ئىسلام مودېرنىزمى ۋە قۇرئان

مەھمەت ئالى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئىسلام مودېرنىزمى « بۈگۈنگىچە ئىسلام دەپ كەلگەن دىن » ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئېلىپ بارغاندا، تەبىئى ھالدا ئىسلامىيەتنىڭ تۇنجى مەنبەسى بولغان قۇرئانى كەرىمنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلماقتا. چۈنكى مودېرنىست ئېقىمنىڭچە قۇرئان شەرھىيلەنگەندە تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، كالامغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى دىنى ئىلىملەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، تېكىست جەھەتتىن ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماستىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنىدى. ئىككىنچى مەنبە بولغان سۈننەتنىڭ دائىرىسى ئىچىدىكى ھەدىسلەر بولسا قۇرئان ئىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقتىن خالىيلىق ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتىن مەھرۇمدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەدىس، فىقىھى، كالامى، مەزھەبى، تەسەۋۋۇپى بارلىق دىنى ئەسەرلەر ۋە بۇ ئەسەرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنگەن مېتود، چۈشەنچە ۋە مۇئەسسەسەلەر مودېرنىستلارنىڭ تەنقىد ئوبىيكتى بولماقتا. مودېرنىستلارنىڭچە پەقەت قۇرئاندىن ئىلھام ئېلىش ئارقىلىق چاغداش مەسىلىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ قايتىدىن دەۋرگە مۆھرىنى بېسىشى پەقەت مانا بۇ مىتود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ھالبۇكى، ئەنئەنىدە قۇرئان پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا ئەكس ئەتكەن سۈننەت، قۇرئاننىڭ ۋە سۈننەتنىڭ مۇسۇلمان خەلق تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ھاياتقا ئېلىپ كىرىلگەن ھالى بولغان ئىجما ۋە بۇ تەجرىبىلەرنى بويلاپ ماڭغان ئەقىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى بولغان قىياس بىلەن بىرلىكتە مەنبە دەپ قارالماقتا ئىدى. يەنى قۇرئان، باشقا مەنبەلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇلۇپ چۈشىنىلمەكتە ئىدى. ئىسلام مودېرنىزمى بولسا بارلىق شەرھى خىزمەتلىرىنى قۇرئان ئۈستىدە « ئۇنىڭ توغرا چۈشىنىلىشى » ئۈچۈن مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، باشقا مەنبەلەرنىڭ ياردىمىنىڭ كېرىكى يوق ئىدى. چۈنكى قۇرئان ھەركىم چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە ئاددى، چۈشىنىشلىك ئىدى[1].

تېكىستچى مودېرنىزم

ئاساسى مەنبە بولغان قۇرئانغا قارىتىلغان كۈچلۈك تەكىت، قۇرئان ئىسلامچىلىقى، قۇرئانغا قايتىشچىلىق، قۇرئانىييە ( قۇرئانىزم )غا ئوخشاش ئىسىملار بىلەن ئاتالدى. بۇ بابقا كىرىش قىسمىدا مۇستەقىل ھالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن سەييىد ئەھمەد خان ۋە ئىسلاھاتچى تەرىپى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان مۇھەممەد ئابدۇھتىن باشقا، مىسىردا مۇھەممەد تەۋفىق سىدقى ( ۋاپات، 1920 ) ۋە كۈنىمىزدە ئەھمەد سۇبھى مەنسۇر، پاكىستاندا ئەھمەد پەرۋىز ( ۋاپات، 1985 ) بۇ ئېقىمدىكى مەشھۇر كىشىلەردۇر. بۇ ئېقىمغا مەنسۇپ كىشىلەر ئەنئام 38 ۋە 59 – ئايەتلەردە ئىپادىلەنگەندەك قۇرئاننىڭ باشقا مەنبەگە مۇھتاج بولمايدىغان شەكىلدە روشەن، چۈشىنىشلىك، يېتەرلىك، ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مەناسىنىڭ ھەر قانداق كىشى تەرىپىدىن چۈشەنگىلى بولىدىغان شەكىلدە تېكىست بىلەن بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تېكىست  مەنىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي « ئومۇمى ۋە ئالەمشۇمۇل » ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى ۋە ئايەتلەرنى « دەۋرگە تەدبىقلاش » ئۇسلۇبى بىلەن چاغداش ۋەقەلەرگە تەدبىقلىدى. چۈنكى ئىلاھى تېكىست جانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئېيتقۇدەك سۆزى ۋە بەرگۈدەك جاۋابى بار ئىدى. بۇ دەۋرگە تەدبىقلاش ئۇسلۇبىدا سۈننەتنىڭ بەلگىلىگۈچى رولى ناھايىتى تار دائىرە ئىچىدە قالغانىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا يەتمەكچى بولغان « چاغداش مەسىلىلەر » بەلگىلىگۈچى ئامىل بولغانىدى. مەسىلىلەرگە زىت كېلىدىغان ھەدىسلەر، كىلاسسىك ھەدىس مىتودىنىڭ تېكىست ۋە رىۋايەت تەنقىدىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ھالدا « ئەقىل » ياكى « تەبىئەت »نىڭ تەستىقىگە سۇنۇش مىتودى بىلەن توغرا – خاتالىقى ئايرىلاتتى. ئەقىل ۋە تەبىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەدىسلەر رەت قىلىنغان، ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى قوبۇل قىلىنىپ ئىشىلىتىلگەنىدى.

قۇرئانى كەرىمگە تۇتۇلغان مەزكۇر پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى، ئۆزىدىن كېيىنكى ھىندىستان  « ئەھلى قۇرئان » ئېقىمىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان سەييىد ئەھمەد خان ئىدى. ئۇنىڭ قۇرئاننى مەركەز قىلىپ بەزى مەسىلىلەر ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى، كېيىنكى مەزگىلدىكى مودېرنىستلار تەرىپىدىن پەرقلىق شەكىللەردە تەكرارلانغانىدى. مۆجىزىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىسال بولالايدۇ. ئەھمەد خان مىراجنى چۈش دەپ ئىزاھلىغان، قۇرئاندا تىلىغا ئېلىنغان جىنلارغا تاغدىكى كىشىلەر دەپ ئېنىقلىما بەرگەن، قىزىل دېڭىزنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئۈچۈن ئاددى ھالدا مەد – جەزىر ( دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۆتۈرلۈش – تارتىلىش ) ھەرىكىتى بىلەن ئىزاھلىغان. ئۇنىڭچە پەيغەمبەرلىك ناھايىتى يۇقىرى بىر تۇيغۇ ۋە ئەقىل قابىلىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ تەبىئىي خاسلىقلار پەيغەمبەرلەرگە، پەرىشتە ئەلچىلەرگە ھېچ مۇھتاج بولماستىن ئىلاھى ھەقىقەتلەرگە يېتىشنىڭ يوللىرىنى ئاچاتتى. ئەقلى ساھەدە ھېچقانداق ئىپادىسى بولمىغان پەرىشتىلەر بولسا بۇ ئەھۋالدا ئىزھار قىلىش سىمۋوللىرىدىن باشقا مەنىنى ئىپادىلىمەيتتى. ئەھمەد خان قۇرئانى ھۆكۈملەردە « دىنى – دۇنيالىق » دەپ ئايرىپ، دۇنيالىق بولغانلارنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۆسۈمنىڭ پەقەت كەمبەغەلدىن ئېلىنغاندا گۇناھ بولىدىغانلىقى، ئوغرىغا قول كېسىش جازاسىنىڭ تۈرمە تۈزۈمى ئىشقا كىرىشتۈرەلمىگەن قالاق ئەللەر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جىھادنىڭ پەقەت مۇداپىئە مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى[2].

سەييىد ئەھمەد خان ئۇلىنى سالغان ئالىگارھ مۇسۇلمان ئۇنىۋېرسىتېتى ھىندىستاندا دىيوبەندى، ئەھلى ھەدىس، نەدۋى ۋە ئىسلاھى تەلىم – تەربىيە مۇئەسسەسەلىرىگە رەقىپ سۈپتىدە مودېرن ئىسلام چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلدى. « غەربنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگىچە تۇتاشقان يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش » شەكلىدىكى رول[3] بىلەن ئىنگىلىز مائارىپ ئەندىزىسىگە مۇۋاپىق ئىسلامى تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، 1875 – يىلى ھىندىستاندا ئۇتتار پرادەشنىڭ ئالىگارھ شەھرىدە بىر مەكتەپ سۈپتىدە تەسىس قىلىنغان بىر مۇئەسسەسەنىڭ ئىسمى، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن « مۇھاممادان ئانگلو-ئورىنتال كولەج » دەپ ئاتالدى. كولەجنى ۋاپاتىغىچە باشقۇرۇپ كەلگەن ئەھمەد خان مەكتەپ قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىيسى لورد ليتتون (Lord Lytton)نىڭ مەسلىھەت ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئالغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى گۇرۇپپىسى ئىچىگە توماس ۋ. ئارنولد(Thomas W. Arnold)، جوسېپ ھوروۋىتز(Joseph Horowitz)غا ئوخشاش مەشھۇر شەرقشۇناسلارنى كىرگۈزگەنىدى. بۇ سەۋەپتىن مەكتەپ ھىندىستاندىكى مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملاردىن شىبلق نۇمانى، مۇھەممەد ئىقبال، مەۋلانا ئەبۇل-كەلام ئازاد ۋە مەۋدۇدى تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنغان[4]. 1920 – يىلى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىلاھىيەتتىن باشقا پەرقلىق فاكۇلتېتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مۇئەسسەسە، كۈنىمىزدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى مودېرنىست ئالاھىدىلىكىنى خېلى ئاجىزلاشتۇرغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھاپىزكار كىملىك بىلەن تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېكىستچى مودېرن ئېقىمنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك نامايەندىسى بولغان قۇرئانچىلىق (قۇرئانىييۇن) ئېقىمىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولغان ھىندىستان ئەھلى قۇرئان ئېقىمى، ئاساسەن دېگۈدەك سەييىد ئەھمەد خان ۋە سەپدىشى چەراغ ئالىنىڭ ( ۋاپات، 1895 ) يېتەكچىلىكىدە 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. تەشكىللىنىپ ھەرىكەت قىلمىغان بۇ گۇرۇپپا دەسلەپكى مەزگىلدە « ھەدىس ئىنكارچىلىرى » دېگەن مەنىدە « مۇنكىرىن-ى ھەدىس » دەپ ئاتالغانىدى. بۇ ئېقىم ئابدۇللاھ چەكرالەۋى ( ۋاپات، 1914 )نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جامائەت بولۇپ شەكىللەندى. 1902 – يىلى لاھوردا « ئەھل-ى زىكر ۋەل-قۇرئان » ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ جامائەتنىڭ ئوخشىشى، يەنە بىر مەشھۇر قۇرئانچى ئەھمەدۇددىن ئامرىستارى ( ۋاپات، 1936 ) تەرىپىدىن « ئۇممەت-ى مۇسلىمە » ئىسمى بىلەن ئامرىستاردا تەشكىللەندى. بۈگۈنگە كۈچلۈك شەكىلدە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر قۇرئانچى جامائەت، 1938 – يىلى دېھلىدە ئوتتۇرىغا چىققان « تاھرىق-ى تۇلۇ-ى ئىسلام ( ئىسلامنىڭ تۇغۇلىشى ھەرىكىتى ) » بولۇپ، پاكىستاننىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مەركىزىنى 1947 – يىلى كاراچىغا، كېيىن لاھۇرغا يۆتكىگەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى غۇلام ئەھمەد پەرۋىزدۇر ( ۋاپات، 1985 ). بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسمىدا چىقىدىغان « تۇلۇ-ى ئىسلام » ژورنىلى « قۇرئان مائارىپى جەمئىيىتى ۋە قۇرئان تەتقىقات مەركىزى »نى چۆرىدىگەن ھالدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا جامائەت خىزمەتلىرى ئېلىپ بارغان ئەھمەد پەرۋىز، ھەدىسلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى سەۋەبىدىن ئەنئەنىچى ئۆلىمالار تەرىپىدىن تەكفىر قىلىنغان. پەرۋىز، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەقەت قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قۇرئاننىڭ سىرىتىدا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ يوق دېگەن قاراشتا ئىدى. ھىند ئەللىرى سىرىتىدا ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكىدا تەلىم – تەربىيە مەركەزلىرى بولغان بۇ جامائەت، بولۇپمۇ ئىنتىرنىت ئارقىلىق پەرۋىزنىڭ ئۈن – سىن بويۇملىرىغا ئېلىنغان قۇرئان دەرسلىرىنى « دەرس-ى قۇرئان » ئىسمى بىلەن ئېلان قىلماقتا، نەشىر قىلغان كىتاپ ۋە ماقالىلىرى بىلەن ئۇستازلىرىنىڭ نامىنى ياشاتماقتا.

كىلاسسىك قۇرئانىييۇندىن پەرقلىق بىر يولدا بولسىمۇ ئىنايەتۇللاھ خان مەشرىقى ( ۋاپات، 1963 )، 1930 – يىلى قۇرغان « ھەقسار ھەرىكىتى ( ھاقسار تەھرىق: رىياسىزلار ھەرىكىتى ) »مۇ زامانىۋى بىلىمنىڭ بايقاشلىرى بىلەن قۇرئان ھەقىقىتىنى بىرلەشتۈرگەن تەلىم – تەربىيەنى ياقىلماقتا بولۇپ، ھەدىسلەرگە بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن ئۇلارنى بۇ كاتىگورىيىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. كامبىرىژنى پۈتكۈزگەن مەشھۇر ماتېماتىكىچى ئىنايەتۇللاھ خان، « دىنى جەھەتتىن ئايرىمچىلىق قىلماستىن بارلىق كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش » شەكلىدىكى كۆپ سانلىقچى پەلسەپىنى ياقىلىغان بولۇپ، ئىنگىلىزلارغا قارشى بىر مەزگىل قوراللىق كۆرەش ئېلىپ بارغان. مۇستەقىللىقتىن كېيىن قۇرۇپ چىققان پارتىيىسى ئارقىلىق سىياسى كۆرەشكە ئاتلانغان بولۇپ، 1957 – يىلى يۈز مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىسىنى ئەسىر كەشمىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھىندىستان چېگرىسىغا يىغقان ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە قايتۇرۇپ كېتىلگەن. كۈنىمىزدە ئىلگىرىكى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەقسار، بۈگۈنلەردە خىزمەتلىرىنى ئاساسەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىق پائالىيەتلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن.

قۇرئاننىڭ بىردىنبىر مەنبە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرلەشكەن ھىند قۇرئانچىلىرى، نۇرغۇن مەسىلىدە چوڭقۇر ئىختىلاپقا مۇپتىلا بولۇشتىن خالىي بولالمىغان. مەسىلەن: چەكرالەۋى كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ھەققىدە توختالسا، ئامرىتسارى نامازنىڭ ئىككى ۋاقىت پەرز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قۇرئاندا ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن جىنازە ۋە ھېيىت نامازلىرىنىڭ دىن قاتارىدىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى، روزىنىڭ قايسى ئايدا ۋە قانچە كۈن تۇتۇلىدىغانلىقى ھەققىدە قۇرئان مەركەزلىك ئىزاھاتلاردا بولىشى، ئىسلامى دۆلەت بولمىغاندا زاكات پەرزىنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى ياقىلىشى، ھەد جازالىرى، مۇرتەدنىڭ ھۆكمى، مىراسنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىدە كۆپ توختالغان مودېرىن ھۆكۈم ۋە پەتىۋالارنى تەكرارلىشى ھىند قۇرئانچىلىقىنىڭ روشەن خاراكتېرىنى ئوتتۇرىغا قويغان نامايەندىلەردۇر[5].

مىسىرنى ئەرەپ دۇنياسىدا ئىسلام مودېرنىزم ئەڭ راۋاجلانغان جاي دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى تارىخىنى ئاساسەن مۇھەممەد ئابدۇھ بىلەن باشلاتقان بۇ ئېقىم، ئىچىدىن بىر قانچە مەشھۇر شەخسنى چىقارغان. ھىند تۆۋەن قىتئەسى بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان مىسىر قۇرئانچىلىقىدىكى ئابدۇھنىڭ باشلامچىلىق رولى، سەييىد ئەھمەت خان بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش نەتىجىگە يەتكەنلىكى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئابدۇھنىڭ تېخىمۇ مۆتىدىل ۋە ئىسلاھاتچى يولدا ئىلگىرىلىگەنلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەھمەد خان ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەقلىيەتچىلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، ئابدۇھ مۇتەزىلىلىك ئەقىل چۈشەنچىسىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقان. ئەھمەد خان نەبەۋى مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىنى تەكىتلىگەندە، ئابدۇھ مۆجىزىنى دىنى ئۇقۇم سۈپتىدە قوبۇل قىلغان، لېكىن شۇ ياكى بۇ مۆجىزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋەياكى ئىنكار قىلىنىشىنى ئىمان مەسىلىسى بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلىغان. ئەھمەد خان بىلىم ساھەسىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن دىن ساھەسىنى دېئىزمغا[6] ئېلىپ بارىدىغان شەكىلدە تارايتقان. ئابدۇھ دىن بىلەن بىلىم ساھەسىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشمايدىغان شەكىلدە ئايرىغان[7].

ئابدۇھتىن كېيىن مىسىر ئېقىمى ھىند مودېرنىزمىنى ئەسلىتىدىغان شەكىلدە ئاشقۇن دەپ قاراشقا بولىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئابدۇھنىڭ مۆتىدىل ئۇسلۇبىنى تۇتۇپ ماڭغان ئالىملارنىمۇ يېتىشتۇرۇپ چىققانىدى. قاسىم ئەمىن ( ۋاپات، 1908 )نىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھۆرلىكى ھەققىدىكى زامانىۋى قاراشلىرى ۋە تەكلىپلىرى، كېيىنكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان فەمىنىست (ئايالپەرەست) مۇسۇلمان مودېرنىستلارنىڭ قاراشلىرىغا قارىغاندا خېلى بەك مۆتىدىل ئىدى. ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ چاغداش غەرب قىممەت – قاراشلىرىغا ئاساسەن بەلگىلىنىش كېرەكلىكىنى ياقىلىغان تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان « تەھرىرۇل – مەرئە ( ئايالنىڭ ھۆرلىكى ) » ناملىق مەشھۇر كىتابىنى ئابدۇھ بىلەن بىللە يازغانلىقى، لېكىن سىياسى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئابدۇھنىڭ قول قويمىغانلىقى ئىپادە قىلىنماقتا[8]. يەنە مۆتىدىل قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان فەرىد ۋەجدى ( ۋاپات، 1954 )، زامانىۋى دۇنيا بايقىغان ۋەياكى ئىجابىي دەپ قاراپ قوبۇل قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى قۇرئاننىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدا سىر ھالىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭچە ھەقىقىي ئىسلام مەۋجۇت ئۈستۈن ھالەتتە تۇرىۋاتقان مەدەنىيەت بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە بولغان دىندۇر[9].

ئەل-ئەزھەر ئۇستازلىرىدىن ئالى ئابدۇررازىق ( ۋاپات، 1966 ) بولسا قاراشلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلامى سىياسى تۈزۈم مۇنازىرلىرى ئۈستىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. ئابدۇررازىقنىڭچە ئىسلامى ھاكىمىيەت تۈزۈمى يوق بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن خەلىپىلىك مۇئەسسەسى ئەسلىدىنلا رەت قىلىنىشى كېرەك. قۇرئاندىمۇ ئاساسى بولمىغان خەلىپىلىك، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ دۇنيالىق ئىشلارنى ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ۋاكالەت خاراكتېرلىق مۇئەسسەسەدۇر. لېكىن ئابدۇررازىق، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پۈتۈنلەي مەنىۋى ۋە ئەخلاقى ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، سىياسى تەرىپىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خەلىپىلىكنىڭ مۇسۇلمان دۇنيانىڭ بىلىم جەھەتتىن ئىلگىرلىشىنى توسقانلىقىنى، پارىخورلۇققا ئوخشاش يامانلىقلارنى ئومۇمىيلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن[10]. ئېلان قىلغان ئەسىرىدە ئىسلامنىڭ ئەسلىدە باشقۇرۇش ئىشىنى ئىنسانلارغا تاپشۇرغانلىقى، دىن بىلەن سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي بىر – بىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتىشى، رەشىد رىزاغا ئوخشاش مودېرن قاراشلارغا يىقىن ئالىملارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇررازرىقنىڭ ئەل-ئەزھەر دىپلومىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، ئالىم ئۇنىۋانى قايتۇرۋېلىنغان ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىدىن توختۇتۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ ئادۇكاتلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان ئابدۇررازىق مىسردا بىر مەزگىل ۋەقىپلەر مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئالى ئابدۇررازىق  بۇ قاراشلىرى بىلەن ئۆزىدىن كېيىنكى ئىسلام دۇنياسىدا « لائىك ئىسلام » نامى بىلەن ئاتالغان ئىدىيە ۋە تەكلىپلەرنىڭ باشلامچىسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنغان.

مىسىردا ھەقىقىي مەنىدە قۇرئانچى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى شۈبھىسىزكى دوختۇر در. مۇھەممەد تەۋفىق سىدقى ( ۋاپات، 1920 ) بولۇپ، ماقالىسىگە ماۋزۇ قىلغان « ئىسلام پەقەت قۇرئاندىن ئىبارەتتۇر ( ئەل-ئىسلام ھۇۋەل-قۇرئان ۋاھدەھ ) » جۈملىسى بىلەن ئىخچاملاشقا بولىدىغان رامكا ئىچىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت ئۆزى ياشىغان دەۋرگە خاس ئىكەنلىكىنى، كۈنىمىزگە قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقانىدى. مەزكۇر ماقالىسىدە ئۆزىنى « بىز قۇرئانچىلار ( نەھنۇل-قۇرئانىييۇن ) » دەپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، قاراشلىرىنى ۋە نەزەرىيىسىنى « بىز كىتاپتا ھېچقانداق نەرسىنى كەم قويمىدۇق » ( ئەل-ئەنئام، 38 ) ئايىتىگە ئاساسلاندۇرغانىدى. پەرز بولغان نامازلارنىڭ قۇرئاندا ئىككى رەكەت ھالىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، زاكاتتا بېرىشكە تېگىشلىك مىقدارنىڭ ھەدىسلەرگە قاراپ ئەمەس، بەلكى كۈنىمىز شەرتلىرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان[11].

مىسىردىكى يەنە بىر مەشھۇر قۇرئانچى ئەھمەد سۇبھى مەنسۇر بولۇپ، 1949 – يىلى تۇغۇلغان. مەنسۇر قاراشلىرى سەۋەبىدىن 1985 – يىلى ئەل-ئەزھەردىكى ئۇستازلىق خىزمىتىدىن توختۇتۇلغان. ھەم ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن ھەققىدە سوتقا ئەرز قىلىنغان ۋە بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1991 – 1992 – يىللىرىدا فەرەج فۇدە بىلەن بىرلىكتە « مۇستەقبەل » پارتىيسىنى قۇرۇپ سىياسەتكە كىرگەن. فۇدە ئىرتىدات ( دىندىن چىقىپ كېتىش ) قىلىش بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئەل-جەمائاتۇل-ئىسلامىييە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. مەنسۇر ۋە فۇدە دۆلەتنىڭ دىندىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مىسىردىكى مەۋجۇت قانۇنلارنى ياقىلايدىغان قاراشلارنى بايان قىلغان، شەرىئەت تەلەپلىرىگە قارشى چىققان، مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستان پۇقرالارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ياقىلىغان. مەنسۇر 2012 – يىلى ئامېرىكىدىن سىياسى پاناھلىق تىلىگەن. مەنسۇر ئوغۇللىرى بىلەن بىرلكىتە شىمالى ۋىرجىنيەدە « خەلقئارا قۇرئان مەركىزى (IQC) » ناملىق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا  <ahl_alquran.com> تور بېتىدە قاراشلىرىنى تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەھمەد سۇبھى مەنسۇرمۇ مۇتلەق كۆپ سانلىق قۇرئانچىغا ئوخشاش ھەدىسلەرنىڭ قىممىتى بار دەپ قارىمايدۇ. « ئەھلى قۇرئاننىڭ ئەقىدىسى » ناملىق ماقالىسىدە شاھادەت كەلىمىسىنىڭ « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جۈملىنىڭ ئەزاندا يەر ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئۇنىڭ مەسجىدى نەبەۋىدىكى قەۋرىسىنىڭ زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. مۇسۇلمان خانىم – قىزلارنىڭ ياخشى ۋە تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەردىن بولۇش شەرتى ئاستىدا غەيرى مۇسلىملار بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھالال، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭچە « پەقەت ياخشى كىشلەردىن بولمىغان » بىن لادىن ۋە قارداۋىغا ئوخشاش كىشىلەر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى پەتىۋاسىنى بەرمەكتە. بەش ۋاقىت نامازنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، نامازدىكى « تەھىييات » دۇئاسىنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەرگە مەدھىيە ماھىيىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا جىھادنىڭ پەقەت مۇداپىئە مەقسەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە خەلىپىلىكنىڭ ئەمەس، بەلكى دىموكراتىيەنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلماقتا[12].

تۈركىيەدە قۇرئانچىلىق ئېقىمىغا ئاساسەن « قۇرئان ئىسلامى » ئىسمى بىلەن ھۇسەيىن ئاتاي، سۇلەيمان ئاتەش، ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، بايراقتار بايراقلې، مۇھەممەد نۇر دوغان، ئابدۇلئەزىز بايېندېرغا ئوخشاش ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرىدىن چىققان ئاكادېمىكلار ۋەكىللىك قىلماقتا. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئىدىئولوگىيلىك ۋە مىتود خاراكتېرلىق ئورتاقلىق ھەققىدە سۆز قىلىش مۈشكۈل. مىسىر قۇرئانچىلىرىغا ئوخشاش بارلىق ھەدىس توپلاملىرىنى رەت قىلىدىغان پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، ھەدىسلەردىن پايدىلىنىشتا سەييىد ئەھمەد خان ۋە ئابدۇھتا روشەن شەكىلدە كۆرۈلگەندەك سوبىيكتىپ تاللاش مىتودىنى قوللانغان بۇ كىشىلەر، پىكىر ۋە مەقسەتلىرىگە مۇۋاپىق دەپ قارىغان رىۋايەتلەرنى نۆۋىتى كەلگەندە ئىشلىتىدۇ.

تۈركىيەدە ھەقىقىي مەنىدە قۇرئانچىلىققا 1980 – يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۆزلىرىنى « مەئالچىلار ( قۇرئان تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىلار ) » دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللىك قىلغان. تېكىستنى مەركەز قىلغان چۈشەنچىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، قۇرئاننى بىۋاستە قۇرئاندىن چۈشىنىش ئۈچۈن يولغا چىققان بۇ گۇرۇپپىلار، ئەرەپچە بىلمىگەنلىكتىن تۈركچە مەئاللارغا يۈزلەنگەن. مەنىنىڭ پەقەت تېكىستتە ئىكەنلىكى ئومۇمىي قۇرئانچى چۈشەنچىنى ئاساسەن قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئون بەش ئەسىرلىك تارىخى تەجرىبىنىڭ ئەسلىدە « قۇرئاندىن يىراقلىشىش تارىخى » ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، دىنى ئەنئەنىنى رەت قىلىدۇ. لېكىن بۇ پوزىتسىيەدە ھەر مەئالنىڭ ئەسلىدە بىر چۈشەنچە ياكى مەنالار ۋە چۈشەنچە مەھسۇللىرى ئارىسىدىكى بىر تاللاش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت كۆپىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقى، ئەنئەنە بوش قالدۇرغان ساھەدە كۆپىنچە ئەركىن « يېڭى بىر تېكىست بىنا قىلىشقا » تۇتۇش قىلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە[13]. تۈركىيەدىكى قۇرئانچى گۇرۇپپىلار ۋەقىپ، ئاممىۋى جەمئىيەت ۋە ژورناللار ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ۋە كېيىنكى يىللاردا ئىنتىرنىت ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كىتاپ، ماقالە، سىن شەكلىدە قوللىغۇچىلىرىغا يەتكۈزمەكتە.

قۇرئاننىڭ مۇبىن ( روشەن )، كافى ( يېتەرلىك ) ۋە مۇفەسسەل ( تولۇپ بايان قىلىنغان ) ئىكەنلىكىنى، چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر مەنبەگە مۇھتاج ئەمەسلىكى شەكلىدىكى قۇرئانچى ئېقىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىزاھاتلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ۋە كەشفى ( ئىلھام )نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىپادىلىرى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق. قۇرئاننىڭ بارچىغا ئۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتقان ياش ئابدۇھ ئۈستىدە[14]، بىر تەرىقەت مەنسۇبى بولغان تۇققىنى ۋە يېتەكچى شەيخ دەرۋىشنىڭ: « قۇرئاننى ئوقۇ، لېكىن پەقەت جۈملىنىڭ مەنىسىنى ۋە بەرىكىتىنى، ئىلھامىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن بولدى قىل. كېيىن ئاللاھ ساڭا تەپسىلى شەكىلدە مەنا يولىنى ئاچىدۇ »[15] نەسىھەتنىڭ شۈبھىسىز تەسىر بار ئىدى. سەۋەبى نۇزۇل رىۋايەتلىرى ۋە نەبەۋى تەپسىرنى مەنبە دەپ قوبۇل قىلمىغان ھۇسەيىن ئاتاي، « سىز لايىق ھالەتتە بولسىڭىز قۇرئان ئۆزىنى سىزگە ئاچىدۇ » دېيىش ئارقىلىق ئوخشاش شەكىلدىكى تايانچ يولىنى ئىزدىمەكتە ئىدى[16]. راتسىيونال قۇرئان ئېقىمى تارىخى ۋە ئەنئەنىۋى ماتېرىياللارنى مەنبە دەپ قارىمىغانلىقتىن، قۇرئاننى چۈشىنىش يولىدا ئىراتسىيونال بىر ئۈمىت ئىچىگە چۈشىشتىن خالىي بولالمىغان.

بۇ خىل ئىلھامچىلىقنىڭ نىسبىيلىقىدىن بولسا كېرەك، ئاشقۇن قۇرئانچىلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىستىك ھۇرۇفىلىك ( قۇرئان ھەرىپلىرىنى مەنا چىقىرىش )نى ئەسلىتىدىغان ئىزاھاتلارنى بېرىشكە مەجبۇر قالغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن: مەشھۇر قۇرئانچىلاردىن بىرسى بولغان در. ئەدىپ يۈكسەل، قۇرئاننىڭ ئىنسان قابىلىتىگە ماس ھالدا ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 19 رەقىمىگە تاياندۇرغان ماتېماتىكىلىق كودلار بىلەن مەزكۇر نىسبىيلىقنى تۈگىتىپ، بۇ يوچۇقنى ئەتمەكچى بولغان[17]. ئون توققۇزچىلارنىڭ پىرى مىسىرلىق بىر بىيخېمىيە مۇتەخەسىسى بولغان در. رەشاد خالىفە بولۇپ، ئالىي تەھسىلىنى تاماملاش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن خالىفە، ئارىزونا شىتاتىنىڭ تۇكسون شەھرىدە شەكىللەندۈرگەن كىچىك، ئەمما مائارىپ سەۋىيەسى يۇقىرى كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن 1970 – يىللاردىن باشلاپ بىر رولچىغا ئايلانغان. ئۇنى مەشھۇر قىلغان ئەھمەد سۈبھى مەنسۇرنىڭ مودېرنىزمىغا كۆپ جەھەتتىن ئوخشاپ قالىدىغان چۈشەنچىسى ئەمەس ئىدى. بۇ قاراشلىرىغا شارائىت ھازىرلىغان خالىفە « قۇرئاننىڭ 19 مۆجىزىسى » دەپ ئاتىغان 19 رەقىمى ۋە ھەسسىلىرى بىلەن قۇرئاندىكى سۈرە، ئايەت ۋە كەلىمىلەرنىڭ بىر تۈركۈم ماتېماتىكىلىق شەكىللىرىدىن پايدىلىناتتى. ئۇ، 19 شىفرىسىگە ماس كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن تەۋبە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنىڭ ئەسلىدە قۇرئاننىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان قۇرئان مەئالىنى 1989 – يىلى « Qur’an: The Final Testament  » ئىسمى بىلەن نەشىر قىلدۇردى.

1957 – يىلى تۈركىيەنىڭ بىتلىس نورشىندە تۇغۇلغان ئەدىپ يۈكسەل، رەشاد خالىفەنىڭ ئەڭ يىقىنىدىكى بىر قانچە كىشىلەردىن بىرسى ئىدى. ئاكىنجىلار جەمئىيىتى ئەتراپىدىكى ئىسلامچى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن 1980 – يىلى 12 – سېنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن سوتلىنىپ تۈرمىدە ياتتى. ئۆزى قىزىققان ئون توققۇزچىلىقنىڭ پىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن 1989 – يىلى ئامېرىكىغا بارغان ۋە ئۇ يەردە يەرلىشىپ قالغان. رەشاد خالىفەنىڭ « پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلار » مەنىسىدىكى « سۇبمىتتېرس (Submitters) » دەپ ئاتىغان جامائىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئەسلىدە ھايات ۋاقتىدىلا سۇبمىتتېرس ئىچىدە باش كۆرسەتكەن خالىفەنى پەيغەمبەر دەپ قاراش مايىللىقى 1990 – يىلىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تېخىمۇ روشەن ھالغا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن يۈكسەل بۇ گۇرۇپپىدىن ئايرىلدى. ھەدىس ئىنكارچىلىقى ۋە تەۋبە سۈرىسىدىكى ئىككى ئايەتنى قۇرئاندىن چىقىرىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بولغان دادىسى سادرەددىن يۈكسەل ( ۋاپات، 2004 ) تەرىپىدىن مۇرتەد دەپ ئېلان قىلىنغان ئەدىپ يۈكسەل، تۈركىيەگە قاراتقان كىتاپ ۋە سىن دەۋەتلىرى بىلەن ئارىزونادا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا[18].

[1]  مەھمەت پاچاجې، « چاغداش دەۋردە قۇرئان ۋە سۈننەتكە نېمە بولدى؟ »، ئىستانبۇل، 2008، 60 – 61 – بەت.

[2]  Metcal, “Islamic Revival in British India ”, P. 323 – 324.

كاۋاك، « مودېرنىزمنىڭ ئۆزگەرتكۈچى تەسىرى »، 156 – 161 – بەتلەر.

[3] Metcal, “Islamic Revival in British India ”, P. 333.

[4]  خالىت ئەرەن، « ئالىگارھ »، د ئى ئا، 2 – جىلىت، 460 – بەت.

[5]  ھىند ئەھلى قۇرئان ھەرىكىتى ھەققىدە ئابدۇلھامىت بىرئېشېكنىڭ « قۇرئانىييۇن » ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ. د ئى ئا، 26 – جىلىت، 428 – 429؛ « ھىند تۆۋەن قىتئەسى چۈشەنچە ۋە تەپسىر ئېقىملىرى »، 317 – 413- بەتلەر؛ م. نۇر پاكدەمىرلى، « ھىند تۆۋەن قىتئەسىدە دىنى ئېقىملار ۋە دىنى مائارىپ »، ئەكەۋ ئاكادېمى ژورنىلى، 62 (2015)، 439 – 441 – بەتلەر.

[6]  دېئىزم – ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئەقىل ئارقىلىق ئىدراك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەھىينى رەت قىلىدۇ. ياراتقۇچىنى دۇنيا ھاياتى ۋە كائىنات ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ دەپ قارايدۇ. ( تەرجىماندىن ).

[7]  ئايدىن، « فازلۇر راھمان ۋە ئىسلام مودېرنىزمى »، XXII – بەت.

[8]  فەتھى ئەن-نەقلاۋى، « قاسىم ئامىن »، د ئى ئا، 24 – جىلىت، 542 – بەت.

[9]  M. Moaddel, K. Talattof, “ Contemporary Debates in Islam: An Anthology of  Modernist and Fundanmentalist Thought ”, New York, 2000, P. 15.

[10]  ئابدۇررازېقنىڭ « ئەل-ئىسلام ۋە ئۇسۇلۇل-ھۇكۇم » ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئۆز كىتابىدىن كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ:

Charles Kurzman (ed.), “Liberal Islam: A Source Book ”, Oxford, 1998, P. 29 – 45; Moaddel, Talattof, “ Contemporary Debates in Islam ”, 95 – 100.

[11]  مۇستاپا ئۆزتۈرك، « قۇرئان ئارقىلىق دىنى ھۆكۈملەرنىڭ مەنبەسىگە چەك مايىللىقىنىڭ مەنبەلىرى ۋە بىردەكلىكى »، [ جەنگىز كاللەك (مۇھەررىر)، « دىنى ھۆكۈملەرنىڭ مەنبەسى ۋە دىنى تېكىستلەرنىڭ چۈشىنىلىشى »، ئىستانبۇل، 2010 ] 37 – 41 – بەتلەر. م. سۇئات مەرتئوغلۇ، « بىۋاستە قۇرئاندىن ئېلىپ ئىلھامنى: قۇرئانغا قايتىش قۇرئان ئىسلامىغا »، دىۋان، 28 ( 2010 )، 77 – 78 – بەت.

[12]  بۇ قاراشلار مەنسۇرغا ئائىت « ( ئەھلى قۇرئاننىڭ ئەقىدىسى )  Ahl al-Qur’an’s Beliefs» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۆۋەندىكى ئادرىسقا مۇراجەت قىلىڭ:

http://www.ahl-alquran.com/English/show-article.php?main_id=11634 (25.08.2015).

[13]  مۇستاپا ئۆزتۈرك، « ئسلامى ئەسلىيەتچىلىكنىڭ نامايەندىسى: مەئالچىلىق »، ئىسلامىيات، 10/1 ( 2007 )، 118،123، 127، 133 – بەتلەر.

[14]  م. ئابدۇھ، م. رەشىد رىزا، « تەفسىرۇل-مەنار »، بەيرۇت، 1354 / 1935، 3 – جىلىت، 293 – بەت.

[15]  ئىشچان، « مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ دىنى ۋە سىياسى قاراشلىرى »، 21 – بەت.

[16]  ھەسەن ئونات، « تۈركىيەدە دىن چۈشەنچىسى ۋە ئىسلامنىڭ كېلەچىكى: پروفېسسور در. ھۇسەيىن ئاتالاي بىلەن بىر ئۇچرىشىش »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 2/8 ( 2006 )، 22 – 23 – بەت؛ شابان ئالى دۈزگۈن، « قۇرئانغا قايتىشتا باشلامچى شەخس: ھۇسەيىن ئاتاي »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 2/8 ( 2006 )، 59 – 60 – بەتلەر. بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر بايان مۇنداق: « بىز زېھنىمىزنى ۋە قەلبىمىزنى قۇرئانغا ئاچقانسېرى، ئۇمۇ بىزگە ئۆزىنى ئاچىدۇ. قۇرئان پەقەت بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلغانلارغا ئۆزىنى ئاچماقتا »، كوللىكتىپ تەتقىقات، « ئىسلامى كىملىك: پرىنىسىپلار ۋە ھەرىكەت »، ئىستانبۇل، 1996، 41 – بەتكە قاراڭ. يەنە بىر بايانىدا مۇنداق دېيىلمەكتە: « قۇرئان، ئىگە بولغان مەنالارنى تالىپىغا ئاچىدۇ ( ئاللاھ، ئۆز يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەرگە يوللىرىنى ئاچىدۇ ). بۇ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىددىئا قىلغان بىر دىن ( ۋە ئۇنىڭ كىتابى )نىڭ تەقەززاسىدۇر »، م. كۈرشات ئاتالار، « قۇرئان ۋە تارىخىيچىلىق »، ھەق سۆز، 75، ( 1997، ئىيۇن )غا قاراڭ.

[17]  ئەدىپ يۈكسەلنىڭ بۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىتابى « ئۈستىدە 19 بار » ئىسمى بىلەن نەشىر قىلىنغان ( ئىستانبۇل، 2002، 2005 ).

[18]  ئەدىپ يۈكسەلنىڭ بىئوگرافىسى ئۈچۈن « نورشىندىن ئارىزوناغا ئادەتتىكى بىر كىشىنىڭ سىرلىق ھېكايىسى » ناملىق ئەسەرگە قاراڭ. ئىستانبۇل، 2015.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*