ئىككىنچى نۆۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى ئاخىرلاشتى

2019-يىلى 20-ئىيۇل

ئىنستىتۇتىمىز (ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى) تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسى 2019 – يىلى 14 – ئىيۇلدا ئەنقەرەدە باشلىنىپ 20 – ئىيۇلدا ئاخىرلاشتى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار ئىنستىتۇت مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت، كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت، قورال – تېخنولوگىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئۆمەر كۆك، شۇنداقلا يازغۇچى، سىياسىي ئانالىزچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، جەمئىيەتشۇناس ئادىلجان ئەرئۇيغۇر، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى نىجات تۇرغۇن، ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەدجان بۇغرا قاتارلىق ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ ئەستايىدىل يېتەكچىلىكىدە «مىللىي مەپكۇرە ۋە قىممەت قاراشلار»، «ئەدەبىيات ۋە خەلق»، «مىللەت ۋە مىللەتچىلىك»، «دۆلەت ۋە سىياسەت»، «دۆلەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت»، «قانۇن، خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي»، «ئىقتىساد ۋە خىتاي»، «قورال ۋە تېخنولوگىيە»، «خەلق ۋە لىدىر»، «تىل ۋە سىياسەت»، «مېدىيا»، «ئۈچىنچى كۆز (باشقىلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە دەۋاسى)»، «ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت»، «تارىخ ۋە ئىستراتېگىيە»، «ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى»، «ئىستراتېگىيە ۋە ئەقىل ئامبارلىرى»، «ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر»، «ئىستىخبارات (خىتاي ئىستىخباراتى)»،«دەۋانىڭ ئسىتراتېگىيەسى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدى ۋە ھەربىر تېما ئۈستىدە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى  ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيەسى قانداق بولۇشى كېرەك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە كۇرسانتلارنىڭ بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇ «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» ناملىق بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي يۆنلىشتە بولسۇن، دۇنيا ئەللىرى قىممەت – قاراشقا دائىر كۈرىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلار، پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلغار پىكىرلىك سىياسەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق. بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان سىياسەتچىلەر مۇشۇنداق كۇرسلار ئارقىلىق يېتىشىپ چىقىدۇ ياكى ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بۇ كۇرسنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسى ھەريىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلار ئارىسىدىن چەكلىك ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*