ھىزبۇت-تەھرىر

مەھمەت ئالى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئىسلامى ئازادلىق پارتىيەسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ھىزبۇت-تەھرىرىل-ئىسلامى » ئۆزىنى « ئىدىئولوگىيەسى ئىسلام بولغان بىر سىياسى پارتىيە » سۈپتىدە تونۇشتۇرماقتا . پارتىيە 1953 – يىلى ئىئوردانىيە باشقۇرۇشى ئاستىدىكى قۇددۇستا قۇرۇلغان. قۇرۇپ چىققۇچى شەخس بولغان مۇھەممەد تەقىييۇددىن ئەن-نەبھانى ( ۋاپات، 1977 ) ئەل-ئەزھەرنى پۈتكۈزگەن پەلەستىنلىك ئىدى. ئەسلىدە ئىسلامچى غايىسى جەھەتتىن ئىخۋانى مۇسلىمىنگە ناھايىتى يىقىن بولغان نەبھانى، ئىخۋاننىڭ سىياسى خىزمەتلىرىنى بىر جامائەت سۈپتىدە ئېلىپ بېرىشنى تاللاپ، پارتىيە بولۇپ شەكىللىنىشكە يۈزلەنمەسلىكى سەۋەبىدىن ھىزبۇت-تەھرىرىنى قۇرۇپ چىقىش قارارىغا كەلگەن. پارتىيە رەسمىي ھالدا ئىلتىماس سۇنۇپ رۇخسەت ئالغان بولسىمۇ، 1954 – يىلى چەكلەنگەن بولۇپ، نەبھانى ئىئوردانىيەنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئىئوردانىيەدىن بېرىپ جايلاشقان لىۋاندا ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ياشىغان.
ھىزبۇت-تەھرىرنىڭ ئاساسلىق غايىسى دۇنيادا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىسلامنىڭ شەرئى ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر خەلىپىلىك دۆلىتى قۇرۇش ئىدى. ھىزىبنىڭچە ئىخۋانى مۇسلىمىن قاتارلىق باشقا ئىسلامى جامائەتلەرنىڭ مىتودلىرى ۋە نىشانى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئىسلامى دۆلەتكە تۇتىشىدىغان يول ئېنىق بولۇپ، بۇ يولنى رەسۇلۇللاھ ئۆزى باشتىن ئۆتكۈزۈپ كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىنى ( سىرەت ) بېسىپ مېڭىشقا بۇيرىغانىدى. ھىزب بۇ جەھەتتە بېسىشقا تېگىشلىك يولنى ئۈچ باسقۇچقا ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا بىرمۇبىر دەۋەت ئارقىلىق تەشكىلات خادىملىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان شەخسلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇ شەخسلەر ئارقىلىق كۈچلۈك شەكىلدە مەدەنىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ باسقۇچ رەسۇلۇللاھنىڭ دارۇل-ئەرقەمدە تۇنجى ساھابىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشىغا ئوخشىتىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، يېتىشىپ چىققان خادىملار ئىختىيارلىقى بىلەن ھىزبنىڭ داۋاسىنى كىشىلەرگە ئاشكارا يۇسۇندا تونۇشتۇرۇش، چۈشەنچىلىرىنى ئاۋامغا ئېيتىش، جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش ۋە ئۈممەت بىلەن قاينىشىش باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچتا ھۆكۈمدارلار بىلەن پۇت تېپىشىش، ھۆكۈمەت بىلەن توقۇنۇش نەبەۋى سۈننەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. رەسۇلۇللاھ باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ مۇشەققەتلىك باسقۇچتا، ئۇنىڭ قىلغىنىدەك ياراتقۇچىدىن ياردەم ( نۇسرەت ) ۋە ھىمايە تىلەپ سەۋر بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كۆرەش ۋە كۆرەشتىن كېيىن ئۈچىنچى باسقۇچتا ھاكىمىيەت ئۆتكۈزۋېلىنىپ، ئىسلامى دۆلەت تىكلىنىدۇ، خەلىپە سايلىنىپ، شەرئى ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل تەلىماتى دۇنياغا جاكارلىنىدۇ. تەبىئىي ھالدا دۇنيادىكى كۇپۇر لاگىرى بۇ ئادالەت دۆلىتىگە قارشى چىقىدۇ. بۇ سەۋەپتىن « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى » تەبىئىي ھالدا يۈز بېرىدۇ .
ھىزبۇت-تەھرىرنىڭ 190 ماددىلىق « خەلىپىلىك دۆلىتى ئاساسى قانۇن لاھىيىسى » دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن دېگۈدەك تەرجىمە قىلىنغان. ئىسلامى ھۆكۈملەرنىڭ قىسمەن ۋە تەدرىجى تەدبىقلىنىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت، ناتوغا ئوخشاش غەيرى مۇسلىملەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن ھىزبۇت-تەھرىر، ئۆزىنى ئىسلامى دۆلەت دەپ تونۇشتۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، پاكىستان، سۇدانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىددىئالىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلماقتا. ئۈممەتچىلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق مىللەتچىلىك ۋە مەزھەپچىلىكنى تەنقىت قىلىش كۈچلۈك شەكىلدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەكتە. ئىخۋانى مۇسلىمىننىڭ ئەكسىچە ھىزب ئۆزىنى سۈننى ھەرىكەت سۈپتىدە تونۇشتۇرمايدۇ. لېكىن ھىزب سۈننى ئەقىدىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە ئىختىلاپلىق ئاساسلىق مەسىلىلەردە دۇنيادىكى بارلىق ئەزالىرى ئاساس قىلىدىغان بىر مەيدان بەلگىلەشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ. مەسىلەن: ھىزبنىڭچە، ئەمەل ئىماننىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ياكى قەۋرە ئازابىنىڭ بار – يوقلىقى مەسىلىسى ئېتىقادى مەسىلە ئەمەس. بۇ نۇرمال پوزىتسىيە ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان دۆلەت ۋە مەزھەب مەنسۇپلىرىغا ئاساسەن پەرقلىق ئېتىقادى پوزىتسىيە كۆرسەتكەن ئىخۋان تەشكىلاتلىرىدا كۆرۈلمەيدىغان ئۆزگىچىلىكتۇر. ئۆزىنى سۈننى دەپ تونۇشتۇرماسلىقى، مەسىلەن: ئىراندىن شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ پارتىيەگە ئەزا بولۇشىنى توسۇپ تۇرىدىغان پرىنسىپ خاراكتېرلىق مەسىلىنى ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ھىزبۇت-تەھرىرنىڭ « ئاۋام ۋە نىزام »نى تەكىتلىشى، پەقەت ئاۋامغا قارىتا مەدەنىيەت خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ياخشى ئىشلارنى تەشكىللىگەن، نەشىر – ئەپكار پائالىيەتلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن، ياكى سۈننەتكە ۋە ئىبادەتكە دەۋەت قىلغان، ۋەز ۋە ھىدايەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىسلاھات تەشكىلاتلىرىنىڭ توغرا يولدا ئەمەسلىكىنى ئىما قىلىدۇ. ھىزبنىڭچە ئەگەر ئىسلامى بىر تەشكىلات پائالىيەتكە باشلىسا، « بۇ جامائەت خىزمىتى… سىياسى خىزمەت بولۇشى كېرەك ۋە سىياسى بولماسلىقى توغرا ئەمەس. چۈنكى خەلىپىلىكنى تۇرغۇزۇش ۋە خەلىپىنى بەلگىلەش سىياسى ئىش بولغاندەك، ئاللاھ نازىل قىلغان بىلەن ھۆكۈم قىلىشمۇ سىياسى ئىش بولۇپ، پەقەت سىياسى خىزمەت بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ » . لېكىن ھىزب، دارۇلئىسلام – دارۇلكۇفۇر دەپ ئايرىشقا پرىنسىپ جەھەتتىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، شەرئى بولمىغان بىر تۈزۈم بەلگىلىگەن قائىدە – نىزاملار ئىچىدە رەسمىي يوللار ئارقىلىق پارتىيە بولۇپ شەكىللىنىش ياكى بۇ تۈزۈمدىن ياردەم تىلەش ئارقىلىق ئىسلامنى ھاكىمىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى قەتئىي ھالدا توغرا ئۇسلۇب دەپ قارىمايدۇ. بۇ مەسىلە، ھىزبنىڭ ئەرەپ دۇنياسىدىكى ئىخۋان ھەرىكەتلىرىدىن ياكى ھىندى تۆۋەن قىتئەسىدىكى جامائەتى ئىسلامىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرىپىدۇر. بۇ پوزىتسىيە، « ۋاجىپقا ھارام يوللاردىن ئېرىشىش شەرئى جەھەتتىن جائىز ئەمەس » جۈملىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر سىياسى پوزىتسىيە بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ھىزبۇت-تەھرىرنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىشقا ئېلىپ بارغان. بۇ قانۇنسىزلىق ئەھۋالى پارتىيەنىڭ قوراللىق مىتودلاردىن يىراق تۇرۇشى سەۋەبىدىن دۆلەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ماھىيەتتە. چۈنكى مەزكۇر پارتىيە تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتتە نەشىر – ئەپكار پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ھالدا ئېلىپ بارماقتا. ئاساسى جەھەتتىن خەلىپىلىك تېمىسى ئاساس قىلىنغان يىغىلىشلار، مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ھەتتا چوڭ كۆلەملىك يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇشلارنى تەشكىللەپ كەلمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە دۆلىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن مەككىدە كۈچ ئىشلىتىش ۋە توقۇنۇشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى، ھىزبنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ سەۋەبىدۇر. خەلىپىلىك ئۇقۇمى ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان ئەركىنلىك ۋە دۆلەت ئۇرغۇسى، كىملىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ،بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمان كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ ياشلىرى ئارىسىدا ھىزبۇت-تەھرىرنى ناھايىتى جەلىپكار ھالغا كەلتۈرگەن. سوۋىت بېسىمىدىن قۇتۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ 1990 – يىلىدىن كېيىنكى دىنى كىملىكلەرنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىش باسقۇچىدا ھىزب ناھايىتى مەشھۇر ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەش زۆرۈر. لېكىن ھىزب ئۈچۈن ياۋرۇپادىكى كەڭ دائىرىلىك ئەركىنلىك مۇھىتى بۇ ئاسىيا ئەللىرىدە ناھايىتى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردىكى تۈرمىلەر ھىزب ئەزالىرى بىلەن تولۇپ تاشقان ۋەزىيەتتە.
ھىزب، بېشىدا ئەمىر بولغان بىر باشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، باشقۇرۇش پىرامىداسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇتەمىد رىياسەتچىلىكىدىكى ۋىلايەت كومتېتى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا ناقىپ ئۇنۋانىدىكى بىر باشلىق يېتەكچىلىك قىلغان مەھەللە كومىتېتى شەكلىدە تەشكىل قىلىنىدۇ. ئەمىرنىڭ ئىئوردانىيەدە بولۇشى بۇ دۆلەتنى خۇددى ھىزبۇت-تەھرىرنىڭ پايتەختى ھالىغا كەلتۈرگەن بولۇپ، قالغان دۆلەتلەر بولسا ۋىلايەت ئىسمىنى ئالغان. ھىزبنىڭ يەنە بىر سىياسى ئىسلام ھەرىكىتى بولغان ئىخۋان ئوتتۇرىغا قويغان شەخس-ئائىلە-جەمئىيەت-دۆلەت شەكلىدىكى قەدەم باسقۇچ بىلەن ماڭغان ئىسلاھات مىتودىنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي « يۇقىرىدىن باشلاپ شەكىللەندۈرىدىغان » مىتودنى تاللىشى، بولۇپمۇ « ئىسلامى ھاكىمىيەت » شەكلىدىكى ئومۇمىي بىر ئۇقۇمنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا « خەلىپىلىك »كە ئوخشاش ناھايىتى چوڭ ئاتالغۇنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، بۇ ھەرىكەتكە قارىتىلغان تەنقىتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خەلىپىلىك ئاپپاراتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھىزبۇت-تەھرىر ناھايىتى ھاكىم مۇتلەق كۆرۈنىدىغان ھاكىمىيەت شەكلىنى لاھىيلىگەن. سىياسى تۈسى ناھايىتى قويۇق ھالدا ئىسلامىيەتنى ئاۋامغا تونۇشتۇرۇشىنىڭ دىن ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتى يوق كىشىلەردە خاتا ۋە ناتوغرا يولغا باشلايدىغان تەسىر قالدۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىسلامى ھۆكۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەدرىجىلىك ئىمكانى بەرمىگەنلىكى ئىزاھلاش قىيىن بولغان زىتلىق بولۇپ كۆرۈلمەكتە. ئورگانلار ۋە مىللەت ئارا مۇناسىۋەتلەر نوقتىسىدا پارتىيەنىڭ ناھايىتى ئىپتىدائىي شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئەمەلىيى ھەرىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى، قۇرۇپ چىققۇچى ئاتامان نەبھانى بەلگىلىگەن پارتىيە قائىدە – پرىنسىپى ۋەياكى ئۇنىڭ دەۋرىدىكى سىياسى ۋە مىتود جەھەتتىكى بەلگىلىمىلىرىنى بىۋاستە بۈگۈنگە يۆتكەپ كېلىشنىڭ دوگما تەشكىلاتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا .

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*