ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى-تۇنجى ئىسلامچىلار:سەييىد ئەخمەت خان ۋە جامالىدىن ئافغانى (3)

مەھمەت ئالى بۈيۈككار
ئىھياچى – ئىسلامچى چۈشەنچىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلىرى ياكى باشلامچىلىرى دەپ قاراشقا بولىدىغان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ، بۇ كىتابنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان ئانا ئېقىملارنىڭ يىلتىزلىرى، ئاساسلانغان چۈشەنچە ۋە تەدبىقلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشتە پايدىسى بار. بۇ شەخسلەرنىڭ پىكىر، مەيدان ۋە ئۇسلۇپتىكى بەزى ئوخشاشماسلىقلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

سەييىد ئەھمەت خان ( 1817 – 1898 )

ئائىلىنىڭ نەسەپ جەھەتتىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدىغانلىقى داۋاسى سەۋەبىدىن سەييىد ئۇنۋانىنى ئىشلەتكەن ئەھمەت خان، 1817 – يىلى دېھلىدا دۇنياغا كەلگەن. دىنى ئىلىملەر ۋە قانۇن ساھەسىدە ئوقۇغان. ئۇ جەرياندا ئىنگىلىزلار باشقۇرۇشىدىكى ھىندىستاندا ئۇزۇن مەزگىل سوتچى بولغان. مۇستەملىكە ھاكىمىيەتكە قارشى 1857 – يىلى كۆتۈرۈلگەن سىپاھى قوزغىلىڭىدا ئىنگىلىزلارغا سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەقدىر مىدالىغا لايىق كۆرۈلگەن. 1869 – يىلى ئەنگىلىيەگە بېرىپ 17 ئاي تۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئىنگىلىز ئالىي مەكتەپ تۈزۈمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەملىكىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن « تەزھىبۇل – ئەخلاق » ناملىق ئايلىق گېزىت نەشىر قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى غەرب مەدەنىيىتىگە ۋە ئىنگىلىز ھۆكۈمىتىگە مايىل قىلىشقا تىرىشقان. دىن بىلەن دۇنيالىق ئىشلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ۋە دىننى ھەممە ئىشقا ئارلاشتۇرىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى ياقىلىغان. ئىسلامنىڭ 2 – ئەسرىدە گرىكچىدىن تەرجىمە قىلىش ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان گۈللىنىش ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلاش چۈشەنچىسى ئاساسىدا، خۇددى ئابباسىي دەۋرىدە باغداتتىكى « دارۇل – ھېكمە »گە ئوخشاش ئىنگىلىزچە ئەسەرلەرنى ئوردۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان « ئىلىملىك جەمئىيەت ( Scientific Society ) » ئورگىنىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. 1877 – يىلىدا ئالىگارىھتا غەرب ئۆلچىمىدە تەلىم – تەربىيە بېرىدىغان ئىنستېتۇتنى قۇرغان. بۇ ئورگان ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1920 – يىلىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆزگەرتىلگەن. 1886 – يىلى مۇسۇلمانلارنى مائارىپ ۋە سىياسەت ساھەلىرى ئاقارتىش ئۈچۈن بارلىق ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى مائارىپ يىغىنى ئاچىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنگىلىزلاردىن « سىر ( Sir – ئەپەندى ) » ۋە « چەۋالېر (chevalier – چەۋەنداز ) » ئۇنىۋانلىرى ئالغان ئەھمەت خان 1898 – يىلى ئالىگارھتا ۋاپات بولغان.
مۇسۇلمانلار نۇقتىسىدىن پالاكەت بىلەن ئاخىرىلاشقان سىپاھى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەھمەت خاننىڭ ئۆزىگە ئىنگىلىزلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچى بولۇش ۋەزىپىسىنى بەلگىلىگەنلىكى ئايان بولماقتا. مانا بۇ سەۋەپتىن ئازادلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا غەرب مەدەنىيىتىنى ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك مودىل سۈپتىدە تەقدىم قىلغان. تەرەققىيات پىلانىنى ئۈچ ئۇل ئۈستىگە بىنا قىلغان بولۇپ، غەرپ مائارىپى ۋە بىلىملىرىنى ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلىش ۋە غەرب ئۆلچىمىگە لايىق يېڭى مائارىپ ئورگىنى تەسىس قىلىش؛ زامانىۋى شەرت – شارائىتقا ئاساسەن دىن ۋە مۇقەددەس كىتابلارغا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىزاھاتلار بېرىش؛ ھاكىمىيەتتىكىلەر بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى يوق قىلىدىغان كۆۋرۈكلەر بەرپا قىلىش .
ئىسلامىيەتنىڭ ئەقىلدىن يىراقلاشقانلىقىنى قوبۇل قىلغان ئەھمەت خان، ياۋروپا مەرىپەت ئويغىنىش ئەقلىيەتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغانىدى. ئەقىدە سېستىمىسىنى ئىزاھلىغاندا « تەبىئەتكە ئۇيغۇن بولۇش » پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىسلامنىڭ بۇ پىرىنسىپقا ئەڭ ئۇيغۇن دىن ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەنىدى. ئەھمەت خان كائىناتنىڭ پۈتۈنلەي سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتى دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى رەت قىلغان، مۆجىزىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناس ( قۇرئان ئايەت )لىرىنى تەبىئەت قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق شەكىلدە ئىزاھلىغانىدى. قۇرئانى كەرىمدىكى دۇنيالىق ھۆكۈملەرنى دىننىڭ بىر پارچىسى سۈپتىدە كۆرمىگەن ئەھمەت خان، ھەدىسى شېرىپنى قوبۇل قىلىشتا ئەقىل ۋە تەبىئەتكە زىت كەلمەسلىكتىن ئىبارەت شەرتنى قويغان بولۇپ، بۇ شەرتكە چۈشمىگەن ھەدىسلەرنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ دىننى چۈشىنىشتە قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىشتىن ئىبارەت چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. فىقىھ، ھەدىس، تەپسىر ئىلىملىرى بىلەن بۇلارنىڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇ جەھەتتىن غەربكە ئوخشاش لۇتېرغا ئىھتىياج بارلىقىنى بايان قىلغانلىقىغا ئاساسەن، ئەھمەت خاننىڭ پروتىستانت ئىسلاھاتىغا ئوخشاش بىر ھەرىكەتنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە .
دىن بىلەن سىياسەتنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ياقىلىغان ۋە دۇنيا خەلىپىلىك تۈزۈمىگە سوغۇق مۇئامىلىدە قارىغان ئەھمەت خاننى، بۇ چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە مىسىرلىق ئەلى ئابدۇررازىق ( 1888 – 1966 ) ۋە تاھا ھۈسەيىن ( 1889 – 1973 ) قاتارلىقلار تەرىپىدىن قويۇق ھالدا ياقىلانغان لائىك ئىسلام نەزىرىيىسىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدە ئەھمەت خان بۇ قاراشلىرى سەۋەبىدىن تۇنجى ئىسلامچىلار ئارىسىدا ئۇلارغا قارشى سەپتە تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىننى ئىھيا قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئافغانى ۋە ئابدۇھ ئۇنى ئىنگىلىز مۇستەملىكىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بىلەن ئەيىپلىگەن. « زامانىۋى ھاياتقا قارىتا ئۆزگىچە ئىسلامىي مۇئامىلە ۋە پوزىتسىيە بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىسلامنى زامانىۋى ھاياتقا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش » بىلەن ئەيىپلىنىش، ئەھمەت خاننى باشقا ئىسلامچىلاردىن ئايرىپ تۇرغان ئۆلچەم بولالايدۇ. يېقىن مەزگىلدىكى « ئىسلام زامانىۋىلىق » ھەرىكىتىمۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئەيىپلەشلەر، بۇ تەتقىقاتىمىزنىڭ زامانىۋى ئېقىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

جامالىدىن ئافغانى ( 1838 – 1897 )

جامالەددىن ئافغانىنىڭ ئەزەربەيجانلىق، پارس ياكى ئافغان ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئون سەككىز يېشىغىچە كابۇلدا تۇرغان. ئۇ ئافغانىستاندىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تىل، تارىخ، دىن، پەلسەپە ۋە سىياسەت ساھەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن ئىنگىلىز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھىندىستانغا بارغان. ئۇ يەردە ياۋروپا بىلىم ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ھاياتى بويىچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كەزگەن. ھىجاز، ئىران، ھىندىستان، مىسىر، ئىستانبۇل، لوندون، پارىژ، روسسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە شەھەرلەرگە بىر قانچە قېتىمدىن بارغان.
ئافغانى بەزىدە قىسقا، بەزىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردە مىللىي ۋە دىنى ئاڭنى ئويغىتىش، ئىسلام ئەللىرى ئارىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش، مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈچ جەھەتتىن ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈپ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن سىياسىي، ئىلمى ۋە كۈلتۈر خاراكتېرلىق پائالىيەتلەر بولۇپ، بۇ مەقسەتتە ھەر خىل تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ياكى قۇرغۇچىسى بولغان. ئافغانىستاندا بىر مەزگىل باش مىنىستىر بولغان. بۇ كۈرىشى جەريانىدا بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئوقۇغۇچىسى ۋە داۋا دوستى مۇھەممەد ئابدۇھ بىلەن بىللە 1883 – 1884 – يىللىرىدا پارىژدا نەشىر قىلغان « ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا » ژورنىلى، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات پىكىرلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىلىك رولىنى ئوينىغان. ئىراندا تاماكا تىجارىتىنى مونوپۇل قىلىۋالغان ئىنگىلىز شىركىتىگە قارشى شىئە موللىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان كۈرىشى ( 1890 )، ھاكىمىيەت ئالمىشىشىغا سەۋەپ بولغان ئىنقىلاۋى ھەرىكەتكە ئايلانغان. II. ئابدۇلھەمىتنىڭ ئىسلامچى سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، يېڭى ئوسمانلىلارنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە مەشرۇتىيەت تەرەپدارى بولۇشىدا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. ئافغانى 1897 – يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئىسلامچىلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە تۇنجى باشلامچىسى سۈپتىدە تونۇشتۇرلۇپ كېلىنمەكتە.
ئافغانىنىڭ ئىسلاھات لاھىيىسىدە ئىسلام بىرلىكى چۈشەنچىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئۇنىڭچە، بۇ بىرلىكنىڭ بېشىدا چوقۇم بىر خەلىپە بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈممەتنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە كېڭەش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولۇپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئىسلام ۋە ئەخلاقى ئەمەس ئىدى. ئافغانى غەربنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشنى ھەرگىزمۇ چىقىش يولى دەپ قارىمايتتى. غەرب، كۈچ ۋە ھاكىمىيەتنىڭ سىرلىرىنى بايقىغان، بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلغانىدى. بۇ سىرلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تەرتىپ -تۈزۈم، سەۋر ۋە قەتئىيلىك كېلەتتى. مۇسۇلمانلار بۇ قىممەت قاراشلارنى ئېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئافغانى مۇسۇلمانلارغا دىنى ھەققىدە مۇتەئەسسىپ بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، غەرب ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش كەيپىياتىنى بىمەنە دەپ قارىغان ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پارلاق ئىسلام مەدەنىيىتىنى كۈچلۈك تەرغىب قىلغان. ئىسلامنىڭ دەۋرنىڭ ئىھتىياجىغا جاۋاپ بېرەلىشى، ئىسلامى پىرىنسىپلارنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە مەۋجۇتلىقىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي شەرتلەرگە ئاساسەن ئىجتىھات قىلىنىشى كېرەك. ئىجتىھات ئىشكىنىڭ ئاللىقاچان تاقالغانلىق پىكىرى بۇ نۇقتىدىن زىيانلىق ئىدى. پادىشاھلىق تۈزۈمى، باتىنىلىك، تەقدىرپەرەستلىك، ھەدىس ئويدۇرمىچىلىقى، مەدرەسە سېسىتىمىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، جاھالەت، ئەمەلسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەر سەۋەبىدىن بۇ مەدەنىيەت بىر ئىزىدا توختاپ قالغان، ئاندىن ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغانىدى. بۇ جەرياننى تەرەققىياتقا بۇراش، سېستىمىلىق ئىسلاھات پىلانى بىلەن مۇمكىن ئىدى .
ئافغانى ئىسلاھاتتا سىياسىي خىزمەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا ھاكىمىيەتتىن، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، خەلقكە يۈزلەنگەن تېز سۈرئەتلىك ياخشىلىنىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان پائالىيەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ پائالىيەتلەردە جاھانگىرلىككە قارشى ئىپادىلەر ئېغىر سالماقتا ئىدى. مىسىردا ئىخۋانى مۇسلىمىن، پاكىستاندا جامائەتى ئىسلامىغا ئوخشاش سىياسىي تەشكىلاتلارنى ئافغانىنىڭ ئىسلاھات غەيرەتلىرىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ھەرىكەتلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىزاھاتلار:
گۈلسەرەن ھالېجې ئۆزكان، « مۇستەقىللىق كۈرىشىدە يېڭىلىقچى بىر رۇھ: سىر سەييىد ئەھمەت خان ۋە ئالىگارھ ھەرىكىتى »، نۇشھا: شەرق تەتقىقات ژرونىلى، 8/3 ( 2003 )، 150 – بەت، 1.
ئۆزگۈر كاۋاك، « زامانىۋىيلىقنىڭ ئۆزگەرتكۈچى تەسىرى: سەييىد ئەھمەت خان ۋە ئەھكامنىڭ دۇنيالىقلىشىشى »، دىۋان، 14 ( 1/2003 )، 144 – بەت، 6؛ مۇستاپا ئۆز، « ئەھمەت خان، سەييىد »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 2، بەت 74 –5.
ھۆكۈمدارنىڭ ھوقۇقى ئاساسىي قانۇن ۋە خەلق سايلاپ چىققان مىللەت مەجلىسى ئارقىلىق تىزگىنلەنگەن دۆلەت تۈزۈمى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*