ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى: ئوسمانلى ئىسلامچىلىقى ۋە داۋامى (5)

2018-يىلى 28-ئاپرېل

مەھمەت ئالى بۈيۈككارا

مۇستاپا سابرى مەنسۇپ بولغان ئوسمانلى ئىسلامچىلىق ھەرىكىتى، ئىتتىھادى ئىسلام نامى بىلەن 1870 – يىلىدىن باشلاپ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي چۈشەنچىسى بولۇپ كەلدى. ئىسلامچى دەپ تونۇلغان ئىلغارلار دەسلەپكى يىللاردا ياقىلىغان سىياسەتكە ئارلىشىش چۈشەنچىلىرىنى II. ئابدۇلھەمىتنىڭ ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمى ئاستىدا ئىپادىلەشكە پۇرسەت تاپالمىدى. ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچى گۇرۇھ تەشكىل قىلىپ مەشرۇتىيەتنى  ياقىلايدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ سەۋەپتىن باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا ئۇچرىدى. ھەتتا پالانغان ۋە زىندانغا تاشلانغان ئىسلامچىلارمۇ بولدى.

پىكىرى ھەرىكەت سۈپتىدە ئىسلامچىلىق ئوسمانلى دۆلىتىدە ئاساسەن II. مەشرۇتىيەتىن كېيىن « سىراتى مۇستەقىم » ژورنىلىنىڭ 1908 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتا نەشىر قىلىنىشى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارا ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. سىراتى مۇستەقىم ژورنىلىدىن كېيىن « سەبىلۇررەشاد، بەيانۇل ھەق، ئىسلام مەجمۇئەسى، ۋولقان »غا ئوخشاش ژورناللاردا پىكىرلىرىنى تەرغىب قىلغان سەئىد ھالىم پاشا، شەھبەندەرزادە ئەھمەت ھىلمى، شەيخۇل ئىسلام مۇسا كازىم، بابانزادە ئەھمەت نائىم، سەييىد بەي، مەھمەت ئالى ئاينى، مەھمەد ئاكىف، سەئىد نۇرسى، ئەلمالېلى ھامدى، ئاكسەكىلى ئەھمەد ھامدى، مەھمەد شەمسەددىن ( گۇنئالتاي )غا ئوخشاش كىشىلەر باشلامچىلىق قىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى[1].

ھاكىمىيەتتىكى ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسىنىڭ تۈرك مىللەتچىلىكىگە ئېغىپ كېتىشى، ئىسلامچى گۇرۇپپىدىن ئايرىلغان تۈركچىلىك ( پان تۈركىزم )نى ياقىلىغۇچىلارنىڭ 1911 – يىلى « تۈرك يۇردۇ ( يۇرتى ) » ژورنىلىنى چىقىرىشى، ئارناۋۇت ۋە ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى، I- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەت ۋە كۆپلىگەن زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىشى قاتارلىق ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن 1920 – يىللىرىغا كەلگەندە ئىسلامچىلىق سىياسىي ساھەدىكى ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ قويدى. لېكىن ئىسلامچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى مىللى ئازادلىق كۈرىشىنى قوللىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى تۇنجى مىللەت مەجلىسىدە (پارلامېنت) ئورۇن ئېلىپ جۇمھۇرىيەتنى قوللىدى. ھەتتا بەزىلىرى سۇلتانلىقنىڭ ۋە خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

لايىكچى ئىنقىلاپلار بىلەن بىرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن كېيىن، ئىسلامچىلار باشقىچە پوزىتسىيە ۋە يول تۇتتى. يېڭى شەكىللەنگەن مائارىپ ۋە قانۇن ، سىياسىي ۋە دىنى ئورگانلاردا ۋەزىپە ئېلىپ دۆلەت بىلەن مۇرەسسە قىلغان ئىسلامچىلار ئاز ئەمەس ئىدى. بۇلاردىن باشقا مۇستافا سابرىغا ئوخشاش ئۆكتىچىلەر چەتئەلدە تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئەلمالېلى ( 1878 – 1942 )غا ئوخشاش كىشىلەر بولسا ئۆزىنى ئىلىمى خىزمەتلەرگە ئاتىدى. سەئىد نۇرسى ( 1878 – 1960 ) ۋە سۇلايمان ھىلمى ( 1888 – 1959 )غا ئوخشاش كىشىلەر بەزىدە ئاكتىپ بەزىدە پاسسىپ شەكىلدە جامائەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى.

1925 – 1950 – يىللىرى ئارىسىدا ئىسلامچى زىيالىلار زېھنىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلامنىڭ ئىمان، ئىبادەت، ئەخلاق قىسمىغا سەرىپ قىلدى. مەۋجۇت تۈزۈم ئىچىدە دىنى كىملىكنى قوغداپ قېلىشنىڭ، ماددى ۋە مەنىۋى تەرەققىياتنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشقا تىرىشتى. باشقىچە بىر ئىسلامچى سىياسەت ئىدىيىسى ۋە لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ كويىدا بولمىدى.

1950 – يىللاردا باشلىغان دېموكراتىك ئۆزگۈرۈشلەردىن كېيىن ئۇ مەزگىلگىچە ھاسىل بولغان تەجرىبە – ساۋاقلارنى سىياسەتكە ئېلىپ كىرىپ پايدىلىنىش ۋە دىنى قىممەت – قاراشلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پىلانلاردا ئورۇن ئېلىش باسقۇچى باشلاندى. 1960 – يىللاردىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە ھەسەن ئەل بەننا، سەييىد قۇتۇبقا ئوخشاش ئىخۋانى مۇسلىمىنگە مەنسۇپ بولغان لىدېرلار بىلەن ئەبۇل ھەسەن ئەن نەدۋى، مەۋدۇدىغا ئوخشاش ھىندى قىتئەسىدىكى ئالىملارنىڭ، ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئىرانلىق شىئە مۇئەللىپلەرنىڭ ۋە سەييىد ھۇسەيىن ناسرغا ئوخشاش ئەنئەنىچىلەرنىڭ، فازلۇر راھمانغا ئوخشاش زامانىۋى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ كۆلەمدە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپلار ۋە نەجىپ فازىل، نۇرەتتىن توپچۇ، سەزائى كاراكوچقا ئوخشاش يەرلىك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئىسلامچى دەپ تونۇلغان زىيالىلارنىڭ پىكرى مايىللىقىغا پەرقلىق شەكىلدە بولسىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا،« مىللى گۆرۈش[2] ھەرىكىتى»نىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىسلامچىلىقنىڭ سىياسىي پارتىيە سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىش قەدەم باسقۇچىنى تېزلەتتى[3].

ئەسىرىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى كۈنىمىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئېقىمى بولغان ئەنئەنىچىلىك، ئىسلاھاتچىلىق ۋە زامانىۋىيلىقنى، بۇلارنىڭ شەخس ياكى تەشكىلات سۈپتىدىكى مۇھىم ۋەكىللىرى ۋە بۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە بولىدۇ.

مەزكۇر ئېقىملارنى بىر – بىرىدىن روشەن ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، پەرقلىق ئېقىملارغا مەنسۇپ بولغۇچىلار ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار كۆرۈلمەكتە. ئەنئەنىچىلەردە ئىسلاھاتقا مايىللىقلار ياكى ئىسلاھاتچىلاردا كۈچلۈك زامانىۋىيلىق ئامىللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن بۇنداق ئوخشاشلىق ۋە تەسىر كۆرسىتىشلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنى خاسلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەۋجۇت سىياسىي، ئىلمىي ۋە كۈلتۈر خاراكتېرلىق ئېقىملارنىڭ سۆز ۋە پائالىيەتلىرىگە، شۇنداقلا تارىخىي يىلتىزىغا قاراپ، ئۇلارنى ئۈچ ئانا كاتىگورىيىگە ئايرىشقا ۋە بۇ ئېقىملارنى ئۆز ئۇلىغا ئاساسەن ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمىز.

ئىزاھاتلار:

[1]  ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 26 – بەت، 8.

[2]  مىللى گۆرۈش ( قاراش ) – قىسىقىچە، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە بارلىق قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەلىك سىياسەتچى نەجمەددىن ئەرباكان بۇ چۈشەنچە ئاساسىدا سىياسىي پارتىيە قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بىر قانچە قېتىم تاقالغان بولسىمۇ، ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن پارتىيە قۇرۇپ داۋاسىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ، بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسلام ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەربىي بىرلىك تەشكىلاتى قۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىۋى ئورنۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

[3]  ئىلخان قۇتلۇئەر، « ئىسلامچىلىق ( چۈشەنچىدە ) »، 67 – بەت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*