ئىسلام خىتابنامىسى -ئىسلام تۈزۈمى (7)

ئەلى ئىززەتېبگوچ

دىنىي ۋە ئەخلاقىي ئىسلاھاتلارنى تەكىتلەش ئىسلام تۈزۈمىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيىتى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ بەرپا قىلىنىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ياكى بۇ شەكىلدە ئىزاھلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. دىنىي ۋە ئەخلاقىي ئىسلاھاتلارنى تەكىتلەش يولىمىزنىڭ ھەرىكەت نۇقتىسىنى ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈش بىلەن باشلاش ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ئەڭ دەسلەپ تەلىم-تەربىيە ساھەسىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىگە، ئارقىدىن سىياسىي ساھەدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش بىلەن بولىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. يەنى ئاۋۋال ۋائىز، كېيىنچە ئەسكەر بولىمىز، دېگەن گەپ. ۋاسىتىلىرىمىز شەخسىي تىرىشچانلىقىمىز، كىتاب ۋە سۆزلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ۋاسىتىلەرگە كۈچ قاچان قوشۇلىدۇ؟

بۇ ئىنتايىن كونكرېت بىر سوئال بولۇپ، كۆپلىگەن ئامىلغا باغلىق. شۇنداقتىمۇ، ئومۇمىي بىر پىرىنسىپ بەلگىلەش ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئىسلامىي ھەرىكەت مۇئەييەن دەرىجىدە كۈچكە ئېرىشكەن ۋاقىتتا يالغۇز مەۋجۇت بولغان غەيرى ئىسلامىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، ئىسلامىي ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلىشتا قۇربى يەتكەندە ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا چوقۇم ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى كېرەك. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق مەۋجۇت. دەرۋەقە، ئاغدۇرۇش بىلەن بەرپا قىلىش ئوخشاش سەۋىيەدە پىسخولوگىيەلىك ۋە ماددىي تەييارلىققا باغلىق ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا بالدۇر ھەرىكەت قىلىش خۇددىي كىچىكىپ ھەرىكەت قىلغاندەكلا خەتەرلىكتۇر. يېتەرلىك دەرىجىدە ئەخلاقىي ۋە پىسخولوگىيەلىك جەھەتتە تەييارلىقى بولمىغان قوشۇننىڭ، نوقۇل تەلەيگىلا تايىنىپ ھاىمىيەتنى قولغا ئېلىشى ئىسلامىي ئىنقىلاب قاتارىغا كىرمەيدۇ، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش (سىياسىي ئۆزگىرىش بولسا غەيرى ئىسلامىي مۇناسىۋەتنىڭ داۋامى بولۇپ، باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتۇر) ھېسابلىنىدۇ، خالاس. ھاكىمىيەتنى كىچىكىپ قولغا كىرگۈزگەن ئەھۋالدا، ئىسلام تۈزۈمىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى بولغان ھاكىمىيەتكە زىچ مۇناسىۋەتلىك كۈچلۈك بىر ۋاسىتىدىن قۇرۇق قالىمىز. بۇنداق بولغاندا، غەيرى ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەتكە زەربە بېرىپ، ئاران يېتىشىپ چىققان قوشۇننىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولىمىز. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا بۇ تىراگېدىيەلىك ئەھۋالغا ماس كېلىدىغان ئىبرەت خاراكتېرلىك ئىنتايىن كۆپ مىسال مەۋجۇت.

بىز مۇسۇلمانلارنى ئاجىز ۋە پاسسىپ قېلىشقا مەھكۇم قىلغان، ھەتتا ھېچقانداق بىر ئۈمىدكىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن «رىئالىزىم»نى يوققا چىقىرىۋاتىمىز. تارىخ پەقەت تىنىمىسىز ئۆزگىرىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىزچىل ھالدا ئىمكانسىز ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ھېكايىسىدۇر.

2- پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

ئىسلامىي ھاكىمىيەت تىلغا ئېلىنغىنىدا كۈنىمىزدە ئۆزىنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ جاكارلىغان پاكىستان مىسالى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گەرچە بەزى مەغلۇبىيەت ۋە قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ بىز يەنىلا پاكىستانغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. چۈنكى پاكىستان ئىسلام تۈزۈمى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ مىسالى بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتنى لايىھەلەپ چىققانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلارمۇ ئىسلامىي پىكىرلەرگە ئىگە شەخسلەر ئىدى. ھازىرقى شەرت – شارائىتلار ۋە تەرەققىيات نۇقتىسىدىن، پاكىستان ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش يولىدىكى تۇنجى سىناق ھېسابلىنىدۇ. پاكىستان مىسالىدىن ئىسلامىي ئىنقىلابنى قانداق ۋە قايسى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، تەجرىبە – ساۋاق يەكۈنلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. پاكىستاننىڭ ئاچچىق تەجرىبە – ساۋاقلىرى (ئاچچىق تەجربىە – ساۋاقلار ئىنتايىن مۇھىم )نى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

ئىقبالنىڭ پاكىستان ھەققىدىكى ئىدىيەسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان ئاساسلىق كۈچ يېتەرلىك دەرىجىدە بىرلىككە ئىگە بولمىغاندىن سىرت، پىشىپ يېتىلمىگەن ئىدى. پاكىستان ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مۇسۇلمان بىرلىكىنىڭ ئەتراپىغا ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ تۈزۈمى بىلەن دۆلەتنىڭ تەشكىللىنىشى مەسىلىسىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولمىغان بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت ئامىللارنى يىغقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.  بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، بىرلىك كىلاسسىك مەنىسىدىكى سىياسىي پارتىيەدىن ئازراق پەرقلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن پاكىستان دۇچ كەلگەن ئىختىلابلار ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆز بىرلىكىنى ساقلاپ قالالمىغان ئىدى. پاكىستان مىسالىدا ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسپلىرى ھەققىدە شەكىلۋازلىق ۋە دوگماتىك نۇقتىئىينەزەرلەر مەۋجۇت بولۇپ، پاكىستاننىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ۋە قانۇن ئەربابلىرى مائارىپ ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىختىلابلىشىپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، كۈچ – قۇۋۋىتىنى ۋە زېھنىنى ئاساسەن دېگۈدەك شەرىئەت قانۇنىدىكى جىنايى ئىشلار ۋە نىكاھ مەسىلىلىرىگىلا سەرپ قىلىشتى. بۇلار ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش كېرەكمۇ ياكى تۈرمىگە تاشلاش كېرەكمۇ دېگەنگە ئوخشاش باش – ئاخىرى يوق تالاش-تارتىشلار بىلەن ۋاقتىنى زايا قىلىشقان بولسا، مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويىدىغان، كىرىزىسقا سەۋەب بولىدىغان ئوغرىلىقنىڭ بىر شەكلى بولغان پارىخورلۇق ھەددىدىن زىيادە ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

پاكىستاننىڭ يىگىرمە يىللىق تارىخىدىن تۆۋەندىكى ئاچچىق – ساۋاقلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ:

ئالدى بىلەن شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى،  تەسىر دائىرىسى زور ۋە قۇرۇلمىسى مۇككەممەل بولغان بىر تەشكىلات ئەتراپىدا بىرلەشكەن تەجرىبىلىك ۋە يېتىشىپ چىققان كىشىلەرلا ئىسلام تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇسۇلمان جەمئيىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلالىشى ۋە زور بەدەللەرنى بېرەلىشى مۇمكىن. بۇ ھەرىكەت غەرب دېموكراتىيەسىدە تاۋلانغان سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولماستىن، ئىسلام ئىدىئولوگىيەسىگە تايانغان ۋە كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، كۈنىمىزدە ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئىسلامنىڭ دەل ئۆزىنى بەرپا قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتا، خەلقنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

ئۈچىنچىسى، ئىسلامىي جۇمھۇرىيەتنىڭ رولى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بارۋەرلىكىنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئېلان قىلىش بولماستىن، بۇ خىلدىكى ئۇلۇغۋار نىشانلارنىڭ بىرەرسىنىڭ رىئاللىقا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بولۇشى كېرەك. جانلانغان ئىسلام ھەر قانداق شارائىتتا، تېخىمۇ ئادىل بىر ئىجتىمائىي تۈزۈم بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك بايرىقىنى قولغا ئېلىپ، ئىسلام ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئەسلىدە جاھالەت، ئادالەتسىزلىك ۋە نامراتلىققا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈرەشتە ھەر قانداق بىر كېلىشىم، سۈلھى ياكى ئارقىغا چېكىنىشنىڭ قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى لازىم. ئەگەر ئىسلام بۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا، جەمئىيەتنىڭ ساختىپەز ۋە ئالدامچى «نىجادكارلىرى» ئىككى يۈزلىمىچىلىك غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

پاكىستانغا ئوخشاش بىر دۆلەتكە بولۇپمۇ پاكىستان خەلقىگە ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ھېسداشلىق قىلىدۇ. پاكىستان بىزگە نىسبەتەن سىناق بىلەن تولغان ئۈمىدىمىزدۇر.

3- پانئىسلامىزم ۋە ئېرقچىلىق

ئىسلامىي تۈزۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرىمىزنىڭ بىرىدە، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنى بىرلەشتۈرۈش خۇسۇسىدا، ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ تەبىئىي يۈزلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. كۈنىمىزدىكى شەرت-شارائىتلاردا بۇ يۈزلىنىش ماراكەشتىن ھېندونىزىيەگىچە، تىروپىك ئافرىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان كەڭ كەتكەن تۇپراقلاردا بۈيۈك ئىسلام ئىمپېرىيەسى قۇرۇپ چىقىش كۈرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.

بۇ ئۇلۇغۋار غايىمىزنى داۋاملىق تەكىتلىشىمىز، ئۆزلىرىنى رىئالىست دەپ ئاتىۋېلىشقان ياكى شۇنداق ئويلىۋالىدىغانلارنى بىئارام قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇلارغا پىسەنت قىلماستىن، ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ ياڭرىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلارنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ۋە ھېچقانداق بىر تىرىشچانلىققا ۋە ئۈمىدگە پۇرسەتمۇ يارىتىپ بەرمەيدىغان بۇ خىلدىكى «رىئالىزىم »غا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. تېگىدىن دۇنيا خوجايىنلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ۋە ئىگىلىپ ياشاشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بۇنداق رىئالىزم، ئەسلىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمران پېتى، ئاجىزلارنىڭ ئاجىز پېتى قېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن تارىخ ئىزچىل ئۆزگىرىشنىڭلا ھېكايىسى بولماستىن، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىمكانسىز ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ روياپقا چىقىش ھېكايىسىدۇر. ھازىرقى دۇنيا يەنى زامانىۋى دۇنيانىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق رىئال  ئەھۋالى ئەمەلگە ئېشىشتىن 50 يىل ئىلگىرى  مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار قاتارىدىن كۆرۈلەتتى.

نۆۋەتتە ئىنتايىن روشەن بولغان ئىككى خىل رىئالىزم مەۋجۇت بولۇپ، بىرى بىز، يەنە بىرى ئاجىز ۋە گاداي روھىيىتىمىز. بىزگە نىسبەتەن، مۇسۇلمانلار ئورتاق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ئەندىزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ۋە پەيدىنپەي مۇھىم ساھەلەردە بىرلىكتە پائالىيەت بېرىش مەقسىتىدە مۇئەييەن ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي، مىللەتتىن ھالقىغان بەزى ئورگانلارنى بەرپا قىلىشتىن تەبىئىي ۋە رىئال ئىش بولمىسا كېرەك. بۇ قارىشىمىز رىئالىستلارغا نىسبەتەن ئەمەلىيەتچانلىقتىن يىراقتەك بىلىنىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلار بىزدىن نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئەھۋالنى قوبۇل قىلىشىمىزنى كۈتىشىدۇ. لېكىن بىزنىڭ رىئالىزملىق قارىشىمىزغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ قارىشى سۈنئىي ھەتتا بىمەنلىكتۇر. مەسىلەن، ئەرەب مىللىتىنىڭ 13 دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىشىنى، نۇرغۇنلىغان مۇھىم دۇنيا مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قارشى سەپتە ئورۇن ئېلىشىنى، مىسىرنىڭ ئېفىئوپىيە ياكى كەشمىر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقتىدا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى (بۇ يەكۈن 1968-يىلى چىقىرىلغانلىقىنى ئەستە تۇتىشىمىز لازىم)نى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، بۇ ئەھۋاللار ھەقىقەتتىن ئىنتايىن ئۇزاق.  يەنى ئوتتۇرىدا بىر ھەقىقەت مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇ بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بولماستىن، مۇسۇلمان ئىتتىپاقىنىڭ يوقلىقى ۋە ھازىرقىدەك پارچىلانغان ۋە بۆلۈنگەن ھالىتىدۇر.

تەبىئەت ياكى تارىخىي قانۇنىيەتلەرگە زىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشمايدىغان تارىخىي نىشان يوق. ئەكسىچە بولغاندا، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ۋە ئەمەلگە ئېشىشىغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلانغان ھەر قانداق بىر ئوتوپىيە، ئوتوپىيە ماھىيىتىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى ئىشقا ئاشمايدىغان ئوتوپىيە سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە، بىلىپ – بىلمەي ئۆزلىرىنى ئاجىز ھېس قىلىشتەك روھىي كەيپىياتىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويۇشىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئوتوپىيە بۇ دۇنيادىكى ئەمەس، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئوتوپىيەدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ئىدىيەسى، ھېچكىمنىڭ كەشپىياتى ياكى بىرەر ئىدېئولوگ ۋە ئىسلاھاتچىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ئەمەس. مەزكۇر ئىدىيەگە قۇرئان كەرىمدىكى «مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دېگەن ئايەت بىلەن ئاساس سېلىنغان. ئىسلام مەزكۇر ئىدىيەنى روزا، بىردىنبىر مەنىۋى مەركەز بولغان مەككە ۋە كەئبىگە ھەج قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ يېڭىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئىزچىللىقا ئىگە ئوخشاش ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش ھېسسىياتنى ياراتقان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدا گۇمانغىمۇ ئورۇن بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان «خەلق پانئىسلامىزمى» كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن ھېسىيات پېتىلا قالىدۇ ۋە ئورتاق تەقدىرنىڭ ھەقىقىي ئاڭ پەللىسىگە يېتەلمەيدۇ؟ پەلەستىن، قىرىم، تۈركىستان، كەشمىر ۋە ئېفىئوپىيە قاتارلىق رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشىلىق تىراگېدىيەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەر يەردە ئەيىبلەشكە، قايغۇغا ۋە ھېسداشلىققىلا سەۋەب بولۇشىنى، ھەرىكەتنىڭ تار دائىرىدىلا چەكلىنىپ قېلىشىنى ياكى ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ ھەرىكەتنىڭ ھېسسىيات بىلەن مۇۋازىنەتسىز ھالدا ئەمەلگە ئېشىشىنى قانداق ئىزاھلايمىز؟ خەلقنىڭ ئۈممەتچى ھېسسىياتلىرىنىڭ ئەكسىچە، غەرب ياكى غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەلىم ئالغان «رەھبەر» تەبىقىسىنىڭ پائالىيەتلىرى پانئىسلامىزم تۈسىنى ئالماي، ئېرقچىلىق تۈسىنى ئېلىشى سەۋەبلىك يۇقىرىقى ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇ ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئوتوپىيەگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ھازىرقى پانئىسلامىزمنى بولۇشقا تېگىشلىكنى ئارزۇ قىلىش ۋە غەيرىسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ھېسسىيات ۋە ئاڭنى ماسلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. بۇ ئەھۋال كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا مىللەتچىلىك ئېقىمى خەلقنىڭ مايىللىقلىرى (مۇزىكا، فولكلور، تىل)نى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، قوللايدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن مىللەتچىلىكنىڭ ئاجىز ئىپادىسى بولۇشتىن سىرت، خەلققە قارشى  مىللەتسىز مىللەتچىلىكنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بۇ يەكۈننى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ، بىر تەرەپتە خەلقنىڭ تۇيغۇ-ھېسسىياتلىرىدا پانئىسلامىزم ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە مىللەتچىلىكنى ئىسلام ئورنىغا دەسسىتىش ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا.  شۇڭا باشتىنلا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسلامغا قارشى ھەرىكەت خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى خەلقنىڭ ئەنئەنىلىرى (ئىسلامنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن توقۇنۇش ئىچىدە بولۇپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە ئوخشاشلا، ئېرقىي مىللەتچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈشتى. بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەرەب تىلىنىڭ ئەھۋالىنى  ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز ئىشغالىيىتى مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەرگىزمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ناچار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گەرچە خېلى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ تىرىشچانلىقلار ھەقىقىي ھاياجاندىن مەھرۇم بولغاچقا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمىغان. چۈنكى بۇ خەلقىگە ياتلاشمىغان بىر قىسىم كۈچلەرنىڭلا تىرىشچانلىقى ئىدى، خالاس. (سېلىشتۇرما: ئىسرائىلىيەدە يەھۇدىيلار ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ قېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىبرانىچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتى). ئەرەبچىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، قۇرئان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تىلى بولغان ئەرەبچە ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ، ئەرەب قوللىغۇچىلىرىنىڭ ۋە ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇشتىن بەكرەك، ئىسلامنىڭ ۋاسىتىسى ئىدى. مىللەتچىلەر بۇنى پەرقلىق شەكىلدە تونۇپ يېتىپ ( پىسخىكا جەھەتتىن ) يېڭىچە ئۇسۇل تەرغىپ قىلىشتى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بىيۇكراتلىرى ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تىلىنى ئەۋزەل كۆرۈشتى. مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئىسلامسىز بىر ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمان دۇنياسىكى مىللەتچى پىكىرلەرنىڭ يىلتىزى ئەسلىدىلا غەيرى ئىسلامىي بولۇپ، ئوتتورا شەرقتە مىللەتچىلىكنىڭ غوللۇق تەرغىباتچىلىرى بولغان سۈرىيە ئىلىم ئەھلىلىرى (سۈرىيە پىروتىستان ئىنىستىتۇتىدىكلەر ) بىلەن خىرىستىيان لىۋانلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئىنىستىتۇتى ۋە بەيرۇت ئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يېتىشىپ چىققانلار بۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقان ئىدى. ھېندىنوزىيەدە سۇكارنو (پانچا شىلا) نىڭ، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بەئس پارتىيەسىنىڭ، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بىر تۈركۈم مىللەتچى ۋە «ئىنقىلابچى» گۇرۇپپىلارنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي يىلتىزى تەكشۈرۈپ كۆرۈلگىنىدە يەكۈنىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ جەزمىلەشتۈرەلەيمىز. پانئىسلامىزم ھەر دائىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ كەلگەن بولسا، مىللەتچىلىك ھەمىشە ئىمپورت قىلىنىپ كەلدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مىللەتچىلىك «قابىلىيەتلىرى» يوق، دېگەن بۇ يەكۈندىن مۇسۇلمانلار قايغۇرۇشى ياكى چۆچۈشى لازىممۇ قانداق؟

مەنىۋى بىرلىك پىرىنسىپىنىڭ ئېرق پىرىنسىپىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ چاقىرىقنى تىلغا ئالغاندىن ئېتىبارەن، خەلقمىزگە مەزكۇر «قابىلىيەت»نى يېتىلدۈرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ھەتتا ئەسىرلەردىن بېرى بىرلىك ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقلەردىنمۇ، تېخمۇ كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەدە بىرلىشىشنى مۇمكىن قىلىدىغان پەيدىنپەي بىرلىكتە ياشاشنىڭ يېڭى ئەندىزىلىرىگە كۆنۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىلغار كىشىلىرى خەلقىگە ئۆزلىرىنى نېمىس ياكى فىرانسۇز ھېس قىلىشتىن بەكرەك، بىر ياۋروپالىق ھېس قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى (دەسلەپ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولسىمۇ) 20 – ئەسىردىكى ياۋروپا تارىخىنىڭ ئەڭ زور ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىللەتتىن ھالقىغان قۇرۇلمىنىڭ روياپقا چىقىشى ياۋروپا خەلقىنىڭ مىللەتچىلىككە قارشى تۇنجى ۋە ھەقىقىي غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. كىچىك ھەتتا ئوتتۇراھال ھېسابلىنىدىغان مىللەتلەرگە نىسبەتەنمۇ مىللەتچىلىك ئېغىر بەدەل تەلەپ قىلىدىغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. زامانىۋى دۇنيا تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەرەققىياتقا شاھىت بولىۋاتىدۇ. يۇقىرى راسخوتلۇق مائارىپ، تەتقىقات، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىكى زور تەرەققىياتلار ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئادەملەر توپى ۋە مەنبەلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشىنى تەقەززا قىلماقتا، بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا پەقەت كۈچلۈك مىللەتلەرگە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتلەر بىرلىكىگىلا زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە. ھازىر دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىككى بىرلىك بار بولۇپ، ئۇ بولىسمۇ ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇ ئىككىسىدىن قالسا سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۈچىنچى بىر كۈچى يەنى ياۋروپا. 200 مىليون ئادەمنىڭ بىرلىكىگە ۋە 200 مىليارد دوللار مىللىي كىرىمگە ئىگە بولالمىغان مىللەت (بۇ رەقەملەر كۈنسايېن يۇقىرى ئۆرلىمەكتە) بۇ ھەرىكەتكە ماسلىشىشتىن ئاجىز كېلىدۇ ۋە باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن ئورنى بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. بۇلار ھېلىغۇ باشقىلارنى ئىدارە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىمۇ ئىدارە قىلالمايدۇ. تەرەققىيات سەۋىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇشتىن چىقىپ، ئورنىنى يۇقىرىقىدەك چوڭ – چوڭ ئەھۋاللارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. جۇڭگو تەرەققىيات نۇقتىسىدىن فىرانسىيە ياكى ئەنگلىيەنىڭ كۆپ ئارقىسىدا بولسىمۇ، زور ئىنسان كۈچى ۋە مەنبەسى سايىسىدە خەلقئارادا روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ ئەھۋال، تەرققىي قىلمىغان لېكىن ئىنسان كۈچى زور بولغان مۇسۇلمان دۇنياسىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر (ئىنسان ۋە تەبىئىي بايلىق نۇقتىسىدىن). مۇسۇلمانلارنى دەرھال كۈچ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىققا تەقەززا قىلىدىغان يەنە بىر ئامىل بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كۈنسايىن تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان نوپۇس. بۇ ئامىل مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سانائىتى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. مىسىر ۋە پاكىستان نۆۋەتتە نوپۇسى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان دۇنيانىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئىككى دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى 20 مىليون مۇسۇلمان دۇنياغا كېلىدىكەن. ئەگەر نوپۇس مۇشۇ پېتى ئاشقان ئەھۋالدا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نوپۇسى، 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىكەن. دۇنياغا كېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇنچىلىك كۆپ ئىساننى قوبۇل قىلىشىمىز، قورسىقىنى تويغۇزىشىمىز، تەلىم-تەربىيە بېرىشىمىز ۋە ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئوخشاش سۈرئەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەقىپ قىلمىسا (يەنى ئوخشاش سۈرئەتتە بولمىسا) جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە «نوپۇس پاخاللىقى» ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۈكسىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي كىرىمى 20 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا. نوپۇس كۆپىيىش ھادىسىسى بىرلىك ئىچىدىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۈچ ئامىلى بولۇشنىڭ ئورنىغا، بۆلۈنۈپ كەتكەن تارقاق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن كىرىزىس ۋە تىراگېدىيە مەنبەسى بولۇشقا باشلىدى.

ھەر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ تاللاش يولى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، يا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىك ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ھەر قانداق مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە بولۇشى ياكى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەينىگە چېكىنىپ باي ئەجنەبىلەرگە بېقىندى بولۇشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىبارەت. ھازىرقى زامان تارىخىمۇ مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە يېڭىچە نۇقتىئىينەزەر ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىدىئالىست ۋە غايەپەرەستلەرنىڭ ئارزۇسىدەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنداق ئەھۋالدا تەرەپلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش قانۇنىنىڭ ۋە ھازىرقى دۇنيادا غۇرۇر ۋە ئىززەت – ئابروينىڭ شەرتى بولۇپ قالدى. ھەر قانداق بىر سەۋەبنى باھانە قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى بۆلۈنگەن تارقاق ھالىتىنى نورمال ھېسابلايدىغانلار ۋە تەشەببۇس قىلىدىغانلار ئەمەلىيەتتە دۈشمەن سېپىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ پانئىسلامىزم تۇيغۇسى بۇ تارىخىي كۆرسەتمىنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدا يېڭىلىقنى ياقلىغۇچىلار مىللەتچىلىك سەۋەبىدىن، ئەتراپىدا بولۇپ ئۆتكەنلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قېلىۋاتقان كىشىلەردۇر.

4-خىرىستىيانلىق ۋە يەھۇدىيلىق

مەزكۇر ماقالىمىزدا، ئىسلامنىڭ مۇھىم بولغان غەيرى ئىسلام سىستېمىلىرى ۋە ئىدىيەلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قارىشىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ بولۇش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. لېكىن ئىسلامنىڭ، ئەڭ مۇھىم ئىككى دىن يەنى خىرىستىيانلىق ۋە يەھۇدىيلىق ۋە ئىككى ھۆكۈمران دۇنيا سىستېمىسى – كاپىتالىزم ۋە سوتسىيالىزم ھەققىدىكى پوزىتسىيە ۋە قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئىسلامدا خىرىستىيانلىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە ئىيسانىڭ ئورنى ۋە بىلىمى بىلەن چېركاۋغا ئايرىم – ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بىرىنچىسىدە، بەزى نۇقتىلاردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرىنى، ئىككىنچىسىدە،  ئۆزلىرىنىڭ دەرىجە پەرقى، ئىجتىمائىي ئورنى، بايلىقى ۋە مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىن يالغۇز ئىسلامغىلا دۈشمەن بولۇپ قالماستىن، ئىيساغىمۇ قارشى بولغان ئەھۋاللارغا شاھىت بولىمىز. خىرىستىيانلىققا نىسبەتەن مەيدانىنى روشەن بىلدۈرمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر كىشى،  ئەزەلدىن  ئىككى تەرەپتە داۋاملىق تەۋرەپ كەلگەن چىركاۋنىڭ نىشان (ئىيسانىڭ بىلىمىمۇ ياكى چېركاۋنىڭ قانۇنى)نىڭ زادى قايسىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تەلپۈنىدۇ. ئىنجىلنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋە ۋەكىلى  بولۇشقا يېقىنراق بولغان چېركاۋ، ئوخشاش شەكىلدە ئىسلامغىمۇ يېقىن بولۇشى كېرەك. ۋاتىكاندا ئېلان قىلىنغان چىركاۋدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. بۇنىڭ خىرىستىيانلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسلىرىغا نسىبەتەن يېقىنراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئەگەر خىرىستىيانلار خالىسىلا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن، ئىككى چوڭ دىن ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە كېلىشىشنىڭ ئۆلگىسى بولالىشى مۇمكىن. خۇددىي ئۆتمۈشنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە كېلىشەلمەسلىكنىڭ ساھەسى بولغانغا ئوخشاش.

ئىسلامنىڭ يەھۇدىيلىققا نىسبەتەن قارىشى ئەسلىدە ئوخشاش پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدۇ. يەھۇدىيلار بىلەن نەچچە ئەسىر بىرلىكتە ياشىدۇق، ھەتتا بەزىدە ئىچىدە ئىسلامىي تۈسكە ئىگە بولغانلار بىلەن يەھۇدىيلىق تۈسى بولغانلار ئارىسىدا پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۈلتۈر ياراتتۇق. لېكىن يەھۇدىيلار سىيونىستلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەلەستىندە ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرى يالغۇز ھازىرنىلا چىقىش قىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. بۇ سىياسەت پەلەستىندە تۇرۇپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىش تۈسىنى ئالغان. قۇددۇس يالغۇز پەلەستىن ياكى ئەرەبلەرنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. قۇددۇس مەسىلىسى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. يەھۇدىيلار قۇددۇسنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە مەجبۇر. لېكىن ئالللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، بۇ ئىش تامامەن يەھۇدىيلارنىڭ تىزگىنىدىن چىققان بىر ئىشتۇر. يەنى يەھۇدىيلارنىڭ كۈچى قەتئىي يەتمەيدۇ.

يەھۇدىيلار سىيونىستلاردىن ئۆزلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاشقا جاسارەت قىلالىغان بولسا، بىزمۇ ئىككى تەرەپنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلغان بولاتتۇق. ئىختىلاپ ئىچىدىكى ئەرەب تۈزۈملىرىگە قارشى (ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەمەس) قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكلىرى ئۇلارنى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقىنى ۋە پەلەستىندە بىرلىكتە ياشاشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن ئۆزلىرى سەۋەب بولغان توقۇنۇش ۋە ئىختىلابلارنى تۈگىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ پېتى تەكەببۇرلىشىپ كېتىۋەرسە (ھازىر ئېھتىمالى يۇقىرىدەك كۆرۈنمەكتە) ئىسلامىي ھەرىكەت ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىرلا ھەل قىلىش يولى قالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ھەر بىر غېرىچ زېمىننى قايتۇرۋالغۇچە، قۇربانلارنىڭ سانى ۋە ۋاقىتقىمۇ پىسەنت قىلماستىن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت. پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرىنى خەۋپكە ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق كېلىشىم ياكى سۈلھى − ھازىرقى دۇنيادىكى ئەخلاقىي سىستېمىسىگىمۇ زەربە بېرىدىغان خائىنلىق بولىدۇ.

يۇقىرىقى چۈشەنچىلەر نۆۋەتتىكى شەرت-شارائىتلار تەرىپىدىن تېڭىلغان، ئىسلامنىڭ خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يېڭى بىر سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. بۇ چۈشەنچىلەر، ئىسلامنىڭ خىرىستىيانلىق ۋە يەھۇدىيلىقنى تونۇش تەقەززاسىدىن ۋە ئاساسەن قۇرئان كەرىمدىن ئېلىنغان ئەمەلىي يەكۈنلەردۇر  (ئەنكەبۇت 45 – ئايەت، بەقەرە 136 – ئايەت، مائىدە 47-49 – ئايەتلەر).

5-كاپىتالىزم ۋە سوتسىيالىزم

كۈنىمىزدە ئىسلامىي جانلىنىش، قايسى قۇرۇلمىلىق فورمىلار ۋە سىياسىي ئەندىزىلەردە نامايەن بولىدۇ ۋە ئىشقا ئاشىدۇ؟ غەرب دۆلەتلىرىگە خاس بولغان دېموكراتىيە، كاپىتالىزم، سوتسىيالىزمغا ئوخشاش بەزى ئىجتىمائىي ئەندىزىلەر ۋە تەشكىللىنىش شەكىللىرى ئىسلام جەمئىيىتىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق ھېسابلىنامدۇ ۋە جەمئىيىتىمىزمۇ بۇ ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش باسقۇچلارنى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتەمدۇ؟ كېيىنكى ئىككى ئەسىردە، ھەر قانداق بىر دۆلەت دېموكراتىيە ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇقەررەر بولىدۇ، دېگەن ئىدىيە ئاساسەن دېگۈدەك ئومۇملىشىپ بولدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بەزى قارشى پىكىر ۋە يەكۈنلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەندىن باشقا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشنىڭ كىلاسسىك دېموكراتىيەنىڭ مۇقەررەر بىر باسقۇچى بولمايدىغانلىقىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. بۇنىڭغا ئوخشاشلا، بەزىلەر جەمئىيەتنىڭ چوقۇم سوتسىيالىزمنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ياكى چوقۇم شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىشتى. بىراق، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش كاپىتالىست دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئوچۇق ھالدا  يۇقىرىقىلارنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ تامامەن خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ياپونىيە فېئودال ئىقتىسادىي سىستېمىدىن بىۋاسىتە ياۋروپادىكى مونوپول كاپىتالىزمنىڭ ئەڭ ئۈستۈن شەكلى بولغان سىستېمىغا ئۆتتى. تارىخىي تەرەققىياتلارنى سىستېملىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلغان سىخىمىلارنىڭ زور نىسبەتتە نىسپى ئىكەنلىكى پەيدىنپەي كۆرۈلمەكتە. جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پىرىنسىپ ۋە قانۇنىيەتلەرنىڭ 18 – ۋە 19 – ئەسىردىكى ياۋروپالىق مۇتەپەككۇرلار ئىزاھلىغاندەك  بولمايدىغانلىقى روشەن بىر ھەقىقەت.

بۇنىڭغا ئوخشاش غايىۋى مۇقەررەرچىلىك كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدانىغا خېلىلا بېسىم قىلغان بولۇپ، بۇ ئىدىيەلەرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدانىدىن پىسخىلىك ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىلدى. ئەسلىدە بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنىڭ بۇ دۆلەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، بارلىق بايلىقلارنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان ئىش تۈزۈمىنى تەرتىبكە سېلىش ياكى سالماسلىققا باغلىق.

بىز تارىخىي مۇقەررەرلىككە ماسلىشىپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى تارتالىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام مۆتىدىل بىر يولنى بىزگە بەلگىلەپ بەردى. بۇ ئىككىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، باشتىنلا ھەر قانداق بىر ھۆكۈمگە تايىنىۋالماستىن يالغۇز كاپىتالىزم ۋە سوتسىيالىزمغىلا ئەمەس، كۈنىمىزدىكى زامانىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى بولغان مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىگىمۇ قاراپ بېقىشىمىز كېرەك. كۈنىمىزدە كاپىتالىزم ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار بۇ ئىككىسىنى خېلىلا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتتى. بىلىم بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئاستا – ئاستا يوقىتىپ، سىياسەتنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغان ماركسىزمنىڭ بېكىنمە سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيەسى، خۇددى دۇنيادا كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىگەندەك، ئىلگىرىكى ئىدىيەلىرىنى بىلجىرلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كۆپلىگەن مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە مەيداىغا كېلىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى ئۈچۈن «كاپىتالىزم» ۋە «سوتسىيالىزم» نىڭ كىلاسسىك ئۆلچەملىرىنىڭ يېقىندا تامامەن گۇمران بولىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

بىز ھەر قانداق بىر يىپ ئۇچى ياكى ئىزاھاتلارنى ئەمەس، نۆۋەتتە شاھىت بولىۋاتقان ئۆزگىرىشنىلا نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، كاپىتالىست دۇنيادا  كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن زور تەرەققىياتنى، جانلىق تۈزۈلمە ۋە سىستېمىلارنى، ئىقتىساد ۋە بىلىمدىن پايدىلىنىش قابىلىيىتىنى، سىياسىي ئەركىنلىكلەر ۋە قانۇنىي بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايمىز. ئوخشاش شەكىلدە، سوتسىيالىست سىستېمىنىڭمۇ، بولۇپمۇ ماددىي مەنبەلەرنىڭ پايدىلىنىشىدا، مائارىپ ساھەسىدە ۋە نامراتلىقنىڭ كونا شەكلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ناچار تەرەپلىرىنى، ھەر ئىككى سىستېمىنى پات-پات ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ تۇرىدىغان ئېغىر كىرىزىسلەرنىمۇ چوقۇم تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

ئىسلامنىڭ دۇنيانى تەرتىبكە سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ياپونىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەجرىبىلىرىگە بىر تەرەپلىمە قارىماستىن پايدىلىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. مەزكۇر ئۈچ دۆلەت نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە باياشاتلىق ۋە كۈچكە ئوخشاش ئاساسلىق مەسىلىلەردە پەرقلىق ئۈچ نۇقتىئىينەزەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كېيىنكى 30 يىل مابەينىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى، ماركسىزمنىڭ بەزى ئاساسلىق نەزەرىيەلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تۆۋەندە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئۈچ نۇقتىئىينەزەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

كاپىتالىزمدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مۇقەررەر ھالدا نامايەن بولمىدى. كاپىتالىزم ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يېڭىش بىلەنلا قالماستىن، ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ، بىلىمنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى بىلەن خىزمەت ئۈنۈمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، كاپىتالىسىت دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار سىنىپى ئىنقىلاب يولىنى تۇتمىدى.

مەۋجۇتلۇق ۋە ۋىجدان، «ئاساس» ۋە «يۈكسىلىش» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ماركىسنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك ئەمەس.  شىۋېتسىيە ۋە ئارگېنتىنادا كاپىتالىزم تۈزۈمى مەۋجۇت. مەزكۇر دۆلەتلەردە ئاساسلاردىكى پەرقلەر ساپا ۋە سەۋىيەدە روشەن گەۋدىلىنىدۇ (ھەر ئىككىلىسى كاپىتالىست). ئۇلارنىڭ يۈكسىلىشىدىكى پەرقلەر سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. قانۇنلار، دىن، ھۆكۈمران پەلسەپە، سەنئەت قاتارلىقلار بولسا ئۆز  ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ماركس كۆرسەتكەن يول بويىچە بولمىدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كاپىتالىزمغا ئىگە چىقىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى. سوتسىيالىزم بولسا، ماركسىزملىق نۇقتىئىينەزەرمۇ ئىزاھلاپ بېرەلمەيدىغان غەلىتە بىر شەكىلدە كۆپلىگەن قالاق دۆلەتلەردە بازار تاپتى.

قالاق دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىست ئىقتىسادنىڭ بەزى شەكىللىرىگە بولغان قىزىقىشلىرىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز دۆلەتلەرگە سايە قىلىندى، بولۇپمۇ سەرمايە، يېتىشىپ چىققان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئۈستۈن خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىقلاردىن مەھرۇم دۆلەتلەر تىزگىنسىز ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تىزگىنلەش ۋە تەرتىبكە سېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراشتى.

ئىككىنچىسى، ئاجىز ۋە قالاق مىللەتلەر ھەمىشە سوتسىيالىزمنىڭ بەزى شەكىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە يەنى «شەخسىي ئەركىنلىكلەرنىڭ ئازايتىلىشى، ھوقۇق مەركەزچىلىك، ھاكىم مۇتلەقلىق، مۇستەبىت ھاكىمىيەت»كە ئاسان ماسلىشالايدۇ. ئۈچىنچى، سوتسىيالىزم بىلىم سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەپسانە، ئەقىدە ۋە تەۋەككۈلچىلىق  سۈپىتىدە تەسىرىنى داۋاملاشتۇردى. سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ تەرىپى، ئۇنىڭ  پىروتىستان ۋە نېمىس دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كاتولىك، سىگان ۋە رىم دۆلەتلىرىدىكى زور تەسىرلىرىنى ئىزاھلاشتىن ئاجىز كەلمەكتە. ئەكسىچە، كاپىتالىزمنىڭ مەنپەئەتچى ۋە ئەقىل روھى تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتنىڭ روھىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. كاپىتالىست ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكىللىرىنىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەت شەكلىگە، يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى شەخسىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىكلەرگە ئىگە جەمئىيەتلەرگە ماس كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ شەرتلەر بىلەن تەسىرىنى ئۇنچىۋالا ئازايتىۋەتمەستىن، كاپىتالىست ئىقتىسادنىڭ بەزى غەيرى ئىنسانىي تەرەپلىرىمۇ شاللىۋېتىلسە بولىدۇ. يەنى ھەر قانداق بىر تۈزۈم ياكى سىستېمىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدىكى ئويدۇرۇلغان ئىدىيە ۋە پىكىرلەر ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىۋەرمەيدۇ. مۇقەررەر بولغان نەرسە شۇكى، ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكا ۋە بىلىمگە تايانغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ھازىر ئىنسانلار شۇغۇللىنىشقا «مەجبۇر» بولغان بىردىنبىر پائالىيەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى بولىدىغانلىقى ئايان بولماقتا.

بۇ سەۋەبتىن دۇنيا ۋە ئىسلامغا كاپىتالىزم ياكى سوتسىيالىزىمنىڭ زىددىيىتى توسالغۇ بولمايدۇ. (مۇشۇنداق زىددىيەتلەر ئەسىلىدە ئويدۇرۇلغان ۋە سۈنئىدۇر). ئەسلىدە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىگىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىبكە سالىدىغان، ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت پىرىنسىپىغا ماس ھالدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكىنىڭ مۇقەررەر تەرەققىياتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ۋە خىزمەت ۋە پائالىيەتلەرنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر تۈزۈمنى تاللاش ۋە مەزكۇر تۈزۈمنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسىلىسى ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.يۈسۈپ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*