ئىسلام سىياسىي فىقھىسىگە مۇقەددىمە

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى سەھىپىسى ئۈچۈن ئا.مەخسۇم تەرجىمىسى

 

 

بسم الله الرحمن الرحيم
الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه ومن والاه


ھەممىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق تارىخلىرىدىن ئاز تولا بىلىمىز، لېكىن بىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دەۋرلەر ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن قاتتىق زەربىگە، سەت كۆرسىتىشكە ئۇچرىغان دەۋر بولغاچقىمىكىن، بىز ئۇچراشقان كۆپلىگەن تارىخى ئەسەرلىرىمىزدە شانلىق سەھىپىلەرلا بىلدۈرۈلۈپ، خۇددىي خاتالاشمايدىغان پەرىشتىلەر تارىخىدەك بىلىنىپ قالىدۇ. بۇ، بىر تەرەپتىن روھىمىزنى كۆتۈرگەن، ھىممىتىمىزنى قوزغاپ، شانۇ – شەۋكىتىمىزنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە، ھەرىكەتكە ئۈندىگەن تەسىرى بولغان بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن بۇرۇنقىلاردىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىش ، خاتالىقىنى تۈزەشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر جەرياندىن مەھرۇم قىلماقتا. ھازىرقى ناچار ھالىمىزمۇ نەچچە ئەسىرلىك سەھۋەنلىك خاتالىقلارنىڭ بېرىكمىسى ۋە نەتىجىسى… بۇ ماقالە شۇ جەھەتتىكى كەملىكنى تولدۇرغۇسى، بەزى بايانلار، باھالار بەكمۇ رەھىمسىز كۆرىنىشى مۇمكىن(شەخسەن مەن دوكتۇرنىڭ ئىسلام سىياسى تارىخغا بەرگەن باھاسىغا قوشۇلمايمەن)، لېكىن نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق، مەقسەت ئىسلامنى ياكى مۇسۇلمانلار يامان كۆرسىتىش ئەمەس. ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختىكى شانۇ – شەرىپى خاتالىقلىرىدىن ھەر جەھەتتە كۆپ ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتىكى يازمىلار ئەسەرلەر يەتكۈچە بار. تۆۋەندىكى يازمىدىن مەقسەت باشتا ئېيتقاندەك بەزى ئاچچىق ساۋاقلارنى قايتا تونۇش..
سىياسەت ئىلمى ئىسلام ئەسەرلىرىدە شەرئى سىياسەت دەپ ئاتالغان بولۇپ ئۆزىگە خاس ئۇقۇملىرى ۋە ئاتالغۇلىرى بار. بۇ ئۇقۇملارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ۋە قانداق يەردە تەتبىقلىنىدىغانىلىنى رەشەن بايان قىلىش يۈزىسىدىن ئەسلى ئەسەردە ۋە تەرجىمىدە ھازىرقى زامانغا خاس بەزى ئاتالغۇلار ئۆزلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىدى.
بۇ يازما ئىسلام سىياسەت پىرىنسىپلىرى ھەققىدىكى يازما. ئۆلىمالىرىمىز بۇ پىرىنسىپلارنى شەرئىي سىياسەت دېگەن بىر ئىلىم نامىدا بەھس قىلغان . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سىياسەت ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەلمانىيلار دېگەندەك ئەمەس. لېكىن بۇ ئىلىمدا ئاتالغۇلار ئىسلامغا خاس ئاتالغۇلار قوللىنىلغان چۈنكى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىس. ھازىرقى بىزنىڭ زامانىمىزدا ئىسلام مەجبۇرى سىياسى ساھەدىن يراقلاشتۇرۇلغان بىر، ئىككىنچىدىن ھازىرقى زامان سىياسى ئاتالغۇلىرى سەل بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغاچ شەرئىي سىياسەتتىكى ئاتالغۇلارنى شۇ پېتى كۆرگەن كىشى ھازىرقى تەڭداش ئاتالغۇ ۋە كونا يېڭى ئىككىلا ئاتالغۇ كۆرسىتىدىغان شۇ بىر ئۇقۇمنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالە شۇ ئاتالغۇلارنى ھارزىرقى زامان سىياسىي ئىلمىدىكى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارغا تەتبىقلاپ ماڭىدۇ. بىزمۇ تەرجىمىدە شۇنداق قىلدۇق. ئوقۇغاندا بەزى سىياسى ئاتالغۇلار بىزنىڭ كاللمىزدا بۇرۇن بار بولغان بەزى ئىدىئولوگىيە ياكى ئىقىملار قوللانغان ئاتالغۇ بوپ قالسىمۇ..

تۆۋەندىكىسى قاتاردىكى شەرىئەت ۋە ئەخلاق تەتقىقاتلىرى مەركىزىدە تەييارلىغان، ئىسلام سىياسىي فىقھىسىگە مۇقەددىمە نامىدىكى لىكسىيەلەردۇر.

تەرجىماندىن

 

مۇقەددىمە

بۇ ماقالىلاردا ئىسلامدىكى ئاساسىي سىياسىي پىرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلىرى ئۈستىدە توختالماقچىمەن، مەن بايان قىلماقچى بولغان پىرىنسىپلاردىن ”ئادالەت تورغۇزۇش“، ”شۇرا“، ”كېڭەش“، ”ئامانەت“، ”كۈچ“، ”نەسىھەت“، ”ئىتائەت“، ”نۇسرەت“، ”تىركىشىش“،“ئىجمائ“، ”ئاللاھنىڭ مېلى“ ۋە باشقا پىرىنسىپلار بار..

تارىخىىمىزگە قارايدىغان بولسا راشىد خىلاپەتتىن كېيىنكى ئىسلامى پادىشاھلىقلاردا (ياكى ئىمپراتورلۇقلاردا) بۇ پىرىنسىپلارنىڭ مۇكەممەل ئەمەلىيلىشىگە، گەۋدىلىنىشىگە يول بېرىلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەدەنيەت پەلسەپىسى  ۋە ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى بىلەن شۇغۇللانغان بەزى ئالىملار  ئىسلام مەدەنىيىتىدە دەسلەپكى  ئەسىرلەردىن باشلاپلا پەيدا بولغان بىر مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. يەنى ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس كىرىزىسى بولغىنىدەك، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كىرىزىسى – ھازىرقى تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا – ئاساس قانۇن كىرىزىسى بولسا كېرەك (ئاساس قانۇن دېگەن نېمە؟ ) . 20 – ئەسىردىكى ئويغاق ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىچە، ئىسلام مەدەنىيىتىدە بۇ كىرىزىس خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى بۈگىنىمىزگە كەلگەندە ئۈممەتنىڭ پىكرى ۋە رىئاللىقىدا روشەن بۆلۈنۈش پەيدا قىلغان .

مەسىلەن بۇلاردىن ئەللامە ئىقبال ”ئىسلامدىكى سىياسى پىرىنسىپلار ”تۆرەلمە“ پېتى قېلىپ، تەبىئىي يوغىناپ ياشنايدىغان مۇۋاپىق شارائىتكە ئېرىشەلمىگەن“ دەپ قارايدۇ . يەنە قانۇنشۇناس ئابدۇرراززاق سەنھۇرى بولسا ”ئىسلام سىياسى ئىدىيەسى بالىلىق دەۋرىدىن ئېشىپ ئۆتەلمىدى“ دەپ قارايدۇ .  مالىك بىن نەبىينىڭ قارىشچە ”ئىسلام ھەزارىتىنىڭ سىياسى تەرىپى ھەقىقىي ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە بەرپا بولماستىن، ھەر زاماندىكى بار بولغان مەۋجۇد ھاكىمىيەتكە ماسلىشىپراق پەيدا بولغان“..

 

بىزچە ئىسلام سىياسى  پىرىنسىپلىرىنىڭ سىياسى ھاياتتا ئۆز رولىنى روشەن جارى قىلدۇرالماسلىقىنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

  1. سان ۋە سۈپەت مەسىلسى: ئىسلام فەتىھ زامانلىرىدا ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، لېكىن بىر ھەقىقى مۇئمىن جەمئىيىەت رامكىسى ئىچىدىگە سىڭىپ كىرەلمىگەن. باشقىچە ئېيتساق، (دەسلەپلى) ئىسلام دائىرىسىدىكىلەر ئىمان دائىرىسىدىكىلەردىن كۆپ ئىدى.

 

2 . راشىد خىلاپەتنىڭ يوقىلشى:  يەنى ھەقىقى مۇسۇلمان جەمئىيىتى سىستىمىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دىننىڭ ئىستىرىلكىسى ئاستا – ئاستا شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىغىلا قارىتىپ قويۇلدى.  توغرا يولدىن قايغان رېئىاللىق ئىدىيەگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ .

3 . ئىمپىراتورلۇق تۈسىدىكى ھاكىمىيەت شەكىللىرىنىڭ ساپ ئىسلام سىياسى روھىغا بولغان بېسىمى، يەنى ئول زامانلاردا مەيدانغا كەلگەن، ھەربىي قوشۇن (ياكى ئەسكەرلىك) روھىىغا تويۇنغان ئىمپراتورلۇقلاردا ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى تەتبىقلاش تەسكە توختىدى. بۇرۇن رۇم ۋە ئاتىينا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىمپراتورلۇق تۈسىدىكى ھاكىمىيەت بېسىمىدا غولىغانغا ئوخشاش، راشىد خىلاپەتمۇ يېمىرىلدى.

4 . سىياسىي ۋە ئىلمىي ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە ۋەھىي بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلىش ئورنىغا،  غەيرى ئىسلامى  مەنبەلىك بولغان ئىراندىكى ساسانىيلار، رىملار، گىرىكلارنىڭ سىياسى پىرىنسىپ ۋە قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە چۇڭقۇر ئۇچراش.

  1. ئەسەرلەر سۈرگەن خاراپلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئىدىيەسى (مۇسۇلمان ئەقلىيىتى) تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، كۆپلىگەن ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئابىستراكىت نەزىرىيە ۋە ئۇقۇملارغا ئايلىىپ قالدى. ئىش- ھەركەتكە يول كۆرسىتىدىغان مېتود ۋە ماياك قىلىنماي، ئىسلامنى ماختاشتىكى دەلىللا قىلىپ كۆرسىتىلىدىغان بولدى.

 

6 . سىياسى زۇلۇم سەۋەبىدىن ئۆلىمالار بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق سەۋەبىدىن، ئۆلىمالار دىننىڭ بۇ ساھەسىدىن (سىياسەت) ئۆزىنى تارتىشتى ۋە سەل قاراشتى.

 

ھازىر بولسا  زامانىمىزدا سىياسى ئىسلاھاتقا قارىتا بۇنداق چۈشكۈن قاراشقا ئورۇن قالمىدى.  چۈنكى ئۈممەت غايەت زور سىياسى ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە تۇرماقتا، ئۆزىنى چارچاتقان بۇ سىياسىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.. بۇ سىياسى كىرىزىس يالغۇز ئىسلام ئۈممىتىنىڭ رىئاللىقىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىشتىن ھالقىپ، ئۇنىڭ ئىنسانيەت ھەزارىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، كەلگۈسىدە ئىنسانلار ئۈچۈن سۇ ۋە ھاۋادەك زۆرۈر بولغان رەببانى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغىمۇ خەۋپ ئەكەلمەكتە…

 

يۇقاردا دېگەندەك ھەر بىر ھەزارەتنىڭ ئۆز كىرىزىسى بولىدۇ. ئىسلام ھەزارىتىنىڭ كىرىزىسى ھازىرقى زامان تىلىدا ئېيتساق ماھىيەتتە ئاساس قانۇن كىرىزىسىدۇ. ئالىم شىھرىستانى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ “ ئۈممەت  ئىچىدە چىققان ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ ئىمامەت (بۇ ئاتالغۇ خىلاپەت، ھاكىمىيەت مەنىسىدە) ئۈستىدىكى ئىختىلاپتۇر. ئىسلامدا ھېچ بىر دىنى پىرىنسىپقا ئىمامەتكە ئوخشاشش قىلىچ سۇغۇرۇلمىغان“(1)

بۇ كىرىزىس سەقىفە(*) كېچىشى باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى مۇسۇلمانلار بۇ كىرىزىسنى چارەك ئەسىر بىر تەرەپ قىلالىغان . لېكىن ھەزرىتى ئوسمان خىلاپىتىنىڭ ئاخىرى ۋە ھەزرىتى ئەلىي خىلاپىتى زامانىسىدا بۇ كىرىزىس  يەنە پارتلاپ، ھەزرىتى ئەلي باشچىلىقىدىكى ئىراق تەرەپ بىلەن مۇئاۋىيە باشچىلىقىدىكى شام دىيارى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. سىففىندا ھىرىر كېچىسىدىكى جەڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ تىراگىدىيلىك يۈزى ئىدى. ”نىھايىتى ھەرىر كېچىسى ئىدى. ھەرىر قاۋاشقا ئوخشاش بىر ئاۋازدۇر. ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تۈگىدى، نەيزىلىرى قادالدى، قىلىچلىرى سۇندى، بىر بىرلىرىگە ئېتىلىپ چىرمىشىپ، سۇنغان قىلىچلارنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، پەقەت ئۇلارنىڭ نەرە تارتىشقان، قىلىچلارنىڭ بەدەنگە ئۇرۇلغاندىكى ئاۋازلىرىلا ئاڭلىناتتى، قىلىچلار سۇنۇپ دەستىسى قالغاندا بىر بىرىگە تاشلار ئېتىشتى، ئاندىن ھېرىپ چارچاپ توپىلار چېچىشتى، بىر بىرىنى چىشلەشتى. چىققان توپا چاڭدىن كۈن توسۇلدى،  بايراقلار سۇندى.. بامداتتىن تاكى يېرىم كېچىگىچە ئۇرۇشتىلار.“(2)

بىرىنچى ئەسىردە چىققان ئىنقىلاپلار سىففىن ئۇرۇشىنىڭ ئارقىسى ئىدى. ئىسلام ھازارىتىدىكى ئاساس قانۇن كىرىزىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. بۇ قوزغىلاڭلاردىن ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوزغىلىڭى قازى ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەرەبينىڭ تەبىرى بويىچە ”دىن ئۈچۈن غەزەپلىنىپ، ھەق ئۈچۈن دەس تۇرۇشى“ ئىدى.(3)  لېكىن بۇ قوزغىلاڭ كەربالا پاجىئەسى بىلەن ئاخىرلاشتى.  يەنە مەدىنە ئاھالىسىنىڭ يەزىدكە قارشى قوزغىلىڭى بار ئىدى. ھافىز ئىبنى كەسىر نىڭ تەبىرى بوىيچە ”ئاللاھ يولىدا“ چىقىشقان ئىدىلەر(4).  بۇلارنىڭ قوزغىلىمۇ يەزىدنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەنى دەپسەندە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەككدىكى قوزغىلىڭى، سۇلايمان ئىبنى سۇردنىڭ باشچىلىقىدىكى تەۋۋابىنلار قوزغىلىڭى، فەقىھلەرنىڭ ئابدۇرراھمان ئىبنىلئەشئەس باشچىلىقىدىكى قوزغىلىڭى ۋە خاۋارىجلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ئۈمەۋى خىلاپەتلىكى زامانىدا داۋاملاشتى.

گەرچە ئىسلام دۇنياۋى دىن بولۇپ،  باشتىن تارتىپ ئىمان قېرىنداشلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ئوتتۇرغا چىققاندىكى بار بولغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى مەيلى ئېتىقادى ياكى ئىجتىمائىي مەنىدىن بولسۇن تەۋھىدى مۇھىت ئەمەس ئىدى. ئول زاماندىكى ئەرەب يېرىم ئارىدىلىكى قەبىلە تەئەسسۇبىيىتى ئىمانى ياكى ئىنسانى بىرلىك ئۇقۇمىغا ئاسان بويسۇنمايتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تىزلا يۈز بەرگەن ئىسلام پەتىھلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بۇ مەسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى. مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قارىىشىچە ئىسلام دەسلەپكى فەتىھلەردىن ئېرىشكىنى مۇسۇلمانلارغا ئۇل زىيان سالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق يازغان “ مەن ئسلامنىڭ فەتىھلىرى بىلەن ئىلگىرلىشىنىڭ ئۇنىڭ قۇرئان ۋە پەيغەمبېرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي ، دېموكراتىك ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى تۆرەلمە ھالەتتە چەكلەپ قويغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن ”(5).

 

كۆپلىگەن ئىسلامغا كىرگەنلەر  ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىجتىمائىي ۋە سىياسى ئادەتلىرىدىن قەتئىي ۋاز كېچەلمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ئۇ بەرپا قىلغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى كېڭىيىپ، كۆپلىگەن مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە سىڭدۈردى(ئالدى). لېكىن بۇ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى يېڭى كەلگەنلەر بىلەن سىياسى ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن  بىرلىشەلمىدى. بولۇپمۇ تۇنجى ئىسلام ئىمپىراتورلۇقىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىراق ۋە شام دىيارىدا شۇنداق بولدى. بۇ ھالدا ئىسلام ئېلىپ كەلگەن يېڭى تۈزۈلمە بىلەن كونا بار بولغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئادەتلەر ئارىسىدا ياكى ئاشۇ ئادەتلەر ئۆز ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشتىن قېچىش مۇمكىن بولماي قالدى.

بۇ خىل يىمىرىلىشكە دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە بار بولغان شەرئىي سىياسەت (سىياسى ئاساس) توغرىسىدىكى ئىختىلاپ قوشۇلدى. بۇ ئىختىلاپ ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان كۈنىلا پەيدا بولغان ئىدى. مانا بۇ ئىختىلاپ كېيىنكى دەۋرلەردە ئەقىدە بۆلۈنمىچىلىكىگە سەۋەپ بولۇپ قالغان ئىدى.

تاشلىۋىتىلگەن پىرىنسىپ مەيلى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئەخلاقى ياكى مەنتىقىلىقى ئاجىز بولغان ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ناچار پىرىنسىپ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ . ئىسلامدىكى سىياسى پىرىنسىپلار نەچچە ئەسىردىن بېرى تاشلىۋېتىلدى، خىيانەت قىلىندى، مۇسۇلمانلار مۇبتىلا بولغان قىيىنچىلىقلاردىن، ۋەتەنلىرىدىكى سىياسى بۆھراندىن مانا مۇشۇ ئېسىل ۋە ئۇلۇغ سىياسى پىرىنسىپ، قىممەت قاراشلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش ئارقىلىق قۇتۇلالايدۇ .

 

شۇڭلاشقا بىز بۇ پىرىنسىپلارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختىكى سىياسى تەجرىبىلىرىگە تەنقىدى نەزەردە قاراپ چىقىمىز. مىسالغا بىز مۇھاكىمە قىلىدىغان سىياسى ئىشلاردىن مۇسۇلمانلار پىكىر تارىخىدا بىرلىك بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنۇنلۇقلۇق ئورنى مەسىلىسىنىڭ توقۇنۇشى … مۇسۇلمانلار سىياسى تارىخىدا بۇ ھەقتە كۆزىمىزگە چىلىقىدىغىنى فەقىھلەرنىڭ ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئاساستا قۇرۇلۇشىنى قۇربان قىلغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە شۇ زاماندا فەقىھلەر بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قالغان . فەقىھلەرلا ئەمەس ئۇلاردىن بۇرۇن ساھابىلەرمۇ جامائەت يىلى، دەپ ئاتالغان ۋەقەلەردىن باشلاپ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قالغان.  جامائەت يىلى كېلىشىمى ماھىيەتتە سىياسى ھاكىمىەتنىڭ قانۇنلۇق ئاساستا بولىشىنى ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قۇربان بەرگەن كېلىشىم ئىدى. سەۋەبى بولسا ئۈممەتنىڭ بىرلىكى بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق بولىشى ئىككى ئىشنى تەڭلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالغانلىقتىن ئىدى. بۇ خىل قۇربانلىق بېرىش ئەمەلىيەتتە  بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋاقىتلىق بىر چارە بولۇپ، گەرچە ئېمپىراتورلۇق ۋە پادىشاھلىق  ھاكىمىيەتلىرىگە مۇناسىپ بولسىمۇ، مەڭگۈلۈك ھەم مۇناسىپ چارە ئەمەس ئىدى. ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن بىر زىيانلىق ئىش ئىدى. بۇ زىياننىڭ چىقىمىنى كۈنىمىزگە قەدەر ئۆتىدۇق ۋە ئۆتەۋاتىمىز.

 

ئۈممىتىمىزنىڭ سىياسى تارىخىنىڭ بېشىدىلا يۈز بەرگەن بۇ قېيىپ كېتىشنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمىزنى تۈزىتەلمەيمىز.  تارىخى مۇمكىنچىلىك ، يەنى مۇسۇلمانلار تارىخىدا پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشمىغان ئەمما مۇمكىن بولغان بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ ۋاجىپىمىز. مەسىلە شۇكى بۇ قېيىپ كېيتىش بىزدىن ساھابىلەر ۋە ئىسلامىيەت تارىخىمىزنىڭ باشلىنىش دەۋرىگە تەنقىدى (باھا بېرىش) نەزەردە قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ بەلكىم مۇسۇلمانلار ۋىجدانىدا سەزگۈر بىر مەسىلە بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئېڭىمىزدا دەسلەپكى ئەسىر تارىخىمىزنى تەنقىدى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشىمىزنى توسۇپ قويىدىغان پىسخىك ۋە ئىدىيە چەكلىمىلەر بار.

شىيئەلەرگە قارىساق ساھابىلەر تارىخىنى بۇرمىلىۋەتسە، ئەھلى سۈننەت بۇ قايتا تارىخنى ئوقۇشتىنمۇ ئۆىنى تارتىدۇ . بۇ تارىخنى بۇرمىلىغانلار بىلەن قايتا ئوقۇشنى رەت قىلغانلار ئارىسىدا بۇ تارىخ ئىبرەستسىز قەپ قالدى .بۇ يازمىدا تىلغا ئالىدىغان مەسىلىلەردىن يەنە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىمىز ۋە يەنە ئىنسانىيەت ئىسلامدىن باشقا ھەرخىل يوللار بىلەن ئېرىشكەن سىياسى پىرىنسىپ ئۆلچەملەردىن  بىز مۇسۇلمانلار قانداق پايدىلىنىمىز دېگەن مەسىلە بار.

 

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىر مەسىلىسى شۇكى، باشقىلارنى دوراشتىن ئۆزىمىزنى تارتىمىز، ئەمما ئىجتىھاد قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىمىز. باشقىلار مەسىلەن ھىندىستانلىقلاردەك ئەخلاق ۋە مەدەنىيەتتە تۆلىگەن بەدەل قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر غەرپكە يىتىشىش ئۈچۈن ئۇلارنى دورىمىدۇق. بىز ئىنسانىيەت قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىكىمىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن  بىرگە ئېرىشمەكچى. بۇ بىر ياخشى ئىش. باشقىلارنى دوراشتىن ئۆزىنى تارتىشمۇ ياخشى ئىش. لېكىن ئىجتىھاد، تىرىشىشقا ھورۇنلۇق قىلىش ئەيىپ ئىش. سەن دوراشتىن ئۆزۈڭنى تارتساڭ ئالدىڭدا بارى پەقەت ئىجتىھاد قىلىپ تىرىشىش، ئۈچىنچى بىر يول يوق.

 

قۇرئاندىكى ئاساس سىياسى پىرىنسىپلار

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) نى يەمەنگە ۋالى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭغا: قانداق ھۆكۈم قىلىسەن دېۋىدى، ئۇ: ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىسىچۇ دېۋىدى، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ بولمىسىچۇ دېۋىدى، ئۇ: ئۆز رايىم بىلەن ئىجتىھاد قىلىمەن، ھەرگىز چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەيمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەلچىسىنى (ئاللاھنىڭ ئەلچىسى رازى بولىدىغان ئىشقا) مۇۋەپپەق قىلىپ بەرگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ – سانالار بولسۇن! دېدى. (”سۇنەنى تىرمىزى“ 1377-ھەدىس. ”سۇنەنى ئەبى داۋۇد“ 3594-ھەدىس)

 

يۇقارقى ھەدىس بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق كۆرگەن گۈزەل بىر مېتودنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ . يەنى ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى بىكىتمەكچى بولساق، توغرىىسى ئەۋۋەل ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشلىشىمىز كېرەك .ئەگەر كىتابتا  جاۋاپ تاپالىساق ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە قوشۇمچە قىلىش بىھاجەت، كىتابتا تاپالمىساق پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. سۈننەتتە تاپالمىساق ئىجتىھاد قىلىمىز. ئىجتىھاد قىلىش باشقىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر ۋە تارىخىغا قاراپ چىقىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . بۇ يازمىدا مەنمۇ مۇشۇ يولنى تۇتماقچىمەن ئەلۋەتتە .

مەنمۇ گپىمنى ئەۋۋەل قۇرئان كەرىمدىكى ئاساس سىياسى پىرىنسىپلاردىن باشلايمەن. لېكىن باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىشنى دەپ ئۆتمەكچىمەن . سىياسەتتە ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرا ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل مۇئامىلە (يول) بار. بىرى مۇستەبىتلىك يەنە بىرى ئىختىيارى تاللاش. بىرى دىكتاتور ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر، پادىشاھلىقلار تۇتقان يول يەنە بىرى ھاكىمىيەتتىكىلەر بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا ئەركىن ۋە رازىمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان كىلىشىم شەكلىدىكى ھاكىمىيەت. مەدەنىيىتىمىزدە بۇ ئىككىلا خىل شەكىلدىكى ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغان .

 

ئىسلامدا ۋەھىيى مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق ئىككىنچىلا يول ماقۇل كۆرۈلگەن. ھاكىمىيەت ۋە پۇقرا (ئۈممەت) ئارىسىدا زورلاش، مەجبۇلاشقا ئورۇن يوق.

جەمئىيەتتە سىياسەت يالغۇز ھاكىمىيەتتىكىلەر ياكى ئاقللىرى بىلەنلا يۈرگۈزۈلمەيدۇ لېكىن ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرا ئارىسىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش بولىشى كېرەك. بۇ خىل رازىلىق يولى دەل ئىسلام تۇتقان يولدۇر. ئىسلامدىكى بىر سىياسى پىرىنسىپتۇر. لېكىن باشتا دەپ ئۆتكەندەك تارىخى سەۋەپلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىكىى تەجرىبىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇ پىرىنسىپلار مۇسۇلمانلارنىڭ سياسى ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان .

بۇ پىرىنسىپلار ئۈستىدە توختىلىش ئارقىلىق خۇددى ئىمام ئەلغەزالى ئىھيا ئۇلۇمىددىن دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق دىنى بىلىمەرنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغىنىدەك ، مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ھاياتىدا ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئاساس سىياسى پىرىنسىپلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.

 

قۇرئان كەرىمدىكى قىسسەلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى مىسىر پىرئەۋنلىرى ياسىغان پىرامىدا شەكلىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن پىرئەۋننىڭ ھاكىمىيەت پىرامىداسى، بۇ پىرامىدانىڭ ئەڭ ئۈستىدە پىرئەۋن بار. ئۇ ئۆزىنى دۆلەت ئىلاھى ئاتىۋالغان ”ئايەتنى ياز“.. مەيلى بۇرۇنقى پىرئەۋندەك ئوچۇق ئاشكارا دېسۇن ياكى ھازىرقى زامان مۇستەبىت ”پىرئەۋنلىرى“ دەك قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن ئېلان قىلسۇن..

ئۇنىڭ ئاستىدا دۆلەتتىكى سىياسى تەبىقىنى تەمسىل قىلغان ھامان بار. بۇلارنىڭ مەنپەئەتى پىرئەۋن بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ.  دۆلەت ببېشى(فىرئەۋن)غا خىزمەت قىلىدۇ، دۆلەت بېشى بۇلارنى قوللىنىدۇ. بۇلار دۆلەت بېشىدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئىگەللەيدۇ . ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ئىشلەيدۇ .

ئۇنىڭدىن كېيىن قارۇننى كۆرىمىز. قارۇن ھازىرقى زاماندا دۆلەت بېشى بىلەن باغلانغان ئىقتىسادى گورۇھ ياكى گورۇپپىلارغا تەمسىلدۇر. ھەر قانداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ھامان ۋە قارۇنلىرى بولىدۇ. بۇ مۇستەبىتنىڭ بارلىقىدىن پايدىلىنىدىغان سىياسى گورۇھلار، ئىقتسادى گورۇھلار بولىدۇ . ئۆز ئارا بىر بىرىگە پايدا يەتكۈزىشىدۇ، پايدىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەر، ساقچى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلغان ھەربى ئەسكىرى كۈچ تەبىقىسى بار. بۇلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، قارشى چىققانلىنى باستۇرىدىغان كۈچتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا“ شۈبھىسىزكى پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى گۇناھكارلاردىن ئىدى“ (قەسەس 8. ئايەت) دېگەن دېمەك ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى بۇ پىرامىدانىڭ بىر تەركىۋى.

 

ئۇنىڭدىن كېيىن سېھرىگەرلەرنى كۆرىمىز، بۇلار ھاكىمىيەتتە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىغا مىسالدۇر. يەنى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قانۇنى ۋە ئەخلاقى ئارقا تېرەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلاردۇر. ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇلار يەنە مېدىيا يالاقچىلىرى، ھاكىمىيەت بېقىندى ئۆلىمالىرى قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىتەتنى ئاقلايدىغان، چىرايلىق كۆرسىتىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ئەڭ ئاستىدا بولسا پۇقرا بار. بۇلار مەزلۇملار، ئېزىلگۈچىلەردۇر. پىرئەۋن ئۇلارنى تۆۋەن كۆردى، گوللىدى ، ئۇلار ئۇنىڭ كۈچىگە بويسۇندى. مانا بۇ بىز قۇرئان كەرىمدىن ئىلھام ئالغان پىرئەۋن ھاكىمىيەت پىرامىداسى. پەيغەمبەرلەر مانا مۇشۇ پىرئەن پىرامىداسىنى يىققىلى كەلگەنلەردۇر. ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا ”تۈز سىزىقلىق“ قۇرۇلما سۇنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا “ لقد أرسلنا رسلنا بالبينات … ليقوم الناس بالقسط“ دېمەك پەيغەمبەرلەرنىڭ غايىسى مەقسىتى ئادالەت بەرپا قىلىشتۇر. ئۇلار ئادالەت تۇرغۇزىدۇ. پىرئەن پىرامىداسىنى يىقىيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ، ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرا قانۇن شىرىئەت ئالدىدا باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ”تۈز سىزىقلىق“ قۇرۇلما بەرپا قىلىدۇ . ھەدىستە “ ئىنسانلار تارغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر“ دەپ كەلگەن. مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەئۋىتىنىڭ جەۋھىرى…

 

شۇرا پىرىنسىپى

 

بىز بايان قىلماقچى بولغان ئىسلام سىياسى پىرىنسىپلىرىنىڭ تۇنجىسى شۇرادۇر. شۇرا سۈرىسىدە (ئۇلار ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلار) (شۇرا 38.ئايەت)دەپ ئايەت كەلدى. بۇ ئايەتتىكى شۇرا يەنى مەسلىھەت، كېڭەش دېگەن سۆزنى ھازىرقى زامان سىياسى تىلىغا ئۆرىسەك خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىشى دېگەنلىكتۇر. يەنى ھاكىمىيەتنى خەلق تاللىمىسا ئۇ قانۇنلۇق ئەمەس. ئۈممەت پۇقرالىرى پەقەت رازى بولۇپ، كېلشىش ئاساسىدا تاللىغاندا ئاندىن ئۇ ھاكىمىىيەت قانۇنلۇق ھاكىمىيەت بولىدۇ .

بۇنىڭ يەنە بىر كۆرسەتمىسى شۇكى، ئۈممەت پۇقرالىرى تاللىماستىن، ھاكىمىيەتنى بۇلىۋالغانلار ئۈممەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھەققىنى تارتىۋالغان، ئۈممەت نامىدىن يالغان ئويدۇرغانلاردۇر. (بۇ يەردە فىقھىدىكى غەسپ يەنى بۇلىۋېلىش ھۆكمىنى ئىشلەتكەن بۇنى بايان قىلىش كېرەك. يەنى بىز فىقھىمىزگە قارىساق غەسپ دەپ بىر باب بار. كىشىنىڭ مال دۇنياسى ھەققىدە فىقھى ھۆكۈم بار يەردە ئۈممەتنىڭ ھەققىنى غەسپ قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ھۆكۈم بار- تەرجىمان). شۇرا ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئىسلامدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىدۇر. يەنى بىر ھاكىمىيەتنى ئۈممەت پۇقرالىرى زورلاش ۋە بېسىم بىلەن ئەمەس  بەلكى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن تاللىمسا ئۇ ھاكىمىيەت قانۇنلۇق ئەمەستۇر.

قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئەھكام ئېلىش قائىدىسىگە سالساقمۇ، ئايەتتىكى شۇراغا بۇيرۇش ئۇمۇممىيەت شەكىلدە كەلگەن بولۇپ بۇ ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرغان، جۈزئىيلەشتۈرگەن باشقا بىر دەلىل يوق.  (ئۇلار ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلار) ھۆكۈم بۇ بىر ئومۇمىي ھۆكۈمدۇر. بۇ دېگەنلىك ھەممە ئۈممەت ئەزاسىنىڭ شۇرادا ھەققى باردۇر(گەرچە ئۆلىمالار ئارىسىدا شۇرا كىمنىڭ ھەققى كىمنىڭ ئەمەس دېگەنلەر ئۈستىدە تالاش تارتىشلار بار بولسىمۇ). بۇ ھەقتىكى ئەڭ ياخشى ئۆلچەمنى بىز قۇرئان كەرىمدىن ئالىمىز. بۇ ئۆلچەم قايسى؟ “ يەنى ئىش كىمگە چېتىشلىق بولسا، شۇرا شۇنىڭ ھەققىدۇر، شۇ كىشى كېڭىشىشكە ھەقلىقتۇر“

مەسىلەن شۇرا قىلىنىدىغان ئىش دۆلەت رەئىسىنى تاللاش بولسا،  – بۇ ئەلۋەتتە دۆلەتتىكى بارلىق ئۈممەت ئەزالىرىنىڭ ھەققىدۇر – شۇراغا قاتنىشىشمۇ بارلىق ئۈممەت پۇقرالىرىنىڭ ھەققىدۇر. دۆلەتتىكى مۇئەييەن تائىپە، گورۇھ، پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا بۇ ھەقنى تارتىۋېلىش، مونوپۇل قىلىشى يولسىزلىقتۇر.  چۈنكى بۇ دۆلەت رەئىسى بارلىق پۇقرالارنىڭ رەئىسىدۇر. ئۇنىڭ قارارلىرى بارلىق پۇقرالارغا تەسىرى بار. شۇڭلاشقا بۇ تاللاش ئىشى ھەممە پۇقرانىڭ ئىشى بولۇپ، ھەممە پۇقرانىڭ شۇرا ئرقىلىق بۇ ئىشنى قارار چىقىرىش ھەققى بار.

شۇرا دېگەن بۇ ئىسلام پىرىنسىپىدىن يەنە بىر ئۇقۇمنى بىلىشىمىز كېرەك. بەيئەت  كېلىشىمى. بەيئەت پىرىنسىپ ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى جەمئىيەتلەردە بار بولغان بىر ئىجرائات شەكلىدۇر. يەنى بەيئەت يۇقاردىكى شۇرا پىرىنىسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەتبىقلاشتىكى بىر ئىجرائات شەكلىدۇر. ئىمام ماۋەردى سۇلتان ئەھكاملىرى كىتابىدا دېگەندەك ”بەيئەت مەجبۇرلاش ۋە زورلاش ئارلاشمىغان ئىختىيارلىق ۋە رازىلىق كېلىشىمىدۇر“. بەيئەت ئەركىن تاللاش بولمىسا ئۇ بەيئەت ئەمەس. بەزى مۇسۇلمانلار بەيئەتنى ئىسلامى پىرىنسىپ دەپ قارايدۇ. ئۇنداق ئەمەس. بەيئەت شۇرا دېگەن پىرىنسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈتىكى بىر ئىجرائات شەكىلدۇر.

 

قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ئاساس پىرىنسىپلارنىڭ ئىككىنچىسى كېڭەش

 

قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ئىككىنچى پىرىنسىپ بولسا كېڭەش. ئال ئىمران سۈرىسىدە (ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن) دېگەن ئايەت كەلگەن.  بۇ يەردىكى المشاورة يەنى كېڭەشنىڭ مەنىسى شۇكى، ھاكىمىيەتتىكى شەخس ئومۇمنىڭ ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقى كېرەك. كېڭەش قارار چىقىرىشقا ئالاقىدار بولسا، شۇرا باشلىق، ھاكىم تاللاشقا ئالاقىداردۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرىشىمىز بەكلا مۇھىم . باشقىچە ئېيتساق شۇرا ھاكىمىيەت قۇرۇش بىلەن باشلىىسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلىشى كېڭەش بىلەن بولىدۇ. ئالدىنقىسى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا چېتىلسا كېيىنكىسى قارار چىقىرىشقا چېتىلىدۇ .

قۇرئان كېرىمدىكى قىسسىلەرنىڭ ۋەقەلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەقىقى مەنىدىكى كېڭەشنى كۆرىمىز. يەنە مۇستەبىتلەر قارارلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قىلغان كۆرۈنۈشتە بار ئەمەلىيەتتە يوق يالغان كېڭەشنىمۇ كۆرىمىز.

ھەقىقى مەنىدىكى كېڭەشنى نەملە سۈرىسىدە سەبەئ مەلىكىسىنىڭ ھوزۇرىدا كۆرىمىز ئايەت (ئۇ يەنى بىلقىس ئېيتتى: ئى ئۇلۇغلار مېنىڭ بۇ ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار..) (نەملە 32.ئايەت)

سەبەئ مەلىكىسى قەۋمى بىلەن ھەقىقى مەنىدە كېڭەش قىلدى.. شۇڭلاشقا ئۇلارغا بار ئىشنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ رەيىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقاردى. ساختا كېڭەشتە بولسا ئۇ پەقەت ھاكىمىيەتتىكى شەخسنىڭ قارارلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ساختا ئىشتۇر. مىسالغا پىرئەۋننىڭ مۇنۇ سۆزىنى كۆرىمىز ”مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن.سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن ”. پىرئەۋن بۇ يەردە مەسىلىھەت سالمايۋاتىدۇ بەلكى ئۆزىنىڭ قارارىنى تېڭىۋاتىدۇ. بۇ كېڭەش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشتۇر. خۇددى ھازىرقى زامانىمىزدا بەزى مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلدىغان ساختا سايلاملاردىكى نەتىجىلەردەك .

بۇ شەكىلدە قارار چىقارغان ھاكىمىيەت ياكى ئەلبىشى شەكسىزكى پىرئەۋننىڭ يولىدا ماڭغاندۇر. “ مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن “ ئۇ خەلقنىڭ ئۇنىڭ قارارىنى قوللىشىنى، ئاقلىشىنى، توغرا چۈشىنىشىنى ئاندىن ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ، قارار چىقىرىشقا قاتنىشىشىنى ۋە ھەسسە قوشۇشىشىنى ئەمەس. بىز ئالدىدا كۆردۇق، شۇرا ئومۇمىي بولغىنىدەك كېڭەشمۇ ئومۇمى پىرىنسىپتۇر. بۇنى خاسلاشتۇرغان بىر دەلىل يوق . لېكىن بىز يەنە ئالدىدەك بىر ئۆلچەمگە مۇراجىئەت قىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ ”كىمنىڭ ئىشى بولسا شۇ قاتنىشىدۇ“ … شۇڭلاشقا كېڭەش بەزىدە ئومۇمى خەلق سەۋىيەسىدە بولىدۇ ياكى مۇئەييەن دائىرىدە بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەققىدە توختالغاندا تەپسىلىي بايان قىلىمز. بۇ يەردە قىسقىچە ئىزاھات بېرىمەن .

ئەگەر چىقىرىلماقچى بولغان قارار ياكى ئىش پۈتۈن خەلققە مۇناسىۋەتلىك بولسا پۈتۈن خەلق كېڭەش قىلىدۇ، ئەگەر قارار مۇئييەن كىشىلەرگە چېتىلسا شۇ مۇئەييەن كىشىلەر كېڭەش قىلىدۇ . مەسىلەن بىر ئىش ئۈستىدە سىياسى قارار چىقىرىلماقچى، بۇ ئىش ئىشچىلارنىڭ ھەققىگە چېتىشلىق بولسا پۈتۈن خەلق قاتنىشىشى بىھاجەت بولۇپ، ئىشچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىشچىلار بىرلىكلىرى ۋاكالىتەن قاتناشسا بولىدۇ .  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىمۇ بۇ خىل مىساللار بار.

شۇراغا ئوخشاش كېڭەشنىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىۋاستە ياكى ئۆزلىرى نامىدىن ۋەكىل چىقىرىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. قۇرئان ۋە سۈننەتتە يەنە بۇ خىل ئىجرائاتقا مىساللار بار. مەسىلەن سەھىھ بۇخارىدا كەلگەندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەردىن ئۇرەفالەرنى تاللاىغان، ئەنسارلار نامىدا سەئد ئىبنى ئۇبادە ۋە سەئد ئىبنى مۇئازلار بىلەن كېڭەش قىلغان .

 

[1] محمد بن عبد الكريم الشهرستاني: الملل والنحل (مؤسسة الحلبي)، 1/22.

[2] عبد الحي بن أحمد بن العماد الحنبلي: شذرات الذهب في أخبار من ذهب (دمشق: دار ابن كثير، 1986)، 1/211.

[3] أبو بكر بن العربي، العواصم من القواصم في تحقيق مواقف الصحابة بعد وفاة النبي صلى الله عليه وسلم (بيروت: دار الجيل، 1987)، ص 237.

[4] شمس الدين الذهبي: سير أعلام النبلاء (بيروت: مؤسسة الرسالة، 1985)، 4/37.

[5] نقل كلام إقبال مالك بن نبي: فكرة الإفريقية الآسيوية (دمشق: دار الفكر، 2001)، 228.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*