ئىسلام سىياسىي فىقھىسىگە مۇقەددىمە 2

2018-يىلى 6-دېكابىر

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى سەھىپىسى ئۈچۈن ئا.مەخسۇم تەرجىمىسى

 

 

بسم الله الرحمن الرحيم
الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه ومن والاه


ھەممىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق تارىخلىرىدىن ئاز تولا بىلىمىز، لېكىن بىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دەۋرلەر ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن قاتتىق زەربىگە، سەت كۆرسىتىشكە ئۇچرىغان دەۋر بولغاچقىمىكىن، بىز ئۇچراشقان كۆپلىگەن تارىخى ئەسەرلىرىمىزدە شانلىق سەھىپىلەرلا بىلدۈرۈلۈپ، خۇددىي خاتالاشمايدىغان پەرىشتىلەر تارىخىدەك بىلىنىپ قالىدۇ. بۇ، بىر تەرەپتىن روھىمىزنى كۆتۈرگەن، ھىممىتىمىزنى قوزغاپ، شانۇ – شەۋكىتىمىزنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە، ھەرىكەتكە ئۈندىگەن تەسىرى بولغان بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن بۇرۇنقىلاردىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىش ، خاتالىقىنى تۈزەشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر جەرياندىن مەھرۇم قىلماقتا. ھازىرقى ناچار ھالىمىزمۇ نەچچە ئەسىرلىك سەھۋەنلىك خاتالىقلارنىڭ بېرىكمىسى ۋە نەتىجىسى… بۇ ماقالە شۇ جەھەتتىكى كەملىكنى تولدۇرغۇسى، بەزى بايانلار، باھالار بەكمۇ رەھىمسىز كۆرىنىشى مۇمكىن(شەخسەن مەن دوكتۇرنىڭ ئىسلام سىياسى تارىخغا بەرگەن باھاسىغا قوشۇلمايمەن)، لېكىن نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق، مەقسەت ئىسلامنى ياكى مۇسۇلمانلار يامان كۆرسىتىش ئەمەس. ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختىكى شانۇ – شەرىپى خاتالىقلىرىدىن ھەر جەھەتتە كۆپ ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتىكى يازمىلار ئەسەرلەر يەتكۈچە بار. تۆۋەندىكى يازمىدىن مەقسەت باشتا ئېيتقاندەك بەزى ئاچچىق ساۋاقلارنى قايتا تونۇش..
سىياسەت ئىلمى ئىسلام ئەسەرلىرىدە شەرئى سىياسەت دەپ ئاتالغان بولۇپ ئۆزىگە خاس ئۇقۇملىرى ۋە ئاتالغۇلىرى بار. بۇ ئۇقۇملارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ۋە قانداق يەردە تەتبىقلىنىدىغانىلىنى رەشەن بايان قىلىش يۈزىسىدىن ئەسلى ئەسەردە ۋە تەرجىمىدە ھازىرقى زامانغا خاس بەزى ئاتالغۇلار ئۆزلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىدى.
بۇ يازما ئىسلام سىياسەت پىرىنسىپلىرى ھەققىدىكى يازما. ئۆلىمالىرىمىز بۇ پىرىنسىپلارنى شەرئىي سىياسەت دېگەن بىر ئىلىم نامىدا بەھس قىلغان . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سىياسەت ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەلمانىيلار دېگەندەك ئەمەس. لېكىن بۇ ئىلىمدا ئاتالغۇلار ئىسلامغا خاس ئاتالغۇلار قوللىنىلغان چۈنكى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىس. ھازىرقى بىزنىڭ زامانىمىزدا ئىسلام مەجبۇرى سىياسى ساھەدىن يراقلاشتۇرۇلغان بىر، ئىككىنچىدىن ھازىرقى زامان سىياسى ئاتالغۇلىرى سەل بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغاچ شەرئىي سىياسەتتىكى ئاتالغۇلارنى شۇ پېتى كۆرگەن كىشى ھازىرقى تەڭداش ئاتالغۇ ۋە كونا يېڭى ئىككىلا ئاتالغۇ كۆرسىتىدىغان شۇ بىر ئۇقۇمنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالە شۇ ئاتالغۇلارنى ھارزىرقى زامان سىياسىي ئىلمىدىكى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارغا تەتبىقلاپ ماڭىدۇ. بىزمۇ تەرجىمىدە شۇنداق قىلدۇق. ئوقۇغاندا بەزى سىياسى ئاتالغۇلار بىزنىڭ كاللمىزدا بۇرۇن بار بولغان بەزى ئىدىئولوگىيە ياكى ئىقىملار قوللانغان ئاتالغۇ بوپ قالسىمۇ..

تۆۋەندىكىسى قاتاردىكى شەرىئەت ۋە ئەخلاق تەتقىقاتلىرى مەركىزىدە تەييارلىغان، ئىسلام سىياسىي فىقھىسىگە مۇقەددىمە نامىدىكى لىكسىيەلەردۇر.

تەرجىماندىن

 

سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ ئۈچىنچىسى :ئىشەنچلىك ياكى ئامانەت ئىگىسى بولۇش

 

بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ئايەتتۇر: «شۈبھىسىزكى ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نىسا سۈرىسى، 58-ئايەت).

بۇ ئايەتنى ئالىملار «ئەمىرلەر ياكى ھاكىمىيەت ئايىتى» دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ئىبنى تەيمىيە «ھۆكۈمران ۋە ئاممىنى ئىسلاھ قىلىشتا شەرئىي سىياسەت» ناملىق كىتابىدا: «بۇ ئايەت ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان ئايەتتۇر» دەيدۇ. يەنى بۇ ئايەت ھاكىمىيەتتىكىلەرنى ئىككى ئىشقا بۇيرۇيدۇ: بىرى ئامانەتنى ئادا قىلىش، يەنە بىرى كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەت بەرپا قىلىش.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەت بولسا ئۈممەت پۇقرالىرىنى ئىككى ئىشقا بۇيرۇيدۇ: بىرى قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە (ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتى) بويسۇنۇش، يەنە بىرى ھاكىمىيەت بىلەن بولغان نىزادا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە قاراش.

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.» (نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت)

بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەنلىك «ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىكى ھوقۇق بولسا ئامانەت بولۇپ، شەخسىي نەرسە ئەمەس» دېگەنلىكتۇر.

بىرىنچى ئايەتتىكى ئامانەتنىڭ ئىككى مەنىسى بار. بىرى ھوقۇق ۋە مەنسەپ ئامانەتتۇر. يەنە بىرى شۇ مەنسەپتىكى كىشى ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ئىشەنچلىك كىشى بولۇشى كېرەك. بۇ ئايەتنىڭ روھى بويىچە سىياسىي ھوقۇق ياكى مەنسەپتىكى كىشىنىڭ ئامانەتنى ئادا قىلىشى دېگەنلىك، بىرى ئۈممەت پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، يەنە بىرى بۇ ئامانەت، يەنى مەنسەپ ۋە ھوقۇقنى ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۈممەت پۇقرالىرى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا قايتۇرۇشى كېرەك. مانا بۇ ئامانەتنى ئادا قىلىشىدۇر. ئۈممەت پۇقرالىرى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغاندا چۈشۈشى كېرەك. ئۈممەت پۇقرالىرى بۇ ھاكىمىيەتنى مۇئەييەن تەرىقىدە تەسەررۇپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ يولدا مېڭىشى كېرەك. ئەگەر ئاساسىي قانۇن بىلەن ئۇنىڭ ھوقۇق ۋە سالاھىيىتىگە مۇئەييەن چەكلىمە قويسا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەك.

ئامانەتنى زورلاپ تارتىۋالغانلار، يەنى سىياسىي مەنسەپ ياكى ھوقۇقنى ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ رازىلىقىسىز تارتىۋالغانلار بولسا ئامانەتكە خىيانەتكار خائىندۇر. بۇ مەسىلە بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، بەزى كىشىلەر: «ھاكىمىيەت ھوقۇقنى توغرا شەكىلدە يۈرگۈزسىلا بولدى، مۇھىمى شۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. توغرىسى ئەۋۋەل ھوقۇققا، ھاكىمىيەتكە ئۆز يولى بىلەن كېلىشى كېرەك. شەرئىي قانۇنلۇق يول بىلەن چىقىشى كېرەك. ئاندىن ھوقۇق يۈرگۈزۈشى توغرا شەكىلدە بولۇشى كېرەك. ھاكىمىيەتنى قانداق بەرپا قىلىش ھاكىمىيەتنى قانداق يۈرگۈزۈشتەكلا مۇھىم. بۇ ئىككىسى ئارىسىدا لوگىكىلىق بىر مۇناسىۋەت بار.

ھاكىمىيەتكە قانۇنسىز يول بىلەن ئېرىشكەنلەر بۇلاڭچىدەك ھەرىكەت قىلىدۇ. قانۇنسىز ھاكىمىيەت ياخشى سىياسەت يۈرگۈزدى دېگەندىمۇ، ئۇ خۇددى شەرىئەتتە بۇلىۋالغان بىر نەرسىنى سەدىقە قىلغان كىشىدەك بولىدۇ.

مەن ئالدىدا «ھاكىمىيەت ئايىتى» دەپ ئاتالغان ئايەتلەردە ئاللاھتائالانىڭ ئەۋۋەل ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بايان قىلىپ، ئاندىن پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بايان قىلغانلىقىنى دېگەن ئىدىم، بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن. پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئاللاھتائالا «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېگەن ئايەتتە كۆرسەتكەندەك قانۇنلۇق شەرئىي ھاكىمىيەتكە بويسۇنۇش، نىزا چىققاندا ئىككى تەرەپ كېلىشىۋالغان ئىلاھىي مەنبەنى ئاساس قىلغان ئادىل قانۇنغا (شەرىئەت، ئاساسىي قانۇنلار) مۇراجىئەت قىلىش. مانا بۇ ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى.

ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولسا ئامانەتنى ئادا قىلىش، پۇقرالار ئارىسىدا ئادالەت بەرپا قىلىش. ئامانەتنى ئادا قىلىشتا كۆزدە تۇتۇلغىنى ئۇنى مەنسەپكە تاللىغانلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە تەسەررۇپ قىلىش، يەنى ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ ئىرادىسى. يەنە ئاشۇ ئۈممەت پۇقرالىرى ئۇنىڭ مەنسەپتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغاندا مەنسەپتىن چۈشۈش. چۈنكى بۇ مەنسەپ ئىگىسىگە قايتىدىغان ئامانەتتۇر. بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن قائىدە-پىرىنسىپلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلارنى ھازىرقى زامان سىياسەت تىلى بويىچە ئېيتقاندا «ئاساسىي قانۇن» دەپ ئاتايمىز. ئاساسىي قانۇندا ھاكىمىيەت ياكى ئەلباشنىڭ قاچان مەنسەپتىن چۈشىدىغانلىقى، قانداق شارائىتتا ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى ۋە باشقا قائىدىلەر پۈتۈلگەن بولىدۇ.

خۇلاسە شۇكى، ئامانەتلىك بولۇش، ئىشەنچلىك بولۇش قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىسلام سىياسىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر.

 

تۆتىنچى پىرىنسىپ : كۈچ

 

بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان كۈچ بولسا كىشىنى ھېكمەت ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىدىغان تەجرىبە ۋە پىشىپ يېتىلىشتۇر، ئىختىساس ئىگىسى بولۇشتۇر. كۈچكە ئىشارەت قىلغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار. مەسىلەن: سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشىدىكى «ئى ئاتا، سەن ئۇنى ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر» دېگەن سۆزى (قەسەس سۈرىسى، 26-ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى دەلىل «سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، كۈچلۈك، ئىشەنچلىك بولغىنىدۇر» دېگەن ئىبارىدۇر. ھاكىمىيەتتە ھوقۇق تۇتقان كىشىمۇ ماھىيەتتە ئۇ خىزمەتكە ياللانغان كىشىدۇر. شۇڭلاشقا بۇنداق كىشى بۇ قىز ماختاپ تىلغا ئالغان «كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك» دېگەن سۈپەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئامانەت ھەققىدە توختىلىپ بولدۇم. كۈچنى تەجرىبە ۋە پىشىپ يېتىلىش دېدىم. ئىسلام سىياسىي قارىشىدا كۈچ مۇشۇ مەنىدىدۇر. لېكىن بۇ پىشىپ يېتىلىش ۋە تەجرىبە مەنسەپنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. بىر ئەسكەر باشلىقى ئۈچۈن كۈچ – جەڭ تەجرىبىلىرىدۇر. ئىقتىسادتا بىر رەھبەر ئۈچۈن كۈچ ئىقتىسادىي تەجرىبە ۋە بىلىمدۇر. دىپلوماتىيەدە دىپلوماتىك ئالاقىدىكى بىلىم ۋە تەجرىبىلەردۇر.

بىر ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىسىنى يەنە بىر ساھەگە قويۇش ياكى تاللاش ئىسلامدىكى ھېكمەتكە، يەنى «ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش، كىشىلەرنى ئۆزلىرى پۇختا قىلالايدىغان ئىشلارغا قويۇش» دېگەن ئۇقۇمغا مۇخالىپتۇر. قۇرئان كەرىمدە كۈچ ئۇقۇمى دائىرىسىگە كىرىدىغان سىياسىي قابىلىيەتكە ئىشارەت قىلغان بەزى ئۇقۇملار كەلگەن. بۇ قابىلىيەتلەردىن بىرى ئىلىمدۇر. مەسىلەن: «يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ›مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن‹ دېدى» (يۈسۈف سۈرىسى، 55-ئايەت). بۇ ئايەتتىكى «ھەفىز» كەلىمىسى «ئىشەنچلىك، ئامانەتنى ساقلىيالايدىغان» دېگەنلىكتۇر. «ئەلىم» بولسا «بىلىم ساھىبى» دېگەنلىكتۇر. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مەنسەپنى شەخسىي تاماسى ياكى مەنپەئەتى سەۋەبلىك تەلەپ قىلمىدى. بەلكى شۇ مەنسەپكە لايىق قابىلىيەت ۋە كۈچ ئىگىسى بولغاچقا تەلەپ قىلدى. بۇ يەردىكى قابىلىيەت ۋە كۈچ ئامانەت ۋە بىلىم ئارقىلىق ئىپادىلەندى. بۇ ئايەتتىن ئېرىشىدىغىنىمىز بىلىمنىڭ ئىسلامدا سىياسىي قابىلىيەتتىكى مۇھىم بىر شەرت ۋە ئامىل ئىكەنلىكىدۇر.

شەرت بولغان سىياسىي قابىلىيەتلەردىن يەنە جىسمانىي ساغلاملىق بار. باشلىق ياكى ئەلبېشىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى بىمالال ئادا قىلالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇ بولمايدىغان جىسمانىي ساغلاملىق شەرت. بەقەرە سۈرىسىدە ئاللاھتائالا تالۇتنى سۈپەتلەپ «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا ) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى» دېدى(بەقەرە سۈرىسى، 247-ئايەت). بۇ ئايەتتە ئىككى شەرت كۆرىمىز. يەنى بىلىم ۋە جىسمانىي كۈچ.

يەنە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بىلىمنىڭ كۆرسىتىدىغىنى مەنسەپتىن مەنسەپكە قاراپ ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا دېگەندەك، ئەسكەرگە كېرەكلىك بىلىم بىلەن ئىقتىسادشۇناسقا كېرەكلىك بىلىمدە پەرق بار. ئەمما جىسمانىي ساغلاملىق ھەممە ھالەتتە زۆرۈردۇر. شەرئىي سىياسەت ھەققىدە ئىزدەنگەن ئۆلىمالار بۇ ھەقتە ئەسەرلىرىدە تەپسىلىي توختالغان.

 

قۇرئاندىكى سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ بەشىنچىسى : ئادالەت

 

قۇرئان بۇ ئۇقۇمغا «القسط» سۆزىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، مەنىسى «ئادالەت» دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ غايىلىرىدىن بىرىنىڭ زېمىندا ئادالەت بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. [بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە كىتابنى ۋە ئۆلچەمنى نازىل قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىنسانلارنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلىشىدۇر.] (سۈرە ھەدىد، 25)
دېمەك، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ غايىلىرىدىن بىرى ئىنسانلارنى ئادىللىق بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش ۋە ھىدايەت قىلىشتۇر.

ئادىللىق مۇتلەق پىرىنسىپ بولۇپ، نىسپىيلىك يوق. ئەخلاق پىرىنسىپلىرى ئۆزئارا قىستىلىشى مۇمكىن. مەجبۇر قالغاندا ياكى زۆرۈرىيەت تۈپەيلى بەزى پىرىنسىپلار يەنە بەزىلىرى ئۈچۈن ۋاقتىنچە قۇربان قىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن ئادىللىق ئۇنداق ئەمەس. شۇڭلاشقا ئاللاھتائالا ئۇنى بارلىق پىرىنسىپلارنىڭ بېشى، پەيغەمبەرلەرنىڭ غايىسى قىلغان.
ئادالەتتە نىسپىيلىك يوق. چوڭ-كىچىك، مۇسۇلمان-غەيرى مۇسۇلمان، سالىھ-فاجىر، ياخشى-يامان، دوست-دۈشمەن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر.

ئىسلامدىكى ئادىللىق ئومۇمىي بىر پىرىنسىپ بولۇپ، دائىرىسى ئىسلامدىن ھالقىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا ئاللاھتائالا مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالغاندا ئادىللىققا بۇيرۇغان. يەنى كاپىرلار مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلمىغان ياكى دۈشمەنلىرىگە ياردەم قىلمىغان ھالەتتە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ ھەقتە مۇنداق ئايەتنى كۆرىمىز: [سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. (لېكىن) ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ. كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر](سۈرە مۇمتەھەنە، 8، 9).

دېمەك، ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىدە مەيلى مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن، ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ، دۈشمەنگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. [ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلايدىغان، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار. بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر](سۈرە مائىدە، 5).

ئۆچمەنلىك قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سىزدىن ئادىللىق قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىزنى ساقىت قىلمايدۇ. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە بۇ مەنىنى گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئادىللىق ھەربىر ئىنسانغا ۋاجىپتۇر. زۇلۇم مۇتلەق ھارامدۇر.»
مۇستەسناسىز ھەر قانداق شارائىتتا ھەربىر ئىنساننىڭ ئادىل مۇئامىلە قىلىنىش ھەققى بار. ھەربىر ئىنساننىڭ باشقىلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. زۇلۇم قىلىش ھەرقانداق شارائىتتا جائىز ئەمەستۇر. زۇلۇم ئادىللىقنىڭ ئەكسى بولغاچقا پۈتۈن رەزىللىكنىڭ بېشىدۇر. ئادىللىق پۈتۈن ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنىڭ بېشىدۇر.
خۇلاسە: ئادىللىق بەرپا قىلىش قۇرئاندىكى سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ بېشىدۇر. بو

 

 قۇرئاندىكى سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ ئالتىنچىسى : «ئاللاھنىڭ مۈلكى

 

بۇ «ئاللاھنىڭ مۈلكى»دىن مەقسەت قىلىنغىنى ئومۇمنىڭ مۈلكىدۇر. بەزى ھەدىسلەردە ئومۇمنىڭ مۈلكى، ئومۇمنىڭ بايلىقى «ئاللاھنىڭ مۈلكى» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئاتاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىگە بىر خىل ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەنىسىنى بېرىدۇ، باشقا مۈلۈكلەردىن تېخىمۇ قاتتىق ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى مۇسۇلمانلار شەخسىي مۈلۈكتىن بەكرەك ئومۇمنىڭ مۈلكىگە تەئەددى قىلىدۇ. شەخسىي مۈلۈكتىن ئۆزىنى قاتتىق تارتقان بىلەن ئومۇمنىڭ مۈلكىدىن ئۆزىنى تارتمايدىغان ھالەتلەرمۇ يوق ئەمەس. لېكىن بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە ئومۇمنىڭ مۈلكىنى «ئاللاھنىڭ مۈلكى» دەپ ئاتاشنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەنلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر شۇنداق ئاتاشتى. بۇ ئومۇمنىڭ مۈلكىنىڭ شەخسىي مۈلۈكتىنمۇ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئومۇمنىڭ مۈلكىدە زۇلۇم قىلىش شەخسىي مۈلۈكتە زۇلۇم قىلغاندىنمۇ قەبىھ ۋە خەتەرلىك ئىدى. قۇرئان كەرىمدە بۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلغان مۇنداق ئايەت كەلگەن: [ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى ئولجىغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ] (سۈرە ئال ئىمران، 161)

بۇ ئايەت ئىككى خىل ئوقۇلغان. بىرى «ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنداق قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ)»، يەنە بىرى «ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتتە (باشقىلار تەرىپىدىن) خىيانەتكە ئۇچرىمايدۇ.»
بۇ يەردىكى ھېكمەت شۇكى، ئايەتنىڭ ئوخشىمىغان ئوقۇلۇشى بىزگە ئوخشىمىغان مەنە بىلدۈردى. ئالدىنقى مەنە بويىچە، پەيغەمبەر ئۈممەتنىڭ باشچىسى بولۇپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىگە(ئولجىغا) خىيانەت قىلمايدۇ. ئايەتتىكى «الغل» ئولجىدىن ئىبارەت ئومۇمنىڭ ھەققى بولغان نەرسىگە خىيانەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، مەيلى پەيغەمبەر ياكى باشقا ئۈممەت باشچىسىنىڭ ئۈممەتنىڭ ھەققى بولغان ئومۇمىي مۈلۈكنى يولسىزلىق قىلىپ ئېلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

ئىككىنچى خىل ئوقۇلۇش بويىچە، پەيغەمبەر خىيانەتكە ئۇچرىمايدۇ، يەنى ئۈممەتنىڭ باشچىسى خىيانەتكە ئۇچرىمايدۇ. يەنى ئۈممەتنىڭ پۇقرالىرى تەرىپىدىن. بۇ دېگەنلىك، ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئېلىۋېلىشغا، ئوغرىلىشىغا ياكى خاتا ئىشنى ھاكىمىيەتكە توغرا كۆرسىتىپ، يالغاننى ئويدۇرۇپ، ناتوغرا يول بىلەن ئېلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.
بىرىنچى ئوقۇش بويىچە، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئېلىۋېلىشى ھارام. ئىككىنچى ئوقۇلۇشى بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ناتوغرا يول بىلەن ئېلىشى ھارام.
ھەزرىتى ئۆمەردىن كەلگەن ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ زاماندا ئومۇمنىڭ مۈلكى بولغان غەنىمەتتىن ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە يىللىق خىراجىتىنى ئېلىپ قېلىپ، قالدىسىنى شەرئىي يولدا سەرپ قىلىشقا قويغانلىقى كەلگەن. (ئىمام ئەھمەد توپلىغان ھەدىس)
ئاللاھتائالا مۇسۇلمانلارغا غەنىيمەت، زاكات ياكى باشقا خەير-ئېھسان شەكلىنى ئالغان ئومۇمىي مۈلۈك ئاتا قىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يىللىق خىراجىتىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى ئۈممەتكە لازىملىقى بويىچە قوللىناتتى. مانا بۇ ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھاكىمىيتىدىكىلەرگە ۋە ئۈممەت پۇقرالىرىغا بىر ئىبرەتلىك دەرستۇر. ھاكىمىيەتتىكى كىشى، مەنسەپتىكى كىشى قول ئاستىدىكى ئومۇمىي مۈلۈك ۋە بايلىقنىڭ ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، بەلكى قولىدىكى ئامانەت، ئاللاھنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى بىلىشى، شۇڭلاشقا ئاللاھ بۇيرۇغان ئورۇنغا ۋە ئۈممەت پۇقرالىرى مەنپەئەتى يولىدا سەرپ قىلىشى كېرەك.

 

قۇرئاندىكى سىياسىي پىرىنسىپلاردىن يەتتىنچىسى: ئىتائەت (بويسۇنۇش)

ئىسلام تارىخىمىزدا بۇ ئۇقۇم بەكمۇ سۇيىئىستېمال قىلىنغان ئۇقۇمدۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىسلام دۆلەتلىرى دەپ ئاتالغان دۆلەتلەردە ھېلىھەم سۇيىئىستېمال قىلىنماقتا. شۇڭلاشقا بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە توختىلىپ ھەقىقىتىنى بايان قىلىش زۆرۈر. بېشىدا دېگىنىمدەك، بۇ ئۇقۇم ھاكىمىيەت ئايىتى دەپ ئاتىغان ئايەتتە كەلگەن. [ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار](سۈرە نىسا، 59)
ئىتائەت بەيئەتنىڭ كېلىشىمىنىڭ بىر تەرىپىدۇر. بەيئەت ھاكىمىيەت بىلەن ئۈممەت پۇقرالىرى ئىككى تەرەپ تۈزىدىغان كېلىشىمدۇر. ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ئامانەتنى ئادا قىلىش ۋە ئادىللىق بەرپا قىلىش. رەئىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى بۇ شەرئىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە يولىدا ئىتائەت قىلىشتۇر. يەنى شەرىئەتكە، بەيئەت كېلىشىمىگە ياكى ھازىرقى تىلىمىزدىكى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلمەيدىغان ئىشلاردا يولىدا ئىتائەت قىلىشى زۆرۈردۇر.
قۇرئان ۋە ھەدىستە، بولۇپمۇ ھەدىستە ئىتائەت كۆپ تەكىتلەنگەن. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇ زاماندىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى جەمئىيەتلىرىدە دۆلەت ئۇقۇمى ئاساسەن باش كۆتۈرمىگەن بولۇپ، ئىسلام دەۋىتى باشلانغاندا پۈتۈن ئەرەبلەرنى ئاستىغا ئالغان ئۆزىنىڭ دۆلىتى ياكى ئەرەبلەر بويسۇنىدىغان، بۇيرۇق ئالىدىغان بىر ئىناۋەتلىك ھاكىمىيەت يوق ئىدى.

ئۇ چاغدىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاددىي-ساددا، تەرتىپسىز، قالايمىقان، كۆچمەن، ئۇرۇشقاق، ھاكىمىيەتكە بويسۇنۇشنى ياقتۇرمايدىغان بىر جەمئىيەت ئىدى. قۇرەيشلەر «بىز پادىشاھسىز» دەپ پەخىرلەنگەن.
ئۇلارنىڭ داڭلىق شائىرى «باشقا مىللەتلەر پادىشاھلىرىغا تىز چۆكسە، پادىشاھلار بىزنىڭ بوۋاقلىرىمىزغا تىز چۆكىدۇ» دەپ پەخىرلەنگەن. بۇنداق بىر مەدەنىيەتتىكىلەرنى دۆلەت ئۇقۇمى ئاستىدا باشقۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتى بەرپا قىلىش جەريانىدا ھەل قىلغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق مانا مۇشۇنداق چەكلىمىنى، ھاكىمىيەتنى تونۇمايدىغان بىر مىللەتتىن تەرتىپلىك، يۆنىلىشى، غايىسى بىر بولغان قۇدرەتلىك بىر ئۈممەت بەرپا قىلدى. ئىتائەت پىرىنسىپى ۋە ئىتائەتنى تەكىتلىگەن شەرئىي نۇسۇسلارنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇ ئىدى. مەقسىتى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش بولۇپ، كېيىنكى ئەسىرلەردە بولۇپ قالغاندەك كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئەمەس، ئەكسىچە ئەركىنلىكنى تەرتىپكە سېلىش ئىدى.

بۇنى ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھىگە يازغان فەتھۇلبارى كىتابىدا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتائەت ۋە ئىتائەت ئۇقۇمىنى ئوخشىمىغان ھەدىسلىرىدە تەكىتلىشىنىڭ ھېكمىتى شۇكى، ئۇ زاماندا ئەرەبلەرنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت تونۇمايتتى.»
غەربنىڭ سىياسىي پەيلاسوپلىرى ئىتائەت ھەققىدە توختالغاندا ئىككى خىل ئىتائەت شەكلىنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن فەقىھلىرىمىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان. شۇڭلاشقا ئىتائەت ئۇقۇمى كېيىنچە بۇرمىلىنىپ، سۇيىئىستېمال قىلىنىپ كەتكەن. ئالدىدا دېگىنىمدەك، ئىتائەت بەيئەتنىڭ بىر تەرىپى. ھاكىمىيەت ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ خىزمىتىدە ۋەزىپىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشى كېرەك. ئۈممەت پۇقرالىرى ھاكىمىيەتكە بويسۇنۇشى ۋە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. مانا بۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بەيئەت كېلىشىمىنىڭ بىر تەرىپى.

شۇڭلاشقا ھاكىمىيەت قانۇنلۇق بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش ۋاجىپ. قانۇنسىز بولسا ۋاجىپ ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى، سىياسىي تارىخىمىزدا بۇ ئىككى خىل ھالەت ئارىلاشتۇرۇۋېتىلدى. فەقىھلەر قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنىڭ ئىمتىيازى بولغان ئىتائەتنى قانۇنسىز ھاكىمىيەتكىمۇ بېرىۋەتتى. مانا بۇ قىلمىش سىياسىي تارىخىمىزدىكى توغرا يولدىن چىقىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. يەنى قانۇنسىز ھاكىمىيەتكە قانۇنلۇق سۈپىتىنى بېرىش، قانۇنسىز ھاكىمىيەتكە قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىنى بېرىش(ئىتائەت قىلىنىش).

مەن شۇنداقتىمۇ فەقىھلىرىمىزنىڭ غەربلىكلەردەك ئىككى خىل ئىتائەت ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. جان جاك روسسۇ ئۆزىنىڭ «ئىجتىمائىي كېلىشىم» دېگەن كىتابىدا ئىككى خىل ئىتائەت قىلىشنى، يەنى ۋاجىپ ئىتائىتى ۋە زۆرۈرىيەت ئىتائىتى ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرىدۇ. قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ ئىتائەتتۇر. قانۇنسىز ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىش زۆرۈرىيەتلىك ئىتائەتتۇر. قانۇنسىز مەيدانغا كەلگەن ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالساڭ قىل، ئەمما بۇ ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت يۈزىدىن بولغانلىقىنى ئۇنتۇما. ھەقلىق بولغان نەرسە بىلەن زۆرۈرىيەتنىڭ پەرقى بار. بۇ خىل پەرقلەندۈرۈشنى بىزنىڭ سىياسىي تارىخىمىزدا كۆرەلمىدۇق، ئەپسۇس. مۇشۇنداق بولغان بولسا، سىياسەتتىكى كىرىزىسلىرىمىز بۇنچە ئۇزۇن داۋام قىلماس ئىدى.

ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھاكىمىيەت راشىد خىلاپەتلىكتىن پادىشاھلىق شەكلىگە ئۆتۈپ بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئىدى. شەرئىي سىياسەت فەقىھلىرى ئىشلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇلار ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىي بولۇشىنىڭ بەدىلىگە ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئىتائەتكە ئۈندىدى. لېكىن ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، بۇ خىل ئىتائەتنىڭ ۋاجىپ ئىتائىتى بولماستىن، زۆرۈرىيەت ئىتائىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ زۆرۈرىيەت ئىتائىتىنىڭ رۇخسەت ئىتائەت بولۇپ، ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئىلمىي ئۇسۇلدا بىلگىنىمىزدەك، رۇخسەت ھۆكۈم ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئەسلى بېكىتىلگەن ھۆكۈم دائىملىق بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، فەقىھلىرىمىز رۇخسەت ھۆكۈمنى، يەنى زۆرۈرىيەت ئىتائىتىنى دائىملىق ھۆكۈم، يەنى ۋاجىپ ئىتائىتى قىلىپ قويۇشتى. بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ مۇسىبىتى ئىدى. بەزىلەر بۇنداق قىلىشتا توغرىلىقىدا مەسىلە بار بىر ھەدىسكە تاياندى: «سېنى قامچىلىسىمۇ، مېلىڭنى تارتىۋالسىمۇ، ئەمىرگە ئىتائەت قىل!“. بۇ بەكمۇ زەئىپ ھەدىس بولۇپ، بۇرۇنقى مۇھەددىسلەردىن ئىمام دارقۇتنى، ھازىرقى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن ئىمام مۇقبىل ئەلۋادىئىي بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىگە ھۆكۈم قىلغان.

 

قۇرئاندىكى سىياسىي پىرىنسىپلاردىن سەككىزىنچىسى :  تەڭپۇڭلۇق ــ تىركىشىش

تەڭپۇڭلۇق ئىبارىسى قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە كەلگەن. [ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر] (سۈرە بەقەرە، 251)

[ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھ» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى بىر قىسمى بىلەن مۇداپىئە قىلمىغان بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر](سۈرە ھەج، 40)

بۇ يەردىكى «المدافعة» سۆزى بىر تەڭپۇڭلۇق مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنى زۇلۇمنىڭ ۋە ناھەقچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ھاكىمىيەتنى ۋە بايلىقنى ئۆز ئالدىغا ئېلىۋالىدىغان، مونوپول قىلىۋالىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مانا بۇ تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى. ئايەتتىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، مۇشۇ تەڭپۇڭلۇق بولسا، بارلىق يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سىياسىيدىكى زۇلۇممۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بەزى مۇسۇلمانلار «سىياسىي چىرىكلىكنى، بوھراننى، سىياسىي يولسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئامالى پەقەت ھاكىمىيەت بېشىدا سالىھ رەھبەرنىڭ بولۇشى» دەپ ساددىلارچە ئويلايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. بىر رەھبەرنىڭ سالىھ، تەقۋالىقى سىياسەتتە يولسىزلىقنىڭ بولۇشىدىن توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى سىياسىي قۇرۇلما بىر شەخس ئەمەس. يولسىزلىق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغىنى يۇقىرىدىكى قۇرئان ئايەتلىرىگە كۆرە تەڭپۇڭلۇق (المدافعة) پىرىنسىپدۇر.
تەڭپۇڭلۇق بىرىنچىدىن، مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ ھەردائىم ئويغاق تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئويغاق تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى خالىغىنىنى قىلىشىغا، ئۆز مەيلىگە ۋە خاھىشىغا تاشلاپ قويماي، كۆزىتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ جەمئىيەت ھەر دائىم زالىمغا قارشى چىقىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەت ئۆزىنىڭ سىياسىي بىرلىكىگە قارشى چىققان ۋە بۇزغانلارنى مەيلى ھاكىمىيەت، مەيلى پۇقرا ئىچىدىن بولسۇن، كونترول قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئۈممەت چىقارغان قارارغا كۆندۈرەلىشى كېرەك. ئۈممەتنىڭ ئىرادىسىگە بىر ئوچۇم كىشى قارشى چىقسا ياكى بىر رەھبەر قارشى چىقسا، ئۇلارنى ئۈممەتنىڭ دېگەن يېرىگە كەلتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

بۇ يەردە مەن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنى ئەسكەرتمەكچى. بىزنىڭ فەقىھلىرىمىز سىياسىي مەنبەلىرىمىزدە ئۈممەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىشى (قوراللىق قارشى چىقىشنى كۆرسىتىدۇ) دېگەن ئۇقۇمنى كۆپ سۆككەن. لېكىن ئۇلار بىر ئىشنى چالا قىلغان، يەنى ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۈممەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققان ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. بۇ ئۈممەت تارىخىدا ئۈممەت ئىرادىسىگە ۋە مەنپەئەتىگە قارشى قانچىلىغان ھاكىمىيەت چىقتى؟ قانچىلىغان ھاكىمىيەت ئۈممەتنى پارچىلىۋەتتى؟ ئۈممەت ئەۋلادلىرىنى خورلىدى؟ دۈشمەننىڭ بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇردى؟

ھاكىمىيەتنىڭ ئۈممەت ئىرادىسىگە قارشى چىقىشى ئۈممەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىشىدىن بەك خەتەرلىك. ھاكىمىيەتنىڭ ئۈممەتكە قارشى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىشنىڭ بىرى دەل مۇشۇ تەڭپۇڭلۇق (المدافعة) پىرىنسىپىدۇر. ئۈممەت ھاكىمىيەتنى كونترول قىلالايدىغان، ھەددىدىن ئاشقاندا توختىتالايدىغان ھالەتتە بولۇشى مۇسۇلمان جەمئىيەتتە بىر تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىدۇ. تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپىنىڭ تەتبىقلىنىش شەكىللىرىدىن بىرى كۈچ ۋە بايلىقنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، ھوقۇقنىڭ ئايرىۋېتىلىشىدۇر (Seperation of Power). بۇ ھەقتە فىرانسىيە پەيلاسوپى مونتىسكيو «قانۇن روھى» دېگەن ئەسىرىدە توختالغان.

ئەمەلىيەتتە، بىز ھازىرقى زامان تىلىمىزدا دەيدىغان بۇ «ھوقۇق ئايرىۋېتىش» دەل قۇرئان كەرىمدىكى ئاشۇ تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپىنىڭ تەتبىقلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. راشىد خەلىپىلىك زامانىدىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن ئايرىۋېتىش شەكلىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: خەلىپىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان دەۋا-دەستۇردا قازىنىڭ ئالدىغا چاقىرتىلىشى. ئۇ زاماندىكى خەلىپە قازىسى ھازىرقى دۆلەت ئۇقۇمىدىكى ئەدلىيەگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
بۇ پىرىنسىپ بويىچە بولغاندا، ھاكىمىيەت بىر قانچىگە ئايرىلىپ، بىر قىسمى ھوقۇق ئىجرا قىلغۇچىلارغا (ھۆكۈمەت، ھەربىي، ساقچى ياكى مەمۇرىي ھوقۇق)، بىر قىسمى ئەدلىيەگە، بىرقىسمى قانۇن چىقىرىش (پارلامېنت، خەلق كېڭىشى، خەلق مەجلىسى ۋە باشقىلار) ئورگانلىرىغا بېرىلىدۇ. ھوقۇقنىڭ بۇنداق تارقىتىلىشى ۋە مۇستەقىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى كۆزىتىپ، كونترول قىلىپ تۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مانا بۇ تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيەسىدۇر.
تەڭپۇڭلۇق يەنە سىياسىي، مەدەنىي، تاراتقۇ ۋە ھەرخىل ئۇيۇشمىلارنىڭ كۆپ خىل ۋە سەرخىل بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىر پارتىيە، بىر ئۇيۇشما، بىرلا رەڭ تاراتقۇ ۋاسىتىسى بار يەردە تەڭپۇڭلۇق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىشى ئۈچۈن سىياسىي، پىكىر، ئۇيۇشما ۋە تاراتقۇ ھەرخىل بەرپا قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر بىر تاراتقۇ ۋاسىتىسى رەڭۋازلىق قىلسا، يەنە بىرى پاش قىلىدۇ. بىر ئۇيۇشما ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ئويۇن ئوينىسا، يەنە بىر پاش قىلىدۇ. ھاكىميەتتىكى پارتىيەنىڭ كەمچىللىكىنى ئۆكتىچى پارتىيەلەر پاش قىلىدۇ. مانا بۇ تەڭپۇڭلۇق. بۇنداق تەڭپۇڭلۇق راشىد بىر جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.

مەن يەنە بۇ يەردە باشقا بىر يازمامدا دېگەن بىر نۇقتىنى تەكىتلىمەكچىمەن. يەنى راشىد بىر جەمئىيەت راشىد خىلاپەتتىن بۇرۇن كېلىدۇ. راشىد جەمئىيەت راشىد خىلاپەتنىڭ شەرتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە راشىد خىلاپەتلىككە تەلپۈنۈشى مانا بۇ ھەقىقەتتىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك. راشىد جەمئىيەت ھوقۇق، بايلىق ئايرىۋېتىلگەن، بىر-بىرىنى تەڭشەپ تۇرۇشنى ئاساس قىلغان جەمئىيەتتۇر. شۇنداق بولغاندا سىياسىي يولدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەي قېرىنداشلار! تەڭپۇڭلۇق ساغلام سىياسىي ھايات بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئىنگلىز تىلىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا كەڭرى قوللىنىلغان checks and balances ئاتالغۇسىنى نېمە دەپ ئېلىش ھەققىدە بەزى قېرىنداشلىرىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئىدىم. بۇ ئاتالغۇ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى مۇھىم بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قانۇننى شەرھلەشتە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئاتالغۇدىن مەقسەت قىلىنغىنى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىلىرى ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق بولۇشىدۇر. مەن بۇنىڭغا قۇرئاندىكى «المدافعة» دېگەن ئاتالغۇدەك ماس ئاتالغۇ يوق دېدىم. ئاللاھتائالا بىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىنسانىيەت قانچىلىك تىرىشسا، يەنىلا قۇرئان بۇيرۇغان مۇشۇ پىرىنسىپلارنىڭ كامالىتىگە يېقىنراق كېلەلەيدۇ.

 

تۈگىدى.

ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە بېسىڭ!

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*