ئىسلام بىلىم تارىخىدىكى دەسلەپكى تەرجىمە پائالىيەتلىرى ۋە بىلىم ساھەسىدىكى رولى

2019-يىلى 5-سېنتەبىر

مۇستاپا نەجاتى بارىش

قىسقىچە مەزمۇنى

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە پەتھىيلەر نەتىجىسىدە كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەگە تارقالغان،شۇنداقلا بۇ جەرياندا ۋېزاتىنىيە (ھېلېن-گىرىك)، ئىران ۋە قىسمەن ھىندى  بولۇپ نۇرغۇن كۈلتۈر بىلەن ئۇچراشقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا، بۇ كۈلتۈرلەرگە نىسبەتەن زور دەرىجىدە قىزىقىش پەيدا بولدى. بولۇپمۇ ئىسكەندېرىيە، ھارران ۋە جۇندىشاپۇرغا ئوخشاش شەھەرلەرنىڭ پەتھىي قىلىنىپ بۇ شەھەرلەردىكى ئىلىم ئەنئەنئەسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ئالاھىدە بولدى. دەرۋەقە، بۇ پەتھىيلەر نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار نوقۇل دىنى ئىلىملەر بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن، قەدىمكىي چۈشەنچە ئەنئەنىسى ۋەكۈلتۈرلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش مەقسىتىدە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، يەنى ئىسلام دۇنياسىدا دەسلەپكى تەرجىمە پائالىيەتلىرى باشلايدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە بىلىم تارىخى نۇقتىسىدىن پەۋقۇلئاددە مۇھىم ھېسابلىنىدىغان بۇ تەرجىمە پائالىيەتلىرى  ھازىرغىچە نۇرغۇن تەتقىقاتنىڭ تېمىسى بولدى. لېكىن بۇ تەتقىقاتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىرى، تەرجىمە قىلىنغان تېما، ساھەلەر ۋە تەرجىمانلارنىڭ نام-شەرىپلىرىنى زىكىر قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ. مەزكۇر ماقالىمىزدا ئىسلام بىلىم تارىخىدىكى دەسلەپكى تەرجىمە پائالىيەتلىرى، قايسى تېما ۋە ساھەلەردە تەرجىمە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت، تەرجىمە پائالىيەتلىرىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم جۇغلانمىسى ۋە سەۋىيەسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ۋە تەرجىمە پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ ساھەلەردىكى تەرەققىيات ياكى ئۆزگىرىشكە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئەسىرلىرى بىلەن غەرب دۇنياسىدىمۇ تونۇلغان مۇسۇلمان ئالىملاردىن مىسال بېرىلىش ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ دائىرىدە ئىسلام دۇنياسىدا بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە 8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن شانلىق دەۋر ۋە بۇ دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان بەزى مۇھىم ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىلىمنى- ئۇچۇر-مەلۇماتلار- قولغا كەلتۈرۈش ، ئۇلارنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلىق بەرپا قىلىش قاتارلىق ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىسلام، پەنلەر، تەرجىمە، بەيتۇل  ھىكمە، مۇسۇلمان ئالىملار

مۇقەددىمە

بىلىم مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىراسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىراسقا ئەڭ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقانلار بولسا ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەتتە بىلىمگە، ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە تېگىشلىك ئەھمىيەتنى بەرگەن شەخسلەردۇر. تۇنجى ئەمىرى ”ئوقۇغىن“دېگەن دىننىڭ مەنسۇبلىرى بولغان مۇسۇلمانلارمۇ بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم تارىخىدا نامىنىڭ چىقىشقا باشلىغان مەزگىل، مۇسۇلمانلارنىڭ دەسلەپكى تەرجىمە پائالىيەتلىرى بىلەن باشلايدۇ. ئەمەۋىلەر دەۋردە ئىسلام جەمئىيىتىدە دەسلەپكى تەرجىمە ھەرىكىتى خىمىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەمەۋى تەخت ۋارسلىرىدىن خالىد بىن يەزىد بىن مۇئاۋىيە (704-يىلى ئۆلدى) بىلەن باشلىنىپ، ئابباسىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان ”بەيتۇلھىكمەلەر“ بىلەن يۈكسەك پەللىگە يېتىدۇ. بۇ تەرجىمە پائالىيەتلىرى مۇسۇلمانلارنى ئوخشىمىغان ئىلىم ساھەلىرى بىلەنلا تونۇشتۇرۇپ قالماستىن، بۇ ئىلىم ساھەلىرىدە يېڭى ۋە مۇھىم ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ۋە باشقىچە بىر تۈستىكى تەرجىمە پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ ساھەدە يېزىلغان ماقالىلەر ۋە قامۇسلاردىكى  مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قايسى ساھەدە تەرجىمە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، قايسى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ۋە تەرجىمانلارنىڭ نام-شەرىپلىرى ئۈستىدىلا توختالغانلىقىنى بايقايمىز. يەنە بىلىم تارىخى كاتېگورىيەسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشىمىغان بىلىم ساھەلىرىدە روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمانلار ئالىملىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. بىز بولساق ھەر خىلدىكى ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 8- ۋە 10-ئەسىر ئارىلىقىدا ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، خىمىيە ۋە فىزىكاغا ئوخشاش پەن ساھەلىرىدە تەرجىمە خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماستىن  بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، بۇ ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە خىزمەتلىرى ئەسناسىدا قايسى ئەسەرلەرنىڭ قانداق ۋە قەيەردىن ئېلىپ كېلىنىپ تەرجىمە قىلىنغانلىقى، تەرجىمىسى قىلىنغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىگە قانداق پايدىسى بولغانلىقىغا ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيمىز. ئارقىدىن بۇ ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە يازغان ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ غەربتىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان ئۈلگىلىك مۇسۇلمان ئالىملارنى تىلغا ئېلىز ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ساھەلەردە تۆت ئەسىر ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە يەتكەن سەۋىيەلىرىنى يورىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

ماقالىمىزدا ئىبنۇن نەدىم (995)، ئىبىن جۇجۇل (994)، ئىبىن ئەبۇ ئۇسايبىيا (1269)غا ئوخشاش بۇ ساھەدە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك كۆزگە كۆرۈنگەن مۇئەللىپلەر ۋە ئەسەرلەرگە مۇراجائەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بۇ ساھەدە غەرب دۇنياسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە داۋاملاشقان بىلىم تارىخى تەتقىقاتلىرى ۋە بىلىم تارىخچىلىقى ئەنئەنىسىنىڭ كۈنىمىزدىكى سەرخىل ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىنىڭ تەتقىقاتلىرى بولۇپ، بۇ ساھەدە يېزىلغان تەتقىقاتلارغا، ماقالىلەرگە ۋە قامۇن ماددىلىرىغا مۇراجائەت قىلدۇق.

ئىسلام دىنىنىڭ غول مەنبەلىرى  ھېسابلىنىدىغان قۇرئانى كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىلىمنى مەدھىيلەيدىغان ۋە ئىلىم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن بۇيرۇق ۋە تەۋسىيەلەر بار. [1]ھەتتا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئىلىمنىڭ ياكى بىلىمنىڭ رولىنىڭ، دىن ۋە  ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ھەققىي قوزغاتقۇچى كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. [2]

بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى بىلەن مەككىدە باشلاپ مەدىنەدە داۋاملاشقان ئىلمىي پائالىيەتلەر، تۆت خەلىپە دەۋرىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشقان. بولۇپمۇ دەسلەپكى ئىسلام پەتىھلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋېزاتىنىيە ۋە ئىران بولۇپ نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا، بۇ مەدەنىيەتلەر بارلىققا كەلتۈرگەن ئەسەرلەردىن پايدىلىنىشىغا، ئەمەۋىلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەرجىمە پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلار دىنى ئىلىملەردىن سىرت ئىجتىمائىي ئىلىملەر، تەبىئىي ۋە سەھىيە ئىلىملىرى ساھەسىدىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان. مۇسۇلمانلار ئىلىم ساھەسىدە دەسلەپ مەۋجۇت ئىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنى ئۆگەنگەن بولسا، ئارقىدىن بۇ ئىلىملەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنيانىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلغان.

ئىسلام تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرەب يېرىم ئارىلى جاھىلىيەت دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى ۋە بۇ دەۋردە ئەدەبىيات ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلار، جۇغلانمىلار ۋە تەرەققىياتلاردىن باشقا ھەر قانداق بىر ئىلمىي پائالىيەتتىن ئېغىز ئېچىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ مەزگىللەردە ۋېزاتىنىيە ۋە ساسانىي چېگرالىرى ئىچىدىكى مىسىر، سۈرىيە، ئانادولۇ، ئىراق-ئىران جۇغراپىيەلىرى ۋە ھىندىستانغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ جايلارنىڭ بەزى مۇھىم شەھەرلىرى ياكى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ جايلاردىكى مەدەنىيەتلەر ۋە ئىلىملەر بىلەن تونۇشۇشى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە پەتىھلەر بىلەن باشلىنىپ تەرجىمە پائالىيەتلىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. دەسلەپكى ئىسلام پەتىھلىرى ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان مەزگىللەردە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پەتىھ قىلىنغان رايونلاردىكى ئىسكەندېرىيە (21/642)،[3] ھارران ( 18/639)،[4]ۋە جۇندىشاپۇر (17/638)[5]غا ئوخشاش  شەھەرلەر ئىلىم مەركەزلىرى ھېسابلىناتتى ۋە بۇ مەركەزلەرنىڭ ھەممىسى ھەزىرىتى ئۆمەر خەلىپە ۋاقتىدا (13-23/634-644) پەتىھ قىلىنغانىدى.

ئىسكەندېرىيە بۈيۈك ئىسكەندەر تەرىپىدىن مىلادىدىن ئىلگىرى 332-يىلى مىسىردا بەرپا قىلىنغان شەھەر بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھېلېنىستىك ۋە سەمىتىك ئىدىيەلەرنىڭ مۇھىم ئىلىم ۋە كۈلتۈر مەركەزلىرىدىن بىرىگە ھالىتىگە كەلگەن، شۇنداقلا گىرىك چۈشەنچە ۋە بىلىم تارىخىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى.  ئىسكەندېرىيە بۇ ئالاھىدىلىكىنى رىم-ۋېزاتىنىيە دەۋرلىرىدىمۇ قىسمەن بولسىمۇ داۋاملاشتۇرغان.[6]ئىسلام تارقىلىپ تۇنجى ئىسلام پەتىھلىرى بولىۋاتقان مەزگىللەردە، ئىلىمگە قىزىقىدىغانلار ئەڭ كۆپ بارىدىغان ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئىسكەندېرىيەدە پەلسەپە، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، خىمىيەگە ئوخشاش ئىلىم ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. [7]مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسكەندېرىيەنىڭ بىلىم جۇغلانمىلىرى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە باشلىغان ئالاقىسى، كېيىنكى مەزگىللەردە بارغانچە قويۇقلاشقان.

مېزوپوتامىيە پۇتپەرسلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزلىرىدىن بىرى بولغان ھاررانمۇ، رىسالەت دەۋرىدە ساسانىيلارنىڭ ئىلكىدە ئىدى. لېكىن 627-يىلى ۋېزاتىنىيە ئىمپېراتورى ھېراكلىيوس ساسانىيلارنى مەغلۇب قىلىپ، رايوننى ۋېزاتىنىيەگە قوشۇۋالىدۇ. ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئىسلام قوشۇنلىرى رايونغا كەلگەندە ھارران ھېلىھەم ۋېزاتىنىيەنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى.[8]بۇ شەھەر ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە پەتىھ قىلىنغان بولۇپ[9]، كېيىنچە ئەمەۋىلەر دەۋرىدە تاقىۋېتىلگەن ئىسكەندېرىيە ھېلېنىزم مەكتىپىنىڭ ھاياتتا قالغان ئاخىرقى ۋەكىللىرى ئانتاكيا ۋە بۇ جايغا كەلگەنىدى. [10]ئەينى دەۋردە مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە پۇتپەرەستلەر بىرلىكتە ياشايدىغان ھارران، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن باشلاپ ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، شەھەردىكى ياقۇبى ۋە ناستۇرى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ گىرىك پەلسەپىسى ۋە مېدىتسىناغا تەۋە ئەسەرلىرىنىڭ دەسلەپ سۇرىيانىچەگە،  ئارقىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشى تۈرتكىسىدە كەڭ كۆلەملىك بىلىم ھەرىكىتى روياپقا چىقىدۇ. [11]

تارىخى قەدىمكى زامانلارغىچە تۇتۇشىدىغان جۇندىشاپۇر بولسا، ساسانىي ھۆكۈمدارلىرىدىن 1-شاپۇر (241-273)تەرىپىدىن بۈگۈنكى ئىراننىڭ ھۇزىستان رايونىدا بەرپا قىلىنغان شەھەردۇر. ساسانىيلار بىلەن رىملار ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدا 1-شاپۇر، رىم ئىمپېراتورى ۋالېرىياننى مەغلۇب قىلىپ ئۇنى ۋە قوشۇنىنى ئەسىرگە ئېلىپ جۇدىشاپۇرغا ئەۋەتىدۇ. رىم ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانتاكيادىن سۈرگۈن قىلىنغان سەنئەتچىلەر، ئىشچىلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىمۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يەنە مەزھەپ ئىختىلابلىرى تۈپەيلى 489-يىلى ئەدېسسادىن (ئۇرفا)سۈرگۈن قىلىنغان ناستۇرى ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن، پۇتپەرەست بولۇشى سەۋەبىدىن 529-يىلى ئافېنادىن سۈرگۈن قىلىنغان يېڭى ئەپلاتونچى پەيلاسوپلارمۇ جۇندىشاپۇرغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ رايونغا سۈرىيەلىك، گىرىكلىك، ھىندلىق ۋە ئىرانلىق بولۇپ نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى يىغىلىدۇ. ئىسلام تارىخىدا ئەنۇشىرۋانى ئادىل نامى بىلەن تونۇلغان 1-ھۇسرەۋ (531-579)، جۇندىشاپۇردا مېدىتسىنا، پەلسەپە ۋە باشقا بەزى ئىلىملەر ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپ تەسىس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە بۇ شەھەر چوڭ بىر ئىلىم يۇرتىغا ئايلىنىدۇ. ئارىستوتىل ۋە ئەپلاتونغا تەۋە ئەسەرلەر بىلەن ”كەلىلە ۋە دەمىنە“بۇ دەۋردە گىرىكچە ۋە سانسكرىتچەدىن پېھلىۋىچە ۋە سۈرىيانىچەگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. يەنە بۇ دەۋردە 1-ھۇسرەۋ تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مېدىتسىنا مەكتىپىدە ھىندلىق ھېكىملاردىن سىرت، گىرىكلىق ھېكىملارمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئومەمەن، ئوقۇش تىلى ئارامىچە بولغان بۇ مەكتەپ ھىند ۋە گىرىك كۈلتۈرلىرىنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرىغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.[12] مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مەشھۇر ئەرەب تېۋىپلاردىن بىرى بولغان ھارىس بىن كەلەدەنىڭ (13/634)جۇندشاپۇردىكى مېدىتسىنا مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. [13]ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە تىنچلىق يولى بىلەن مۇسۇلمانلار زېمىنىغا قوشۇلغان جۇندىشاپۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى تەسىرى ۋە نوپۇزىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، شەھەردىكى تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى بۇرۇن قانداق بولغان بولسىمۇ بۇ مەزگىلدىمۇ شۇ پېتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. [14]

  • ئىلىمنى قولغا كەلتۈرۈش دەۋرى (ھىجىرىيە2، مىلادى 8-ئەسىر)

ئىلىمنى قولغا كەلتۈرۈش دەۋرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دەۋر  (ھىجىرىيە2، مىلادى 8-ئەسىر) ئىسكەندېرىيە، ھارران ۋە جۇندىشاپۇرغا ئوخشاش شەھەرلەرنىڭ پەتىھ قىلىنىشى ۋە ئارقىدىن بۇ شەھەرلەردىكى ئىلىم كۈلتۈرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ روشەن ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان دەسلەپكى تەرجىمە پائالىيەتلىرى باشلىغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋردە ئىلىم قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولۇپ، مەقسەت ئىلىم ياراتقان شەخس مەيلى گىرىك بولسۇن، مەيلى ھىندلىق بولسۇن،مەيلى ئىرانلىق بولسۇن، ئىلىمنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىش ئىدى. [15]

بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە پەتىھلەر بىلەن باشلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا كۈلتۈر مەنسۇبلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تەرجىمە پائالىيەتلىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرلىرى تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلار دۇنيا تارىخىدا يېڭى مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە سىستېمىسى روياپقا چىقارغانىدى.[16]دەرۋەقە، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ مەنبەلىرى قاتارىدا جاھىلىيەت دەۋردىكى ئەرەب كۈلتۈرى ۋە ئىسلام دىنىدىن سىرت، بولۇپمۇ پەلسەپە، مەنتىق، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا، بوتانىكا ۋە زوئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلەردىن قىلىنغان تەرجىمىلەرمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.[17]

ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بارلىق مۇھىم ئىدىيە سىستېمىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرجىمە ھەرىكىتى بىلەن باشلىغانلىقىغا شاھىت بولىمىز. مەسىلەن، قەدىمكى گىرىك ئىدىيە سىستېمىسى سۈمەرلەر-ئانادولۇ، فەنىكە ۋە مىسىر تەرجىمىلىرى بىلەن، ئىسلام ئىدىيە سىستېمىسى ئۆزىنىڭ ئىلىم مەنبەلىرىدىن سىرت گىرىك، ئىران، ھىند تەرجىمىلىرى بىلەن، غەرب ئىدىيە سىستېمىسى بولسا ئىسلام، يەھۇدىي ۋە گىرىك تەرجىمىلىرى بىلەن روياپقا چىققانىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانىيەت، مەدەنىيەت تارىخىدا مۇنداق ئۈچ بىلىم ۋە ئىدىيە تارقىتىش ھەرىكىتىنى ئېلپ بارىدۇ. بىرىچنىسى، قەدىمكى مىسىر، مېزوپوتامىيە، ھىند ۋە ئىران ئىدىيەلىرىنىڭ گىرىكچە ۋە گىرىك ئىدىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشى (مىلادىن ئىلگىرىكى 5-، 6-ئەسىرلەر). ئىككىنچىسى، گىرىك ۋە باشقا قەدىمكى ئىدىيەلەرنىڭ ئەرەبچىگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشى (8-ۋە 10ئەسىرلەر). ئۈچىنچىسى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىلىم جۇغلانمىلىرىنىڭ ئەرەبچىدىن لاتىنچىغا، ئىبرانىچەگە ۋە باشقا غەرب تىللىرىغا سىڭىپ كىرىشى(11-ئەسىردىن باشلاپ).[18]

ئىسلام تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى كۈلتۈر قويۇق ئىدى. بولۇپمۇ ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە باشلىغان پەتىھلەر بىلەن بىرلىكتە كەڭ كەتكەن جايلارغا تارقالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېلېن، ئىران ۋە قىسمەن بولسىمۇ ھىند كۈلتۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوخشىمىغان كۈلتۈرگە تەۋە ئىنسانلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ھەم ئۆز ئېتىقادىنى سىستېمىلىق ۋە مەنتىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، ئوخشاش جۇغراپىيەلىك رايونلارنى ئورتاقلىشىۋاتقان بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى كۈلتۈرلىرىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانىدى.[19]

مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن يېڭى قوشنىلىرىنىڭ قولىدا تارقىلىپ يۈرگەن قەدىمكى دۇنيانىڭ ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئەسەرلەر بىلەن تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇشتى. تەرجىمە پائالىيەتلىرى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەمۇننىڭ دەۋرگىچە ئۈنۈملۈك بولمىغان بولۇپ، پەقەت بەزى شەخسىي تىرىشچانلىقلاردىن ئىبارەت بولغانىدى، خالاس. بۇ پائالىيەتلەرنى باشلىغان تۇنجى كىشى ئەمەۋى تەخت ۋارىسى خالىد بىن يەزىد بىن مۇئاۋىيەدۇر ( 85/704). خالىد بولسا مەرۋان بىن ھاكەم تەرىپىدىن تەخت ۋارىسلىقتىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ، خالىد كېيىنچە خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىملەرگە قىزىقىپ قېلىپ، بۇ ساھەلەردە يېزىلغان گىرىكچە ۋە كوپتچە ئەسەرلەرنى ئىسكەندېرىيەلىك راھىبلاردىن ستېپھانوس ۋە مارانوس ۋاستىسى ئارقىلىق ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرىدۇ.[20]

خالىد بىن يەزىدنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن باشلىغان تەرجىمە ھەرىكىتى، ئەمەۋى خەلىپىلىرىدىن مەرۋان بىن ھاكەم (64-65/684-685)ۋە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز (99-101/717-720)دەۋرلىرىدە مېدىتسىنا ساھەلىرىدە داۋاملىشىدۇ. مەرۋاننىڭ ھېكىمى ماسرجېۋيخ ئسىكەندېرىيە ئاكدېمىيەسىگە تەۋە ھېكىملاردىن ئاھرون (ھارون/ھارۇن)نىڭ مېدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ”كۇنناش“ناملىق ئەسىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرىدۇ. بۇ تەرجىمە ئەسەر كېيىنچە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن كۇتۇپخانىدىن ئېلىنىپ كۆپەيتىلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىنىدۇ. ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان دەۋرىدە مىسىردا كوپتچە،سۈرىيەدە گىرىكچە، ئىراق ۋە ئىراندا قەدىمكى پارسچە تىللىرىدا مالىيە دىۋانلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ.[21]مەشھۇر بىلىم تارىخچىسى فۇئات سەزگىن، ئەمەۋىلەر دەۋردىكى بۇ تەرجىمە پائالىيەتلىرىگە مۇنداق باھا بېرىدۇ: ”ئانروننىڭ دەرسلىك كىتابىغا ئوخشاشلا ئالاھىدىلىكى بولغان <كۇنناش>ناملىق مېدىتسىنا كىتابىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئىسلام بىلىم تارىخىدا خىمىيە بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ ساھەدە ئەسەر يازغان تۇنجى مۇسۇلمان خالىد بىن يەزىدنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىلىملەرنىڭ ئۇچرىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىسلام كۈلتۈر ساھەسىدىكى باشلانغۇچ دەۋرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.“[22]

بەزى شەخسىي تىرىشچانلاردىن باشقا، ئەمەۋىلەر دەۋرىدە مېدىتسىنا، خىمىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالغان تەرجىمە پائالىيەتلىرى ئابباسىيلار خەلىپىلىرىدىن مەنسۇر (136-158/754-775)دەۋرىدە ماتېماتىكا، مەنتىق ۋە مېتافىزىكا قاتارلىق ساھەرلەرگىمۇ كېڭەيگەن. بۇ دەۋردە پارسچىدىن ئەرەبچىگە تەجىمە قىلغۇچىلار ئىچىدە تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولسا تېگى پارس بولغان ۋە ئەينى دەۋردە ئەڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىياتچىلاردىن بىرى بولغان ئابدۇللا بىن ئەل مۇقاففادۇر (ئىبنۇل مۇقافف). ئۇ مەشھۇر سىياسەتنامە ”كەلىلە ۋە دەمىنە“ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان. شۇنداقلا ئارستوتىلنىڭ ”ئورگانون“ناملىق  مەنتىق ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ بىر قىسمىنى ۋە پورپرىيۇسنىڭ ”ئىساگۇجى“ناملىق ئەسەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان.[23]

يەنە مەنسۇر ۋە تارىختا ۋەزىرىلەر جەمەتى دەپمۇ تونۇلغان بەرمەكىلەر دەۋرلىرىدىن باشلاپ جۇندىشاپۇر ئاكادېمىيەسىدىكى سۇريانىلار، ھىندلار، ھاررانلىقلار ۋە ناباتىلەرمۇ تەرجىمە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇلار گىرىكچە، پېھلېۋىچە، ھىندچە/سانسكرىتچە، سۇريانىچە، ناباتچە/بابىلچە ۋە كوپتچە قاتارلىق تىللاردىن ئەرەبچىگە نۇرغۇن ئەسىرنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇ دەۋردە ھىندىستاندىن كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرى يېنىدا ئېلىپ كەلگەن ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئىرانلىق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سانسكرىتچەدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرغان. بۇ ئەسەرلەردىن ئاسترونومىيەگە ئالاقىدار كەڭ ھەجىملىك ئەسەر بولغان ”سىددھانتا“ساسانىي ئاسترونومىيەسىنىڭ ئىسلامدىكى ئەڭ ياش ۋەكىللىرىدىن بولغان مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ئەل فەزارى تەرىپىدىن 154/771 ياكى 156/773 يىلىدا ”سىند-ھىند“نامى بىلەن، باتلاميۇسنىڭ ”سىنتاكىسى“ياكى يەنە بىر نامى ”ئالمايېستى ئەل مەجىستى“نامىدا ۋە ئېكلېيدېس/ئۆكلىدنىڭ (Eukleides/Öklid) ”ئېلمېنتو گىئومېترىكائېس“ (Elemento Geometricaes)ى ”ئۇسۇلۇل ھېندېسې“نامىدا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەرجىمە پائالىيىتى بولسا جىندىشاپۇر مېدىتسىنا مەكتىپىنىڭ باش مۇدىرى بولغان كۇركىس بىن بۇختىشۇ (Curcîs b. Cibrîl b. Buhtîşû)نىڭ تەكلىپكە ئاساسەن باغدادقا كېلىشى ۋە خەلىپە مەنسۇرنىڭ سارىيىدا ھېكىم بولۇپ مېدىتسىنا ساھەسىدە گىرىكچە ۋە پارسچە تىللىرىدىن ئەرەبچىگە ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىشى ئىدى. سۇلتان مەنسۇر ئوخشىمىغان ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئۈچۈن سارىيىدا مەخسۇس كۇتۇپخانا ياساتقان بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانىغا ھىزاناتۇل ھىكمە نامىنى بەرگەنىدى. ئەسلىدە مەشھۇر ”بەيتۇلھىكمە“نامى بېرىلگەن ئىلىم مەركىزىنىڭ ئۇلى باغدادتا قۇرۇلغان بۇ كۇتۇپخانا ئارقىلىق سېلىنغانىدى.[24] بولۇپمۇ سۇلتان مەنسۇر دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە پائالىيەتلىرى ۋە باشقا ئىلمىي خىزمەتلەر توغرۇلۇق توختالغان پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن، 8-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى ۋە كېيىنكى ئەسىردە ئىلمنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش باسقۇچىنىڭمۇ باشلىغانلىقىنى دەيدۇ.[25]

  • مەلۇماتلارنى سىستېمىلاشتۇرۇش دەۋرى (9-ئەسىر)

بۇ دەۋر (9-ئەسىر) ھەم تەرجىمە پائالىيەتلىرى قويۇق داۋاملىشىۋاتقان ھەمدە تەرجىمە پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلار سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈۋاتقان باسقۇچتۇر.بۇ باسقۇچتا  مەقسەت يېڭى ئىلىملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ پايدىلىنالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. بۇ باسقۇچتا يەنە، بىلىم ھەم تەقدىرلىنىدىغان ھەمدە رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان ئىمتىيازلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئەينى دەۋردىكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئىلىم خۇمارلىرىنىڭ ئىلىمنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندى ۋە بۇ ساھەدە بەزى قەدەملەر تاشلاندى. بەيتۇلھىكمە ۋە رەسەتخانالار بۇ مۇساپىنىڭ مېۋىسىدۇر.

تەرجىمە پائالىيەتلىرىنىڭ ھارۇنۇررەشىد (-193170/786-809)دەۋرىدە كۈچەيگەنلىكىگە، بولۇپمۇ مېدىتسىنا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىققانلىقىغا شاھىت بولىمىز. بولۇپمۇ ئەنقەرە ۋە ئاممۇرىيە[26] پەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن بۇ رايونلاردىكى كىتابلار باغدادقا ئېلىپ كېلىنىپ، يۇھاننا ماسېۋيېچ باشچىلىقىدا شەكىللەنگەن كومىتېت تەرىپىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان.[27]يەنە ئەينى دەۋردە ئىرانلىق ئەبۇ سەھل ب نەۋباختمۇ خەلىپىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، پارسچىدىن ئەرەبچىگە ئەسىرلەر تەرجىمە قىلغان.[28]ھەتتا بۇ دەۋردە شۇنچىلىك كۆپ ئەسەر تەرجىمە قىلىنغانكى،سۇلتان مەنسۇر تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان ”ھىزانەتۇل ھىكمە“مۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەنلىكتىن، سارايدا كۇتۇپخانا سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ جاي سالدۇرۇلىدۇ. بۇ كۇتۇپخانىغا دائىر مەنبەلەردە بەزىدە ”ھىزانەتۇل ھىكمە“، بەزىدە ”بەيتۇلھىكمە“تەبىرى ئىشلىتىلىدۇ.[29]ھارۇنۇررەشىدنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بىلەن سۇلتان مەمۇننىڭ دەسلەپكى يىللىرى، يەنى 9-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى بەشتە بىرى بىلىملەرنىڭ تەرەققىيات دەۋرى نۇقتىسىدىن يېڭىلىق باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسى بولالايدىغان يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دەۋردۇر.[30]

ئابباسىيلار خەلىپىسى مەمۇن (198-218/813-833) ئوتتۇرا ئەسىردە ئەڭ غول ئىلىملەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلىنىدىغان ”بەيتۇلھىكمە“نى قۇرۇپ چىقتى، ئىلىملەرنىڭ ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى تەرجىمە ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن زور ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋردە قەدىمكى گىرىك، ھىند، پارس ۋە ناباتى كۈلتۈرلىرىگە تەۋە ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. سۇلتان مەمۇن 215/830-يىلى ۋېزاتىنىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇب قىلىدۇ، ئۇ قولغا ئالغان ۋېزاتىنىيە زېمىنلىرىدىن نۇرغۇن ئەسەرنى يىغدۇرۇپ سارىيىدىكى كۇتۇپخانىغا يەنى بەيتۇلھىكمىگە قويدۇرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ سارايدىكى بۇ كۇتۇپخانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كىتابلارنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىدۇ، سۇلتان يەنە سارايدىكى كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى بولغان سەلم ئەل ھاررانى بىلەن يۇھاننا ماسېيېھ بىن ماتار ۋە ئىبنۇل بىترىقتىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنى كىتاب ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ۋېزاتىنىيەگە ئەۋەتىدۇ.[31]

ھەم  ئابباسىيلار خەلىپىكى تېررىتورىيەسىدىكى چېركاۋ مەكتەپلىرىدىن ھەمدە قوشنا رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن كىتابلار بىلەن تولغان بەيتۇلھىكمە كۇتۇپخانىسى، ئوتتۇا ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئىلىمىي پائالىيەتلەر قويۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىلىم مەركىزى ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ ئىلىم مەركىزىدە باشقۇرغۇچى، مۇئەللىپ، تەرجىمان، كاتىپ، يېزىلغان كىتابلارنى كۆپەيتىدىغان كۆچۈرگۈچىلەر، كىتاب تۈپلىگۈچىلىرى ئىشلەيتتى. بەيتۇلھىكمە ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە كۇتۇپخانىسىدىن پايدىلانغان ئىبنۇن نەدىمنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، گىرىكچىدىن سۇرىيانىچە، سۇرىيانىچەدىن ئەرەبچىگە ياكى بىۋاستە گىرىكچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلالايدىغانلارنىڭ سانى 47گە، پارسچىدىن ئەرەبچىگە ئەسەر تەرجىمە قىلالايدىغانلارنىڭ سانى 16گە، سانكسرىتچىدىن ئەرەبچىگە ئەسەر تەرجىمە قىلالايدىغانلارنىڭ سانى 3كە يەتكەنىكەن.[32]

مەمۇن دەۋرىدە تەرجىمە پائالىيەتلىرى ۋە بەيتۇلھىكمەدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان جاي رەسەتخانىلاردۇر. مەمۇن ئاسترونومىيەگە پەۋقۇلئاددە قىزىقاتتى، ئۇ بۇ ئىشتىياقى تۈرتكىسىدە باغدادنىڭ شەمماسىيە قۇۋىقى ۋە ئارقىدىن دەمەشققە يېقىن جايدىكى قاسىيۇن تۆپىلىكىدە رەسەتخانا قۇرۇپ چىقىدۇ.بۇ سەۋەبتىن سۇلتان مەمۇن ئاسترونومىيە تارىخىدا ھەققىي مەنىدە رەسەتخانا قۇرۇپ چىققان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلغار ۋاستىلارنى ئىشلىتىش ۋە داۋاملىق ئاسمان جىسملىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇرۇنقىلار ھېسابلاپ چىققان سان-سىفىرلاردىن تېخىمۇ ئېنىق ۋە توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلىگەنىدى. ھەتتا باتلاميۇسنىڭ“ سىنتاكسى-ئالماگېست-مەكىستى“ ناملىق ئەسىرىدىكى مەلۇماتلار ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە ھېسابلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ۋاستە ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئاز كېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن مەمۇن، تېخىمۇ ئىلغار ئۆلچەش ۋە كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ياساتقۇزۇپ ئاسترونومىيەلىك خەرىتىلەر تەييارلاتقۇزۇپ چىققانىدى. شۇنداقلا ئۇ دەۋردە قۇرۇلغان ئىككى رەسەتخانىدىن بىرىسى بولغان قاسىيۇن رەسەتخانىسىدا قۇياش، ئاي ۋە بەزى پلانېتالار يىل بويى كۆزىتىلىگەنىدى. بۇ خىلدىكى كۆزىتىش غەرب دۇنياسىدا 16-ئەسىردە ئاران باشلىغانىدى. [33]يەنە سۇلتان مەمۇن دەۋرىدە بەزى باي ئائىلىلەرنىڭمۇ شەخسىي كۇتۇپخانىلار قۇرۇپ تەرجىمە ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور كۈچ چىقارغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، مۇساب شاكىرنىڭ گېئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە ساھەلىرىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە تارىختا بەنى مۇسا ئاكا-ئۇكىلار دەپ بىلىنىدىغان ھەسەن، ئەھمەد ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى مەشھۇر تەرجىمان ھۇنەين  بىن ئىسھاق باشچىلىق يەنە بىر ھەيئەتنى، سۇلتان مەمۇنغا ئوخشاش ۋېزاتىنىيەگە ئەۋەتىدۇ ۋە نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ كىتاب سېتىۋالىدۇ.[34]

تەرجىمانلار بۇ دەۋردە ھۆكۈمدارلار، ھوقۇقدارلار، ئىلىمخۇمار بايلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھەتتا تەرجىمانلارغا بەزىدە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئېغىرلىقىدەك ئالتۇنلارنىڭ ئىنئام قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان بىر رىۋايەتكە كۆرە، سۇلتان مەمۇن، گىرىكچىدىن قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەر ئۈچۈنلا 300000 دىنار[35] پۇل سەرپ قىلغان. يەنە بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، يەنە بىر تەرىپىگە ئالتۇن قويۇلۇپ تارتىلغانلىقى، تەرجىمانلارنىڭ بۇ ئالتۇن  بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.[36]

سۇلتان مەمۇندىن كېيىن مۇتاسىم (218-227/ 833-842) ۋە مۇتەۋەككىل (232-247/847-861)دەۋرلىرىدىمۇ داۋاملاشقان تەرجىمە پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، يەنى باغداد شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن (144-149/762-766)كېيىنكى ئەسىرلەردە پەلسەپە، مەنتىق، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا، بوتانىكا ۋە زوئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئەسەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. پەلسەپە ۋە مەنتىق ساھەسىدە ئارىستوتىلنىڭ ”ئورگانون“ ۋە ”كىتابۇن نەپىس“، ئەپلاتوننىڭ ”دۆلەت – كىتابۇس سىياسەت“ ۋە ”قانۇنلار-كىتابۇن نەۋامىس“ قاتارلىق ئەسەلىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ. تىئوفرىستوس، ئاممونىيوس، پىروكلوسقا ئوخشاش باشقا گىرىك پەلسەپىچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. گالېننىڭ ”كىتابۇل ئەخلاق“، ”كىتابۇل ئادەت“، ”كىتابۇ ئاراي بۇقرات“ ۋە ”فەلاتۇن“ ناملىق پەلسەپىگە تەۋە كىتابلارمۇ بۇ ساھەدە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.[37]

ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا ۋە خىمىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئەپلاتوننىڭ“كىتابۇل ئۇسۇلىل ھەندېسې“ئەسىرى، ئارىستوتىلنىڭ ”فىزىكا“ناملىق شەرھىيلىرى، ئۆكلىدنىڭ ”ئېلېمېنت“ (ئۇسۇلۇل ھەندەسە) ۋە باشقا ئەسەرلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۆكلىدنىڭ بۇ كىتابى ئىسلام دۇنياسىدا گېئومېتىرىيەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئارخىمىدنىڭ ئەسەرلىرى، باتلاميۇسنىڭ ئەسەرلىرىدىن ”سىنتاكسى/ئالماگېست (ئەل-مەجىستى)، ”گىئوگرافىك ھىپېگېسىس“(جۇغراپىيە) ۋە باشقا كىتابلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ.[38]

مېدىتسىنا ساھەسىدە ھىپوكراتقا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ”كىتابۇ ئەھدى بۇقرات“، ”تەبىئەتۇل ئىنسان“،“ كىتابۇل فۇسۇل“، ”تەقدىمەتۇل مەرىفە“، ”ئەمرازۇل ھاددە“، ”كىتابۇل ئەھلەت“كە ئوخشاش كىتابلار بىلەن گالېننىڭ بولۇپمۇ ئاسترونومىيەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلىرى ۋە بۇ ئىككى ھېكىمدىن سىرت باشقا نۇرغۇن ھېكىمنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھىندچە ۋە پارسچىدىنمۇ مىدېستىنا كىتابلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ.[39]

بوتانىكا ساھەسىدە گىرىكچە ۋە ناباتچا يېزىلغان ئەسەرلەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئارىستوتىلنىڭ ”كىتابۇن نەبات“، تىيانالى ئاپوللونىيوسنىڭ ”كىتانبۇل فىلاھاس“، تېئوفراستوسنىڭ ”ئەسبابۇن نەبات“، دىئوسكورىدېسنىڭ ”كىتابۇل ھاشايىش“، دېموكرىتوسنىڭ ”ئەل-فىلاھاتۇر رۇمىييە“ناملىق ئەسەرلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردۇر. [40]

زوئولوگىيە ساھەسىدە ئارىستوتىلنىڭ ”ھىستورىيا ئامىناليۇم (Historia Animalium)، دې گېنېراتيونې ئانىماليۇم (De Generatione Animalium) ۋە دې پارتىبۇس ئانىماليۇم (De Partibus Animalium) ناملىق ئەسەرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ”كىتابۇل ھاياۋان“ نامىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھىپوكرات، ھېرمېس ۋە دېموكرىتوسقا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ”كىتابۇ مەنافىل ھايەۋان“ناملىق ئەسەرمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.[41]

تەرجىمە پائالىيەتلىرىدە دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكەن بەزى شەخس ۋە ئائىلىلەر تەرجىمان سۈپىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىدۇ. بۇلار ئىچىدە يۇھاننا بىن ماسېۋېھ (243/857)، ھۇنەين بىن ئىسھاق (260/873)، ھۇبەيش بىن ھەسەن، بەنى مۇسا ئاكا-ئۇكىلار، سابىت بىن قۇررە (ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرى)، بۇختىشۇ ئائىلىسى، ئەبۇل سەھل بىن نەۋبەخت، ھاججاج بىن ماتار، كىندى (252/866) ۋە قۇستا بىن لۇكا (300/912)قاتارلىق شەخسلەر بار.[42]

يۇقىرىدا پەقەت بىر قىسمىلا قەيت قىلىنغان ئىلىم ساھەلىرى ۋە بۇ ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە پائالىيەتلىرى، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئىلىمگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق ۋە تەسىر پەيدا قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ۋە كۈلتۈر دۇنياسىنى بېيىتقان، لېكىن بۇ  ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىملىكلىرىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولمىغان. مۇسۇلمان ئالىملار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ياشىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن  ئۈنۈملۈك پايدىلانغان، لېكىن ئۇلارنى ئىلىم ساھەسىدىكى بىردىنبىر نوپۇزلۇق شەخس سۈپىتىدە قاتارىدا كۆرمەي، زۆرۈر تېپىلسا ئۇلارنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى خاتالىقلىرىنى ۋە كەمچىللىكلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا تەنقىد قىلغان. ھەتتا مۇسۇلمان ئالىملار ئۆزلىرى كۆزىتىش ۋە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يېڭى ۋە مۇھىم ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان.

3-ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچى (3-5/9-11ئەسىرلەر)

ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دەۋردە (3-5 /9-11 ئەسىرلەر ئارىلىقىدا) ئۆزلىرى ياشىغان ئەسىردە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كېيىنچە ياۋروپا بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بەزى ئىلىم ئەھىلىلىرى ۋە ئۇلار شۇغۇللانغان ئىلىم ساھەلىرىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، دەۋرنىڭ ئىلىم جەھەتتە قايسى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى يورىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ دەۋردە فارازى (ئۆ. 190/806)، جابىر بىن ھاييان(ئۆ. 200/815)، خارازىمى (ئۆ. 232/847)، فەرغانى (ئۆ. 247/861)، ئەلى بىن راببەن ئەت-تابەرى (ئۆ.247/861)، ئەبۇ بەكىر رازى (ئۆ. 313/925)، بەتتانى (ئۆ. 317/929)، ئەبۇل ۋەفا بۇزجانى (ئۆ. 388/998)، ئىبنى سىنا (ئۆ. 428/1037)، ئەلى بىن ئىسا ئەل كەھھال (ئۆ. 430/1039)، ئىبنۇل ھەيسەم (ئۆ. 432/1040) ۋە بىرۇنى (ئۆ. 453/1061)غا ئوخشاش ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار ياشاپ ئۆتكەن. بۇ دەۋردە بىر تەرەپتىن تەرجىمە پائالىيەتلىرى تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقان (8-10 ئەسىرلەردە)بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقاتلار قائىدە-پرىنسىپلىرى، مېتودلىرى ۋە ئۇقۇملىرى بولغان خاراكتېرگە ئىگە بولغان  بولۇپ،  ئىسلام بىلىم تارىخى ئالتۇن دەۋرىنى ياشىغان. بۇ دەۋردە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، خىمىيە ۋە فىزىكا قاتارلىق ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلار ھەقىقەتەن كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان بولۇپ، 5-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە سىكولاستىك دۇنيا قارىشىنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن غەرب دۇنياسى ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلاردىن، ئارىلىقتىن نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 11-ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر تۈرتكىسىدە ئاران تونۇشقا مۇيەسسەر بولغان.

مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىردە ”ئىلمۇل ھەيئى“، ”ئىلمۇل فەلەك“ ۋە ”ئىلمۇن نۇجۇن“دەپ ئاتىلىدىغان ئاسترونومىيە ئىلمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ساھەگە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەب، بولۇپمۇ دىنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى توغرا يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك مەلۇماتلارغا ئاسترونومىيە ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ ئىدى. مەسىلەن، قىبلە ۋە ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا يۆنىلىش بەلگىلەش، رامىزان ئېيىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېنىقلاش ۋە دېھقانچىلىق ئىلشىرىنىڭ ۋاقىتىنى بېكىتىشقا ئوخشاش ئىشلاردا ئاسترونومىيەلىك مەلۇماتلار ئىشقا يارايتتى. يەنە قۇرئانى كەرىمدە كائىنات ۋە كائىناتتىكى ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ۋە ئىبرەت ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر[43]مۇ ئاسترونومىيە ئىلمىنى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ھىند ۋە قەدىمكى گىرېك دۇنياسىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسترونومىيەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان.[44]

ئەسلىدە ئىسلامدىن بۇرۇنقى دەۋردە ئەرەبلەر ئاسترونومىيە ئىلمى توغرۇلۇق بىر نەرسە بىلمەيتتى. يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ كەلگۈسى توغرۇلۇق بىر قاتار مەلۇماتلارغا ئېرىشتۈرۈشتە پايدىلىق دەپ قارىلىدىغان ئىلمىي نۇجۇم توغرۇلۇق جەمئىيەتتە ئاز تولا مەلۇماتى بارلار يوقمۇ ئەمەس ئىدى ۋە ئىلمىي نۇجۇم كەلدانى ئاستورنومىيەسىنىڭ داۋامى، دەپ قارىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇرۇنقى بەزى مەدەنىيەتلەنىڭمۇ بۇ ساھەدە بەزى نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى ۋە بۇ نەتىجىلەرنىڭ كېيىنچە بولۇپمۇ تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا  يېتەكچىلىك  رولى ئۆتىگەنلىكى مەلۇم. لېكىن ئاسترونومىيەنى كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان ئىلىم سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەنلەر  يەنىلا مۇسۇلمان ئالىملاردۇر. مۇسۇلمان ئالىملار ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىققاندىن سىرت ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىققان، شۇنداقلا شارائىتلىرى ياخشى بولغان رەسەتخانىلار قۇرۇپ چىققان.[45]

ئىسلام بىلىم تارىخىدا ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن بىرى فەزارى (ئۆ. 190/806)بولۇپ، ئۇ ئۇستۇرلاب[46]نى تۇنجى ئىجاد قىلغان كىشىدۇر. فەزارى ھىندلىق ئالىم براخماگۇپتا تەرىپىدىن يېزىلغان ”سىددھانتە“ناملىق ئەسەرنى 154/771 ياكى 156/773 يىلى كېڭەيتىپ تەرجىمە قىلىپ چىققان. پلانېتالارنىڭ ئاسترونومىيەلىك جەدۋەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە قىسقىچە نامى ”سىند-ھىند“بولغان بۇ ئەسەر، ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىدە 10-ئەسىرگىچە، ئەندۇلۇستا 12-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. يەنە فەزارىنىڭ پلانېتالارنىڭ ئوتتۇرىچە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاسترونومىيەلىك مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، دىنى كۈنلەرنىڭ ئاي كالىندارىغا كۆرە ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاسترونومىيەلىك جەدۋەللەرنىڭ ھېسابلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ۋە ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويغان ”كىتابۇز زىج ئالە سىنىل-ئەرەب“ناملىق بىر ئەسىرى ۋە چۈش ۋاقتىنى ئېنىقلاش، ئۇستۇرلابنى ياساش ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ كالېندارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى بار.[47]

ئابباسىيلار سۇلتانلىرىدىن مەمۇن، مۇتاسىم، ۋاسىق ۋە مۇتەۋەككىل دەۋرلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئاسترونوم ۋە ماتېماتىكچىلاردىن بىرى بولغان شەخس فەرغانى بولۇپ (ئۆ. 247/861)، ئۇ ئاسترونومىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك يازغان ”جەۋانىئۇ ئىلمىن نۇجۇم ۋە ئۇسۇلۇل ھەرىكىتىس سەماۋىييە“ناملىق ئەسىرى، باتلاميۇسنىڭ ”سىنتاكسى/ئالماگېست/ئەل مەجىستى“ناملىق ئەسىرىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى بولۇش بىلەن بىرگە، كالېندارلار بىلەن چىسلالار توغرۇلۇق بەرگەن مەلۇماتلار ۋە باتلاميۇسقا ئېتىراز بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لاتىنچىگە قسىقىچە ”ئېلېمېنتا ئاسترونومىكا“ (Elementa astronomica  )نامى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ”جەۋامى“، مۇسۇلمان ئاسترونوملار تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە غەربلىك ئاسترونوملارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاسترونومىيە ساھەسىدە غەربتە ئەڭ كۆپ مۇراجائەت قىلىنىپ پايدىلىنىلغان ئەسەر ئىدى. ئەسەردە رىم، سۈرىيە، مىسىر، ئىران ۋە ئەرەب كالېندارلىرى، يەر شارىنىڭ تاشقى پلانېتادىكى ئورنى ۋە ھەرىكەتلىرى، ئېكلىپىش تەكشىلىكى، مۇھىم رايون ۋە شەھەرلەر، زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئاي، قۇياش، پلانېتا ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەتلىرى، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالى، ئاينىڭ يۈزى، ئاي ۋە قۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئوخشاش نۇرغۇن تېمىلار بايان قىلىنىدۇ. يەنە فەرغانىنىڭ گىئومېترىيەسى، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھېسابلىرى، ئۇستۇرلاپ ۋە ماتېماتىكا نەزىرىيەلىرىن بايان قىلىنغان ”ئەل-كامىل فى ساناتىل ئۇستۇرلاب“ناملىق كىتابى ۋە باشقا نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار.[48]

مۇسۇلمان ئاسترونوملار ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان ۋە غەربتە ئالبېتانىيۇس، ئالباتېگۇنۇس ياكى ئالباتېگنى نامى بىلەن تونۇلغان بەتتانى (ئۆ. 317/929)مۇ ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئالىمدۇر. بەتتانى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىي ئاسترونومىيە ساھەسىدىن سىرت گېئومېتىرىيە ۋە ئاسترولوگىيە ساھەلىرىدىمۇ تونۇلغان نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بولۇپ، ئاي ۋە قۇياشنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق جەدۋەل سىزىپ چىقىش بىلەن بىرگە، باتلاميۇسنىڭ ”سىنتاكسى/ئالماگېست/ئەل-مەجىستى“ناملىق ئەسىرىدىكى مەلۇماتلارنى تۈزىتىپ، ئەسەرنى مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ بېيتقان. ئۇ ”كىتابۇز زىج“ناملىق ئەسىرىدە ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي نەتىجىلەر ۋە يېڭىلىقلارنى بايان قىلىدۇ. مەزكۇر ئەسەردە ئۇ بەش پلانېتانىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە بۇنىڭغا دائىر ئاسترونومىيەلىك ھېسابلار ئۈستىدە توختىلىدۇ.  ئاينىڭ مېرىدىئاندىكى ئوتتۇرىچە ھەرىكىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش،شۇنداقلا قۇياش ۋە ئاينىڭ دىئامېتىرنى ئۆلچەپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان بەتتانىنىڭ ئەسىرى ، ئاسترونومىيە ۋە يەر شارى ترىگونومېتىرىيەنىڭ تەرەققىياتىدا زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئەسەر يېزىلىپ ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن غەربتە 12-ئەسىردە پىلاتو تىباستىنۇس ۋە روبېرتۇس رېتىننېسىس تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تۇنجى تەرجىمىسى يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، پىلاتونو تەرجىمىسى 1537-يىلى نۇرنبېرگ ۋە 1645-يىلى بولوگنادا تۇنجى قېتىم بېسىلغان بولۇپ، تەسىرى 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.[49]

مېدىتسىنا، فىزىكا، ماتېماتىكا، تارىخ، دىنلار تارىخى ۋە جۇغراپىيە بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان،لېكىن ئاسترونومىيە ساھەسىدە بەكرەك كۆزگە كۆرۈنگەن بىرۇنى (ئۆ. 453/1061)، ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بۇ بىلىم ساھەسىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىدىغان ئاساس خاراكتېرلىك ئەسەر يېزىپ چىقىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغانىدى. كېيىنچە، ئۇ بۇ مەقسەتتە بىر ئەسەر يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئاسترونومىيە قامۇسى خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. ئۇ بۇ ئەسەردە يەنە ئاسترولوگىيە، گىئودېزى، جۇغراپىيە، مېتېئورولوگىيە ۋە ترىگونومېتىرىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بايان قىلىدۇ. بىرۇنىنىڭ غەزنەۋى مەھمۇتنىڭ ئوغلى مەسۇدقا ئاتاپ يازغان ”قانۇنۇل مەسۇدى“ناملىق ئەسىرى، يېزىلغان دەۋردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئەسىر ئاسترونومىيەسى ئۈچۈن مۇھىم ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بىرۇنى بۇ ئەسىرىدە دۇنيا مەركەزلىك كائىنات چۈشەنچىسىنى مەزمۇن قىلىدىغان باتلاميۇس سىستېمىسىنىڭ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىنىڭ ئاسترونومىيەلىك ھەقىقەتلەرنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە دۇنيا بىلەن قۇياش ئارىلىقىدا ئوربېتىدا ھەر يىلى ئىلگىرىلەيدىغان ئەڭ يىراق نۇقتىنىڭ، باھار نۇقتىسىدىن يىراقلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ۋە ئۇ بۇنى ئەڭ كۆپ ئۆرلىگەن سۈرئەت تېزلىكى ۋە ئەڭ قىسقا مۇساپىلىك نۇقتىدىكى ئازىيىشتا پەيدا بولغان پەرقلەرگە ئاساسەن ھېسابلاپ چىققان. بىرۇنى يەنە ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيە ئىلمىنى مۇستەقىل پەن ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئالىمدۇر. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە يېزىپ چىققان ۋە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ”تاھىدىدۇ نىھاياتىل ئەماقىن“ناملىق كىتابى بۇ پەننىڭ ئاساسلىق ئەسىرىدۇر.[50]

مۇسۇلمانلار ھىجىرىيەنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىلىملەردىن بىرسى رىيازەت[51] ئىلىملىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ماتېماتىكىدۇر.دەرۋەقە، قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىش، ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش، مىراس تەقسىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ماتېماتىكاغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياج چۈشكەنىدى. جاھىلىيەت ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئىلمىي مەنىدە ماتېماتىكاغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ياكى پائالىيەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك يوق بولۇش بىلەن بىرگە، ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بىر تۈركۈم  ئىرانلىق ماتېماتىكىچىنىڭ مەدىنىگە كەلگەنلىكى، ھەزىرىتى ئەلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خەلىپىنىڭ بۇ كىشىلەردىن  بەزى ساھابىلەرگە ھېسابلاش ئۇسۇللىرى“نى ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ساھىبىلەرگە ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتكەنىكى ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن مائاش بېرىلىدىغانلىقى، ھەممىدىن بۇرۇن بۇ ئىلىملەرنى ھەزىرىتى ئەلىنىڭ ئۆگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇماتلار بار.[52]مۇسۇلمانلار قەدىمكى ھىند ۋە گىرىك ماتېماتىكا تارىخىنى ئۆگىنىشكە ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئىلمىي جۇغلانمىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىتابلارنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىشقا باشلايدۇ، بۇ ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلەر ئابباسىيلار دەۋرىدە باشلىغان بولۇپ،تەرجىمە پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان ماتېماتىكچىلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى دەۋردە ھەل قىلىنمىغان ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرگە چارە تاپقاندىن سىرت، بۇ ساھەدە يېڭى نەزىرىيەلەر ۋە قىياسلار ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[53]

ئىسلام دۇنياسىدا جەبىر ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە لاتىنچە مەنبەلەردىمۇ نامى ئالكارىسمى، ئالگورىتمى ياكى ئالگورىزم دېگەن شەكىللەردە ئۇچرايدىغان مەشھۇر ماتېماتىكچى خارىزىمى (ئۆ. 232/847)، ماتېماتىكا ساھەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ماتېماتىكىدىن سىرت ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە ئىلىملىرى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان خارىزىمى،تۇغۇلغان يېرى خارىزىم بولسىمۇ لېكىن باغدادتا ياشىغان بولۇپ، ئابباسىيلار سۇلتانلىرىدىن مەمۇن دەۋرىدە بەيتۇلھىكمە كۇتۇپخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنى ئابباسىيلار دەۋرىدە يېزىپ سۇلتان مەمۇنغا تەقدىم قىلغانلىقى مەلۇم. ”كىتابۇل مۇھتاسار فى ھىسابىل جەبر ۋەل مۇكابەلە“ناملىق ئەسىرى ناھايىتى سىستېمىلىق يېزىلغان بولۇپ، جەبىر كەلمىسى بولغان تۇنجى ماتېماتىكا ئەسىرىدۇر. مەزكۇر ئەسەر ئارقىلىق بىلىم تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئېرىشكەن جەبىر ئىلمى، ھېساب ئىلمىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ھالدا جەبىر ئىلمى سۈپىتىدە ئاتىلىدۇ. كېيىنكى مۇسۇلمان جەبىر ئالىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ كىتابتىن پايدىلىنىپ كىتاب يازىدۇ. يەنە 12-ئەسىردە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر، 16-ئەسىرگىچە غەربتە ماتېماتىكا دەرسلىك كىتابى سۈپىتىدە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدۇ. خارىزىمى ئەسەرلىرىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەڭلىمىلەرنىڭ يېشىمىنى سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئارىلىقتىن 700 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاران ئىككىنچى تەڭلىمىلەرنىڭ يىلتىزىنى ھېسابلاپ چىقىدىغان فورمىلا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. كەسپىي ماتېماتىكچىلاردىن سىرت سودىگەر، قازى، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە باشقا ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ كىتاب يازغان خارىزىمىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى، ئەمەلىي جەبىر مەسىلىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇنداقلا بەزى گېئومېتىرىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ جەبىر ئىلمى ئارقىلىق قانداق يېشىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئىككى ئىلىم ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار ئەسەرلىرىدە ئورۇن ئالىدۇ. خارىزىمى تۇنجى قېتىم جەبىرىنى ئىسلام قانۇنىنىڭ فەرايز[54] مەسىلىلىرىگە تەدبىقلىغان شەخس ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا ھىند رەقەملىرى ۋە ئونلۇق سان سىستېمىسى يەنە خارىزىمى تەرىپىدىن يېزىلغان ”كىتابۇل ھىسابىل ھىندى“ناملىق ئەسەر بىلەن كىرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر 12-ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.[55]

ماتېماتىكا ساھەسىدە نوپۇزلۇق ئالىملاردىن يەنە بىرسى ئەبۇل ۋەفا ئەل بۇزجانىدۇر (ئۆ. 388/998). تىرونومېتىرىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان بۇزجانى، مۇسۇلمان ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ “ ئىنژېنېر “ ۋە ”ھاسىب“لەقەملىرى بىلەن تونۇلىدۇ. خوراسان رايونىدىكى ھىرات بىلەن نىشابۇر شەھەرلىرى ئارىلىقىغا جايلاشقان بۇزجانىدا دۇنيا كەلگەن بۇزجانى، ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئىلىملەرنى ئىككى تاغىسىدىن ئالغاندىن كېيىن، باغدادقا بېرىپ ئەينى دەۋردىكى مەشھۇر ئالىملاردىن ئىلىم ئۆگىنىدۇ، ئۇ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن بۇ يەردە قېلىپ ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەندىن سىرت ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىدۇ. ئۇ  ئەسەرلىرىدە ترىگونومېتىرىيە تېئورمىلىرىنىڭ تۇنجى ئىسپاتلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ”زىل“نامى بىلەن تانجانتىنى، ”قۇترى زىل“نامى بىلەن بولسا سېكانتىنى تەرىپلەيدۇ ۋە ترىگومېتىرىيەلىك فۇنكسىيەلەرنىڭ تارقىتىش فۇنكسىيەسى ئۈچۈن 15مىنۇتلۇق قەدەملەر بىلەن سەزگۈر جەدۋەللەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بەزى شارچە ئۈچ بۇلۇڭلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل مېتودلار ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگىرى دېئامىتىرلىق شارچە ئۈچ بۇلۇڭلار ئۈچۈن سىنوس تېئورمىلىرى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. پارابولانىڭ نۇقتا-نۇقتا ھالەتتە سىزىلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇل تاپقان بۇزجانىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك سىزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ھىند مېتودلىرىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىلمىي خىزمەتلىرىمۇ بار. سىركۇلنىڭ دائىرە ئىچىگە تىكتۆت بۇلۇڭ ۋە تىكتۆت بۇلۇڭ ئىچىگە ئوخشاش قىرلىق ئۈچ بۇلۇڭنى تۇنجى قېتىم ئۇ سىزىپ چىققان يەنى ئۇ ئىدى. ئۇ يەنە گېئومېتىرىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا سىستېمىلىق ھالدا سىركۇل ئىشلىتىشنى پرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن تۇنجى ماتېماتىكچىدۇر. شۇنداقلا ئۇ كۆپ يۈزلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەن بولۇپ، يەتتە ۋە توققۇز قىرلىق بۇلۇڭلارنىمۇ سىزىق چىقىدۇ. ئۇ جەبىر ۋە تەڭلىك تېئورمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ھەسسە قوشىدۇ.[56]

ئىسلام بىلىم تارىخىدا مېدىتسىنامۇ مۇسۇلمانلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان ۋە ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئىلىملەردىن ھېسابلىنىدۇ. مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان رىۋايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، مۇسۇلمانلار  ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا بولسىمۇ بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بىلەتتى. ئىسلام تارقىلىشتىن ئىلگىرىكى  ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى شىئىرلاردا ئۇچرايدىغان كۆز ياللۇغلىنىش ۋە يۆتەلگەن ئوخشاش كېسەللىك ئىسىملىرىدىن سىرت قەبىلە ئۇرۇشلىرى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن يارىلىنىشلارنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. شۇنداقلا ”سوندا“غا ئوخشاش گىرىك مېدىتسىناسىدىن ئېلىنغان بەزى ئۈسكۈنىلەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەينى دەۋردىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەن ئاددىي ئىدى.[57]

مۇسۇلمانلار ئىچىدە مېدىتسىنا ئىلمى باشقا ئىلىم ساھەلىرىگە ئوخشاش تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ ئىلىم يەنە ئابباسىيلار دەۋردىكى شىپاخانىلاردا چەت ئەللىك ھېكىملارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تەسىرلىرى نەتىجىسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ساھەدە تۇنجى قېتىم ئەسەر يازغانلار ئىچىدە ئەلى بىن راببەن ئەت تابەرىمۇ (ئۆ. 247/861)بار. ئۇنىڭ سۇلتان مۇتەۋەككىل نامىغا 850-يىلى يازغان ”فىردەۋسۇل ھىكمە“ مېدىتسىنا ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە يېزىلغان ئەڭ قەدىمكى كونا ئەرەبچە ئەسەردۇر. ھىند، ئىران، گىرېك ۋە ئەرەب مېدىتسىناسىغا تەۋە مول مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر ئىبنى سىنا، رازى ۋە بىرۇنىغا ئوخشاش نۇرغۇن ھېكىم ۋە كۈلتۈر تارىخچىسى ئۈچۈن مەنبە بولالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر.[58]

ئىسلام بىلىم تارىخىدا ھېكىم-پەيلاسوپ تىپىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكللىرىدىن بولغان ۋە غەربتە رىھازېس Rhazes))دەپ ئاتىلىدىغان ئەبۇ بەكىر رازى (ئۆ. 313/925)مۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدە مېدىتسىنا ئۈستىدە ئىزدەنگەن مۇھىم شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھىپوكرات ۋە گالېندىن كېيىن مېدىتسىنا ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن ”ئەرەبلەرنىڭ گالېنى“دېگەن ئۇنۋان بىلەن خاتىرىلىنىدۇ. رازى ئوقۇش ھاياتى تۈگىگەندىن كېيىن تۇغۇلغان يۇرتى رەيدىكى بىمارىستان[59]دا باش ھېكىملىق قىلغان بولۇپ،كېيىنچە 30 ياشلاردا باغدادقا كېلىپ ”بىمارىستان ئادۇدى“نىڭ باش ھېكىملىك ئىمتىھانىسىغا كىرىپ بىرىنچى بولىدۇ. مېدىتسىنا خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كۆز، سۆڭەك، نىرۋا، ئىچكى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. رازى ئۆزى ئىجاد قىلىپ چىققان داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن بىمار كۆرىدۇ. ئۇ  دەسلەپ مۇئاۋىن دوختۇرلار، ئارقىدىن باش دوختۇرلارنى بىمارلارغا دىئاگنوز قويدۇرىدۇ. ئەگەر دىئاگنوزدا خاتالىق ۋە قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.ئۇ باش ھېكىملىك قىلغان مەزگىلدە دوختۇرخانىدىكى بارلىق دىئاگنوزلار، داۋالاش خىزمەتلىرى، دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە بىمارلارنىڭ بارلىق كېسەللىك جەريانلىرى خاتىرىلىناتتى. شۇنداقلا مېدىتسىنا تارىخىدا خىمىيەنى مېدىتسىنا ساھەسىگە ئىشلەتكەن تۇنجى ھېكىمنىڭ ئۇ ئىكەنلىكى مەلۇم. كلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ پىشۋاسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان رازى، گالېنغا كەسىپ جەھەتتە قەرىزدا ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ تۇرىدۇ. رازى گالېننى تەنقىد قىلىپ ”كىتابۇش شۇقۇق“ناملىق ئەسىر يېزىپ چىقىپ چىقىدۇ. رازى يەنە تەبىئەت ئىلىملىرىگە تەدبىق قىلغان كۆزىتىش ۋە سىناق ئۇسۇللىرىنى مېدىتسىنا ساھەسىگىمۇ مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا تەدبىق قىلىپ چىقىدۇ. ئۇ بىمارلارنى داۋالاش ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ يېشىنى، ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە بىئارامچىلىقنىڭ قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقىنى سورىغاندىن كېيىن، بىمارلارغا دىئاگنوز قويىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى مول بىلىم جۇغلانملىرىنىڭ سانىنى تەخمىنەن 65 ياكى 100 ئەتراپىدا بولغان مېدىتسىنا ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ ئون بەش يىلدا روياپقا چىقارغان مېدىتسىنا قامۇسى ھېسابلىنىدىغان ”ئەل ھاۋى“ (ئەل جامىئۇل كەبىر)ناملىق ئەسىرىدە كۆرەلەيمىز. مەزكۇر ئەسەر ”لىبېر كونتىنېس“ (Liber Continens)نامى بىلەن 1279-يىلى فېرېك ب. سالىم (فارراگۇت)تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە 1448-1542 يىللىرى ئارىلىقىدا بەش قېتىم بېسىلىدۇ. قىزىل ۋە چىچەك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويغان تۇنجى ھېكىم ھېسابلىنىدىغان رازىنىڭ بۇ ساھەدە يازغان ”ئەل جۇدەرى ۋەل ھاسبە“ ناملىق ئەسىرى لاتىنچە تەرجىمە قىلىنىپ، 1498-1866 يىللىرى ئارىلىقىدا قىرىق قېتىم بېسىلىدۇ. رازى ”ئەخلاقۇت تابىب“ناملىق ئەسىرىدە،بىمار-ھېكىم مۇناسىۋەتلىرىدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-پرىنسىپلارنى بايان قىلىدۇ.[60]

ئوتتۇرا ئەسىر مېدىتسىناسىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى ۋە ئىسلام مەششائى مەكتىپىنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپى ئىبنى سىنا (ئۆ. 428/1037)مۇ، مېدىتسىنا تارىخى نۇقتىسىدىن ھەم ئىسلام دۇنياسى ھەمدە غەربتە نوپۇزلۇق ھېكىم سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىبنى سىنا تەرىپىدىن مېدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ سانى 40 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغانلىرى ”ئەل ئۇرجۇزە فىت تىبب“، ”ئەل قانۇن فىت تىبب“ ۋ ئەش شىفا“قاتارلىقلاردۇر. ئىبنى سىنا يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ھەم ئىسلام مېدىتسىنا ساھەسى ھەمدە ياۋروپا مېدىتسىنا ساھەسىدە زور تەسىر ياراتقان. ئۇنىڭ غەربتىكى تەسىرىنىڭ 17-ئەسىرگىچە داۋاملاشقانلىقى ۋە قەدىم گىرىك مېدىتسىناسىنىڭ پىشۋاسىلىرىدىن ھىپوكرات ۋە گالېننىڭ شۆھرىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەممە تەرىپىدىن ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. دەرۋەقە، ئۇ ۋاپات بولۇپ ئارىلىقتىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ داڭلىق ئەسىرى ”ئەل قانۇن فىت تىبب“نىڭ ئىسپانىيەدە ”كانون“ (Canon) نامىدا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ 13-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ مېدىتسىنا پاكۇلتىتلىرىدا دەرسلىك كىتابى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇشى ۋە 17-ئەسىردە ۋاللودولىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر ئىبنى سىنا/ئاۋىكېننا (Sînâ/Avicenna İbn) كافېدراسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. شۇنداقلا ”ئەل قانۇن فىت تىبب“نى لاتىنچە نۇسخىسىنىڭ (پاۋىيا 1510)مۇقاۋىسىغا ئىبنى سىنانىڭ ئوتتۇرىدىكى تەختتە، ھىپوكرات ۋە گالېننىڭ ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرۇشىنىڭ رەسىم قىلىپ سىزىلىشىمۇ ئۇنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى نوپۇزىنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىدە كلىنىكىلىق داۋالاش ۋە ئاساسلىق مېدىتسىنا ساھەلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ، ئۇ ئەسەرلىرىدە يەنە ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە ، ھىستولوگىيە،  دورىگەرلىك ئىلمى ۋە بىئو-خىمىيە قاتارلىق ئاساسلىق مېدىتسىنا ساھەلىرى ئۈستىدىمۇ مول ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ بىمارلارنىڭ كېسەللىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تومۇر تۇتۇش ۋە سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىدۇ. ”ئەل قانۇن فىت تىبب“ناملىق ئەسىرىدە ئىبنى سىنا ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان چېچىلاڭغۇ ئەھۋالدىكى ھېلېنستىك، ۋېزاتىنىيە ۋە سۇريانى قاتارلىق مېدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى سىستېملىق ھالدا رەتلەپ چىققاندىن سىرت ئەتراپلىق ئانالىز قىلىدۇ. ئۇ يەنە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بارلىق ئىلمىنى قامۇس سۈپىتىدە يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئاناتومىيە، كېسەللىك ئالامەتلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە دورىلار ئۈستىدىمۇ توختىلىدۇ. [61]

كۆز كېسەللىكى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەنمۇ داڭ چىقارغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسى ھېكىملىرىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى،  غەربتە جېسۇ ھالى (Jesu Hali) دەپ نام ئالغان ئالى بىن ئىسا ئەل قەھھالدۇر  (ئۆ. 430/1039). ھاياتى توغرۇلۇق كۆپ مەلۇمات بولمىغان ئەلى بىن ئىسا ئەل قەھھالنىڭ باغدادتا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، بۇ جايدا ھېكىملىك قىلغانلىقى مەلۇم. قىسقچە نامى ”تەزكىرە“ ياكى ”تەزكىرەتۇل قەھھالىن“بولغان ”تەزكىرەتۇل قەھھالىن فىل ئەين ۋە ئەمرازىھا“ناملىق ئەسىرى، كۆز ۋە كۆز كېسەللىكلىرى ساھەسىدە يېزىلغان ۋە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەرەبچە ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ ئەتراپلىق ۋە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئەسەردۇر. ئەسەر ئۈچ بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە كۆزنىڭ ئاناتومىيەسى ۋە فىزىئولوگىيەسى، ئىككىنچى بۆلۈمدە كۆز قاپىقى، كۆز يېشى بېزى، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، مۈڭگۈز پەردە ۋە ئۈزۈم پەردە كېسەللىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى، كۆزىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى، ئۈچىنچى بۆلۈمدە ”كۆزنىڭ ئىچكى كېسەللىكلىرى“تېمىسىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، ئالغايلىق ۋە كېچە-كۈندۈز كۆرلىكى قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. 132 خىل كۆز كېسەللىكلىرى بايان قىلىنغان بۇ ئەسەر،  سالامەتلىكنى ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر ۋە ئېلېپە رەت تەرتىپىگە ئاساسەن رەتكە تىزىلغان 141 دورىنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان باب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئەسەردە، ئۇ ۋاقىتقىچە خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن يەرلىك ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىدىن سىرت، قىين ئوپېراتسىيەلەردە تۇنجى قېتىم مەندراگورا ۋە ئەپىيۇن ھورىغا ئوخشاش پۈتۈن بەدەننى ھوشسىزلاندۇرۇشقا يارايدىغان ماددىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كۆز ئوپېراتسىيەسىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنىدۇ، بۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 11-ئەسىردە يېزىلغان ”تەزكىرەتۇل كەھھالىن“ كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ تەسىرىنى يوقاتمىغان بولۇپ، بىر نەچچە بۇ ئەسەر توغرۇلۇق شەرھىيلار يېزىلغان. شۇنداقلا ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئىبرانىچىگە ۋە ئىككى قېتىم “  Tractus de oculis Jesu b. Hali “ نامىدا لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر يەنە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىمۇ ئىبرانىچە قايتىدىن تەجىمە قىلىنىپ “ Epistola Ihesu filii Haly de cognitione infirmitatum oculorum sive memoriale oculariorum quod compilavit Ali b. İssa“ نامى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ (پارىژ، 1903). بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئەسەرنىڭ بەزى قىسىملىرى كۈنىمىز تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى.[62]

مۇسۇلمانلار ئەھمىيەت بەرگەن بىلىم ساھەلىرىدىن بىرى خىمىيەدۇر. ھەتتا مودېرن خىمىيەنىڭ ئۇلى ئىسلەام مەدەنىيىتى ئارقىلىق سېلىنغان، دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتمىگەن بولىمىز. ئىسلام دۇنياسىدا خىمىيەگە دائىر ئىزدىنىشلەر تۇنجى تەرجىمە پائالىيەتلىرى دەۋرىدە باشلىغان بولۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ دۇنيا قارىشى تۈرتكىسىدە خىمىيە ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلەر سىميا[63]بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم خىمىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان شەخس سۇلتان يەزىد بىن مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى خالىد (ئۆ. 85/704)تۇر. خالىد بىن يەزىد ئىسكەندېرىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى خىمىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان مارىيانۇس ئىسىملىك رىملىق راھىبتىن مېدىتسىنا ۋە خىمىيە ئۆگىنىدۇ. ئۇ كېيىنچە بۇ ساھەدىكى ئەسەرلەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئىسلام دۇنياسىدا تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى تۇنجى مەشئەلنى ياقىدۇ. يەنى ئۇ مارىيناسقا ئوخشاش راھىب بولغان ستېپھانوس ئىسىملىك راھىبتىن بىر خىمىيەنى كىتابىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.[64]

ئىسلام دۇنياسىدا خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان، شۇنداقلا تەبىئەت پەيلاسوپى ۋە كۆپ قىرلىق ئالىم جەبىر بىن ھايياندۇر (ئۆ. 200/815). خىمىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان جەبىر خىمىيەنى سىستېمىلىق تەجرىبە ئىلمى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. غەربلىك تەتقىقاتچىلار لاتىنچەدە گەبەر دەپ ئۇچرايدىغان جابىر بىن ھايياننىڭ خىمىيە تارىخىدىكى نوپۇزىنى مودېرن تەتقىقاتچىلار بىلەن بىر دەپ قارايدۇ. جابىر خىمىيەنىڭ كالسىناتسيون (پارچە ھالىتىگە كەلتۈرۈش) ۋە رېدۇكسىيون (تۆۋەنلىتىش)نامىدىكى ئىككى ئاساسلىق پرىنسىپنى ئىلمىي يوسۇندا ئىزاھلاپ چىققانىدى.   ئۇ يەنە ماددىلارنى ھورغا ئايلاندۇرۇش، ئېرىتىش ۋە خىرىستاللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇسۇل تېپىپ چىققاندىن سىرت خىمىيەلىك ماددىلارنى كاتېگورىيەگە ئايرىپ چىققان. ئۇ ناترىي كىسلاتاسىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان ئالىم بولۇپ، مودېرن خىمىيەنىڭ ئاساسلىق نەزىرىيەلىرىدىن بولغان  ”civa-sülfür  “ نەزىرىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىمىيەچىلەر ئۇنىڭ خىمىيە ساھەسىدە ياراتقان بۇ نەتىجىلىرىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا خىمىيەچىلەر ئۇنى خىمىيەنىڭ پىشىۋاسى دەپ تەرىپلىگەندىن سىرت،ئۇنى بۈيۈك ئۇستاز دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتايدۇ.  جابىر بىن ھايياننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمى چېستېرلىق روبېرت تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ”كىتابۇس سەبىن“دەپ ئاتىلىدىغان ۋە 70 رىسالىدىن تەشكىل تاپقان ئەسىرى“لىبېر دىۋىنىتاتىس دې “ (Liber divinitatis de LXX) نامىدا كرېمېنولۇ گېرارد Cremenolu Gerard) )تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ.[65]

ئىسلام دۇنياسىدا فىزىكا ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلەر غەبتىكىگە ئوخشاش تەبىئەت پەلسەپىسى دائىرىسىدە باشلىغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلەر بەكرەك ئارىستوتىلنىڭ قارىشى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. مۇسۇلمانلار فىزىكىنىڭ مېخانىكىلىق (ھەرىكەتلىك ۋە تۇرغۇن جىسىملار فىزىكىسى) ۋە ئىلمۇل مەنازىر دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئوپتىك (نۇر ئىلمى)ساھەلىرى ئۈستىدە بەكرەك ئىزدەنگەن. ئوپتىك ياكى ئىلمۇل مەنازىر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر 9-ئەسىردە گىرىك ۋە ھېلېنىستىك دەۋردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن باشلىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۆكلىد، ھېرون، باتلاميۇس ۋە تېئونغا ئوخشاش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇقۇم ۋە مەسىلىلىرى بېكىتىلىدۇ. كېيىنچە بۇ ساھەنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن بولغان قۇستا بىن لۇكا ۋە كىندى تەرىپىدىن بۇ ساھەدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇستارىد بىن مۇھەممەد، ئەھمەد بىن ئىسا ۋە ئەبۇ سەئىد بىن سەھىل قاتارلىق ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلغان خىمىيە تەتقىقاتلىرى، ئىنبۇل ھەيسەم ۋە كەمالەددىن ئەل فارىسى بىلەن مەلۇم سەۋىيەگە كېلىدۇ ۋە نوپۇزلۇق ئەسەرلەر روياپقا چىقىدۇ.[66]

ئوپتىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكىچى ئىبنۇل ھەيسەم (ئۆ. 432/1040)دۇر. فىزىكىدىن سىرت ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەر ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ئىنبۇل ھەيسەم، غەرب دۇنياسىدا ئالھازېن Alhazen) )، ئالھاكېن(  Alhacen)، ئاۋېنېتان( Avenetan) ۋە ئاۋېنناتھان(  Avennathan) دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر. بولۇپمۇ ئوپتىك ساھەسىدە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنى ياراتقان ئىبنۇل ھەيسەم، 17-ئەسىرگىچە ئوپتىك فىزىكىسى تارىخىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ ساھەدە يازغان ”كىبۇل مەنازىر“ناملىق ئەسىرى مۇھىم ئەسەر بولۇپ، 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياكى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر، جون پېچام، روگېر بېكوقن، ۋىتېلو، جوھاننېس كېپلېر، سنېل ۋان روگېن، پىيىر دې فېرمات ۋە دېسكارتېسقا ئوخشاش ياۋروپالىق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئوپتىك ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە غەرب دۇنياسىدا ئوپتىك ئىلمىنىڭ قۇرۇلۇشىدا زور رول ئوينىغان. ئىبنۇل ھەيسەم بۇ ئەسىرىدە كۆرۈشتە ئىشقا يارايدىغان نۇرلارنىڭ كۆزدىن ئەمەس، قارالغان نەرسىدىن كېلىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ تەرىقىدە كۆرۈشتىن ئىبارەت ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا غەربتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن ئىلگىرى نۇرنىڭ تۈز يۆنىلىشتە تارقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن غەربلىكلەر “ كامېرا ئېنىقسىزلىقى“ (Camera Obscure) دەپ ئاتايدىغان قاراڭغۇ ئۆي ياكى قاراڭغۇ كامېرا سىنىقىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سىناق ئېلىپ بارغان قاراڭغۇ ئۆي، نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن بەزى ئوپتىك سايمانلارنىڭ، بولۇپمۇ فوتو-سۈرەت ۋە فىلىم ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەتتا بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ فوتو-سۈرەت ئاپپاراتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى كەشىپ قىلغانلىقىنى دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. ئۇ كۆرۈش ھادىسىسىنى ئىزاھلاشتىن باشقا، كۆزنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كۆرۈش ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنى كۈنىمىزدىكى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلەرگە ئوخشاش كېتىدىغان تەرىقىدە چۈشەندۈرگەن. ھەتتا، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تۇنجى ئوقۇش كۆزئەينىكىنى ئۇ ئىجاد قىلغان. ھالبۇكى، غەرب دۇنياسىدا ئوقۇش كۆزئەينىكى ۋە كامېرا، تۇنجى قېتىم 14-ئەسىردە پەيدا بولغانىدى. يەنە ئىككى ئۇچىدا لىنزا بولغان نەيچە شەكىللىك دۇربۇننىڭ تەرىپىنى تۇنجى قېتىم ئۇ ئىزاھلىغان. بۇ سەۋەبتىن دۇربۇن 17-ئەسىردە غەرب بىلىم دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشتىن 600 يىل ئىلگىرى قاھىرەدىكى رەسەتخانىلاردا يەنى ئىسلام دۇنياسىدا ئىشلىتىلگەنىدى.[67]

خۇلاسە

دەسلەپكى ئىسلام پەتىھلىرى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت جۇغراپىيەلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا پىكىر دولقۇنىنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە بۇ پەتىھلەر نەتىجىسىدە 8-ئەسىردە باشلىغان تەرجىمە پائالىيەتلىرى تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ گىرېك/ھېلېن، ئىران ۋە ھىند كۈلتۈر ھاۋزىلىرىنىڭ ئىلمىي جۇغلانمىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىلىم بىلەن تونۇشۇش دەۋرىدە يەنى 8-ئەسىردە قويۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە پائالىيەتلىرى، ئەمەۋىلەر دەۋرىدە ئىسلام جەمئىيىتىدە تۇنجى تەرجىمە ھەرىكىتى ۋە خىمىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەمەۋى تەخت ۋارىسلىرىدىن خالىد بىن يەزىد بىن مۇئاۋىيە بىلەن باشلايدۇ، ئابباسىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان بەيتۇلھىكمە ۋە رەسەتخانىلارغا ئوخشاش بىلىم يۇرتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مەدەنىيەت ئىگىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە پەتىھلەر ئارقىلىق باشلىدى. مۇسۇلمانلار يات مەدەنىيەت ئىگىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بەكرەك قارشى تەرەپنىڭ ئىلمىي تەجرىبىلىرىدىن پايدىلاندى. بولۇپمۇ ئىسكەندېرىيە، ھارران ۋە جۇندىشاپۇر قاتارلىق شەھەرلەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى مېدىتسىنا، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە خىمىيەگە ئوخاش ساھەلەر بىلەن تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇشۇشى، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىلمىي مەلۇماتلارنى سىستېمىلاشتۇرۇش دەۋرى بولغان 9-ئەسىردە مۇسۇلمانلار تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي جۇغلانما ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئارقىدىن كېيىنكى ئەسىرلەردە بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

مۇسۇلمانلار تەرجىمە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلمى ساھەلەر بىلەن تونوشۇش ۋە ئۇلارنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بەلكى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە مۇئەللىپلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتتى ۋە يېڭى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى. شۇنداقلا تەرجىمە پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىللەردىمۇ ئوخشىمىغان ئىلىم ساھەلىرىدە كۆزىتىش، تەجرىبە ئېلىپ بارغاندىن سىرت قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھەم ئىلمىي قابىلىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرى ھەمدە ئۆزگىچە ۋە يېڭى ئەسەرلەر بارلىققا كەلتۈردى.

بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلىق بەرپا قىلىش دەۋرى بولغان 9-11 ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى دەۋردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرى، ئۇسۇللىرى، تېرمىنلىرى ۋە ئۇقۇملىرى بولغان خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئەرەبچىنىڭ ئىلىم تىلى ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ۋە ئىسلام بىلىم تارىخىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ دەۋردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەردە بولغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي ئەمگەكلەر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىلمىي نەتىجىلەردىن، 5-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە سكولاستىك دۇنيا قارىشىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا قالغان غەرب دۇنياسى 11-ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبچىدىن لاتىنچە ۋە ئىبرانىچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋەردار بولدى.

مېدىتسىنا ساھەسىدە ئىبنى سىنا بولۇپ بىرۇنى، ئىبنۇل ھەيسەم، ئەلى بىن ئىسا ئەل قەھھال، ئەبۇل ۋەفا بۇزجانى، بەتتانى، ئەبۇ بەكىر رازى، ئەلى بىن راببەن ئەت تابەرى، فەرغانى، خارازىمى، جابىر ئەل ھەييان ۋە فەرازى قاتارلىق ئالىملار يېتىشىپ چىقىپ دۇنيا بىلىم تارىخىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئالىملارنىڭ ئۆز ساھەلىرىدە يېزىپ چىققان ئەسەرلىرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن يىللار ھەتتا نەچچە ئەسىر دەرسلىك كىتابى سۈپىتىدە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇلۇشىمۇ تەرجىمە پائالىيەتلىرى باشلىنىپ تەخمىنەن 400 يىل ئىچىدە يېتىپ كېلىنگەن سەۋىيەنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرجىمان: ئادىلجان

[1] -ئايەت ۋە ھەدىسىلەردە ئىلمنى مەدھىيلەيدىغان ۋە ئىلمنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرۇغن بۇيرۇق ۋە تەۋسىيە توغرۇلۇق، ئەل-بەقەرە 2-269، ئال ئىمران 3-18، ئەن نىسا 4-162، تاھا 20-114، فاتىر 35-28، ئەز زۇمەر 39-9، ئەل ئالاق 96 (1-5)، بۇخارى –ئىلىم، 10-15، تىرمىزى-ئىلىم، 19، ئەبۇ داۋۇد-ئىلىم، 1.

[2] – رامىزان شەشەن، ”ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى تەرجىمە پائالىيەتلىرىگە ئومۇمىي نەزەر. ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستېتۇتى ژۇرنىلى 7، 1979.

[3] – مۇھەممەد بىن ئۆمەر، ۋاقىد ئەل ۋاقىدى، فۇتۇھۇش شام، ئابدۇللاتىف ئابدۇراھمان (بەيرۇت: دارۇل كۇتۇبى ئىلمىيە، 1997). 2: 68، ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ب يەھيا جابىر ئەل بەلازۇرى، فۇتۇھۇل بۇلدان.

[4] – ۋاقىدى، فۇتۇھۇش شام، 2: 118-120، بەلازۇرى، فۇتۇھۇل بۇلدان، 239-242. خەلىپە، بىن ھاييات، تارىخ، 139.

[5]– خەلىپە بىن. ھاييات، تارىخ، 140: ئەبۇ جافەر مۇھەممەد، ب. جەرىر ئەت-تابەرى، تارىخۇل ئۇمەن ۋەل مۇلۇك. مۇھەممەد ئابۇل فازىل ئىبراھىم (قاھىرە، دارۇل-مائارىپ، 1967).

[6] -ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان بىن ھەسەن ئەل ئەندۇلۇسى ئىبنى جۇلجۇل، تاباكاتۇل ئەتىببا ۋەل ھۇكەما، فۇئات سەيىد (بەيرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە، 1985). 51; Ahmed b. el-Kâsım el-Hazrecî İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’ fî Tabaķâti’l-etıbbâ’, nşr. August Müller (Frankfurt: Institut für Geschichte der Arabisch-Islamischen Wissenschaften, 1995), 1: 9; İbrahim Sarıçam ve Seyfettin Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi (Ankara: TDV Yay., 2012), 30. Ayrıca bk. Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 4; Chikh Boumrane, “Ortaçağ İslam Dünyasında Bilim ve Gelişmesi”, çev. Hüseyin Şimşek, İSTEM 14 (2009): 384

[7] -Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 4; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 30; Ahmet Turan Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi (İstanbul: Kitap Dünyası Yayınları, 2015), 41.

[8] -Georg Ostrogorsky, Bizans Devleti Tarihi, trc. Fikret Işıltan (Ankara: TTK Basımevi, 2011), 88-89, 93-97.

[9] -Vâkıdî, Fütûhu’ş-Şâm, 2: 118-120; Belâzürî, Fütûhu’l-büldân, 239-242; Halîfe b. Hayyât, Târîh, 139.

[10] -İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 116; Ramazan Şeşen, “Harran”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 16 (İstanbul: TDV Yay., 1997), 237-238; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 31.

[11] -Boumrane, “Bilim ve Gelişmesi”, 384

[12] -Ebü’l-Ferec Muhammed b. Ebî Ya’kûb İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, thk. Rıza Teceddüd (Tahran: Marvi Offsett, 1971), 300-303. Ayrıca bk. Mehmet Mahfuz Söylemez, Bilimin Yitik Şehri Cündişâpûr (Ankara: Ankara Okulu Yay., 2015), 81-86; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 4-5; Recep Uslu, “Cündişâpûr”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 8 (İstanbul: TDV Yay., 1993), 117-118.

[13] -İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 109-110; Uslu, “Cündişâpûr”, 118

[14] -Söylemez, Bilimin Yitik Şehri Cündişâpûr, 86.

[15] -Bu dönemde farklı dil ve kültürlerden pek çok farklı alanda yapılan tercümeler için bk. İbnü’n-Nedîm, elFihrist, 306-315, 325-328, 347-352, 360.

[16] -Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 3.

[17] – تەرجىمە ئەسەرلەر تۈرتكىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن پەلسەپىۋى ۋە ئىلمىي مىراسلارغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن فارابى مۇنداق دەيدۇ: پەلسەپە دەسلەپ كالدەيلەر ئىچىدە باشلىدى. ئۇلاردىن مىسىر خەلقىگە ئۆتتى، ئۇلاردىن گىرىك خەلقىگە ئۆتتى، گىرىكلاردىن سۇرىيانلىقلارغا، سۇرىيانلىقلاردىن ئەرەبلەرگە ئۆتتى. بۇ ئىلىمدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلار دەسلەپ گىرىكچىدە، ئارقىدىن سۇرىيانىچىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبچىدە بايان قىلىنىد.

[18] -Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 36-37.

[19] -Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 3-4; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 37; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 43.

[20] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 303, 419; Ebü’l-Abbâs Şemsüddîn Ahmed b. Muhammed b. Ebî Bekr İbn Hallikân, Vefeyâtü’l-a’yân ve enbâ’ü ebnâ’i’z-zamân, thk. İhsân Abbâs (Beyrut: Dârü Sâdır, 1994), 2: 224. Ayrıca bk. Fuat Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, trc. Abdurrahman Aliy (İstanbul: Büyükşehir Belediyesi Kültür A.Ş. Yay., 2008), 1: 4; Muhammed Abdülkadir Hureysât, “Hâlid b. Yezîd b. Muâviye”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 15 (İstanbul: TDV Yay., 1997), 292-293

[21] -İbn Cülcül, Tabakâtü’l-etıbbâ’, 61; İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 3-4; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 7-8; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 68; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 37; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 44. Ayrıca bk. İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 303.

[22] -Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 4.

[23] -İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 308; Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 8; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 9-10; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 68; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 37; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 44. Ayrıca bk. İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 303.

[24] – İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 123-127, 203, 205; Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 8-9; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 10-11; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 68; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 44-45. Ayrıca bk. İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 325-327.

[25] -Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 9-10.

[26] -ئافيون ئەمىرداغغا يېقىن جايدىكى قەدىمىي شەھەردۇر.

[27]– İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 175; İbn Cülcül, Tabakâtü’l-etıbbâ’, 65

[28] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 333

[29] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 118, 333; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 68; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 45-46.

[30] -Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 10.

[31] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 304; İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 187; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 12; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 45-46. Ayrıca bk. Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 68-69; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38.

[32] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 304-305; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 69; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 46-47.

[33] -Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 9-10; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 69; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 167; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 47.

[34] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 304; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 69; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 46-47.

[35] -ئابدۇلمەلىك بىن، مەرۋاننىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىسلامىي دىنار شەرئىي مىسقال ئېغىرلىقى بولغان 4.25 گىرام ئېغىرلىقىدا بېسىپ تارقىتىىلدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، 300000 دىنار تەخمىنەن 1275000 گىرام ياكى 1275 كىلوگىرام ئالتۇن بولىدۇ. تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز:

 Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c

. 9 (İstanbul: TDV Yay., 1994), 352-353.

[36] -İbn Ebû Usaybia, Uyûnü’l-enbâ’, 1: 187; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 69-70; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 47.

[37] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 306-315, 349; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 15-16; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 38-39.

[38] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 307, 310-311, 325-328; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 17-21; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 39.

[39] – İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 347-352, 360; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 21-23; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 39.

[40] -Sezgin, Târîhu’t-türâsi’l-Arabî, trc. Abdullah b. Abdullah Hicâzî (Riyad: Câmiatü’l-Meliki Suûd, 1986), 4: 463-476; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 23-24; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 39.

[41] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 312; Sezgin, Târîhu’t-türâsi’l-Arabî, 3: 553-564; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 24; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 39.

[42] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 304-305; Şeşen, “İlk Tercüme Faaliyetleri”, 13-14; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 39-41.

[43] -Bakara 2/29, 169; Âl-i İmrân 3/190; En’âm 6/97; Yûnus 10/5-6; Yûsuf 12/105; Ra’d 13/2; Hicr 15/16; Enbiyâ 21/30-33; Ankebût 29/44; Fâtır 35/41; Yâsin 36/38; Zümer 39/5; Câsiye 45/3.

[44] -Sezgin, Târîhu’t-türâsi’l-Arabî, 6: 7-11; Mehmet Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, (Ankara: TDV Yay., 2009), 71; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 78; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 163; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 62. Ayrıca bk. Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 2: 3.

[45] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 332; Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 2: 3; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 7879; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 62-63.

[46] -ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى، ئۇپۇق سىزىقىغا ئاساسەن يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋاستە.

[47] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 332; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 71, 89; Cevat İzgi, “Fezârî, Muhammed b. İbrâhim”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 12 (İstanbul: TDV Yay., 1995), 540-541.

[48] – İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 337; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 71-72, 77-78, 252; Mahmut Kaya ve Sâmî Şelhub, “Fergânî”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 12 (İstanbul: TDV Yay., 1995), 377378; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 163, 254; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 63-64.

[49] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 338; Ferruh Müftüoğlu, “Bettânî”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 6 (İstanbul: TDV Yay., 1992), 9-10; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 163; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 64. Ayrıca bk. Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 54, 247.

[50] Sezgin, Târîhu’t-türâsi’l-Arabî, 6: 350-373; Günay Tümer, “Bîrûnî”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 6 (İstanbul: TDV Yay., 1992), 210-213; Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 25-26; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 161-163. Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 74-77, 248.

[51] -”ئەپلاتون پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ئارىستوتىلچى ئىلىملەر كاتېگورىيەسىنىڭ نەتىجىسىدە ماتېماتىكا ئىلىملىرى (ئارىتماتىك/ئىلمى مىقدار، گىئومىتېرىيە/ئىلمىي ھەندەسە، ئاسترونومىيە/ئىلمىي پەلەك) ئۆزىنىڭ ئۈستىكى ئىلمىي ئىلاھىيەگە تەييارلىق سۈپىتىدە قارىلىدىغانلىقتىن، سۆز تومۇرى ”كۆندۈرمەك“بولغان رىيازە كەلىمىسىگە ئاساسەن ”زىھىننى كۆندۈرىدىغان ۋە تەييارلايدىغان“مەنىسىدىكى ”رىيازى ئىلىملەر“دەپ ئاتالغان،كېيىنچە بۇ ئىلىملەرگە رىيازىيات دېگەن نام بېرىلگەن.

[52] -İhsan Fazlıoğlu, “Hârizmî, Muhammed b. Mûsâ”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 16 (İstanbul: TDV Yay., 1997), 225; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 159.

[53] -Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 25; Fazlıoğlu, XVI, 225-226; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 82; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 159; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 52.

[54] -ئىسلام مىراس قانۇنىنى تەتقىقات قىلىدىغان پەن.

[55] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 333; Fazlıoğlu, “Hârizmî, Muhammed b. Mûsâ”, 224-226; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 83; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 159-160; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 53. Ayrıntılı bilgi için bk. Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 25, 38-40, 45-48, 253.

[56] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 341; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 55-56; Cengiz Aydın, “Ebü’l-Vefâ el-Bûzcânî”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 10 (İstanbul: TDV Yay., 1994), 348; Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 1: 21-22; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 84.

[57] -Peter E. Pormann, “Tıp”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 41 (İstanbul: TDV Yay., 2012), 96; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 215.

[58] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 354; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 215, 218, 263-264; Necip Taylan, “Ali b. Rabben et-Taberî”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 2 (İstanbul: TDV Yay., 1989), 435; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 86; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 175; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 55-56.

[59] -ئسىلام دۇنياسىدا كىلاسسىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

[60] -İbnü’n-Nedîm, el-Fihrist, 356-357; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 215, 266; Mahmut Kaya, “Râzî, Ebû Bekir”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 34 (İstanbul: TDV Yay., 2007), 479, 484-485; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 175, 252.

[61] -Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 215-216, 224, 257; Arslan Terzioğlu, “İbn Sînâ (Tıp)”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 20 (İstanbul: TDV Yay., 1999), 331-332; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 89-90; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 176, 251-252; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 57.

[62] -Ali Haydar Bayat, “Ali b. Îsâ el-Kehhâl”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 2 (İstanbul: TDV Yay., 1989), 401; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 176, 252.

[63] -بەزى قىممەتسىز مېتاللاردىن ئالتۇن چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەنئەنىۋى يوشۇرۇن ئىلىملەردە سىھىر تېخنىكىسى.

[64] -Sezgin, İslam’da Bilim ve Teknik, 4: 97; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 150; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 91; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 170; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 76.

[65] -Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 150, 152, 154, 156, 159, 249-250; Mahmut Kaya, “Câbir b. Hayyân”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 6 (İstanbul: TDV Yay., 1992), 534-536; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 92-93; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 170, 253; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 76.

[66] -Rüşdî Râşid, “İlm-i Menâzır”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 22 (İstanbul: TDV Yay., 2000), 129-131; Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 113; Yakıt ve Durak, İslam’da Bilim Tarihi, 94; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 169.

[67] -Bayrakdar, İslâm’da Bilim ve Teknoloji Tarihi, 114-115, 117, 142, 255-256; Hüseyin Gazi Topdemir, “İbnü’lHeysem”, Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, c. 21 (İstanbul: TDV Yay., 2000), 82, 84-85; Sarıçam ve Erşahin, İslam Medeniyeti Tarihi, 169, 253; Yüksel, İslam’da Bilim Tarihi, 72.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*