ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى-تۇنجى ئىسلامچىلار:مۇھەممەد ئابدۇھ ۋە مۇستافا سابرى (4)

2018-يىلى 28-ئاپرېل

مۇھەممەد ئابدۇھ ( 1849 – 1905 )

مىسىرلىق تۈركمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان مۇھەممەد ئابدۇھ، تانتادا باشلىغان ئىلىم تەھسل قىلىش ھاياتىنى قاھىرەدە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئافغانى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېماتىكا، پەلسەپە ۋە كالام دەرسلىرى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇستازىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئەل – ئەزھەردە مۇددەرىسلىك قىلغان بولۇپ، گېزىتلاردا ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇرابى پاشانىڭ ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بەيرۇتقا پالىنىدۇ. 1883 – يىلىدىن كېيىن ئافغانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارىژغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە « ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا » ژورنىلىنى نەشىر قىلىدۇ ۋە بۇ ئىسىم بىلەن قۇرۇلغان جەمئىيەتتە ئورۇن ئالىدۇ. ژورنال پىچەتلەنگەندىن كېيىن مىسىر ۋە ئىسلام دۇنياسىنى قىسقا مۇددەتلىك چاقناپ ئۆچكەن سىياسىي تىرىشچانلىق بىلەن قۇتقۇزغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئافغانىدىن پەرقلىق يول تۇتۇش قارارىغا كېلىدۇ.

ئۇ بەيرۇتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مائارىپ، كۈلتۈر ۋە پىكىر ئۈستىدە بەكرەك مەركەزلىشىش بىلەن بىرگە دىنلار ئارىسى دىئالوگ خىزمەتلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. سۈرگۈن جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن 1889 – يىلى مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ۋە ئافغانى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئازايتىدۇ. ئەل – ئەزھەردە ۋاپات بولغۇچە تەپسىر دەرسى بېرىدۇ. ئۇ ئۆزى نەشىر قىلغان « ئەل – مەنار » ژورنىلىدا سىياسىي مەسىلىلەردىن بەكرەك ئىلمى ۋە پىكىرى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ جەرياندا قازىلىق خىزمىتىمۇ ئۆتەيدۇ. ئەزھەر ئىدارە مەجلىسىنىڭ ئەزاسى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشلۇقىنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوكىسفورد ۋە كەمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. 1905 – يىلى ئىسكەندەرىيەدە ۋاپات بولىدۇ.

ئابدۇھنىڭ ئاساسلىق نىشانى، تۇنجى مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا دىننى چۈشىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئەقىدىنى «ئەسرى سائادەت»تىكى ساپ ھالەتكە قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەقىل ۋە ئىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش؛ ئۆزگۈرۈۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە دىننىڭ رولىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈش ئىدى. زامانىۋى ئىسلامى چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىي تاپقان غەرب بىلەن مۇناسىۋەتنى جانلاندۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى. غەربتىن بىلىم ۋە تېخنىكا قوبۇل قىلىشنى تەرغىپ قىلغاندا، بۇ مەدەنىيەتنىڭ دىنىمىزغا ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى.

ئابدۇھ، تەقدىر مەسىلىسىدە ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقىغا ئەشئەرىنىڭ چۈشەنچىسىدىن بەكرەك ماتۇرىدىلىق ۋە مۇتەزىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە يېقىنلىشىدۇ. قۇرئاننىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ۋە ئەخلاق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى بىمار ۋە مىيىتلار ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان كىتاپقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى تەنقىت قىلىدۇ. دىننى چۈشىنىشتە قۇرئاننى بەكرەك تۇتقا قىلىپ، سۈننەتنىڭ دەلىل ئىكەنلىكىنى خېلى بەك نەزەردىن ساقىت قىلىشى سەۋەبىدىن ئەنئەنىۋى سەلەفىلىكتىن روشەن پەرقلىنىدۇ. بەزى ئايەتلەرنى ئۆز دەۋرىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئۇيغۇن ھالدا ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. فىقىھتا ئىجتىھات قىلىشنى ياقلايدۇ. پەتىۋا ۋە قازادا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ چوقۇنۇش مەقسەت قىلىنمىغان بولسا ھەيكەلتىراشلىققا، شىلەپە قاتارلىق غەرپ كىيىم – كىچەكلىرىنى كىيىشكە بولىدىغانلىقىغا، ئەھلى كىتاب بوغۇزلىغان ھايۋانلارنى يېگىلى بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالىرى ئۆز دەۋردىكى بەزى ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرايدۇ[1].

مۇھەممەد ئابدۇھ چۈشەنچە ۋە ئۇسلۇبى بىلەن سىياسىۋىيلىقتىن بەكرەك كۈلتۈرنى  ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ چۈشەنچىلىرى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلىمىغا يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بولدى. ئۇ مائارىپ، مەكتەپلىشىش، نەشىر – ئەپكارغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى، بۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشچان سىياسەتتىن يىراق تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردى.  كۈنىمىزدىكى دىنى ھەرىكەتلەر بىلەن ئابدۇھنىڭ ئۇسلۇبى ئوتتۇرىسىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئابدۇھنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنىڭ ئاندا – ساندا زامانىۋى شەكىللەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى كۆزگە چىلىقماقتا.

مەھمەت ئاكىف، مۇسا جارۇللاھ، مۇھەممەد ئىقبال قاتارلىق كىشىلەر ئابدۇھ ۋە ئافغانىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئافغانىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتچىلىقىدىن بەكرەك مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشەببۇسىغا يېقىنراق تۇرغان. دىنى ۋە سىياسىي جەھەتتە كۆپ جەھەتتە ئابدۇھ بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولغان تاتار ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرى مۇسا جارۇللاھ ( ۋاپات، 1949 ) قاتارلىق رۇسىيە جەدىدچىلىرى، مەدرىس ئۇسۇلىنىڭ كىلاسسىك تەلىم – تەربىيە مېتودلىرى ( ئۇسۇلى قەدىم )غا ۋارىسلىق قىلغان ئۆلىمالارنىڭ ئەكسىچە، غەرب مائارىپ سېستىمىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىسلاھ قىلىنغان مائارىپ تۈزۈمىنى ( ئۇسۇلى جەدىد ) ياقلىدى[2]. ئۇ قۇرئانى كەرىمنىڭ غول مەنبە ئىكەنلىكىگە ۋە ئىجتىھات ئېلىپ بېرىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلدى، شۇنداقلا مەزھەبلەردىن ھالقىغان، ئەقىل ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە زامانىۋى ھاياتقا ماسلىشالايدىغان ئىسلام چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلدى.

مۇستافا سابرى ئەپەندى ( 1869 – 1954 )

تۈركىيەنىڭ توكات شەھرىدە تۇغۇلغان مۇستافا سابرى ئەپەندى، ئىلمى ساھەدە سۇلايمانىيە مەدرەسەسىدە ھەدىس مۇددەرىسى بولىدۇ. ئىتتىھاد ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر مەزگىل II. ئابدۇلھەمىتكە قارشى پوزىتسىيەدە بولىدۇ. كېيىن ھۆررىيەت ۋە ئىتلاف پارتىيەسىنى قۇرغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە  ئىسلام ئىلىملىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. كۈيئوغۇل فەرىد ھۆكۈمىتىدە شەيخۇل ئىسلام ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ ( 1919 – 1920 ). ئانادولۇدىكى مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىگە ۋە رەھبەرلىرىگە ئىشەنمىگەن مۇستافا سابرى ئەپەنندى، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر ئېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ ( 1920 – يىلى سىنتەبىر ). بۇ جەرياندا ئۆزى قۇرغان تەئالىئى ئىسلام جەمئىيىتىدە ئىسكىپلىق ئاتىف ئەپەندى ۋە سەئىد نۇرسى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ. جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يېڭى ھاكىمىيەت مۇستافا سابرىنى ئۆكتىچى 150 كىشىلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈپ 1924 – يىلى تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.

مۇستافا سابرى ئەپەندى باشتا مىسىرغا بارىدۇ، گۈمۈلجىنە[3] دە  بىر مەزگىل تۇرىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە « يارېن ( ئەتە ) » ناملىق ژورنال چىقارغان بولۇپ، بۇ ژورنالدا ئىسلام دۇنياسىدىكى غەربلىشىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىدۇ. قەھىرەدىمۇ بۇ تەنقىتىنى داۋاملاشتۇرغان. مۇھەممەد ئابدۇ ۋە رەشىت رىزا باشلامچىلىقىدىكى فەرىد ۋەجدى، مەراغى، مۇھەممەد ھەيكەل، ئەلى ئابدۇرازاققا ئوخشاش بەزى مىسىرلىق ئالىم ۋە ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنى ئىسلام دىنىنى غەرب چۈشەنچىسى ۋە قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئىزاھلىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ تەجدىد ھەرىكەتلىرىنى ئەسلى مەقسىتىدىن ئېغىپ كەتتى، دەپ قارايتتى. زامانىۋى ئۇسۇللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەتىۋالارغا، نوقۇل ئەقىلنى ئىشلىتىپ ھېسسى مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغان قاراشلارغا رەددىيە يازىدۇ. لېكىن ئىسلامنىڭ بىلىم بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ياقىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ.

ئىنساننىڭ قىلمىشى مەسىلىسىدە ئىسلامچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مايىل بولغان ھۆرىيەتچى مۇتەزىلى ۋە ماتۇرىدى قاراشلارغا يىراق تۇرغان مۇستاپا سابرى ئەپەندى، ھەنەفى مەزھىبىدىن بولۇشىغا قارىماستىن جەبرىيەچى ( تەقدىرپەرەست ) چۈشەنچە بىلەن ئەشئەرلىككە يېقىن تۇرىدۇ. خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرلۇشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، مىللەت مەجلىسىنىڭ (پارلامېنت) بىر شەخسى مەنىۋى ھالەتتە خەلىپىلىككە ۋەكىل قىلىشىنى دىنى جەھەتتىن جائىز دەپ قارايدۇ. خانىم – قىزلارنىڭ ھىجاپ جەھەتتە كۆرۈلگەن يۇمشاشنى ماقالىلەر ئارقىلىق توسۇشقا تىرىشىدۇ. ھەققىدە كەچۈرۈم چىققان بولسىمۇ، تۈركىيەدە ئىسلامى تۈزۈمدىن ھېچقانداق ئەسەر قالىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈركىيەگە قايتمايدۇ ۋە 1954 – يىلى قاھىرەدە ۋاپات بولىدۇ[4].

مۇستافا سابرى ئەپەندى، بولۇپمۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا زامانىۋى يېڭىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئابدۇھ بىلەن سىمۋوللۇققا ئىگە بولغان ئىسلامچى ئېقىمغا قارشى سەپتە تۇرىدىغان، زامانىۋىلىققا قارشى تۇرىدىغان، مائارىپتا ئۇسۇلى قەدىمگە مايىل مۇھاپىزىكار ۋە ئەنئەنىنى ياقىلايدىغان ئىسلامچى ئېقىمنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولدى. دۈزجەلىك[5] زاھىد كەۋسەرى ( ۋاپات، 1951 )، لىۋانلىق يۈسۈپ نەبھانى ( ۋاپات، 1932 )، كېيىنكى مەزگىلدە سۈرىيەلىك ئالىم ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ گۇددە ( ۋاپات، 1997 ) بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرى بولدى. مۇستافا سابرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەھمەت داۋۇتئوغلى ( ۋاپات، 1983 ) بۇ ئېقىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كىردى. غەربلىشىش ۋە لايىكلىشىشكە قارشى قاتتىق سۆزلىرى سوپىزم ۋە مەزھەپكە قارشى تۇرغۇچىلارغا قاراتقان كۈچلۈك تەنقىدى بىلەن بۇ ئېقىم ئىسلامچىلىق چۈشەنچىسىدە پەرقلىق سەپ ھاسىل قىلدى. بۇ ئېقىمنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋەكىلى ئەھمەت داۋۇتئوغلى ۋە دىن، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى چۈشەنگەندەك « كوزىچىنىڭ لېيى » ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ھەركىم ئۆز مەيلىچە ئۇنىڭدىن خالىغان شەكىلدە « قاچا، كوزا، لوڭقا، ھەيكەل » ياسىيالمايتتى. چۈنكى دىن « … مۇرەسسەچىلىك بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە پولاتتەك مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق ئىلاھى سۈپتىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ساقلايدۇ »[6]. بۇ

[1] سائىد ئۆزەرۋارلې، « مۇھەممەد ئابدۇھ »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 30، 484 – بەت. ئابدۇھنىڭ دىنى ۋە سىياسىي ئىسلاھات چۈشەنچىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن مەھمەت زەكى ئىشچان، « مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ دىنى ۋە سىياسىي قاراشلىرى »غا مۇراجەت قىلىڭ. ئىستانبۇل، 1998، 87 – بەت، 295.

[2]  جەدىدچىلىك ھەققىدە تاھا ئاكيول، « جەدىدچىلىك »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 7، 211 – بەت، 3؛ ئەھمەت قانلېدەرە، « مۇسا جارۇللاھ »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 31، 214 – بەت، 6، گە مۇراجەت قىلىڭ.

[3]  يۇنانىستاننىڭ تىراكىيا رايۇنى.

[4]  يۈسۈپ شەۋكى ياۋۇز، « مۇستاپا سابرى ئەپەندى »، تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئىسلام ئانسىكلوپېدىيىسى، ج. 31، 350 – بەت، 3.

[5]  تۈركىيەنىڭ غەربىي قارا دېڭىز رايۇنىدىكى بىر ۋىلايەت.

[6]  ئەھمەت داۋۇتئوغلى،« سالامەت يوللىرى: بۇلۇغۇل مەرام تەرجىمىسى ۋە شەرھىسى »، ئىستانبۇل، ت.ي.، « مۇقەددىمە » قىسمى، ج.1، س. ئە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*