ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى -ئىھيا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى : تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى (1)

2018-يىلى 23-ئاپرېل

مەھمەت ئالى بۈيۈككارا

ئىسلام دۇنياسىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن مەزگىلى ئادەتتە 18 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە بىلىم قاتارلىق ساھەلەردە غەرب دۇنياسى ئالدىدا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان ئىسلام ئۈممىتىنى ۋە ئۈممەت ئىلكىدە تۇتقان سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە ئاپپاراتلارنى تارىختىكى ئۇ ھەيۋەتلىك دەۋرلىرىگە قايتۇرۇش، پەقەت بولمىغاندا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ دەۋردىكى بەزى ئىلىم ئەربابلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار سىياسىي ۋە پىكىرى پائالىيەتلەرگە تۇتۇش قىلىپ،  غايىگە يەتكۈزىدىغان تىرىشچانلىق ۋە ئۇسلۇبنىڭ ئىسمىنى ئىھيا، تەجدىد ۋە ئىسلاھ دەپ ئاتىدى.

ئىھيا – جانلاندۇرۇشنى، تەجدىد – يېڭىلىنىشنى، ئىسلاھ – ئوڭشاش ۋە ياخشلاشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان شەخس ۋە كىشىلەر ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش، ئاندىن بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دىنى ئىللەتلەرنى ساقايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بەزى پائالىيەتلەر شەخسىيلىكتىن ھالقىپ چىقىپ، يېقىنقى ئىككى ئەسىردە ئىسلام دۇنياسنىڭ چۈشەنچە ۋە سىياسىتىدە تەسىرى چوڭ تەشكىللىك ھەرىكەتكە ئايلاندى.

ئوخشاش غايە بىلەن ھەرىكەت قىلغان بۇ تەشكىللىك قۇرۇلمىلار تۇتۇپ ماڭغان پىرىنسىپ ۋە ئۇسلۇپلار ئوخشاشلىققا ئىگە ئەمەس. بىر قىسمى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەنئەنىۋى مىراسىغا چىڭ ئېسىلغان بولۇپ، يېڭىلىنىشقا سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى. يەنە بىر قىسمى ئەنئەنىۋى مىراس ئۈستىدە قايتىدىن ئويلاندى، ھەتتا ئۇنى رەت قىلىپ زامانىۋى ئىسلاھاتقا تۇتۇش قىلدى. يەنە بىر قىسمى بولسا بۇ ئىككى ئۇسلۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا يول تۇتتى. ئەنئەنىگە مەھكۇم بولۇپ قېلىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىگە يۈزلىشىش ۋە ئىسلاھاتچىلىقنىڭ خېيىم – خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىجادىي شەكىلدە قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىجتىمائىي – سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، بەزى ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ۋە مۇۋاپىق ئۇسلۇپ بولۇپ كۆرۈندى.

بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئىسلامى ئېقىملار ئۈستىدە توختىتلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئېقىملار ۋە بۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت ۋە جامائەتلەرنىڭ 19 – ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات ئىچىدە قانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرنۈشتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش، ھەمدە تېمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ئىسلام دۇنياسىدا ئىھيا ھەرىكەتلىرى

ئىھياچى دەپ ئاتالغان شەخس ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن چەتنەپ كەتكەن، دەپ قارالغان ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ توغرا يولغا قايتۇرۇش، ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى بىدىئەت ۋە خۇراپاتلىقتىن خالىي قىلىش ئىدى. بۇ غايە يېڭىلىنىشنى، ساپلىشىشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۇ سەۋەپتىن ئىيا بىلەن بىرلىكتە يېڭىلىنىش مەنىسىدىكى تەجدىد ئۇقۇمى ئىشلىتىلدى. بۇ تىرىشچانلىق تۈزىتىش، بۇزۇلغان قىسىمنى ئوڭشاش، كەمتۈك تەرەپلەرنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىسلاھ ئۇقۇمى ئىستىمال قىلىنىدى.

ئىھيا، تەجدىد، ئىسلاھ پائالىيىتى سۈپتىدە بىلىنگەن ياكى تېخىمۇ كەڭ تارقالغان شەكلى بىلەن ئىسلامچىلىق دەپ ئاتالغان مەزكۇر ھەرىكەتنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن:

19 – 20 – ئەسىردە ئىسلامنى بىر پۈتۈن ھالدا ( ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، پەلسەپە، سىياسەت، قانۇن، تەلىم – تەربىيە… قاتارلىق ) قايتىدىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ھۆكۈمران قىلىش ۋە ئەقىلچى ئۇسلۇپ بىلەن مۇسۇلمانلارنى، ئىسلام دۇنياسىنى غەرپ مۇستەملىكىسىدىن، زالىم ۋە مۇستەبىت دېكتاتۇرلاردىن، قۇللۇقتىن، تەقلىتچىلىكتىن، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش؛ مەدەنىيەتلىك قىلىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئاكتىپ ھەرىكەت، زامانىۋىيلىققا مايىل ۋە تاللاپ قوبۇل قىلىش تەرىپى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان سىياسىي، پىكرى ۋە ئىلمىي خىزمەتلەر، ئىزدىنىشلار، تەكلىپ ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتتۇر[1].

يۇقىرىدا ئېنىقلىمىسى بېرىلگەن ھەرىكەتنىڭ « تەرەققىي قىلىش – گۈللىنىش » غايىسى ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. تەرەققىي سۆزى بىلەن ئۇقۇم ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش ۋە گۈللىنىش، ئىزاھاتتىكى « يېڭىدىن » تەكىتى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرگەن تەجدىد ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. فىرانسىۇزچىدىن كىرگەن رېفورم ( reform ) سۆزى، ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرەپچە تەجدىد سۆزىنىڭ ئورنىدا ئاندا – مۇندا ئىشلىتىلسىمۇ، ئىما قىلغان مەنىسى سەۋەبىدىن ئىسلامچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. چۈنكى تەجدىد دىننىڭ ئەسلىگە قايتىش ئارقىلىق يېڭىلىنىشنى ئىپادىلىگەن بولسا، رېفورم تارىختا غەرپ خىرىستىيانلىقىدا دىننىڭ ئەسلى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رېفورمدا « سىرىتتىن » مەقسەتلىك ھالدا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرى مەۋجۇت. ھالبۇكى، ئىسلامىيەتنىڭ ئىجتىھاتقا ئوخشاش ۋاستىلەر ئارقىلىق « ئىچىدىن » يېڭىلىنىشقا مايىل قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.

ئىھيا ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار

ياۋروپانى مەركەز قىلغان غەرپ مەدەنىيىتى، 15 – 16 – ئەسىردە مەرىپەت ئويغىنىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلىدى. خىرىستىيان دوگماتېزمىنىڭ ئىجتىمائىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى مونۇپۇللىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى باشقا سەۋەپلەر بىلەن بىرلىكتە سانائەت ئىنقىلاۋىنى ئاسانلاشتۇردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈرتكىسىدە غەرب، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسلام دۇنياسىغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. بۇ ئۈستۈنلۈك ئالدىدا مۇسۇلمان ئەللەر غەرب جاھانگىرلىرىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتىكى ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى. 1798 – يىلى ناپالىئوننىڭ مىسىرنى ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان تارىخىي ئۆزگىرىش 1852 – يىلى ھىندى قىتئەسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىش بىلەن داۋاملاشتى. شىمالىي ئافرىقا فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىدى. 1882 – يىلى مىسىر ئىنگىلىزلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئوسمانلى دۆلىتى كاپىتۇلاسيون كېلىشىمى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىنى بۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تارتقۇزۇپ قويۇپلا قالماستىن، ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن كۈچەيگەن مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مۇھىم زېمىنلاردىن ئايرىلىپ قالدى.

بۇ مەغلۇبىيەتلەر بىر تەرەپتىن غەرپ جاھانگىرلىكىگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنغان « قايتىدىن كۈچلۈك بولۇش، غالىپ دۆلەتلەرنى تەقلىد قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ » چۈشەنچىسىنى ئاساسىي ئورۇنغا ئېلىپ چىققانىدى. ياۋروپادىكى ئەلچىلەر، ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان غەرب مەستخۇشلۇقى خارلىق ۋە كەمسىتىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ئۆزىگە ياتلىشىش ۋەزىيىتى خەلقنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىققا تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى.

باشتا ئەقلىيەتچىلىك ( pozitivizm ) قاتارلىق ئاقارتىش ئىدىيىسى ئۇقۇمۇشلۇق مۇسۇلمانلار ئىچىدە كەڭ تارقالدى. شەرقشۇناسلىق ۋە مىسسىئونېرلىك پائالىيەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز – ئۆزىدىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىدىن نومۇس قىلىدىغان ياكى شۈبھىلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا ئىدى[2].

مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ھۆرلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇسۇلمانلار بۇ زىيانلىق ئۆزگىرىشلەرگە قارشى پۇت تىرەپ تۇرۇشى ناھايىتى قىين بولغان بولسىمۇ، لېكىن « تۇنجى ئىسلامچىلار » دەپ ئاتالغان شەخسلەر، پائالىيەتچىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلىمىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي ساھەدە بىر قاتار تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەللەردىمۇ ئوخشاش تىرىشچانلىقلار مەۋجۇت ئىدى. كۆپىنچە مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرۇلغان بۇ ئەللەردە كىشىلىك ھوقوق، ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى، مائارىپ ئىسلاھاتى قاتارلىق زامانىۋى مەسىلىلەر، بەزى بېسىم ۋە جىمىقتۇرۇشلارغا قارىماستىن مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى.

ئاساسلىق مەسىلىلەر

تۇنجى ئىسلامچىلار ئوتتۇرىغا چىققان دەۋردە ئۈستىدە ئەڭ كۆپ توختالغان، مۇنازىرە قىلىنغان، ھەققىدە چوڭ – كىچىك ئەسەرلەر يېزىلغان تېمىلارنى تۆۋەندىكىدەك تىزىش مۇمكىن:

ئا) تۇنجى مەنبەگە قايتىش: « ئىسلامنى ھاياتقا قايتىدىن ھۆكۈمران قىلىش » ئىدىيەسى، ئىسلامچى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ سۆزلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى، كۆپ سانلىق ئىسلامچىلارنىڭ قارىشىچە ئىسلامىيەتنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىك ئىدى. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسلۇبى ھەقىقىي ئىسلامغا يۈزلىنىش، يەنى ئىسلاملىشىش ئىدى. بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگە، يەنى ئەسرى سائادەتكە قايتىش ۋە ئاساسلىق مەنبەلەرگە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش ئىدى. كېيىنكى قەدەم بولسا، ئەسرى سائادەتتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە دىنغا ئايلىنىپ قالغان ئەنئەنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش؛ ئىسلام چۈشەنچىسىنى ئەما قىلىپ قويغان، مۇسۇلمانلارنى خاتا يولغا باشلاپ قويغان بىدىئەت ۋە خۇراپاتلارنىڭ تازىلاپ چىقىرىۋېتىش ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئىھياچى ھەرىكەتلەر بەزى زامانىۋى تەتقىقاتلاردا « ئانا مەنبەگە قايتىش » ئۆزگىچىلىكى جەھەتتىن « يېڭى سەلەفىلىك » ياكى « ئىسلاھاتچى سەلەفىلىك » دەپ ئاتالدى[3].

ب) تەرەققىيات ئۈچۈن ئىجتىھاد: ئىسلامىيەتنىڭ زامانىۋىي ئىھتىياجلارغا جاۋاپ بېرەلىگۈدەك ئالەمشۇمۇل سىياسىي – ئىجتىمائىي پىرىنسىپقا ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەنچىسى، ئىسلامچىلار ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن قاراشقا ئايلانغانىدى. ئىسلامىيەتنىڭ زامانىۋىي دۇنيادىكى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى بۇ ئالاھىدىلىكىنى، مەنبەسىنىڭ مۇقەددەس بولۇشىدىن باشقا، ئەقىل ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام، ئەقىلگە مۇۋاپىق دىندۇر. بۇ سەۋەپتىن دەۋرنىڭ يېڭىلىقلىرىغا ئاسانلا ماسلىشالايدۇ. تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تەرەققىي قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. تەرەققىياتقا توسالغۇ بولغان دىنى ئامىللار، دىنغا كېيىنكى مەزگىللەردە قوشۇلۇپ قالغان ياكى قوشۇۋېتىلگەن ئەنئەنىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس. كۈشەپ تۇرغۇچى زەنجىرلەردىن قۇتۇلۇش ۋە ئەسلى مەنبەلىرى تەرەققىياتنى ياقىلايدىغان بىر دىنى سىستېمىنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئەسىردە ئېتىپ قويۇلغان ئىجتىھاد ئىشكى قايتا ئېچىلىشى كېرەك، يېڭى ھۆكۈملەر چىقىرىلىشى، مەزھەپ تەقلىتچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك[4].

ج) غەربتىن پايدىلىنىش. مۇسۇلمانلار غەربنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بىلىم، مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىلىق مېتودلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. غەرەپ مەدەنىيىتى ئىلگىرى مۇسۇلمانلاردىن ئۈگەنگەنلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ « ھېكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈك مېلىدۇر، قەيەردە تاپساڭلار ئۇنى ئېلىڭلار » دېگەن سۆزى ئاساس قىلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇ پايدىلىنىش ھەرىكىتى چوقۇم تاللاپ قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدە بولۇشى كېرەك[5]. چۈنكى يات ئىدىئولوگىيلەر ۋە ئەخلاق قاراشلىرىمۇ قوبۇل قىلىنسا، بۇلار ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت – قاراشلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تەقلىد تەرەققىياتنىڭ ئەكسىچە بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

د) سوپىزمغا قوش تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىش. ئىسلامچىلارنىڭ بىر قىسمى ئەنئەنە بىلەن ھېساپلىشىش مەقسىتىدە سوپىزم ۋە تەرىقەتلەرگە سەلبىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغانىدى. تەرىقەتلەرنىڭ ھورۇنلۇق ۋە مىسكىنلىك ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى؛ ئىنساننىڭ ھەرىكەت ھۆرلىكىنى يوققا چىقارغانلىقى؛ خۇراپاتلىقنى يايغانلىقى؛ تەقۋا، تەۋەككۇل ۋە زۇھد ئۇقۇملىرىنى خاتا شەرھىيلەپ تەرەققىياتقا توسالغۇ بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراش كۆپ تەكرارلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولۇشى ۋە پۈتۈن دىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ قورساقلىق « بىر »لىك ئېڭى سەۋەبىدىن ۋەھدەتى ۋۇجۇت چۈشەنچىسى بەزى ئىسلامچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان[6]. بىر قىسم ئىسلامچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا تەرىقەت ئەھلى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.

ئە) مائارىپتا ئىسلاھات. تەلىم – تەربىيە ئىسلاھاتى ئىسلامچىلىق ئەھمىيەت بەرگەن مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرسى بولۇپ، ئۇلارچە بولغاندا مەدرىسە سىستېمىسى ئۆزگەرتىلىشى؛ ئىسلاھ قىلىنىشى؛ رېئال تۇرمۇشتا پايدىسى يوق، مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن دەرسلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىش؛ پەلسەپە ۋە پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىدى[7]. بۇ غايىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ سەييىد ئەھمەد خان ھىندىستاندا ئالىگارھ مەكتىۋىنى قۇردى؛ مۇھەممەد ئابدۇھ ئەل – ئەزھەر ئوقۇشلۇقىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى؛ سەئىد نۇرسى شەرقى ئانادولۇدا زەھرا مەدرىسىسى ئىسمىدا ئالىي ئىلىم يۇرتى ئېچىشنى پىلانلىغانىدى.

ف) ئىسلام بىرلىكى. ئىتتىھادى ئىسلام ياكى ئەجنەبىيلەر پانئىسلامىزم دەپ ئاتىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي بىرلىكى، ئىسلامچىلارنىڭ نەزرىدە ئىسلام ئالەمىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى ۋە جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىنى توسىدىغان بىردىنبىر چارە ئىدى. 2. ئابدۇلھەمد بۇنى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ پەقەت پادىشاھ بولۇپلا قالماستىن، ئۈممەتنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكى بىلەن كۈچلەندۈرۈپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىمپېرىيەنى جاھانگىر كۈچلەرگە قارشى يۆلەش بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىدى.

جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىسلام بىرلىكى غايىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىدى. ئۇنىڭچە ئىتتىھادى ئىسلامنىڭ دىن رىشتىسى، ھەج ۋە خەلىپىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ ئۇلى بار ئىدى. ئافغانى مىللەت ئامىلىغا دىن قېرىنداشلىق رىشتىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ۋە قەۋمىيەتچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن پايدىلىق ئۇنسۇر سۈپتىدە قارىدى. ئېرقچىلىققا مايىللىقتىن يىراق، دىنى رىشتىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىجابىي مىللەتچىكىنى ياقىلىدى. مەككە ۋە مەدىنىنى ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەنىۋى مەركىزى دەپ قارىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر ھەج مەزگىلىدە بۇ مەركەزلەرگە يىغىلىپ ئۈممەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى، ئۆزئارا ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلدى. خەلىپىلىك ئاپپاراتىنى بولسا بۇ بىرلىكنىڭ بىردىنبىر ھاكىمىيەت مەركىزى سۈپتىدە قوبۇل قىلدى. لېكىن بۇ خەلىپىلىك ئۈممەتنىڭ جەم بولۇپ كېڭەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى، ھاكىم مۇتلەقلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مىللەت مەجلىسى ئاساسىدىكى رەئىسلىك تۈزۈمگە ئۆتۈش كېرەك ئىدى[8].

گ) كېڭەشنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمى. قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ مۇئەييەن باشقۇرۇش شەكلى بەلگىلەپ بەرمىگەنلىكىنى، ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكىنى ياقىلىغان ئىسلامچىلار، خەلىپىلىك ئاپپاراتىنى، ئۇنى « پەيغەمبەر ۋاكالىتى » دەپ قاراپ كەلگەن ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدىن پەرقلىق ھالدا « مىللەتكە ۋاكالەت » سۈپتىدە تونۇتتى. بۇ يېڭى قاراش خەلق ھاكىمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئاساسىي قانۇن ( قانۇنى ئاساسى ) ۋە ۋەكىللەر مەجلىسىدىن ئىبارەت يېڭى ئاپپاراتلارنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. كېڭەش، شۇرا ( قۇرۇلتاي )، بەيئەتكە ئوخشاش ئىسلامى ئۇقۇملار بىلەن غەربتىن كەلگەن دېموكراتىيە، پارلامېنت، ئەركىن سايلام، جامائەت پىكرى دېگەندەك ئۇقۇملار ئارىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئىسلامچى سىياسەت ئىدىيەسى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى[9].

خ) يازما ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى. ئىھيا – ئىسلامچى شەخسلەر روياپقا چىقارغان ئەدەبىياتقا نەزەر تاشلىغان ۋاقىتتا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسلىق مەسىلىلەر تېما قىلىنغان ئەسەرلەر بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىسلام قانۇنى نوقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان، مۇسۇلمان ئايالنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ياخشىلاشنى ياقىلىغان ماقالىلەر ئېغىر سالماقتا تۇرىدۇ.

يەنە شەرقشۇناسلارنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاپ بېرىش ياكى ئىدىئولوگىيەلىك ۋە پەلسەپىۋى خاراكتېردىكى يات ئېقىملار بىلەن كۈرەش قىلىش غايىسى بىلەن نۇرغۇن كىتاپ يېزىلدى. ئافغانىنىڭ ناتۇرالىزمنى تەنقىد ماھىيىتىدىكى « دەھرىييۇنغا رەددىيە »سى، ئىسمائىل فەننىنىڭ ماتېرىيالىست ۋە ئاتئېست پەلسەپىلەرنى تەنقىد قىلغان « ماددىييۇن مەزھەبىنىڭ ئىزمىھلالى » ناملىق ئەسىرى، ئىسلامنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتلارغا ماھىيەت جەھەتتىن توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلجىرلىغان ئېرنېست رېنانغا قارشى يېزىلغان رەددىيەلەر ۋە ۋىليام مۇئىرنىڭ « مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ( Life of Muhammad ) » ناملىق ئەسىرىگە قارشى سەييىد ئەھمەد خاننىڭ تەنقىدى مەكتۇپلىرىغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ئەسەر بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىياتنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەھسۇللىرىدىن ھېسابلىناتتى.

قۇرئان مەركەزلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىھياچى ئالىملارنىڭ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلغاندا قۇرئاننى زامانىۋى بىلىملەرگە ئۇيغۇن بىر كىتاپ سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ خىل شەرھىي ئۇسلۇبى ئىسلامىيەتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى توسۇپ قويغانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتىلەرگە جاۋاپ ئىدى. تانتاۋى جەۋھەرىنىڭ « ئەل – جەۋاھىر » ناملىق ئەسەرى بۇ ئۇسلۇپتىكى تەپسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۆلگىسىدۇر. ھەزرىتى مۇسانىڭ ئالدىدا تاغنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى بىلدۈرگەن ئايەتنى ( ئەل – ئەئراف، 143 ) سەييىد خاننىڭ ۋولقانلىق پارتىلاش دەپ ئىزاھلىشى، يەنە ھەزرىتى مۇسانىڭ قولىدىكى ھاسىسى بىلەن تاشتىن بۇلاقلارنى پەيدا قىلىشىنى ( ئەل – ئەئراف، 160 ) سەئىد نۇرسىنىڭ بۇرغۇلاش تېخنىكىسىنىڭ ئىشارىتى سۈپتىدە كۆرسىتىشى ياكى قۇشلار تاشلىغان تاشلار بىلەن ئەبرەھە قوشۇنىنىڭ ھالاك قىلىنىشىنى ( ئەل – فىل، 3 – 5 ) ئابدۇھنىڭ يۇقۇملۇق چېچەك ۋاباسى دەپ ئىزاھلىشى، ھېسسىي مۆجىزىلەرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرۈلىشى ۋە ئىلمىي ھالغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ قىزىقارلىق ئۆرنەكلىرى سۈپتىدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆزىمىزگە چىلىقماقتا[10].

[1]  ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 9 – بەت.

[2]  ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 14 – بەت، 5.

[3]  ئەسلىدە ۋاھابىلىق بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ۋە ئەنئەنىۋى ئەھلى ھەدىسكە ۋارىسلىق قىلغان كۈنىمىز سەلەفىلىكى بىلەن يېڭى سەلەفىلىك ئوتتۇرىسىدا « ئەسلى مەنبەگە قايتىش »تىن ئىبارەت ئورتاقلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئوخشاشلىق ۋە يېقىنلىق مەۋجۇت ئەمەس. ئىھياچىلىق – ئىسلامچىلىق، ئىسلام خەلقىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئەقىل – پاراسەتلىك، بىلىملىك، تەرەققىي پەرۋەر، ئاكتىپ پائالىيەتچان تەرەپلىرى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان، مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئالەملىك سىياسىي پىلاننىڭ ئىسىمىدۇر. ئەنئەنىۋى سەلەفىييە بولسا ئاساسەن ھەدىس مەركەزلىك بىر تېكىستنى ئاساس قىلغان، ئەقىلىي تەدبىرلەرگە سوغۇق قارايدىغان ۋە چەتكە قاققۇچى خاراكتېرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان مۇتەئەسسىپ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇقۇم جەھەتتىكى مۇجمەللىككنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زامانىۋىيلىق تەرىپى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئافغانى – ئابدۇھ ۋەكىللىكىدىكى ئېقىمىغا ئوخشاش چۈشەنچىلەرگە سەلەفىييە ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەسلىك ناھايىتى مۇۋاپىقتۇر.

[4]  مۇمتازەر تۈركئۆنە، « ئىسلامچىلىق ( كىرىش سۆز، شەكىللىنىش دەۋرى ) »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 23، بەت 61 – 2.

[5]  مۇمتازەر تۈركئۆنە،، « ئىسلامچىلىق ( كىرىش سۆز، شەكىللىنىش دەۋرى ) »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 23، 61 – بەت.

[6]  ئىلخان قۇتلۇئەر، « ئىسلامچىلىق ( چۈشەنچىدە ) »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 23، بەت 66 –7.

[7]  ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 77 – بەت.

[8] ھەيرەتتىن قارامان، « ئافغانى، جامالەددىن »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 10، بەت 462 –3.

[9] مۇمتازەر تۈركئۆنە، « ئىسلامچىلىق ( كىرىش سۆز، شەكىللىنىش دەۋرى ) »، 60 – بەت؛ ئازمى ئۆزجان، « ئىسلامچىلىق ( ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ) »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 23، بەت 63 –4.

[10]  ئىسمائىل قارا، تۈركىيەدە ئىسلامچىلىق، 68 – بەت، 9.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*