ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىسلام قانۇنى

2019-يىلى 25-نويابىر

م.راشىت ئاكپىنار
مۇقەددىمە
خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يىرڭى مەھسۇلاتى بولغا ئىجتىمائىي تاراتقۇ، 21- ئەسىر مودېرن كىشىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتقا بولغان پوزىتىيسىيە ۋە كۆز قارشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇ كىشىلەرنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئارىلىشىپ كىلىۋاتقان دوستلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى يېڭى مۇناسىۋەت مۇھىتىغا ئېرىشتۈردى. شۇنداقلا كىشىلەرنى خالىغان ئىسىمنى قوللىنىپ قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىرقاتار مەسىللەرمۇ تالاش تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ماقالىدە دىننى جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بۇ مەسىلىلەر قەلەمگە ئىلىنىدۇ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ پىقھى نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. بۇ كاتىگورىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ، ئىسلام كۈلتۈرىدە مۇھاپىزەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بارلىق ئاساسلار( شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى) ۋە (المصلحة المرسلة) پرىنسىپىغا ئاساسەن مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشتە شەرئىي ئۆلچەم ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىسلام قانۇنى، مەۋھۇم مۇھىت ، تور، ئىنتېرنېت قانۇنى، ئىجىتىمائى تاراتقۇ
1-مەۋھۇم مۇھىت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ
شەخسنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ئورنىتىدىغان ۋە ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىدىغان مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تىخنىكىسىنىڭ خەۋەرلىشىش ساھەسىدە نوپۇزغا ئېرىشىشى بىلەن يىڭى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەۋھۇم مۇھىتتا تور ئارقىلىق تېز، ئازادە ئۇسۇل بىلەن بۇ خىل ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، يېڭى ۋە ئوخشىمىغان مۇھىتتا داۋاملاشتۇرۇش، دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى شەخىسنىڭ ئۆز ھىسابىدا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پىرۇفىل(باش سۈرەت)نى تەڭشەپ، دوستلۇق تىزىملىكىدىكى باشقا تورداشلارنىڭ پىرۇفىلىنى كۆرۈش، ئۇلارنىڭ دوستلۇق تىزىملىكىدىكى تورداشلىرى بىلەن دوستلىشىش ۋە ئۇلار ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇش ۋە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋەب( web) ئۇللۇق مۇلازىمەتلەر دەپ ئىزاھلىنىدۇ .
ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم 1995-يىلى مەۋھۇم مۇھىتتا دوستلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ھازىر نەچچە مىليون كىشى ئىشلىتىۋاتقان غايەت زور ئالاقلىشىش تورى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوخشاش مەقسەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ۋە مەۋھۇم مۇھىت ئۈچۈن دەسلەپكى مىساللار دەپ قاراشقا بولىدىغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما گۇرۇپپىلىرى، دوستلىشىش تور بېكەتلىرى(چايخانىلار) ۋە ئالاقە تورى (مۇنبەر)دىكى بىر خىل ئۆزگىرىش، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلرىدىكى ئۇچۇر- ئالاقە تېكىست، ئاۋاز چاستوتىسى ۋە كۆرۈنمە چاستوتاسى ياكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتتا ئىجرا قىلىغىلى بولىدىغان ڧۇرماتنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ مۇھىتلارنىڭ ھەممىسىدە رىئال تۇرمۇشتىكى چىن تۇيغۇلارنى قول ئىشارىتى ۋە چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىۋاتقاندەك شەكىلدە قارشى تەرەپكە يوللىغىلى بولىدۇ. ئوخشاش ئوي – پىكىر ۋە ئوخشاش ئىدېئولوگىيەدىكى كىشىلەر ھەقىقىي مۇھىتقا تەۋە كىشىلەر بىلەن مەۋھۇم مۇھىتتا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلگىرى تونۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ئارقىلىق يېڭى بىر مۇناسىۋەت مۇھىتى يارىتالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار پەقەت مۇھىتقا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، «مەۋھۇم مۇھىت / تور مۇھىتى»نىمۇ كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئوي – پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار مەۋھۇم دۇنيانىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ دائىم دېگۈدەك ئەمەلىي ئىش- ھەركەتلەردە ئەكىس ئېتىدۇ. بۈگۈن چوڭ ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ، نامايىشلارنىڭ، توپىلاڭچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ۋە ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز . بۈگۈن سودا شىركەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق خېرىدارلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدۇ. نۇرغۇن ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئەزالىرىنى تەشكىللىيەلەيدۇ. ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى( سەھىپىلىرى) ئارقىلىق ھەرخىل ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كۈنسىرى ئومۇملىشىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
مودا بولۇپ كەتكەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بrرىلغان مۇنۇ ئىستاستىكىلىق تەكشۈرۈشلەر، مەۋھۇم مۇھىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ: 2013- يىلى فىۋرالدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 40% نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ بىر تۈرى بولغان فېيىسبۇك(Facebook) تا ھىسابى بار. بۇ تەخمىنەن 32 مىليون كىشىگە توغرا كىلىدۇ. 2012 -يىلىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى فىيىسبۇك (Facebook) ئابونېتلىرىنىڭ سانى بىرمىليارتتىن ئىشىپ كەتكەن. فىيىسبۇك(Facebook) قا بىركۈن ئىچىدە سەرىپ قىلىنغان ۋاقىت20 مىليارد مىنۇتقا يەتكەن . (2018-يىلى ئېلىپ بىرىلغان ئىستاستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى فىيىسبۇك ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى 2 مىلياردتىن ئىشىپ كەتكەن.)
2- ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھەققىگە ئوخشاش ئۇنۋىرسال پرىنسىپلارغا قارشى چىقالايدىغان بىر كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تەنقىدلەش، دېگەندەك قولاي بولمىسا كېرەك. ھالبۇكى، يىراقنى كۆرەر نۇرغۇن ئالىملار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بولغان زىيانلىق تەرەپلىرىنى پەرەز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەندى. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ تەسىرىدە بەزى دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسىلىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە قانۇنىيلىقى تارتىشىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
مەسىلىنىڭ دىننى قىسمىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ھەرخىل ساھەلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇغا چىتىلىدىغان مەسىللەرگە قىسقىچە قاراپ چىقايلى.
ئا. قانۇنى مەسىلىلەر
يېقىندا «ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ قانۇنى» ئۇقۇمى خېلى كەڭرى تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلەر تىخى يېڭى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورىغا ئائىت قانۇن ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇر تېخنىكىسى قانۇنى بولمىغاچقا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئىنتېرنېت تورىدا ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بارلىق پائالىيەتلەر ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نۇرغۇن قانۇنى يوچۇقلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا دائىر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قانۇنى بەلگىلىملەر مەۋجۇت بولسىمۇ، مەۋھۇم مۇھىتتا جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشى، بايقىلىشى، تەكشۈرۈلىشى، ئىجرانىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى ۋە تەدبىقلىغىلى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مەسىللەر كېلىپ چىقماقتا. مەسىلەن، تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇن كودېكسىنىڭ 125-ماددىسىدا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى(تېخنىكىلىق خەۋەرلىشىش دېتاللىرى كۆزدە تۇتۇلغان-ت) ئىشلىتىپ قىلىنغان ھاقارەتكە جازا بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا Facebook ،Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىلىنغان ھاقارەتلەرمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ سۇپىلاردا ھەمبەھرىلەنگەن مەزمۇنلارنى دەلىل-ئىسپات قىلىشقا بولسىمۇ، ئىجرا قىلىنىشتا بۇ دەلىللەرنىڭ تىپىپ چىقىلىشى ۋە ئىسپات قىلىنشى ھەردائىم مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇھىتىدىكى ئالاقە دۆلەت ھالقىغان بولۇپ، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمىغان مۇھىتلاردىمۇ بېرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بىرەر جىنايەت يۈز بەرگەندە خەلقئارالىق سوتقا مۇراجىئەت قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، جەرياننىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىگە ۋە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نەتىجىسىز قىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ياندىشىپ جىنايەتچىنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلاشنىڭ تەسلىكى ۋە ئىجتىمائىي تور شىركەتلىرىنىڭ ھەردائىم ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىمۇ باشقا بىر مەسىلىدۇر.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ھەرخىل ئادەتتىكى ۋە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇپ بىرىشتەك يوشۇرۇن كۈچنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈيدۇ. ھاقارەت قىلىش، نەپرەت ۋە ئىرقچىلىق ، ئالدامچىلىق كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان خاتا ۋە خاتالاشتۇرىدىغان جىنايەت ئۇچۇرلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئاسان تارقالغاچقا بۇ خىل جىنايەتلەر تېخىمۇ ئاسان يۈز بىرىۋاتىدۇ ۋە تەسىر كۈچى زور بولىۋاتىدۇ.
ب. پىسخىكىلىق مەسىلىلەر
ئەگەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئىلمى يوسۇندا ئىشىلىتىمىسە كىشلىك ئوبرازغا زوردەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ساھەدە ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلشىىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى كىشلەرنى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ھەمدە ئۆزگىلەرگە شەخسىييەتچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەيدىغان بولغاچقا بىر قاتار مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش تەلۋىلىكى: ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلماي قىلىشى ۋە كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىنكاس ۋە باھالاردىن ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
تەشۋىشلىنىش: بىر كىشىنى ساراڭلارچە تەقىپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى بىلىشكە ھىرىسمەن بولۇشتەك پاسسىپ كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
ئىز قوغلاپ تەقىپ قىلىش: زىھىن ئىسراپ قىلىدىغان بولغاچقا دىققەت چىچىلىش ۋە جىم تۇرالماسلىققا (كۆپ ھەرىكەت قىلىشق) ئوخشاش كىشىلىك پەزىلەتكە نۇقسان قوندۇرىدىغان پاسسىپ ئامىللارغا يول ئاچىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى تور ئابونېتلىرى ياش-ئۆسمۈرلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سەلبىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار تىببى ساھەگە يىڭى بىر كېسەلنى يۇقۇملاندۇردى. ئۇ بولسىمۇ تور زومىگەرلىكىدۇر . نۇرغۇن كىشلەر يۈزمۇ- يۈز قىلىشالمىغان سەت گەپلىرىنى ۋە زومىگەرلىكىنى مەۋھۇم مۇھىتتا، مەۋھۇم كىملىكلەرگە يۆگىنىپ تۇرۇپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا.
ج: ئەخلاقى مەسىلىلەر
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چىتىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، كاتېگورىيەگە ئايرىيدىغان ۋە ئۈچىنچى بىر تەرەپكە تىجارەت مەقسىتىدە ياكى يامان غەرەزدە بازارلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساتىدىغان ئۇچۇر ئامبارچىلىقى مەيدانغا كەلدى. گەرچە بۇ ساھەنىڭ شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچىلارغا بەزى پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، لېكىن شەخسىيي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەخلاقنىڭ يادروسى بولغان شەخسىييەت تۇيغۇسى، ھەر پۇرسەتتە ھەممىنى ئېلان قىلىشقا ئىلھام بىرىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «ھەمبەھىرلەش ئەسەبىيلىكى»نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ كۆرەلەيدىغان بولغاچقا، ئالدامچىلىق ۋە ئوغرىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەۋھۇم مۇھىتتا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلى تەبىئىيىتىدىن پەرىقلىقتەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىشى يەنە باشقا بىر ئەخلاقى مەسىلنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەۋھۇم مۇھىتتا نۇرغۇن ساختا خاراكتېرلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقى بىر ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر. بۇ كىشىلەرنىڭ خاتا ۋە ساختا مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلىشى ئىشەنچ كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك تەرزدە پىكىر بايان قىلىشى، ئۇچۇرنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
د. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ زامان ۋە ماكان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل مۇھىتقا توشۇلۇشىغا پۇرسەت ياراتتى. بۇ ئالاھىلىكى بىلەن ئىجتىمائىيلىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا، جەمئىيەتكە قارشى ئىندىۋىدۇئال(ئىچ مىجەز) كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. رىئال ھاياتتا يېقىن دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، تۇغقاندارچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىغان شەخىسلەرنىڭ مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي كىشلىرى سۈپىتىدە پەيدا بولۇشى زىددىيەتلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ.
3- ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ دىننى ئۆلچىمى
بۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى تېمىسىنى ئىسلام قانۇنى نۇقتىسىدىن تەپسىلى قەلەمگە ئالغان بىرەر ماقالە تىپىلمىدى . بۇ تېمىدا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ھەققىدە سورالغان بەزى ئىشلارنىڭ ھۆكمىگە ئالاقىدار ئۆزىدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بىرىش بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكى بايقالدى. بۇ ئالىملار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشنى كەسكىن پوزىتسىيەدە رەت قىلىدىغانلارمۇ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ، ئىشلىتىش مەقسىتىگە ۋە ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن دۇرۇس دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. مەسىلەن، ھىندۇنىزىيە ئۆلىمالار ئىتتىپاقى Facebook نى پاراڭلىشىش مەقسىتىدە ئىشلىتىش توغرا ئەمەس، دەپ قارىغان. ھىندىستانلىق بەزى ئاكىملار ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا رەسىملىرىنى چىقىرىشنى ھارام دەپ ئىلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەكلىنى قەيىت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ياكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە تور ئىشلىتىشنى ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەنلەرمۇ بار. مەسلەن، سۈرىيەلىك بەزى ئۆلىمالار سىياسى قالايمقانچىلىق يۈز بىرىۋاتقان دۆلەتلەردە كىشلەرنى پىتنە-پاساتتىن ئۇزاق تۇتۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مەنئى قىلىنىشىغا دائىر پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان . بەزى ئۆلىمالار بولسا باشقۇرۇش ھوقۇقى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ كونتىرۇللىقىدا بولسا ئىجتىمائىي تور ۋاستىلىرىنى ئىشتىلىتىشنىڭ جائىز بولمايدىغىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئەڭ مەشھۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى بولغان Facebookنى ھارام دەپ پەتىۋا بىرىدۇ. ۋە بۇ پەتىۋانى بېرىشتە Facebook باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپ تۇرۇغلۇق ھەزرىتى مۇھەممەدنى( س ئ ۋ) ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇن ۋە ھەجىۋى رەسىملەرنىڭ تارقىلىشىغا يول قويۇشى ۋە بۇلارغا قارشى ھىچقانداق بىر تەدبىر قوللانماسلىقىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . مۇناسىۋەتلىك پەتىۋادا شىركەت خادىملىرىنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى تەشۋىقات ياكى گىتلىرنى مەدھىيەلەيدىغان ئىپادىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇلارنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقى، ئەمما بىر يىرىم مىلياردلىق مۇسۇلمان ئامما ئۇلۇغلايدىغان شەخسنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان مەزمۇنلار ھەمبەھىرلەنگەندە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلارنىڭ قارىشىچە مىللات فىيىسبۇك(Millatfacebook) بېكىتىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ كونتروللۇقى ۋە نازارىتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىش جائىزدۇر .
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشتا دىنىي سەزگۈرلۈكلەردىن باشقا، شىركەتنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلماسلىقى ياكى سىياسىي غەرەزلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر سۈرىيە، ئىران، ھىندىستان، باڭلادېش ،پاكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە شۇنىڭدەك ئىسلام دۆلەتلىرىگە ياندىشىپ ۋېيتنام، خىتاي، بېلارۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا قارىتا دائىمى ياكى قىسمى شەكىلدە چەكلەش سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ .
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ جائىز ياكى جائىز ئەمەسلىكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلاردىمۇ مۇلاھىزە قىلىنغان. مەسىلەن، بەزى يەھۇدىي روھانىيلار ساغلام بولمىغان مەزمۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تور مۇھىتىدا ئېقىپ يۈرىشى تۈپەيلىدىن دىننى ئەقىدىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەيدۇ. يەنە بەزى روھانىيلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئۇلارغا دىننى تەشۋىق قىلىش پۇرستى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ بۇ ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىر قىسىم خىرىستىيان پوپلىرىمۇ كىشلەرنى غەيۋەت قىلىشقا، ئەخلاققا زىت مۇناسىۋەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت ياراتتى ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قاراپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۆتىدىل پوزىتىسىيە تۇتىدۇ.
بۇ جەھەتتە، بىر پوپنىڭ ئۆزىنىڭ F e sb o o k دىكى «مۇناسىۋەت ھالىتى» نى «بويتاق» ھالەتكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن دوسىتلار چەمبىرىكىدە ئەخلاققا زىت ئېلانلارنىڭ ئاۋۇپ كەتكەنلىكىنى چاكارلىغاندىن كىيىن، F es b o o k ھىسابىنى تاقىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ خىرىستىيان دىنى كۈلتۈرىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن پاپالىق F e b o o k ۋە Tiwitter غا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىش توغرا، دەپ قارىغان ۋە پوپلارنى ئاكتىپ قوللىنىشقا چاقىرغان. ئەمما دىندار ۋەتەنداشلارنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بار بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا يانداپ يىڭى بىر ئىجتىمائىي ھەمبەھىرلەش سۇپىسى قۇرۇپ چىققان. بۇ تور بېكەتلىرى پاپالىق تەرىپىدىن بىۋاستە نازارەت قىلىنىدىغان بولۇپ 16 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ ئابونېت بولۇشى چەكلەنگەن. 18 ياش ئاستىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ بۇ تور بېكەتكە ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىردىن رۇخسەت ئىلش شەرتى قويۇلغان .
بەزى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەققىدە بەرگەن پەتىۋالىرى تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بولالايدۇ:
نامەھرەم بولالمايدىغان ئىككى جىنىسنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى دوستلۇققا قوشۇشى ۋە بىر- بىرى بىلەن پاراڭلىششىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
ئاياللارنىڭ باش سۈرىتىگە ياكى ئالبۇمىغا رەسىمىنى چىقىرىشىنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىىش، ئۇلار يوللىغان مەزمۇنلارنى ئالقىشلاش دۇرۇسمۇ؟
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بىرىلىۋاتقان ئېلانلاردىن كىرىم قىلغىلى بولامدۇ؟
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئوينالغان ئويۇنلارنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
يىيىش-ئىچىشكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىنىشى دۇرۇسمۇ؟
ساختا ئىسىم ۋە رەسىم ئىشلىتىش جائىزمۇ؟ خىزمەت ئورنىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈش جائىزمۇ ؟
بۇ سوئاللارئاساسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسىلىسىنى پىقھى ساھەسىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ.
ئا. شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى
ئىسلام قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا دىنىې ھۆكۈملەرنىڭ مەقسىتى بەش ئاساسى پرىنسىپنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىربولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. زۆرۈرى مەقسەتلەر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ پرىنسىپلاردا كۆزدە تۇتۇلغىنى دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مالنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدۇر . ئىجتىمائىي ھەمبەھىرلەش بېكەتلىرى، ئىشلىتىش شەكلى ۋە مەقسىتىىگە ئاساسەن ئابۇنېتلارنىڭ دىندا بىكىتىلگەن چەك-چىگرالارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە يول قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ پەتىۋالىرىمۇ بەكرەك شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بېرىلگەن. ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ بارلىق ئىش- پائالىيەتلەرنى ئىجرا قىلىنىش جەريانىنى قولايلاشتۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچەملىرى، مەسىلىنىڭ ھۆكۈمى بېرىلگەندە نىگىزلىك نۇقتىغا قويۇلغان.
1-دىننىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەھەتتىكى سۈرئىتى، دىننىڭ ماھىيىتىگە زىت كېلىدىغان زىيانلىق پىكىر ۋە تەشۋىقاتلارنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئامما ئارىسىدا ئەدەپ كىتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى ئىسلام ئالىملىرى بارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلغان تەقدىردىمۇ دىننى ھاقارەتلەيدىغان، مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان ۋە ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى مەۋھۇم مۇھىتتىن پۈتۈنلەي تازىلىغىلى بولمايدىكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھىچ بولمىغاندا، نازارەت قىلىش مىخانىزمى مۇسۇلمانلارنىڭ كونتىرۇللىقىدا بولمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمىغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئاممىنى ئۇ ئۇچۇر بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان دەرىجىدە تىز ۋە كۈچلۈك تارقىتىش خەۋپى تىلغا ئېلىنغان بىر پەتىۋادا « ئىلىم بىر دىندۇر، دىنىڭىزنى كىمدىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىڭىزغا قاراڭ .» دېگەن ھەدىسنى نەقىل قىلىپ Tiwitter ئىشلىتىشتە، ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىگە ئەھمىيەت بىرىش(مەنبەنى تەكشۈرۈش) شەرتى قوشۇلغان . خەۋەرنىڭ ئىشەنىچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىغان ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن(ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار. » دىگەن ئايىتىمۇ يەنە مۇشۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا بەزى پەتىۋالارغا ئاساس قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتىمۇ، ئىسلامغا زىت نۇرغۇن بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇھىتىدا ئېقىپ يۈرۈيدۇ. مەسىلەن،«بۇ ئۇچۇرنى رامىزاننىڭ 13-كۈنى 13 كىشىگە ئەۋەتمىسەڭ 13 كۈندىن كىيىن بىشىڭغا 13 تۈرلۈك بالا كېلىدۇ». مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارغا دۇچ كەلگەن، ئىشەنگەن ۋە مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىش قىلغان كىشلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دىنى ئۇچۇر بۇلغۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ- دېيشىكە بولىدۇ .
2-نەسىللەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى
ئىجىتمائى تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشنى ھارام، دەپ چىقارغان پەتىۋالارنىڭ دەلىلى بەكرەك مۇشۇ پرىنسىپنى ئاساس قىلغان. يات جىنسلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پۇرسەت ھازىرلاپ بىرىدىغان F e b o o k ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تور بېكەتلىرىگە (سدّ الذرائع) قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ سوغۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئالىملار«زىناغا يىقىنلاشماڭلار. »دېگەن ئايەتنىڭ گۇناھقا سەۋەپ بولىدىغان ئىش- ھەرىكەت ۋە ئوي-پىكىرلەرنىمۇ مەنئى قىلىدىغانلىقىنى نەقىل قىلىپ، بىر ئايالنىڭ يات جىنىستىكىلەرنىڭ«مەۋھۇم مۇھىتى»دا يۈرۈشىنى جائىز، دەپ قارىمايدۇ. بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، زۆرۈر تىپىلمىغاندا، ئىلمى ياكى دىنى بىر سەۋەپى بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئايالنىڭ ۋە ئەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئىجتىمائىي ھەمبەھىرىلەش سەھىپىلىرىدە دوسىتلىشىشى، ئۇچۇرلىشىشى ۋە پاراڭلىشىشى جائىز ئەمەس. پەقەت مۇشۇخىل مەقسەت ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى قەتئىي ھارامدۇر .
بەزى پەتىۋالاردا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا دەۋەت قىلىش مەقسىتىدە بولغان تەقدىردىمۇ بىر ئەرنىڭ نامەھرەم بىر ئايالنى توردا دوستلۇققا قوشۇشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن. بۇ پەتىۋالاردا يات جىنىسلار ئارىسدا قىلىنغان پاراڭ دىننى مەسىللەرگە ئالاقىدار بولسىمۇ ھۆكۈم يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. ئەرلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدىغان نۇرغۇن ئەر كىشلەر بار. شۇنىڭدەك ئاياللارنى ئىسلامغا چاقىرىدىغانغىمۇ نۇرغۇن ئاياللار بار. بۇ سەۋەپتىن ھەر ئىككى جىنىس ئۆز جىنسىدىكى كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلسە مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ . يەنە باشقا بىر پەتىۋادا Facebook نىڭ ۋاستىسى بىلەن يات جىنىستىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلارغا ھەدىيەنى قايتۇرۇپ بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى تەۋسيە قىلىنغان .
ھىندىستانلىق بەزى مۇپتىلار پرىنسىپ جەھەتتىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشنى مۇباھ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا رەسىملىرىنى باش سۈرەت قىلىپ تەڭشەپ قويۇشى خاتا . بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىي ھاياتتا يات بىر ئەر كىشىنىڭ رەسىم ئالبۇمىدا ئايال كىشىنىڭ رەسىملىرىنى ساقلاپ يۈرىشىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋھۇم مۇھىتتا رەسىملەر ناھايتى تېز تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆرىشىگە قولايلىق تۇغدۇرىدۇ. ھىجاپلىنىش ئەمرىنىڭ مەقسىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان بولغانلىقتىن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرىغا رەسىملىرىنى چىقرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
ئوخشاش دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ ئايال كىشىنىڭ رەسىمى، ئاۋازى ۋە شەخسىي بۇيۇملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاناللىرىدا نامەھرەم كىشلەر بار مۇھىتتا ھەمبەھىرلىنىشى « ئىجتىمائىي پىتنە» دەپ ئاتالغان . بولۇپمۇ كىشىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى مەۋھۇم مۇھىتتا باشقىلارغا ئاشكارىلاشنىڭ دىننى نۇقتىدىن خاتا ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان . تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق بىر پەتىۋادا، يېڭى مۇسۇلمان بولغان بىر ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھاياتىغا ئالاقىدار بەزى شەخسىي رەسىملىرىنىڭ Facebook تىكى دوسىتلىرىنىڭ چەمبىرىكىدە تۇرىۋەرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلقىنىڭ ھۆكۈمى سورالغان. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ ئايال دوسىتلىرىدىن بۇ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكمۇ ياكى بەكرەك دىققىتىنى تارتىپ سالماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلشى كېرەكمۇ؟ ئۆچۈرىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردە بۇ كىشلەرنىڭ ئايالنىڭ رەسىمىنى قايتىدىن بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشى تۈپەيلى يىڭى بىر مەسئۇلىيەت ئارتىلىپ قالامدۇ؟ رەسىمنى ئۆچۈرىۋىتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، يامان غەرەزدە بۇ رەسىملەرنى تېخىمۇ بەك تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلگەن پەتىۋادا: ئىگىلىرىكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن تۆۋە قىلسا يېتەرلىك بولىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە رەسىملەرنىڭ ئۆچۈرلىشىنى تەلەپ قىلىش، ناۋادا قىياس قىلىنغاندەك تېخىمۇ بەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغاندەك بولسا سۈكۈت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان .
ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدىكى پىتنە خەۋپى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيەلىرىدە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، Facebook ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان«ياقتۇرۇش»، «تىترىتىش»، «ئەگىشىش» كە ئوخشاش تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر بۇ ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. بەزى پەتىۋالاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئائىلىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار نەقىل قىلىنغان. مەسىلەن، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بىر پەتىۋادا، مىسىردىكى جەمئىيەت ۋە جىنايەت تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان بىر ماتېرىيالدا ئاجرىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ بەشتىن بىرى جۈپلەرنىڭ(ئەرلىرى ياكى ئاياللىرى) بىر-بىرىنى توردا ئالدىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋاللارغىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر دوكلات مەنبە قىلىنىپ Facebook ئىشلىتىش ھارام دىيىلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نىكاھلىق ئەر-ئاياللارنىڭ ئىلگىرى باشقىلار بىلەن ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ھېسسىي مۇناسىۋەتلەر ئىجتىمائىي تور ۋاستىلىرىدا قايتىدىن جانلانماقتا ۋە بۇ ئەھۋال ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن . بۇيەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا بار: ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى زىيانلىق ئادەت ۋە ناچار مۇھىتتىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلىرىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا(توردا) نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا دېگەندەك دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مەۋھۇم دۇنيا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى تونۇپ يەتكەن بەزى دۆلەتلەردە بالىلارنى مەۋھۇم دۇنيانىڭ ناچار ئادەتلىرىدىن بىرى بولغان قىمار، ئويۇن قاتارلىق تور بەتلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن قانۇنىي تەبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىۋاتىدۇ.
3-ئەقىل ۋە جاننىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى
ئىسلام دىنىدا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان شەيئىيلەر چەكلەنگەندەك، ئەقىلنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈنمۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان. يۇقارىدا زىكىر قىلىنغاندەك، مۇتەخەسسىسلەر توغرا ئىشلىتىلمىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونېتلىرى يوللىغان سۈرەت ۋە ئىنكاسلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇش سانىنى پەخىرلىنىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىۋالغانلىقتىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەنگەن بىر مەزمۇننى ياقتۇرغانلار سانى كۆپ بولسا غەلبىنىڭ، ئاز بولسا مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. بۇنىڭ تەسىرىدە ماختىلىش مەقسىتىدە بىر نەرسە ھەمبەھىرلەيدىغان كىشىلەر ياقتۇرۇلماسلىق ئەندىشەسى تۈپەيلى پىسخىكا بۇزۇلۇش ۋە چۈشكۈنلىشىشتەك نىرۋا تەڭپۇڭسىزلىقىغا گىرىپتار بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن توردا تونۇلۇپ، مەشھۇر بولۇپ كېتىش كىبىر، رىياخورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان بولغاچقا، ھەر ئىككىلى ئەھۋال دىننى جەھەتتىن رۇخسەت قىلىنمغان. ئىجتىمائىي تورلاردا ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈلۈپ ھەرخىل سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، قاقتى- سوقتى قىلىنغان ۋە جېنىغا سۈيقەسىت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى كۆزگە چېلىقىۋاتقان مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
4- مال-مۈلۈكنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى
ھالال ۋە توغرا يولدىن تېپىلغان مال-مۈلۈك دىننىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا بولىدۇ. بۇ شەرتكە چۈشىدىغان مالنىڭ قوغدىلىشىغا دائىر ئېلىنغان تەدبىرلەردىن بىرى ئىسراپچىلىقنىڭ ھارام قىلىنىشىدۇر . ئىسلام دىنىنىڭ ئېقىن سۇدا تاھارەت ئالغاندىمۇ سۇنى ئىسراپ قىلماسلىق پرىنسىپىنى تەرغىپ قىلىشى ، مۇھىت ۋە ئەخلاق مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرگە يول ئاچقان. زامانىۋى دەۋرنىڭ ئەڭ كەڭ مۇھىتىغا ئايلانغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ساھەسى كىشىلەرنى ۋاقىت، زىھىن ئىسراپچىلىق پاتقىقىغا ئىتترىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، دۆلەت ئىقتىسادىيغا سالغان زىيانلىرى ستاستىكا شىركەتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىنىق بىلىۋىلىشمىزغا مۇنۇ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ياردەم بىرىدۇ: 2014- يىلىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ۋە ۋىدېئو ھەمبەھىرلەش سۇپىسى بولغان Youtube پەقەت بىرئاي ئىچىدە بىرمىليارد كىشى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان. پەقەت Youtube دا كۆرۈلگەن ۋىدېئولارغا ھەرئايدا 6 مىليارد سائەت كەتمەكتە ئىكەن
باشقا بىر تەتقىقات دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتۇرى Google نىڭ ئالاھىدە كۈنلەردە ئابونېتلارغا تەمىنلىگەن Doodle دېتالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا Google نىڭ داڭلىق بىر تور ئويۇنىنى باش بېتىدىن بىۋاستە ئاچقىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇشى تورغا چىققۇچىلارنى نورمال چاغلاردىكىدىن36 سېكۇنت كۆپ تۇتۇپ تۇرغان. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلغان 504 مىليون كىشى، پەقەت مۇشۇ ئويۇنلار تۈپەيلى 5 مىليون سائەت ئارتۇق سەرىپ قىلغان. بۇ كىچىككىنە ئىشنىڭ دۇنياۋى سودا شىركەتلىرىگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيىنى 120 مىليون دوللارغا يەتكەن . مۇشۇنىڭغا ئوخشاغ سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى شىركەتلەر ئىشىچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەنلىكى ۋە ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاساس قىلىپ، خىزمەت ئورنىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئىسلام ئالىملىرىمۇ ئىش ئىگىسى رازى بولمىغىچە خىزمەت ئورنىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ،دەپ قاراشماقتا. ھەردائىم يېگەن-ئىچكەن، بارغان-تۇرغانلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىگە چىقىرىدىغان كىشىلەر، بۇ سەھىپىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات توپلاش مەركەزلىرىنى كونترۇل قىلىۋاتقانلىقىغا سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ كىشلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىركەت ئۆزىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ساقلاش سىغىمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بەھىرلەۋاتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئالاقە تورى(ئىنتېرنېت) سانلىق مەلۇماتىدىكى ئۈلۈشى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 2011 – يىلىغىچە رەقەملىك دۇنيانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مىقدارى 45 GBغا يەتكەن . بۇنداق غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرى، ئادەتتىن تاشقىرى ئىنسان كۈچى ۋە ئېنىرگىيە تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇچۇر مەركەزلىرىنى باشقا ئىش ئورۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 100 ھەسسە كۆپ ئېنىرگىيە سەرىپ قىلىنىدىغانلىقى قەيىت قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسراپچىلىقنىڭ تەسىرى پەقەت مەۋھۇم مۇھىت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۈگۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكترنىڭ5% نىڭ ئىنتېرنېت خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغاندا، بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
ب. (المصلحة المرسلة) ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى
فىقھى ئالىملىرى كىشىلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ياكى ئۇلارنى بىرەر زىياندىن ساقلاپ قالىدىغان ئەھۋاللاردا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش پرىنسىپى(المصلحة)گە ئاساسەن ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ:
ا. المصلحة، مۇئەييەن بىر شەرئى دەلىل تەرىپىدىن رەت قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.
ب. المصلحة، ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ھاجەتنى راۋا قىلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.
ج. (المصلحة) ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئاساس قىلىنغان بولۇشى كېرەك. پايدا ۋە زىيان نىسبىتىنى تەققاسلاپ باقمايلا« بۇ ھۆكۈم پايدىلىق» دەپلا ھۆكۈم بېرىلسە جائىز بولمايدۇ .
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا, ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئىجتىمائىي مۇئامىلىلەرگە دائىر بەزى ئىشلاردا تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى ئىنكار قىلالمايمىز. دېمىسىمۇ بۇ تور سايىسىدە ئىچىگە كىرىپ ئوقۇمىسىمۇ بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرسلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكىلى، مەلۇم مەسىللەردە شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسىلىرىدىن سوئال سورىغىلى، ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى ياكى بىرەر دەرس گۇرۇپپىسىغا ئىشتىراك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يېڭى تېخنىكىلارنى سىلە-رەھىم نۇقتىسدىن تىلغائالغاندا، كىشىلەر بۇ تېخنىكىلىق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يىراقتىكى تۇغقانلىرى ۋە دوسىتلىرى بىلەن پاراڭلىشىشش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇندىن باشقا سودا ئىشلىرى، مەۋھۇم مۇھىتتا(توردا) ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ جەريانلارنى شەرئىي ئۆلچەملەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن توغرا دەپ قاراش كېرەك.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاستە بولالايدىغانلىقى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىشلىتىش مەقسىتىگە ۋە شەكلىگە قارىتا جائىز بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ج. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەرئى ئۆلچەم
مۇباھ پرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، مەنئى قىلىنمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئىشلىتىش شەكلى ۋە مەقسىتىگە قارىتا پايدا ۋە زىيان تەشكىل قىلىدىغان بولغاچقا، شەرئى ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق كەلسە جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، يۇقارىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بەزى سودا ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئىسلام تىجارەت قانۇنىدا سودا-سېتىق ئەسناسىدا خېرىدار بىلەن ساتقۇچى بىر-بىرىنى ئالدىسا، بۇ سودىنى بۇزىدىغان ئامىللار قاتارىغا كىرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن .
بىر قانچە ئايەت ۋە ھەدىسمۇ بۇ ھەقتە توختالغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بەزى تور شىركەتلىرىنى چىكىلىش قېتىم سانىنى ئاساس قىلىدىغان ئېلان تۈزۈلمىلىرى ئارقىلىق ئابۇنېتلارنى ھىيلە ۋە ئالدامچىلىققا ئىتتىرىۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى چىكىلىش قېتىم سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ھالدا ھەق بېرىلىدىغان بۇ سىستېمىدا ئېلان بېرىلگەن سەھىپەنىڭ ئىگىسى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇ ئېلاننى بېسىشى ئۈچۈن ھەرخىل ۋاستىلارنى سىنايدۇ ۋە سىنىماقتا. ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە سەھىپىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلارغا ئىزچىل تۈردە مۇناسىۋەتلىك ئېلاننىڭ ئۇلانمىسىنى يوللاۋاتىدۇ ياكى سەھىپىنى، بولۇپمۇ ئۇلانمىنى باسمىسا بولمايدىغان بىر تەرزدە لاھىيەلەۋاتىدۇ. نەتىجىدە زىيارەتچىلەر ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بەزى ئېلانلارنى بېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئېلان چىقارغان كىشىنىڭ نامۇۋاپىق يوللاردىن ھەق ئېلىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، فىلتىرلىگەندىن(سۈزۈش) كىيىن بېرىلىدىغان بۇ ئېلانلارنىڭ مەزمۇنىدىمۇ مەسىلە بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلاننى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا چىقارغۇچى(كىشى ياكى ئېلان شىركەتلىرى) توختامغا بىنائەن ئېلان بەرگۈچىنىڭ بارلىق ئېلانلىرىنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئىسلام دىنى چەكلىگەن بەزى مەھسۇلاتلار ( مەسىلەن ، ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ) ياكى ئىسلام دىنىغا قارشى بەزى ئوي – پىكىرلەر ۋە ئىدېئولوگىيەلەر ( مەسىلەن ، چېركاۋ ئېلانلىرى ) ياكى شەھۋانىي مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خالاپ-خالىماي بېرىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي تور ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر باشقا ئۆلچەم، دوستلۇق تەلەپلىرىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئىلمى بىر سەۋەبتىن ۋە قارشى تەرەپنى بىئارام قىلمايدىغان نىسبەتتە چەكلىك تۇتۇلىشىدۇر. ئەكسىچە بولغاندا ھەرقېتىم ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ۋە قوشۇشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن تۇرۇغلۇق، يەنە جاھىللارچە ئايرىمخانىلىرىمىزغا ئەۋەتىلگەن يوللانمىلار، پەرۋا قىلمىساقمۇ ياكى نەزەرگە ئالمىساقمۇ يەنە كىلىۋىرىپ بىئارام قىلىدىغان دوستلۇق تەلەپلىرى،« ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار » دېگەن ئايەت ۋە «سىلەرنىڭ بىرىڭلار(باشقا بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولسا) ئۈچ قېتىم رۇخسەت سورىسۇن، ئەگەر رۇخسەت بىرىلمىسە قايتىپ كەتسۇن. »دىگەن ھەدسىدە كۆزدە تۇتۇلغان كىشىنىڭ شەخسىي ھەق-ھۇقۇقلىرىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەخلى-تەرۇر قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئىنتېرنېت ئۇللۇق ئالاقە ۋاستىلىرىدا يوللىنىۋاتقان ھەر 100 ئىلخەتنىڭ 76 دانىسىنىڭ كېرەكسىز(ئىھتىياجدىن سىرىت) ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا بۇ دەخلى- تەرۇزنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئايدىڭلشىىدۇ.
تەتقىقاتلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ كېرەكسىز ئۇچۇر، سۆھبەت ۋە دىيالوگلار تۈپەيلى كىشلەرنىڭ زىھنىنى خورىتىپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە. ئىسلام تارىخىدا ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىنغان ئىمام شافىنىڭ قارىشىچە، مەنپەئەتسىز ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشلەر باتىل ۋە بىكار ئىشلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشىنى ئىسلامىي گۈزەللىك دەپ سۈپەتلىگەن ھەدىس، بۇھەقتە تەقىپ قىلىدىغان ئىىشلارغا ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك.
خۇلاسە
رىئال تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىمكانىيەت ياراتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ھەم بۇ جەھەتتىن ھەمدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسلام قانۇنى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، ئەگەر ئىجتىمائىي ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرى ئىلمى يوسۇندا ئىشلىتىلمىگەندە ھەرخىل زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا دائىر ماتېرىياللاردا مۇھىم دەلىللەر تىپىلىدۇ.
بۇ مەسىلىگە ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىسلام ئالىملىرىمۇ ئۆزلىرىدىن سورالغان سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، زىھننى ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن خورىتىشى، دىققەتنى چېچىش، مۇتەكەببىرلىك، ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش قاتارلىق روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىققا خەۋپ پەيدا قىلىدىغان سەلبىي ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىتىشى، گەپ توشۇش(جاسۇسلۇق) غەيۋەت، يالغانچىلىق، باشقىلارنى ھاقارەتلەش ۋە ساختىپەزلىككە ئوخشاش ئىش- ھەركەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى قاتارلىق پاسسىپ تەرەپلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسدا باياناتلارنى بەرگەن. بۇنىڭغا ياندىشىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن شەرىئەت رۇخسەت قىلمىغان بەزى ئىش-ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن «سدّ الذرائع» پرىنسىپىگە تايىنىپ، مەۋھۇم دۇنيانى پۈتۈنلەي ھارام دەپ ھۆكۈم قىلغان قىسمەن پەتىۋالارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتسەك خاتالاشقان بولمايمىز. يىغىنچاقلاپ ئىيىتقاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشكە باھا بەرگەندە، شەرئى ئۆلچەملەرگە رىئايى قىلىنىش شەرتى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى(المصلحة ) ۋە مۇباھ پرىنسىپلىرى رامكىسى ئىچىدە باھا بېرىلسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
بۇ جەھەتتىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇئامىلىلەرنىڭ، ئىسلام قانۇن كۈلتۈرى نۇقتىسدىن ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىنىشى ۋە ياپدا-زىيىنى ھىسابلىنىپ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىگە دائىر ھۆكۈم بېرىلىشى تەقىپ قىلىشقا تېگىشلىك يول بولۇشى كېرەك. بۈگۈن كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تېخنىكىسى بارلىققا كەلتۈرگەن بىرقاتار يېڭىلىقلارنى، توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماستىن تېزلا قوبۇل قىلىۋىلىشىمۇ بىر ھادىسىدۇر. بۇ رامكىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئېتىكا(ئەخلاق) ۋە شەرئى پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشلتىش ئۈچۈن بەزى دەرسلەر، مەسىلەن: « تاراتقۇ»، « ئاخبارات ۋە تور ئەخلاقى»، «تاراتقۇ ئەخلاقى» دېگەنگە ئوخشاش بەزى پەنلەرنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكى تىزىملىكىگە قوشۇلىشى، بولۇپمۇ ئىسلام قانۇنى نۇقتىسىدىن ئالاقە تورى(ئىنيېرنېت) ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ قانۇنىغا دائىر ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپرەك ئېلىپ بىرىش كېرەكلىكىنى تەكلىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى:مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

KAYNAKÇA
Aktar, Erzan, Sosyal Medya’nın Toplumsal Eylemlerdeki Rolü: Tahran ve Tahrir Olaylarının Süreç Analizleri, Yüksek Lisans Tezi, İstanbul Medeniyet Üniversitesi, 2016.
Antoniou, Angeliki, ”Towards a methodological framework for the cognitivebehavioural evaluation of educational e-games.“ International Journal of Learning Technology, 6/3, 2011.
Atamer, Yeşim M, İnternet ve Hukuk, İstanbul Bilgi Üniversitesi Yayınları, Ocak, 2004.
Babacan, Mehmet Emin – Haşlak, İrfan, “Sosyal Medya ve Arap Baharı”, Akademik İncelemeler Dergisi, VI/2 (2011), s. 63-91.
Boyd, D. M., Ellison, N. B, “Social network sites: Definition, history, and scholarship”, Journal of Computer-Mediated Communication, Volume 13, Issue 1, 200
Ercüment Büyükşener, “Türkiye’de Sosyal Ağların Yeri ve Sosyal Medyaya Bakış”, Türkiye’de İnternet Konferansı Bildirileri, İstanbul 2009, s. 19-23.
Des Jardins, Joseph, Çevre Etiği – Çevre Felsefesine Giriş, çev. Ruşen Keleş, İmge Kitabevi, Ankara, 2006.
Gazzâlî, Ebû Hâmid Huccetülislam Muhammed b. Muhammed (505/1111), el-Müstasfâ min ilmi’l-usûl, thk. Hamza b. Züheyr Hâfız, Medîne 1413/1993.
Gül, Recep Emin, Sosyal Medyada Hadis Kullanımı -Facebook ve Twitter Özelinde- Yüzüncü Yıl Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, 30 (2016), s. 163-182
Gerbaudo, Paolo, “Populism 2.0”, Social Media, Politics and the State, Routledge, New York 2015, s. 67-87.
İbn Mâce, Ebû Abdillâh Muhammed b. Yezîd el-Kazvînî (ö. 273/887), Sünen, thk. Muhammed Fuâd Abdülbâkî, Dâru İhyai’l-Kütübi’l-Arabî, 1954.
İnam, Ahmet, “Çevrelenmiş Bir Çevrede İnsan Olma Savaşı”, Teori, Mart, 1993, s. 42-47.
Jenggot Mbah, Kumpulan Tanya Jawab Keagamaan, Pustaka Ilmu Sunni Salafiyah, Yogyakarta 2015.
Karaman, Hayrettin, Mukayeseli İslam Hukuku, İz Yayıncılık, İstanbul, 2003. Kıranşal, Abdülaziz, Gençler İçin Sosyal Medya İlmihali, MGV Yayınları, Ankara 2015.
Korkmaz, Ali, “Arap Baharı Sürecinde İnternet ve Sosyal Medyanın Rolü”, International Symposium on Language and Communication: Research Trends and Challenges.
Kuşay, Yeliz, Sosyal Medya Ortamı Olarak Facebook’un Çekiciliği ve Ergenlerde Bağımlılık Düzeyi, Doktora Tezi, Marmara Üniversitesi, 2013.
Mâverdî, Ebü’l-Hasan Habîb el-Basrî (450/1058), el-Hâvi’l-kebîr, Dâru’lKütübi’l-İlmiyye, Beyrut 1994.
Merkezü Nûn li’t-te’lif ve’t-tercüme, Fıkhu’t-tevâsuli’l-ictimâî, al-Maaref Islamic Cultural Association, Beyrut 2014.
Openshaw, Jennifer, The Socially Savvy Advisor + Website: Compliant Social Media for the Financial Industry, United States of America, 2015. Özdemir,
İbrahim; Yükselmiş, Münir, Çevre Sorunları ve İslam, Diyanet İşleri Başkanlığı Yayınları, Ankara, 1995.
Paksu, Mehmet, İhanetler Cinsel Sorunlar (Mahremiyet Okulu 3), Nesil Yayınları, İstanbul, 2010.
Poell, Thomas, “Social Media Activism and State Censorship”, Social Media, Politics and the State, Routledge, New York 2015, s.189-206.
Rosen, Larry, “Poke Me: How Social Networks Can Both Help and Harm Our Kids”, 119th Annual Convention of the American Psychological Association, Washington, 2011.
Serahsî, Ebu Bekir Muhammed b. Ebû Sehl (483/1090), el-Mebsût, Dâru’lMa’rife, Beyrut 1989.
Smith, Peter; “Cyberbullying: its nature and impact in secondary school pupils”, The Journal Of Child Psychology And Psychiatry, 49:4 (2008).
Şa’ban Zekiyyüddîn, İslam Hukuk İlminin Esasları, Ter. Prof. Dr. İbrahim Kâfi Dönmez, Türkiye Diyanet Vakfı Yayınları, Ankara, 2005.
Trottier, Daniel, Christian Fuchs (ed), Social Media, Politics and the State Protests, Revolutions, Riots, Crime and Policing in the Age of Facebook, Twitter and Youtube, Routledge, New York 2015.
Websence Security Labs, 2013 Tehdit Raporu, 2013. http://expandedramblings.com/index.php/youtube-statistics/#.UxSALYVaeSo, 01.03.2014. http://www.alyaum.com/News/art/88705.html, 02.10.2013. http://islamqa.info/en/198143, http://islamqa.info/en/169654, http://islamqa.info/en/169654, https://islamqa.info/en/165186. (Muhammed Salih el Münejjid Fetvaları), 02.10.2013. http://fatwa.islamweb.net/fatwa/index.php?page=showfatwa&Option=Fatwa Id&Id=220765, 02.10.2013. http://www.daruliftaa.com/searchresult?combine=facebook, 02.10.2013.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*