ئىنستىتۇتىمىزدا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

2019-يىلى 10-ئىيۇن

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2019 – يىلى 7-، 8 – ئىيۇن كۈنلىرى ئەنقەرەدە «نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئىنستىتۇت مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن زىيالىي ياشلار ئىشتىراك قىلدى. تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ۋە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۇنىڭ رايون ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە بولسا، يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىش سىياسىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئەركىن – ئازادە ھالدا بۇ ھەقتە بەس – مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى» تېمىلىق بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چۈشتىن كېيىن ئاخىرقى بۆلۈمىدە بولسا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، پائالىيەتچى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ چىقىش يوللىرى قاتارلىقلار ئىلمىي شۇنداقلا ئەتراپلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرىدا دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ئىشتىراكچى ياشلارغا يېزىلىدىغان دوكلات ھەققىدە كونكېرت ۋەزىپىلەرنىڭ تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*