ئىمام ماتۇرىدىنىڭ بىلىم نەزىرىيەسى

2019-يىلى 6-ئاۋغۇست

گۈربۈز مېزراك

ئىمام ماتۇرىدى ئالدى بىلەن ئۆزى ياشىغان رايۇندىكى دىنى چۈشەنچە ۋە پەلسەپىۋى ئېقىملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇنازىرە قىلالىغۇدەك ئاساس ۋە پۇختا بىلىم نەزىرىيىسى بەرپا قىلىشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى، كۆپ سانلىق تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنغان ۋەھىي ۋە ئەقىل ئاساسلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ ياقىلىغان. ئۇنىڭ توغرا بولغان دىنى بىلىمگە ئىگە بولۇش ۋە دىنى – ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مېتودى ۋە نۇقتىئىنەزىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە:
1. تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل، ئىدراك قىلىش ۋە دەلىل كۆرسىتىشنى تەكىتلىگەن قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ( ئە س )نىڭ ھاياتىدىكى تەدبىقلىنىشلەر
2. شەرت – شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى قانۇنى – سىياسىي مەسىلىلەرنى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەل قىلغان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مېتودى
3. شەرئى ھۆكۈملەرنى ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرغان ۋە دىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەقىلنى ئەڭ بۈيۈك نوپۇز ساھەسى دەپ قارىغان ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەقلىيەتچى مېتودى مۇھىم رول ئوينىغان .
مەلۇم بولغىنىدەك ئايەت ۋە ھەدىسلەر چەكلىك بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقە – ھادىسلەر چەكسىزدۇر. ئىمام ماتۇرىدى ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ۋەقە – ھادىسىلەرگە قارىتا چارە تېپىپ چىقىش ئۈچۈن دىنى بىلىملەر ئاساسىدا ئەقىلنى پائال ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ قارىشى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار ۋە ئورگانلار ئىزچىل ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان، كىشىلەر ۋە جەمئىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر خىلمۇخىل بولۇپ كەتكەن دۇنيامىزدا:
1. ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى دىنى ۋە قانۇنىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
2. ئىسلام دىنىنىڭ ئىرشادى ۋە مۇداپىئە قىلىنىشىدا كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى، سەمىمىي ھالدا ئەقلىگە كەلگەن سوئاللار، دىن دۈشمەنلىرى بىلەن كۆرەش قىلىشقا ئوخشاش ساھەلەردە پايدىلىق بولغان
3. ئىسلامنىڭ تارقىلىشىنى تىزلەشتۈرگەن. ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىنغان ۋاقىتتا، ماتۇرىدىنىڭ بىلىم نەزىرىيىسىنى قۇرئاننى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە « سىلەر ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنى قارنىدىن چىقاردى، شۈكۈر قىلسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ۋە قەلىپلەر ( ئىچكى تۇيغۇ )نى بەردى » دېگەن ئايەتنى تايانچ قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
ماتۇرىدى بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان
1. « قۇلاقلار » سۆزىنى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، نېمە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ( ئىشىتكەن )؛
2. « كۆزلەر »نى شەكىل ۋە رەڭلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ( كۆرگەن )؛
3. « قەلىپلەر »نى بولسا قۇرئاندا ئەقىل، ئىدراك قىلىش تەكىتلەنگەن ئايەتلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە قۇلاق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغان، كىشىگە پايدىلىق ياكى زىيانلىق شەيئىلەرنى بەلگىلەش رولىنى ئوينايدىغان ( ئەقىل يۈرگۈزىدىغان ) شەيئىلەر دەپ ئىزاھلىغان .
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ مەلۇماتلاردىن ۋە « كىتابۇت-تەۋھىد »دىكى ئىزاھاتلىرىدىن ماتۇرىدىنىڭ، قەلىپلەر ئارقىلىق ئەقىل ئىشلىتىشنى ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئاڭلاشنى خەۋەرلەر، كۆرۈشنى بولسا تۇيغۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بىلىم نەزىرىيىسىدە بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىلىرىنى ( ئەسبابى مارىفەت ) تۇيغۇلار ( ئىيان )، خەۋەر ( نەقىل ) ۋە ئەقىل ئىشلىتىش ( نازار )دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. تۇيغۇر ۋە خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەلۇماتنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئەقىل ئايرىپ بېرىدۇ. ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەۋجۇت دىنى بىلىملەر ئاساسىدا ئەقىلنى پائال ئىشلىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭچە:
1) ئەقىل ئىشلىتىش : ئەقىل ئىشلىتىش ۋە چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلىش ( تەپەككۇر ) ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىشنى، باشقا پەرەزلەردە بولۇشنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەۋھىدنى ( ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە تەڭدىشىنىڭ يوقلىقىنى )، رىسالەتنى ( پەيغەمبەرلىك ماقامىنى ) ۋە باشقا مەسىلىلەرنى بىلىشكە ئېلىپ بارىدىغان تۈردىكى تەجرىبىلەرگە ۋە تەپەككۇر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2) خەۋەرلەر: دىنى بىلىمگە ئېرىشىشتە خەۋەرلەر (1) ئىلاھىي خىتاپ ۋاستىسى [ ۋەھىي ( قۇرئان ) ] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنلەر ۋە (2) پەيغەمبىرىمىزگە مەنسۇپ قىلىنغان ھالدا يەتكۈزۈلگەنلەر ( ھەدىسلەر )دۇر. سەمى دەپ ئاتالغان ئىسىملەردىن بۇ ئىككى خەۋەر مەنبەسى، ئومۇمەن شەرىئەتنىڭ ۋە بىز بىلەلمەيدىغان ئاخىرەتكە ئوخشاش غەيىپ ئالەمىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئېلىپ كەلگەن ۋە پەقەت خەۋەر بېرىش يولى ئارقىلىق خەۋەردار بولغىلى بولىدىغان ۋەياكى ھەقىقىتى پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا بىلىنىدىغان خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى، شەرىئەتنىڭ ۋە بىزگە نامەلۇم بولغان ئاخىرەتكە ئوخشاش غەيىپ ئالەمىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى بۇ خەۋەرلەر ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇنى بىر دەلىل سۈپتىدە قوبۇل قىلىدۇ.
3) تاشقىي ۋە ئىچكىي تۇيغۇلار ( بەش تۇيغۇلار، قايىل بولۇش ۋە رەددىيەلەر ) : ساغلام تۇيغۇ ئورگانلىرى ۋاستىسى ( بەش تۇيغۇ ) ۋە ئىچكى تۇيغۇ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىشلەر، ئىدراك قىلىش ئارقىلىق شەيئىلەر ۋە مەۋجۇدىيەتلەر ھەققىدە بىلىمىگە ئىگە بولۇش ( تۇيغۇ ئارقىلىق ئىگە بولغان چۈشەنچە )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماتۇرىدى، تۇيغۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بىلىم ساھەلىرى ئارىسىدا دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەۋجۇدىيەتلەرنى، ئاسمان جىسىملىرىنى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان باشقا ماددىي مەۋجۇدىيەتلەرنى؛ لەززەت، زوق ۋە شەھۋەت؛ ئازاپ ۋە ھەيرانلىق؛ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، ئاۋاز ۋە رەڭلەر؛ جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى، ھەرىكەتسىزلىك، بىرلىشىش، توزاش، شەكىل ۋە كۆرۈنۈش دېگەندەك شەيئىلەرنى تىلغا ئالماقتا.

تاشقىي ۋە ئىچكىي تۇيغۇلار ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەر :
1) ئەتراپىمىزدا بىز بايقىغان ۋە شاھىت بولغان ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭدىشى يوقلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ۋەقە – ھادىسىلەر ۋە مەۋجۇدىيەتلەر.
2) ئىنساننىڭ كۈچىدىن ھالقىغان يارىتىلىش ئۆرنەكلىرى
3) رەسۇللارنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنى ئىسپاتلاشلار ۋە رىسالەتلىرىنىڭ ئىزاھاتى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مۆجىزىلىرى، بۇلارغا گۇۋاھ بولغان باشقا دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەر بىلىمنىڭ مەنبەسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆزىگە خاس ساھەلىرىنىڭ بولۇشى، ئۇنىڭ باشقا ساھەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىر مەلۇماتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كىشىلەرنى قايىل قىلىشتا بەزىدە بىردىن ئارتۇق مەنبەدىن پايدىلىنىش مۇمكىن. بىر مەسىلە ھەققىدە بەزىدە بىر، بەزىدە ئىككى، بەزىدە ئۈچ بىلىم مەنبەسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن. ماتۇرىدى، بۇ ئۈچ ۋاستە ئارقىلىق ئېرىشكەن دىنى بىلىملەرنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ( ئىشارەتلىرى ) ۋە ئىسپاتلىرى ( دەلىللىرى ) دائىرىسى ئىچىدە دەپ قارىغان. ماتۇرىدىنىڭچە، زۆرۈر بولغان شەرتلەرگە مۇۋاپىق بولسا بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىسپاتتىن بىرسى، ئىككىسى ۋەياكى ئۈچى ئارقىلىق تەستىقلانغان بىلىم ئىشەنچلىكتۇر، توغرىدۇر. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىشارەت ۋە دەلىللەردىن تەركىپ تاپقان ئاللاھنىڭ دەلىللىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار « ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى » كىشىلەردۇر. ئاللاھ، بۇ ئۈچ بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق ئېرىشكەن دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى پەيغەمبەرلەرگە ئىسپاتلار ( مۆجىزىلەر، يەنى ئايەتلەر ) سۈپتىدە بەرگەن. بۇ بىلىم مەنبەلىرى بىلەن بېرىلىگەن دەلىللەر كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلارش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلايدىغان دەلىللەر، كىشىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن، كىشى ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ھەقىقىي تۈردە قايىل بولمىغىچە ( چىن دىلىدىن تەستىق قىلمىغىچە ) ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. ماتۇرىدىنىڭچە « ھەر مۇئمىننىڭ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ۋەياكى ئەقىل ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزگەن ساغلام بىلىم ۋە دەلىللەر بىلەن ئەقىدىسىنى كۈچلەندۈرۈشى شەرت ». بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالمىغان كىشىنىڭ تەقلىت يولى بىلەن ئېيتقان ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى تەقلىت، تەقلىت قىلغۇچىنىڭ ۋىجدانىدا دىنلارنىڭ ۋە مەزھەبلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ.
كۈنىمىزدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىمام ماتۇرىدى ئوتتۇرىغا قويغان بىلىم نەزىرىيىسىنىڭ ئوخشىشى ئىشلىتىلمەكتە. پىلانلانغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتتا تېما ھەققىدە بارلىق مەنبەلەر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىلىپ، ئۆتمۈشتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلماقتا. مۇۋاپىق ماتېرىيال ۋە مېتودلارنى ئىشقا سېلىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلماقتا. تەجرىبىدىن ھاسىل بولغان نەتىجىلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىكى مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ ئەقىل بىلەن ئىزاھلانغاندىن كېيىن مۇئەييەن يەكۇن چىقىرىلماقتا. ماتۇرىدىنىڭ « بىلىم نەزىرىيىسى »دىكى « خەۋەرلەر » مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش چىقىشنى؛ « بەش تۇيغۇ بىلەن ۋە ئىچكىي تۇيغۇ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە ۋە ئىدراك »، تەجرىبىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ۋە مەلۇماتلارنى؛ « ئەقىل يۈرگۈزۈش » بولسا، تەجرىبىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ۋە مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىكى مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشنى ئىپادىلىمەكتە.

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*