ھېچكىم دۇنيانىڭ مەركىزى ئەمەس

2019-يىلى 7-مارت

يۇۋال ھارىرى

نۇرغۇن ئىنسان ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كىشى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەتنىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل مەدەنىيەت دەپ قاراشقا مايىل كېلىدۇ. نۇرغۇن گىرېك تارىخىنىڭ ھومېروس، سوپوكلېس ۋە ئەپلاتوندىن باشلايدىغانلىقىغا ۋە بارلىق مۇھىم قاراش ۋە كەشپىياتلارنىڭ ئافېنا، ئىسپارتا، ئىسكەندىرىيە ياكى كونىستانتىنپولوستا ئاپىرىدە بولغانلىقىغا چىن ئىشىنىۋالىدۇ. خىتاي مىللەتچىلىرى بولسا بۇ گەپ-سۆزلەرگە مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ جاۋاب سۈپىتىدە تارىخنىڭ سېرىق ئىمپېرىيە، شىيا ۋە شاڭ خاندانلىقلىرى بىلەن باشلايدىغانلىقىنى ۋە غەربلىكلەر، مۇسۇلمانلار ياكى ھىندىستانلىقلارنىڭ بارلىق ھۈنەرلىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ خىتاي كەشپىياتلىرىنىڭ تەقلىدى ئىكەنلىكىنى كۆرەڭلەپ تۇرۇپ دېيىشىدۇ.
ھىندىستانلىقلار خىتاينىڭ بۇ چوڭ گەپلىرى ۋە كىبىرلىكىگە پىسەنتمۇ قىلماي ئايروپىلان ۋە يادرو بومبىلىرىنىڭ نە كۇڭزى، نە ئەپلاتۇن ، نە ئېينىشتىن نە رايت ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىغا چىقمىغان چاغدا، ھىندى يېرىم ئارىلىدا ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. مەسىلەن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئايروپىلانلارنىڭ ماھارىشى باردۋاج تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىجاد قىلىپلا قالماستىن تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن شەخسنىڭ ۋىشۋامىترا ئىكەنلىكىنى، ئاچاريا كانادنىڭ ئاتوم نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ ماھابھاراتا تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن تەرىپلىنىپ بولغانلىقىنى بىلەمتىڭىز؟
دىندار مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەردىن بۇرۇنقى تارىخنى ئاساسەن ئەھمىيەتسىز دەپ قارىشىدۇ ۋە قۇرئان نازىل بولغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ مەركىزىدە يەنىلا ئىسلام ئۈممىتى بارلىقىنى دېيىشىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تۈرك، ئىران ۋە مىسىرلىق مىللەتچىلەر بولسا مۇھەممەد پەيغەمبەر كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ پەخرى ئىكەنلىكىگە ۋە قۇرئان نازىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئىسلامنىڭ ساپلىقى ۋە چىنلىقىنى قوغداپ ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتقۇچىنىڭ يەنىلا ئۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ئىنگلىز ، فىرانسۇز، نېمىس، ئامېرىكىلىق، رۇس، ياپون ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەت پۇقرالىرى ئوخشاشلا ئۆز مىللىتىنىڭ قالتىس ئىجادلىرى ۋە ئۇتۇقلىرى بولمىسا ئىنسانىيەتنىڭ قالاق ۋە ئەخلاقتىن مەھرۇم ھالەتتە نادانلىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرەڭلىگەن ھالدا دېيىشىدۇ. سىياسىي ئورگانلار ۋە دىنى ئېتىقادلارنىڭ دۇنيانىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى دېگەنلەرمۇ چىقتى. مەسىلەن، ئازتەكلەر ھەر يىلى قۇربانلىق قىلمىسا قۇياشنىڭ چىقمايدىغانلىقىنى ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قىسىملىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ دېيەلەيدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار تارىخقا ئېغىر دەرىجىدە سەل قاراشنىڭ ئىپادىلىرى، خالاس. ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا تارقىلىپ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى ئۆزلىرىگە كۆندۈرگەندە، تۇنجى شەھەرلەرنى بەرپا قىلغاندا ياكى يېزىق ۋە پۇلنى ئىجاد قىلغاندا ھازىرقى ئېتىقاد شەكىللىرى ۋە مىللەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى. ئەخلاق، سەنئەت، مەنىۋىيەت ۋە ئىجادچانلىق دېگەن نەرسىلەر گېنلىرىمىزغا نەقىشلىۋېتىلگەن ئىنسان قابىلىيەتلىرىدۇر. تۇنجى ئىنساننىڭ تاش دەۋرىدىكى ئافرىقىدا ئاپىرىدە بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇلارنى خىتاينىڭ سېرىق ئىمپېرىيەسىگە ياكى ئەپلاتۇن دەۋرىدىكى گىرېتسىيەگە تەۋە قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
مەن ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى ياكى ئەڭ قالتىس مىللەت دېگەن بۇنداق شوئارلارنى تولىمۇ ياخشى بىلىمەن، چۈنكى ئۆز مىللىتىم بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ ئەڭ قالتىس مىللىتى دەپ ئويلىۋېلىپ، ئۆزلىرى بولمىسا دۇنيا چۆگلىمەيدىغاندەك گەپلەرنى قىلىشىپ كېتىدۇ. دۇنيادا ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ ئۇتۇقلار، ئەسەرلەر، ئىدىيەلەر ۋە ئىجادلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسى بارلىقىنى، ئۆزلىرىسىز بۇ نەرسىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمىغانلىقىنى سۆزلەپ كېتىدۇ. ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار بۇ گەپلىرىگە چىن ئىشىنىدۇ. بىر كۈنى بىر يوگا تەلىم-تەربىيە كۇرسىغا بارغانىدىم، كۇرستىكى بىر ئوقۇتقۇچى يوگانى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ تاپقانلىقىنى ۋە ئاساسلىق يوگا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىبرانى ئېلىپبەسىگە ئاساسەن پەيدا قىلىنغانلىقىنى دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەزرىتى ئىبراھىم يوگا ھەرىكەتلىرىنى بىر دېدىكىنىڭ ئوغلىغا ئۆگىتىپ قويۇپتىكەنمىش، بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھىندىستانغا بېرىپ يوگا ھەرىكەتلىرىنى ھىندىلارغا ئۆگەتكەنمىش. مەن ئوقۇتقۇچىدىن بۇنىڭ ئىسپاتى بار يوقلىقىنى سورىدىم، ئوقۇتقۇچى ئىككىلەنمەي ”تەكۋىن“دىن مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى:“دېدەكلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ھەدىيەلەر تەقدىم قىلدى، ئۆزى ساق ۋاقتىدا دېدەكلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەزرىتى ئىسھاقتىن يىراق جايغا ئەۋەتتى ”تەكۋىن 25:6“. سىزچە بۇ ھەدىيەلەر نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ بۇنىڭغا قارىغاندا، يوگانىمۇ يەھۇدىيلار ئىجاد قىلغانىكەنمىش.
يوگانىڭ ئىجادچىسىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى ئويلىۋېلىش ئاشقۇن بىر قاراش. بىراق غول ئېقىم يەھۇدىيلىقتا تېخىمۇ ئاشقۇن مۇنداق بىر قاراش مەۋجۇت: كائىنات بارلىق يەھۇدىي ھاھاملار (يەھۇدىي دىنى ئۆلىمالار) ئىنسانىيەتكە ياخشى خىزمەت قىلسۇن دېگەن مەقسەتتە يارىتىلغان، ناۋادا يەھۇدىي ھاھاملار بۇنى قىلمىسا كائىناتنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. قۇددۇس ۋە بروكلىيىندىكى ھاھاملار تەلمۇد ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشنى توختاتسا خىتاي، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە، ھەتتا تاشقى پىلانېتىنىڭ ھەممىسى يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئورتودوكس يەھۇدىي ئېتىقادىنىڭ ھەر قانداق بىر ئاساسىدىن گۇمان قىلغۇچىلار ياكى رەت قىلغۇچىلار دۆلەتلەر سىنىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ. لايىك يەنى دىندىن خالىي يەھۇدىيلار بۇنداق قاراشلارغا ئەلۋەتتە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئەپسۇس ئۇلارمۇ يەھۇدىي ئىرقىنىڭ دۇنيا تارىخىنىڭ ئاساسلىق قەھرىمانلىرى ۋە ئەخلاق، مەنىۋىيەت، ئىلىم ۋە ئېرپاننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
مىللىتىم ئۆزىدىكى نوپۇس ۋە نوپۇس كىرىزىسى مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشنى خالىمايدۇ. تالاش-تارتىش قىلغاندىمۇ ئاساسسىز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇۋالىدۇ. ئىنساننىڭ ياتلارنى تەنقىد قىلغاندىن بەكرەك ئۆز مىللىتىنى تەنقىد قىلىشى ئەدەپ -قائىدىلىك ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇبالىغە قىلىنغان چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش نۇقتىسىدىن يەھۇدىيلاردىن مىسال بېرىپ، ئۆز قەبىلىلىرىنى پۈۋلەپ شارچىلىرىنى ئېتىلدۇرۇۋېتىش ئىشىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇپ قويىمەن.

فىرۇئىدنىڭ ئانىسى
ئىنسان نەسلىنىڭ قىسقىچە تارىخى ناملىق كىتابىمنى ئىسرائىيەلىك ئوقۇرمەنلىرىمنى ئاساس قىلىپ ئىبرانىيچە يېزىپ چىققانىدىم. مەزكۇر كىتابنىڭ ئىبرانىيچىسى 2011-يىلى نەشر قىلىنغاندا، ئوقۇرمەنلەر مەندىن ئەڭ كۆپ مۇنداق بىر سوئالنى سوراشتى: ئىنسان ئىرقىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىپسىز بىراق نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلار توغرىسىدا كۆپ توختالمىدىڭىز. خىرىستىيانلىق، ئىسلام ۋە بۇددىزمنى كۆپ تىلغا ئاپسىز، بىراق يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىيلىق توغرۇلۇق ناھايىتى ئاز توختىلىپسىز. ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ بۈيۈك تۆھپىلىرىنى قەستەن كۆرمەسلىككە سالدىممۇ قانداق؟ يامان نىيەتلىك بىر سىياسىي غەرىزىم بارمۇ؟
بۇنداق سوئاللار يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان بارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا يەھۇدىيلىقنى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ چولپىنى سۈپىتىدە چۈشىنىشكە مايىل قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلارغا تولىمۇ تەبىئىي ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەلىك بالىلار ئومۇمەن ئون ئىككى يىللىق تەلىم-تەربىيەسىنى دۇنيا تارىخىنى يۈزەكى چۈشىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. خىتاي، ھىندىستان ۋە ئافرىقا توغرۇلۇق ئاساسەن بىر نەرسە ئۆگىنىپ چىقمايدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى، فىرانسىيە ئىنقىلابى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى توغرۇلۇق دەرس تىڭشىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق تارقاق مەلۇماتلار ئۇلارنى دۇنيا تارىخى ھەققىدە بىر پۈتۈن رامكىغا ئىگە قىلالمايدۇ. يەنى ئۇلار دۇنيا تارىخى توغرۇلۇق سىستېمىلىق ۋە بىر پۈتۈن مەلۇماتلارنى ئىگىلەشتىن تامامەن مەھرۇم چوڭ بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىسرائىلىيە مائارىپ سىستېمىسى تاڭغان تاق يۆنىلىشلىك تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىپ چىقىدۇ.مەسىلەن، تارىخ دەرسى دەسلەپ تەۋراتتىن باشلىنىدۇ، ئارقىدىن 2-ئىبادەتخانا دەۋرى بايان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل يەھۇدىي دىئاسپورالىرى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئارقىدىن زىيونىزم، يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاڭلىتىلىپ دەرس ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ھېكايىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىك دائىرىسى، مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دېگەن چۈشەنچىدە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى دەرستە رىم ئىمپېرىيەسى ياكى فىرانسىيە ئىنقىلابى سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ، سىنىپتىكى تالاش-تارتىشلار رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ياكى فىرانسىيە ئىنقىلابى ئەسناسىدا يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي سالاھىيىتىگە مەركەزلىشىدۇ. مۇشۇنداق بىر تارىخنى ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن يەھۇدىيلار، يەھۇدىيلىقنىڭ دۇنياغا زور تەسىر بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاراشنى قانداقمۇ ھەزىم قىلالىسۇن.
شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، يەھۇدىيلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس. خىرىستىيانلىق، ئىسلام ۋە بۇددىزمغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل دىنلارنىڭ ئەكسىچە، يەھۇدىيلىق دائىم قەبىلە چېگراسىدىن ھالقىيالماي تۇرۇپ قالغان بىر خىل ئېتىقاد شەكلىدۇر. ئالىقانچىلىك بىر زېمىن ئۈستىدە ياشايدىغان كىچىككىنە بىر مىللەتنىڭ دىن، ئۆزگە مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى ناتايىن. مەسىلەن، ياپونىيەدە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقى ياكى ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى ئىنسانلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىخى رولىنى چەكلىك دائىرىدىلا بولۇپ قېلىشى تولىمۇ نورمال ۋە تەبىئىي ئىش ھېسابلىنىدۇ.
يەھۇدىيلىقنىڭ تارىختا خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلامنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرا. بىراق خىرىستىيانلار ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ياراتقان تۆھپىلىرى ياكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ جاۋابكارى يەھۇدىيلار بولماستىن خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەھلى سەلىپلەرنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ۋابالى يەھۇدىيلارنىڭ بوينىغا بولمىغاندەك، خىرىستىيانلىقتىكى تەڭرى ئالدىدا پۈتكۈل ئىنسان باراۋەردۇر دېگەن قاراشنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى توغرا ئىش ئەمەس.(بۇ قاراش كۈنىمىزدىمۇ يەھۇدىيلارنى باشقا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئورتودوكس ئېتىقادىغا تۈپتىن زىت ھېسابلىنىدۇ.)
يەھۇدىيلىقنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوينىغان رولى، فىرۇئىدنىڭ ئانىسىنىڭ غەرب تارىخىدا ئوينىغان رولى بىر ئاز ئوخشاپ قالىدۇ. سىگمۇند فىرۇئىدنىڭ چاغداش يەنى زامانىۋى غەرب بىلىمى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا مەيلى سەلبىي جەھەتتىن بولسۇن مەيلى ئىجابىي جەھەتتىن بولسۇن كۆرسەتكەن تەسىرى ھەقىقەتەن زور. فىرۇئىدنىڭ ئانىسى بولمىغان بولسا فىرۇئىدنىڭ ئۆزىمۇ بولمايتتى، فىرۇئىد ئۆزىمۇ قوبۇل قىلغاندەك فىرۇئىدنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ۋە كۆز-قاراشلىرى ئانىسى بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر مۇناسىۋىتى تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن. بىراق چاغداش يەنى مودېرىن غەرب تارىخى يېزىلغاندا فىرۇئىدنىڭ ئانىسىنىڭ چوقۇم تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ھېچكىم تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئوخشاشلا يەھۇدىيلىق بولمىغان بولسا خىرىستىيانلىقمۇ بولمايتتى، بىراق دۇنيا تارىخىنى يازغاندا يەھۇدىيلىقنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. مۇھىم بولغىنى خىرىستىيانلىقنىڭ بىر يەھۇدىي ئانىسىنىڭ مىراسى بىلەن نېمىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدۇر.
يەھۇدىي خەلقنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تارىخقا ئىگە بولغان ئۆزگىچە خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم (نۇرغۇن مىللەتمۇ ئوخشاش ئەلۋەتتە)، ئوخشاشلا يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ چوڭقۇر ئىدىيەۋى پىكىرلەر ۋە قىممەت قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىمۇ بەرھەق بىر ئىش (بىراق يەھۇدىيلار ئىچىدە بىر قىسىم گۇرۇھلاردا ئاشقۇن پىكىرلەر، ئاياللار ۋە ئوخشاش جىنىسلىقلارغا مايىل كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس). ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى 2000 يىل ئىچىدە نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك دەرىجىدە تارىخىي تەسىرى بارلىقىمۇ توغرا. بىراق ئىنسان تۈرىنىڭ تارىخىغا كەڭ قارايدىغان بولساق، يەھۇدىيلىقنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۇنچىۋالا مۇبالىغە قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.ئىنسانلار يەھۇدىيلىق پەيدا بولماستىن مىڭلارچە يىل ئىلگىرىلا زېمىنغا تارقىلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ شەھەرلەر قۇرۇپ چىقتى ھەتتا يېزىق ئىجاد قىلدى.
تارىخقا خىتايلار ياكى ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ھىندىئانلارنىڭ نەزىرىدىن قارايدىغان بولساق، يەھۇدىيلىقنىڭ كېيىنكى 2000 يىل ئىچىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈدەك تۆھپىسى يوقلىقىنى، خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق تارىخ سەھنىسىگە داخىل بولغانلىقىغا شاھىت بولىمىز. ئىبرانىيلارنىڭ تەۋراتى تارىخنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسىغا يۈكسەلدى، چۈنكى بۇ خىرىستىيانلىق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئىنجىلغا داخىل قىلىندى. بۇنىڭ ئەكسىچە، يەھۇدىي مەدەنىيىتىدە تەۋراتتىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان تەلمۇد، خىرىستىيانلىق تەرىپىدىن رەت قىلىندى، نەتىجىدە بۇ ياپونلار، مايالار، ئەرەبلەر، پولشالىقلار ياكى گوللاندىيەلىكلەرمۇ بىلمەيدىغان سىرلىق كىتابقا ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى (بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولۇپ، تەلمۇد تەۋراتقا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدىيەۋى پىكىرگە ئىگىدۇر.)
تەۋراتتىن ئىلھام ئېلىنىپ روياپقا چىقىرىلغان مۇھىم بىر ئەسەرنى بىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە: مىچېلانگېلونىڭ داۋۇت ھەيكىلى، ۋېردىنىڭ نابۇككو ئوپېراسى، كېجىل ب. دېمايىلنىڭ ئون بۇيرۇق ناملىق فىلىمى قاتارلىقلاردۇر. ئۇنداقتا ئىنجىلدىن ئىلھام ئېلىنىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان بىرەر ئەسەرنى بىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە: لىيورنادونىڭ ئاخىرقى كەچلىك زىياپەت رەسمىي ، باچىڭ س. ماتتۋې ئىشىق ناملىق مۇزىكا ئەسىرى، مونتى بىتخوۋىننىڭ بىرىياننىڭ ھاياتى ناملىق فىلىمى قاتارلىقلار. ئۇنداقتا مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقايلى: تەلمۇدتىن ئىلھام ئېلىنىپ روياپقا چىقىرىلغان بىر نەچچە مۇھىم ئەسەرنى بىلەمسىز؟
تەلمۇدنى يادقا ئالغان يەھۇدىي جامائىتى دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىغا تارقالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ياۋروپانىڭ بايقىلىشىدا، دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ياكى سانائەت ئىنقىلابىدا يارىتىلىشىدا م رول ئوينىمىدى. تەڭگە پۇل، ئالىي مەكتەپ، پارلامېنت، كومپاس، مەتبەئە ۋە پار ماشىنىسى قاتارلىقلارنى يەھۇدىي بولمىغانلار ئىجاد قىلدى.

تەۋراتتىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئەخلاقتۇر

ئىسرائىيەلىكلەر «ئۈچ چوڭ دىنى» تېرمىنىنى ئاساسەن خىرىستىيانلىق (2 مىليارد 300 مىليون)، ئىسلام (1 مىليارد 800 مىليون) ۋە يەھۇدىيلىق (15 مىليون)ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. 1 مىليارد كىشى ئىشىنىدىغان ھىندۇئىزم، 500 مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان بۇددىزمدىن سىرت شىنتوزم (50 مىليون) ۋە سىخىزم (25 مىليون) نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. «ئۈچ چوڭ دىن»تېرمىنى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زېھىن دۇنياسىدا پۈتكۈل بۈيۈك دىنلارنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەخلاقىي قائىدىلەرنى بېكىتكەن تۇنجى دىننىڭ يەھۇدىيلىقنىڭ قوينىدىن چىققان دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. گويا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى ئىنسانلار ھوببېسنىڭ قولىدىن پەيدا بولغان تەبىئەت چۈشەنچىسىدەك ھېچقانداق ئەخلاقىي چۈشەنچىسى بويىچە ياشىمىغانمىش، بارلىق زامانىۋى ئەخلاق چۈشەنچىسى ئون بۇيرۇق سەۋەبى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانمىش. بۇ قاراش ئاساسىدۇر.
ھەزرىتى ئىبراھىمدىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرى، تاش قوراللار دەۋرىدە ياشىغان ئوۋچى توپلۇقنىڭمۇ ئەخلاق قائىدىلىرى بار ئىدى. ياۋروپالىق كۆچمەنلەر ئاۋسترالىيەگە 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىم بارغان چېغىدا نە ھەزرىتى مۇسانى نە ھەزرىتى ئىبراھىمنى كۆرۈپ باقمىغان بىراق ئەخلاقىي جەھەتتىن تولىمۇ ئېسىل بولغان ئابورجىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى. يەرلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ۋەھشىيلەرچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالغان خىرىستىيان جاھانگىرلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق نامايان قىلغانلىقىنى ھەرگىزمۇ دېيەلمەيمىز.
قەدىمكى چاغلاردا ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ياشايدىغان ئىنسان توپلۇقلىرى ئىچىدە ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاقساقاللارمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، «ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئوغرىلىق قىلماڭلار»دېگەندەك بۇيرۇقلار سۈمەر شەھەر دۆلەتلىرىدە، مىسىردىكى پىرئەۋن دەۋرلىرىدە ۋە بابىل ئىمپېرىيەسىدە قانۇن ۋە ئەخلاقىي قائىدىلەر بار ئىدى. تەرتىپلىك تەتىل كۈنلىرى يەھۇدىيلار شابات ئادىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىمۇ بار ئىدى، ئاموس ئىسرائىلىيەلىك سەرخىللارنى زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئەيىبلەشتىن مىڭ يىل ئىلگىرى، بابىل پادىشاھى ھامۇرابى «تەڭرىلەر»دىن مۇنداق ئۆتۈنگەنىكەن: «ماڭا بۇ زېمىنلاردا ئادالەت بەرپا قىلىشقا، رەزىللىكنى يوق قىلىشقا ۋە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشىغا توسالغۇ بولۇشقا نېسىپ قىلغىن.»
بۇ ئەسنادا مىسىردا ھەزرىتى مۇسا تۇغۇلۇشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى، كاتىپلار «بالاغەت ئىگىسى سەھرالىق»ناملىق ھېكايىنى يېزىۋاتاتتى. بۇ ھېكايىدە نامرات بىر دېھقاننىڭ مۈلكى ئاچكۆز بىر پومېشچىك تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېھقان پىرئەۋننىڭ چاكارلىرىغا ئەھۋالىنى شىكايەت قىلىدۇ، بىراق پىرئەۋننىڭ خادىملىرى ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ، دېھقان پىرئەۋننىڭ نېمە ئۈچۈن ئادالەت بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ نامراتلارنى بايلاردىن قوغداش لازىملىقىنى ھەر يەردە دېيىشكە باشلايدۇ. ئۇ نامراتلارنىڭ بىر نەچچە نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىگە ئوخشىتىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە دۆلەت چىرىكلەشكەنلىكتىن نامراتلارنىڭ بۇرۇنلىرى توسۇلۇپ قالغان، نەتىجىدە نامراتلار نەپەس ئالالماي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.
نۇرغۇن قانۇن يەھۇدىي ۋە ئىسرائىلىيە خانلىقلىرى قۇرۇلماستىن ئىلگىرى يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭ يىل بۇرۇن مىسسوپوتامىيە، مىسىر ۋە كەنان قاتارلىق جايلاردا تەتبىق قىلىنغان قانۇنلارنىڭ تەقلىتىدىن ئىبارەت، خالاس. تەۋراتتىكى يەھۇدىيلىقنىڭ قىلغىنى بۇ قانۇنلارغا بەزى يېڭى مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈش بولغان، يەھۇدىيلىق بۇ قانۇنلارنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ۋە ئالەمشۇمۇل بولۇش خاراكتېرىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنى يەھۇدىي خەلقىگىلا خاس ھالەتكە كەلتۈرۈپ مىللىيلىق تۈسى بەردى. يەھۇدىي ئەخلاقىي سىستېمىسى باشتىلا قەبىلىگە خاس مەسىلە تەرىقىسىدە شەكىللەندۈرۈلدى، كۈنىمىزدىمۇ بۇ ئەينەن داۋاملاشماقتا. تەۋرات، تەلمۇد ۋە كۆپ قىسىم يەھۇدىي دىنى ئۆلىما بىر يەھۇدىينىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزگىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئەزىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلار بىر يەھۇدىينىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلسە شابات قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئىككىلەنمەي زىت ھەرىكەت قىلالايدۇ، بىراق خەتەر ئاستىدا قالغان يەھۇدىي بولماي قالسا شابات قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىدۇ (بابىل تەلمۇد، يوما 84:2).
بەزى يەھۇدىي ئالىملار ”خوشناڭلارنى ئۆزۈڭلەرنى قانداق ياخشى كۆرسەڭ شۇنداق ياخشى كۆرۈڭلار“دېگەن مەشھۇر سۆزنىڭ پەقەت يەھۇدىيلارغا خاس ئىكەنلىكىنى، يەھۇدىي بولمىغانلارنى ياخشى كۆرۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر مۇقەددەس بۇيرۇقنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ لەۋھەلىرىدە مۇنداق مەزمۇن بايان قىلىنىدۇ:“ئۆز خەلقىڭدىن ئىنتىقام ئالمىغىن، ئۇلارغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمىغىن، قوشناڭنى ياخشى كۆرگىن. بۇ تەۋراتنىڭ يەھۇدىيلارغا ئەمالىقەلەر ۋە كەنانلىقلارغا ئوخشاش بەزى خەلقلەرنى قەتل قىلىشنى بۇيرۇشى بىلەن تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:“ھېچكىمنى ساق قويماڭلار“دەپ بۇيرۇيدۇ تەۋرات. ”ھەممىسىنى يوق قىلىڭلار: ھىتىت، كەنان، پەرز ، ھىۋ ۋە يەۋۇس خەلقلىرىنى تەڭرىڭلار بۇيرۇغان تەرىقىدە…“(تەسنىيە 20:16-17). بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىرقىي قىرغىنچىلقنىڭ مەجبۇرىي بىر دىنى ۋەزىپە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ تۇنجى مىساللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
يەھۇدىي ئەخلاقىي قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئىلغاپ ئېلىپ ئالەمشۇمۇل بۇيرۇقلارغا ئۆزگەرتىپ دۇنياغا تارقاتقانلار خىرىستىيانلاردۇر. ھەقىقەتەن خىرىستىيانلىق ئالەمشۇمۇللۇق جەھەتتىن يەھۇدىيلىقتىن روشەن پەرقلىنىدۇ. كۈنىمىزدە نۇرغۇن يەھۇدىي ”تاللانغان كىشىلەر“تەڭرىگە تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ، دېگەن ئېتىقادقا ئىگە بولسىمۇ، خىرىستىيانلىقنىڭ بەرپاچىلىرىدىن تارسۇسلۇق پاۋلۇس، گالاتىيالىقلارغا يازغان مەشھۇر خېتىدە: نە يەھۇدىي، نە گىرېك، نە قۇل، نە ئازاد كىشى، نە ئەر نە ئايال دەپ بىر نەرسە يوق، چۈنكى ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە نىسبەتەن بىر ھېسابلىنىسىلەر، دېگەنىدى (گالاتيالىقلار3:28).
ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، خىرىستىيانلىقنىڭ تەسىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئەكسىچە، بىر ئىنساننىڭ ئالەمشۇمۇل بىر ئەخلاق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ چىقىشىنىڭ تۇنجى مىسالى بۇ ئەمەس ئىدى. تەۋرات ئىنسان ئەخلاقىنىڭ يېگانە ۋەكىلى بولالمايدۇ (چۈنكى تەۋراتتا ئىرقچىلىق، ئايال ۋە ئوخشاش جىنىسلىقلارغا مۇھەببەت باغلىغۇچىلارغا دۈشمەن ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتساق، ھەرنېمە بولسا ئالەمشۇمۇل خاراكتېرگە ئىگە بولماپتىكەن). كۇڭزى، لاۋزى، بۇددا ۋە ماھاۋىرا قاتارلىق شەخسلەر كەنان ياكى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا، شۇنداقلا پاۋلۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇزۇن يىل ئىلگىرى ئالەمشۇمۇل ئەخلاق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ چىققانىدى. كۇڭزى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزگىلەرنى ئۆزىنى قانداق ياخشى كۆرگەن بولسا شۇنداق ياخشى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى، مەشھۇر يەھۇدىي دىنى ئۆلىما ھىللېل ھا-گادول ”تەۋرات دەل مۇشۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ“دېيىشتىن بەش يۈز يىل ئىلگىرى ئويلاپ بولغانىدى. يەھۇدىيلىق ھېلىھەم ئىنسانلارنى قىرغىن قىلىشنى بۇيرۇيدىغان بولسا، بۇددا ۋە ماھاۋىرا ئىنسانلاردىن باشقا ھاشارەتلەرگىمۇ زىيان بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى نەسىھەت قىلغانىدى. بۇ سەۋەبتىن مەيلى يەھۇدىيلىق بولسۇن مەيلى خىرىستىيانلىق بولسۇن ئۆزلىرىنىڭلا ئەخلاقىي سىستېمىلارنىڭ يېگانە بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى توغرا ئەمەس.

يەھۇدىي فىزىكىسى، خىرىستىيان بىيولوگىيەسى

ھازىرقى زامان پەن ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا يەھۇدىيلارنىڭ غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقى دەر ھەقىقەت، بىراق بۇ ھەر ۋاقىت ئۇنداق بولمىدى، يەھۇدىيلار ئىلىم-پەن ساھەسىدە 19- ۋە 20-ئەسىردە بەكرەك كۆزگە چېلىقتى، خالاس. ئېينىشتىن ۋە فىرۇئىدقا ئوخشاش مەشھۇر كىشىلەردىن سىرت ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتلىرىنىڭ %20نى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران مىڭدە ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغان يەھۇدىيلار ئالدى. بىراق بۇ قالتىس ئەھۋالنىڭ يەھۇدىي دىنى ياكى مەدەنىيىتىدىن بەكرەك مۇستەسنا يەھۇدىيلارنىڭ قابىلىيىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن ئىككى ئەسىردىكى مەشھۇر يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى، يەھۇدىي دىنى چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلدى. يەھۇدىيلار بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ۋە ئۇتۇقلارنى ئىبادەتخانىلاردا تەۋراتنى ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەس ئىلمىي تەجرىبىخانىلاردا قولغا كەلتۈردى.
1800-يىللاردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى تولىمۇ چەكلىك. خىتاي، ھىندىستان ياكى مايا مەدەنىيەتلىرى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدا ھېچقانداق رولى بولمىغان، دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە مايمونىدېسقا ئوخشاش بەزى يەھۇدىي مۇتەپەككۇرلار يەھۇدىي بولمىغانلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يەھۇدىيلارنىڭ تەسىرى نوپۇسىغا نىسبەتەن ئوڭ تاناسىپتۇر. يەھۇدىيلار 16، 17، 18-ئەسىرلەردە ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئۇنچىۋالا رول ئوينىمىدى. قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى سەۋەبلىك يەھۇدىي جامائىتىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سىپىنوزادىن باشقا ھازىرقى زامان فىزىكىسى، خىمىيە، بىيولوگىيە ياكى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان يەھۇدىي تېپىش تولىمۇ قىيىن. ئېينىشتىننىڭ بوۋىلىرى گالىلې ۋە نىيۇتوننىڭ دەۋرلىرىدە نېمىلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىمىز يوق، بىراق ئۇلارنىڭ نۇردىن بەكرەك تەلمۇدقا مەركەزلەشكەنلىكى ئېھتىمالغا بەكرەك يېقىن.
يېقىنقى زامان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور ئۆزگىرىش 19، 20-ئەسىرلەردە لايىكلىشىش ۋە يەھۇدىي ئويغىنىشى نۇرغۇن يەھۇدىينىڭ يەھۇدىي بولمىغان خوشنىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ھايات شەكلىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆگىنىشكە سەۋەب بولۇشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلدى. ئارقىدىن يەھۇدىيلار گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىگە كىرىشكە باشلىدى. يەھۇدىي ئاكادېمىكلەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلار ۋە ”شتېتل“ (Shtetl)لاردىن مۇھىم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەڭ ئېلىپ كەلگەنىدى. يەھۇدىي مەدەنىيىتىدە مائارىپقا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلىشى ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇتۇقلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاز سانلىق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئارزۇسى ۋە قابىلىيەتلىك يەھۇدىيلارنىڭ ئارمىيە ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش يەھۇدىيلار دۈشمەن دەپ قارىلىدىغان ئورگانلاردا ئۆسۈپ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
يەھۇدىي ئالىملىرى يەشىۋا (يەھۇدىيلارغا خاس ئەنئەنىۋى مۇئەسسەسە)نىڭ كۈچلۈك ئىتىزامچانلىقى ۋە بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىگە چوڭقۇر ئىشەنسىمۇ بىراق ئەمەلىي ۋە كونكرېت پىكىرلەرنى بەرپا قىلالمىدى. ئېينىشتىن يەھۇدىي بولسىمۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قانداقتۇر ”يەھۇدىي فىزىكىسى“ئەمەس ئىدى. تەۋراتقا ئىشىنىشنىڭ ”ئېنېرگىيە تەڭدۇر جىسىم كۆپەيتىش نۇر تېزلىكىنىڭ كىۋادراتى“دېگەن نەزەرىيە بىلەن قانداقمۇ ئالاقىسى بولسۇن؟ بۇ يەردە سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن: دارۋىنمۇ خىرىستىيان ئىدى، ھەتتا كامبىرىجقا ئانگىلىكان راھىبى بولۇش مەقسىتىدە ئوقۇشقا كىرگەنىدى. ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالغا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيەسىنى خىرىستىيان نەزەرىيەسى دېگەن خۇلاسىنى چىقارساق بولامدۇ؟ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە يەھۇدىيلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقا تۆھپىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى خىرىستىيانلىققا تەۋە قىلىۋېتىشتەكلا بىمەنە ئىشتۇر، خالاس.
ئوخشاشلا، فرىتىز ھابېر ئوتتۇرىغا قويغان ئامونياكنى فونتوسىنتىزلاش (خىمىيە ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتى، 1919)، سەلمان ۋاكسمەن كەشىپ قىلغان ئانتىبىيوتىك سترېپتومىسى (فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا نوبېل مۇكاپاتى، 1952) ياى دان شېچتمەننىڭ يېرىم كىرىستالنى كەشىپ قىلىشى (خىمىيە ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتى 2011) قاتارلىقلارنىڭ يەھۇدىيلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. فىرۇئىدقا ئوخشاش ئىنسان بىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلارغا نىسبەتەن يەھۇدىي مىراسى زور دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينىدى،دېيىشكە بولىدۇ. فىرۇئىدنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى يەھۇدىي دىنى ئۆلىما يوسېف كارو ياكى يوچانان بېن زاككاينىڭ قاراشلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ، فىرۇئىد ئويدىپۇس نەزىرىيەسىنى شۇلھان ئارۇھنىڭ (يەھۇدىي قانۇن پىرىنسىپلىرى)سەھىپىلىرىدىن تاپقان ئەمەس ئىدى.
قىسقىسى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ غايەت زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق ئېينىشتىن، ھابېر ۋە فىرۇئىدنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغانلار يەھۇدىي بولمىغان مۇتەپەككۇرلار ئىدى. ئىلىم-پەن ئىنقىلابى يەھۇدىيلارغا تەۋە لايىھە ئەمەس ئىدى، يەھۇدىيلار بۇ لايىھەدىكى ئورۇنغا يېشىۋادىن چىقىپ تۇرۇپ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشكە باشلىغاندا ئېرىشتى. ئاساسەن، يەھۇدىيلارنىڭ بارلىق سوئاللارغا بۇرۇنقى كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاب تېپىش ئادىتى، يەھۇدىيلارنىڭ جاۋابلارغا كۆزىتىش ۋە تەجرىبە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن دۇنياسىغا ماسلىشىشىغا زور توساق ھېسابلىناتتى. يەھۇدىي دىنىدا ئىلمىي كەشپىياتلارغا قادىر مۇھىم ئامىل بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن 1905-يىلدىن 1933-يىلغىچە بولغا ئارىلىقتا خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە فىزىكا ساھەلىرىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون يەھۇدىينىڭ ھەممىسى لايىك يەنى دىندىن خالىي كىشىلەر ئىدى ۋە نېمىشقا ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە ئاشقۇن بىر ئورتودوكس، بۇلغار ياكى يەمەنلىك يەھۇدىي نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىدى؟
”يەھۇدىي بولۇشتىن نەپرەتلىنىدىغان“ ياكى ”يەھۇدىي دۈشمىنى“دېگەن ئېغىر بوھتانغا يولۇقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن يەھۇدىيلىقنى بولۇپمۇ رەزىللىك ياكى زۇلمەتكە توشۇپ كەتكەن بىر دىن، دەپ قارىمايدىغانلىقىمنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويماقچىمەن. مەن پەقەت يەھۇدىيلىقنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرمايدىغانلىقىنىلا دېمەكچىمەن، يەھۇدىيلىق ئەسەرلەر بويىچە يىراق دىيارلارنى ئىشغال قىلىش ۋە كاپىرلارنى قەتل قىلىپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش يولىنى تاللىغان جاپاكەش كىچىككىنە بىر مىللەتنىڭ دىنى بولغان، خالاس.
يەھۇدىي دۈشمەنلىرى ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ۋە كۈنىمىزدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى ئويلىۋالىدۇ.ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى ياكى بانكىچىلىق سىستېمىسىنى، ياكى تاراتقۇلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىغا، ھەتتا يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىن 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىغىچە بولغان بارلىق جېدەلنى يەھۇدىيلارنىڭ تېرىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنداق يەھۇدىي دۈشمەنلىك خاھىشى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى قالتىس مىللەت دەپ چاغلىۋېلىشدەكلا بىمەنە ۋە كۈلكىلىك بىر ئىشتۇر. يەھۇدىيلار ئۆزگىچە مىللەت بولۇشى مۇمكىن، بىراق دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى تەسىرلىرى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس.
ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بۇيان يۈزلەرچە دىن، ئېتىقاد سىستېمىسى ۋە تەرىقەتكە ئىشىنىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىرىستىيانلىق، ئىسلام، ھىندۇزم، كۇڭزى تەلىماتى ۋە بۇددىزمنىڭ تەسىرى تولىمۇ كۈچلۈك بولدى، بىراق بون، يورۇبا ۋە يەھۇدىيلىقنىڭ تەسىرى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك بولمىدى. مەن ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنى قالتىس ئويلىۋالماسلىققا ۋە كەمتەر بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سىز دۇنيانىڭ مەركىزى ئەمەس.
بارلىق كەمتەرلىك تۈرلىرى ئىچىدە بەلكىم ئەڭ كۈچلۈك ۋە مۇھىم بولغىنى ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئالدىدا كەمتەر بولۇشىدۇر. ئىنسانلار ياراتقۇچىدىن ئېغىز ئاچقاندا ئۆزلىرىنى ئاجىز كۆرىدىيۇ، لېكىن ياراتقۇچىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى دىن قېرىندىشىدىن ئۈستۈن كۆرۈۋالىدۇ.

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*