ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋر

2019-يىلى 21-مارت

 

(بەزى يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ)

 

يۇۋال ھارىرى

 

كۈنىمىزدە پات-پات «ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋر» دە ياشاۋاتقانلىقىمىز ۋە تۆت ئەتراپىمىز يالغان ۋە توقۇلمىلار بىلەن قورشالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن 2014-يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا كىيىمىدە ھېچقانداق ئارمىيە بەلگىسى بولمىغان رۇس ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، قىرىمدىكى بەزى غوللۇق يەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن رۇس ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ئىشغالىيەتچى ئەسكەرلەرنىڭ رۇس ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىملەرنى يەرلىك دۇكانلاردىن سېتىۋېلىپ ئۆزلۈكىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئۆزىنى قوغداش قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ۋە پۇتىن ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قاراشنىڭ يالغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

رۇس مىللەتچىلىرى بولسا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يالغاننىڭ مۇھىم ئىشلارغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلىۋېلىپ بۇ يالغانغا كۆز يۇمدى. ئەمەلىيەتتە رۇسىيە رەسمىي ھالدا ئۇرۇشقا كىرگەنىدى، ئۇنداقتا ئۇلۇغ بىر مەقسەت يولىدا ئىنسان ئۆلتۈرۈش قانداق توغرا بولسا يالغان سۆزلەشمۇ ئوخشاشلا توغرا ئىش ھېسابلانمامدۇ؟ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇلۇغ مەقسەتنىڭ رۇس مىللىتىنى قوغداش ئىكەنلىكى رۇسىيە مىقياسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىندى. رۇسىيەنىڭ مىللىي ئەپسانىسىدە رۇسىيە رەزىل دۈشمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت ۋە پارچىلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەكسىچە مىڭلارچە يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس دۆلەتتۇر. موڭغۇللار، پولشالىقلار، شىۋېتسىيەلىكلەر، ناپالېئوننىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى ۋە گىتلېرنىڭ ۋېخرمەچ قوشۇنىدىن كېيىن، ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى پارچىلاشقا ۋە بۇ پارچىلاردىن ئۇكرائىناغا ئوخشاش «سۈنئىي دۆلەتلەر» قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كۆپ قىسىم رۇس مىللەتچىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ رۇسلاردىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكى، رۇس مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا ئاتلانغان پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان ھەر قانداق بۇيرۇققا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ يالغاندۇر.

ئۇكرائىنالىقلار، چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە كەسپىي تارىخچىلار رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ گېپىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن چىقىشنى «يالغان بومبا» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ۋە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلماسلىقتۇر. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ بىرلىك ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مىڭ يىل ئىچىدە كىيېۋ ۋە موسكۋانىڭ ئوخشاش بىر دۆلەت ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى ئاران ئۈچ يىلدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى رۇسىيەنىڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە مۇستەقىل ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە چېگراسىنى قوغدايدىغان تۈرلۈك خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە خىلاپتۇر. ھەممىدىن مۇھىمى، مىليونلارچە ئۇكرائىنالىقنىڭ ئۆزلىرىگە دائىر چۈشەنچە ۋە قاراشلىرى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا رۇسلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇكرائىنالىقلار كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولالمامدۇ؟ ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگلىيەلمەمدۇ؟

ئۇكرائىنالىق مىللەتچىلەر دۇنيادا سۈنئىي دۆلەتلەر بارلىقى مەسىلىسىدە شەكسىزكى رۇسلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالايدۇ. بىراق ئۇكرائىنا بۇ سۈنئىي دۆلەتلەردىن بىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر «لۇگانسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە «دونېتسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى»غا ئوخشاش رۇسىيەنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان سۈنئىي دۆلەتلەردۇر.

قايسى تەرەپنى قوللاشتىن قەتئىينەزەر، نوقۇل پۈتۈن بىر تارىخنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئويدۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا قاراپ، راستتىنلا ھەقىقەتتىن كېيىنكى بىر دەۋردە ياشاۋاتقاندەك قىلىمىز. ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتتىن كېيىنكى بىر دەۋردە ياشاۋاتقان بولساق،  ھەقىقەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى قاچان بارلىققا كەلدى؟ 1980-يىللار؟ 1950-يىللار؟ 1930-يىللار؟ ياكى ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋرگە ئۆتۈشكە نېمە سەۋەب بولدى؟ ئىنتېرنېتمۇ ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇمۇ؟ پۇتىن ياكى ترامپنىڭ باش كۆتۈرۈشىمۇ؟

تارىخقا ئىنچىكە نەزەر سالىدىغان بولساق، تەشۋىقات ۋە خاتا مەلۇماتلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئىش ئەمەسلىكىنى ۋە بىر مىللەتنى ئىنكار قىلىش ۋە سۈنئىي دۆلەت بەرپا قىلىش ئادىتىنىڭ ئۇزۇن بىر شەجەرىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1931-يىلى ياپونلار خىتايغا ھۇجۇم قىلىشقا سەۋەب كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە يالغاندىن ھۇجۇم قىلىپ خىتاينى ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە مانجۇرىيە دەپ بىر سۈنئىي دۆلەت بەرپا قىلىپ چىققانىدى. ئوخشاشلا خىتايمۇ تىبەت ناملىق مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ يوقلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەنىدى. ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى “ھېچكىمنىڭ زېمىنى ئەمەس”دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان تېررا نۇللىيۇس ئىدىيەسىگە تاياندۇرۇلۇپ، 50 مىڭ يىللىق ئابورجىن تارىخى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغانىدى.

20-ئەسىرنىڭ بېشىدا زىيونىستلار تەرىپىدىن داۋاملىق ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن شوئارلاردىن بىرى، زېمىنسىز بىر خەلقنىڭ (يەھۇدىيلار)خەلقسىز بىر زېمىنغا (پەلەستىن) ئايلاندۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ شوئار زىيونىستلارنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، تەبىئىي ھالدا يەرلىك ئەرەب ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلىشتى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى گولدا مېيىرنىڭ 1969-يىلى دېگەن مۇنۇ سۆزى قاتتىق ئىنكاس پەيدا قىلغانىدى: پەلەستىن خەلقى دەپ بىر نەرسە يوق، ھېچقاچان بولۇپ باقمىدى، بۇ خىلدىكى قاراشلار ئىسرائىلىيەدە مەۋجۇت بولمىغان بىر سۈنئىي نەرسىگە قارشى يىللارچە داۋاملاشقان قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئەكسىچە، كۈنىمىزدىمۇ كەڭ قوبۇل قىلىنماقتا. مەسىلەن، 2016-يىلى فېۋرالدا پارلامېنت ئەزاسى ئانات بېركو، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغاندا پەلەستىن خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تارىخىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى دېيەلىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئىسپاتى بولسا،  ئەرەبچىدە «پ» ھەرپى يوق ئىكەن، شۇڭا «پەلەستىنىيان» دەيدىغان قانداقمۇ بىر خەلق بولسۇن (باشقا تىللاردا پەلەستىن پالەستىنە دېيىلىدۇ،  پەلەستىن نامى تۈركچىگە «پ» ئورنىغا، «ف» ئىشلىتىلىدىغان ئەرەبچىدىن كەلگەن.)

 

ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋرنىڭ جانلىق تۈرلىرى

 

ئەسلىدە ئىنسانلار ئىزچىل ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋردە ياشاپ كەلگەن. ئىنسان ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋرگە تەۋە بولۇپ، توقۇلمىلار ئىجاد قىلىپ ئۇلارغا ئىشىنىش ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشىپ كەلگەن جانلىق تۈرىدۇر. ئۆزلۈكىدىن كۈچىيىپ ماڭىدىغان ئەپسانە ۋە توقۇلمىلار تاش دەۋردىن كېيىن ئىنسان توپلۇقلىرىغا زور دەرىجىدە خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئىنسان بۇ دۇنياغا ھۆكۈمران بولالىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئىنساننىڭ توقۇلما ھېكايە، ئىدىيە ۋە ئەپسانىلەر پەيدا قىلىپ ئۇلارنى كەڭ تارقىتىش قابىلىيىتىدۇر. نۇرغۇن ساندىكى ياتلار بىلەن تونۇشمىساقمۇ ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان يېگانە جانلىق تۈرى ئىنساندۇر، چۈنكى بىز توقۇلما ھېكايىلەر توقۇپ بۇلارنى كەڭ تارقىتالايمىز ۋە مىليونلارچە ئىنساننى بۇنىڭغا ئىشەندۈرەلەيمىز. ھەممە ئادەم ئوخشاش بىر ھېكايىگە ئىشەنسىلا، ئوخشاش بىر قانۇنغا رىئايە قىلىپ ھەمكارلىق ئورنىتالىشى ئاسانغا توختايدۇ.

فەيسبۇك، ترامپ ياكى پۇتىننى بۇ يېڭى ۋە قورقۇنچ ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋرنىڭ باشلامچىسى بولۇش بىلەن ئەيىبلەيدىغان بولسىڭىز چوقۇم شۇنى ئەسكە ئېلىڭ: ئەسىرلەر ئىلگىرى مىليونلارچە خىرىستىيان ئىنجىلنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۆزلىرىنى ئەپسانىۋى بىر شارچە ئىچىگە قامال قىلغان. مىڭ يىلدەك ۋاقىت ئىنسان توپلۇقلىرى ئارىسىدا «خەۋەر» ۋە «رېئال ھادىسە» ماھىيىتىدىكى كۆپ قىسىم نەرسە، جەسۇر خەۋەرچىلەرنىڭ يەر ئاستىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بىۋاسىتە تارقىتىش بېرىش ئارقىلىق يەتكۈزگەن مۆجىزە، پەرىشتە، ئىبلىس ۋە جادىگەرلەرگە ئالاقىدار نەرسىلەر ئىدى. ھەۋۋانىڭ ئەقلىنىڭ بىر يىلان تەرىپىدىن چىشلىۋېلىنغانلىقى، بارلىق كاپىرلارنىڭ روھىنىڭ دوزاختا كۆيىدىغانلىقى ياكى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بىراخما قاتلىمىغا تەۋە بىرسىنىڭ مۇقەددەس كىشىلەر قاتلىمىغا تەۋە بىرسى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىدىن قەتئىي خۇش بولمايدىغانلىقى توغرۇلۇق قولىمىزدا ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئىسپات يوق، بىراق مىلياردلارچە ئىنسان بۇ ھېكايىلەرگە مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئىشىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، بەزى يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئۆمرى تولىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ دىن توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان بەزى قاراشلىرىمغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى تولىمۇ تەبىئىي ئەھۋال، مەن دىننىڭ تەسىر كۈچىنى ھېچقاچان نەزەردىن ساقىت قىلىپ باقمىدىم، ئەكسىچە، دىن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، دىنى تەلىماتلار ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىنسانلارنى ئارمىيە، يول، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۆۋرۈك سېلىشقا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىنجىلنىڭ كۆپ قىسمى توقۇلما بولسىمۇ، يەنىلا ئىككى مىليارد ئىنساننى ھاياجانغا سېلىپ ياردەم سۆيەر، جەسۇر ۋە ئىجادكار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. خۇددى، دون كىيۇجوتې، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، ھاررى پوتتېر ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەشھۇر توقۇلما ئەسەرلەرگە ئوخشاش.

بەزىلەر ھاررى پوتتېر بىلەن ئىنجىلنى سېلىشتۇرۇشۇمدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، مېنىڭچە ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر خىرىستىيان ئىنجىلدىكى بارلىق خاتالار ۋە ئەپسانىلەرگە چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىمۋوللۇق ھېكايىلەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش نۇقتىدىن ھاررى پوتتېرغا مۇئامىلە قىلالامدۇق يوق؟

ئاشقۇن بىر خىرىستىيان بولسىڭىز، ئىنجىلدىكى ھەر بىر كەلىمىنىڭ يۈزدە يۈز توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز. بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلايلى: ئىنجىل ھەقىقەتەن بىر تەڭرىنىڭ يېگانە مۇتلەق كالامى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا قۇرئان، تالمۇد، مورمون كىتابى، ۋەدالار، ئاۋېستا ۋە مىسىر ئۆلۈكلەر كىتابى قاتارلىقلارچۇ؟ بۇ كىتابلار ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلغانمۇ؟ ئاۋگۇستۇس ۋە كلاۋدىيۇسقا ئوخشاش رىم ئىمپېراتورلىرىغا قانداق باھا بېرىمىز؟ رىم ئالىي پالاتاسى ئىنسانلارنى تەڭرى مەرتىۋىسىگە يەتكۈزۈلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپېرىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خەلقلەردىن بۇ تەڭرىلەرگە چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلاتتى. رىملىقلارنىڭ بۇ دېگەنلىرى سىزچە توقۇلمىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە تارىختا ئۆز ئېغىزى بىلەن توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ھېچ بولمىغاندا بىر «ساختا تەڭرى» مىسالى بار. بۇرۇنمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك، 1930 ۋە 1940-يىللارنىڭ بېشىدا ياپون مىلىتارىزمى ئىمپېراتور خىروخىتونى مۇقەددەس كۈچ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ياپون مىلىتارىزمى دەل مۇشۇ ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خىروخىتو بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تەڭرى ئەمەسلىكىنى جاكارلىيالغانىدى.

ئىنجىلنىڭ ھەققى بىر تەڭرى كالامى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەكمۇ ئۇنداقتا مىڭلارچە يىلدىن بۇيان دىنغا ئىشىنىپ كەلگەن مۇسۇلمان، ھىندۇ، يەھۇدىي، مىسىرلىق، رىملىق ۋە ياپونلارنىڭ دىنىنى قانداق قىلىمىز؟ مەن بۇ يەردە قانداقتۇر بۇلارنى زىيانلىق ياكى قىممەتسىز دېمەكچى ئەمەسمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولۇپ، كىشىلەرگە ھەر ۋاقىت ئىلھام مەنبەسى بولۇش بىلەن بىرگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىپ كەلدى.

ئەلۋەتتە بارلىق ئېتىقاد شەكىللىرى ۋە دىنلار ئوخشاش دەرىجىدە پايدىلىق بولغان ئەمەس. 1255-يىلى 29-ئاۋغۇستتا لىنكولىن ناھىيەسىدە ھۇگ ئىسىملىك 9 ياشلىق بىر ئىنگلىز بالىنىڭ جەسىتى بىر قۇدۇقتىن تېپىلغان. فېيىسبۇك ياكى تۋىتتېر يوق ۋاقتىدىمۇ بۇ بالىنىڭ رايوندىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇراسىمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر بىردەملا تارقالغان. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ بۇ ۋەقە چوڭىيىپ كەتكەن، ئەينى چاغدا ماتتخېۋ پارس ئىسىملىك بىر مەشھۇر ئىنگلىز ، ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بەزى سەر خىل يەھۇدىيلارنىڭ ئېلىپ قاچقان بالىلارنى سەمرىتىش، قىيىن-قىستاق قىلىش ۋە كىرېستقا باغلاپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن. جىنايەت سادىر قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 19 يەھۇدىي سوتلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، بۇنىڭغا ئوخشاش بۆھتانلار ئەنگلىيەدىكى باشقا ناھىيەلەرگىمۇ كەڭ تارقالغان، نەتىجىدە يەھۇدىي جامائىتى كوللېكتىپ ھالدا قىرغىن قىلىنغان. 1290-يىلغا كەلگەندە ئەنگلىيەدىكى بارلىق يەھۇدىيلار باشقا دىيالارغا سۈرگۈن قىلىنغان.

ھېكايە بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەلۋەتتە. يەھۇدىيلار ئەنگلىيەدىن سۈرگۈن قىلىنىپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنگلىز ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى گىففرېي چاسېر، كانتېربۇرى ھېكايىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «باش راھىبەنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ئەسەردە لىنكولىنلىق ھۇگنىڭ ھېكايىسىنى تەقلىد قىلىپ بىر ھېكايە توقۇپ چىقىدۇ. مەزكۇر ھېكايە بىر يەھۇدىينىڭ دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭدەك بۆھتانلار ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسپانىيەدىن رۇسىيەگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتكە كەڭ تارقىلىپ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى باش كۆتۈرگەن. بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىنىڭ ساداسىنى 2016-يىلغا كەلگەندىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان بىر يالغان خەۋەردە، ھىلارى كىلىنتوننىڭ بالا ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان جىنايەت گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ئىكەنلىكى، بالىلارنىڭ پىززا قاتلىمى دۇكىنىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە جىنسىي قۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. كىلىنتوننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ھادىسىگە نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئىشىنىپ قالدى، ھەتتا بىر ئادەم قولىغا تاپانچا ئېلىپ پىززا قاتلىمى دۇكىنىغا بېسىپ كىرىپ «بىگۇناھ» بالىلارنى قۇتقۇزماقچى بولدى (ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىززا قاتلىمى دۇكىنىنىڭ يەر ئاستى يوق ئىكەن).

لىنكولىنلىق ھۇگقا قايتىپ كېلىدىغان بولساق، ھېچكىم بۇ بالىنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بىراق لىنكولىن ناھىيەسىدىكى پوپلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىپ «ئەزىز» ئېلان قىلىنغان. تۈرلۈك «مۆجىزىلەر» نى كەلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان ۋە ئەنگلىيەدىكى بارلىق يەھۇدىيلار سۈرگۈن قىلىنىپ نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ بالىنىڭ مازىرى خىرىستىيان مۇرىتلىرى زىيارەت قىلىدىغان مەشھۇر جايغا ئايلانغان. ئاقىۋەت 1955- يىلغا كەلگەندە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، لىنكولىندىكى پوپ ئەينى چاغدىكى بوھتاننىڭ يالغانلىقىنى جاكارلاپ، ھۇگنىڭ قەبرە بېشىغا مۇنداق مەزمۇنلۇق بىر لەۋھە ئاستۇرغان:خىرىستىيان بالىلارنىڭ يەھۇدىي جامائىتى تەرىپىدىن مۇراسىمىدا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويدۇرما ھېكايىلەر ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە كەڭ تارقالغانىدى. بۇ توقۇلما ھېكايە نۇرغۇن بىگۇناھ يەھۇدىينىڭ جېنىغا زامىن بولدى، لىنكولىننىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئەپسانىۋى ھېكايىسى بار، قۇربانلىق قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىلگەن بۇ بالا پوپلار مازارلىقىغا 1255-يىلى دەپنە قىلىنغان. بۇ خىلدىكى ھېكايىلەر خىرىستىيانلىقنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزمەكتە. قىسقىسى، بەزى يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئۆمرى 700 يىلدۇر.

 

بىر چاغلاردا يالغان دەپ  قارالغان خەۋەرلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

 

ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توقۇلما ھېكايىلەرگە مۇراجىئەت قىلغان نوقۇل كونا ئېتىقاد شەكىللىرى ئەمەس. يېقىنقى زاماندا ھەر مىللەت مىللىي ئەپسانىسىنى ياراتتى. كوممۇنىزم، فاشىزم ۋە لىبېرالىزمغا ئوخشاش ئېقىملار ئۆزلىرىنى كۈچلۈك قىلالايدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناتسىست تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ باشلامچىسى ۋە زامانىۋى دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبە قازانغۇچىسى مېدىيا سېھىرگەرى جوسېف گىئوببېلسنىڭ ناھايىتى مېغىزلىق قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر قېتىم دېيىلگەن يالغان، يالغان پېتى داۋاملىشىدۇ، بىراق مىڭ قېتىم دېيىلگەن يالغان ھەقىقەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.« گىتلېر «كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا: «ئەڭ ئۈنۈملۈك تەشۋىقات تېخنىكىسى مۇنداق: ئاساسلىق بىر پىرىنسىپنى داۋاملىق ئېسىمىزدە تۇتمىساق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز. بىز بىر نەچچە تېما بىلەنلا چەكلىنىشىمىز كېرەك ۋە داۋاملىق بۇلارنى تەكرارلاپ تۇرۇشىمىز لازىم» دەيدۇ. كۈنىمىزدە يالغان خەۋەرلەرنىڭ تەسىر كۈچى توغرۇلۇق بۇنىڭدىن ئېسىل ئېيتىلغان يەنە بىر سۆز بارمۇ؟

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات مېخانىزمىمۇ ھەقىقەت مەسىلىسىدە خېلىلا ئېلاستىكلىق خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. بۇ مېخانىزم چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ تارىخىدىن يالغۇز بىر فوتو-سۈرەتكىچە بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ تارىخىنى يېڭىۋاشتىن قايتا يېزىپ چىقاتتى. 1936-يىلى 29-ئىيۇندا رەسمىي گېزىت بولغان <پراۋدا> (ھەقىقەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ). جوسىف ئىستالىننىڭ 7 ياشلىق قىزى گەيلا ماركىزوۋاغا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قۇچاقلىغان رەسىمىنى باش بەتتە ئېلان قىلدى. بۇ رەسىم ئئىستالىنپەرەستلىك بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈپ ئىستالىننى مىللەتنىڭ ئاتىسى ئېلان قىلىپ «بەخت-سائادەت ئىچىدىكى سوۋېت پەرزەنتلىرى» كەيپىياتى ياراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى مىقياسىدىكى بارلىق مەتبەئە ۋە زاۋۇتلار دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇش مەقسىتىدە بۇ سەھنىنى تەسۋىرلەيدىغان مىليونلارچە رەسىم، ھەيكەل ۋە موزايىك ياساپ چىقىشقا باشلىدى. رۇس ئورتودوكس چېركاۋىدا قۇچىقىدا بوۋاق ئەيسانى تۇتقان مەريەمنىڭ رەسىمى بولمىسا بولمىغاندەك، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەكتەپلەردە ئوماق گەلياننى قۇچاقلىغان ئىئىستالىن ئاتا رەسىمى بولمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بىراق ئىستالىن ئىمپېرىيەسىدە نام چىقىرىش پالاكەتنىڭ بېشارىتى ھېسابلىناتتى. بىر يىل ئىچىدە گەلياننىڭ ئۆز دادىسى ياپون ئىشپىيونى ۋە تروچكىست تېررورچى دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. 1938-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىستالىن تېررورىنىڭ مىليونلارچە قۇربانلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. گەيلا ۋە ئانىسى قازاقىستانغا سۈرگۈن قىلىندى، گەيلانىڭ ئانىسى بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن گۇمانلىق بىر شەكىلدە جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇنداقتا بۇ «خەلق دۈشمىنى» نىڭ قىزىنى قۇچاقلىغان مىللەتنىڭ ئاتىسىغا دائىر مىليونلارچە رەسىمنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر كوممۇنىست دۆلەتتە بۇنداق ئىشلار سىزچە مەسىلە پەيدا قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە ھېچقانداق مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ. ئۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ گەيلا ماركىزوۋانىڭ گېپى چىقمايدىغانلا بولدى، ھەر يەردىن غايىب بولغان «بەخت-سائادەت ئىچىدىكى سوۋېت پەرزەنتلىرى» دېگەن ئوبرازنىڭ ئورنىغا بىردەمدىلا ماملاكات نەكخانگوۋا ئوبرازى دەسىسدى. ماملاكات جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئېتىزلىقلاردا ھارماي-تالماي ئىشلەپ زور مىقداردا پاختا تېرىپ «لېنىن مېدالى» غا ئېرىشكەن 13 ياشلىق تاجىك بىر قىز ئىدى (رەسىمدىكى قىزنىڭ ئون ئۈچ ياش ئەمەسلىكىنى ئويلايدىغانلار چىققان بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىنقىلابقا قارشى بۇ چۈشەنچىسىنى قەتئىي ئوچۇق ئاشكارا دېمەيتتى).

سوۋېت تەشۋىقات مىخانىزمى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ھەم مەملىكەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى يوشۇرۇپ قالالايتتى ھەمدە سىرتقا يەنى ئۆزگە دۆلەتلەرگە ئوتوپىيەسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەرىقىدە بازارغا سالالايتتى. كۈنىمىزدە ئۇكرائىنالىقلار پۇتىننىڭ نۇرغۇن غەرب تاراتقۇسىنى رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە دونېتز ھاۋزىسىدىكى سىياسىتىدە ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا.  بىراق ئالداش سەنئىتىدە پۇتىن ئىستالىننىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. 1930-يىللارنىڭ بېشىدا نۇرغۇن ئۇكرائىنالىق ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ئىستالىن سەۋەب بولغان ئاچارچىلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا، غەربتىكى سولچىل ژۇرنالىستلار ۋە ئاكادېمىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ ياخشى جەمئىيەت دەپ كۆككە كۆتۈرۈشكەنىدى. فېيىسبۇك ۋە تۋىتتېر دەۋرىدە ئىنساننىڭ ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ قايسى ۋارىيانتىغا ئىشىنىشنى قارار بېرىشى بەزى چاغلاردا تەسكە توختىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر ھاكىمىيەتنىڭ مىليونلارچە ئىنساننى دۇنيادىن خەۋەرسىز قىرغىن قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئېتىقاد سىستېمىلىرى ۋە ئىدىئولوگىيەلەردىن سىرت ئېلان شىركەتلىرىمۇ توقۇلما ھېكايىلەر ۋە يالغان خەۋەر تارقىتىشقا ماھىر كېلىدۇ. ماركىلىشىش كۆپ چاغلاردا ئوخشاش بىر توقۇلما ھېكايىنىڭ ئىنسانلار بۇنىڭغا  ئىشىنىپ قايىل بولغۇچە قايتا-قايتا ئاڭلىتىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. كوكا-كولا دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا قانداق ئوبرازلار، شەكىللەر ۋە رەسىملەر كېلىدۇ؟ بەدەن چېنىقتۇرۇپ بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچقان كۈچتۈڭگۈر ياشلارمۇ؟ ياكى دوختۇرخانا كارىۋىتىدا ياتقان سېمىز دىيابېت كېسەلمۇ؟ داۋاملىق كوكا-كولا ئىچىش سىزنى نە ياشلاشتۇرمايدۇ نە تەنھەرىكەتچى قىلمايدۇ، سىزنى سېمىز ۋە دىيابېت كېسىلىدىن قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. بىراق كوكا-كولا ئۆزىنى ياشلىق، ساقلىق ۋە تەنتەربىيە بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان مىليارد دوللار سەرپ قىلدى ۋە مىلياردلارچە ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بۇ نەرسىلەرنى سىڭدۈردى.

ھەقىقەت شۇكى، ھېچقاچان ئىنسان ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ باقمىدى، يەنى كۈنتەرتىپنىڭ بىرىنچى رېتىدىن ئورۇن ئېلىپ باقمىدى. نۇرغۇن ئىنسان ئويلايدۇكى، مەلۇم بىر ئېتىقاد شەكلى ياكى ئىدېئولوگىيە ھەقىقەتنى خاتا نەقىل قىلسا، بۇ ئېتىقاد شەكلى ياكى ئىدېئولوگىيەنىڭ مۇرىتلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەتنى بايقايدۇ. ئەسلىدە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچى ھەقىقەت ۋە توقۇلما ھېكايەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەزگۈر تەڭپۇڭلۇققا باغلىقتۇر.

ھەقىقەتنى بەكلا بۇرمىلاپ كەتسىڭىز سىزنى ھەقىقەتتىن خالىي ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ئىتتىرىپ سىزنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، 1905-يىلى كىنجىكىتىلە نىگۋالە ئىسىملىك شەرقىي ئافرىقىلىق بىر مەديۇم (ئۆزىنى مۇقەددەس دەۋالىدىغان شەخس )ھوڭگو ئىسىملىك يىلاننىڭ روھى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يېڭى «مۇقەددەس كىشى» شەرقىي ئافرىقىدا گېرمانىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكىلەرنى بىرلىشىشكە چاقىرىپ  نېمىسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ سىگنالى بېرىدىكەنمىش. نىگۋالې سىگنالىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مۇرىتلىرىغا نېمىسلارنىڭ ئوقىنى سۇغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان بىر سېھىرلىك دورا بېرىپتۇ. ماجى ماجى ئىسيانى مۇشۇ تەرىقىدە باشلىنىپتۇ، بىراق غەلىبە قىلالماپتۇ. چۈنكى ئۇرۇش ئەسناسىدا نېمىسلارنىڭ ئوقلىرى سۇغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا قوراللىرى ئاز ئىسيانچىلارنىڭ بەدەنلىرىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 2000 يىل ئىلگىرى يەھۇدىيلارنىڭ رىملارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىمۇ، «ئىلاھ يەھوۋا» نىڭ يەھۇدىيلارنى قوللايدىغانلىقى ۋە يەھوۋانىڭ يېڭىلمەس كۆرۈنىدىغان رىم ئىمپېرىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىشىنىڭ ئەسىرى ھېسابلىناتتى. بىراق بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە قۇددۇسنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇشىغا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇنىڭدىن سىرت ئەپسانىلەر، ھېكايىلەر ۋە ئىدېئولوگىيەلەر بولماي تۇرۇپ ئىنسانلارنى ئۈنۈملۈك تەرىقىدە تەشكىللەش مۇمكىن ئەمەس. ساپ ھەقىقەتنىلا تۇتۇۋالسىڭىز، كەينىڭىزدىن ناھايىتى ئاز ئادەم ماڭىدۇ. ئەپسانىلەر، ھېكايىلەر بولمىسا نوقۇل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ماجى ماجى ۋە يەھۇدىي ئىيسانلىرىنىلا ئەمەس، زور غەلىبە قازانغان مەھدى ۋە ماققابىل ئىسيانلىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

راست گەپنى قىلساق، ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇرماقچى بولساق، يالغان ھېكايىلەرنىڭ ھەقىقەت ئالدىدا قۇرۇلمىلىق بىر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدۇر. جامائەتنىڭ، گۇرۇپپىنىڭ ياكى توپلۇقنىڭ ساداقىتىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئىنسانلارنىڭ بىمەنە ھېكايىلەرگە ئىشىنىپ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىش ھەقىقەتكە ئىشىنىپ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىشقا قارىغاندا بەكرەك ئىشقا يارايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۈنۈملۈك بىر سىناق بولىدۇ. چوڭ خوجايىن قوپۇپ «قۇياش غەربتىن چىقىپ شەرققە پاتىدۇ» دېگەن چاغدا، ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سادىق بولغان كىشىلەرلا ئالقىشلايدۇ. ئوخشاشلا، بارلىق قوشنىلىرىڭىز بىمەنە بىر ھېكايىگە ئىشەنسە، تۇيۇقسىز كىرىزىس كېلىپ چىققان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى قوللاپ ئىگە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسپاتلانغان ھادىسىلەرگە ئىشىنىشى نېمىنىڭ دەلىلى بولىدۇ؟

ئىنسانلارنى  ھېچ بولمىغاندا مەلۇم شارائىتلاردا توقۇلما ھېكايە ۋە ئەپسانىلەرنىڭ ئورنىغا كېلىشىملەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك شەكىلدە تەشكىللىگىلى بولىدۇ، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئىقتىسادىي ساھەدە پۇل ۋە شىركەتلەر (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىجادى ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ) ئىنسانلارنى تەڭرى ياكى مۇقەددەس كىتابقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەرىقىدە بىر-بىرىگە باغلىيالايدۇ. مۇقەددەس كىتاب مەسىلىسىدە ئېتىقادلىق بىرسى «بۇ كىتابنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىمەن» دەيدۇ، بىراق ئىش دوللارغا كەلگەندە تەقۋا بىرى قوپۇپ «باشقىلارنىڭ دوللارنىڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېيەلەيدۇ. دوللارنىڭ ئىنسان ئىجادى ئىكەنلىكى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان،بىراق دۇنيادىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئەپسانىلەر، ھېكايىلەرنى تاشلاپ دوللارغا ئوخشاش ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان كېلىشىم ئۈستىدە تەشكىللىنەلمەيدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇنداق ھەممە ئېتىراپ قىلغان دوللارغا ئوخشاش كېلىشىملەر توقۇلما ھېكايىلەردىن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابلار بىلەن پۇل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس. كۆپ قىسىم ئىنسان دوللارنى كۆرگەندە بۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىشى نەتىجىسىدە قىممەتكە ئىگە بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ. ئۈستىدە ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بىر  كىشىنىڭ رەسىمى بولغان بۇ يېشىل قەغەز پارچىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممىتى بارلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ. ئىنسان «ئەسلىدە بۇ قىممەتسىز قەغەز پارچىسىنى ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى، بۇ قەغەز پارچىسىنىڭ ئۆزگە ئىنسانلارغا نىسبەتەنمۇ قىممىتى بولۇشىدۇر» دېگەن گەپنى ئۆزىگە ئەسلىتىپ تۇرمايدۇ. بىر كىشىگە ئىچىگە يۈز دوللار پۇل لىق توشقۇزۇلغان بىر چامادان تەڭلەنگەن چاغدا، بۇ كىشىنىڭ مېڭىسىنى فۇنكسىيەلىك ماگنىتلىق رېزونانس  كۆرۈنۈشكە ئېلىش سىستېمىسى بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، مېڭىسىنىڭ ھاياجان بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن قىسىملىرىنىڭ گۇمانخور قىسىمى (باشقىلارمۇ بۇنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىدۇ) ئەمەس ئاچكۆزلۈك قىسمى (ئاھ تەڭرىم، مەن بۇنى خالايمەن) نى كۆرگەن بولاتتىڭىز. ئوخشاشلا، نۇرغۇن ئەھۋالدا ئىنسانلار ئىنجىل، ۋەدالار ياكى مورمون كىتابلىرىغا مەزكۇر كىتابلارنى مۇقەددەس دەپ قارايدىغان باشقا ئىنسانلارنى ئۇچراتقاندا مۇقەددەس دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابلارغا ھۆرمەت قىلىشنى، دوللارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەنگەن تەرىقىدە ئۆگىنىمىز.

شۇڭلاشقا، «بىر نەرسىنىڭ نوقۇل ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىشى نەتىجىسىدە قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلىش» بىلەن «بىر نەرسىنىڭ تەبىئىي قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش» ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. بۇ پەرق مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىنسان كۆپ چاغلاردا تېڭىرقاپ قالىدۇ. يەنە بىر مىسال بېرىشكە توغرا كەلسە، بىر مەسىلە توغرۇلۇق چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ۋاقتىڭىزدا، ھەممە ئادەم شىركەتلەرنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان توقۇلما نەرسە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە كېلىشەلەيدۇ. مىكروسوفتنى مىكروسوفت قىلغان قانداقتۇر بۇ شىركەتنىڭ ئېگىز بىنالىرى، خادىملىرى ياكى پايچىكلىرى ئەمەس. مىكروسوفت قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان مۇرەككەپ قانۇنىي توقۇلمىدۇر. بىراق ۋاقتىمىزنىڭ %99نى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزمەيمىز ۋە شىركەتلەرگە يولۋاسلار ياكى ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەققى مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىمىز.

ھەقىقەت بىلەن توقۇلما نەرسىلەرنى ئايرىيدىغان سىزىقنى غۇۋالاشتۇرۇش نۇرغۇن مەقسەتكە خىزمەت قىلىشى مۇمكىن (ئويۇن – تاماشا بولۇپ قالسۇن دېگەن بىر سەۋەبتىن ھاياتتا قېلىشقا ئوخشاش جىددىي بىر مەسىلىگىچە). ھەقىقەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ھېچ بولمىغاندا مەلۇم مەزگىل بولسىمۇ توختىتىپ قويماي تۇرۇپ، نە ئويۇن ئوينىيالمايسىز نە رومان ئوقۇيالمايسىز. پۇتبولدىن زوق ئېلىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ۋە بۇ قائىدىلەرنى ئىنسانلارنىڭ بېكىتىپ چىققانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. بۇنداق قىلمىسىڭىز 22 ئادەمنىڭ بىرلا توپنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈشىنى تولىمۇ بىمەنە ئىش دەپ قارايسىز. بىر ئاشقۇن ئىنگلىز پۇتبول مەستانىسى ياكى بىر ئارگېنتىنالىق مىللەتچى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن  ئويناشقا باشلىسا، مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە نۇرغۇن جېدەل كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شەخسىي كىملىكلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە چوڭ بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ  ۋۇجۇدقا چىقىشىدا رول ئوينىيالىغىنىغا ئوخشاش زوراۋانلىق سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىللەتلەر ۋە ئېتىقاد شەكىللىرى ھورمونلۇق پۇتبول كوماندىلىرىغا ئوخشايدۇ.

ئىنسانلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم بىلىدىغان ھەم بىلمەيدىغان بولۇپ بىر-بىرىگە زىت ئالاھىدىلىكى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر نەرسىنى بۇ نەرسە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاشقا باشلىغاندا بىلىپ قالىدۇ  بىراق كۆپ چاغلاردا ئويلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىلمەيدۇ. مەسىلەن پۇل توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانسىڭىز پۇلنىڭ توقۇلما بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز، لېكىن كۆپ چاغلاردا مەسىلىگە مەركەزلەشمەيمىز. بىرى سوراپ قالسا، پۇتبولنىڭ ئىنسان ئىجادى ئىكەنلىكىنى دەرھال دەپ بېرەلەيسىز. بىراق مۇسابىقىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسىڭىز، ھېچكىم سىزدىن بۇنداق سوئالنى سوراپ كەتمەيدۇ. ناۋادا ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاجراتسىڭىز، مىللەت دېگەن نەرسىنىمۇ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ھادىسەدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بىراق ئۇرۇش مەزگىلدە بۇنداق بىر نەرسە ئۈستىدە ئويلىنىش تولىمۇ بىمەنە بولۇپ بۇنىڭغا نە ۋاقتىمىز ۋە نە زېھنىمىز يوق.

ھەقىقەت بىلەن ھاكىمىيەت مەلۇم سەۋىيەگىچە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ بىراق ھامان بىر كۈنى ھەر ئىككىلىسى ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ. ناۋادا ھاكىمىيەتكە ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرسىڭىز، مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە چوقۇم ئەتراپقا توقۇلما ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىشقا مەجبۇر بولىسىز ياكى مۇشۇنداق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. بىراق دۇنيا توغرۇلۇق ھەقىقەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز چوقۇم مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە ھاكىمىيەتتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىتتىپاقداشلىرىڭىزنى نارازى قىلىپ قويىدىغان، قوللىغۇچىلىرىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدىغان ياكى ئىجتىمائىي بىرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئىشلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقىڭىز بولۇشى كېرەك، مەسىلەن ھاكىمىيىتىڭىزنىڭ مەنبەسى دېگەندەك. ھەقىقەت بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چوڭقۇر ھاڭنىڭ ھېچقانداق بىر سىرلىق تەرىپى يوق. ئەگەر بۇنى ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز، ئوتتۇرا تەبىقىدىكى بىر ئامېرىكىلىققا ئىرق مەسىلىسىنى دەپ بېقىڭ، ياكى ئىسرائىلىيەدىكى غول ئېقىمنى ياقلايدىغان بىر ئىسرائىلىيەلىكتىن ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى سوراپ بېقىڭ ۋەياكى ئادەتتىكى بىر ئادەم بىلەن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ بېقىڭ.

ئالىملار ئەلمىساقتىن بېرى مۇنۇ  زىددىيەتلىك مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ كەلدى. ھەقىقەتكە تۇرامدۇق ياكى ھاكىمىيەتكىمۇ؟ ھەممە ئادەمنى ئوخشاش بىر ھېكايىگە ئىشەندۈرۈپ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ ياكى بۆلۈنۈپ كەتسەكمۇ ھەقىقەتكە ئوچۇق بولامدۇق؟ مەيلى خىرىستىيان پوپلار بولسۇن مەيلى كۇڭزى تەلىماتىغا سادىق خىتايلار بولسۇن مەيلى كوممۇنىست ئىدېئولوگلار بولسۇن ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىلمىي ئورگانلار بولسۇن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقەتتىن ئەلا بىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى.

ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئىنسانلار ھاكىمىيەتنى ھەقىقەتتىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. دۇنيانى تىزگىنلەشكە دۇنيا چۈشىنىشكە قارىغاندا بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىمىز ۋە چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن ۋاقتىمىزدىمۇ دۇنيانى چۈشەنسەك دۇنيانى تېخىمۇ ئاسان تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايمىز. بۇ سەۋەبتىن، ھەقىقەت ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتىدىغان ۋە ئەپسانە ۋە ھېكايىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان بىر جەمئىيەت ئارۇز قىلسىڭىز، ئىنساندىن مەدەت كۈتمەڭ.

مېڭە يۇيۇش ماشىنىسىدىن قۇتۇلۇش

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار يالغان خەۋەر خەتەرلىك ئەمەس ياكى سىياسەتچىلەر ۋە دىن ئۆلىمالىرىنىڭ توختىماي يالغان سۆزلەش ھوقۇقى بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەر خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش،

ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىلمىي ژۇرنالىستلىق بىلەن تەشۋىقاتنى پەرقلەندۈرمەسلىككە ئوخشاش نەتىجىلەرمۇ ئوخشاشلا خاتادۇر. بارلىق يالغان خەۋەرلەرنىڭ كەينىدە ھەقىقىي ھادىسىلەر ۋە ھەقىقىي ئازابلار ياتىدۇ. مەسىلەن، ئۇكرائىنادا رۇس ئەسكەرلەر ھەقىقىي ئۇرۇش قىلدى، مىڭلارچە ئىنسان ئۆلدى ۋە يۈز مىڭلارچە ئىنسان ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىنسانلارنىڭ ئازابىنىڭ مەنبەسى كۆپ ۋاقىتلاردا توقۇلما نەرسىلەرگە بولغان ئىشىنىش بولسىمۇ بىراق بېشىغا كەلگەن ئازابلار راستتۇر.

بۇ سەۋەبتىن يالغان خەۋەرلەرنى نورمال قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا تەخمىن قىلغىنىمىزدىنمۇ ئېغىر بىر مەسىلىنىڭ بىر قىسمىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىز ۋە ھەقىقەت بىلەن توقۇلما نەرسىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ مۇكەممەل بولىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، ئەڭ چوڭ توقۇلما ۋە خىيالى ئىشلاردىن بىرى دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئىنكار قىلىش ۋە دۇنيانى يامان قول تەگمىگەن بىغۇبارلىق بىلەن شەيتانى يامانلىقنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىدىغان روشەن سىزىق بىلەن چۈشىنىۋېلىشتۇر. ھېچقانداق بىر سىياسەتچى توغرىنى تىلغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، بىراق بەزى سىياسەتچىلەر بەزىلەرگە قارىغاندا بەكرەك يامان كېلىدۇ، تاللاش پۇرسىتىم بولىدىغان بولسا، ئىستالىننى ئەمەس پايدىنى دەپ ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتىن قەتئىي ئىككىلەنمەيدىغان چېرچېلنى تاللىغان بولاتتىم، يەنى چېرچېلغا ئاۋاز بەرگەن بولاتتىم.  ھېچقانداق گېزىت بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس، بىراق بەزى گېزىتلەر ھەقىقەت ۋە توغرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىپ باقىدۇ، بەزىلىرى بولسا سېپى ئۆزىدىن مېڭە يۇيۇش ماشىنىسىدۇر. 1930-يىللاردا ياشىغان بولسام ئىدىم، پراۋدا ۋە دېر ستۇرمېر ئورنىغا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە ئىشەنگەن بولاتتىم.

ۋۇجۇدىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىزنى  دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنى قېزىشقا ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەممىمىزنىڭ بىردەك مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنقى بۆلۈملەردە قەيت قىلىنغىنىدەك، ھەممە نەرسىنى ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ بولالمايمىز. بىراق دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى، ھېچ بولمىغاندا گېزىت، تور بەتلىرى، تېلېۋىزور قانىلى ياكى بىر شەخس بولۇشىغا قارىماي بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنى سوراقلىشىمىز كېرەك. باشقا بىر ماقالىمىزدە مېڭىمىزنىڭ يۇيۇلۇشىنى قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ۋە ھەقىقەت بىلەن خىيالى ۋە توقۇلما نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قانداق ئايرىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلىمىز. ھازىرچە مۇنداق ئىككى ئاددىيغىنا تەكلىپنى بېرىمەن.

ئالدى بىلەن ئىشەنچلىك بىر ئۇچۇر مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەڭ. خەۋەرگە ھەقسىز ئېرىشىشنىلا كۆزلىسىڭىز، ئوتتۇرىغا چىققان مەھسۇلات سىز بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مۇنداق ئويلاڭ، نامەلۇم بىر مىلياردېر سىزگە مۇنداق تەكلىپنى بەردى: «ساڭا ئايدا 100 تۈرك لىراسى بېرىمەن، بىراق ساڭا سىياسىي ۋە سودا توغرۇلۇق بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى ساڭا سىڭدۈرىمەن.» سىز بۇنداق بىر تەكلىپنى قوبۇل قىلامتىڭىز؟ ئەقلى – ھوشى جايىدا بىرسى بۇ تەكلىپىنى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنداقتا نامەلۇم مىلياردېر يەنە بۇرۇنقىدىن سەل پەرقلىكرەك بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ھەر كۈنى بىر سائەت مېڭەڭنى يۇيۇشۇمغا رۇخسەت قىلساڭ، بۇنىڭ بەدىلىگە سەندىن ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن» بۇ تەكلىپ بىردىنلا مىليونلارچە ئىنسانغا جەلپ قىلارلىق كېلىشى مۇمكىن، بىراق سىز قەتئىي ئۇلاردىن بىرسى بولۇپ قالماڭ.

ئىككىنچى قائىدە شۇ: سىز قىزىقىدىغان ياكى ئەھمىيەت بېرىدىغان تېما بولسا، ئۇنىڭغا دائىر ئىلمىي ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چىقىڭ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئىلمىي ماتېرىياللار بولسا مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر، نوپۇزلۇق ئاكادېمىك نەشرىياتلار تەرىپىدىن بېسىلغان كىتابلار ۋە نوپۇزلۇق ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىروفېسسورلارنىڭ ماقالىلىرىدىن ئىبارەت. ئىلىم-پەننىڭ چېكى بارلىقى سىر نەرسە ئەمەس ۋە بىلىم ئۆتمۈشتە نۇرغۇن خاتالىقنى سادىر قىلدى. بىراق ئىلىم-پەن ساھەسى ئەسىرلەردىن بۇيان ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلدى، ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىدە خاتالاشقانلىقىنى ئويلاپ قالساق ھەرگىزمۇ خاتا بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ھېچ بولمىغاندا  سىز رەت قىلغان ئىلمىي نەزەرىيەلەرنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ ۋە قارىشىڭىزنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئىلمىي نەتىجىلەردىن پايدىلىنىڭ.

ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. مەيلى مېدىتسىنا بولسۇن مەيلى تارىخ بولسۇن، تېما مۇتەخەسسىسلىك ساھەسىڭىزگە ئالاقىدار بولسا ئاۋازىڭىزنى يۇقىرى چىقىرىڭ. سۈكۈت بىتەرەپلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، سۈكۈت ھاكىممۇتلەقلىككە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاكادېمىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە نەتىجىلىرىنى پەقەت بىر نەچچە مۇتەخەسسىسلا ئوقۇيدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىشمۇ مۇھىم. بىراق ئەڭ ئاخىرقى ئىلمىي نەزەرىيەلەرنى نوپۇزلۇق ئىلمىي كىتابلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق  ھەتتا سەنئەت بىلەن توقۇلما نەرسىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەلققە تەقدىم قىلىشىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ئىلىم ئەھلىلىرى ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يازسا قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئۇنچىۋالا ناچار پىكىر ئەمەس. سەنئەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە 21-ئەسىردە ئىلمىي فانتازىيە ئەڭ مۇھىم ژانىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى نۇرغۇن ئىنساننىڭ سۈنئىي ئەقىل، بىيوئىنژىنېرلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش ساھەلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى دەل ئىلمىي فانتازىيە شەكىللەندۈرىدۇ. بىر مەسىلىنى ياكى تېمىنى پىششىق بىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، پىششىق بىلىش ئەمەلىيەتتە ئېھتىياجدۇر، بىراق مەسىلىگە سىياسىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئېسىل چىققان بىر ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم ئىلىم-پەن ۋە تەبىئەت ژۇرناللىرىدا چىققان ماقالىلەرگە قارىغاندا بەكرەك قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

 

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*