ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى -ئەلقائىدە ۋە جاھان خاراكتېرلىق جىھاد (8)

2018-يىلى 17-ماي

ئەرەبچىدە « بازا » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەلقائىدە » ئافغانىستان جىھادى ئاخىرلاشقان 1988 – يىلدا بىر تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلدى. تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى غوللۇق شەخس بولغان دوكتۇر ئابدۇللاھ ئەززام ( 1941 – 1989 ) ئەسلى پەلەستىنلىك ئىلاھىيەتچى ئاكادېمىك بولۇپ، ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقىتتا « مەكتەبۇل خىدەمات » نامىدا ئۇيۇشما قۇرۇپ، بۇ ئۇيۇشما ئارقىلىق ئافغانىستانغا كەلگەن ئەرەب مۇجاھىتلارغا تۇرىدىغان ماكان ۋە ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىپ، قوراللىق تەلىم – تەربىيە ئېلىش شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئابدۇللاھ ئەززەم « جىھات كارۋىنىغا سەنمۇ قوشۇلغىن » چاقىرىقى بىلەن ئەرەبلەرنى ھەقىقىي ئۇرۇش بىلەن تونۇشتۇرغان كىشى سۈپتىدە تونۇلغان.
جىھاد باشلانغاندىن تارتىپ ئافغانىستاندا تۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياش تىجارەتچى ئۇسامە بىن لادىن ( 1957 – 2011 )، دوكتۇر ئابدۇللاھ ئەززەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆپ سانلىق ئەرەپ مۇجاھىدلارنىڭ مەسئۇلى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ جىھاد ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كېيىنكى مەزگىلدە كېلىپ قوشۇلغانلار بىلەن تەخمىنەن 35000 كىشىلىك نۇپۇسقا ئىگە بولغان ئافغانىستاندىكى چەتئەللىك مۇجاھىدلارنىڭ بەزىلىرى دۆلىتىگە قايىتقان، بەزىلىرى بوسنىيە، چېچەنىستان ۋە كوسوۋاغا ئوخشاش يېڭى جىھاد مەيدانلىرىغا كەتكەنىدى. لېكىن كۆپ سانلىق چەتئەللىك مۇجاھىدلار يەنىلا ئافغانىستاندا تۇرۇپ قالغانىدى. ئۆز دۆلىتىدە ھەر خىل قانۇنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇرۇشقا ئىمكان تاپالماي ئافغانىستانغا كەلگەن ياكى قايتىپ كەتسە جان بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرايدىغان بۇ كىشىلەر ئىگە بولغان جەڭ قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىسى، ئۆز ۋاقتىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، ئىراق، سۈرىيە، مىسىر، لىۋىيە ۋە ئالجىرىيەگە ئوخشاش مۇستەبىت تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئىمكانسىز قىلغانىدى. ئافغان ئەرەبلەر دەپ ئاتالغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئۇسامە بىن لادىن يېتەكچىلىكىدىكى ئەلقائىدەنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان[1].
جىھادتىن كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئەلقائىدە ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش يوللىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. بۇ سەۋەپتىن ئىچىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش غايىسى بىلەن يولغا چىقىپ، 1994 – يىلىدا ئافغانىستاننىڭ كۆپ سانلىق جايلىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالغان تالىبان بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدىن ئۇتۇقلۇق ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشقان.
قوراللىق ئازادلىق كۈرىشى جەريانىدا ئافغان ئەرەبلەر بىلەن بۇ رايونغا سېڭىپ كىرىشكە باشلىغان سەلەفىلىك تەبئىي ھالدا سىياسىي ئىسلامچىلىق ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرلۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال ئاشقۇنلۇق تەرەپتارى مىسىرلىق سەلەفى تەشكىلاتلارنىڭ ئەلقائىدە ئەتراپىدا جەم بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. « ئەل جامائەتۇل ئىسلامىييە »دىن دوكتۇر ئۆمەر ئابدۇرراھمان ( ۋاپات، 2017 ) ۋە « تەنزىمۇل جىھات »تىن دوكتۇر ئەيمەن ئەز زاۋاھىرىنىڭ ئەلقائىدە ئىددىئولوگىيسىگە قوشقان تۆھپىلىرى ناھايىتى چوڭ. تالىبان 1996 – يىلى قۇرغان « ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى »دە كۈچلۈك ھىمايىگە ئېرىشكەن ئەلقائىدە، شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر مەركەزلىك تەدھىشچى ( تېرورلۇق ) ۋە تەكفىرچى ئىدىئولوگىيەنىڭ تەسىرى بىلەن « يەرشارىۋى خاراكتېرلىق جىھاد » ئىددىيىسىگە يۈزلەنگەن.
ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئامېرىكىلىقلار ۋە يەھۇدىيلار بولغان ھەرقانداق جاينىڭ ھۇجۇم نىشانى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان 1998 – يىلىدىكى مەشھۇر پەتىۋاسىغا[2] ئاساسەن، جاھان خاراكتېرلىق جىھادنىڭ ئاساسلىق نىشان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئىسرائىل ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇشىغا قارىماستىن، ئىسلام شەرىئىتىنى ئىجرا قىلمىغان، بولۇپمۇ بىرىنچى قېتىملىق قولتۇق ئۇرۇشىدا ( 1990 – 1991 ) غەرپلىكلەر بىلەن ھەمكارلاشقان مۇسۇلمان ئەللەرمۇ بۇ جىھاد ھەرىكىتىنىڭ نىشانى دائىرىسىگە كىرگەنىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد ۋە داھران شەھەرلىرىدىكى 1995 ۋە 1996 – يىلىدىكى ھەرىكەتلەر بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغانىدى. 1998 – يىلى ئاۋغۇستتا تانزانىيە ۋە كېنيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى[3] جاھان خاراكتېرلىق جىھاد ھەرىكىتىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەسىر چوڭ بولغان ھەرىكەتلەر بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا 213 كىشى ئۆلگەن ۋە 4300 كىشى يارىلانغانىدى. 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە نىيۇيوركتىكى قوشماق بىنالارغا قىلىنغان ھۇجۇم مەزكۇر تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ھەرىكەت ئىدى.
11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشى ۋە تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى بىلەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئەلقائىدە كۈچلىرى، ئافغانىستاندىن شىمالىي پاكىستان بولۇپ بەزى جايلارغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. رەھبەرلىك ھەيئىتىدىكى بىر قىسىم غوللۇق شەخىسلەر توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلدى ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ گۇانتانامو تۈرمىسىگە ئەۋەتىلدى. گەرچە مەزكۇر تەشكىلات ئىلگىرىكى يېتەكچىلىك رولىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەلقائىدە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالىغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەرقلىق جايلىرىنى ئۆزىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارمىقى دەپ ئاتايدىغان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى ۋە جەڭ تاكتىكىلىرىنى قوبۇل قىلغان چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئەلقائىدەنىڭ مەركىزى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە قوماندانلىق مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن مەركەزنىڭ ئومۇمىي نىزاملىرىغا ۋە سەلەفى پىرىنسپلىرىغا رىئايە قىلىشى ۋە ئۆزىنى جىھاد مەيدانلىرىدىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىسپاتلاش شەرتى ئاستىدا دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەلقائىدىگە ئەزا سۈپتىدە قوبۇل قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئۇسامە بىن لادىن بىلەن جىھادى سەلەفىلىك ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاشقۇنلىق ۋە تېرورلۇققا يۈزلىنىش، جىھادى ئالىملارنىڭ كۆپ سانلىقى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا. بۇ ئالىملارنىڭ ئۇسامە بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1- ئەلقائىدە، مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنى ۋە ئۆلىمالارنى پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك دەلىللەرگە ئاساسلانماستىن كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىپلىمەكتە.
2- ئەلقائىدە، ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇملار بىلەن مۇسۇلمان ئەللەرنى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
3- بىن لادىن ۋە سەبداشلىرى بۇ ھەرىكەتلىرىدە ئىسلام ئۇرۇش فىقىھغا خىلاپ ھالدا بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

[1] ئەرەپ ئافغانلار ۋە ئەلقائىدەنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئابدۇللاھ ئەنەس ( ئابد ئابدۇللاھ ئاناس )، « ۋىلادەتۇل ئافگان ئەلئەرەپ: سىرەتۇ ئابدۇللاھ ئەنەس بەينە مۇسئۇد ۋە ئابدۇللاھ ئاززەم »، لوندون، 2002؛ Olivier Roy « يەرشارىۋىلاشقان ئىسلام ( Küreselleşen İslam ) »، ئىستانبۇل، 2004، 9 – 29، 52 – 121 بەتلەر؛ Fawaz A. Gerges, Journey of the Jihadis: Inside Muslim Militancy, Orlando, 2007, 93 – 142; a.mlf., The Rise and Fall of al-Qaida, Oxford, 2011, 26 – 68.
[2] ئۇسامە بىن لادىن، « ناسسۇ بەيانى جەبھەتىل ئىسلامىييەتىل ئالەمىييە لى جىھادىل يەھۇد ۋەس سالىبىييىن »، ئەل قۇدس ئەل ئارابى ( لوندون )، 23 – فېۋرال 1998، ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغۇچى B. Rubin (ed.)، Anti – American Terrorism، 149 – 150 – بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*