ئىسلام تارىخىدا نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە خاس سىياسەت چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا چىقمىدى؟

2019-يىلى 26-ئىيۇن

پروفېسسور دوكتور ھاسان يۈجەل باشدەمىر[1]

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې

مۇسۇلمان دۇنيادىكى مەسىلە نېمە؟

مۇسۇلمان دۇنيانى سىياسەت نۇقتىسىدىن تەسۋىرلەيدىغان بولساق مۇنداق بىر ھالەتنى كۆرىمىز: مۇسۇلمان ئەللەردە ياخشى ھۆكۈمەتلەر يوق بولۇپ، سىياسىي تۇراقسىزلىق داۋام قىلماقتا ۋە زوراۋانلىق، ئۇرۇش ھۆكۈم سۈرمەكتە. 2010 – يىلى نويابىردا ياسىمەن ئىنقىلابى بىلەن باشلىنىپ، ئەرەب باھارى بىلەن داۋاملاشقان بۇ باسقۇچ مۇسۇلمان دۇنيا ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئىدى. سۇرىيە ، ئىراق ۋە مىسىردا ئۈمىدلەر سولغان بولۇپ، لىۋىيە ۋە ئالجىرىيەدە مەجھۇل ۋەزىيەت داۋام قىلىۋاتاتتى. تۈركىيە، تۇنىس ۋە ماراكەشتە بولسا ئۈمىد بېغىشلاۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر يېرىم ياكى مۇتلەق دېكتاتورلۇق بىلەن باشقۇرۇلماقتا. ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مەزھەپچىلىك قىلىپ توقۇنۇشنى كۈچەيتمەكتە. ناھايىتى ئاز ساندىكى جايلاردا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. يىغىنچاقلىساق، مۇسۇلمان دۇنيانىڭ سىياسىي ئىستىقبالىدا مەجھۇللۇق ئېغىر سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

بۇ مەجھۇل ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا دۇنيا ۋەزىيىتى، تاشقى ئېغۋاگەرچىلىكلەر، يەرشارى ئىقتىسادى ۋە يەرلىك كۈچ مۇۋازىنىتى دېگەندەك ئامىللار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مۇسۇلمان دۇنيادا بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش بار. بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەكتىدە ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشەنچە قۇرۇلمىسى ياتماقتا. بۇ چۈشەنچە قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىگۈچى ئاساسلىق ئامىل، ئەقىدە ۋە قانۇنلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىشنىڭ دىننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشتۇر. بۇ قاراش سىياسىي  سېكۇلارىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە مۇستەقىل سىياسەت ئىلمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولماقتا. مۇسۇلمان دۇنيادا كەم بولغان نەرسە سىياسەت ئىلىمى بولۇپ، سىياسەت ئىلىمى بىر جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەر ھاسىل قىلغان بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي خاتىرە ئاساسىدا ھەل قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر. مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ خاتىرىنى شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇ خاتىرە ھاسىل قىلىنمىغانلىقتىن، يەنى سىياسەت ئىلىمى راۋاجلانمىغانلىقتىن سىياسىي پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا چىقمىدى ۋە بۇ پىرىنسىپلار بولمىغانلىقتىن ئىجتىمائىي مالىمانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇۋاپىق چارە – تەدبىرلەرمۇ روياپقا چىقمىدى. بۇ سەۋەبتىن بۈگۈن مۇسۇلمانلار قانداق بىر جەمئىيەتتە ياشىماقچى بولغانلىقىنى قارار قىلىشتا قىينالماقتا.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدىكى ئاساسلىق مەسىلە – دىننىڭ سىياسەتتىكى ئورنى قانداق بولىدۇ؟

مۇسۇلمانلار باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق يول كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بەردى ۋە ھازىرمۇ بۇ سوئال ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ سوئال خاتا ئىدى. توغرىسى « سىياسىي مەسىلىلىرىمىزنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ بۇ باسقۇچتا دىنى قىممەت – قاراشلار بىزگە قانداق ياردەم قىلىدۇ؟ » شەكلىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. توغرا سوئاللار مۇنداق داۋاملىشىدۇ: باشقۇرغۇچىلار بىلەن باشقۇرۇلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ھاكىمىيەت قايسى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك؟ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى قەيەرگىچە؟ دۆلەت، كېلىشەلمەسلىكلەرنى ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ قانۇنلارنى كىم تۈزىدۇ؟ بۇ قانۇنلار قايسى پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە يۈزلەنگەن ئەقىل ئارقىلىق، ئىبنى خەلدۇننىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ھەسەن ھەنەفىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئانتروپولوگىيەلىك نۇقتىدىن مۇۋاپىق جاۋابلار تاپقىلى بولاتتى.

ئىسلام چۈشەنچە تارىخىدا بۇ سوئاللارنىڭ سورالغانلىقىنى ۋە جاۋابلىرىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى   كۆرىمىز. ئىسلام تارىخىدا دىن مۇستەقىل ھالدا ئۆتمۈش تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلغان سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان، ھەتتا بەزىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان، لېكىن ئىزچىللىققا ئىگە بولالمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنياسىدا ئۆتمۈشتە يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى بىلىدىغان ۋە ئۇنى يەكۈنلىيەلەيدىغان سىياسىي ئىجتىمائىي خاتىرە شەكىللەنمىدى. بۈگۈنلەردە مۇسۇلمانلار دىننىڭ سىياسەتتىكى ئورنى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى كۆپلەپ سوراۋاتىدۇ. بۇ سوئال، سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسالغۇدۇر. چۈنكى بۇ چۈشەنچە قۇرۇلمىسى ئېتىقاد بىلەن سىياسىي پىرىنسىپلار ۋە قانۇنلار ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق مۇناسىۋەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلماقچى بولغانلار، بىزگە مەنسۇپ بولغان تارىخى تەجرىبىلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەۋجۇت مەسىلىلەر دۇنياسىدىن يىراق ھالدا نەزەرىيە شەكلىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى

ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئۇلى ھەزرىتى مۇھەممەد (ئە س) غا ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىجرائاتلىرىغا تۇتىشىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەسپىي سىياسەتچى ئەمەس  بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئىدى. پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتى ئۇنى تەبىئىي ھالدا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى قىلغانىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلىكىنى ساقلاش ياكى شەھەرنى باشقۇرۇش مەنىسىدىكى سىياسەت ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ۋە ئىسلام تەلىماتىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈش ئىدى. مۇسۇلمانلار مىلادى 630 – يىلىدىن كېيىن كۈچلۈك دۆلەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى. ھەزرىتى مۇھەممەد (ئە س) ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرى بۇ دۆلەت كۈچىنى ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلەتتى. لېكىن بۇ نۇقتىدا مەقسەت ئېنىق بولۇپ، دىننى تارقىتىش ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ۋە ئىزباسارلىرى بۇ جەرياندا سىياسىي ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولدى. ھەزرىتى مۇھەممەد (ئە س) سىياسىي ئىجرائاتلىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلامدىن بۇرۇنقى مەككىنىڭ سىياسىي تەجرىبىسىدىن پايدىلاندى. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى مەككە سىياسىتى كېڭەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شەھەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار قەبىلىلەر (جەمەتلەر) ئارىسىدا بۆلۈشۈلگەن ۋە قائىدە – مىزانلار بەلگىلەنگەنىدى. پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەرنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « خەلىپىلىك » ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى  ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك مەزگىللىرىدىن كېيىن مەزكۇر سىستېما ئۆز رولىنى يوقاتتى.

ئەمەۋىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان دۇنيادا مۇنتىزىم سىياسەت ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇمەۋىلەردە خەلىپىلىك سۇلتانلىق تۈزۈمى بىلەن بىرلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقى ئەسەبىيەت (تەرەپبازلىق) نى ئاساس قىلىدىغان  بولدى. ئىبن خەلدۇن، « مۇقەددىمە » ناملىق ئەسىرىدە ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئىككى خىل « ئەسەبىيەت » نى تايانچ قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇمەۋى ھاكىمىيىتىدە سۇلتانلىق ۋە خەلىپىلىكنىڭ بىرلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدە نەسەب ئەسەبىيلىكى ۋە سەۋەب ئەسەبىيلىكى مۇسۇلمان دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ قانۇنلۇق ئاساسى بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئەسەبىيلىكنىڭ بىرلىشىشى، قان بېغى ۋە دىننى ئاساس قىلغان كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. يۈزبەرگەن چوڭ مەسىلىلەر، سىياسەتنىڭ ۋە تارىخى خاتىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۈلھىنى ئاساس قىلغان قارار مېخانىزمى بىلەن ھەل قىلىنىشنىڭ ئورنىغا، كۈچلۈك ھۆكۈمران كۈچنىڭ باستۇرۇشى بىلەن ھەل قىلىندى.

دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىجرائاتتىن باشقا، سەككىزىنچى ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمان دۇنيادا سىياسەت بىلىمىنىڭ ئۇلىنى سالىدىغان ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلاندى. ئالدى بىلەن فىقىھ ۋە كالامغا ئوخشاش دىنى ئىلىملەر (ئۇسۇلۇددىن) ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىلىم، توققۇزىنچى ئەسىردە سېكۇلارلىشىشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇ باسقۇچ ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان بەيتۇل – ھېكمەدىكى ھېلېنىستىك كۈلتۈرگە ئائىت كىتابلارنىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن باشلانغانىدى. بۇ ھېلېنىستىك مىراسقا تۇنجى بولۇپ ساھىب چىققان كىشى كىندى ئىدى (801 – 873).

ئەنئەنىۋى شەكلىدە ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسى توققۇزىنچى ئەسىردىن باشلاپ ئىككى ئېقىمغا ئايرىلدى. بىرىنچىسى، ساراي ئەتراپىدا شەكىللەنگەن نەسىھەتنامە ۋە سىياسەتنامە شەكلىدىكى ئەسەرلەر ئىدى. بۇلارغا بىر قانچە ئۆرنەك بېرىشكە توغرا كەلسە، نىزامۇل – مۈلكنىڭ « سىياسەتنامە »، ئەبۇ ئەلھەسەن ماۋەردىنىڭ (972 – 1058) « ئەھكامۇس – سۇلتانىييە »، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك (سائادەت ئاتا قىلغان بىلىم) » قاتارلىق ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇلار بىۋاسىتە سۇلتانلارغا نەسىھەت قىلغان كىتابلار ئىدى.

ئىككىنچىسى بولسا ھېلېنىستىك كۈلتۈردىكى سىياسىي تەجرىبىنى ئىسلام چۈشەنچە دۇنياسىغا ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەنئەنە مۇئتەزىلە كالامچىلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىندى بۇ ئېقىمنىڭ ئەسلى باشلامچىسى بولدى. بۇ ئەنئەنىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، ئەخلاقنى سىياسەتنىڭ ئاساسى قىلىشى بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ئەپلاتۇننىڭ « دۆلەت » ۋە ئارىستوتېلنىڭ « پولىتىكا » ناملىق ئەسىرىنى ئاساس قىلغانىدى. بۇ كىتابلاردا پاراسەت  (prudence)، ئادالەت ((justice، جاسارەت (courag) ۋە پىرىنسىپچان بولۇش (temperance) ھۆكۈمدارلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلىگەن تۇنجى پىرىنسىپلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلار سىياسىي پەزىلەتلەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى ۋە ئۇلارغا ئىگە بولۇشنىڭ يولى ئەقەللىي ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ئىدى. ئەپلاتۇن ۋە ئارىستوتېل دۇرۇس بولۇش، ياردەمسۆيەرلىك، كەمتەرلىك ۋە نازاكەتلىك بولۇشقا ئوخشاش  ئادەتتىكى ئەخلاقىي (doxastic, ethic) پەزىلەتلەرگە ئىگە بولمىغانلارنىڭ سىياسىي  (epistemic, dianoethic)  پەزىلەتلەرگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىسلام چۈشەنچە ئەنئەنىسى، ئەخلاق – سىياسەت مۇناسىۋىتىگە تايانغان بۇ ھېلېنىستىك چۈشەنچىنىڭ تەسىرىگە خېلى بەك ئۇچرىدى. جاھىزدىن باشلاپ كىندى، فارابى، ئىبن مىسكەۋەيھ، زەكەرىييا رازى، نەسرىددىن تۇسى، ئىبن باجە، ئىبن تۇفەيل، ئىبن ھەزم، جالالىددىن دەۋۋانى، نىزامۇددىن ئارۇدى، قېنالېزادە ئەلى ئەپەندىگە ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار سىياسەت ۋە ئەخلاق ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەر تەجرىبە خاراكتېرلىك ۋە ئانتروپولوگىيەلىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن يېزىلغان بولۇپ، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن تەپسىلاتلارغا ئىگە ئىدى. لېكىن دىنى ئىلىملەر (فىقىھ ۋە كالام)، ئەخلاق ۋە سىياسەتنى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاساسىي ئورۇنغا قويمىدى. ئەخلاق ۋە سىياسەت بىلىملىرى سىياسەت ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتقانلىقتىن، فىقىھ ۋە كالام سىياسىي ھاكىمىيەت ئۈچۈن يوللۇق بولۇشنىڭ مەنبەسى بولۇپ قارالدى. چۈنكى ھۆكۈمدارلار بۇ بىلىملەرنى پاناگاھ قىلىش ئارقىلىق دىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى مەقسەت قىلاتتى. ھالبۇكى، ئەخلاق ۋە سىياسەت ھەم چەكلىگۈچى، ھەم سېكۇلار ئاساسقا ئىگە ئىدى. ھەسەن بەسرى، ئەھمەد بىن ھەنبەل ۋە ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشاش دىنى ئالىملار بىر ھاكىمىيەتنى يوللۇق قىلىپ كۆرسەتكۈچى بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە بۇ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن جازالانغانىدى. لېكىن ھۆكۈمدارلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان دىنى ئالىملارنى تېپىشتا قىينالمىدى.

ھۆكۈمران كۈچنىڭ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە دىنى بىلىملەر – بىر قانچە مىسال

سىياسەت، تارىخىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھۆكۈمران كۈچ بىلەن ھۆرلۈك ئارىسىدىكى كۈرەشتىن مەيدانغا كەلگەن. ھۆكۈمران كۈچ نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقان بولسا، شەخسلەر ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. سىياسەت، ھۆكۈمران كۈچ بىلەن شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق، بېسىم ۋە تاقەت قىلىش دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن پىرىنسىپلارنى بېكىتىدۇ. مەسىلەن: سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش، قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىك، قانۇننىڭ ئۈستۈن بولۇشى، قانۇنىي مۇسبەتچىلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى كۈنىمىزدە بۇ چەك – چېگرالارنى بەلگىلىگەن سىياسىي پىرىنسىپلاردۇر. سىياسىي پىرىنسىپلار، ھۆكۈمران كۈچنى قوغدىمايدۇ، ئەكسىچە شەخسلەرنى ۋە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام تارىخى بويىچە ھۆكۈمران كۈچلەر، ئىسلام ئەقىدىسىدە بولماسلىقىغا قارىماستىن دىنى ھۆكۈمران تەبىقە بەرپا قىلىشقا تىرىشقان، بۇ دىنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ۋە قىلمىشلىرىغا بۇ دىنى تەبىقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇنى (شەرئى) ئاساس تاپماقچى بولغان. بۇنىڭ تۇنجى ئۈلگىلىرىدىن بىرسى، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مىھنە ۋەقەسىدۇر. ئابباسى خەلىپىسى ئەبۇجەئفەر ئابدۇللاھ مەئمۇن (786 – 833)، ئۆكتىچىلىرىنى دىنى قاراشلىرى (خالقۇل قۇرئان – قۇرئان يارىتىلغانمۇ؟ مەسىلىسى) نى باھانە قىلىپ باستۇرغانىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن مىھنە، مۇسۇلمان دۇنياسىدا 200 يىل بويىچە پەرقلىق شەكىللەردە داۋاملاشتى.

ئوسمانلى دەۋرىدىن بىر مىسال بەرسەك، ئىبن كامال (1468 – 1536) ۋە ئەبۇ سۇئۇد ئەپەندى (1490 – 1574) ئىسىملىك دىنى زاتلار ھېكمەت – ئى ھۆكۈمەت (raison d’etat) چۈشەنچىسىنى پەتىۋالار ئارقىلىق دىنى ئاساسقا ئىگە قىلغان. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن پەتىۋالار بەرگەن. بۇ پەتىۋالاردا ھۆكۈمدارلارنىڭ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئاتىسىنى، بالىلىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى. يەنە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلاردا جەڭ مەيدانلىرىدىن باشقا جايلاردا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىنىڭ دىنى جەھەتتىن جائىز ئىكەنلىكىگە پەتىۋالار بەرگەن.

ئۇلار بۇ پەتىۋالارنى بەرگەندە شامدا قازى ئەسكەر بولغان قېنالېزادە ئەلى ئەپەندى (1511 – 1571) ئەخلاق – ئى ئالائى (سەرخىللار ئەخلاقى) ناملىق كىتابنى يازدى. بۇ كىتاب ئىسلام سىياسەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن يېزىلغانىدى. كىتاب ئۈچ بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى باب شەخسنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى ۋە قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغانىدى. ئىككىنچى باب، ئائىلىنى باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياخشى كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغانىدى. ئاخىرقى بابتا بولسا دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياخشى ئادەم ۋە ئائىلىنىڭ لاياقەتلىك باشقۇرغۇچىسى بولغان ھۆكۈمدارنىڭ دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغانىدى. لېكىن قېنالېزادىنىڭ قاراشلىرى ھېچكىمگە تەسىر كۆرسەتمىدى. قېنالېزادىدىن كېيىن مۇسۇلمان دۇنيادا سىياسەت بىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىلمىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئەسىرىنى بەزى ئوسمانلى مەدرىسەلىرىدە ئوقۇتۇش داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت سىمۋول سۈپىتىدە ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ زاۋال تاپقانلىقىنى نامايان قىلغانىدى.

بۇ مىساللار ئەنئەنىۋى ئىسلامى ئىلىملەرنىڭ ئىسلام تارىخى بويىچە ھاكىمىيەتنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش رولى ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىغا قارىماستىن تەرەققىي قىلالمىدى ۋە بۇ باسقۇچ ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنى بۆشۈكىدە بوغۇپ تاشلىدى. سىياسىي ساھەدە سېكۇلارلىشىش روياپقا چىقمىدى. دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھۆكۈمران كۈچلەر ئىسلام تارىخى بويىچە دائىم بىر سەپتە تۇرۇشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلامى ئىلىملەردىن مۇستەقىل ھالدا سىياسەت ۋە ئەخلاق ئىلىملىرى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. سىياسەت ۋە ئەخلاق، دىنى ئىلىملەرنىڭ، بولۇپمۇ فىقىھ ۋە كالامنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالدى. بۇ ئىلىملەر بولسا دائىم ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەشتىن زىيادە ھاكىمىيەتنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پەتىۋا بېرىدىغان ئورگانلارنى رولىنى ئويناپ كەلدى.

ياۋروپادا سىياسەت ئىلىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىسلام چۈشەنچىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسى تارىخ بويى ئىزچىللىققا ئىگە بولالمىدى. لېكىن بۇ چۈشەنچە ئېقىمى ئىككى ئەسەرنىڭ ئەرەبچىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن رېنىسانسقا ۋە ياۋروپا سىياسەت چۈشەنچىسىگە ئىلھام مەنبەسى بولدى. بۇ ئەسەرلەر ئەندەلۇسلۇق ئىبن باجەنىڭ « ئەت – تەدبىرۇل – مۇتەۋاھھىد (The Solitary Being) » ناملىق كىتابى ۋە ئىبن تۇفەيلنىڭ « ھەيي ئىبن يەقزان » ناملىق ھېكايىسى ئىدى. ئىبن باجەنىڭ كىتابى فىرانسېسكو پېتراركا (Francessco Petrarca,1304 – 1374) تەرىپىدىن ئەسلى ئىسمى بىلەن، دى ۋىتا سولىتارىيا (De Vita Solitaria) ئىسمى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى. ئىككىنچى ئەسەر بولسا گىئوۋاننى بوككاككىئو (Giovanni Boccaccio, 1313-1375 ) تەرىپىدىن دېكامىرون (Decameron) ئىسمى بىلەن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى. پېتراركا ۋە بوككاككىئو رېنىسانسنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، بۇ كىتابلار بىرمۇ بىر ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىنمىغانىدى. بولۇپمۇ بوككاككىئونىڭ كىتابى غەم – قايغۇدىن خالىي ھالدا ئۆزى خالىغانچە ياشاشنى ئارزۇ قىلغان يەتتە ئايال ۋە ئۈچ ئەر ئېيتىپ بەرگەن يۈز ھېكايىدىن تەركىب تاپقانىدى. بوككاككىئو ھېكايىگە شەھۋانى مەزمۇنلارنى ئىلاۋە قىلدى. لېكىن ھېكايىلەردىكى ئاساسىي مەزمۇن ھەيي ھېكايىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ھەر ئىككى كىتابتا شەخس ئارقىلىق بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىنى، ھېچقانداق ئىغۋاگەرچىلىك بولمىغان بىر تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزۈشنى، يەنى « ئادەملىشىش » نى مەركىزى ئىدىيە قىلغانىدى.

ئىبن باجە ۋە ئىبىن تۇفەيلنىڭ كىتابلىرىدا « ئادەملىشىش (مۇتەۋاھھىد) » ، ھۆكۈمران كۈچنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش، ئۆزىگە يېتەرلىك بولۇش، باشقىلارغا موھتاج بولماستىن ياشاش، ياردەم ئالغۇچى ئەمەس ياردەم بەرگۈچى بىر ئىنسان بولۇش مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. يىغىنچاقلىغاندا ئادەملىشىش، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرت – شارائىتلارغا ئىگە بولۇش ئىدى. بۇ چۈشەنچە پېتراركا ۋە بوككاككىئونىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆز پېتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى ۋە رېنىسانسقا ئىلھام بۇلىقى بولدى. ياۋروپادا سىياسەت ئىلىمى ئادەملىشىش ۋە سېكۇلارلىشىش ئۇلى ئۈستىگە بەرپا قىلىندى ۋە ياۋروپا سىياسەت تارىخىنىڭ خاتىرىسى، ئاساسلىق ئىدېئولوگىيەسى بولدى. لېكىن بۇ ئادەملىشىش ۋە سېكۇلارلىشىش ھەر دائىم دىندىن يىراق بولۇشنى ئىپادىلىمەيتتى. شوتلاندىيە ئەنئەنىسىدە بۇلار دىنى ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش مەنىسىنى بىلدۈرەتتى.

پېتراركانىڭ ئەسىرىدىن كېيىن ياۋروپادا ئەخلاق ۋە سىياسەت ھەققىدە يۈزلەرچە كىتاب يېزىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسەت مىراسى ياۋروپادا ئۆزىگە خاس شەكىلگە كىرىپ، ئۆزگىچە ھالغا كەلدى، پەرقلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىدى ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىلىم بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. كۈنىمىزدە ياۋروپا مەركەزلىك سىياسەت كۈلتۈرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىلھام بۇلىقىدۇر.

مۇسۇلمان دۇنيادا مۇستەملىكە دەۋرى ۋە سىياسەتكە موھتاج بولۇش

مۇسۇلمان دۇنيادا 19 – ئەسىرگىچە كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ ۋەزىيەت سىياسەتنىڭ مۇستەقىل بىلىم بولۇپ شەكىللىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلدى. كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەر ئەپ ئۆتەلمەسلىك ۋە توقۇنۇشلارنىڭ جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىنى ئىلكىدىكى كۈچ بىلەن توساپ كەلگەنىدى.

19 – ئەسىرگە كەلگەندە مۇسۇلمان دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچلەر ئاجىزلىشىپ كۈچىنى يوقۇتۇشقا باشلىدى. ياۋروپانىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى مۇسۇلمان ئەللەرنى مۇستەملىكە قىلىشقا باشلىدى. ھىندىستاننى بىر ئىنگلىز رەخت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشقا باشلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ مىڭ ئىككى يۈز يىللىق سەلتەنەتلىك دەۋرىنىڭ زاۋال تاپقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. مۇسۇلمان دۇنيا بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. ھەر دەۋردە پەرقلىق ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. 19 – ئەسىردە بۇ ئىنكاس ئاساسەن دېگۈدەك « ئەسلىگە قايتىش » ۋە « قۇتقۇزغۇچى مەدەتكارلىق » شەكلىدە بولدى. ھىندىستانلىق جامالىدىن ئافغانى (1897 – 1938) « ئەسلىگە قايتىش » تېئولوگىيەسىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولدى. ئۇنىڭغا مۇھەممەد ئابدۇھ (1849 – 1905)، مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ (1875 – 1945)گە ئوخشاش ئىسلام مودېرنىستلىرى ۋارىسلىق قىلدى.

« ئەسلىگە قايتىش » تېئولوگىيەسىنىڭ ئۇلىدا « ئىھيا » ۋە « تەجدىد (يېڭىلىنىش) » چۈشەنچىسى بار ئىدى. بۇ نەزەرىيەچە بولغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ تۇرغۇنلىشىپ قېلىشى ئىدى. مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قارىشىچە بۇ تۇرغۇنلىشىشنىڭ سەۋەبى، ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ ھىجرى بەشىنچى ئەسىردىن باشلاپ ئاخىرەتپەرەستلىككە ۋە رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا يۈزلىنىشى ئىدى[2]. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ئەنئەنىۋى قۇرئان ۋە سۈننەت چۈشەنچىلىرىنى تەرك قىلىش ۋە ئانا مەنبەلەرنىڭ قايتىدىن شەرھىيلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىسلامى بىلىمنى قايتىدىن ياراتقان ۋاقتىمىزدا مۇسۇلمانلار ھازىرقى مەۋجۇت خار – زەبۇن ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىلگىرىكى سەلتەنەتلىك كۈنلىرىگە قايتاتتى. ئۇلار غەربنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى قۇرئان ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ مۇسۇلمان دۇنياغا لايىق ھالغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ شوئارى مۇنداق ئىدى: « غەربنىڭ بىلىمىنى ۋە تېخنىكىسىنى ئال، لېكىن دىنىنى ۋە كۈلتۈرىنى ئالما! ». ئافغانى ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ماڭغۇچىلار سىياسىي جەھەتتىن ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تېخىمۇ مودېرنىست، ھەتتا سەنكرەتىك بىر تەكلىپ ھىندىستانلىق سىر سەيىد ئەھمەد خان (1817 – 1898) ۋە مىسىرلىق ئالى ئابدۇررازىقتىن (1888 – 1966) كەلگەن ئىدى. ئۇلار دىن ۋە سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي بىر – بىرىدىن ئايرىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەربنىڭ سىياسەت ۋە بىلىمىنىڭ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇسۇلمان دۇنيادىكى مۇستەملىكە ئورنىنى سېكۇلار دىكتاتورىلىققا بوشىتىپ بەردى. « ئەسلىگە قايتىش » ۋە « تەجدىد (يېڭىلىنىش) » ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورنىنى قارشىلىق مۇداپىئە قىلىش ۋە تىرىلىش چۈشەنچىسى ئالدى. سېكۇلار دىكتاتورىلىقلار ھەرپتىن ئېلىنغان ئۇلۇس – دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ ناچار شەكلى ئىدى. مۇداپىئە قىلىش ئېيتىلمىسى بۇ چۈشەنچىگە قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى دىننىڭ ئانا مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلىشىپ كېتىش ئىدى. مۇسۇلمان دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتى قايتا تىكلەنسە مۇسۇلمانلار نىجاتلىققا ئېرىشەتتى.

ئەبۇل – ئەلا مەۋدۇدى (1903 – 1979) ۋە سەييىد قۇتۇپ (1906 – 1966) بۇ قاراشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرى بولغان ئىدى. مەۋدۇدى ۋە قۇتۇپنىڭچە سېكۇلارىزم ۋە دېموكراتىيە ، « غەرب »نىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەمەلىي مۇستەملىكىسىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا تاڭغان چۈشەنچە خاراكتېرلىك مۇستەملىكە ۋاسىتىسى ئىدى. ئۇلار دېموكراتىيە ، كۆپچىلىكچىلىق، دىنى كەڭ قورساقلىق، تىنچلىقنى ھىمايە قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىن – دۆلەتنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشىغا ئوخشاش سىياسىي قىممەت – قاراشلارغا دىندىن بولمىغانلىقى ۋە غەرب مەنبەلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي قارشى چىققان ئىدى. مەۋدۇدى ۋە قۇتۇپ، بۇلارنى تىرويا ئېتى دەپ قارىدى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى[3]. بۇ چۈشەنچە تاشقىرىدىن كەلگەن ھەر قانداق چۈشەنچىگە گۇمان بىلەن قارايتتى. بۇ مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيە جەمئىيەتنى مۇھاپىزەت قىلىش، بېكىنمىچىلىك ۋە كۈرەش قىلىشنى ئۆزىگە تايانچ قىلغانىدى.

ئافغانى ۋە ئابدۇنىڭ پوزىتسىيەسى ، بۈگۈن ئىسلامچىلىق دەپ ئىزاھلانماقتا. سەيىد ئەھمەد خان ۋە ئابدۇررازىقنىڭ چۈشەنچىسى ناتوغرا ھالدا « لىبېرال ئىسلام » دەپ ئىزاھلانماقتا. بۇ خىل ئاتاشنىڭ ناتوغرا بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ سىياسىي لايىھەلىرىنىڭ لىبېرال مەزمۇنلارغا ئىگە بولماسلىقىدۇر. بۇ سەۋەبتىن بۇ قاراشلارنى « رىفورمىزم (ئىسلاھاتچىلىق) » دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. مەۋدۇدى ۋە قۇتۇپنىڭ چۈشەنچىسى بولسا « فوندامەنتالىزم (ئەسلىيەتچىلىك) » دەپ ئاتالماقتا.

مۇسۇلمان دۇنيادىكى سىياسىي تەلىم – تەربىيەلەر ۋە ئۆزگىچە بولۇش مەسىلىسى

بۈگۈن بۇ ئۈچ خىل چۈشەنچە، مۇسۇلمان دۇنيادا ئىسلامچىلىق، ئەسلىيەتچىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق شەكلىدە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. بۇ ئۈچ خىل يۈزلىنىشنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنيا مىقياسىدا ھېچبولمىغاندا چۈشەنچە ھالىتىدە بولسىمۇ تەسىرى بار. بۇ يۈزلىنىشلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ پارچىسى بولغان نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن سىياسەت ۋە دىن ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىش ئىدى. ئەسلىيەتچىلەر، ئىسلامنىڭ دۇنيالىق ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلىرى بارلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسەت ئېلىپ بارغاندا دىننىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى بەلگىلىگەن دائىرىدىن ھالقىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەسلىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە مۇسۇلمانلار « كاپىرلاردىن » ئۆرنەك ئالىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، ئەڭ ئالىي سىياسىي تۈزۈم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تارىخى تەجرىبىلەر ئىچىدە مەۋجۇت. بۇ تەجرىبىلەرنى ئىسلام يول قويغان شەرھىيلەر ئاساسىدا كۈنىمىزگە ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتچىلار، ئىسلامنىڭ دۇنيالىق ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇئمىنلەرنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغانلىقى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – مىزانلارنىڭ ھەر دەۋردە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىسلام دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن[4].  ئىسلامچىلار بولسا مۇرەسسە قىلغۇچى پوزىتسىيەدە بولغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئىسلامدا بەزى سىياسىي پىرىنسىپلار بار بولۇپ، بۇلار قۇرئان ۋە سۈننەت نازارىتى ئاستىدا كۈنىمىزنىڭ شەرت – شارائىتىغا ئاساسەن قايتىدىن ئىزاھلىنىشى، غەرب قىممەت – قاراشلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

بۇ يۈزلىنىشلەر مۇستەملىكىچىلىككە ۋە سېكۇلار دىكتاتورىلىققا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئۆكتىچى ۋە روھىي مەجرۇھ سىياسىي ھەرىكەتلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن سوغۇققانلىق بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان ئىچكى مەنتىقىگە (ئىزچىللىققا) ئىگە ئەمەس. بۇ ئېقىملارنىڭ تەرەپدارلىرى دىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ياكى ئەسلى مەنبەگە قايتىشنىڭ  مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قاراشلار دىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن يۈز ئەللىك يىللىق جەرياننىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا قانداق ۋە قەيەردە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان تەرتىپسىز سىياسىي جۇغلانما قالدى. بۇ سىياسىي جۇغلانما، ئاساسەن مۇداپىئە قىلىش، ئۆكتىچىلىك ۋە چەتكە قېقىش ئېيتىلمىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. بىر سىياسەت ۋە ئىدارە قىلىش مەنتىقىسى يوق. چۈنكى سىياسىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇرەسسە قىلغۇچى مېتودلارغا ئىگە ئەمەس. ئىران، سۇدان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش ئىسلام دۆلىتى تەجرىبىلىرى بۇ جۇغلانمىغا تايانغان. بۇ ئەللەردە مۇداپىئە ۋە ئۆكتىچى ئېيتىلمىلار بۈگۈن ھاكىمىيەتنىڭ ئېيتىلمىلىرىغا ئايلاندى. لېكىن مۇسۇلمان دۇنيا ياخشى ئۆرنەك بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خۇرۇچ مۇسۇلمان دۇنيادا سىياسەت ئىلمىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي مەزمۇنلارغا ئىگە.

سىياسەت بىلىمى، بىر خەلقنىڭ سىياسىي تارىخىنىڭ خاتىرىسىدۇر. بۇ خاتىرىگە ئىگە بولمىغان خەلقلەر ئۆتمۈشنىڭ تەجرىبىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، بۈگۈننىڭ ۋە كېلەچەكنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئەمەس ھالەتتە بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆتمۈشنى مۇھاكىمە قىلالمايدۇ، بۈگۈننى چۈشىنەلمەيدۇ، كېلەچەك ھەققىدە غايىلىرى بولمايدۇ. بۇنى « سىياسىي جاھالەت » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. « سىياسىي جاھالەت »، يۈز بەرگەنلەرنى چۈشىنەلمەسلىك ۋە قانداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلمەسلىكتۇر. بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان دۇنيا بۈگۈن ئىككى سىياسىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، يا روھى مەجرۇھ ئېيتىلمىلارنى ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى غەرب سىياسەت كۈلتۈرىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە پايدىلىنىشىنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. بۇ تاللاش، ئۆزىگە خاس سىياسەت چۈشەنچىسى ھاسىل قىلىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا.

مۇسۇلمان دۇنيا ئىگە بولغان چۇۋالچاق سىياسىي كۈلتۈر، بۈگۈن ئۆزىگە خاس سىياسەت چۈشەنچىسى شەكىللەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە. مۇھەممەد ئىقبالنىڭ[5]، راشىت غەننۇشىنىڭ[6]، ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ[7]، مۇھەممەد ئابىد جابىرىنىڭ[8] ۋە ئابدۇللاھ بىن كىرانەنىڭ دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت – قاراشلارغا بولغان ئۇرغۇلىرى ئۆزگىچە سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ. لېكىن بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارغا گۇمان بىلەن قارالماقتا ۋە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك شەكلى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە.

بۈگۈنكى ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسى ئىككى چۈشەنچە ئارىسىدا قالغان بولۇپ، بىر تەرەپتە دىنى بولغان ۋە مۇسۇلمان كۈلتۈرىگە مەنسۇپ بولغان ھەر قانداق نەرسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان سېكۇلارىستىك ۋە ئىسلامفوبىك (ئىسلام دۈشمەنلىكى) قاراش يەر ئالماقتا. يەنە بىر تەرەپتە بولسا سىياسەتنى دىنى مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋە خەلقنىڭ دىندارلىشىشىنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قارايدىغان سەلەفى (ئەسلىيەتچى) ۋە مۇرەسسە قىلمايدىغان رادىكال قاراش ئورۇن ئالغان. مالايسىيادىن بوسنىيىگىچە بولغان جۇغراپىيەدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ ئىككى چۈشەنچىنىڭ توقۇنۇشى ئاستىدا قالدى. تۈركىيە، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ، مىسىر، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش قاتارلىق ئەللەر دېموكراتىيە تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ سۈركىلىش روشەن ھالدا ھېس قىلىنماقتا.

مۇسۇلمانلار ئەمدى قانداق بىر جەمئىيەتتە ياشىماقچى بولغانلىقىغا قارار بېرىشى كېرەك. بۇ قارار توغرا سوئالنى سوراشنى تەقەززا قىلىدۇ. يەنى، قانداق بىر جەمئىيەتتە ياشاشنى خالايسىز؟ جىمى كىشىلەر قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولغان ھۆر جەمئىيەتتە ياشاشنى خالامسىز ياكى بىراۋنىڭ ئىسلام شەرھىيسىگە تايانغان بىر ئىسلام دۆلىتىدە ياشاشنىمۇ؟ بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇسۇلمان دۇنيا ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە غەربتە يارىتىلغان سىياسەت بىلىمىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.

خۇلاسە – ئىسلام چۈشەنچىسىدە نېمە ئۈچۈن سىياسەت ئىلىمى گۈللەنمىدى؟

بۇ سوئالغا بۇ ماقالىدا بېرىلىدىغان جاۋابلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ماددا ھالىتىدە ئېيتىشقا بولىدۇ:

  1. مۇسۇلمان دۇنيادا دىندىن مۇستەقىل ھالدا سىياسەت چۈشەنچىسى ئالقىشقا ئېرىشمىدى. بۇ سەۋەبتىن سېكۇلارلىشىش ۋە ئادىمىيلىشىش ۋۇجۇدقا چىقمىدى.
  2. ئىسلام تارىخى ئىچىدىكى سىياسىي ماتېرىياللار بىر سىستېمىغا ئىگە بولالمىدى.
  3. سىياسەت ئىلىمى تارىخىي نۇقتىدىن دىنى ئىلىملەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالدى. ئىسلامى ئىلىملەر ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى.
  4. مۇسۇلمان دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك بىلەن باشلانغان روھىي مەجرۇھلۇقنىڭ تەسىرىدىن ئوڭاي قۇتۇلالمىدى.
  5. بۇ سەۋەبتىن سىياسەت مۇداپىئە ۋە ئۆكتىچىلىك ئېيتىلمىلىرىغا خاسلىشىپ قالدى.
  6. « دىننىڭ سىياسەتتىكى ئورنى قانداق بولىدۇ؟ » سوئالى، مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ سىياسىي ئەقلىنى ئاجىزلاشتۇردى.
  7. غەرپنىڭ تارىخى تەجرىبىسى ئىچىدە يارىتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان سىياسەت ئىلىمى، مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلمىدى.

بۈگۈن مۇسۇلمان دۇنيا سىياسەتنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئومۇمەن ئىككى خىل قاراشقا ئىگە. بىرىنچىسى، ئىسلامنىڭ ئانا مەنبەسىدىن نەزەرىيەۋى سىياسەت چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشماقتا. ھالبۇكى، سىياسەت ئىلىمى، تەجرىبە خاراكتېرلىك بولۇپ،  ئىجتىمائىي تەجرىبە ئۇلى ئۈستىگە بەرپا قىلىنىدۇ. سىياسەت، ئىباھە (ساۋاب ياكى گۇناھ ئەمەس) ساھەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىغىچە مۇسۇلمانلار توغرا بولغان سىياسىي سوئاللارنى سوراشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. ئىككىنچى قاراش بولسا، ياۋروپا مەركەزلىك سىياسەت چۈشەنچىسىنى ئىزچىل تەكرارلاپ تۇرغان، ياۋروپانىڭ تارىخى خاتىرىسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن چۈشەنچە بولۇپ، ياۋروپا مەركەزلىك سىياسىي چۈشەنچە، ياۋروپا سىياسىي تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە داۋا بولماقتا. بۇ چۈشەنچىلەر مۇسۇلمان دۇنيا ئۈچۈن يېڭىلىنىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مۇئەييەن مەنبەلەرنىڭ جەم قىلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن. بۇ مەنبەلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ھەزرىتى مۇھەممەد (ئە س) باشچىلىقىدىكى تۇنجى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي تەجرىبىسى ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭغا كىندى بىلەن باشلانغان بۇرھان ئېقىمى ۋارىسلىق قىلىدۇ. نەسىھەتنامە ۋە سىياسەتنامە ئېقىمى، ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئۈچىنچى تارىخى مەنبەسى سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇستەملىكىچىلىك ۋە سېكۇلار دىكتاتورىلىق دەۋرىدە يارىتىلغان سىياسىي كۈلتۈر يۇقىرىقىلارنىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ باسقۇچ ئەرەب باھارىغىچە داۋاملاشقان تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەشىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم مەنبە بولسا ياۋروپا مەركەزلىك سىياسىي چۈشەنچىدۇر. مۇسۇلمان دۇنيا بۇ يەردىن ئالىدىغان ناھايىتى كۆپ بىلىم ۋە قىممەت – قاراشلار بار. بۇ بەش ئاساسلىق چۈشەنچە ئۆزگىچە ئىسلام سىياسەت چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىلھام بۇلىقىدۇر. بۇ ئۆزگىچە چۈشەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشى، مۇسۇلمان دۇنيادا ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي سۈركىلىشلەرگە قارىتا يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى نەزەرگە ئالغان ۋە بۇ مەنبەلەرنى تايانچ قىلغان يېشىملەرنى ئاساس قىلغان كۆپ ساندىكى ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

[1] Yıldırım Beyazıt Üniversitesi, İslami İlimler Fakültesi LDT Din ve Hürriyet Araştırmaları Merkezi Koordinatörü

[2] مۇھەممەد ئىقبال، « ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى »، تەرجىمە قىلغۇچى – راھىم ئاجار، تىماش نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2013، 215 – بەت.

[3] سەييد قۇتۇپ، « يول بەلگىسى »، تەرجىمە قىلغۇچى – سالىھ قاراتاش، دۇنيا نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1997.

[4] ئالى ئابدۇر – رازىق، « ئىسلامدا ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىرى – بىر ئىدىئولوگىيلىك دۆلەت تەنقىدى »، بىرلەشمە نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1995، 42 – بەت.

[5] يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر، 200 – بەت.

[6] راشىد گەننۇشى، « ئىسلامى بولمىغان ھۆكۈمەتكە قوشۇلۇش »، ئىسلامى ئىزاھات (  islami yorum )، 5 – سان، 111 – 117 – بەتلەر.

[7] ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ، « شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا ئىسلام »، نەھىر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2008.

[8] ئابىد ئەل – جابىرى، « دىموكىراتىيە مەسىلىسى »، ئىسلامى ئىزاھات 5 – سان، 71 – 82 – بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*