقسىماتچىلىق قىلىش ئەمەس.
ئوبىكتىپ نوقتىدىن ئېيتقاندا، تەڭ تەقسىماتچىلىق ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق خاتامۇ ئەمەس . ئۇ پەقەت مۇناسىپ دائىرىدە چەكلىنىدۇ، خالاس. تەڭ تەقسىماتچىلىقنىڭ ئۆزىنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەسلىك ھەم ئۇمۇملاشتۇرۋەتمەسلىك لازىم، يەنە تەڭ تەقسىماتچىلىقنىڭ قۇسۇرىنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەسلىك ۋە ئۇمۇملاشتۇرۋەتمەسلىك لازىم. باراۋەرلىك مەسىلىسىدە، «شارائىتى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈلۈش بېرىش»، «ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەرگە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈلۈش بېرىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىردەك بولۇش ۋە تەكشى بولۇش مۇۋاپىق، ئادىل بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەكشىلىك بەزىدە باراۋەرلىكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋالى. شۈبھىسىزكى، مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق ھەرقانداق شارائىت ۋە پەيتكە باقمايدىغان نەتىجە بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ھەقىقىي باراۋەرلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئۇقۇملىرى ئىچىدىن مەڭگۈلۈككە ئۈزۈل-كىسىل چىقىرۋېتىلىشى كېرەك.
كۆرسىتىش كېرەككى، بىز باراۋەرلىك ياكى باراۋەرسىزلىك ئەھۋالى ۋە شارائىتىنى مۇزاكىرە قىلغىنىمىزدا، كونكېرت مۇھىتتا بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز ئامىللارنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك بەلكى شەرت، پەقەت ئاشۇ ماھىيەت جەھەتتىن ئالاقىدار ئامىللارلا مۇزاكىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مىسالەن، سىياسىيغا قاتنىشىش ۋە سايلام مەسىلىسىدە، شەخسنىڭ پەزىلىتى، ئىقتىدارى ۋە تۆھپىسى قاتارلىقلار ئالاقىدار ئامىللار، ئەمما ئۇنىڭ نەسەبى، كېلىپ چىقىشى ۋە بايلىقى قاتارلىقلار بولسا مۇناسىۋەتسىز ئامىللاردۇر. «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش- ئەمەللىرىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە تۇلۇق ئەجىر بېرىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ.» (19 :46)
ئۇمۇمەن، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي بايلىقلارغا قارىتا تەقسىمات ئېلىپ بارغاندا، مۇنداق بىر ئادىل پرىنسىپنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك: ئالاقىدار تەرەپلىرى ئوخشاش بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق مۇئامىلە قىلىش شەرت، ئالاقىدار تەرەپلىرى ئوخشىمايدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك. بەلكى، پەرق دەرىجىسى بىر خىل نىسبەتتىكى باپباراۋەرلىك ۋە ئادىللىقنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ئىسلام ھەم مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىققا ھەم چېكىدىن ئاشقان ئىككى قۇتۇبلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ.
تۆتىنجى، ئۇمۇمىي يۈزلۈك ۋە مەڭگۈلۈك پرىنسىپ. ئىسلام تەشەببۇس قىلغان باراۋەرلىك پرىنسىپى بارچە شەخس، توپ، مىللەت، ئىرق، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى تارماق مەدەنىيەتلەر ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ قىسقىغىنا بۇ دۇنياغىمۇ، مەڭگۈلۈك ئۇ دۇنياغىمۇ ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى دۇنيا ئوتتۇرسىدا مۇناسىپ ماسلىق، دەرىجىدىن تاشقىرى پاراللېل مۇناسىۋەت ۋە مەلۇم تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپى پەقەت بىر خىل تېنىچ ھالەتتىكى ئۆلچەش ۋاستىسى ۋە مىزانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كىشىلەردىن باراۋەرلىك مەسىلىسىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىدىيە جەھەتتىكى باراۋەرلىك سىستېمىسىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئاكتىپ قول سېلىپ، ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق رېئاللىقتىكى باراۋەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىشنى، باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەنى يۇقۇتۇشنى ۋە باراۋەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمما رېئال تۇرمۇشتا باراۋەرلىككە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق خارەكتېرىگە ئىگە ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام بارچە شەكىل ۋە خارەكتېردىكى سىنىپىي زۇلۇم، مىللىي زىيانكەشلىك ۋە جىنسىي كەمسىتىش، مۇستەبىتلىك، ئىرقچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ. «ئى ئىنسانلار! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن قۇرقۇڭلار، ئۇ سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتتى، ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۇنىڭ جىنسىدىن ياراتتى ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللارنى ياراتتى، سىلەر ئاللاھ ـــ دائىم نامىنى تىلغا ئېلىپ بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان خۇدا ــــ دىن قورقۇڭلار.» (1 :4)
بەشىنجى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان پرىنسىپ. گەرچە ئىسلام ھەم دۇنياغا كېرىش خاھىشىغا ھەم دۇنيادىن چىقىش خاھىشىغا ئىگە. شۇنداقلا ئىككىسىنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋېتىنى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىن دۇنياغا بوش، ئاخىرەتكە چىڭ تۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، بۇدۇنيادىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، بۇدۇنيادىكى ھۇزۇر-ھالاۋەت پەقەتلا ۋاقىتلىق ۋە خىيالىي ھۇزۇر-ھالاۋەت، ئاللاھقا قىلىنغان تەقۋالىقتىن سىرت، بۇدۇنيا ھاياتى ئەسلا ماھىيەتلىك مەڭگۈلۈك قىممەت ۋە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. شەخسكە قارىتىلغان مەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇشلار يەنىلا سىناق خارەكتېرىگە ئىگە. ئىچىگە يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنا بولسا چوڭقۇر ئويلىنىش، چۈشۈنۈش ۋە ئىشتىن كېيىنكى سەگەكلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئاخىرەت ھاياتىلا ماھىيەتلىك، ئاداققى، زور ۋە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. ئاللاھ ھەم ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىگە قادىر، مۇتلەق ئادىل ۋە مۇكاپات-جازاسى ئىنتايىن ئېنىق بولغانلىقتىن ھەم مېھرىبان ۋە ئەپۇچان بولغانلىقتىن، «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش» چوڭ گۇناھى كەچۈرگۈسىز بولغاندىن سىرت، ئاللاھ خالىسا، قالغان گۇناھلار يا شەخسنىڭ چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلىشى ۋە ئۈزۈلدۈرمەي ياخشى ئەمەل قىلىشى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئۆچۈرۈلىدۇ، يا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر بىر ئادەم توغرا نىسبەت بۇيىچە، ئەڭ ئاخىردا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، قىلچە ئۇۋال قىلىشقا ئۇچرىمايدۇ. «قىيامەت كۈنىدە، بىز ئادىل تارازا ئورنىتىمىز، ھەر قانداق ئادەم ئازراقمۇ ئۇۋالغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلى قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى مۇكاپاتلايمىز، بىز يىتەرلىك ھېساب ئالغۇچىمىز.» (47 :21)
ئالتىنجى، پائال ھەركەتچان پرىنسىپ. گەرچە ئاللاھ ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارغا قارىتا ئۇمۇمىي ھېساب-كىتاب ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دۇنيا-ئاخىرەت ئىككى دۇنيالىق ئىنساپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىيندۇر. ئۇنىڭ بۇددا دىينى ۋە خرىستىئان دىينى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇيەردىكى، ئۇ بۇ دۇنيادىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ناھەقچىلىككە قارىتا، كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشى، ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇشى، بىپەرۋالىق قىلىشى ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى ھەتتا پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۆلۈمنىڭ كېلىشى ۋە ئاخىرەت سورىقىنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۆتۈشى ياكى بىر تەرەپلىمە، مىتافزىك ھالدا پەقەتلا مەخپى دۇئا ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تاپشۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى، زور مەسئۇلىيەت ۋە ئېغىر بۇرچ بىلەن ئەمەلىي تەدبىر قوللۇنۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇدۇنيادىكى بارچە ناھەقچىلىك ۋە گۇناھ-مەئسىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بولمىسا، ئۇلار شەخسنىڭ تاقىتى ياكى قانۇندىكى «ئادا قىلماسلىق» بۇيىچە، مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈش، جازالاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇچرايدۇ. چۈنكى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئىسلام «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش»نى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇنداقلا شەخسنىڭ بۇدۇنيادىكى ئىبادىتى ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتى بىلەن ئۇدۇنيادىكى ئاقىۋىتىنى زىچ باغلايدىغان دىيندۇر. ئاللاھ «قۇرئان»دا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر جاھان ئەھلى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ئىلغار ئۈممەت سىلەر، سىلەر ياخشىلىققا بويرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇسىلەر، ئاللاھقا چىن ئىشىنىسىلەر.» (110 :3) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: « كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى تۈزەتسۇن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « ئاراڭلاردىن كىمكى بىرەر يامانلىقنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى قۇلى بىلەن توسسۇن؛ مۇبادا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ مۇبادا يەنە قادىر بولالمىسا، دىلى بىلەن ئۆچ كۆررسۇن، دىلدا ئۆچ كۆرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزىدۇر.»

ئەسكەرتىش:
مەنبە: مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرىپىدىن يېزىلىپ، شىياڭگاڭ تۇلپار (天马) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سىياسەتچىلىكى» (伊斯兰政治学) ناملىق كىتاب
بۇ ئەسەر مەزكۇر كىتابنىڭ 5- بابى بولۇپ، ئەسلىي نامى: «بەشىىنچى باب: باراۋەرلىك توغرىسىدا» (第六章:论平等) ئىدى. ئايرىم ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسلام ۋە باراۋەرلىك» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*