ئىنستىتۇتىمىزنىڭ «تەتقىقات ۋە تەنقىد» كۇرسىغا ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز

ئۇقتۇرۇش

ئىنستىتۇتىمىز 2019 – يىلى 26 -، 27 – يانۋار كۈنلىرى «تەتقىقات ۋە تەنقىد» تېمىسى ئاستىدا ئىستانبۇلدا بىر يېرىم كۈنلۈك نەزەرىيە ۋە تەتبىق كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭغا «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانتلارنى مەركەز قىلغان ھالدا جەمئىي 20 ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش روھىغا ئىگە، مۇئەييەن يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ كۇرسقا قاتنىشىنى خالايدىغانلارنىڭ 2019 -يىلى 23 – يانۋارغىچە editor@uysi.org ئېلخەت ئادرېسىغا كىملىكتىكى بويىچە ئىسىم – فامىلىسى، ئوقۇغان / ئوقۇۋاتقان كەسپى ۋە ئۇنۋانى قاتارلىقلارنى يېزىپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن:
دوكتور ئەركىن ئەكرەم
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
15/01/2019

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*