ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى-ئەنئەنىچىلىك (6)

مەھمەت ئالى بۈيۈككارا | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

بىر خەلق ياكى كوللىكتىپ ئىچىدە ئەجدادلاردىن مىراس قالغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلىنىپ كېلىنگەن ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان، مەزكۇر توپلۇمنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزالار ئارىسىدىكى مەنىۋى رىشتىنى كۈچەيتىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان ۋە بەلگىلىك چەكلىمە كۈچىگە ئىگە بولغان ئۇدۇم، ئادەت، مۇئامىلە، ۋەز ياكى يېزىق ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان كۈلتۈر خاراكتېرلىق ئىزنالار ئەنئەنىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن: مەزھەپلەر، تەرىقەتلەر ۋە مەدرىسلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بار بولۇپ، بۇلار ئۇممەت ياكى ئىسلام ئەنئەنىسى دەپ ئاتالغان چوڭ ئۈست قۇرۇلما ئىچىدە نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەسىر كۈچكە ئىگە.

ئەنئەنىچىلىكنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى

ئەنئەنىچىلىكنى باشقا ئېقىملاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېرىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ ئېقىمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش زۆرۈر. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىچاقلاش مۇمكىن:
1-ئەنئەنىنى ياقىلايدىغانلارغا نىسبەتەن ئەنئەنە مۇقەددەس بولۇپ، ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك.
2-ئەنئەنە قەدىم ۋە دائىملىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئەنئەنىگە مەنسۇپ كىشىلەرگە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا شانلىق تارىخ نامايەن بولماقتا.
3-بۇ سەۋەپتىن ئەزالار ئوتتۇرىسىدا ماددى، مەنىۋى رىشتە ۋە ئىچكى ماسلىشىشنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىلھام مەنبەسىدۇر.
4-بۇ ئەھۋال ئورتاق كىملىك تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
5-ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق ۋە مودېرىنلىق (زامانىۋىلىق) ئەنئەنىدىن يىراقلىشىش ياكى ئۇنىڭدىن بېغىنى ئۈزۈشكە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن شۈبھە بىلەن مۇئامىلە قىلىنماقتا.
6-گەرچە ئەنئەنە مۇقىم ۋە قاتماللىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ئۆزگەرتمەستىنمۇ مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە يېڭىلىنىدىغان ۋە باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان دەۋرگە ماسلىشالايدىغان ئىلاستىكلىققا ئىگە. ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىلارنىڭ ئىزچىل ۋە مودېرىن (زامانىۋى) دەۋرلەردىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مانا بۇ ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىقماقتا.
7-ئەنئەنىچىلەر مودېرىنلىققا (زامانىۋىلىققا) قارىتا پەرقلىق تاللاشلار تەقدىم قىلىش ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رول ئويناش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ناھايىتى تېز بولىۋاتقان مەزگىللەردە تورمۇز رولىنى ئوينايدۇ.
8-ئەنئەنىنىڭ داۋامىدىكى مەقسەتلىك نەزەردىن ساقىت قىلىشلار ياكى ئەنئەنىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكلەر سەۋەبىدىن بىپەرۋالىق بىلەن ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارغا قارىتا بەلگىلىك جازالار يۈرگۈزۈلمەكتە.

ئىسلامى ئەنئەنىچىلىك

تېمىمىز ئىسلامى ئەنئەنىچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تارىخ ئىچىدە ئانا (غول) گەۋدىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن «سەلەفىييە» ئەنئەنىچىلىكى، «مەدرىسە» ئەنئەنىچىلىكى ۋە «تەرىقەت» ئەنئەنىچىلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق دىنى ئەنئەنە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1-ئۇلىدىكى پەرقلەر. سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىكىنىڭ ئۇلىدا ھەدىس؛ مەدرىسە ئەنئەنىچىلىكنىڭ ئۇلىدا فىقىھ؛ تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكىنىڭ ئۇلىدا بولسا تەسەۋۋۇپ ياتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن تارىختا ۋە كۈنىمىزدە بۇ ئېقىملار خاراكتېرى جەھەتتىن ئەنئەنە نۇقتىسىدا ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، تەشكىل قىلغۇچى ئۇلى نۇقتىسىدىن بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، بەزىدە بىر – بىرىگە رەقىپ ۋە دۈشمەن بولغان.
2-ئەنئەنىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىش. ئىسلامى ئەنئەنىلەر ئىچىدە مۇتلەق توغرا ئامىللار بولغاندەك، ناتوغرا ئامىللارمۇ مەۋجۇت. بۇ ئېقىم ئىچىدىكى قۇرۇلما ۋە ئەزالارنى ئەنئەنىچى قىلغان ئالاھىدىلىك، توغرا – خاتا دەپ ئايرىماستىن، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئەنئەنىنى شاكىلى ۋە مېغىزى بىلەن قوشۇپ بىراقلا قوبۇل قىلىشى بولۇپ، ئەنئەنىنى تاسقاشقا، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
3-ئەنئەنىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى. ئەنئەنىچى قۇرۇلمىلار ئەنئەنىنى ئەلاۋدتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەنئەنە ياشىشى كېرەك. بۇ تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەنئەنىچىلەر ھەقىقىي مەنىدىن مۇھاپىزىكاردۇر. ئەنئەنىلەرنىڭ ساغلاملىقى ياكى بۇلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان دەۋرگە ماس كېلىپ – كەلمەيدىغانلىقى ۋە تەدبىقلىنىشچانلىقى كۆپىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
4- يېتەكچىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك. ئەنئەنچى گۇرۇپپىلارنىڭ لىدېرلىرى ئومۇمەن دېگۈدەك شەيخ، ئۇستاز، ئەللامە، مەۋلانا، ھۇججەت، موللا دېگەندەك ئۇنۋان بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنئەنىۋى دىنى تەلىم – تەربىيە ئالغان. رەھلەئى تەدرىسات، يەنى بىر ئالىمدىن ياكى شەيختىن بىۋاستە ئالىدىغان دەرسلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، ئاكادېمىك ئۇنىۋانلار لىدېرلىقتا ئانچە ئىتىبارىغا ئېلىنمايدۇ.
لىدېرلار ئاساسەن ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەك كىيىدىغان بولۇپ، سەللە، تون ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. كىيىم – كىچەكنىڭ رەڭگى، كېيىنىش ۋە ئورنۇش شەكلى پەقەت ئۆزگىچە ئەنئەنىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، يەنە قۇرۇلما ئىچىدىكى ئىجتىمائىي نۇپۇزىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ.
5- ھالقىنىڭ ۋازكەچكىلى بولمايدىغانلىقى. ئىسلامى ئەنئەنىچىلىكتە ھالقا بۈگۈننى ئۆتمۈشكە باغلايدۇ. ۋارىسلىق ھالقىسى بولماستىن ئەنئەنە ھېچقانداق قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ.
سەلەفىييە ئەنئەنىسىدە ھالقا رىۋايەت سەنەتى بىلەن شەكىللىنىدۇ. رىۋايەت زەنجىرىدىكى رىۋايەت قىلغۇچىلار ھەدىس، ئەسەر ياكى خەۋەر دەپ ئاتالغان بۇ رىۋايەتلەرنى سۆز ياكى ھەرىكەتنى ئەڭ باشتا قىلغۇچىدىن ئېلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ. سەلەفىييە ئەنئەنىسى، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئەسىرىدە بۇ شەكىلدە يەتكۈزۈلگەن رىۋايەتلەردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، سۈننى ھەدىس ئىلمى تەرىپىدىن سەھىھ دەپ قارالغان كىتابلارنى دىننىڭ شەرتسىز ئانا مەنبەسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىدۇ. «كۇتۇبى سىتتە» دەپ ئاتالغان ئالتە ھەدىس كىتابى مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىكى دەپ قارىلىدۇ.
مەدرىسە ئەنئەنىسىدە ۋارىسلىق ھالقىسى، مەۋجۇت ئۆلىمانى تۇنجى فىقىھچى دەپ قارالغان ھەزرىتى مۇھەممەد ( ئە س )كە تۇتاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: ھەنەفى مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەبۇ ھەنىفە، فىقىھنى ئۇستازى ھاممادتىن، ئۇ ئۇستازى ئىبراھىم ئەن – ناھائىدىن، ئۇ بولسا ئەلقەمدىن، ئۇمۇ ئۇستازى ساھابە ئىبن مەسئۇدتىن، ئۇمۇ رەسۇلۇللاھتىن ئالغان. ئىلىم زەنجىرى دەپ ئاتالغان بۇ ھالقا، ئاقىۋەت ئۇ رەسۇلنى ئەۋەتكەن ئىلاھىي مەۋجۇتلۇققا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بۇ سەۋەپتىن ئۇلار مۇقەددستۇر. كۈنىمىزدە ھەنەفى مەدرىس ئۇستازلىرى «ئىجازەت» دەپ ئاتالغان بىر زەنجىر ئارقىلىق ئەبۇ ھەنىفىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، بۇ مۇقەددەس زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولىدۇ. ئىجازەت – ئۇستازدىن تالىپىغا بېرىلگەن دەرس ئۆگىتىش رۇخسەتنامىسى بولۇپ، ئۇستازنىڭ ئۆزىدىن ئېلىنىدىغان ۋە ئالاھىدە زەنجىر ئارقىلىق ئارقىغا ياندۇرۇپ مەزھەپ ئىمامىغا، ئۇ ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاكادېمىك دىپلومىدىن باشقىچە ۋە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر دەپ قارىلىدۇ.
تەرىقەت ئەنئەنىسىدە زەنجىر، مەۋجۇت شەيخلەر ئالدى بىلەن تەرىقەتنىڭ پىرىغا، ئاندىن دەسلەپكى سوپى شەيخ دەپ قارالغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يەردىمۇ «ئىلاھى بولغان» بىلەن باغلىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ھەر تەرىقەتنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر زەنجىر ھالقىسى بولىدۇ. مەسىلەن: خالىدىييە نەقشى بەندىلىكىنىڭ زەنجىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن 15 – ئورۇندىكى تەرىقەت پىرى شاھى نەقشىبەندىگە، 23 – ھالقىدىكى ئىمام رەببانىغا، 29 – ھالقىدىكى خالىدى باغدادىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ ئىرشاد ماقامىغا ئۇلاشقانلىقى ئۈچۈن مەنىۋى تەربىيە قىلىشقا تەيىنلىگەن يۈزلەرچە مۇرىتى، خەلىپە – ۋەكىل ماقامىدا تۇرۇپ ھالقىنى پەرقلىق تارماقلاردىن داۋاملاشتۇرىدۇ. تەيىنلەش، ئىجازەت بېرىش بولۇپ، مەدرىسە ئەنئەنىسىدىكىگە ئوخشاش ئومۇمەن يېزىپ قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن ئوتتۇرىدا پەرق بار بولۇپ، مەدرىسىدىكى ئىجازەت ئىلىم بىلەن يەتكۈزۇشنى، تەرىقەتتىكى ئىجازەت بولسا مەنىۋى جەھەتتىن يەتكۈزۈشنى ئىپادىلەيدۇ.
زەنجىر ھالقىسىدىكى كىشىلەر، مەزكۇر گۇرۇپپىلار ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان «تاباقات» ۋە «مەناقىب» ژانىرىدىكى كىتاپلار ئارقىلىق كېيىنكى نەسىللەرگە ئۆلگىلىك شەخس سۈپتىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ.
6- دەرىجىلەرنىڭ ئەھمىيىتى. ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىلاردا ئىدارە قىلىش تۈزۈمى «دەرىجە» سېستىمىسى شەكلىدە بولۇپ، ئەزالىرىدىن بۇ تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىكى، «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ زامانىمدا ياشىغانلاردۇر (ساھابىلەر)، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەر (تابىئىن)، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر (تەبەئۇت تابىئىن)…» ھەدىسىگە ئاساسەن ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلەرنى بەلگىلىگەن. بۇ ئۈست تارىخىي تەبىقە «سەلەفى سالىھىن (سالىھ ئۆتكەن كىشىلەر)» بولۇپ، دىننى توغرا چۈشىنىش ۋە ياشاش ئۈچۈن بۇ نەسىللەرنىڭ تەلىماتلىرى، ئىش – ئىزلىرى ئاساس قىلىنىش كېرەك.
مەدرىسە ئەنئەنىچىلىكىدە بولسا تۇنجى نەسىل(سەلەف)لەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، مەرتىۋىلەر كېيىنكى نەسىل(خەلەف)لەر ئۈستىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان فىقىھ مەزھەبلىرىدىكى ئۇل سالغۇچى مۇجتەھىتلەر (مۇتلەق مۇجتەھىتلەر)، مېتودتا ئۇلارغا بويسۇنۇش بىلەن بىرگە، ھەر مەسىلىدە ئۆزئالدىغا مۇستەقىل ئىجتىھاد قىلالايدىغان مۇجتەھىدلەر (مەزھەپتە مۇجتەھىتلەر)، بەزى مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلالايدىغانلار (مەسئەلدە مۇجتەھىتلەر)، ئىجتىھاد قىلالمايدىغان ئەمما ھۆكۈملەرنى ئىزاھلىيالايدىغان ۋە تاللىشىدا سۆز ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئالىملار ( تەرتىپ بىلەن مۇھەررىجلەر، مۇرەججىھلەر، مۇمەييىزلەر)، ئەڭ تۆۋەندە پەقەت ھۆكۈملەرنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىدىغان مۇقەللىتلەر بۇ مەرتىۋە سېستىمىسى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىمامى ئەزەم (ئەڭ بۈيۈك ئىمام)، شەيخۇل ئىسلام (ئىسلامنىڭ ئەڭ بۈيۈكى)، فاھرۇل ئىسلام (ئىسلامىيەتنىڭ پەخرى)، شەمسۇل ئەئىممە(ئىماملارنىڭ قۇياشى)… دېگەندەك ئۇنۋانلار يۇقىرى مەرتىۋىلەرنى كۆرسىتىدىغان ئۇنۋانلاردۇر. مەدرىسە ئۇستازلىرى بولغان مۇدەررىسلەر ئارىسىدا مۇئىد، مۇفىد، دەرسىئام… دېگەندەك ئاكادېمىك ئۇنىۋانغا ئوخشاش تەرتىپ مەۋجۇت. تالىپلارمۇ ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. شىئە مەدرىسە ئەنئەنىسىدە تالىپ كەيگەن كىيىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى ئايان قىلىدۇ.
تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئاساسەن مۇرشىت – مۇرت ياكى شەيخ – دەرۋىش مۇناسىۋىتى شەكلىدە بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتتىن باشقا رىجالۇل غەيب (غەيبكە يەتكەنلەر) نامى بىلەن بىلىنمىگەن ياكى كۆرۈنمىگەن ئاللاھ دوستلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچلەر، يەتتىلەر، قىرىقلار؛ يۇقىرى مەرتىۋىدىكى شەيخلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك گاۋس، گاۋسى ئەزەم (ئەڭ چوڭ گاۋس)، قۇتۇب، قۇتۇبۇل ئاقتاب (باش قۇتۇب)، ئابدال، ئەۋتاد (تېرەكلەر)، نۇجەبا (تاللانغانلار) دېگەندەك ئۇقۇملار يەنە تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكىدىكى غەيبى ۋە مەنىۋى ئىدارى سېستىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ھەققىدە نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەردىن بىرسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئابدال، شام ئاھالىسىدىن بولۇپ، قىرىق كىشىدۇر. ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا ئاللاھ باشقىلارنى قويىدۇ. ئۇلارنىڭ سايىسىدە يامغۇر ياغىدۇ. ئۇلارنىڭ سايىسىدە ھەق دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» .
7- تېكىست مەركەزچىلىك. ئەنئەنىچى قۇرۇلمىلار دىنى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردە نەقىلى مەلۇماتلار ۋە تەكلىپلەرنى ئەقلىي تەدبىرلەردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىكىدە ھەدىس مەجمۇئەلىرى ۋە شەرھىيلىرى، مەدرىسە ئەنئەنىچىلىكىدە فىقىھ، تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكىدە تەسەۋۋۇپ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئاساسلىق مۇراجەت مەنبەلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىدە كۈچكە ئىگە بولغان قاراش ۋە پەتىۋالار، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ كۈنىمىزدىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن ئەسەرلەر بىرىنچى دەرىجىلىك مەنبە دەپ قارىلىدۇ.
ئەسھابۇل ھەدىس (ئەھلى ھەدىس) دەپ ئاتالغان سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىكىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ «سۈننەت بايان نۇقتىسىدىن قۇرئاننىڭ ھاكىمىدۇر» سۆزلىرى، قۇرئانى كەرىمنى ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلىنماستىن چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەھمەد بىن ھەنبەلنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن قالسا ساھابىلەرنىڭ قاراشلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا ئەسلىدە ھەدىس ئالىملىرى ئاجىز دەپ قارىغان مۇرسەل ھەدىسلەرنىمۇ دەلىل سۈپتىدە قوبۇل قىلىشى، ئەقلىي نەتىجىلەرگە، رەي، قىياس ۋە ئىجتىھادقا پەقەت مەجبۇر قالغاندا مۇراجەت قىلىشىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقىلنى ئاساس قىلغان كالام ۋە پەلسەپىنى زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ساھە بىلەن مەشغۇل بولغانلارنى ئەيىپلەيدۇ. فىقىھ ۋە تەسەۋۋۇپ مەنبەلىرىمۇ سەلەفى سالىھىندىن كېيىن روياپقا چىققان يازما ئەسەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقىسى ئىجتىھادنى، كېيىنكىسى كەشفنى ئاساس قىلغانلىقتىن سەلەفىيلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
مەدرىس ئەنئەنىچىلىكىدە مەزكۇر مەدرىس مەنسۇپ بولغان ئېتىقادى ۋە فىقىھ مەزھەبنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. مەزھەپنىڭ ئاساسلىق مېتودىغا مۇۋاپىق ھالدا مەزھەپ ئىچىدىن چىقىپ كەتمىگەن ئاساستدا بۈگۈنگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ھۆكۈم ۋە پەتىۋالارنى چىقىرىش ھەر دائىم مۇمكىن بولسىمۇ، ئەنئەنىچى ئاڭ بۇ نۇقتىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ، كىتاپلاردا يېزىلغان تارىخى ھۆكۈم ۋە پەتىۋالارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا. سەلەفىييە مۇراجەت قىلىدىغان ھەدىس توپلاملىرىدىكى ئىخچام ھەدىسلەر، پەقەت مەزھەپ فىقىھچىلىرىنىڭ تاللىشى ئاساسىدا قىممەتكە ئىگە بولماقتا. تەسەۋۋۇپى ئەسەرلەرگە فىقىھ ئەلگىكىدىن ئۆتكەن، فىقىھ تەستىقلىغان ئەسەرلەر بولۇش شەرتى ئاستىدا مۇراجەت قىلىنماقتا.
تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكىدە بولسا تەرىقەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى مەنبە قىلىنىدۇ. تاباقات، مەناقىب، ھېليە، تەزكىرە، مەكتۇبات، رەسائىل، لەتائىف، ماقامات، تەجەللىيات، فۇتۇھات، فۇيۇزات، سىررۇل ئەسرار، ئەركاننامە، تەرىقەتنامەگە ئوخشايدىغان ئەسەرلەر بارلىق چوڭ تەرىقەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. دەرسلەردە بۇ خىل ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇلار تەسەۋۋۇپى تەربىيە، سەيرى سۈلۈك ۋە ئىنكىشاف ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالاھىدە مەلۇمات (ئىلمى لەدۇن) بولۇپ، بۇ مەلۇماتقا مۇشەققەتلىك يوللار بىلەن ئېرىشكەن زاتنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتى ۋە ئەخلاقىنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ، مەۋەرائۇل ئاقل (ئەقىلدىن ھالقىغان) ئۆزگىچىلىككە ئىگە. چۈنكى ھەقىقەتكە(مەرىپەتۇللاھ) ئېرىشىش ئۈچۈن كەشف، تەجەللى، ئىلھام دېگەندەك ئىدارك ۋاستىلىرىنى ئىشلەتمەكتە. تەسەۋۋۇپى ئەسەرلەر ئاساس مەنبە سۈپتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھېسسىي قىرانلىققا ۋە تەجرىبىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
1-ئەرلەر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان قۇرۇلما. ئىسلامى ئەنئەنىچىلىكتە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولى خالاپ – خالىماستىن ئەنئەنىچى قېلىپ ئىچىدە قالغان. بۇ ئاڭ نەتىجىسىدە ئايال ئىجتىمائىي ھاياتتىن كەڭ دائىرىدە ئايرىپ تاشلانغان بولۇپ، ئايالنىڭ ۋەزىپىسى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋە بالىلارنى بېقىش بىلەن چەكلەنمەكتە. ئايالنىڭ كىيىنىشىدە باشقا ئېقىملارغا قارىغاندا بەكرەك مۇتەسسىپ كېلىدۇ. ئەنئەنىچى تەشكىلاتلار باشتىن ئاخىر ئەرلەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان قۇرۇلمىلار بولۇپ، خىزمەت ۋە مائارىپ ساھەسىدە يات ئىككى جىنىسنىڭ يوللىرى مەجبۇرىي ئۇچرىشىپ قالغان ئەھۋاللاردا قاتتىق تەدبىرلەر ئىشلىتىلىدۇ. يەنى ماكانلار ئايرىلىدۇ، مۇستەقىل يىغىلىشلار، ئايرىم سىنىپلار ۋە ئۇستازلار ئارقىلىق يات جىنىسلار ئايرىلىدۇ.
تەرىقەت ئەنئەنىچىلىكى بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ تەرىقەتكە قېتىلىشىنى ئومۇمەن مۇۋاپىق كۆرىدۇ. بەزى تەرىقەتلەردە ئاياللارنىڭ شەيخ دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى كۆرۈلگەن. باتىنى تەرىپى ئېغىر باسقان بەزى تەرىقەتلەردە ئەر – ئايالنىڭ سۆھبەت ۋە زىكىر سورۇنلىرىدا بىرىلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. خۇشۇ ۋە ۋەجد ۋەزىيىتىدە كىشىنىڭ قەلبىنى ۋە دىققىتىنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەر نەرسىدىن يىراقلاشقانلىقى ئىددىئاسىغا ئاساسەن، مۇشۇنداق بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش نۇرمال دەپ قارالماقتا. بۇ تەرەپتىن تەرىقەت قۇرۇلمىلىرى ئايالنىڭ دىندارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىجتىمائىي ئاپپارات رولىنى ئوينايدۇ.
ئەمدى ئىسلامىيەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ ئەنئەنىچى ئېقىم ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا توختىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈنىمىزدە ئالدىغا چىققان ۋەكىللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
داۋامى بار…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*