ھىزبۇللاھ

2018-يىلى 6-سېنتەبىر

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
1979 – يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابى شىئە مەدرىسەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئىلھام ئالغان چۈشەنچە ئېقىمى ئېغىر سالماقتا سىياسى ئىسلامچىلىققا تۇتىشاتتى. شىئەلەر كۈتىۋاتقان مەھدى يوق ۋاقىتتا، يەنى قىيامەتكە يىقىن ئۇ تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى كۈتىلىۋاتقان ئادالەت دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئىنقىلاپ يېتەكچىسى ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ « ۋەلايەت-ئى فاقىھ » ئىجتىھادى ئارقىلىق مۇمكىن ھالغا كەلگەنىدى. ھۇمەينىنىڭچە، غەيرى ئىسلامى سىياسى نىزاملار بېشىدا تاغۇت بار شىرىك تۈزۈملەر بولۇپ، بۇ شىرىك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش مۇسۇلمانلارغا پەرز ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۈيۈك ئوسمانلى دۆلىتى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۈممەت بىر – بىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ بېشىدا جاھانگىرلارنىڭ قورچاقلىرى ھوقۇق تۇتقان مىللىي دۆلەتلەر پەيدا بولدى. ئىسلام بىرلىكىنى قايتىدىن ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زالىم ھۆكۈمەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن غايىپ ئىمام يوق ۋاقىتتا بۇ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا يېتەكچىلىككە ئىھتىياج بار ئىدى. ئەگەر ئۆلىما ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەندەك ئەنبىيالارنىڭ ۋارىسلىرى بولسا، ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ھەزرىتى پەيغەمبەر ۋە ئون ئىككى ئىمامغا ۋاكالەتەن بۇ ۋەزىپىلەرنى فاقىھلار ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى . ئىنقىلاپنىڭ يېتەكچى گۇرۇپپىسى ۋە ئىنقىلاپتىن كېيىن قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى باشقۇرغۇچىلىرى، « ۋەلايەت-ئى فاقىھ » ئىجتىھادى ئۆزلىرىگە ئېچىپ بەرگەن بۇ يولدا مەزھەبى جەھەتتىن شەرئى ئاساسقا ئىگە بولدى.
مەزكۇر ئىنقىلابى ئالىملار گۇرۇپپىسى بۇ ئىنقىلابنى شىئەلەر كۆپ سانلىقتا بولغان ئىراق ۋە بەھرەيىن قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللەرگە ئىكىسپورت قىلماقچى بولدى. سۈننى ئەللەردە بولسا ئىلگىرىكى بۆلۈملەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىخۋانى مۇسلىمىن، جامائەتى ئىسلامىغا ئوخشاش يىلتىزى چوڭقۇر ۋە چوڭ جامائەتلەر بار ئىدى. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىنقىلاپنى قوللىغان بۇ چوڭ تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا ئىراندىكى ۋەلىييۇل-فاقىھە، يەنى ھۇمەينى رەھبەرلىكىگە سادىق كىچىك گۇرۇپپىلار بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى تاللىدى.
مەزھەبى سەزگۈرلىكنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ توغرا تاللاشنىڭ چۈشەنچە ئاست قۇرۇلمىسى « ھىزبۇللاھىلىق » ئۇقۇمىغا ئاساسلاندۇرۇلدى. ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىسلامچى سۈننى تەشكىلاتلارنىڭ 1970 – يىللاردىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرگەنلىكى، بۇ سەۋەپتىن غەرپ جاھانگىر كۈچلەرگە قارشى رەقىپ تەشكىل قىلمايدىغان مۆتىدىل « ئامېرىكا ئىسلامى »نىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىسلام ئىنقىلابى چۈشەنچىسىنىڭ مەشھۇر سىتىراتېگىيچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالى كورانىنىڭچە « ھىزبۇللاھى يول » ھەقىقىي توغرا يولنى كۆرسىتەتتى. ھۇمەينى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر يول ( مىتوت )، « خەلقنى ئاساس قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭاتتى ۋە مەسچىتنى ئاساس قىلاتتى » . كورانى، « ھىزبۇللاھى يول »نىڭ قارشى قۇتۇبىغا « ھىزبچى تەشكىلات ئۇسلۇبى »نى قويدى ۋە ئىككى مىتودنى سېلىشتۇرۇپ ئىككىنچىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چۈنكى ھىزبۇللاھى كۈلتېر، خەلق كۈلتېرى ئىدى. ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ كۈلتۈرى بولسا ئۆز ئەزالىرىغا ۋە ئوقۇغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاۋامدىن يىراق، « يۇقىرى » كۈلتۈر ئىدى. ھىزبۇللاھى مىتوت « ناس كۈلتۈرى »نى ئاساس قىلسا، ھىزب خاراكتېرلىق تەشكىلاتلار « شەرھى كۈلتۈرى »نى ئاساس قىلاتتى. ھىزبۇللاھى مىتوت « جىھادقا تايانغان » دىندارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، تەشكىلاتلار بولسا « چۈشەنچە دىندارلىق » سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاتامانلىرى مۇستەھكەم ئەمەس بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا يولنى تاللىغانىدى. ھىزبۇللاھى يېتەكچىلىك بولسا مۇستەھكەم، مۇقىم ۋە مۇرەسسە قىلمايدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئېرپانى ۋە تەسەۋۋۇپى تۈس قويۇق ئىدى. تەشكىلاتلار بولسا مەسىلىلەر دائىم ئەقلىي جەھەتتىن ھەل قىلماقچى بولاتتى .
ئىراننىڭ ئىنقىلابنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولدى. ھۇمەينىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئىران جۇمھۇر رەئىسى ھاشىمى رافسانجانى دەۋرىدە ( 1989 – 1997 ) بۇ سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم، بەلكىم بىردىنبىر ئۇتۇقى لىۋاندا ھىزبۇللاھ تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. لىۋان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان شىئە نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى لىۋان، يەنى تارىخى ئىسمى بىلەن ئاتالغاندا جەبەل-ئى ئامىل ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىغا چىققان جاي بولۇپ، ئۇنىڭ قەلئەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر كىملىكىگە ئىگە سۈننىلەرنىڭ ئەكسىچە، شىئەلەر يىقىنقى مەزگىللەرگىچە لىۋاندا چەت – ياقىلاردا ئولتۇراقلاشقان، مائارىپ ساپاسى تۆۋەن ۋە كىرىم سەۋىيىسى ئاز كىشىلەر تەبىقىسىنى تەشكىل قىلاتتى. لىۋاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاكالەتەن سۈرىيە بىلەن بىرلىشىپ كەتمەكچى بولغان سۈننى لىدىرلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن، خىرىستىيانلار 1926 – يىلى شىئەلەرگە سۈننىلەردىن ئۆزگىچە مەزھەبى نوپۇز بەردى. بۇ ھەرىكەت شىئەلىكنى بۇ كىچىك مەملىكەتتە مۇھىم سىياسى ئامىلغا ئايلاندۇرغان جەرياننىڭ باشلانغۇچى ئىدى. ئابدۇل-ھۇسەين شەرەفۇددىن ( ۋاپات، 1957 ) باشلىغان ۋە ئىراندىن مەزكۇر رايۇنغا كەلگەن مەشھۇر ئالىم مۇسا ئەس-سادر ( ۋاپات، 1978 ) داۋاملاشتۇرغان تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە لىۋانلىق شىئەلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سىياسى، مەدەنى ۋە ئىقتىسادىي ھەجەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ سادرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شىئەلىك ئېڭى ناھايىتى تېز يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى. سادر ئىجتىمائىي ياردەم تەشكىلاتى سۈپتىدە 1974 – يىلى قۇرغان ماھمۇرلا ھەرىكىتى، لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدا شىئەلەرنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ۋەكىلى بولغان « ئەمەل تەشكىلاتى » يۆلەنگەن ئەڭ مۇھىم تەشكىلات بولغان ئىدى.
مۇسا ئەس-سادر 1978 – يىلى غايىپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل دىنى كىملىكىنى يوقۇتۇپ ناھايىتى تېزلا سېكۇلەرلىشىپ كەتتى. ئىران ئىنقىلاۋىنىڭ لىۋان شىئەلىرى ئۈستىدە پەيدا قىلغان ھاياجان ئىستىخىيلىك ھالدا ئەمەلدە ئەكىس ئېتىپ، تەشكىلاتنىڭ رەئىس ۋەكىلى ۋە باياناتچىسى ھۇسەيىن مۇسەۋى 1982 – يىلى ئەمەلدىن ئايرىلىپ « ئىسلامى ئەمەل »نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ يېڭى تەشكىلاتقا ئەگىشىپ، ئەمەل بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلمىغان بىر قانچە كىچىك شىئە پارتىزانلىق گۇرۇپپىسى 1980 – يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھىزبۇللاھنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈردى. لېكىن ئىران ئىنقىلاۋى ھۆكۈمىتى بۇ ئىش ئۈچۈن لىۋانغا ئەۋەتكەن ۋە سانى 1500 – 2000 ئەتراپىدا بولغان « ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى ( سىپاھى پاسداران ) » قوشۇنى بولمىغان بولسا، ھىزبۇللاھنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بەلكىم مۇمكىن بولمايتتى. مۇھاپىزلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن بۇ بىرلەشمە كۈچ « ئاللاھنىڭ قوشۇنى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان قۇرئاندىكى بىر ئايەتتىن ئېلىنغان « ھىزبۇللاھ » ئىسىمى بىلەن كېيىنكى مەزگىلدە بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەندى. شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى لىۋان، جەنۇبى بەيرۇت ۋە بەكائادا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۈچلەنگەن ھىزبۇللاھ، دەسلەپكى نىشانىنى « ئىسرائىل ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش » دەپ بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئىشغال رەسمىي شەكىلدە باشلىغان 1982 – يىلىدىن ئاخىرلاشقان 2000 – يىلىغىچە بولغان 18 يىل ئىچىدە ئىسرائىلغا قارشى ئەمەلىي كۆرەش قىلغان ئەڭ كۈچلۈك لىۋانلىق تەشكىلات بولۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلغان. بۇ جەرياندا رەقىبى ئەمەل بىلەن پات – پات توقۇنۇشقان بولۇپ، ئەمەلنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىدىكى سۈرىيە بائاس ھاكىمىيىتىنىڭ ياردىمىنى ئىراننىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ئۆزى تەرەپكە تارتىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
لىۋان ئىچكى ئۇرۇشى 1990 – يىلى تائىف كېلىشىمى بىلەن ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، لىۋاندىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەرنى قورال تاشلاتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن ھىزبۇللاھ بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ تەھدىتىگە قارشى جەنۇبى لىۋاندىكى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلغا قارشى كۆرىشىنى كۈچلەندۈرگەن ئامىللارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئېلىپ بارغان مۇھىم سۈيقەستلەر، ئەسىر ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان مۇھىم ھەرىكەتلەر ۋە ھەممىدىن مۇھىمى مۇسۇلمان دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇملىرى، يەنى « شاھادەت تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرى ( ئەل-ئامەلىييات ۋەل-ئىستىشھادىييە ) » كەلمەكتە. ھىزبۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دىنى زاتلار، ئالدىن پىلانلىنىپ بۇ شەكىلدە ھاياتىنى پىدا قىلىشنى تەقەززا قىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىسلامدا چەكلەنگەنلىكى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە قىلغان. ھىزبۇللاھنىڭ قۇرۇلۇشىدا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەن تونۇلغان ئايەتۇللاھ سەييىد ھۇسەيىن فادلاللاھ ( ۋاپات، 2010 )، بۇ مەسىلىنى سىستېمىلىق ھالدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن تۇنجى شەخس ئىدى.
ھىزبۇللاھ ۋە تەرەپتارلىرىنىڭ ئىستىشھاد ھەرىكەتلىرىگە رۇخسەت بېرىدىغان ئوچۇق ۋە چۈشىنىشلىك پەتىۋا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەزگىلدە، فادلاللاھ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش تاكتىسىنى ئىشلىتىشكە قارىتا بەزى ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ئېلان قىلدى. ھەتتا بىر قېتىملىق زىيارەتتە ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالغاندىن باشقا چاغدا مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا، يەنى « زۆرۈرىيەت »، فادلاللاھ ئۈچۈن بىر چىقىش يولى بولدى. بۇ زۆرۈرىيەت ئۇرۇشىۋاتقان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقى جەھەتتىكى چوڭ پەرق سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىدى. باشقا چىقىش يولى بولمىغان شارائىتتا « ئەجىبا ئون دۈشمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ، ئون كىشىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىش بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرگەندە ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭقىرغان ھالدا بۇ ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟ » دېگەن سوئالغا فادلاللاھنىڭ جاۋابى: « پەرق يوق » شەكىلدە بولدى. سىياسى شارائىتلارنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن 1985 – يىلىدىن كېيىن بۇ خىل ھۇجۇملارنى تەرك قىلغان ھىزبۇللاھتىكى بۇ ئۆزگۈرۈش فادلاللاھ تەرىپىدىن مۇنداق ئىزاھلاندى: « ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىشى ھۇجۇمىنى، پەقەت ۋە پەقەت بىر كىشىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى يوقۇتۇش كۈچى يۇقىرى بومبا ھالىغا كەلتۈرۈشكە يۈزلەندۈرگەن جۇشقۇلارغا ئەرزىگۈدەك سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا قىلالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارايمىز » . لىۋانلىق شىئە گۇرۇپپىلار تاشلىۋەتكەن بۇ ئۇرۇش شەكلى كېيىنكى مەزگىللەردە « يەر شارى خاراكتېرلىق جىھاد » چۈشەنچىسىگە ئىگە سۈننى – سەلەفى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.
1990 – يىللار، ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي قانىتىدىن باشقا يەنە ئاممىۋى سىياسەت قانىتىنى تەشكىللەپ، لىۋان سىياسەت ساھەسىگە كىرىشىگە شاھىت بولدى. بۇ ھەرىكەت « ھىزبۇللاھنىڭ لىۋانلىشىشى » دەپ قارالدى. بۇ قاراش ھىزبۇللاھنى ھەرقانچە قىلىپ لىۋاننىڭ بىر قىسمىغا سىقىشىپ قالغان ئىرانچى تەشكىلات بولۇشتىن قۇتۇلۇپ يەرلىكلەشكەنلىكىنى ئىما قىلسىمۇ، ھىزبۇللاھنى بۇ يۆنىلىشكە ئىراننىڭ تەشۋىق قىلغانلىقى بىلىنمەكتە. ھىزبۇللاھنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادىي، سۈرىيەنىڭ ماددى ياردىمى بولماستىن، بۇ دەرىجىدە چوڭىيىپ، تەسىرى كۈچلۈك ھالغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. تۇنجى قېتىم قاتناشقان 1992 – يىلىدىكى سايلامدىن بۇيان لىۋان دۆلەت مەجلىسىدە ھىزبۇللاھنىڭ ۋەكىلى ئورۇن ئالماقتا ۋە بەزىدە باشقا پارتىيەلەرگە قوشۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ شىرىكى بولماقتا.
ھىزبۇللاھنىڭ لىۋاندىكى ئەھۋالى « دۆلەت ئىچىدە دۆلەت » دەپ ئىزاھلانماقتا. لىۋانلىقلاردىن باشقا خادىملار خىزمەت قىلىۋاتقان قۇراللىق كۈچلىرىدىن باشقا يەنە، ئەدلىيە ۋە مۇپتىلىق ئورگىنى، ھەر سەۋىيەدىكى مائارىپ ئورگانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، بانكىچىلىق پائالىيەتلىرى، تاشقى مۇناسىۋەت ئورگىنى، يەسلى، كىلىنىك ۋە دوختۇرخانا، ئەل-مەنار ئىسىملىك تېلېۋېزىيە ۋە رادىيو قانىلى، شېھىت ئائىلىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋە كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشقا مەسئۇل ئورگانلىرى بىلەن ھەقىقەتەن لىۋان دۆلىتىگە پاراللېل ھالدا ھۆكۈمەت كۈچى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. باش سېكىرتار تەشكىلاتنىڭ لىدىرى سۈپتىدە ئىتىراپ قىلىنماقتا بولۇپ، ئۇ باشقا سىياسى ئىسلامچى ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش شەكىلدە ئالىي شۇرا مەجلىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەكتە .
ناسراللاھمۇ لىۋانلىق شىئە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقىغا ئوخشاش ئىلىم تەھسىل قىلىشنى نەجەف مەدرىسلىرىدە باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە قۇم مەدرىسلىرىدە تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇغان. « ۋەلايەت-ئى فاقىھ »كە چىنپۈتكەن بىر لىدىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالى ھامانەئنىڭ يېتەكچىلىكىگە سادىق بولغان ھەسەن ناسراللاھ زامانىدا ھىزبۇللاھ پۈتۈنلەي ئىراننىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى تەشكىلاتقا ئايلاندى. 2006 – يىلى لىۋانغا كىرگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىشى، ھىزبۇللاھنى ناھايىتى مەشھۇر ھالغا كەلتۈرگەن زەپەر ئىدى. ئىسرائىلغا قارشى بۇ غەلبىنى پەقەت پىداكار شىئەلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى سۈننىلەرنىڭ، ھەتتا لىۋان پۇقراسى بولغان خىرىستىيان ۋە دۇرزىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللاپ – قۇۋەتلىشى بىلەن قولغا كەلتۈرگەنىدى. ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيەدە سۈننى مۇسۇلمانلار نەزرىدە ناسراللاھ ئىسلام قەھرىمانىغا ئايلانغانىدى. لېكىن 2011 – يىلىدىن تارتىپ باشلانغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئىران سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، بەشەر ئەسەد باشچىلىقىدىكى بائاس ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدا سەپ تۇتۇپ ئىچكى ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى، ھىزبۇللاھنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئىگە بولغان قوللاش ۋە ھۆرمەتكە ئېغىر دەرىجىدە دەزكەتكۈزدى. تەشكىلات سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى سۈننى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ جاكارلاندى. بۈگۈن ھىزبۇللاھ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ كۆپ سانلىقىدا ۋە قولتۇق رايۇنىدىكى مۇستەبىت ئەرەپ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تېروررچى تەشكىلات دەپ تونۇلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر ھىزبۇللاھنىڭ پەقەت ھەربىي قانىتىنى تېروررچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، سىياسى قانىتىنى قانۇنلۇق تەشكىلات دەپ ئىتىراپ قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*