ھازىرقى زامان ئىسلام ئېقىملىرى- سەلەفىييە ئەنئەنىچىلىك

2018-يىلى 4-ماي

مەمەت ئالى كارابۈيۈك

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئىككى غول ئېقىمىدىن بىرسى بولغان ئەھلى ھەدىس ئېقىمى[1]، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە[2] « ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان نەسىللەر » دەپ تونۇشتۇرغان « دەسلەپكى سالىھ نەسىللەرنىڭ ( سەلەفى سالىھىن )  »، يەنى ساھابە ۋە تابىئىنلار ئىسلامىيەتنى چۈشىنىپ ياشىغان شەكىلدە چۈشىنىپ ياشاشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سەلەفىييە دەپ ئاتالغان. بۇ سەۋەپتىن « خەلەف »نىڭ، يەنى « كېيىن كەلگەن » نەسىللەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلىشىپ « ئەقىلگە مايىل » دىنى مېتودلىرى؛ بىۋاستە ناسلارغا مۇراجەت قىلىشنىڭ ئورنىغا بىر قىسىم ئېتىقادى ۋە فىقىھ ئېقىملارنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئەتراپىدا جەم بولۇپ ھاسىل قىلغان « مەزھەپلەشكەن » چۈشەنچە ئاساسلىرى؛ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان زۇھىد ۋە تەقۋا ھاياتىنى ياشاشنىڭ ئورنىغا « تەرىقەت » تەلىماتلىرى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان دىنى ھاياتلىرى سەلەفىييە تەرىپىدىن ئومۇمەن بىدىئەت دەپ قارالماقتا.

بۇ سەۋەپتىن سەلەفىييە ياكى ئەھلى ھەدىس ئەڭ باشتىن تارتىپ ئۆزىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى دەپ قاراپ كەلگەن. « ئەل فىرقاتۇن ناجىيە ( نىجاتلىققا ئېرىشكەن پىرقە ) »، « ئەھلۇل ئىستىقامەت ( توغرا يولدا ماڭغانلار ) » ياكى « ئەت – تائىفەتۇل مەنسۇرا ( ئىلاھىي ياردەمگە ئېرىشكەن جامائەت ) » ئىسىملىرىنىمۇ بۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىگە لايىق كۆرۈپ ئىشلەتكەن. ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ دىننى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان « ئەھلۇل ئەسەر ۋە ئەھلۇل ئىتتبا » سۈپەتلىرىمۇ بۇ ئېقىم ئىشلەتكەن ئىسىملار قاتارىدىن[3]. سەلەفىييەدىن بولمىغان ھەنەفىلەر، ئەشئەرىلەر، شىئەلەر، تەرىقەت مەنسۇپى سوپىلار ۋە باشقا مۇسۇلمان پىرقە ۋە ئېقىملارنىڭ مەنسۇپلىرى ئەھلى بىدىئەت قاتارىدىن بولۇپ، ئۇلار تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىشقا مۇھتاجدۇر.

سەلەفىييە چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا ئىمان – تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان ھالى بولۇپ، بىر – بىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن ئەمەللەرگە ماس ھالدا ئىمان كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ. ئەمەل قىلمىسا ياكى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، كىشىنى ئىماندىن پۈتۈنلەي ئاجرىتىۋېتىپ، كۇپۇرلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىماندىن ئەسەر قالمايدۇ، كىشىدە پەقەت ئىسلام ( مۇسۇلمانلىق ) قالىدۇ. يەنى، ئىمانسىزلىق ئۇنى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. جان ۋە مال – مۈلكى يەنىلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىمان بىلەن ئىسلام بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

سەلەفىييەنىڭچە، ئاللاھنىڭ زاتىغا ۋە بارلىق سۈپەتلىرىگە قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە خەۋەر بېرىلگەن شەكىلدە ئىشىنىش لازىم. مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ۋە خەۋەرى سۈپەتلەرنى تەۋىل قىلىش توغرا ئەمەس بولۇپ، بۇ خىل ناسلارنى شەرھىيلىمەستىن شۇ پېتى قوبۇل قىلىش لازىم. « ئاللاھنىڭ ئەرشكە ئىستىۋا قىلىشى ( ئەرشكە قارار قىلىشى ) »، « ئۇنىڭ قولى ۋە يۈزى »، « ھەر كېچە دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىشى »…گە ئوخشاش سۈپەتلىرى بايان قىلىنغاندا، بىر قىسىم سەلەفى ئالىملار شەرھىيلەشتىن ئۆزىنى تارتىشى سەۋەبىدىن، ئاللاھنى ۋە سۈپەتلىرىنى ئۇنىڭ مەخلۇقاتىغا ئوخشىتىش، يەنى ئۇلارنى خۇددى جىسىملاشتۈرۈش مەنىسىدىكى تەشبىھ ( ئوخشىتىش ) ۋە تەجسىم ( جىسىملاشتۇرۇش ) ھاللىرىدىن خالىي بولالمىغان. ئۇنىڭ زاتىغا ئەسلا لايىق بولمايدىغان بەشەرى سۈپەتلەرنى « بىھۇدە ۋە قوپاللىق » بىلەن ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇتەزىلەدىن ۋە ئەھلى رەيدىن بولغان ئالىملار، قارىلىغۇچى بىر سۆز بولغان « ھاشۋىييە » ئىسمىنى سەلەفىييە ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

« ئەل – ۋەلا »، يەنى مۇئمىنلەرنى دوست تۇتۇش؛ « ۋە ئەل – بەرا »، يەنى ئىمانسىزلاردىن يىراقلىشىش ۋە ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش سەلەفىييەنىڭ ئەقىدىۋى ئاساسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولۇپ، سىياسىي، كالامى مەزھەپلەر، تەرىقەتلەرگە ئوخشاش بىدىئەت ئەھلىدىن ۋە ئۇلارنىڭ پاساتلىرىدىن « ئەل – ۋەلا ۋەل – بەرا » پىرىنسىپىغا مۇراجەت قىلىش لازىم. نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارغا قارشى ھەر ساھەدە كۈرەش قىلىش ( ئەمرى بىل مەئرۇف ۋە نەھي ئەنىل مۇنكەر ) ئەسلى ۋەزىپىسىدۇر. دىنى دەلىللەر بولغان كىتاپ، سۈننەت، ساھابە سۆزى ۋە ئەمەللىرى پەقەت مەجبۇر قالغاندا مۇراجەت قىلىنىدىغان ئەقلىي دەلىللەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شەرئى دەلىللەرنى ئىدراك قىلالمايدىغان ئەھۋالدا بولغانلارنىڭ مەزھەبى بولمايدۇ. ئۇلار ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئىدارە قىلغۇچىلىرى مۇئمىن بولسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر. پاسق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلىش توغرا ئەمەس[4].

ئەھمەد بىن ھەنبەلى ( ۋاپات تارىخى، 241 / 855 )، ئەھلى ھەدىس سەلەفىييە ئېقىمىنىڭ ئەپ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىق كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىمام ئەھمەد، سۈننى فىقىھدىكى تۆت چوڭ مەزھەپتىن بىرى بولغان ھەنبەلىييە مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ، رىۋايەت زەنجىرىدىكى راۋىلەر ئۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن سەھىھلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن مۇرسەل ھەدىسلەرنىمۇ قىياستىن ئۈستۈن كۆرۈپ ئىشلەتكەن. ئىمام ئەھمەد « ئەل – مۇسنەد » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىنىڭ ئاپتۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مېتودنى ئىشلەتكەن ئالىملار، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ رىۋايەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى يېزىپ، ماۋۇزلارغا ئاساسەن ئايرىشقا سەرپ قىلغان. ئىمام بۇخارى ( ۋاپات تارىخى 256/870 ) ۋە ئىمام مۇسلىم ( ۋاپات تارىخى 261 / 874 )غا ئوخشاش چوڭ ھەدىسشۇناسلار بۇ خىل خىزمەتلەر بىلەن داڭ چىقارغان شەخىسلەر ئىدى.

قۇرئان ۋە ھەدىس تېكىستلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن رەي ۋە قىياسقا قارشى چىققان بولۇپ، بۇ ئەقلى دەلىللەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەھلى رەينى « سۈننەت دۈشمىنى » دەپ ئەيىپلىگەن بولۇپ، ئۆزلىرىنى بولسا « شەرىئەتنىڭ ھامىيلىرى ۋە بىدىئەتنى يوقاتقۇچىلار » دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىگە ئالاھىدە بىر رول بەلگىلىمەكتە ئىدى. شافى، مالىك ۋە ئەھمەد بىن ھەنبەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھلى ھەدىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى ئەرەپ مىللىتىدىن ئىدى. ئەرەپنى ياخشى كۆرۈش بەزى ئاقائىد ئەسەرلىرىدە ئىمان ئاساسلىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىندى. بۇ ئەھۋال داڭلىق ۋەكىللىرى غەيرى ئەرەپ مەۋالىدىن بولغان ۋە ئەرەپ بولمىغان مۇسۇلمانلارغا خىتاپ قىلغان ئەھلى رەيگە قارشى تۇرۇش ئىشارىتى ئىدى. دېمىسىمۇ ئەھلى ھەدىس، ئەقلى دەلىللەرنى كەلتۈرۈشنى ئەرەپ بولمىغانلارنىڭ ئىشى دەپ قارايتتى[5].

ئەھلى ھەدىس – سەلەفىييە ئېقىمى مانا بۇ تەرەپلىرى بىلەن ئىسلام چۈشەنچىسى ئىچىدە مۇھاپىزىكار غولغا ۋەكىللىك قىلدى. لەبىزگە ئېسلىپ ئەقىلنى دۈشمەن كۆرىدىغان دوگمىچىلىقى، تار رامكا ئىچىدە قالغان پىكىر قۇرۇلمىسى ۋە چەتكە قاققۇچى مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن ئەھلى رەيگە قارىغاندا تارىخىي تەرەققىيات ئىچىدە گۈللىنەلمىدى ۋە كەڭ قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. شۇنداقتىمۇ تار دائىرىدە مەلۇم تەبىقىنىڭ مەزھەبى بولالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىبن قۇتەيبە ( ۋاپات، 276/889 )، خەللال ( ۋاپات، 311/923 )، بەربەھارى ( ۋاپات، 329/940 )، ئىبن باتتا ( ۋاپات، 387/997 )، قازى ئەبۇ يالا ( ۋاپات، 458/1065 )، ئىبن ئاقىل ( ۋاپات، 513/1119 )، ئىبنۇل جەۋزى ( ۋاپات، 597/1201 )، ئىبن قۇدامە ( ۋاپات، 620/1223 )گە ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەر چىققان.

سەلەفىييەنى ئىسلام چۈشەنچە تارىخىدا قايتىدىن جانلاندۇرغان شەخس شۈبھىسىزكى تەقىييۇددىن ئىبن تەيمىييە ( ۋاپات، 728/1328 ) بولۇپ، ئۇ كالامچىلار، پەلسەپىچىلەر، شىئەلەر ۋە بىر قىسىم سوپىييەگە قارشى كىتابى كۆرەشكە ئاتلىنىپ، قېتىپ قالغان ئېقىمنى جانلاندۇرغان، كىرىشكەن مۇنازىرىلەر بىلەن سەلەفىييە ئالىملىرىنى كىشىلەرنىڭ كۈنتەرتىۋىگە قايتىدىن كىرگۈزۈپ، مەشھۇر قىلغان.

ئىبن تەيمىييە موڭغۇل ئىستىلاسى سەۋەبىدىن ئىسلام دۇنياسى بوھرانغا كىرگەن بىر دەۋردە ياشىغان. ئۇ بۇ ئىستىلاغا قارشى چىققانلار قاتارىدا بولۇپ، ئىشغالچىلارغا قارشى ئەمەلىي غازات قىلغان. موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دىيارلاردا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن موڭغۇللار ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. گەرچە مۇڭغۇللار مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆز ئىچىدە چىڭگىزخاننىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئىبن تەيمىييە بۇنى كۇپۇرلۇق دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن مۇڭغۇللارغا قارشى جىھاتنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە پەتىۋا بەرگەن. ئۇنىڭ تاتار ۋە ماردىن پەتىۋالىرى سۈپتىدە تارىختا ئورۇن ئالغان بۇ خىل قاراشلىرى، كۈنىمىزدە خەلقى مۇسۇلمان بولغان ئەللەردىكى غەيرى شەرئى تۈزۈملەرگە قارشى قوراللىق كۆرەشنى قانات يايدۇرىۋاتقان سەلەفى تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولماقتا.

يەنە ئىبن تەيمىييەتنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت تەرەپلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن نۇسايرىلىق، دۇرزىلىققا ئوخشاش ئوتتۇرا شەرقنىڭ قەدىمى مەزھەپلىرىگە قارشى بەرگەن قاتتىق پەتىۋالىرى، ھەر خىل سۈننى ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن بۇ مەزھەپ مەنسۇپلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان تەقىپ ۋە جازالىرى ئۈچۈن شەرئى ئاساس بولغان.

[1]  يەنە بىر ئېقىم بولسا « ئەھلى رەي » بولۇپ، بۇ ئېقىم ئەھلى ھەدىسنىڭ ئەكسىچە ئىجتىھادنىڭ ئۇلى دەپ قارالغان ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۇرنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارغان ئەقلى پائالىيەت – رەي ( راي )نى، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلغان لەبزى ئىزاھاتلار بىلەن بىرگە بىر مېتود سۈپتىدە ئىشلەتكەن. بۇ ئېقىمغا مەنسۇپ بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېراقلىق ئالىملار بولۇپ، بۇ ئېقىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئەھلى رەي دەپ ئاتالغان. ھەنەفى مەزھەبى بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

[2]  بۇخارى، فەدائلۇل ئەسھاب، 1.

[3]  سەلەف ۋە سەلەفىييەنىڭ مەنىسى ۋە باشقا ئىسىملىرى ھەققىدە مۇھەممەد فەتىھ ئوسماننىڭ « ئەس سەلەفىييە فىل – مۇجتەمىئەتىل مۇئاسىرا »، رىياد، 1401 / 1981، 20 – بەت؛ مۇھەممەد سەئدى رامازان ئەل – بۇتى، « ئەس – سەلەفىييە: مەرھەلە زەمەنىييە مۇبارەكە لا مەزھەب ئسىلامى »، دەمەشق، 1408/ 1988، 9 – 11، 14، 19؛ مۇفرىھ ب. سۇلايمان ئەل – قاۋسى، « ئەل – مەنھەجۇس – سەلەفى »، رىياد، 1422 / 2002، 36 – 42 – بەت.

[4]  قالغان سەلەپى پىرىنسىپلار ۋە مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەل – قاۋسى، « ئەل – مەنھەجۇس – سەلەفى »، 125– بەت؛ ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق، « ئەل – ئۇسۇلۇل ئىلمىييە لىد داۋەتىس سەلەفىييە »، كۇۋەيت، 1395، 10 – 35 – بەتلەر؛  ئابدۇللاھ ب. ئابدۇلھەمىد « ئەل ئەسەرى، سەلەفى سالىھىننىڭ ئەقىدىسى »، تەرجىمە قىلغۇچى مارمارا ئۇنىۋەرسېتى، ئىستانبۇل، 1999؛ سۆنمەز قۇتلۇ، « ئىسلام چۈشەنچىسىدە تۇنجى ئەنئەنىچىلەر »، ئەنقەرە، 2000، 67 – 152 – بەتلەر.

[5]  قۇتلۇ، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر، 57 – 63 – بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*