ئىسلام قانۇن پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن مەدىنە ئەھدىنامىسى

2019-يىلى 16-ماي

مۇستافا كەلەبەك*

 

 

كىرىش سۆز

قانۇن پەلسەپىسى بىر ئىلىم تۈرى سۈپىتىدە قانۇن ئۇقۇمى دائىرىسىدىكى بارلىق ۋەقە ۋە مۇئەسسەسەلەرنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدۇ. بارلىق پەلسەپە تۈرلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئۆز تېمىسىغا ئالاقىدار ئومۇمىي قائىدە ۋە رامكىلارنى بېكىتىدۇ. ئۆزئارا ماس بىر قانۇن تۈزۈم ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۆلچەملىك بەلگىلىمىلەرنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنى سىزىشقا تىرىشىدۇ. ئىسلام قانۇن (فىقھىي) پەلسەپىسىمۇ، ئىسلام قانۇنىنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرىنى ئومۇمىي رامكا ئىچىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئۇيغۇن ھالدا تەتقىق قىلىدۇ.[1]

بۇ ماقالىدە، مەدىنە ئەھدىنامىسى (مەدىنە ۋەسىقىسى، دەپمۇ ئىشلىتىلىدۇ) نىڭ تارىخىي قىممىتى، مەنبەلىرى، قانۇنىي دائىرىسى، ئەخلاق ۋە ئادالەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىكى ئەھمىيەتلىرى دېگەنگە ئوخشاش قانۇن پەلسەپىسى ۋە دۆلەت پەلسەپىسى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بار ساھەلەرگە كىرىدىغان تەرەپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ دۆلەت پەلسەپىسىگە ئاساسەن ئېنىقلىما بېرىشكە، قانۇن پەلسەپىسىگە ئاساسەن تەھلىل قىلىشقا ۋە ئۇ ئىپادىلەيدىغان ئىجتىمائىي / سىياسىي نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ماقالە، ئومۇمىي مەنىدە پەلسەپە، قانۇن پەلسەپىسى، دۆلەت پەلسەپىسى، ئومۇمىي قانۇن، ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن ساھەلىرىدىكى بەزى ئەسەرلەر بىلەن، ئىبنى ھىشامنىڭ «سىيەر»، ئەبۇ يۇسۇفنىڭ «ئەلخاراج»، يەھيا بىن ئادەمنىڭ «ئەلخاراج»، ئىبنى رەجەبنىڭ «ئەلئىستىخراج» (قاتارلىق ئەسەرلىرى) ۋە ئىبنى قۇتەيبەگە ئوخشاش ئەھدىنامىنىڭ مەتنى (تېكىستى) نى نەقىل قىلىپ شەرھلىگەن مەنبەلەر بىلەن دەۋرىمىز ئىسلام قانۇن تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى مۇھاكىمىلىرىنى تايانچ قىلىدۇ. مەيلى غەربتە، مەيلى ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھەقىقىي ۋە ئوتوپىك ئەسەرلەرنىڭ، پەلسەپىۋى ئېقىملارنىڭ دۆلەت پەلسەپىسى ساھەسىدىكى مۇھاكىمىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «ئۇتوپىيەچى دۆلەت چۈشەنچىسى» گە، بولۇپمۇ توماس مور ۋە تومماسا كامپادېللانىڭ ئۇتوپىيەلىرىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. بۇ مۇھاكىمىلەردىن كېيىن، نەزەرىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەقىقىي رەۋىشتە ئىجرا قىلىنغان يازما ھۆججەت بولغان مەدىنە شەرتنامىسىگە ئۆتۈلىدۇ.

شۇنى بايان قىلىپ ئۆتەيلىكى، بۇ ئەھدىنامە پەقەت قۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش باياناتى ئەمەس، بەلكى بۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىغان، يىلتىزى چوڭقۇر دۆلەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە بىر سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ مودېلىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ قەبىلە ئەنئەنىسىدىن بۈيۈك جەمئىيەتكە قاراپ يول ئېلىشىنىڭ تەبىئىي يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى دۆلەتكە ئوخشاش چوڭ تەشكىلاتلىنىشقا بولغان مەدەنىي ئېھتىياجىنىڭ قانداق قامدىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دەرۋەقە، ئىبنى خەلدۇن (808 / 1404)، دۆلەتكە؛ ئىنسان نەسلى مىسالى تۇغۇلىدىغان، تاكامۇللىشىدىغان، ياشاپ ئۆلىدىغان مەنىۋى ئورگان، دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ.[2] بۇ ئېنىقلىمىدا، ئىجتىمائىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە مول كەڭ دۆلەت پەلسەپىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىش مۇمكىن.

* كۈلتۈر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئىسلام ئىلىملىرى بۆلۈمى، ئەرەب تىلى ۋە بالاغەت ئىلمى كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى.

[1]  ئابادان، ياۋۇز، ئامما قانۇنى ۋە دۆلەت نەزەرىيەلىرى، جەنۇب مەتبەئەچىلىك ۋە ژۇرنالىستلىق، ئەنقەرە، 1952، 95 – بەت؛ ئىبنى ئاشۇر، م.تاھىر، ئىسلام قانۇن پەلسەپىسى (تەرجىمە: ۋەجدى ئاقيۈز – مەھمەت ئەردوغان)، ئىقلىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1998، 81 – 87 – بەتلەر.

[2] İbn Haldun, Ebu Zeyd Abdurrahman b. Muhammed, Mukaddime (çev. Zakir Kadiri Ugan), I-III, Milli Eğitim Basımevi, İstanbul, 1968, I,431-436.

 

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*